بارىنىڭ بىر توپ بىلەن داڭ چىقىرىشى (رەسىمى FIFA تور بېتىدە) A Kick Made Bari Famous in A Night
بارىنىڭ بىر توپ بىلەن داڭ چىقىرىشى (رەسىمى FIFA تور بېتىدە)
2-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىدىن خوش-خەۋەرلەر توختىماي كىلىۋاتىدۇ. مىرەخمەتجان دۆلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىدا يىڭى بىر نامايەندە ياراتقانغلىنى ئوقۇپ خوش بۇلۇپ ئولتۇرسام، ئۇ ياقتىن ئۇنى گوللاندىيەدىكى ئامىستېردام پۇتبۇل كۇلۇبى ئاجاكىس ( AFC Ajax)كىلىپ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. يىڭىدىن يىتىشكەن نوتا ئۆتكۇر دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا كاپىتان بولۇپ روسىيەدە مۇسابىقە ئويناپ ئىككىنچى بولۇپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن خوش بولۇپ تېخى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي ئولتۇرسام تۈنۈگۈن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى يىڭىدىن باشلانغان بۇ يىللىق ئاسىيا پۇتبۇل كۇلۇبلىرى چىمپيۇنلۇق ئايلانما مۇسابىقىسىدا( Asian Champions League) «بىر پاس، بىر توپ» بىلەن ياپۇننىڭ داڭلىق J مۇسابىقە چىمپيونى ناگويا( Nagoya Grampus) كۇلۇبىنى 2 دە 0 بىلەن تولۇق مەغلۇپ قىلىپ بىر كىچىدە جۇڭگۇدا تۇنۇلۇپتۇ. جۇڭگۇدا تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېلىۋىزىيە،تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ھەممىسىدە بارىنىڭ گەپلىرى باردەك قىلىدۇ. bali maimaitiyili دەپ ئىزدەپ باقساڭلار چەتئەلدىمۇ نېيوركتا چىقىدىغان گىزىتتىن تارتىپ ھىندىستاندا چىقىدىغانغىچە خەۋەرلەر باركەن. ئۇندىن باشقا بۈگۈن يەنە خەلقارا پۇتبۇل بىرلەشمىسى FiFa نىڭ تور بېتىدە Asian Champions League گە ئائىت خەۋەرلىرىدە بارىنىڭ توپ ئويناۋاتقان رەسىمىنى چىقىرىپتۇ. ھوزۇرلانغايسىلەر. ئۆتكەندە مىرەخمەتجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسنىڭ تور بېتىگە چىققان ئىدى.
ئۇندىن باشقا دۆلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىنىڭ يىقىنقى يىغىلىشىدا مىرەخمەتجان بىلەن بارى ئىككى ئۇيغۇر باركەن. ھۇررا كۇلۇبىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا چېڭدۇ شىفېيلەن كوماندىسىغا بۇ يىل ئۈچ ئۇيغۇر بېرىپتۇۋە مەشىق قىلىۋېتىپتۇ.، بېيجىڭ باشى كوماندىسىنىڭ زاپاس كوماندىسىغا تۆت ئۇيغۇر بېرىپتۇ. ئۇيغۇرلاردىن پۇتبۇلچى تەربىيلەپ كەلگىلى ئوزۇن بولغان لۇنىڭنىڭ زاپاس كوماندىسىدا يەنە 6-7 ئۇيغۇر بارمىش، ئۇندىن باشقا يەنە قايسى كوماندىلاردا ئۇيغۇرلار بار ئۇنچە بىلىپ كەتمىدىم. لېكىن بارى بىلەن مىرەخمەتجاننىڭ ياخشى تەسىرى بىلەن جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىدا شىنجاڭغا دىققەت قىلىش باشلانغاندەك قىلىدۇ. شىنجاڭدىمۇ بۇلاردىن ئىلھاملىنىپ ئۆلەي دەپ قالغان شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى تىرىلىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ئىككىسنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان «چولپان ئېففېكتى» شىنجاڭدا بىر مەيدان پۇتبۇل قىزغىنلىقى قوزغايدىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل.
بارىنىڭ توپ ئۇرغان كۆرۈنۈشى:
Youtube دا
خەۋەرلەر:
-
Chinese teams win Asian Champions League openers
-
绿城天降神“力” 亚冠功臣:叫我巴蒂?我愿意!
- 维族小伙鬼魅一击惊呆日本球员 他或将造巴力地带
- 央视名嘴赞吴金贵两换人 徐阳:巴力!这简直是巴蒂
- 高清-亚冠绿城完胜日本冠军 小将巴力成绝对功臣
- 绿城小将巴力一战成名 坦言先踢好比赛再谈女朋友)
- 绿城很给力我们很幸福 击败日本中国足球终扬眉吐气)
- 亚冠中超球队开局很给力 巴力成新疆足球一颗新星
قالغاننى ئۆزەڭلار ئىزدەپ كۆرۈڭلار.
بارىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇلبارى،بارى دىگەن ئاللاھنىڭ 99ئىسىم سۈپىتىنىڭ بىرى بۇلۇپ يۇقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى دىگەن مەنىسى بار.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بارىنىڭ تولۇق ئىسمى نېمىدۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەمما كەسپىي توپچى ئەمەس
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Towandiki batta man togurluk mazmunlar bar.
مۇنداق بولسىچۇ؟ نېمە دېگۈلۈك؟
http://www.1000do.info/?251209.htm
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رەسمى پەيزى ئىش كىپتۇ ، يارايدۇ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! جېك ئەپەندى، مەن ئالدىنقى قېتىم سىزگە خەت قالدۇرسام ھىچبىر خەۋەر يوق، سىز بىلەن مەسلىھەت قىلىدىغان جىددىي ئىششىم بار ئىدى، ۋاختىڭىز چىقسا مۇنۇ ئېلخەتكە ياكى بلوگۇمغا بىر ئۇچۇر قايتۇرسىڭىز! ھەراس ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەقىقەتەن بەك قالتىس بولدى ، 65 مىنۇت بولغاندا مەيدانغا چىقىپ ، مۇسابىقىدە يەنىلە كوزۇر ماھىر بولدى !
يازمىدا مېنىڭمۇ ئىسمىم باركەنغۇ ھاھا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 2nd, 2011 at 06:17
@لاچىن, ئۆزىڭىز قايسى توپچى بۇلىسىز ھوي؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
لاچىن Reply:
مارت 7th, 2011 at 03:30
@mrjeck,
مەنمۇ پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەمما كەسپىي توپچى ئەمەس . ئىسمىم كامىل ھاھا…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel