Articles Archive for مارت 2009
Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »
ئامرىكىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تىپتىكى ئۇنۋېرستىتلار بار. بۇلارنىڭ گەرچە بەك داڭقى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بىر ياكى ئىككى پروگرامغىلا كۈچەپ باشقىلارغا ھەم ئۈزىگە بىۋاستە پايدا ئەكىلەلەيدىغان يۇنۇلۇشتە ماڭدۇرغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇنۋېرسىتىتقا كىرىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەر ئۈچۈن. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كىرىمنى جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر ياش ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئامرىكىغا كىلىپلا 8 ئايدىن كىيىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. كىيىن سۇرۇشتۈرۈپ بىلدىمكى ئۇنىڭ كەلگەن ئوقۇش پروگراممىسى سەل ئالاھىدىراق پروگرامما ئىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ ماس كىلىدىكەن. بۇلار ئاۋال قەرىز ھىساۋىدا تولۇق …
Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش »
Jeck ئىلاۋىسى: تورداش مەڭگۇنۇر ئوزۇندىن بۇيان Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى ۋە يازما تەھرىرلەشكە ياردەملەشكۈچىسى. ئۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇغان بولۇپ ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتىدۇ. يېقىندا مىنىڭ تەكلىۋىم بىلەن ئۈزىنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇشقا بېرىش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى. تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ئازدۈر كۆپتۇر پايدىسى بۇلىشىغا ئىشىنىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى. بۈگۈن Jeck نىڭ تەكلىۋى بىلەن بۇ يازمىنى تورداشلار ئۈچۈن تەييارلىدىم. قاملاشمىغان جايلىرى بولسا كەچۈرگەيسىزلەر. ئاۋال ئۆزەم توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتەي.
مېنىڭ ئىسمىم مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ،قۇۋۇق …

 Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.