باشبەت » Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, جەميەتكە نەزەر

قانچىلىك ئەركىن پىكىر قىلالايمىز؟ ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟ فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئوتتۇرىسدا سۆھبەت.

6 مارت 2012 6,580 قېتىم كۆرۈلدى 19 ئىنكاس

بۇ يازما مەزكۇر بلوگنىڭ تۆھپىكار ئاپتورى ( Contributing Author ) فونون ئەپەندى ( قوللىنىشچان فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى) بىلەن ئىسلام پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى B ئەپەندى (ۋاختىنچە شۇنداق دەپ ئاتاپ تۇردۇق )ئوتتۇرىسىدا ئىلخەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت بولۇپ ئىككەيلەننىڭ سۆھبىتى يەنە داۋاملاشقۇسى.

قانچىلىك ئەركىن پىكىر قىلالايمىز؟
ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟
فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئوتتۇرىسدا سۆھبەت.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوللىنىشچان فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان مەن  بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى (B)  ئوتتۇرىسىدا بۇلۇنغان پىكىر ئالماشتۇرۇش. دىققەت! بەس-مۇنازىرە، تالاش-تارتىش ئەمەس. دوكتۇرى (B)  نىڭ ۋاقىت چىقارغىنىغا، ھەم ئىپادىلىگەن سەۋىرچانلىق، كەمتەرلىكىگە  رەخمىتىمنى بۈلدۈرىمەن.  ئەسلى يازمىنى قايتا تەھىرلەشنى ئويلاشقان، لىكىن بۇنداق قىلسام دوكتۇرى (B) غا ئادىل بولمىغۇدەك. شۇڭا پەقەت بەزى قوپال چىقىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئۇزگەرتىپ قويدۇم. جۇملىلەر، تەھرارلانغان مەزمۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. ئەگەر دوكتور B نىڭ داۋاملىق ۋاقتى چىقسا بۇلۇنغان پىكىرلەرنى يەنە يىزىپ قۇيىمەن.
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

فونوندىن:
سالام سىزگە!
ئۆزۇم چەتئەلدە قوللىنىشچا فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمەن. ئاللاھ خالىسا بۇيىل ئوقۇش پۈتىدۇ. مەنمۇ ۋاقتىم بولسا تورغا ئانچە مۇنچە ئىنكاس، ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويىمەن. كۆپىنچىسى دىن ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار.  بىرنەچچە توردا فونۇن نامىدا تىزىملاتقان. ئەگەر سىزمۇ تور ئارىلىسىڭىز يازما، ئىنكاسلىرىمنى كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەقسەت!
تورغا يەنە ئويلىغانلىرىمنى يىزىپ قويماقچى ئىدىم، مەزمۇنلار ئىسلام، قۇرئان كەرىم، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن سىز بىلەن بىر پىكىر ئالماشتۇراي دەپ ئويلىدىم. يازغىنىمنىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تورلارغا كۆچۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن گەپ سۆزنى ياساپ يازمىساق بولمايدۇ. …  جاۋاب قايتۇرۇششىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەزمۇن ئەركىن پىكىر قىلىش؟ قورۇقماي پىكىر قىلىش؟ چوڭقۇر پىكىر قىلىش؟
تورلاردىكى دىن بىلەن پەن نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى كۆردۇم.  مەن ئۈچۈن دىن، ئىلىم-پەن نىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. پەقەت ئىككىسىنىڭ جاۋاب قىلىش ئوبىكتى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن ئىلىم-پەن داۋالىنىش ئۇسۇلىنى تەمىنلىدى، لېكىن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىككە، قانداق ئىشلىتىشكە جاۋاب قىلمايدۇ. بۇنىڭغا دىن بىلەن جاۋاب قىلساق بولىدۇ. بۇ جەھەتتە دىن ئىنسان جەمىيىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاق دىگەنلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر بىلەن ئوخشاش.
ئەگەر ئىلىم-پەندا ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنى توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام بىلەن زىت بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەر ھەرگىز بىر-بىرىگە زىت بولمايدۇ.
بۇ مەزمۇنلارنى بۇرۇن تورغا يازغان. ئاخىرقى جۈملىگە ھەممە ئادەم باشقا پىكىردە بولمىغان.  مەن مۇشۇ جۈملە ئۈستىدە پىكىر قىلماقچى.  ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشتە ئاساسىمىز قۇرئان كەرىم، سەھىد ھەدىس.  مەن بۇنىڭغا يەنە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى قوشۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. (بۇنى تېخى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغىنىم يوق).  چۈنكى ھەركىمنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمايدۇ، پەرىقلىق بولىدۇ. بۇنى سىز بەرگەن پەتىۋالاردىن ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.  ھەدىسنى توقۇغىلى بولىدۇ. قۇرئاننى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن مەيلى ياخشى ئادەم بولسۇن، يامان ئادەم بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن، ئېتقادى يوق بولسۇن ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنىدۇ، بۇ قانۇنىيەتلەرنى بۇزغىلى بولمايدۇ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن قىزىق نەرسە قولنى كۆيدۈرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ قۇلى كۈيۈدۇ،باشقىلارنىڭ قۇلى كۈيۈدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇلىمۇ كۈيۈدۇ. يەرشارىدا سۇ يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدۇ. كۈچ بەرمىگۈچە يۇقۇرىغا ئاقمايدۇ. ياراتقۇچىدىن باشقا ھەممە مەۋجۇداتنى، پەرىشتىلەرنى، جىن-شەيتان، ئىبلىسنى، ياردەمگە چاقىرتساقمۇ سۇ يەنىلا يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە ئاقىدۇ.  مەن مۇشۇنداق تۇنۇشتا بولغاچقا قۇرئاندا تەسۋىرلەنمىگەن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە زىت بولغان ھەرقانداق ھەدىس، مۆجىزىلەرگە گۇمان قىلىش، ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەدە بولىمەن. مەسىلەن ھازىرغىچە ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان زەمزەم نىڭ خاسىيىتى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مۆجىزىلەر….  قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ ئوخشاش پوزۇتسىيە تۇتىمەن.. مەسىلەن ئاينىڭ يېرىلىشى، پىل ئۇرۇشى….  قاتارلىق.  
بۇنداق پوزۇتسىيە تۇتىشىمغا قۇرئاندىن ئاساسىم بار. مەيلى نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى توپان بالاسى بولسۇن، موسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى تالاپەتلەر بولسۇن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ياردەمگە بارغان پەرىشتىلەر بولسۇن، ئەلەيھىسالاملارنىڭ دىن تارقىتىش جەريانى بولسۇن ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق. تەبىئەت قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن.  ئىنسانلارنى جازالاشقا، پەيغەمبەرلەرگە ياردەمگە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام مۇۋاپىق ئىدى. ئىمان ئېيتمىغانلارنى، پەيغەمبەرلەرگە بويسۇنمىغانلارنى شۇ زامان ئامانەتنى ئالسا بۇلاتتى. بۇنداق قىلىنمىدى. بەلكى يەرشارىدا مەۋجۇت بولغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بويىچە بولدى. يامغۇر ئەقىلگە مۇۋاپىق، پەرىشتىلەر بورانغا ئۆزگەردى ئەقىلگە مۇۋاپىق. …  كىشىلىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى قىلدى. قۇرئاندىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى تاپقان بولدى… مەسىلەن سانلار… بۇلارنى مۇسۇلمان كىشىلىرىمىزگە يەتكۈزسەك ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن بۇ مۆجىزىلەر بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا بەك ئاجىزلىق قىلىدۇ. باشقىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىتابى، ئېتىقادىدىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.  ئاللاھ قا شۇكرى بۇ يولنى تۇتماي، بەلكى قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ يازمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش يولىنى تۇتقانلار بار، ماقالىلارمۇ كۆپ. مەن بۇ يولنى قوللايمەن. بۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك. ماڭا قۇرئان كەرىم، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ پەزىلىتى، ئەخلاقى يېتەرلىك،  ئۇنداق مۆجىزىلەر لازىم ئەمەس.  مۆجىزە دېسەك ئەتراپىمىزدا كۆپ، ئىشىپ تېشىپ تۇرىدۇ. كىشىلىرىمىز بۇلارغا پىسەت قىلمايدۇ. شۇنداق ئاجىز، زەئىپ مۆجىزىلەرنى قوغلىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
ئىسلامنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن چۈشەندۈرۈش، چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. ئىسلامنى سىرلىقلاشتۇرۇش بىر چوڭ مەسىلە. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامدا ئەدەتتىكى كىشىلەردە بولمىغان سېھىرى كۈچ بار، مۆجىزە يارىتالايدۇ دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن مۆجىزىلەر يۇشۇرۇلغان، چۈشىنىش تەس دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش. قۇرئان كەرىمدە ھەممە سۇئالغا جاۋاب بار دەپ سىرلىقلاشتۇرۇش.  پەقەت ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ياكى پەيغەمبىرى ئەۋلاتلىرى، ئىماملارلا ئىسلام توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ھوقوقىغا ئىگە دەپ قاراش يەنە بىر چوڭ مەسىلە.  بۇ يەردىكى مەقسەت ياخشىدۇر،  ئىسلامنى قالايمىقان چۈشەندۈرۈشنىڭ، ئۆز نەپسى بويىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان، چۈشەندۈرۈش ئىشلارنى ئازساندىكى كىشىلەرگە تاپشۇرغان. يامان بولغىنى بۇ مەقسەتكە يېتەلمىدۇق. ئىسلام بۆلۈندى. قالايمىقان ھەدىس، پەتىۋالار ئۇچۇپ يۈرىيدۇ.  مەسچىت لەرنى پارتىلتىشلار بولدى.  
ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرۇش،قۇرماسلىق توغرىسىدا شۇ چاغدىكى كىشىلەر، ۋەكىللەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان بەس مۇنازىرە قىلغان، ئاخىرى ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىش، دۆلەت قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا ھازىر ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولدى.  تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېتلىرىدا كۈندە بەس-مۇنازىرە، تالاش تارتىش، سايلام ۋاقتىدا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. لېكىن دۆلەتتىن چاتاق چىققىنى يوق.  ھەممە ئىشلار نورمال. ئىسلام ئاللاھ تاللىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى دىن. قىيامەت قايىم بولغۇچە داۋام قىلىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەمنىڭ بەس مۇنازىرىگە قاتنىشىشىدىن قورققاندەك، يامان ئاقىۋەتلەر يۇز بېرىدىغاندەك ئەنسىرەشتە بولىمىز؟  سەھىھ ھەدىس دەيمىز. كىم بىزگە ئايرىپ بېرىدۇ؟ مەنچە توغرا بولغىنى سەھىھمۇ؟ سەھىھ ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىماي. بەس-مۇنازىرە؟ دە-تالاشلاردىن ئۈتۈپتىمۇ دەپ سوراش ياخشى.  ياخشى كىتاپلار كۆپ، ئوقۇمۇشلۇق، ياخشى ئادەملەرمۇ كۆپ. لېكىن قالايمىقان نەرسىلەر يەنىلا تارقىلىپ يۈرۇيدۇ. ئسلام توغرىسىدىكى قالايمىقان مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشى، توغرا سەھىھ مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىدىن تىز، كەڭ. بۇ نېمە ئۈچۈن. قارىغاندا ناچار ئادەملەر ياخشى ئادەملەردىن كۆپ تىرىشچان ئوخشايدۇ.

ھازىرچە مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي
ئاددى سالام بىلەن، جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
فونون

دوكتور Bدىن:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: پىكىرلىشىش ئۈچۈن خەت يازغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
سىز دېگەندەك ئىلىم-پەندە ئېرىشكەن قانۇنىيەتلەر توغرا چۈشىنىشتىن كەلگەن بولسا، ئىسلامغا زىت چىقمايدۇ، سەھىھ نەقىل بىلەن ساپ ئەقىل ياكى ئىلمى قانۇنىيەتلەر بىر-بىرىگە ھەرگىزمۇ زىت كەلمەيدۇ. زىتلىق كۆرۈلدى دېگىنىمىزدە يا قانۇنىيەتتە مەسىلە بار، يا نەقىل قىلىنغان ئايەت ياكى ھەدىسنى چۈشىنىشتە ياكى ئۇنىڭ دالالىتىدە مەسىلە بار.
ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولمىغان ئادەم ئايەت-ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتىن بەكراق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ھەم ناتايىن. پەقەتلا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان يېتۈك ئالىملارلا تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى ئىمان ئېيتقان. ئەمما ئاۋام كىشىلەر ئالىملارغا ئوخشاشلا مۆجىزىلەرگە موھتاج. مۆجىزىمۇ ئەمەلىيەتتە تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان پەۋقۇلئاددە ھادىسە.
قانۇنىيەت دېگىنىمىز ئادەتتە داۋاملىق ئىزچىل بولۇپ تۇرسىمۇ قانۇنىيەتتىن چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. چۈنكى ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
سىزگە پىروفىسسور زەغلۇل ئەل نەججار نىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلىگەن ۋە يازغان نۇرغۇن ئىلمى تەتقىقاتلىرىدىن پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. توردا بار.
قايىل قىلىش كۈچ قايىل قىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسا كېرەك. فىزىكا مۇتەخەسسىسى بىلەن باشقا كەسپتىكى ئىختىساس ئىگىسى ۋەياكى ئادەتتىكى سەۋىيەدىكى بىر كىشىنىڭ قايىل بولۇشى ئەلۋەتتە پەرقلىق.
سىز دېگەندەك قۇرئاننىڭ ئىلاھىي ۋەھىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئەڭ ساغلام ھەم قىسقا يوللارنىڭ بىرى.
ھەرھالدا سىزنىڭ ئەركىن، چوڭقۇر ۋە قورقماي پىكىر قىلىش روھىڭىزغا بارىكاللا.
ھۆرمەت بىلەن: B

فونون دىن:
ئشلىرىڭىزغا ئاللاھ مەدەت قىلغاي! خەت قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! ۋاقتىڭىز بولسا بۇ  پىكىرلىشىشنى يەنە داۋاملاشتۇرساق دېگەن ئۈمىدتە!
مۆجىزە دېگەن ئۇقۇم كىشلەرنىڭ چۈشەندۈرۇشكە ئاجىزلىق قىلغان ھادىسلەرگە تاپقان بانىسى. مۆجىزە پەقەت ئاللاھ غىلا خاس. بۇ قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنغان. يارالغان مەۋجۇداتلار قانۇنىيەتتىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ. مۆجىزىگە كۈتۈرىلەلمەيدۇ. تەبىئەت قانۇنىدىن ھالقىغان پەقەت ئاللاھ. زەغلۇل ئەل نەججار نىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەن ئىزدىنىپ كۆرەي. توردا ئاينىڭ يېرىلىشىنى چۈشەندۈرگەن بىر يازما بار. بۇ يازمىدا < گېئولوگىيە ئالىمى دوكتور زەغلۇل نەججار > دېگەن ئىسىم بار. بۇ يازمىنى سىز كۆرگەنمۇ؟ سىز دېگەن كىشى مۇشۇ ئادەممۇ؟ سىز بۇ يازمىغا قانداق قارايسىز!
مەن بۇيازمىنڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايمەن. لېكىن ئاينىڭ يېرىلىشىنى چۈشەندۈرۈشى بەك ئاجىز، ئىشەنچىسىز. چۈنكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھېچكىم ئاينىڭ يېرىلغىنىنى خاتىرلىگىنى يوق. ئاخىردىكى ئەنگىلىيىلىك ياشنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ ئىشەنچىسىز. نە ئۇنداق ئىشلار بولسۇن. بۇيەردە يەنە ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار. ئاي يېرىلىش ئەمەس، ئاي كولاش، قېزىش. بۇنداق بولغاندا ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىشى بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. ئاي يېرىلىش تېخى يۇز بەرمىدى. قۇرئاندا ئاخىرەتتە زىمىننىڭ تۈپتۈز باياۋانغا ئايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدىمۇ ئالەمنىڭ بىر نوقتىغا قايتىش دىگەندەك كۆزقاراش بار. بۇمۇ ئاي يېرىلىش دىگەنگە يېقىن كېلىدۇ.
ئەڭ مۇھىم گەپ <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ>مۇ ياكى <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلالايدۇ>مۇ؟ بۇ ئىككى جۈملىنىڭ بىرنەچچە ھەرىپى ئوخشاش بولمىغان بىلەن ئىپادىلىگەن مەزمۇنى كۆپ پەرق قىلىدۇ. ئۈگەنگەن بىلىملىرىم مىنى كىيىنكى جۈملىگە مايىل قىلىدۇ. سىزمۇ ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن.  دىننى ئىتقادى يوق كىشىلەر <ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولسا، ئۆزى كۆتۈرۈلمەيدىغان تاشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەمدۇ؟> دېگەن سوئال سورايدۇ. مەيلى يارىتالايدۇ، مەيلى يارىتالمايدۇ دەڭ ئوخشاشلا تۇتۇلۇپ قالىمىز <يارىتالمايدۇ> دەپ جاۋاب قىلساق، ئاللاھ ھەممىگە قادىر بۇلالمىغان بولىدۇ. <يارىتالايدۇ> دەپ جاۋاب قىلساق، ئاللاھ تاشنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولىدۇ. يەنىلا ھەممىگە قادىر بۇلالمىغان بولىدۇ. ئىنسانلار بويسۇنىدىغان قانۇنىيەت، لوگىكا بويىچە پىكىر قىلىنىپ، ئاللاھ نىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقانلىقىدىن يۇقارقىدەك سوئال-جاۋابلار كىلىپ چىقىدۇ. قۇرئاندا ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ ئەڭ ئادىل، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى. قۇرئان كەرىمدە زىت نەرسە يوق. شۇنداق بولغاندا <ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى> مۇ ياكى<ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى>مۇ؟ مەن يەنىلا كىيىنكىسىگە مايىلراق. بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈش بەك ئاسانغا توختايدۇ. مەسىلەن تەقدىر، دۇئا تىلاۋەتنىڭ قوبۇل بۇلۇشى، زۇلۇم، بەخت …. دىگەندەك
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ
ئاددى سالام بىلەن
فونۇن

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
دوكتور B دىن:
تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن. ئادەتتە كىشىلەر ئانچە ئيلاپ بقامايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىدىكەنسىز.
ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز ماجىزىگە ئىشەنمەيدىغاندەك تۇرىسىز. ياكى مۆجىزە دېگەن نېمە بۇنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك تۇلارىسىز.
ماجىزە دېگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قولىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئادەتتىكى قانۇنىيەتكە خىلاپ بىر ئىش دېسەك، بۇنى پەيغەمبەر يەنى ئىنسان قولىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەيمىز.
قۇرئاندىمۇ مۇنداق مۆجىزىلەرنى خېلى كۆپ بايان قىلغان.
بولسا مۆجىزىنى ئىنچىكە بىر تەرىپ قىلىپ باقسىڭىز مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. مۆجىزە ئاللاھقىلا خاس دېگەن سۆزدىن مەقسىتىڭىز ئېنىق چۈشىنىلمىدى.
دوكتۇر زەغلۇل نەججار سىز ئىزدىنىۋاتقان ساھەدە خېلى تونۇلغان ئالىم. كاپىنچە ئنگىلىزچە لىكسىيىلىرى بار. مەن ئادەتتە كەسپ دائىرەم فىقھى ئەھكام بولغاچقا دوكتۇرنىڭ لىكسىيىلىرىنى ئاڭلىمايدىكەنمەن. لېكىن ئادەتتىكى دىن ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى دوكتۇرنىڭ ئىلمى تەتقىقاتقا بۇ تەرىقىدە چۆكۈپ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئىلمى ئىزاھلىشىغا ئانچە ئىسسىق قارىمايدۇ.
دوكتۇرنىڭ تور بېتى ئادرىسى:
<
http://www.elnaggarzr.com/en/index.php>
ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسى قۇرئاندىمۇ بايان قىلىنغان. قەمەر سۈرىسى 1-ئايەت. سەھىھ ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن. بۇنى قايتا ئىزدىنىپ باققايسىز.
ئىككى جۈملە پەرقىگە دىققەت قىلماپتىمەن. پەرقى بولسا قانچىلىك پەرقى بولا؟
ئازى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتىش دېگەن سوئال ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنى تەرىپ قىلايلى، ئاللاھ دېگەن بىر نەرسىنى قىلالمايدىغان ياكى ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسى تۇرسا، كۆتۈرەلمەيدىغاننى دېگىنى باشتا ئېتىراپ قىلغان قۇدرەتكە زىت بوپ قالىدۇ. دېمەك سوئال ئۆزىدە زىتلىقنى كۆتۈرۈپ كەلگەن قاملاشمىغان مەنىقىسىز سوئال.
ھۆرمەت بىلەن:  B

فونۇن دىن:
جاۋاب قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان، بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مەۋجۇدات، قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۆجىزە. قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئىيتقان بولغاندىكىن ئەلۋەتتە قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۆجىزىلەرگە ئىشىنىمەن. مىنىڭ گۇمان نەزىرىدە قارىغىنىم پەقەت قۇرئاندا تەسۋىرلەنمىگەن مۆجىزىلەر ھەم قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۆجىزىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلماسلىق.  قۇرئان كەرىمدە تەسۋىرلەنگەن كۆپ ئادەملەرگە تونۇش بولغان مۆجىزىلەر
پىل ئۇرۇشى.  بۇ ئۇرۇش تارىخ كىتابلاردىمۇ تەسۋىرلەنگەن. قۇشلار تەسۋىرلەنمىگەن. پىل قوشۇنىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، كىسەلنىڭ ئىپادىسى قۇرئاندىكى تەسۋىر بىلەن ئوخشاش.  بۇنداق بولغاندا بۇ مۆجىزىنى ئاللاھ قۇشلار ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىپ پىل قۇشۇنىنى نابۇت قىلدى دەپ چۈشەنسەك بولماسمۇ؟
ئەيسا ئەلەيھسسالامنىڭ يارىتىلىشى. بۇنى يىقىنقى زامانغىچە چۈشىنىش تەس بولغان مۆجىزە ئىدى. يىقىنقى كېلون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىزنى يىڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. ئەلۋەتتە بۇ مۆجىزىنى تېخى تولۇق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ كېلون تېخنىكىسىغا ئوخشاش ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن بۇلۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلساق بولماسمۇ؟
پەرىشتە جەبرائىل نىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلىشى. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىدا كۆپ ئۆلچەملىك بوشلۇق دەيدىغان نەزەرىيە بار.  جەبرائىل بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇشۇ بوشلۇقلار ئارا پەرۋاز قىلغاندىمۇ؟ مۇشۇنداق پىكىر قىلساق بولماسمۇ؟
قالغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى، تاشتىن تۆگىنىڭ بارلىققا كىلىشى قاتارلىق مۆجىزىلەرنى ھازىرچە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. لېكىن ئاللاھ ئەقىلنى پىكىر قىل دەپ بەرگەنكىن ئاخىرقى زامان بولغۇچە ھەممە ئىش – شەيئى، مۆجىزىلەر ئۈستىدە توختىماي پىكىر قىلساق، بۇ ئاللاھ ! دەپلا ياقىمىزنى چىشلەپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ؟
قالغان قۇرئاندا بولمىغان مۆجىزىلەرنى مەسىلەن، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ ئاغرىقنى داۋالىشى، قولدىن سۇ چىقىرىش دىگەنلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە. بۇلاردىن گۇمانلىنىش ئىمانغا تەسىرى يوق. قۇرئاندا ئېنىق قىلىپ مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان.  باشقا پاكىتلار بولسا جەڭلەردە مۇھەممەت ئەلەيسالامنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، ئەلىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، مەغلۇپ بولۇنغان ئۇرۇشلارنىڭ بولۇنغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. جەڭ مۆجىزىگە ئەڭ تەقەززار، لېكىن مۆجىزە قوللىنىلمىدى. بۇنىڭدەك سوئالدىن يەنە بىرنەچچىنى سورىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە خۇددى ئاللاھ نىڭ ھەممە ھىكمەتلىرىنى بىلىدىغاندەك <مۇنداق بولغاچقا ئاللاھ مۇنداق قىلغان، ئانداق بولغاچقا ئاللاھ ئانداق قىلغان> ياكى <ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ> دەپلا چۈشەندۈرۈش بېرىدىغانلار بار. ھەر بىر چۈشەندۈرۈش بۇ قاراشلارنى ئاجىزلىققا ئىلىپ بارىدۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىم يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ باشقا مۆجىزىلەر نە ھاجەت؟
ئاللاھ ئالەمنى ياراتقاندا بىر ھېكمەت( قانۇنىيەت) بىلەن ياراتتى. ئىنساننى، پەرىشتىلەرنى، جىنلارنى ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە ماس ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ بۇ ھېكمەتلەرنىڭ ئۈستىدە. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقان ھېكمىتى بىلەن ئنسانلارغا تەسىر قىلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ دېسەك بۇ ئېھتىماللىق مەۋجۇت. بۇلا ئەمەس نۇرغۇن سۇئالغا ئېنىق جاۋاب قىلىش تەس بولىدۇ.  ئاللاھقا ئىمان ئىيتقان ئادەم چوقۇم جەننەتكە كىرەمدۇ؟ … ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ كىرگەسمىسىچۇ؟ ئەسكى ئادەم دوزاققا چۈشەمدۇ؟ …. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىسا … يەنە نۇرغۇن سۇئالغا مۇشۇنداق ئېنىق بولمىغان جاۋابلارنى بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا، كىسەللىرىمىز شىپالىق تاپسا، ساغلام پەرزەنتلىرىمىز بولسا ئاسانلا بۇلار ئاللاھنىڭ شاپائىتى رەھمىتى دېيەلەيمىز، ئاللاھ غا ھەمدۇسالاملار ئېيتىمىز. ئەگەر ئىشلار تەتۈر بولسا ئىشلار ئىلگىرى باسمىسا، كىسەللەر شىپا تاپمىسا، شۇنداق مۆمىن ياخشى ئادەملەرنىڭ باللىرى مىيىپ تۇغۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟. ئاللاھ نىڭ رەھمىتى دىگىنمىز كەلمەيدۇ. پەقەت تەقدىر – پېشانە دەپ تەسەللى بېرىمىز. قۇرئاندا ئېنىق قىلىپ ياخشى يامانلىق ئاللاھدىن دەپ يىزىلغان تۇرسا يەنىلا مۇشۇنداق مۈجىمەل جاۋاب قىلامدۇق.   ئاللاھ ئەڭ ئادىل.  ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچى.  قۇرئاندا ئېنىق يىزىلغان، قىچىلىق زىددىيەتلەرگە ئىمكان قويمايدۇ.  ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە، ھېكمىتىگە بويسۇنىدۇ دەيمىز، تۇرۇپ-تۇرۇپ بۇنى ئۇنتۇپ قالىمىز.  ئاللاھ ئىنسانلار يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا ئىنسانلار تۇرىۋاتقان پۈتكۈل ئالەم، ئىنسانلاردا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى يېزىپ بولغان. بۇ قانۇنىيەتلەر قىيامەت قايىم بولغىچە داۋاملىشىدۇ. مەيلى ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بولسۇن، جازاسى بولسۇن ھەممىسى شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى. مۆمىن ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىنىڭ مىيىپ بولۇپ قىلىش، بالدۇر تۈگەپ كىتىشى ھەممىسى شۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ قىلغان ئىش يوق!  بۇ قانۇنىيەتلەر ھەممە ئىنسانغا ئورتاق. مەيلى ئتقادى بولسۇن بولمىسۇن. ئېتىقادىڭىز بولسۇن ھەممە پەرىزنى ئادا قىلىڭ، كېچە كۈندۈز دۇئا تىلاۋەت قىلىڭ، لېكىن سىز قۇدرەت تېپىشنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىش قىلماڭ،  سىز قۇدرەت تاپالمايسىز. ھازىر غەرىپتىكى دۆلەتلەر شۇ ئاللاھنىڭ تەرەققىي قىلىشتىكى ھېكمىتىنى تاپقانلار.  تەقدىرمۇ ئوخشاش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئنساننىڭ تاللىشىنىڭ نەتىجىسى.  ئاللاھ ھەربىر ئىنساننىڭ قانداق تاللاش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قانداق ئىشلارنىڭ يۇز بېرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.  شۇسەۋەپ ئىنساننىڭ تەغدىرى ئاللاھ ئالدىدا ئۆزگەرمەيدۇ.  لېكىن بۇلار ئىنسانلارغا نامەلۇم. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ھاياتنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۇ مەسىلىلەرگە سىز قانداق قارايسىز؟
سىز ئەۋەتكەن تورنى ئىچىپ كۆردۇم. مەزمۇنلارنى تېخى ئوقۇغۇدەك بولمىدىم. ئوقۇغاندىن كېيىن يەنە خەت يازارمەن!  ئەگەر قوشۇلسىڭىز بۇ ئالاقە قىلىنغان مەزمۇنلارنى تورغا يېزىپ قويسام دەپ ئويلايمەن. بىئەپ كۆرسىڭىز ئىسمىڭىزنى يازمىسام بولىدۇ.

ئاددى سالام بىلەن
فونۇندىن
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

فونۇندىن:
كۆپ ئادەملىرىمىز تېبابەت، گېئولوگىيە، ياكى باشقا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ  قۇرئاندا ئالدىن يېزىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئوقۇغاندا بولغان ئىنكاسى مۆجىزە!  مۆجىزە!..   بۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس پىكىر يوق. ئەڭ كۆپ ئيتىلغان سۆز< 1400 يىل بۇرۇنلا خاتىرلەنگەن>. ئەسلى قۇرئاندا بار بولغان نەرسىنى 1400 يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن بىز بايقالمىدۇق؟ قۇرئاننى تونۇمايدىغان باشقىلار بايقىدى دىگەننى كۆپ ئويلىساق ياخشى بۇلاتتى. يەنە بىر ئويلاشقا تەقەززار ئىش قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئىلىم- پەننى بىرمۇھېم كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتە قىلىشىمىز لازىم.  بۇ پەقەت بىرىنچى ئايەت <ئوقۇ>. ئىسلام ئىلىم-پەنگە قارشى ئەمەس، زىت ئەمەس دەپلا گەپنى تۈگەتمەي،  ئىلىم ئۈگۈنۈشنى بىر ھەقىقى يۇقىرى ئورۇنغا  قويساق دەپ ئويلايمەن.  كەسپىمنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى بولمىغاچقا مىنىڭ سۆزلىرىمنىڭ تەسىر قىلىدىغىنى پەقەت ئاز سانلىق بىر نەچچە كىشى. لېكىن ئوخشاش سۆز دەۋەتلەر دىننى ئۆلىمالارنىڭ ئاغزىدىن چىقسا بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.  ئىسلامدا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئاخىرەتتە ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشەمدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ چۈشىدۇ، چۈشمەيدۇ دەيدىغان ئىككى خىل كۆزقاراش بار، ھەممىسى قۇرئاندىن ئىسپاتلار قىلىدۇ. لېكىن بىز بىلىدىغىنىمىز پەقەت <كېلىدۇ> دەيدىغان كۆزقاراش.  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى باشقا ئنسانلارغا ئوخشاش ئاللاھ نىڭ بەندىسى دەپ تونۇيمىز، ئەمما يەنە <قىساسۇل ئەنبىيا> دىگەندەك كىتابلارنىڭ تەسىرىدە نوقسانسىز مۇكەممەل ئىنسان دەپ تونۇيمىز. كىچىك ۋاقتىدا ئۇنداق بۇنداق ئىشلار بولغان، بەدىنىدە ئىزنالار بار دېگەندەك مەزمۇندىكى يازمىلار تارىلىپ يۈرۈيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئېنىق ئايەتلەر مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرسا، كۆپ كىشىلىرىمىز يەنىلا مۇكەممەل دەپ تۇنۇيدۇ.  بەس مۇنازىرە، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولغىنى ياخشى. بولۇنغان بەس مۇنازىرە، پەتىۋا بەرگەندە كەلتۈرگەن ئىسپاتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قانچىسى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ؟ قانداق قىلساق كىشىلەرنى قورقماي ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئۈندىگىلى بۇلار؟
ئاددى سالام بىلەن: فونۇن

دوكتور B دىن:
we eleykum essalam:
siz bayan kilgan kozkaraxlar aldirimay tohtulup munazire kilixka mohtaj.
xunga mening teklivim siz bu turdiki munazire temisini etraplik izdinix we baxkilar bilen ortaklixix uqun birer munazire munbirige yollisingiz yahxi.
bolsa mawu munberge yollisingiz ezherde okuwatkan okuguqilar kop kiridu. paydilik bolidu.
http://bbs.meripetyoli.com/forum.php
men jawab yazgan abzaslarni temingizda nekil kilsingiz bolidu.
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
فونۇن دىن:
مەن يەنە يازغاچ تۇراي، ۋاقتىڭىز بولغاندا خەت قايتۇراسىز.
دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى ھەممەيلەنگە تونۇش.  مەزمۇنلار مۇسۇلمان ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز مۇسۇلمانلار ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ھەم ئېتىقادىمىزدىن باشقا ھىچ قانداق رەدىيە قىلىدىغانغا پاكىت تاپالمىدۇق. يەنىلا شۇ قۇرئاننى تۇتۇپ باقمىغان غەربلىكلەر فىزىكا قانۇنىيەتلىرى، كۆز،يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ يېتىلىش جەريانى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، گېن تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قاتار نەتىجىلەر بىلەن دارۋىننىڭ نەزىرىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاللاھ غا شۈكرى  بۇ نەتىجىلەرنىڭ پاتنىت ھوقوقى يوق، بولمىسا مۇسۇلمانلار قانداقمۇ قىلاتتۇق؟ بۇ ئىشلار ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئېتىقادىمىزنى قوغداش، چىڭىتىش ئاللاھ نى تۇنۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۇندە قىلغان دۇئا تىلاۋەتلىرىمىز، ئادا قىلغان پەرز، سۈننەتلەر ھەممىسى ئاللاھ نى تونىغاندىن، ئىشەنگەندىن كىيىنكى ئىشلار، بۇ بەندىچىلىك. ئاللاھ نى تۇنۇشنىڭ، ھېس قىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى. ئاللاھ ياراتقان بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدە ئەركىن، دادىل پىكىر قىلىپ ئاللاھ نىڭ ھىكمەتلىرىنى بايقىغاندا ئىسپانلىغاندا، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ نەقەدەر گۈزەل، مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا ئاللاھ بولغان تونۇشىمىز، ئتقات ئىشەنچىمىز بىر چوڭ بالداق ئۆرلەيدۇ.
قۇرئان كەرىم ئاللاھ نىڭ سۆزى، كىتابى. لېكىن ئالەمدىكى بارلىق سىرلارنىڭ جاۋابى ئەمەس. قۇرئان كەرىم ياشاش يۈلۈنىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ گەپ سۆز، ئىش پائالىيەتلىرى قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن ئىشلارنى تۇلۇقلىدى.  قۇرئان كەرىم بىلەن ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىش دىگەندەك سۆزلەر توغرا ئېيتىلمىغان سۆز.  ياپۇنلارنىڭ تەرەققىياتى؟ غەربلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟  ھەر قانداق ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، ئۇسۇلى بىلەن ئىلىپ بېرىلىشى لازىم. ئەلۋەتتە بۇ ئىدىيە، ئۇسۇلى ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك.  بۇ يەردە ھىچ قانداق زىتلىق يوق. ئاللاھ نىڭ ھېكمىتى بولغان ئىلىم-پەندە يۈكسەلمەيدىكەنمىز، تەرەققىي قىلىشتىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

مەن يازمىنى جېك تۇراسىغا چاپلاپ تۇراي.
ئاددى سالام بىلەن
فونۇن

تۈگىدى.
سۆھبەتنىڭ داۋامى  داۋاملاشسا داۋاملىق يوللىنىدۇ :-D

19 ئىنكاس بار »

  • سولچى :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ئەڭ ئاددى نۇقتىلاردىمۇ ئىزدىنىپ باقماپسىز. بۇنداق قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىڭىز مىنى شۇنداق ئويغا ئەكىلىپ قويدى. سىز ئىسلامنى قۇرئاننى ھۆرمەت قىلمايدىكەنسىز.ياكى مەسخىرە قىلىش پوزىتىيەسىدىكەنسىز.ھىچ بولمىغاندا سىز سورىغان سۇئاللارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەنسىز. ئەگەر يۇقارقىدەك ئىشلار سىزدە بولمىغان بولسا بۇنداق قانۇنىيەت سۆزلەپ يەنە قانۇنىيەتنى ئىنكار قىلمىغان بولاتتىڭىز تەكلىۋىم شۇكى سۇئال سوراشتىن بۇرۇن نىمە سورىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋىلىڭ.چۈنكى سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىز دىننى چۈشۈنۈش ئەمەس بەلكى يوچۇق تىپىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەن. ئەگەر ئىسلام ھەققىدە ئازراقلا ئىزدىنىدىغان بولسىڭىز سىزنىڭ بۇئاددى كاللىڭىز بىلەن دىندىن يوچۇق تاپالمايدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىسىز.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇھەممەت :

    بۇ سۆھبەت تولىمۇ قىممەتلىك ھەم چوڭقۇر پىكىرلەر سېڭگەن ياخشى سۆھبەت بوپتۇ، مەن فۇنۇن نىڭ (.فونۇندىن:
    كۆپ ئادەملىرىمىز تېبابەت، گېئولوگىيە، ياكى باشقا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنىڭ قۇرئاندا ئالدىن يېزىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئوقۇغاندا بولغان ئىنكاسى مۆجىزە! مۆجىزە!.. بۇنىڭدىن باشقا ئىنكاس پىكىر يوق. ئەڭ كۆپ ئيتىلغان سۆز. ئەسلى قۇرئاندا بار بولغان نەرسىنى 1400 يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن بىز بايقالمىدۇق؟ قۇرئاننى تونۇمايدىغان باشقىلار بايقىدى دىگەننى كۆپ ئويلىساق ياخشى بۇلاتتى. ) دىگەن پىكرىنى چۇڭ قۇر ئويلاندىم ئاخىر ئابدۇۋەلى مىرزايۇف نىڭ ھاراق توغۇرلۇق سۆز لەپ ئۇنىڭغا بىر دوختۇركى مۇسۇلمان ئەمەس كااپىر دوختۇر ئەمدىى ئىچسەڭ ئۆلسەن دىگەند توختايدۇ دىگەن گىپىدىن تۇلۇق جاۋاپ تاپتىم بۇبەك جىخ گەپ ھازىر ئالدىراپ قالغاچ كىيىنچە يازارمەن

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قاراخان :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئاكا! سىزگە بەخت ئامەت، سالامەتلىك ئۈمۈرلۈك يار بولسۇن!
    مۇشۇ يازمىنى باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا بولارمۇ؟ باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنساق بولامدۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇپۇق 0997 :

    مىنى قارغۇلارچە دىنغا ئىشنىپ ئلىم – پەننىڭ قۇدىرتىنى ئىنكار قىلدى دەپ قالماڭلار . ئاللا ئىنسانغا ئەقىل – پاراسەتنى سەۋەپسىز ئاتا قىلغان ئەمەس .ئادەمنىڭ ھەر – بىر ئەزاسىنىمۇ سەۋەپسىز ياراتقان ئەمەس.ھەممىسنىڭ ئۈزىگە تۇشلۇق خزمىتتى بولىدۇ. ئارتۇقمۇ ئەمەس كەممۇ ئەمەس.ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق نەرسە باسالمايدۇ. تەن ۋە روھ ئۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتدۇر. ئۇ بىزگە تەئەللۇق ئەمەس. ئۇنىڭدىن بۇ ئالەمدە تۇغرا يول ئۇچۈن يەنى ئالاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىشى ئۈچۈن ،ئاللاھققا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئۈچۈن پايدىلىنمىز .بەدىمىزدىكى ھەر بىر ھۆجەيرىدە ئالاھنىڭ سىرلىرى يۇشۇرنغاندۇر. ئاللاھ بىلمەيدىغان ،ئۇقمايدىغان ھىچ بىر سىر يولتۇر. سىز بۇ ئاللاھنىڭ ئامانتىنى خالىغانچە ئاللاھقا خييانەت قىلىش يولىغا ئىشلەتسىڭىز ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرى بەدەل تۆلىمەي قالمايسىز. ئەقىل -پاراستىڭىزنى ئىشلىتىش ئەلىۋەتتە ئاللاھ ئاتا قىلغان نىممەتتىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر. بۇ يولدا بارلىققا كەلگەن ئىلىم- پەن كەشپىياتلىرى ئەلىۋەتتە سىرلىق ئىش ئەمەس. ئازغىنە ئىش قىلىپ قويۇپلا ئىنسانلار ئۈزىنى قالتىس چاغلىماسلىقى كېرەك. بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە بولۋاتقان ئىشتۇر.ئالاھ ئىرادە قىلمىغان ئىشنى ئىنسانلار مەڭگۈ قىلالمايدۇ.ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىش دىنغا مۇخالىپ كەلمەيدۇ. مەيلى غەربلىكلەر بولسۇن،مەيلى كاپىرلار بولسۇن ھەمىسسى ئاللا بەرگەن ئەقىل – پاراسەتنى ئىشلىتىدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئورنى ئوخشىمايدۇ. ئەقىل- پاراسەتنى ئىشلىتىش ئايرىم ئىش. ئالاھ ئالدىدا جاۋابكار بولۇش ئايرىم ئىش.مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم -پەن جەھەتتىكى ئۇرنى غەرىبلىكلەرنىڭ ئورندىن تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالاھدىن،دىندىن گۇمانلىنىش ئازغۇن ئىنسانىڭ ئىشىدۇر.ئەقىل- پاراسەتنى بارلىق ئىنسانغا تەڭ ئاتا قىلغان .ھەرگىز مۇسۇلمانلارغا كۆپ ئاتا قىلغان ئەمەس. بۇنىڭدىكى سەۋەپ مۇسۇلمانلارنىنڭ شۇكىرى – قانائەتچان ،سەۋىرچان ،ئارتۇق دۇنياغا بىرلمىگنلىكىدىدۇر.بۇ ئىلم- پەندىكى ئارقىدا قېلىشقا سەۋەپچى بولغان تۈپ ئامىللارنىڭ بىردۇر. بىراق بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يارامسىزلىقى ئەمەس .بۇ ئاللاھنىڭ يولىدۇر. ھەم مۇشۇ يول توغرىدۇر.شۇنى ئويلاپ بېقىڭ : ھەرقانداق شەيئى تەرەققى قىلىپ چىكىگە يەتكەندە ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ. قانچە تېز چىكىگە يەتسە شۇنچە تېز ئەكسىگە قايتىدۇ…..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇپۇق 0997 :

    فونون ئەپەندىنىڭ ئويلىغان ۋە ھىس قىلغانلىرى بەك يۈزەكى ئىكەن . ئىلىم -پەندىكى بارلىق ئەقىل پاراسەت ئاللا تەرىپددىن ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان رەھمەتتۇر. ئىلىم – پەندىكى كەشپىياتلارنى دىننىڭ سىرتىدا ، ئاللا بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر تېخى بەك بىلىمى چولتا ، ئىزدىنىپ ئاخىرىغا چىقالمىغان ،قايمۇققانلاردۇر. لېكىن نادانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. شۇنى بىلىپ قېلىڭلاركى ئاللا بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئاخىرقى يولى تۇتىشىدۇ . ئۇ بىر يولدۇر. يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ قولدىن كەلگەن ھەرقانداق ئىلىم -پەن كەشپىياتتى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۈزدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات بولماستىن ، ئاللا بىزگە ئاتا قىلىغان ئەقىل -پاراسەتنى ياخشىىلق يولىدا ئىزدىنش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن .بىراق بۇنى ئىنسانلار ئۈزىنىڭ قابىلىيتتى ،ئاللا بىلەن ھىچ مۇناسىۋەتسىز دەپ يەككۈن چىقىرشقا ئالدىرايدۇ. خاتا يولغا مېڭىشقا ئالدىرايدۇ….قۇرئان ئىلىم – پەننىڭ ماھىيتىنى ناھايتتى روشەن ئىسپاتلايدۇ.ئىلىم -پەننى قۇرئاندىكى بىر زەرىچچە دىسەك ،ئۇ ھالدا قۇرئاننى پۈتۈن ئالەمگە ئوخشتىشقا بولىدۇ. شۇڭا نادانلارچە بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرما قىلماڭلار. !

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەركىن :

    ئونى بۇنى دەيلى ئۇنداقتا ئۈمەرجان ھىمىت ،قۇربانجان قاتارلىقلارنى كىم چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۆز بەنىدىلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئايماق :

    مەن فونۇن ئەپەندىنىڭ يازمىدىكى بىرنەچچە پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن. ب ئەپەندىم ئېيتقاندەك ئاللاھ ئۆزى كۆتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارىتالامدۇ دېگەن سۇئال ھەقىقەتەن بىمەنە.
    بۇندىن باشقا «بۇلا ئەمەس نۇرغۇن سۇئالغا ئېنىق جاۋاب قىلىش تەس بولىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئىيتقان ئادەم چوقۇم جەننەتكە كىرەمدۇ؟ … ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىپ كىرگەسمىسىچۇ؟ ئەسكى ئادەم دوزاققا چۈشەمدۇ؟» بۇ سۇئالمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن سورالغان. مەنچە فونۇن ئەپەندىنىڭ دىنى ئەھكامدىن چۈشەنچىسى ئاز بولسا كېرەك. ئاللاھ ۋەدىسىز ئەمەس. ئىمان ئېيىتقانلار، توغرا يولدا ماڭغانلارغا جەننەتتىن خەۋەر بېرىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمەس.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نامەلوم :

    ئاخرىنى ساقلاپ قالدۇق،كۈندە دىگۈدەك قارايمەن بۇ يازمىغا

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قۇتنامە :

    ئەھمىيەتلىك بىر سۆھبەت بولۇپتىكەن. سۆھبەتلەشكۈچىلەر پىكىرنى تېخىمۇ يېيىپراق، ئەمەلىي مىساللار بىلەن ماڭغان بولسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، تەتبىقلاشتا ئۈنۈم تېخىمۇ ياخشى بولارىكەن.
    مۇشۇ مەسىلىلەردە يەنە چوڭقۇرراق پىكىر قىلىدىغانلارغا ماۋۇ يازمىنىڭ ئات-تولا پايدىسى تىگىشى مۇمكىن:
    http://qoot.name/?p=139

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىرلان :

    بۇ تېما مەرىپەت يولى مۇنبىرىگە قويۇلۇپتۇ، پىكىرلىشىپ بىقىشنى خالىغانلار پىكىر قاتناشتۇرۇپ باققاي!
    ئادرىس: http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=465#lastpost

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئويچان :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! فونون ئەپەندىنىڭ ئاخىرىدىكى كۆز قارىىشىغا، يەنى: «دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى ھەممەيلەنگە تونۇش. مەزمۇنلار مۇسۇلمان ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز مۇسۇلمانلار ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ھەم ئېتىقادىمىزدىن باشقا ھىچ قانداق رەدىيە قىلىدىغانغا پاكىت تاپالمىدۇق» دېگەن قارىشىغا قوشۇلالمايمەن. دارۋىن نەزەرىيىسىگە رەددىيە قىلىدىغانغا پاكىتنى ئەلۋەتتە تاپالىدۇق. شەخسەن، مەن دارۋىننىڭ نەزەرىيىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەقلىي يول ئارقىلىق خاتا دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەن. تورداشلار ئېيتقاندەك، بىرەر مۇنبەرگە مۇشۇنداق سوئالىرىڭىزنى تاشلىسىڭىز ئۆز پىكىرلىرىمىزنى قاتناشتۇتۇپ باقساق بولىدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    ئەلكۈن Reply:

    @ئويچان, شۇنداق مەنمۇ سىزنىڭ پىكرىڭىزنى قوللايمەن. بىراق بىز ئىلىم – پەنگە قانچىلىك يېقىنلىشالىدۇق؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىدا قانچىلىك تۇرالىدۇق؟ مۇشۇنداق سۇئاللار ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. يەنىمۇ ئەتراپلىق كۆز – قاراش ۋە ئىنىق بولغان بىر تونۇش، ئىتىپاقلىق بولغاندا، سۆھبەتلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيىتىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولغان بولاتتى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    oghuzhan2 Reply:

    @ئويچان, ئەپەندىم ، ئۇنتۇپ قالماڭ، دارۋىن ئۇ نەزەريەنى قاچان ئوتتۇرغا قويغان ؟ سىز پاكىتنى قاچان تاپتىڭىز ؟ تاپقان تەقدىردىمۇ دارۋىن 100 يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغان نەزەريەگە سىز 100 يىلدىن كيىن جاۋاپ تاپتىڭىز دىگەن گەپ ،ئەشۇ دەۋىرلەردە بولغان بولسىڭىز، يەنە مەيدىگە مۇشۇنداق مۇشلاپ چىقارمىدىڭىز؟ گىن ئىلىمي تەرەققى قىلغاچ ھارزىرقى جاۋابىڭىزنى قايىل قىلغۇدەك ھەم قوللغۇدەك مۇكەممەل ئىلىم بار، شۇڭا مەيدىگە مۇشلاۋاتىسىز. ئۇنى دارۋىن بىلەن تەڭ دەۋىردە ياشىغان بوۋىلىرىڭىز ئوتتۇرغا قويالىغان بولسا ئاندىن توغىرا بولاتتى،ھازىر ئايرۇپىلان بىلەن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە 2 سائەتلەردە كىلىپ بولغىلى بولدۇ، 100 يىل بۇرۇنچۇ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ئەجىدادلىرىمىزنى لامىزەللە دەپ تىللىمايدىغانسىز؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    ئايماق Reply:

    @oghuzhan2, دارۋىن نەزەرىيىسى چىققان ۋاقىتتا بىزدەك بىلىمسىزلەرلا ئەمەس ھازىرقى بىلىملىك مىللەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمىگەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    رەزىل Reply:

    @ئويچان,
    مىنىڭچە دارۋىن بىكار ئاش-نان يەپ قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان بىر پاخال ساقال ئەبلەخ خالاس، ئۇنىڭ تەدىرىجى تەرەقىيات نەرزەرىسىگە قايسى ئالىم %100ئىشەندى، ئىشەنمىدى، مايمۇن تەرەققى قىلىپ ئادەم بولىدى، دىدى، پۇخ يەيدۇ، ھازىرقى مايمۇنلار نىمە ئۈچۈن تەرەققى قىلمىدى، ئەمسە ئادەم تەرەققى قىلىپ نىمە بولىدى، بىز ئەڭ ياخششىسى دارۋىننىڭ سەپسەتلىرىنى ئىشەنمەسلىكىمىز كىرەك، قىنى ئىيتىپ بىقىلار ئاللاھقا ھەققىي ئىمان ئىتقان بەندە شۇنى بىلەمدۇكى ئاللاھ ئادەم -ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى ياراتتى ، سىلەرنى ئادەمنىڭ ئەڭ ئاۋال يارتىلغانلىقىنى قۇرئاندىن، ۋە باشقا كىتابلاردىن ئوقۇغانسىلەر، قايسبىر كىتابتا ئاۋال مايمۇن باشتا يارتىلىدى،دەپ بارمىكەن ! بىزلەر ئاللاھقا شەك كەلتۈرسەك قانچىلىك گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىزغۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • iwethen :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇيەردە ناھايتى ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ ، مەنمۇ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن. بۇ گەپلەر توغرىلىق مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئويلانغان ، پۇرسەت بولسا پىكىرلەشسەك بۇلاتتى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇرادباي :

    جاۋابىڭىزغا ئىنتىزارمەن. مۇنبەر ئادرىسى: http://bbs.meripetyoli.com/forum.php

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇرادباي :

    بۇ سۆھبەت تولىمۇ قىممەتلىك ھەم چوڭقۇر پىكىرلەر سېڭگەن ياخشى سۆھبەت بوپتۇ، ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرىنىڭ تەۋسىيسى بويىچە مەن خالىس بۇ تىمىنى مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى ئويلاپ قالدىم، تېما ئىگىسى شۇيەدە سۆھبەتنى داۋام قىلىش ۋە بۇ ھەقتە پىكىرلىشىشنى ماقۇل كۆرسە شۈيەرگە يوللىسا ، ياكى مەن يوللاپ قويساممۇ بولىدۇ، تىما ئىگىسى قانداق قارايدىكىن؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • روسلان :

    ئاغزىمنى يۇمۇپ،كۆزۈمنى يوغان ئىچىپ جىممىدە ئولتۇرۇپ ئۇقۇسام بۇلدىغان يازمىلاركەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..