تويغا تەكلىپ Open invitation to my Wedding
ئائالدى بىلەن مىنى ۋە بلوگىمنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.
ئۈتكەندە ئىزدىنىش تورىدا دىيىلگەندەك مەن مۇشۇ شەنبە يەنە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى ئاۋام رىستورانىدا توي قىلماقچى. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا سەل جىددىچىلىك بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇرۇن خەۋەر بىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. قۇربىتى يىتىدىغان يىراق يىقىندىكى تورداشلارنىڭ تويغا قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ۋاقىتى يىتىدىغان تورداشلارنىڭ بۇرۇنراق كىلىپ تۇرۇپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن. يىراقتىن كىلىدىغان تورداشلار بولسا ياردەم لازىم بولسا، ئايرۇدۇرۇم، بىكەتتىن ئېلىۋالىدىغان، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر. بىلمەي قالغان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر. ئالاقە نۇمۇرى: 13239809898
پېقىر توي ئىشى ۋە باشقا ئىشلار سەۋەپلىك بىر مەزگىل بلوگنى يىڭىلىيالمايمەن ۋە خەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايمەن. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.
You are cordially invited to celebrate my wedding on Saturday 11am,June the 6th at Awam Restaurant in Hotan. For assistance including airport pickup, hotel reservation etc., please call 13239809898.

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جېك ئاكا،ھازىر ئايالىڭىز بىلەن بەخىتلىك ئۆتۈۋاتامسىز؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ەوود
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بلوگقا بىر نەرسە يېزىپ تۇرسىڭىز بولىتى،بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرچە تورلارغا كىرەلمىگەنسىرى بلوگىڭىزنى كۆپ يوقلايدىغان بولۇپ كەتتىم .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تويلىرىعا مارەك بولسۇن جىك ئاكا! يەڭگىمىز چوقۇم چىرايلىقتۇ دەيمەن،،،،،،نەلىك حان ئۇ؟ئەجەپ بىزلەرگە حەۋەر قىلمايلا توي قىلىۋاپسىزعۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسلامۇ ئەلايكۇم قىرنداشلرىم
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توي تىخى تۈگىمىدىما ؟ جىك
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توي تۈگەپتىغۇ چاتاق يېرى بارالماپتىمىز ئەمەسمۇ ………مەيلى جۇما كىلەر قېتىمقى تويۇڭلارغا چۇقۇم بارىمەن ھى ھى ھى چاخچاق جۇما
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام jeck، ئەپسۇس توي خەۋىرىڭىزنى ئەمدى كۆرگەچ، كىچكىپ بولسىمۇ تويىڭىزنى مۇبارەكلەيدىغان بولدۇم. مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Two souls with but a single thought, Two hearts that beat as one~~wish u happiness~~ `
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ئاداش ،تويۇڭغا قاتنىشالماپتىمىز، مەڭگۇ بەخىتلىك بولغايسىلەر
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ئاداش ،تويۇڭغا قاتنىشالماپتىمىز، مەڭگۇ بەخىتلىك بولغايسىلەر
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بەكمۇ ئەپسۇس مەن ئەمدىلەتىن كۈرۈپتىمەن، شۇنداقتىمۇ تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، جېك ئەپەندى ، تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! سىزنى تەبرىكلەيمەن . بەخىتلىك ئۆتكەيسىلەر . بولسا ئىلىم-پەن بىلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋالغان بولسىڭىز : http://www.ilim-pen.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بۇ ئۇچۇرنى بەك كىچىكىپ كۆرۉپتىمەن. شۇنداقتىمۇ سىزنى تەبىرىكلەيمەن !مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش ، ئايىغىڭلار تاش بۇلۇپ كەتسۇن! سىلەرگەبەخت تىلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن . سىلەرگە بەخىت مەڭگۈ يار بولسۇن !!! congratulation you wedding
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئىگىمىز ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن ! <بېشىڭلار باش ، ئايىقىڭلار تاش > بۇلۇپ كەتسۇن . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋاقتىم يەتمەي تورغا چىقالماي قالغان ئىدىم . بۈگۈن بىلگەندەكلا تورغا چىقىپلا تور بېتىڭىزنى ئاچقان ئىدىم ، بۈگۈنكى كۈندە تويىڭىز بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايتى ھاياجانلاندىم . شۇ تاپتا تويۇڭلار قاتتىق قىزىۋاتقاندۇ ؟
ئاللاغا ئامانەت !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن!
گەرچە تويىڭىزغا بارالمىغان بولساممۇ ناھايتى قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، تېخى سىزنى ئامېرىكىدىلا توي قىلىۋالامىكىن دەپتىكەنمەن، ئەسلى كېلىنچەك خوتەن دىيارىدىن ئوخشىمامدۇ؟
كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەىت ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن، بېشىڭلار باش ئايىقىڭلار تاش، پەرزەنتىڭلار قەلەم قاش بولۇپ كەتسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي خۇدايىم…مەن ئەمدى كۆرەپتىمەن ئەمەسما…..
بۈگۈن توي بولىۋاتىدۇ،دەيلى….
ئاللاھ يېڭى ئائىلىڭىزگە بەركەت،خاتىرجەملىك بەرگەي~~~
خۇدايىم پات ئارىدا تېخىمۇ چوڭ شادلىقتىن بەھرىمەن قىلغاي~~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاللا بەختىڭزنى بەرسۇن!بارلىق ئىشلىرىڭز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!!مەنمۇ تۇيىڭزنى مۇبارەكلەيمەن!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن! بەخىت تىلەيمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن! بەخىت تىلەيمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپەندىم ئېغىر كۆرمەي مىنىڭ بلوگۇمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالغىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى
بلوگ ئادېرسىمىز:
http://uyxah.blogbus.com/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن!
ئاللا ئىگەم تويۇڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىغا مەدەت بەرسۇن!
بىشىڭلار باش،ئايىغىڭلار تاش بولغاي….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام جېك تور خاتىرسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى،مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش جېك ئەپەندىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئۇنتۇلماس توي مەرىكىسى ئۈچۈن خوشال بولىۋاتىمەن. جېك ئەپەندىگە تىلەكلىرىم:
قۇتلۇق توي مەرىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ!
مەن ھازىر جىددي ئوقۇش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتىم،شارائىت بولغان بولسا چوقۇم قاتنىشاتتىم.ئامال قانچە؟ مەن پەقەت ۋەتەندىن تولىمۇ يىراق جايدا تۇرۇپ سىزگە بەخىت تىلىيەلەيدىكەنمەن.تويىڭىز خوشاللىقلار ئىچىدە ئۆتكەي!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرى كەپتۇدە بۇ كۈن. خېى خې . قاچاننىڭ باللىرى بۇ جىك دىگەن ؟ بىزنىڭ باللىرىمىز مەكتەپكە كىرەي دەۋاتىدۇ. گەپنىڭ راستىنى دىگەندە بويتاقلىق، بۇلۇپمۇ چەتئەلدىكى بويتاق ھايات بەك مەززىسىز. مەنمۇ ئىككى يىلغا يېقىن بويتاق يۈرۈپتىمەن بۇ يەردە ،خۇداغا شۈكرى يېقىندا خوتۇن باللىرىمىنى ئەپكەلمەكچى. شۇنىڭغىچە تۇرمۇشتا شۇنداق بىر "ۋاكىئوم" بار. ( كۈنۈپ قالغان گەپتە ئائىلە تۇرمىشىغا ). ئادەم دىگەن شۇ "ئائىلە"دىن ئىبارەت بۇ ھۆجەيرىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان گەپكەن، ئىناق ، بەخىتلىك ئائىلە ئادەمگە ئىلھام ۋە بەخىت تۇيغۇسى بېغىشلايدىكەن.
جېك ئاغىنە ، قورقماي قىلىۋېرىڭلار تۇيۇڭلىنى ، توي قىلىپ بالىلىق بولمىغىچە راۋرۇس پىشقان ئەر ھىساپلانمايسىلەر.
ئاخىرىدا ، توردا بولسىمۇ تويۇڭلىنى قۇتلۇقلايمەن !!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەكبولسۇن دوستۇم! ئەپسۇس… 6-ئاينىڭ6-كۈنى مېنىڭ دوستۇم گۇنىدا توي قىلىدۇ، مەن قولداش بولىمەن، بولمىسا چوقۇم بېرىپ قاتنىشاتتىم. شۇنداقتىمۇ تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن.http://gitar.blogbus.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن ئاكا تويىڭىزغا. ئاللا ئىگەم بەختىڭلارنى بەرگەي. ئەگەر خوتەندە بولغان بولساق بىزمۇ بىر قوللۇق قىزتىپ بىرەدۇق تويىڭىزنى ئەپسۇس پۇرسەت بولماي قالدى. بارلىق ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توۋا ! ماۋۇ گوگىل ئېلان شىركىتىدىكىلەرمۇ جېك ئەپەندىنىڭ تۇينى بىلىپ قالغاندەك ، مەزكۈر بىلوەتىكى گوگېل ئېلانلىرىدىمۇ توي كۆينىكىنىڭ ئېلانلىرى چىققىلى تۇرۇپتۇ!……..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جېك ئەپەندى ! بولغۇسى تۇيۇڭىزغا موبارەك بولسۇن! بەخىت سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! ھەي …. ئىتاھان بىلەن دۇقرۇپ قالمىغان بولسا چۇقۇم بېرىپ قاتتىشاتتىم! ئەپسۇس……….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغ ئاتىلار،كۆپنى سۆيۈندۈرگەن مېھرىبان ئانىلار!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغ ئاتىلاپ،كۆڭۈل ئىزلەپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇققان،خولۇم قوشنىلار!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارچە توي ئەھلى،ھەممىڭىزلارنىڭ قەدىمىگە،كۆڭلىگە ئالىي ئېھتىرام!
بۈگۈن مىلادىي 2009-يىلى سەپەرئېيىنىڭ 6- كۈنى.بىز، قۇتلۇق بىر شەنبە،قۇتلۇق بىر مەشرەپ،قۇتلۇق بىر تەنتەنە ئىچىدە تۇرماقتىمىز.بۈگۈنكىدەك مۇبارەك بىر كۈندە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىنىمىزتۇرسۇنجان(جىك ئاخۇن)ۋە سىڭلىمىز xxxxx گۇلنىڭ نىڭ نىكاھ رىسقى باغلانغان،مۇھەببىتى ۋىسال تاپقان خاسىيەتلىك بىر كۈن!
دوستلار،بۇرۇتلىرىمىز خەت تارتىپ چوپ-چوڭ يىگىت بولغىنىمىزدا،قىزلار بويىغا يىتىپ ھەممىنى بىلگۈدەك بولغىنىدا يەنىلا بىزنى «بالام! بالام! جىنىم بالام!» دەپ باغرىغا باسىدىغان،بىر ئۆمۈر پەرزەنت يولىدا ھارغان قەدىمى يەنە بىز ئۈچۈن بىسىلىدىغان،يۈرۈكى بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن سوقىدىغان ئاشۇ مۇقەددەس ئاتىلىرىمىز،جاپاكەش ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك،ئەڭ قەدىرلىك،ئەڭ مۇقەددەستۇر!شۇڭا مەنبۇ ئىككى ياشقا ۋاكالىتەن بۈگۈنكى خوشاللىق،تەنتەنە،توي مەشرىپىنىڭ ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىنى ئاتا-ئانىلىرىمىزغا يوللايمەن،سىلەرگە رەھمەت!سىلەرگە ئىككى ئالەملىك رەھمەتلەر يار بولغاي!!
يەنە بۇگۈنكى قۇتلۇق توي مەشرىپىگە ئۆزىنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىنى ئىلىپ كەلگەن بارچە مېھمانلارغا يەنە بىر قىتىم تەشەككۈر ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!
دوستلار،توي-مۇھەببەتنىڭ داۋامى،گۈزەل باغچىسى،ئائىلە-مۇھەببەت تاۋلىنىدىغان،يېڭىچە ھايات ئاپىرىدە بولىدىغان مۇقەددەس زىمىن.ئۇنىڭ گۈللىنىشى،راۋاجى،گۈزەللىكى يەنىلا مۇھەببەتتە،ساداقەتتە.ئىنساندا مېھرى-مۇھەببەت ئاۋال ئائىلىدە يىلتىز تارتىدۇ،جەمىيەتتە بېخلىنىدۇ،ئائىلىدىكى مېھىر ئۆزئارا ماسلىشىپ بەرسە مۇھەببەت راۋۇرۇس كۆكلەيدۇ.ھايا مۆمىنلەرگە خاس سۈپەتدۇر،ئىنسانغا نىسبەتەن گويا تاماقنىڭ تۇزىغا ئوخشاش مۇھىمدۇر،شۇ ڭا بىز بۇ ئىككى ياشنىڭ ئىمانلىق،شەرمىي-ھايالىق،لاياقەتلىك ئەر-ئايال بولۇپ،ئۆز ئائىلىسىنى مۇھەببەتنىڭ خۇشپۇراقلىرىغا تولدۇرىشىغا تىلەكداشمىز!
ھۆرمەتلىك ئىنىم،ئۇماق سىڭلىم..ھەرقانداق شەخس ئائىلىنىڭ،جەمىيەتنىڭ،شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئاددىي ۋەكىلى ھەم ئەزاسىدۇر.ئۆزىنى ئۇنتۇغان كىشى ئائىلىنى،مىللەتنى،ۋەتەننى ئۇنتۇيدۇ.مىللەت، ئاتا-ئانا،قوۋمى قېرىنداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇش بىر ئالىيجاناپلىق،ئەگەر ئۆز نەپسى ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇش نومۇستۇر! شۇڭا سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلاردا ئاتا-ئانىغا،بىر-بىرىڭلارغا،دوسىت-قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ،تېرىشىپ ئىلىم ئىلىپ،ئەدەب- ئەخلاقلىق،ۋىجدانلىق بىلەن ياشاپ ئەلگە ياراملىق ياشلاردىن بولۇشىڭلارغا،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا دۇرۇس باسقۇدەك ئىزلارنى قالدۇرىشىڭلارغا تىلەكداشمىز!

بىشىڭلار باش ئايىغىڭلار تاش بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن، بېشىڭلار باش ، ئايىغىڭلار تاش بۇلۇپ كەتسۇن! سىلەرگەبەخت تىلەيمەن.
تويغا تەكلىپ قىلىپسىز، رەخمەت! پۇرسەت بولسا بېرىپ كۈرۈشۈپ، مۇبارەكلىسەك !!!! توي كۈنى مۇبارەكلەپ يانغۇن قىسقا ئۇچۇرى ئەۋەتەي!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن،ئاللا بەختىڭلارنى بەرسۇن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن ، قۇتلۇق كۈنگە !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن. خۇدا نسىپ قىلسا بارامىز!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي،قۇتلۇق بولسۇن !مەڭگۇ بەخىتلىك بۇلۇڭ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بەخت يار بولسۇن، بېشىڭلار باش، ئايىغىڭلار تاش بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئالدى بىلەن تويىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن.شۇنداقلا تويۇڭلارنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى،ھەمدە بىر ئۆمۈر ئىناق ،خاتىرجەم ئۆتۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزدىن رەنجىپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ قويماقچى.مۇشۇنداق مۇھىم خەۋەرنىمۇ كېچىكىپ يوللىغان بارمۇ؟بالدۇرراق چىقارغان بولسىڭىز بولماسمىدى؟بىر ئايلىق ئىشلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ھېچبولمىغاندا ئاي ئاخىرىدا چىقارغان بولسىڭىزمۇ؟ ھەي…!!!!!!!!!!!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي ۋاي ۋاي ~~~ ئەسلى تويتى دەڭە مۇنداق ~~ ھەي ئىسىت ~~ئوقۇشتا بولماي ئۆيدە بولغان بولسام <غىڭ> ڭىدىلا باراكەنمەن خوتەنگە ، ھىچ بولمىسا مەيداندىن چۈشمەي سورۇننى بىر كىشلىك قىزىتىپ قوياتتىم ~~ ھى ھى ~ مۇبارەك بولسۇن،يۈز تۇرانە دىيەلمىگەن بولساقمۇ ~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي مۇبارەك بولسۇن! بەخىتلىك بولۇڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel