Articles Archive for يانۋار 2010
ئۇختۇرۇش »
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدى بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسلى بۇ مۇبارەكنى يىڭى يازما بىلەن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا بەرمەكچى ئىدىم، لېكىن يىڭى يىل ئالدى كەينىدە شەخسى ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئىككى ئۈچ كۈننى ئۆتكۇزۇۋېتىپ قارىسام بۇ تور خاتىرىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۇچى چوڭ تور بەت بلوگباس تاقىلىپ قاپتۇ. جۇڭگۇدا زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتېرنىتنى تازىلاش ھەركىتى گۇگۇل، BTchina دىگەندەك چوڭ تور بەتلەر بىلەن ئۆتەمدىكى دىسەم بىزدەك كىچىك تور بەتلەرگىمۇ تەسىرگە ئۇچراپتۇق. بۇ تور خاتىرىسىنىمۇ ئەمدى يۈتۈرگەن ئوخشايمەن دەپ كۆڭلۇم جىق يېرىم بولدى. قايتىدىن يىڭى بىر بىلوگ …

Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.