فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز
تەكلىپلىك يازما (guest post) ئاپتۇرى دىلنۇر رەيھان (پۇلات) 2004 -يىلنىڭ ئاخىرى فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. بىر يىللىق فرانسۇز تىلى ئوقۇشىدىن كىيىن، ۋېرسال ئۇنىۋېرسىتىدا بىر يىل سىياسەت ئىلمى ۋە ئالاقە كەسپىدە كەسپى ماگىستىرلىق ئوقۇغان. كىيىنكى يىلى پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە دائىر يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلەرنى باشقۇرۇشتا ئىككى يىللىق كەسپى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، 2008-يىلى پارىژدا بىر يىل پۈبلىسىس ئالاقە گۇرۇھىدا تۈر باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم فرانسىيەدە چىقىدىغان قوش تىللىق ھەپتىلىك گېزىت زامان نىڭ فرانسۇزچە سەھپىسى ئۈچۈن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 2008- يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىتې جەمىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ كۆچمەنشۇناسلىق ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى كەسپى بويىچە تەتقىقات ماگىستىرلىقىنى باشلىغان. ھازىر فرانسىيە ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتىدە كۆچمەنشۇناسلىق بويىچە دۇنيادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ھەققىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ. دىلنۇر ئوقۇشتىن سىرت يەنە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش پالىيەتلەرنى كۆپ قېتىم تەشكىللەپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. ئۇندىن باشقا فرانسىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا ياردەم بىرىش، ئۈز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش شۇنداقلا مەكتەپداشلىرىغا ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئوغۇز نامىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى قۇرۇلغان. يەنە بلوگباستا ئاچقان فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ئوچۇرلىرىنى بىرىشنى مەقسەد قىلغان بلوگمۇ بار. دىلنۇرنىڭ بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى, ئىتالىيەدىكى ئىلمى مۇنازىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى, قاتارلىقلار بار.
فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز
يېقىندىن بېرى، بارغانسېرى فرانسىيەدىكى مەيلى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى بولسۇن، ئۇيغۇرپەرۋەر ياكى يىراقتىن كۈزەتكۈچىلەر بولسۇن، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز ئوغۇزغا كېلىۋاتقان ياخشى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال : ”سانىڭلار شۇنچە ئاز، فرانسىيەدىكى تۇرۇش ۋاقتىڭلار شۇنچە قىسقا تۇرۇپ، نېمىدىگەن جانلىق ۋە مىللەتپەرۋەر سىلەر؟ بۇنچىلا غەيرەت ۋە ئېنىرگىيەنى نەدىن ئالىسىلەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھەيران قالارلىقمۇ؟“
ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىزنى فرانسىيەدە مۇشۇ يوسۇندا تونۇشتۇرۇپ، فرانسۇز ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇرىۋاتقان بىز ئون نەچچە ئوقۇغۇچى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايمىز. دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ ھەر تىپ، ھەر خۇلقتىكى كىشىلەر مەۋجۇت. ئەمما ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز بىلەن فرانسىيەدە توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى باشقىلارغا خۇددى بارلىق ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېرىدىغاندەك تەسىر بەرمەكتە.
دېمىسىمۇ، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە نورۋېگىيەلەردىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، تېز سۈرئەتتە تىل ئېگەللەپ، ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىنىپ، ئاستا-ئاستا فرانسىيەگە ئۇيغۇر ئۇقۇمىنى سىڭدۈرىۋاتىدۇ. فرانسىيەدە ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن 500 گە يېقىن ئۇيغۇر بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىكى يۇرتقا بېرىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. گەرچە 2000- يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى فرانسىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پەقەت 2004- يىلىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى ۋە شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا فرانسىيە خەلقىگە ئۆزىنى تونۇتۇشقا كىرىشتى. بەش يىلدىن كىيىن، پارىژنىڭ ئاۋات كوچىلىرىغا جايلاشقان ئىككى ئۇيغۇر رېستورانى، ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارنى ھەپتىدە بىر توپلايدىغان ياخشى بىر پۇتبول كۇلۇبى، فرانسىيەدىكى سىياسى كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئورگان ۋە بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسەتسىز ۋە دىنسىز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، فرانسىيە ياۋروپادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تور بەتلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، جەمئى 16 تور بەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئۇچۇر بېرىدۇ. ئاز ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇپ، ئۆزىنى مۇستەھكەملىگەن مۇشۇ بىر نەچچە قۇرۇلمىدىنمۇ فرانسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەيرىتى ، تىرىشچانلىقى ۋە كۈچلۈك تەشكىلچانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېسىتىۋاللىرى
2009- يىلى 10- ئايدا، پارىژ دىدىغو ئۇنىۋېرسىتىنىڭ كۆچمەنلىك جەمىيەتشۇناسلىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم. قەدىمىم تەككەن يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئەتراپىمدىكىلەرگە ئېزىپ-ئىچىرىشىمدىن ئىلھاملانغان فرانسۇز ساۋاقداشلىرىم فاكۇلتېتىمىزدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېۋىن ئىسىملىك ساۋاقدىشىم ئىككىمىز پائالىيەت كۈنىنى تەپسىلى تۈزۈپ چىقتۇق ۋە ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا فرانسىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىنى پارىژ دىدېغو ئۇنىۋېرسىتىتى ئىنسان پەنلىرى فاكۇلتېتىدا ئۆتكۈزدۇق. فاكۇلتېتىمىز بىنانىڭ كۆرگەزمە زالىنى بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە بېرىپ تۇردى. پارىژدىكى ئۇيغۇر فوتوگىرافلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدۇق. كۈن تەرتىپىمىز بويىچە چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئائىت فرانسۇزچە بىر فىلىم قويۇپ، رىژېسسورلارنى بۇ فىلىمى ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدۇق. چۈشلۈگى ئۇيغۇرچە يېمەك-ئىچمەك ھازىرلاپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەككۈزدۇق. چۈشتىن كىيىن، ئۇيغۇر سەنئىتى ھەققىدىكى فرانسۇزچە بىر ھۈججەتلىك فىلىم ۋە ئېنگلىزچە تۈزۈلگەن ئۇيغۇر رايونىنى تونۇشتۇرۇش دېسكىسىنى قويۇپ، ئارقىدىن بۇ ھەقتە قاتناشقۇچىلار بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق.
ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىزنىڭ مەقسىدى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى قىيىنچىلىقلىرىغا ئۆز-ئارا ياردەمچى بولۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى فرانسىيە ئالى مەكتەپلىرىدە ئىلمى ۋە مەدىنى يوسۇندا تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدىن تەرەققى قىلىپ، بىر نەچچە كۈنگە سوزۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق.
لۆماڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى
تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالىمىز فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى لۆماڭ شەھرى ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئون كۈنگە سوزۇلغان بۇ فېستىۋال بۇ ئۇنىۋېرسىتنىڭ ھەر يىلى ئوخشىمىغان تېمىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت فېستىۋالنىڭ 2011- يىلقى نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر تېمىسى بىلەن ئىگەللىگەن ئىدى. فرانسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق جوڭگوشۇناس ۋە موڭغۇلشۇناس فغاڭسوۋاز ئوبەڭ خانىمنى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئىلمى ماقالە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىش كېرەككى، فرانسىيەدە مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناس يوق. ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى جوڭگوشۇناس ياكى تۈركشۇناس. فخاڭسوۋاز ئوبەڭ خانىمنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە بىلىمى چوڭقۇر ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى ۋە مۇھەببىتى ناھايىتى كۈچلۈك. بىزنى قاتتىق نارازىغا سالغان ئاتالمىش ”ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوقلۇق نەزەرىيىسى“ نى ئىجدىمائى پەنلەر تەتقىقاتىدا تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان دەل مۇشۇ تەتقىقاتچى ئىدى. شۇڭا مەزكۇر خانىمنى بۇ فېستىۋالغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە بىر ئۇيغۇر جەمىيەتشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن رەددىيە بېرىشىم ۋە ئىلمى نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. ئىلمى ماقالە يىغىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. فخاڭسوۋاز ئوبەڭمۇ ئاخىرى قايىل بولدى.
فېستىۋالدا پارىژدىكى فوتوگرافىمىز قۇددۇس دىلشاتنىڭ سۈرەتلىرى، رەسساملىرىمىزدىن پولات تاھىر ۋە ماخمۇت ئۆمەرلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئون كۈن ئۇنىۋېرسىت ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ناخشىچىمىز ئەلى ئىسمائىل (ژانى) ناخشىنىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قالماي، يەنە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ناھايىتى ئوخشىتىپ تەييارلىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە، پارىژدىن بارغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بىرلىكتە فېستىۋالغا تارتىلىدىغان دەستىرخاننى ھازىرلىدۇق. ھەتتا فرانسۇز دوستىمىز كېۋىنمۇ سامسا ۋە باقالى قىلىشقا ئۇستا بوپ كەتتى. مۇقەددەس مىجىت ئىشلىگەن ئۇيغۇر روك گۇرۇپى قېتىق ھەققىدىكى ھۈججەتلىك فىلىم ۋە پېتىر لومنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىكى دارۋازچىلىق كۆرسىتىلگەن فىلىمى قويۇلدى. مۇقەددەس يەنە مەخسۇس بىر سائەتلىك ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۈگىنىش دەرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئون نەچچە فرانسۇز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۈگەتتى. بىرىنجى كۈنى كەچتە لۆماڭ شەھرىدىكى ئىككى كىشىلىك گىتار گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئەلى ۋە شىرزاتلار ئۇيغۇر كونسېرتى بەردى.
بوغدو ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى
بوغدو شەھرى فرانسىيەنىڭ غەربى-جەنۇبىغا جايلاشقان چوڭ شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، داڭلىق بوغدو قىزىل ھارىقىنىڭ ماكانىدۇر. بوغدودا تۆت ئۇنىۋېرسىت بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى 2012-يىلى يانىۋارنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ئىجدىمائى پەنلەرنى ئاساس قىلغان بوغدو 3- ئۇنىۋېرسىتىنىڭ جۇغراپىيەشۇناس ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈنگە سوزۇلغان بۇ مەدەنىيەت بايرىمىدا جەمئىي ئالتە تەتقىقاتچى ئوخشىمىغان تېمىلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلمى ماقالە ئوقۇدى ۋە يىغىن زالىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بوغدو شەھرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ يەردە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئەڭ كۆپ. بوغدو 3- ئۇنىۋېرسىتىتى جوڭگوشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرشۇناس غېمى كاستەت، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس داۋىد گوزەخ، بوغدو ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى تەتقىقاتچىسى ۋە جۇغراپىيەشۇناس، فرانسىيەدىكى ئەڭ نوپوزلۇق دىياسپورا تەتقىقاتچىسى مىشەل بغۈنو، بوغدو مىمارچىلىق مەكتىۋى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر مىمارچىلىقى تەتقىقاتچىسى ژاڭ-پول لۇبلاردىن باشقا يەنە بوغدو ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر دورىگەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نىكولا مورمۇ تەكلىۋىمىزنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆز ساھەسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقات تېمىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى.
فېستىۋالنىڭ تەتقىقات قىسمى غېمى كاستەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونى تارىخىنى جوڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىشى بىلەن باشلىنىپ، جۇغراپىيەشۇناس مىشەل بغۈنو ئەپەندىنىڭ بۇ تارىخنى جوڭگونىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان چىگرا چۈشەنچىسى ۋە يۆنىلىشى بويىچە يەنە بىر قېتىم باشقىچە كۆرسىتىشى بىلەن داۋاملاشتى. بىرىنجى كۈنىنىڭ تەتقىقات تېمىسى مېنىڭ ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكى كىملىك مەسىلىسى ھەققىدىكى ماقالەم بىلەن ئاياقلاشتى. تەتقىقات يىغىنلىرى ئارىسىدا، چۈشلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاتناشقۇچىلار بىر تەرەپتىن زالغا قويۇلغان رەسىم، سۈرەت ۋە كىيىم-كېچەك، مىللى بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدىن بەھىر ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ئىشتىھا بىلەن غىزالاندى .
ئىككىنجى كۈنىدىكى تەتقىقات يىغىنى فرانسىيەدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر مىمارچىلىقى تەتقىقاتچىسى ژاڭ-پول لۇبنىڭ ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ جوڭگودىكى باشقا مىمارچىلىقلاردىن پەرقى ھەققىدىكى ماقالىسى بىلەن باشلاندى. (ژاڭ-پول لۇبنىڭ ”تۇرپان مىمارچىلىقى“ ناملىق كىتابى فرانسۇزچە ئېلان قىلىنغان) بوغدو تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر دورىگەرلىكى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى نىكولا مور ئۆز ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللى تىبابەت ئىنىستىتۇتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق تەتقىقاتى ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇيغۇر دورىگەرلىكى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەردى. فېستىۋالنىڭ تەتقىقات قىسمى ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس داۋىد گوزەخنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە جوڭگودىكى قىرغىزلار ھەققىدىكى ماقالىسى بىلەن ئاياقلاشتى.
فېستىۋالغا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئاڭلاشقا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، فېستىۋال ئاخىرىدا نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى يۈزەكى يەنى جوڭگودىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت دېگەن ئۇقۇمدىن باشقا تونۇشى بولمىغانلىقىنى ۋە بۇ فېستىۋالدىن ئۇيغۇرلارنى بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىگە بولغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى. خۇددى لۆماڭ ئۇنىۋېرسىتىدىكىدەك، بىرىنچى كۈنى ئاخشىمى پارىژدىن كەلگەن ۋە بوغدودا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە فېستىۋال ئىشتىراكچىلىرىنى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرىدىن بەھرىمەن قىلدى.
ستراسبۇرگ ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى
ستراسبۇرگ شەھرى گىرمانىيە بىلەن فرانسىيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان چىگرا شەھەر بولۇپ، فرانسىيەدىكى بىردىنبىر ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئالزاس رايونىنىڭ مەركىزى بولۇپلا قالماي، ياۋروپا پارلامېنتى جايلاشقان مۇھىم شەھەر ھېساپلىنىدۇ. مەن شەخسەن دوكتۇرلۇقۇمنى ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىم ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇتقۇچۇم ئۇيغۇرشۇناسلىققا قىزىققانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر فېستىۋالى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم پىلانىمىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيەدىكى ئىككى تۈرك تىللىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ بىرى مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەسىرىدە، مەن قاراشلىق ”ياۋروپادا مەدەنىيەتلەر ۋە جەمىيەتلەر“ تەجرىبىخانىسى، تۈرك تىللىرى فاكۇلتېتى ۋە ئالزاس ئىنسان پەنلىرى ئۆيى (ئالزاس رايونلۇق ئىنسان پەنلىرى ئاكادىمىيىسى) نىڭ ئىقتىسادى ۋە ماتىرىيال جەھەتتىن قوللىشى ۋە ستراسبۇرگ تۈركشۇناس ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بۇ يىل ماي ئىيىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىككى كۈنلۈك ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تەتقىقات فېستىۋالى ئۇيۇشتۇردۇق.
فېستىۋالنىڭ تەتقىقات قىسمىنى ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ”ياۋروپادا مەدەنىيەتلەر ۋە جەمىيەتلەر“ تەجرىبىخانىسى ئىقتىسادى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئالزاس رايونلۇق ئىنسان پەنلىرى ئاكادېمىيىسى تەتقىقات يىغىن زالى ۋە كۆرگەزمە زالى بىلەن تەمىنلىدى. مىللى ناخشا-مۇزىكا قىسمى ئۈچۈن، ياۋروپا دوكتۇرلۇق مەكتىۋى كونسېرت زالىنى ئىشلىتىشىمىزگە ھازىرلىدى. بۇ قېتىملىق فېستىۋال ھەتتا فرانسىيە-گىرمانىيە ئورتاق دۆلەت مەدەنىيەت تېلىۋىزىيە قانىلى بولغان ئاختې تەرىپىدىنمۇ قوللاشقا ئېرىشتى. فېستىۋالدا قويغان ھۈججەتلىك فىلىم ”تارىم مومىيالىرى“ بۇ قانال تەرىپىدىن فېستىۋالىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش تىلەكلىرى بىلەن ئۇيۇشمىمىزغا سوۋغا قىلىندى.
چۈشتىن كىيىن، ستىراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىللىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تىلشۇناس يوھان شتىخوسنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن باشقا تۈركى تىللارنىڭ پەرقى ھەققىدىكى ماقالىسى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيرانلىقى ۋە ھاياجىنىنى تېخىمۇ پەللىگە كۆتۈردى. بىر نېمىس تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى بۇ قەدەر ئىنچىكە ۋە تولۇق ئىگەللىشى، بۇ قەدەر نازۇك ۋە چوڭقۇر ئانالىزى بىزنى ئويغا سالدى. فېستىۋالنىڭ تەتقىقات قىسمى مېنىڭ مىللى كاتېگورىيە ۋە ئۆزگىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى ماقالەم ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن ئىلمى مۇنازىرىلەر بىلەن ئاياقلاشتى.
فېستىۋال چىقىملىرى
ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مەدەنىيەت- تەتقىقات فېستىۋاللىرىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قالغان فرانسۇزلاردىن بۇنداق چوڭ تىپتىكى تەشكىللەشلەرگە كېتىدىغان شۇ قەدەر چىقىمنى قانداق ھەل قىلغانلىقىمىزنىڭ سىرى ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم مەندىن سورىغانلار بولدى. بۇ سوئالنى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ مەندىن سوراپ باقتى. ئەمەلىيەتتە، بۇنى بىز تامامەن ئىتتىپاقلىق كۈچىمىز ۋە قۇربان بېرىش روھىمىز بىلەنلا ھەل قىلمىدۇق. بىزنىڭ ھەربىر ئۇنىۋېرسىتتا فېستىۋال ئۇيۇشتۇرۇشتىكى بىرىنجى شەرتىمىز شۇ مەكتەپنىڭ بىزنىڭ پارىژدىن كېلىش-كېتىشىمىز ۋە ياتاق مەسىلىمىزنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئەڭ بولمىغاندا، بىزنىڭ بېرىپ-كېلىشىمىزدىكى يول كىرارىمىزنى ھەل قىلىشىدۇر.
بوغدو ئۇنىۋېرسىتىدا، دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا بۇزۇلۇش كۆرۈلۈپ، ئېلىنغان بېلەتلەر بىكار بولغىنى ۋە قايتىدىن بېلەت ئېلىشقا قۇربىمىز يەتمىگىنى ئۈچۈن، فرانسۇز دوستلار بېرىپ تۇرغان ماشىنىلار ۋە ئاز-تولا يىغىلغان ئىئانىلەر بىلەن كىرا مەسىلىمىزنى ھەل قىلدۇق. بوغدو شەھرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەچچىسى ئۆز ئىشلىرىنى قويۇپ، بىز بىلەن تەڭ فېستىۋالغا ياردەملەشتى. بوغدو بىرىنجى ئۇنىۋېرسىتىغا تەكلىپ بىلەن كەلگەن دوكتۇر ئاشتى ئاكىمىز، ياش فىزىكا ئالىمى مەمتىمىننىڭ ئائىلىسى بىزنىڭ ياتاق-تاماق مەسىلىمىزنى پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالدى ۋە فېستىۋالنىڭ تائاملىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەردى.
ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىدا، تەتقىقاتچىلارنىڭ يول كىرا ۋە ياتاق چىقىمى ”ياۋروپادا مەدەنىيەتلەر ۋە جەمىيەتلەر“ تەجرىبىخانىسى ۋە تۈركى تىللار فاكۇلتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولسا، قالغان ئەزالىرىمىزنىڭ يول كىراسى بىزنىڭ ھەمكارىمىز تۈركشۇناس ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ھەل قىلىندى. ستراسبۇرگ شەھرىگە ئولتۇراقلىشىپ قالغان خېۋىر ئاكىمىزنىڭ ئائىلىسى بىزنىڭ ياتاق – تاماق مەسىلىمىزنىلا ھەل قىلىپ قالماي، يەنە پۈتۈن فېستىۋالغا قويغان ئۇيغۇر تائاملىرىنىمۇ تامامەن ئۈستىگە ئالدى.
ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە. بىزنىڭ بۇ قەدەر چوڭ تىپتىكى شۇنچىلىك تەرتىپلىك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات فېستىۋاللىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزەلىشىمىزنىڭ سىرى مانا مۇشۇ.
قىيىنچىلىقلار
تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز فرانسۇز تىلى ئۇيۇشتۇردۇق. دەرسنى جەمىيەتشۇناسلىقتا بىللە ئوقۇغان فرانسۇز ساۋاقداشلىرىم ئۈستىگە ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تىلى ھەۋىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ تۇققانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەقسىز دېگۈدەك تۈرك تىلى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ دەرسنىمۇ ئىستانبۇلدىن كېلىپ، پارىژدا ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان تۈرك ئوقۇغۇچىلار بەردى.
يەنە ئاخىرى بار، يېزىلىۋاتىدۇ. كەينىدىكى قىسمىغا ئىشلەنگەن ۋىدىيولار ۋە رەسىملەر تۇلۇقلىنىدۇ.
[...] بىلەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئىنسان پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۇيۇشتۇردۇق.بۇ پائالىيەتتىن كەلگەن ياخشى ئىنكاسلار ۋە [...]
[...] بىلەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئىنسان پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ پائالىيەتتىن كەلگەن ياخشى ئىنكاسلار ۋە [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار-ھە!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ…
ئەلۋەتتە يۇرتتىكى يېگىت-قىزلىرىمىزدىمۇ شۇنداق ئۇرغۇپ تۇرغان مىللىي روھ بار.گەپ ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا ئىشلىتىش ۋە باشقىلارغا بىلدۈرۈش.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا شۇنداق خۇشپۇراقلىق ئىلمىي ئۆگىنىش مۇھىتىنى ھازىرلاش،دائىملا قاقشاش ۋە زارلىنىشنىڭ ئورنىغا شۇ ئۇرغۇپ تۇرغان مىللىي روھنى ئىلىم ئۆگىنىشكە سەرىپ قىلساق،ئەلۋەتتە ئىش باشقىچە بولۇپ، بۇ خەۋەرلەرگەا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرماي، بىزمۇ يۇرتتا شۇنداق چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيتتۇق دەپ ئويلايمەن. باشقا قېرىنداشلار قانداق قارايدىكىن؟
خاتىمە: غاپىل ئويغاق بولسىمۇ ئۇيقىدىدۇر،ئۇنىڭغا ئويغاقلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇدۇر.
غاپىللاردىن بولۇپ قالماي، بۆشۈكتىن قەبرىگىچە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرايلى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
jek apande . yahximusiz !
man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay man .ham siz neng dawam lik halkigiz ga muxundak nader temilar ne tamen lxigiz ne umut kilman .
yukar temdeki , uyghur okuguqelay uyux mesning tor beti biz ning china da nor mal eqil maydekan ….hapa bollmay muxu temini taman ligan lar belan alakilxip , ularning imel adersene tep beralasiz mu ?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىلەرگە ئاپىرىن، باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان بالىلارمۇ سىلەردىن ئۈلگە ئالسا بولغۇدەك، مەن ئامېرىكىدىكى شۇنچە جىق ئۇيغۇرنىڭمۇ بۇنچە جانلىق ۋە تەشكىللىك پائالىيەتلەرنى قىلغىنىنى ئاڭلىمىغان، شەخسەن ئۆزەممۇ ئويلاپ باققان لېكىن قىلىپ باقمىغان. مەنچە سىلەر مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە يارتىپسىلەر. بولسا پائالىيەت جەريانىدىكى تەجرىبە ساۋىقىڭلارنى، ئۇيغۇرلار ئارا، ئۇيغۇرلار بىلەن شۇ دۆلەتتىكى ئورگانلار ئارا، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئارا ئالاقىدە قانداق تەجرىبە ساۋاقلارغا ئېرىشكەنلىكىڭلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار.ڧڧ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مىنىڭ نەزەرىمدە، ئۆز يۇرتىدا كالىغا ئوخشاش يەپ – ئىچىپ، شاتۇتقا ئوخشاش سۆزلەپ يۈرگەندىن، ئۆزگە يۇرتلاردا ئەنە شۇنداق مىللىتىم، ئۇيغۇرۇم دەپ ياشاشمۇ نىمە دېگەن مەنىلىك؟!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بۇ تىمىنى ئىككىنچى قىتىم ئوقۇشۇم ھېسابىلىندۇ ,ئوقۇغانسىرىم سىلەردىن ,مىللىتمدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمەن ,بۇنداق كىشلىرىمىز پەقەت مەن بىلەنلا چەكىلىنىپ قالمايدۇ ,ئەلۋەتتە . بولسا سلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل پالىيەتلرڭلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرشۇڭلارنى سورايمەن. مەنمۇ بىر يا ت خەلىق ئارىسىدا بىلم ئاشۇرۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسىسلەپ ئاشىتى .ئۇيغۇرۇم سىلەرگە ئوخشاش ئوغلانلارغا مۇختاج.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ.
جېك مالىم، بىلوگىڭىزدىن مەمتىمىن مالىمنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم.
پائالىيىتىڭلاربەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىر خىل قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم قوزغالدى …
جىكجاااااااااااااان ، پات پات يىڭىلاپ تۇسا دەيمە ، پەسىلدە بىر دىن يازماي ، مۇمكىن بولسا ، ھەپتىدە بىردىن يازما يازىلى …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
فېسىتىۋاللىرى
ئۇشبۇ سۆزنى بايرام ياكى پائالىيەت دەپ ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۆزگە يۇرتلاردا ئاسان ئەمەس جۇمۇ ~
جىك ئەپەدىم بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىڭزمۇ ؟ يامان ئاستا يىڭلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ بلوگىڭىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel