Articles Archive for يانۋار 2008
ئىلھام, خەۋەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇتكەندە بىز ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۈھبەت ئۈتكۈزۈپ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە تەتقىقاتى توغرىسىدا بىر مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەنلىكىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. ۋاقىت ئالدىراشچىلىقى ۋە تېخنىكا سەۋىيمىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخسىنى ئىشلەشتە سەل كەينىگە سۈرۈۋېتىپ قالدۇق. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈلىشى ئاساسەن پۈتتى. تورغا يوللاشتىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن تولۇق فىلىم جەمئى ئالتە ھۈججەتكە بۈلۈپ تەييارلاندى. بۈگۈندىن تارتىپ كۈندە بىر قىسىمدىن ئىلان قىلىمىز. ھازىر بىرىنچى قىسمىدىن ھوزۇرلانغايسىزلەر.
ئامرىكدىكى ئىشلار »
ئامرىكىغا كىلىشتە ئوقۇش ئۈچۈنلا كىلىش ھاجەت ئەمەس ئامرىكىغا كۈچمەن بۇلۇپ كىلىشتە تېخىمۇ شۇنداق،قايسى كۈنى بىر قصز بالا بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئامرىكىغا كىلىمەن دەپ ھازىرغىچە خەجلىگەن پۇلى نەچچە يۈز مىڭ كوي بولۇپ بوپتۇ، ئىككى قېتىم ئەلچىخانىدىن ۋىزا ئالالماي قايتۇرۋىتىپتۇ. بېيجىڭدا يەنە يول ئىزدەپ يۈرۈۋىتىپتۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئاتا ئانىسى بايلارنىڭ ئامرىكىغا قانۇنلۇق كۈچمەن بۇلۇپ بىۋاستە ئامرىكنىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالىدىغان يەنە بىر تۈرى بار. ئۇ بۇلسىمۇ ئامرىكىغا مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن ئۇدۇللا يېشىل كارتا ئېلىش. بۇ ھازىرغىچە ئامرىكىدىن يېشىل كارتا ئېلىش تۈرلىرىنىڭ ئەڭ تىز بىجىرلىدىغىنى ئىكەن. شۇنداق بۇلغاندا خەجلىگەن پۇلى تېخىمۇ بىكار كەتمەيدۇ، …
ئامرىكدىكى ئىشلار »

ئۈتكەن يىلى ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كۈزدە كاناداغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۈشۈكۈر كانادادا ئوقۇش ئىشلىرى توغرىلىق بىر ماتىرىيال تەييارلاۋاتقان بۇلۇپ تۈۋەندىكىلەر شۇلارنىڭ بىر قىسمى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ ۋاختىنى تىجەپ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش يولدىكى بالىلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكى يەنە باشقا بورۇن چەتئەلگە يىڭى چىققان باشقا دوستلارغىمۇ ئۆرنەك بۇلغۇسى. ھەممەيلەن كەينىدىكى ئىز باسارلار ئۈچۈن مەلۇم تەجرىبە يېزىپ تۇرساق باشقىلار ئەگرى يولنى ئاز باسىدۇ. ماتىرىيال ئىنگىلىس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ مەن شۇ پېتى چاپلاپ قويدۇم.