Articles Archive for ئۆكتەبىر 2008
ئىلىم-پەن »

غۇۋا ئىنىرگىيە ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە 1915-يىلى ئىينىشتىيىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيسىنىڭ بىر گۇرۇپپا تارتىشىش كۈچى تەڭلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەڭلىمىنىڭ نەتىجىسى ئالەمىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرگەن .بىراق بۇ ئىينىشتىيىننىڭ ئالەم تىنىچ تۇرىدۇ دىگەن نۇقتىنەزىرىگە خىلاپ ئىدى،شۇڭا بۇ تەڭلىمە نەتىجىسىنى ئالەمنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىينىشتىيىن تەڭلىمىگە بىر تۇراقلىقنى كىرگۈزگەن ،مانا بۇ بىز ھازىر ئىيتىپ كىلىۋاتقان ئالەم تۇراقلىقى ئىدى . كىيىن كىشىلەر ھاببىل بوشلۇق تىلىسكوپى بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئالەمنىڭ كىڭىيىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ<ئالەم تۇراقلىقى>ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى تارتىشىش كۈچى
ئىلىم-پەن »

كۈچلۈكلىكى ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرەيدىغان مەيدان ئىككى خىل 1.ئىلىكتىر ماگنىت مەيدانى. 2. تارتىشىشش كۈچى مەيدانى (ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئەسلەڭ). ھەمىمىزگە مەلۇم زەرەتلەر مەنپى زەرەت ۋە مۇسبەت زەرەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل.ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا تارتىشىش كۈچى ۋە تىپىشىش كۈچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ تەسىرى بولىدۇ-دە مۇشۇ خىل كۈچ تەسىرى ئاستىدا ئۇلار مەلۇم ئارىلىق ياكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بىراق تارتشىشى كۈچى مەيدانى ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭدا پەقەتلا تارتىشىش كۈچىدىن ئىبارەت بىرخىللا كۈچ تەسىرى بولىدۇ.مەلۇم ماسسىغا ئىگە جىسىم يەنە بىر جىسىم بىلەن تارتىشىدۇ.شۇنداقلا ماسسا ئاشسا بۇ خىل كۈچ زورىيىپ بارىدۇ.شۇڭا ئەگەر مەلۇم ماسسىغا ئىگە بولغان
كولتىگىن »

خېشېنننىڭ خىيانەت قىلىپ غايەت زور مال-مۈلۈك توپلاپ جەريانىنى مۇلاھىزە قىلغاندا،سەۋەبنى خېشېننىڭ ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدىگەندىن باشقا،پېۋدالىزىملىق پادىشالىق تۈزۈمىدىن ۋە چىئەنلۇڭخاندىنمۇ سەۋەپ ئىزدەش كېرەك.پادىشالىق تۈزۈمدە،خان بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئوغلى،بارلىق زىمىن خانغا تەۋە،بارلىق چىڭ پۇقرالىرى پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ قارىلىدۇ.گەرچە خان بولغۇچىنىڭ ھەرىكىتى ئائىلە نەسەپنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ،ۋاقتى قارانى كەلگەندە رىئايە قىلمىسا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق بۇلۇپ،ھەرقانداق ئادەم زۇۋان سۈرەلمەيدۇ.ھوقۇق نازارەتسىز قالغاندا،ئۈنۈملۈك چەكلىمىگە ئۇچۇرمىغاندا،ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولغان كىشى ئۆزىنىڭ سۈبىكتىپ ئارزۇسى بۇيىچە مەلۇم بىر پەرماننى چۈشۈرگەندە
كولتىگىن »

خېشېننىڭ شۇ دەۋرگە ،يېشىغا نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەردېمەي ھىچ ئامالىمىز يوق.خېشېننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۈپكى ئامىل،بىرىنچىدىن ئۇنىڭ تالانتى ۋە مول بىلىمى.ئىككىنچىدىن چىئەنلۇڭخاننىڭ زور ئىشەنچىسى.ئۈچىنچىدىن خېشېننىڭ مال-دۇنياسى.بۇ ئۈچ ئامىل بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ.ناۋادا خېشېننىڭ تالانتى بولمىغان بولسا،چىئەنلۇڭخانغا ھەرقايسى تەرەپتىن يېقىپ قېلىشى ناتايىن،دەماللىققا يېقىپ قالغان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.خېشېننىڭ تالانتى، مول بىلىمى،كىچىكىدىن تىرىشىش روھى ۋە كېلىشكەن قەددى قامىتى چىئەنلوڭخاننىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان،ئۇزۇن مۇددەت بىرگە تۇرۇش جەريانىدا،ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن
Featured, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار »

ئامرىكا يۇقىرى ۋە تۈۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [Bailout Plan] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون [Treasury Secretary Hank Paulson] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاستە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. نەچچە سوقۇشۇپ يۈرۈپ، كىچە كىچە خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئەسلى ئۈچ بەت يوللانغان پىلاننى 400 بەتكە يەتكۈزۈپ ئاران ئۈتكۈزگەن بۇ پۇلنى …
ئويلانمىلار, كولتىگىن »

كىرىش سۆز:يېقىندىن بۇيان كىنو تېلۋۇزورلاردا،چىڭ سۇلالىسى ھەققىدىكى تېلېۋزىيە تىياتىرى ئاينىپ قالدى.مەسىلەن“دوك ۋەزىر لىۇيوڭ“،“چىئەنلۇڭ خاندانلىقى“،“تەدبىركار جىشاۋلەن“قاتارلىقلار.بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا،تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىسمىلا ھەقىقى بۇلۇپ،ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلۇپ چىققان.ھەتتاكى 360گىرادۇس بۇرىۋەتكەن.مەسىلەن ئالساق،دوك ۋەزىر لىۇيوڭ دېگەن فىلىمدە،“يېزىق ماجىراسىنى“لىۇ يوڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،بۇ ماجرانى تۈزەيدۇ.ئەمەلىيەتتىكى تارىختا بولسا،لىۇيۇڭ جىئاڭسۇدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا،ئارقىمۇ-ئارقا ”يېزىق ماجراسى“نى پەيدا قىلىپ خانغا مەلۇم قىلىپ،تۆھپە كۆرسىتىپ،ئەمىلى ئۆسىدۇ.لىۇيوڭ ”تەشرىپدارلىق“تىن ئۆتكەن ۋاقىتتا
ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

لىكىن مەن پارلامىنىت ئەزاسى ماككايننىڭ ئۇسۇلىغا قوشۇلالمايمەن،بىز كەسكىن تەدبىرلەرنى روسىيە ۋە جوڭگۇغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بولماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز،مىنىڭچە پا ئە ماككايىن بۇ نۇقتىغا قوشۇلىشى مۇمكىن:بىز يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئىران بىلەن بىر سودىنى پۇتۇشسەك بولىدۇ. بىراق ،مىنىڭچە بىز ئىرانغا بىۋاستە كەسكىن دىپلوماتىيە يولى بىلەن يۇزلىنىشىمىز كىرك،بۇ دەل مەن بىلەن پا ئە ماككايىن ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپتۇر. بىز جازالىماقچى بولغانلار بىلەن سۆزلىشش چارىسى كارغا كەلمىدى، بۇ چارە ئىرانغا ئاقمىدى.چاۋشىيەنگە ئاقمىدى.بىزنىڭ ھەرقىتىملىق يىتىم قالدۇرۇش ئۇچۇن قىلغان ترىشچانلىقىمىز ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋىلىش قەدىمىنى تىزلەتتى. مەن پىرىزدىنىت بولسام
ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر »

بۇ پائالىيەتنى پىرىزدىنتلىق مۇنازىرە كومىتىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، باشقا3 مەيدان پىرىزدىنتلىق ۋە مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق مۇنازىرىسى ئۆكتەبىردە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇگۇن كەچلىك مۇنازىرە دىپلوماتىيە سىياستى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەركەز قىلىپ ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇلار ئۆز دائىرسىدە يەنە يەرشارى مالىيە كىرزىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇنازىردە كەسكىن ھالدا 9مىنۇتلۇق ئۆلچەم بويىچە ئايرىلىدۇ. تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق قارارقىلىنىدىغان تەرتىپ بويىچە ھەر بىر نامزاتنىڭ نۆۋەتتىكى سۇئالنى جاۋاب بىرىشقا ئىككى مىنۇت ۋاقتى بولىدۇ.ماسلاشتۇرغۇچى بىلەن نامزاتلار ئوتتۇرسدىكى دىئالوگلار نامزاتلار جاۋاب بىرىپ بولغاندىن كىين ئىلىپ بىرىلىدۇ.جاۋاب بىرىلىدىغان
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

ئامرىكىدىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۇش زەھەردەك قىممەت. شۇڭا ھۈكۈمەت ھەممە ئادەمنى سۇغۇرتىغا قاتنىىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. خىزمىتى بارلارنىڭكىنى خىزمەت ئورنى ئېلىپ بىرىشى كىرەك. ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم داۋالنىش سۇغۇرتىسى بۇلۇشى كىرەك ( پۈتۈن ئامرىكىدا شۇنداقمۇ ئۇخمىدىم). ھىچ يەردە ئىشلىمەيدىغانلار ئۆزى ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئامرىكىدا بىر قىسىم نامراتلارنىڭ سوغۇرتىسى يوق. سوغۇرتىسى يوقلار كىچىدە جىددى قۇتقۇزۇشقا بارارمىش، جىددى قۇتقۇزۇشقا بارسا ھەقسىزمىش. ئۇندىن كىيىن تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ھۈكۈمەت تىزىملىغان نامراتلار، خىزمىتى بار بولسىمۇ بالىس جىق نامراتلار دىگەندەك بۇلار داۋالىنىپ بولغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت كۈتۈرەرمىش،
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

بۇ يەردە ھازىرغىچە كوچىدا يا مەكتەپتە سوقۇشۇپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئادەتتىكى گەپ تالىشىپ ئورۇشۇپ قالىدىغانلار يوق دىيەرلىك. سوقۇشىدىغانلار ياكى ئېىتىشپ كىتىدىغانلار ئاساسەن قار جەميەت كۈرۈنۇشى بارلار، بىر بىرى بىلەن مەنپەئەت ئىشلىرى بىلەن ئېتىشارمىش. ئۇندىن باشقا جەميەتكە نارازىلىق ئىشلىرى بىلەن قورالنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باشقىلارنى ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ بەزىدە خەۋەردە كۆرۈپ قالىمىز. مەسىلەن ۋىرگىنيەدىكى قاتىللىق. مەن تۇرۋاتقان يەردە ئۆتكەن يىلى بىرسى چىركاۋغا كىرىپ بىر مۇنچە ئادەمنى ئېتىۋىتىپتىكەن. ئۈزىمۇ شۇ چىركاۋغا بارىدىغاندىن ئىكەندۇق. بۇ يەردە كىچىك جىدەللەر، سوقۇشلار ئاز چىقىدىكەن. ئادەم بەك جىق كىرىدىغان كۇلۇبلاردا بەزىدە سوقۇشلار بۇلىدىكەن، خەۋەرلەردە كۆرۈپ قالىمەن