2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى(2) The translated transcript of the 1st presidential debate
(كۆرگىنڭىز تىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولۇپ ئاۋال بېشىنى ئوقۇڭ)
بۇنىڭ ئۇچۇن 1983-يىلىغا قايتىمىز،ئۇ چاغدا مەن يىڭىدىنلا دۆلەت مەجلىسىگە كىرگەن ئىدىم.شۇچاغدا مەن ئەڭ زوقلىنىدىغان، ھىلىھەممۇ ئەڭ زوقلىنىدىغان شەخس رونالد رىگان دىڭىز ئارمىيسنى لىۋانغا ئەۋەتمەكچى بولدى. مەن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلىدىم. دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇنىڭغا قارشى بىلەت تاشلىدىم.چۇنكى مەن بىزنىڭ ئۇ يەردە 300-400دىڭىز ئارمىيە ئەسكىرىمىز بەدىلىگە تىنچلىق بەرپا قىلالشىمىزغا ئشەنمىدىم.تىراگدىيە شۇ بولدىكى،مىنڭ توغرا بولۇپ چىقتى.300گە يىقىن دىڭىز ئارمىيسى ئەسكىرى چىدىرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. كىين بىز سومالىيەگە كەلدۇق،كىين يەنە قولتۇق ئۇرۇشىغا كەلدۇق.مەن بۇلارنى قوللىدىم. مەن قوشۇنىمىزنىڭ بوسنىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللىدىم.پارتىيداشلىرىم ۋە بىر قىسىم خىزمەتداشلىرىم بۇنىڭغاقارشى تۇردى.ياۋروپا زىمىنى ئىچىدە ئىرقى قىرغىنچىلىققنى توختىتىش -توغرا ئش ئەلۋەتتە. مەن بىزنىڭ كوسوۋۇدىكى ھەركىتىمىزنى قوللىدىم.مەن ئۇنى قوللىدىم،چۇنكى ئۇ ئىرقى تازىلاش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۇرگۇزۇلگەن ئىدى. مىنڭ شەخسى تەجربىلىرىم ،ئارخىۋىم بار،سومالىيەدە،مەن سومالىيەدە تىنچلىق ساقلىغۇچى قسمنى ئۆزىمىز كۇچىمىز يەتمەيدىغان تىنچىلىق بەرپا قىلغۇچى قىسىمغا ئۆزگەرتىشكە قارشى بىلەت تاشلىدىم.
شۇڭا مىنىڭ تارىخىم بار،مىنڭ ئنتايىن يۇقىرى مەسئۇلىيەت ۋە كەسكىن قارار تەلەپ قىلىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئشلار بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخىم بار. ھەرقانداق پىرىزدىنىت بىزنىڭ ياش ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى ئاشۇنداق زىيان- زەخمەتلىك ئۇرۇش قوينىغا ئەۋەتىشى مۇمكىن.
سىلەرگە بىر ئشنى ئىيتىپ بىرەي،مەن يىڭى ھامپىشىر شىتاتىنڭ ۋولف بورو شەھرىدە بىر يىغىلىشقا قاتناشتم.بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ:‹‹پارلامىنىت ئەزاسى ماككايىن،مەن سىزنىڭ ئوغلۇمنىڭ ئسمى چۇشۇرۇلگەن بىلەزۇكنى سىلىۋىلىپ ،ماڭا شەرەپ ئەكىلىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن ››‹‹ئۇنىڭ ئسمى ماتتىۋ سىتانلى، بۇ يىل 22 ياش ئىدى. ئۆتكەن يىلى رودژستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇن باغداتنىڭ سىرتىدىكى بىر قىتىملىق جەڭدە ئۆلۇپ كەتتى.›› بۇ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستا بولغان ئش.مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن ؛‹‹بولىدۇ،مەن ئۇنى شەرەپ دەپ بىلىپ سىلىۋالىمەن ››دىدىم. بۇ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا بولغان ئش.ئارقىدىن ئۇ ماڭا:‹‹بىراق پارلامىنىت ئەزاسى ماككايىن ،سىز ماڭا قولىڭىزدا ھوقۇق بولسىلا ھەممە ئشنى،ياق بىرلا ئشنى قىلىپ بىرىشكە ۋەدە بىرىڭ :‹‹ئوغلۇمنىڭ ئۆلۇمى بىكارغا كەتمىسۇن››
بۇ بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز ،خۇددى باغدادتا قايتا تىزىملاتقان ياش جەڭچىلەردەك غەلبگە قاراپ يۇزلىنىۋاتىدۇ دىگەنلىكتۇر.بۇ خۇددى ئەتسى ماڭا ئايرىپورتتا ئۇچراپ ئوغلىنىڭ ئۆلۇمى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئاپىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ماس كىلىدۇ.ئۇلار ھەممىسى ‹‹بىز مەغلۇب بولماسلىقىمىز كىرەك››دىدى.
………………..
ئوباما:لەھرىر،مەن بىر ئىغىز گەپ قىلاي،مەنمۇ بىلەيزۇك سوۋغىسنى قوبۇل قىلدىم.بىر سىرژانىتنىڭ بىلەزۇكى.سرژانت رىيانىت داۋى جوپىكنىڭ ئاپىسى بۇ بىلەزۇكنى ماڭا ھەدىيە قىلدى.ئۇ مەندىن ‹‹مەن تارتقان بۇ ئازاپلارنى يەنە بىر ئانىنڭ تارتماسلىقىغا كىپىل بولالامسىز ؟››دەپ سورىدى. ھىچقانداق ئامرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۇمى بىكارغا كەتمەيدۇ،چۇنكى ئۇلار ئۆزنىڭ باش قوماندانىنڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.بىز بارلىق ئامرىكا ئەسكەرلىرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمتى ئۇچۇن ئىپتىخارلىنىمىز.بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئاجايىپ قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى.كىلەر نۆۋەتلىك پىرىزدىنىتقا قويۇلىدىغان سۇئال :بىز ئامرىكىنڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۇچۇن خاتاسى بولمىغان كەسكىن قارارنى چىقىرالىدۇقمۇ يوقمۇ دىگەنلىكتىن ئىبارەت.چۇنكى بىزنىڭ قوشۇنىمىزنى جەڭگە ئەۋەتىش ناھايتى زور بىر قەدەم.
لەھرىر:يىڭى سۇئال ،ئىككى مىنۇت بىرىلىدۇ،پا ئە ماككايىن،سىز ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مۇناسىۋتى بىلەن ئىران تەھدىتىگە قانداق قارايسىز؟
مىنىڭ بىر دىموكراتىك دۆلەتلەر ئتتىپاقى قۇرۇش تەشەببۇسۇم بار،بۇ ئورتاق مەنپەئەت،ئورتاق قىممەت قارىشى ،ئورتاق غايىگە ئىگە ،دۇنيانىڭ ئىقتىسادى كۇچنى كونتىرول قىلالايدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر،كىشلەردىن تەشكىللەنگەن ئتتىپاقتۇر.بىز ئىرانلىقلارغا كۆرىنەرلىك ئەھمىيتى بار،ۋايجان دىگۇزەلەيدىغان جازالارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەمەلى ئۇنۇمگە ئىرىشەلەيمىز. ئىرانلىقلارنىڭ ھۆكۇمىتى ناھايتى ئىقتىدارسىز ھاكىمىيەت،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىمۇ بەكلا ناچار،گەرچە ئۇلارنىڭ ناھايتى مول نىفىت بايلىقى بولسىمۇ.شۇڭا مەن فىرانسىۇزلار،ئەنگىلىيەلىكلەر ۋە گىرمانلار ۋە باشقا دىموكراتىك ئەللەر بىلەن بىرلىكتە ئىراننىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمغا قەتئى ئشىنىمەن. بىراق شۇنىڭدا شەك يوقكى،،بىز سۆزلىشىۋاتقان مۇشۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ئىرانلىقلار يادرو قورالىغا ئىرىششنڭ كويىدا يۇرىۋاتىدۇ.بۇ پەقەت رايون ئۇچۇنلا ئەمەس،بەلكى پۇتۇن دۇنيا ئۇچۇن تەھدىت.
مەن يەنە بىر ئشنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى،ئىرانلىقلار ھازىر ئنتايىن خەتەرلىك ئۇسكۇنىلەرنى ئىراققا كىرگۇزۇپ ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۆلۇشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.تىخى يەنە ئىراندا مەشىقلىنىپ يىتشتۇرۇلگەن بىر قىسم ئالاھىدە تەشكىلات ئەزالىرى ئىراقتا ئش چىقىرىۋاتىدۇ.ئىران جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتىنى ئالايلى،پارلامىنت ئەزاسى كىيلى بىر قىتىملىق لايىھىدە ئۇلارنى تىرورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ،پارلامىنىت ئەزاسى ئوباما ‹‹بۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويىمىز ››دىگەنىدى.
بىلىشمىز كىرەككى،ئىران بىر چوڭ تەھدىت.دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۇچۇن چوڭ بىر تەھدىت.شۇڭا مەن شۇنىڭغا ئشنىمەنكى، بىز دوسىتلىرىمىز،ئتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ ئىمكانقەدەر تىزراق ھەرىكەتكە كىلىپ بۇ تەھدىتنى ئازايتىشىمىز كىرەك.چۇنكى ئىراننىڭ ئاخىرقى مەقسىدى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش.
لەھرىر: ئىراننىڭ گىپى،پارلامىنىت ئەزاسى ئوباما.
ئوباما:خوش،مەن ئاۋۋال ئازراق تۇزتىش بىرىۋىتەي،مەن ئىران جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى تىرورچى تەشكىلات دەپ قارايمەن.مەن ئىزچىل شۇنداق دەپ كىلىۋاتىمەن.پارلامىنىت ئەزاسى ماككايننىڭ دىگىنى-پارلامىنتنڭ ئىراق چىگىرسى ئىچىدىكى پائالىيەت دائىرىسنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ئىرانغا تاقابىل تۇرۇش توغىرسىدىكى تەدبىر مەسلىسى.
ئشنىڭ قىزىزق يىرى شۇكى –بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئىراننىڭ خوررىكىنى ئۆستۇرۇپ قويغىنى –دەل ئىراق ئۇرۇشى بولۇپقالدى. ئىراق-ئىراننىڭ مەڭگۇلۇك دۇشمىنى. بۇ ھەممەيلەنگە ئايدىڭ.مانا ھازىر بۇ رايوندا ئىراننىڭ تەسىر دائىرسى بارغانسىرى ئشىپ بىرىۋاتىدۇ. ئۇلار ‹‹ھىزبۇللاھ-ئاللاھ پارتىيسنى ››قوللىدى. ‹‹خاماس››نى قوللىدى،ئۇلار يادرو قورالىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن ‹‹نۆل گىرادۇستىن تاكى 4000 گىرادۇسقاقاراپ يول ئالدى. شۇڭا دىيىش كىرەككى،بىزنىڭ ئۆتكەن سەككىز يىلدىن بىرىقى سىياستىمىز ئاقمىدى.پارلامنىت ئەزاسىنىڭ گىپى توغرا، بىز ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋىلىشىغا يول قويمايمىز.بولمىسا ئويۇننڭ قائىدىسى بۇزۇلىدۇ. ئۇ پەقەت بىزنىڭ قەتئى ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان ئسرائىلىيە گە تەھدىت سىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوتتۇرا شەرقتە بىر قاتار ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۇرۇپ چىقىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئشىمىز بار،بىز تىخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشمىز كىرەك.
لىكىن مەن پارلامىنىت ئەزاسى ماككايننىڭ ئۇسۇلىغا قوشۇلالمايمەن،بىز كەسكىن تەدبىرلەرنى روسىيە ۋە جوڭگۇغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى بولماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز،مىنىڭچە پا ئە ماككايىن بۇ نۇقتىغا قوشۇلىشى مۇمكىن:بىز يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى شەرتى ئاستىدا ئىران بىلەن بىر سودىنى پۇتۇشسەك بولىدۇ. بىراق ،مىنىڭچە بىز ئىرانغا بىۋاستە كەسكىن دىپلوماتىيە يولى بىلەن يۇزلىنىشىمىز كىرك،بۇ دەل مەن بىلەن پا ئە ماككايىن ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپتۇر. بىز جازالىماقچى بولغانلار بىلەن سۆزلىشش چارىسى كارغا كەلمىدى، بۇ چارە ئىرانغا ئاقمىدى.چاۋشىيەنگە ئاقمىدى.بىزنىڭ ھەرقىتىملىق يىتىم قالدۇرۇش ئۇچۇن قىلغان ترىشچانلىقىمىز ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋىلىش قەدىمىنى تىزلەتتى. مەن پىرىزدىنىت بولسام ،بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىمەن.
لەھرىر:پا ئە ماككايىن،بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟
ماككايىن:پا ئە ئوباما مۇنازىرىلەردە ئىككى قىتم ئەخمىدى نىجاد،چاۋىس ۋە پائۇل كاستىرولار بىلەن ئولتۇرۇپ شەرتسىز سۆھبەت ئىلىپ بارىمەن دىدى.شەرتسز سۆھبەت.مانا ئەھمىدى نىجات،ئەھمىدى نىجات دىگەن شۇ ،ئۇ ھازىر شۇتاپتا نىيۇ يوركتا ئسرائىلىيە دۆلىتىنى يوق قىلىش ،ئسرائىلىيەنى خەرىتىدىن ئۆچۇرۇپ تاشلاشنڭ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ.بىز تىخى بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن شەرتسىز سۆھبەتلەشمەكچى؟.ئسرائىلىيە دۆلىتىنى يوقتىمەن دەپ داۋراڭ سىلىۋاتقان بىر ئادەمگە قانۇنلۇق نوپۇز بىرىپ ،دۇنياۋى تەشۋىقات سورۇنى ھازىرلاپ،ئۇلارغا دۇنيا مىقياىسدا ئشەنچ تۇرغۇزۇشقا ،ھەتتا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ‹‹ئۇلارمۇ توغرا يول تۇتۇۋاتامدۇ يە؟››دىيىشكە پۇرسەت بەرمەكچى؟ چۇنكى سىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۇستىلىدە روبىرو ئولتۇرغنىڭىز-ئۇلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشنى قانۇنلاشتۇرغىنىڭىز بىلەن باراۋەر. تارىختىن بۇيانقى پاكىتلارنى سۆزلەيلى،رونالد رىگان ھەرگىز بىرىزنىۋى ،ئاندىرپوۋ ياكى چىرنىنكولار بىلەن تاكى گورباچىۋ (ھەممىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنڭ رەھبەرلىرى) گىلاسنوسىت(ئىچىۋىتىش ) ۋە پىروستورىكا (ئىقتىسادى ئسلاھات )مەسلىسدە يول قويمىغۇچە ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۇزۇپ باقمىغان.
نىكسوننىڭ جۇڭگوغا قىلغان سەپىرىنى ئالايلى،ئاۋۋال ھىنرى كىسىنگىر نۇرغۇن قىتىم جۇڭگوغا كەلگەندىن كين ئاندىن پىرىزدىنت زىيارەتكە بارغان.ماڭا قاراڭ،مەن ھەرقانداق ئادەم بىلەن ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشمەن.بىراق شەرتىم بار.شەرتىم شۇكى،بىز ئەخمىدى نىجاتقا ئوخشاش كىشلەر بىلەن يۇزمۇ-يۇز ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىششنى قانۇن نوپۇزىغا كۆتۇرمەسىلىكىمىز كىرەك. تىخى پا ئە ئوباما شەرتسىز سۆھبەتلەشمەكچى بولۇۋىتىپتۇ.
ئوباما:ئۇنداقتا بىز مۇشۇنىڭ گىپىنى قىلايلى.ئاۋۋال ئايدىڭ بولسۇنكى،ئەخمىدى نىجات ئىراندىكى ئەڭ ئالى ھوقۇقدار ئادەم ئەمەس.شۇڭا ئۇ سۆزلىششكە لايىق كىشى بولماسلىقى مۇمكىن.بىراق مەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى سالاھيتى بىلەن ئامرىكىنڭ بىخەتەرلىكى ئۇچۇن زۆرۈر بولسا ئۆزۇم تاللىغان كىشى بىلەن خالىغان جاي ،خالىغان ۋاقىتتا سۆزلىشش ھوقۇقۇمنى ساقلاپ قالىمەن. مەن پا ئە ماككايىننىڭ دۆلىتىمىز تارىخىدىكى بىۋاستە دىپلوماتىيە مىساللىرىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن مەمنۇنمەن. پا ئە ماككايىن باياتىن ئۆزىنڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ،دۆلىتىمىزنىڭ يىقىنقى دۆلەت كاتىپلىرىدىن بىرى بولغان ھىنرى كىسىنگىرنى تىلغا ئالدى.كىسىنگىر تىخى يىقىندىلا بىز ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشمىز كىرەك دىدى.پەرەز قىلىپ بىقىڭلار،ئەلۋەتتە شەرتسىز سۆھبەت –دە! بۇ دەل سىزنىڭ بىر مەسلىھەتچىڭىز. ئەمدى سىزگە ‹‹شەرتسز سۆھبەت››ھەققىدە تەلىم بىرەي، بۇ دىگەنلىك سىز ئۇلارنى بىر كۇنلۇك مەشرەپكە چاقىرىڭ دىگەنلىك ئەمەس. ئۇ دىگەنلىك –بىز نىڭ ئىلگىرىكى ‹‹سەن بىز دىگەننى قىلمىغۇچە سەن بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلەشمەيمىز ››دەيدىغان كونا قائىدىنى چۆرۇپ تاشلاش دىگەنلىكتۇر. شەرت بىلەن تەييارلىقنىڭ پەرقى بار،ئەلۋەتتە بىز تەييارلىق كۆرۈشىمىز كىرەك.تۆۋەن دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈشىمىز كىرەك.بەلكىم بۇ كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن،چۇنكى ئىران بىر لۇكچەك ھاكىمىيەت ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ.
بىراق مەن بىر نۇقتىنى دەپ قوياي،مەن ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قايتا قاراپ چىقىشنى تىلغا ئالغنىمدا ھەممىسى مىنى ‹‹ئش كۆرمىگەن››دىيشتى.سىز نىمىنى بىلەتتىڭىز؟پىرىزدىنىت بۇش يىقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلچىسى بىل بۇرنىسنى يادرو مەسىلىسى ھەقىدە ياۋروپالىقلار بىلەن سۆھبەتلىششكە ئەۋەتتى. قايتا بىر دەي،بۇ بەلكىم يەنە ئاقمايدۇ،ئەگەر ئاقمىسا بىز باياتىن پا ئە ماككايىن تىلغا ئالغاندەك باشقا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىشپ كەسكىنراق تەدبىر قوللانساق بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ سۆھبەتلىرىمىز ھەقىقەتەن ئاقمىدى،خۇددى چاۋشىيەندە ئاقمىغاندەك.مەن چاۋشىيەننى مىسال كەلتۇرەي،ئۇلار رەزىللىك ئوق بىشنىڭ بىر ئەزاسى .بىز ئۇلار بىلەن چىقىشالمايمىز!!!كىين نىمە ئش بولغانلىقىنى بىلىسلەر!!،ئۇلار يادرو قورالى ياساش ئىقتىدارىنى تۆت ھەسسە يۇقىرى كۆتۇردى.ئۇلار يادرو سىنىقى ئىلىپ باردى.يادرو ئوق بىشنى سىناق قىلىپ ئاتتى.يادرو قورالىنى كىڭەيتمەسلىك شەرتنامىسنى چۆرۇپ تاشلىدى.ئۇلار يەنە يادرو مەخپىيەتلىرىنى سۇرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە سۇنۇپ بەردى. بىز ئۇلار بىلەن قايتا-قايتا دىيشكەندىن كىين،-چۇنكى بۇش ھۆكۇمىتى مۇشۇ يولنى ساقلاپ قالدى-بىز ھەرھالدا مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرگە ئىرىشتۇق.گەرچە ھازىر ئەھۋال سەل ئوخشىمىسمۇ.چۇنكى چاۋشىيەن مەسلىسى –تىخىچە مۇقىملاشقىنى يوق.
ئەمدى مەن بىر ئومۇمى نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي،بۇش ھۆكۇمىتى ،پائە ماككايىننڭ مەسلىھەتچىلىرىنڭ ھەممىسى سۆھبەتلىشش مۇھىم دەۋاتسا ،پائە ماككايىن يەنىلا جاھىللىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بىر نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا تىخى ئسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەنمۇ كۆرۇشمەيمەن دىدى.قاراڭلار، ئۇ تىخىچە ئسپانىيەنىڭ بىزنىڭ ئتتىپاقدىشىمىزمۇ ئەمەسمۇ مۇشۇنىمۇ بىلمەيدىكەن،ئسپانىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسغا كىرگەن ئتتىپاقدىشىمىز ئەمەسما؟
ماككايىن:ئەلۋەتتە شۇنداق.
ئوباما:ئەگەر بىز دوستىلىرىمىز بىلەنمۇ كۆرۈشەلمىسەك ،مەن تىرورىزىمغا ئوخشاش جىددى ئشلار تۇرغان يەردە بۇ دۇنياغا قانداق رەھبەرلىك قىلالىشىڭىزنى تەسەۋۇر قىلالمىدىم.
ماككايىن:مەن تىخى پىرىزدىنت بولمىغاچقا ئاق سارايغا چاقىرىلىدىغان مىھمانلارنىڭ تىزىملىكىنى يىزىپ چىقماپتىمەن.ھازىر مىنڭ كۇرسىممۇ يوق تىخى. قاراڭ،كىسىنگىر ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتىڭ پىرىزدىنىت ئەخمىدى نىجات بىلەن يۇزمۇ-يۇز كۆرۈششنى قوللايمەن دىمىدى.كىسىنگىر بۇنداق دىمىگەن.
ئوباما:ئەلۋەتتە دىمىگەن.
ماككايىن:ئۇ كاتىۋات دەرىجىلىك ياكى تىخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئۇچرىششى بولۇشى كىرەك دىگەن.مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلىشقا ئىلھام بىرىپ كەلدىم.ئىرانلىقلار باش ئەلچى كىروكىر بىلەن باغدادتا كۆرۈشتى.پا ئە ئوبامانىڭ چۇشەنمەي قالغىنى –سىزنىڭ ئسرائىلىيەنى ‹‹سىسىق جەسەت››دەپ ئاتىغان،ھەمدە بۇ دۆلەتنى ۋەيران قىلىپ،ئۇنى خەرىتىدىن يوق قىلماقچى بولغان بىر ئادەم بىلەن سۆھبەت ئۇستىلىگە كىلىپ روبىرو ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىششنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئاشۇ بايانلىرىغا قانۇنى نوپۇز بەرگەنلىكتۇر.
بۇ ھەقىقەتەن خەتەرلىك،بۇ ‹‹ئش كۆرمىگەنلىك››لا ئەمەس،بەلكى ناھايتى خەتەرلىك بىر ئش.شۇڭا بىزنىڭ قاراشلىرىمىز تۇپتىن ئوخشىمايدۇ.
چاۋشىيەن مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق دۆلەت كاتىۋىمىز مادىلىن ئالبىرايىت چاۋشىيەنگە بارغان.قوشۇمچە دەپ قوياي،چاۋشىيەن دۇنيادىكى بىسىم ئەڭ كۇچلۇك،ئەڭ مۇستەبىت دۆلەت بولسا كىرەك.ئادەتتىكى كورىيەلىكلەرنىڭ بويى چاۋشىيەنلىكلەردىن كەم دىگەندە بەش سانتىمىتىر ئىگىز بولسا كىرەك. بىز قەدىرلىك رەھبەرنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىنڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز،بىراق بىز شۇنى بىلىمىزكى –چاۋشىيەنلىكلەر ئۆزلىرى قاتناشقان بارلىق كىلىشىملەرنى يىرتىپ تاشلىدى. بىز ئەمدى سەل كەينىمىزگە يىنپ رونالد رىگان ئىيتقان ‹‹ئشېنڭ ،ئەمما سىناشنى ئۇنتۇماڭ››سۆزنى ئويلىنايلى،پا ئە ئوباما ئىككى قىتىم ئىيتقاندەك سۆھبەت ئۇستىلىدە شەرتسىز ئولتۇرۇپ كەتمەيلى.چۇنكى بۇ بەك خەتەرلىك.
ئوباما: قاراڭلار،پا ئە ماككايىن . ھەدىسلا پىرىزدىنىت بولغان ئادەم ھىچقانداق تەييارلىقسىز ،تۆۋەن دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۇزمەي تۇرۇپ تۇيۇقسىز قوپاپلا بىرسى بىلەن كۆرۇشمەكچى دىگەن بۇنداق مىسالغا ئىسلىپلا ئالدى.ئەمەلىيەتتە ھىچكىم بۇنداق قىلىمەن دىگىنى يوق.بۇنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ.بۇنداق دىيش مىنڭ خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلمىگەنلىك.شەرتنىڭ گىپىنى قىلىشساق،كىسىنگىر ‹‹بىز شەرتسىز سۆھبەتلىششمىز كىرەك››دىگەن.بۇ دىگەنلىك بىز سۆھبەتلەشمەي تۇرۇپ ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كىتەلەيمىز دەپ قارىماسلىقىمىز كىرەك دىگەن ئىديىدىن كەلگەن. سىلەرگە مەلۇم،بۇش ھۆكۇمىتى بۇنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.دۇشمىنىزبىلەن جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىششنڭ ئاقمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.ئەھمىدى نىجات بىلەن ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭ جۆيلۇشلىرىگە سۇكۇت قىلىش ئۇنىڭ پەسكەش بايانلىرىغا قۇلاق سىلىشنى تىخى بىرى قارار قىلغىنى يوق.
ماككايىن:ئۇنداق مۇنداق قىلساق بولامدۇ..بىز ئەھمىدى نىجات بىلەن ئولتۇرىمىز،ئۇ‹‹بىز ئسرائىلىيەنى يەر يۇزىدىن يوق قىلىۋىتىمىز ››دەيدۇ،بىز تۇرۇپ:‹‹ياق ،ئۇنداق قىلماڭ،ئۆتۇنۇپ قالاي ››دەمدۇق؟
ئوباما:ياق،ماڭا قاراڭ……
(گەپنى تارتىۋالىدۇ)
ماككايىن:شۇنىمۇ دەپ قوياي،دوستۇم دوكتۇر كىسىنگىر ،ئۇ مەن بىلەن 35 يىلدىن بىرى دوسىت بولۇپ كەلدى.ئۇ پائە ئوبامانىڭ ئۆزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى ئۇزۇندە قىلىپ دەۋاتقانلىرىغا تولىمۇ قىزىزىقىدۇ.بىز 35 يىلدىن بىرى دوسىت بولۇپ ئۆتۇۋاتىمىز.
ئوباما:قىنى قاراپ باقارمىز!
ماككايىن:مەن سىزگە كىپىل بولالايمەنكى،ئۇ پىرىزىدىنتلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنڭ گىپىنى قىلمىغان.
ئوباما: مەنمۇ ئۇنداق دىمىدىم.
ماككايىن:ئەلۋەتتە ئۇ ۋە باشقىلار كىشلەرنىڭ دائىم باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشپ تۇرۇشىغا ئىلھام بىرىدۇ.مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن.
لەھرىر:ئەمدى بىز يىڭى بىر ….
ماككايىن:پائە ئوباما شەرتسز سۆھبەتلىششنى سۆھبەتلىش تەييارلىقى دەپ گەپ يورغىلاتتى
ئوباما:مەن گەپ يورغىلاتمىدىم.
ماككايىن:ئۇ گەپ يورغىلاتتى،دوسىتلار !!
ئوباما: مەن سىزنىڭ مەسلىھەتچىلىرىڭىزنىڭ گىپىنى دەپ بەردىم. قىنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئوباما:خوش،ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ۋە ئايدا بولغان ئشلارغا ئاساسەن مىنىڭچە بىز روسىيەگە تۇتقان ئۇسۇلىمىزنى قايتىدىن باھالاپ چىقىشىمىز كىرەك.چۇنكى باش كۆتىرىۋاتقان تاجاۋۇزچى روسىيە رايون مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۇچۇن زور تەھدىت.ئۇلارنىڭ گىرۇزىيەدە قىلغانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئشەنچىسز.بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا كىلەركى نۆۋەتلىك پىرىزىدىنىت چوقۇم شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كىرەككى بىز ئالتە تەرەپ –ئالتە ماددىلىق ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز،روسلار جەنۇبى ئوستىس ۋە ئابغازىيەدىن چىقىپ كىتىشى كىرەك. مۇھىمى شۇكى ،بىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئتتىپاقدىشمىز بار ،بىز روسلارغا شۇنى چۇشەندۇرۇپ قويىشىمىز كىرەككى،:سىلەر 20-ئەسىردىكى خالىغىننى قىلىدىغان دىكتاتورلارغا ئوخشاش21-ئەسىردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇچ بولالمايسلەر!!
بىز يەنە رايوندىكى دىموكراتىيەگە يىڭى قەدەم قويغان ئستونىيە،لىتۋا،لاتۋىيە،چىخ قاتارلىقلار دۆلەتلەرنى قوللىشىمىز كىرەك.ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى قەتئى قۇۋۋەتلىشىمىز كىرەك.ئۇلارمۇ ناتو(ش ئا ئە ت)نىڭ ئەزاسى. گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىناغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە كەلسەك ،مىنىڭچە بىز ئۇلارنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن كەلسىلا ناتوغا كىرىش يولى بارلىقىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كىرەك،ئۇلار ناتوغا كىرىش ھەرىكەت پىلانىنى جىددى باشلىشى كىرەك. بىز روسىيە بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ھالىتىگە قايتساق بولمايدۇ،مۇھىمى بىزنىڭ يەنە ئورتاق مەنپەئەت نۇقتىمىز بار،مەسىلەن:‹‹يادرو كىڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى›› ئۇلارنىڭ تەييار 15مىڭ يادرو ئوق بىشى بولۇپلا قالماي،يەنە 40مىڭ ئوق بىشى ياساشقا تەييارلىقى بار،بۇلار ناھايتى ئاسانلا بازا تەشكىلاتىنڭ قولىغا چۇشۇپ قىلىشمۇ مۇمكىن.
………..
……….
شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ يىقىندا قىلىۋاتقان ئشلىرىنڭ خەلقئارا جەمىئەت ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ كەسكىن ئنكاسىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك.
ماككايىن:خوپ،مەن پائە ئوبامانىڭ روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچلىقىغا بىلدۇرگەن ئنكاسىغا قىزىزىقىپ قالدىم.ئۇنىڭ تۇنجى قىتىملىق باياناتتا:‹‹ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كىرەك››دىگەن ئىدى. يەنە دىسەم،بۇ يەنىلا بىر ئش كۆرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.ئۇ روسىيەنىڭ گىرۇزىيەگە قارشى كەچۇرگۇسىز تاجاۋۇزچلىق ئىلىپ بارغانلىقىنى چۇشەنمەيدىكەن.روسىيە ھازىر نىفىتقا تايىنىپ تاپقان دوللار بىلەن كۇچەيگەن،جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ‹‹ك گ ب ›› ئاپپاراتچىكلىرى ھۆكۇمرانلىقىدىكى بىر دۆلەت. مەن پۇتىن ئەپەندىنىڭ كۆزىگە قارىدىم.مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ‹‹ك ››‹‹گ››ۋە ‹‹ب››دىگەن خەتلەرنى كۆردۇم.دەپ قوياي،ئۇلارنىڭ گىرۇزىيەگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى قەتئى كۆتەرگىلى بولمايدۇ(قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ-ئەسلى تىكىست)
منىڭچە بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قايتمايۋاتىمىز،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ قەتئى يۇز بەرمەيدۇ.بىراق مىنىڭچە بىز دوسىتلىرىمىز ۋە ئتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن مۇنەاسىۋتىمىزنى قايتا كۇچەيتىشىمىز كىرەك.بۇ پەقەت روسىيە ۋە گىرۇزىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىنلا ئەمەس.بۇ يەنە ئىنىرگىيە مەسىلىسى ئۇچۇنمۇ شۇنداق.كاسپى دىڭىزىدىن باشلاپ گىرۇزىيە ،تۇركىيەدىن ئۆتۇپ ياۋروپاغا بارىدىغان گاز تۇرۇبىسنى ،ئىنىرگىيە مەنبەسىنى روسلار كونتىرول قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. لاتۋىيە ئستونىيە ،پولشا ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدىنتلىرىنىڭ گىرۇزىيەگە ئۇچۇپ بىرىشى ،تىبلىسقا ئۇچۇپ بىرىشى تاساددىپىيلا بولغان ئش ئەمەس.تىخى مەن بۇ يەردە گىرۇزىيەنىڭ ياش ھەم ئۇلۇغ پىرىزدىنتى مىشا ساكاشىۋىللى بىلەن مەلۇم ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۇزدۇم.
ماككايىن:ئۇلار گىرۇزىيەنى قەتئى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشتى.ئۇلار روسىيەنىڭ بۇرۇنقى روسىيە ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى مۇستەملىكە ھالىتىگە قايتىش ئۇچۇن شەكىللەندۇرىۋاتقان تەھدىتلىرىگە تىخىمۇ باش قاتۇرۇشتى. مىنىڭچە روسلار بىزنىڭ –ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ – گىرۇزىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە ناتوغا كىرىشگە قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلىشى كىرەك. بىز يەنە شۇنى ئوچۇق دىيشمىز كىرەككى،روسلار ئۇرۇش توختىتىش كىلىشمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.ئۇلار ئابغازىيە ۋە جەنۇبى ئوستىستا قوشۇمچە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.
دەپ ئۆتەي،مەن ئۇ يەرگە بارغان ۋاقتىمدا ،ماشىنا بىلەن شەھەر ئىچىگە كىردۇق،ناھايتى يوغان پىلاكاتلارنى ئسىپ قويۇشۇپتۇ.ۋە ھالەنكى،بۇ يەر گىرۇزىيە تىرىتورىيەسى تۇرۇپ،شۇ پىلاكاتلارغا ۋىلادىمىر پۇتننىڭ رەسىمىنى ئسشىپتۇ.ھەتتا ‹‹ۋىلادىمىز پۇتىن،بىزنىڭ داھىمىز››دەپ يىزىپ قويۇپتۇ. روسىيەنىڭ گىرۇزىيەگە قارىتا پۇككەن مۇددىئالىرى ناھايتى روشەن،ئۇلار پەقەت پۇرسەت كۇتۇپلا كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ۋەزىيەت ناھايتى مۇشكۇل.بىز روسلار بىلەن بىرگە ئشلىشىمىز كىرەك،بىزنىڭ يەنە روسلاردىن خەلىقئارا چىگرالارنى ئىتىراپ قىلىدىغان ،خەلىقئارا ئەھدىلەرگە رىئايە قىلىدىغان بىر دۆلەت بولۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمىز بار. ئۇكرائىناغا قاراپ باقايلى،ئۇكرائىنادا قىلىدىغان ئش ناھايتى كۆپ،روسلارنىڭ سۋاستوپىل شەھرىدە كىرىمىيە ھەربى بازىسى بار.تىموشنكو بىلەن يوشنكو ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئۇكرائىنادىكى جىددى مەسىللەرنىڭ بىرى. ئۇكرائىناغا قارايلى،بىز ۋە ئۇكرائىنالىقلار شۇنىڭغا ئشىنىشى كىرەككى بىز ئۇلارنىڭ دوسىتى ۋە ئتتىپاقدىشىمىز.
لەھرىر:سىزنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغان باشقىچە مۇھىم پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟
ئوباما: يوق،ئەمەلىيەتتە،ئىككىمىزنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆپىنچە كۆز قارىشمىز ئوخشايدۇ.مەن پەقەت روسلارنىڭ گىرۇزىيەگە بىسىپ كىرگىنىيەگە كۇچلۇك قارشلىق بىلدۇرمىگىمىنىمىزگە قوشۇلالمايمەن.
…..
بۇ مەسىلىنى تۇپتىن ھەل قىلىش ئۇچۇن بىز ئىنىرگىيە مەسلىسىدە خەقكە تايىنىپ قالماسلىقىمىز كىرەك. زاپاس ئىنىرگىيەنىڭ مۇھىملىقىدا ئىككىمىز ئورتاق تونۇشقا ئىگە،بىراق پائە ماككايىن شەخسى ئارخپمىزغا قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغانىدى. 26يىلدىن بىرى ،پائە ماككايىن قۇياش ،شامال ۋە بىئو يىقىلغۇ قاتارلىق زاپاس ئىنىرگىيە لايىھىسىگە قارشى 23قىتىم ئاۋاز بەردى. بىز ئەمدى ئىنىرگىيە مۇستەقىللىقى مەسىلىسگە كەلگەندە گەپنى دەۋەرمەي ،ئەمەلى ھەرىكەت قوللىنشىمىز كىرەك.بۇ دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ئۇچۇنمۇ ،ئىنىرگىيە دەردىنى تارتىۋاتقان ئاۋام ئۇچۇنمۇ پايدىلىق.قىش كىلەي دەۋاتىدۇ.ئۆينىڭ ئسسىق بولۇشى (ئىنىرگىيە مەسىلىسى) خۇددى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئوخشاشلا ناھايتى مۇھىم.
لەھرىر:ئەمدى يىڭى بىر سۇئالغا ئۆتەيلى، تىز ئنكاس قايتۇرغايسىلەر..(گەپ بۆلۇندى)
ماككايىن:ئارىزونالىق ھىچقانداق ئادەم قۇياش ئىنىرگىيەسى لاھىيەسىگە قارشى ئەمەس،پائە ئوباما يادرو يىقىلغۇسىنى ئشلىتىشكە قوشۇلىمەن دىگەن ،ئەمما ئۇ يادرو يىقىلغۇسى ئشلەپچىقىرىش ۋە ساقلاشقا قارشى چىقتى.
ئوباما:بۇ راسىت ئەمەس،جون،مىنى كەچۇرۇڭكى،بۇ راسىت ئەمەس.
ماككايىن:ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن يىقىلغۇ ئىزلەش ئاسان ئش ئەمەس،دىڭىز بويلىرىنى بۇرغىلاشمۇ ناھايتى ياخشى كۆۋرۇك. بىزگە مەلۇم، ئەگەر بىز دىڭىز بويىنى قازساق ،ئىچكى زاپىسنى قىدىرىپ چىقساق ،ھىچ بولمىغاندا بىزنىڭ ۋاقىتلىق ئىنىرگىيە تەلىۋىمىزگە ياردىمى بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر تۇڭ ماينىڭ باھاسىغا تەسىرى بار.
ئوباما:مەن پەقەت ناھايتى تىزلا شەخسى ئارخپ ھەققىدە تۇزىتىش بىرىۋىتەي.
ماككايىن:شۇڭا مەن دەيمەنكى،
لەھرىر:كەچۇرۇڭ..ماككايىن….
ئوباما:جون ؟
ماككايىن:مەن 90-يىللىرىدىلا نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئەكسىچە يادرو يىقىلغۇسى لاھيىسنى قوللىغان ئىدىم.ئۇ شۇچاغدىكى ئاچقۇچلۇق قانۇنچىلىق مەسىلىسى بولۇپ قالغان ھەم يادرو چىقىرىندىلىرى ۋە دىققەت چاچىدىغان مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالغان.
ئوباما:مەن شەخسى ئارخپ ھەققىدە تۇزىتىش بىرىۋىتەي،مەن ھىچقاچان يادرو چىقىرىندسىنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسگە قارشى ئاۋاز بىرىپ باقمىدىم.مەن پەقەت ئۇنى بىخەتەر ساقلىشىمىز كىرەك دىگەننى تەكىتلىدىم.تىخى پائە ماككايىن ئارىزونا ھەققىدە گەپ باشلاپ كەتتى…
لەھرىر: ئۇنداقتا ئەمدى.
ئوباما:مەن بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتىشىم كىرەك،جىم.
لەھرىر:بولىدۇ.
ئوباما:ئۇ تىخى …
ماككايىن:مەن ھەر زامان زاپاس ئىنىرگىيە لايىھسگە ئاۋاز تاشلاپ كىلىۋاتىمەن.
ئوباما: ئۇ ئۇ قارشى چققان مەسىلە..
لەھرىر:ئۇ ئىلگىرى قارشى چىققان شۇنداقمۇ؟
ئوباما :قارشى چىققان
لەھرىر: بىر قىتىم ؟
ماككايىن: ھىچكىم زاپاس ئىنىرگىيەگە قارشى تۇرالمايدۇ.
ئوباما: ماقۇل.تولىمۇ ئوبدان بولدى.لەھرىر،قىنى باشقا تىمىغا ئۆتەيلى،سىزگە يىڭى بىر ئىنىرگىيە لايىھسى تەييارلاندى،سىزنىڭ يەنە بىر سۇئالىڭىز بارغۇ دەيمەن؟
لەھرىر:بۇ ئاخىرقى سۇئال :ھەر بىرىڭلارنىڭ ئىككى مىنۇت ۋاقتى بار،بۇ سۇئالغا سىز ئاۋال جاۋب بىرىڭ،ماككايىن،سىز ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى قۇرۇقلۇقىدا 11-سىنتەبىر ھۇجۇمغا ئوخشاش يەنە بىر تىرورلۇق ئىھتىماللىقى ھەققىدە قانداق قارايسىز؟
ماككايىن:مىنىڭچە ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك.چۇنكى بىزنىڭ دۆلىتىمىز ھازىرچە بىخەتەر،گەرچە پۇتۇنلەي بىخەتەر بولۇشتىن يىراق بولسىمۇ.بۇ ھەقتە مەن باشقا خىزمەتداش سىناتورلار بىلەن كۆپ ئىزلەندىم…….
……………………………………………..ئاشۇ بىر قاتار تىرىشچانلىقىم بىلەن سىلەرگە شۇنى دىيەلەيمەنكى،مەن ۋە دوسىتلرىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ سىتىسمىغا ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۇزدۇق.مىنىڭچە بىز يىڭىدىن تەشكىللىگەن بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىدا ئشلەۋاتقان ئەر-ئاياللار ناھايتى كاتتا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
لەھرىر:ئىككى مىنۇت ئوباما،
ئوباما:خوش ،ھەممىدىن ئاۋۋال،منىڭچە بىز ئىلگىرىكىدىن مەلۇم جەھەتلەردە بىخەتەر دىسەك بولىدۇ.بىز ئايرودۇرۇم بىخەتەرلىكى ئۇچۇن مىلىيارتلاپ پۇل خەجلىدۇق.يوشۇرۇن ھۇجۇم ئوبىكىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇچۇن نۇرغۇن كۇچ سەرىپ قىلدۇق.بىراق بىزنىڭ يولىمىز يەنە ئۇزۇن…..بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت –يادرو قوراللىرىنىڭ چاۋشىيەن ۋە ئىران ئارقىلىق تىرورچىلار قولىغا ئۆتۇپ كىتىشدۇر.دىققىتىمىزنى يىغىدىغان بىر ئش –بازا تەشكىلاتى،ئۇلار ھازىر 60 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.بىز پەقەت ئىراققىلا قاراپ قالساق بولمايدۇ،بىز مەسىلىنى يىلتىزدىن ھەل قىلىشىمىز كىرەك،مەسىلىنىڭ يىلتىزى ئافغانستان ۋە پاكىستاندا.
بۇ (ئامرىكا)-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دۆلەت،بىراق بىزنىڭ بەزى خاتالىقىمىز سەۋەبلىك –مەن پا ئە ماككايىننڭ ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق لايىھىسنى مەدھىيلەيمەن-بىزنىڭ كىلەر قىتىملىق ھاكىمىيەتتە قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشلىرىمىز بار.ئامرىكنىڭ دۇنياغا نۇر چاچقان ،بەخت –سائادەت بىغىشلايدىغان ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن قىلىدىغان نۇرغۇن ئشلىرىمىز بار………………….
ماككايىن: ..يىقىندا بولغان ئنكاستىن ،پائە ئوبامانىڭ زۆرۇر بولغان بىخەتەرلىك تەجرىبىسى ۋەبىلىمنىڭ كەملىكىنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس.روسىيە نىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا بەرگەن ئنكاسى بۇنىڭ پاكىتى.
(تەكرار مەزمۇندىكى تۆت سۇئال –جاۋاب قسقارتىلدى)
لەھرىر:ئاخىرقى بىرنەچچە سىكۇنىت.
ماككايىن:لەھرىر،مەن تۇرمىدىن چىقىپ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ،مەن پىشقەدەم ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئنتايىن ۋەھشى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم.كىين مەن پۇتۇن تىرىشچانلىقىم بىلەن بىتەرەپ دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق پشقەدەم ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكلىشكە يول ماڭدىم. مەن سىلەرگە كىپل بولىمەنكى،ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى بولۇش سۇپىتىم بىلەن مەن ئۇرۇشتىن قالغان جاراھەتلەرنى قانداق داۋالاشنى بىلىمەن.دوسىتلىرىمىز بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىمەن.
لەھرىر:شۇنىڭ بىلەن بۇگۇنكى مۇنازىرە ئاياقلاشتى.كىلەر ھەپتە 2-ئۆكتەبىر كۇنى شەرقى قىسم ۋاقتى كەچ سائەت 9:00دا ئىككى ئورۇنبارسار پىرىزدىنت نامزاتلىرى سائىنت لۇئىستىكى ۋاشىنگىتون ئۇنىۋىرستىدا مۇنازىرلىشىدۇ.مىنڭ خىزمەتدشىم گىۋىن ئىفىل ماسلاشتۇرغۇچى بولىدۇ.
مىسسپى شىتاتى ئوكسىفورددىن تارقاتتۇق.ئىككىڭلارغا رەھمەت .مەن جىم لەھررى بولىمەن.كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن.
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!