باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, خەۋەر

2008- يىلدىكى ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى (1) The translated transcript of the 1st presidential debate

10 ئۆكتەبىر 2008 536 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس

ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلام مۇنازىرىسى
First Presidential Debate: Barack Obama-John McCain

جېك ئىلاۋىسى: ئامرىكا پرېزىدىنتلىق سايلىمى 10 -ئايغا كىرىشى بىلەن ئەڭ جىددى ھالەتكە ئۆتتى. سايلام 11-ئاينىڭ 4-كۈنى پۈتۈن ئامرىكا مىقياسىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. سايلامغا بىر ئاي قالغان ۋاقىت كاندىداتلار ئۈچۈن شۇنداقلا سايلىغۇچىلار ئۆچۈنمۇ ئەڭ مۇھىم ۋاقىت. بۇ يىل ئىككى نامزات باراك ئوباما بىلەن جون مەككېيىننى خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا جەمئى 3 مەيدان، ئاندىن يەنە مۇئاۋىن پرېزىدىنتلىق نامزاتلىرى سارا پېلىن بىلەن جوۋ بايدىن ئۈچۈن بىر مەيدان تېلىۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۈتكۈزۈلمەكچى. ھازىرغىچە جەمئي 3 مەيدان مۇنازىرە ئاخىرلىشىپ بولدى. ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرە كىلەر ھەپتە ئۈتكۈزىلىدۇ. مەن ھازىرغىچە 3 قېتىملىق مۇنازىرىنىڭ ھەممىسىنى تېلىۋىزوردىن كۆردۈم. ناھايتى دوستانە، لېكىن ناھايتى بىر بىرىنىڭ يول قويماقچى بولغان سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن ھۈجۇم قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇنازىرىدىن بەك جىق نەرسىنى ئۈگەنگىلى ۋە ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ. قېرىندىشىمىز تاھىر ئىمىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق سايلام مۇنازىرىسى تەرجىمە قىلىنىپ يوللاندى. بىكار قالغاندا تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

‹‹ئامېرىكىنى چۇشىنىش››يۇرۇشلۇك تەرجىمە ئەسەرلەردىن ‹‹3››
Oxford, MS, September 26, 2008
ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى
مىسسپى،26-سىنتەبىر 2008-يىلى
تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن 1-2-ئۆكتەبىر،ئۇرۇمچى

تەرجىمە قىلغۇچىدىن:‹‹ تىلىۋىزييە مۇنازىرسى ›› ئامرىكا پىرىزدىنتلىق سايلىمنىڭ مۇھىم تەركىۋى قسمى.ئوباما بىلەن ماككايننىڭ نامزاتلىق نۇتۇقىغا ئوخشاش مەزكۇر مۇنازىرىمۇ ئامرىكا سىياسى تۇزۇلمىسنى قسمەن دەرىجىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ.
مەزكۇر مۇنازىرە 26-سىنتەبىر ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،ئامرىكا ئىقتىسادى ۋەزىيتىدە چوڭ داۋالغۇش بولغان مەزگىلدە ئىلىپ بىرىلغانلىقى ئۇچۇن ئىقتىسات ئاساسى ،دۆلەت مۇداپىئەسى يانداش بولغان .ئوبامانىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇنازىرىدىن كىينكى خەلق رايىنى سىناشتا ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن..سايلام تىكىستى كىچىكىپ ئىلان قىلىنغانلىقى ئۇچۇن،دۇنيادا ئنگىلىز تىلىدىن باشقا تىللاردا تەرجىمىسى تىپلمايدىغان بۇ مۇنازىرىنىڭ (ئەمما ھازىر ئۇيغۇر تىلى بۇنىڭدىن مۇستەسنا )ئەسلى تىكستىدىن بىز قىزىزىقىدىغان قىسملىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلدىم.
(ئەگەر ئەمگىكىمىزدىن سۆيۇنسىڭىز ،خەلقىمىزنىڭ ئۆز-ئاراچۇشىنىشى ۋە بىرلىكى ئۇچۇن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ )

ماسلاشتۇرغۇچى:جىم لەھرىر لەھرىر:كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن،ئوكسفور شەھرى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرسىتىتى ئورۇنداش سەنئىتى فورد مەركىزىدىن تارقىتىۋاتىمىز.مەن پ ب ئەس تىلىۋىزىيەسى خەۋەرلەر ۋاقتى بۆلۇمىدىن جىم لەھرىر بولىمەن.سىلەرنىڭ ئارىزونا شىتاتى پارلامنىت ئەزاسى جون ماككايىن بىلەن ئىللىنويىس شىتاتى پارلامىنت ئەزاسى باراك ئوباما ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان 2008-يىللىق سايلام رىقابىتىنىڭ تۇنجى مۇنازىرسگە دىققەت قىلىشڭلارنى قارشى ئالىمەن.
بۇ پائالىيەتنى پىرىزدىنتلىق مۇنازىرە كومىتىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، باشقا3 مەيدان پىرىزدىنتلىق ۋە مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق مۇنازىرىسى ئۆكتەبىردە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇگۇن كەچلىك مۇنازىرە دىپلوماتىيە سىياستى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مەركەز قىلىپ ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇلار ئۆز دائىرسىدە يەنە يەرشارى مالىيە كىرزىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مۇنازىردە كەسكىن ھالدا 9مىنۇتلۇق ئۆلچەم بويىچە ئايرىلىدۇ. تەڭگە تاشلاش ئارقىلىق قارارقىلىنىدىغان تەرتىپ بويىچە ھەر بىر نامزاتنىڭ نۆۋەتتىكى سۇئالنى جاۋاب بىرىشقا ئىككى مىنۇت ۋاقتى بولىدۇ.ماسلاشتۇرغۇچى بىلەن نامزاتلار ئوتتۇرسدىكى دىئالوگلار نامزاتلار جاۋاب بىرىپ بولغاندىن كىين ئىلىپ بىرىلىدۇ.
جاۋاب بىرىلىدىغان مۇھىم تىما ۋە سۇئاللارنى مەن تاللاپ چىقىمەن.بۇ باشقىلار كۆرۇپ باقمىغان ياكى باشقىلارغا ئشكارىلانمىغان سۇئاللاردۇر. زال ئىچىدىكى كۆرۈرمەنلەر سۇكۇت قىلىشقا ،شاۋقۇن-سۇرەن سالماسلىققا،چاۋاك چالماسلىققا ،ھەرقانداق تۇردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقارماسلىققا ۋەدە بەرگەن بولۇپ،پەقەت ھازىر بۇنىڭدىن مۇستەسنا،پارلامنت ئەزالىرى ئوباما بىلەن ماككايننى قارشى ئالايلى.


مەن سۆزۇمنى گىنرال ئىزىنخائوئىر 1952-يىلى پىرىزدىنتلىق سايلىمىدا ئىيتقان ‹‹بىز ھەم بىخەتەرلىككە ھەم كۇچ-قۇدرەتكە ئىگە بولۇشىمىز كىرەك،ئەمەلىيەتتە،ھەربى جەھەتتە كۇچلۇك بولۇشنىڭ ئاساسى-ئىقتىسادى جەھەتتە كۇچلۇك بولۇشتۇر ››دىگەن سۆز بىلەن باشلايمەن.بىرىنچى سۇئال مۇشۇ سۆز بىلەن مۇناسۋەتلىك.

ئەپەندىلەر،مانا ھازىرقىدەك ئنتايىن جىددى بىر پەيتتە سىلەرنىڭ مالىيەنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتە مەيدانىڭلار قانداق؟
تۇنجى ئنكاسنى سىز بەرسىڭىز،پارلامىنىت ئەزاسى –ئوباما،ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىز بار.

ئوباما:خوش،سىزگە كۆپ رەھمەت جىم.كومىتىتقا ،بىزگە ساھبخان بولغان ۋاشىڭتون ئۇنىۋىرستتىغا رەھمەت.مىنىڭچە بىزگە دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۇسى ھەققىدە سۆزلىششتىنمۇ بىر مۇھىم ئش بولمىسا كىرەك. سىلەرگە مەلۇم،بىز ھازىر تارىخىمىزدىكى ئنتايىن ھالقىلىق بىر دەۋىردە تۇرىۋاتىمىز.دۆلىتىمىز ئىككى مەيدان ئۇرۇش سىپىدە تۇرۇپتۇ.‹‹كاتتا ئىقتىسادى كىرزس››تىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بىر مالىيە كىرزسىغا دۇچ كىلىپ تۇرۇپتۇق. گەرچە بىز ‹‹ۋول سىترىت كوچىسى››(بايلارغا قارىتىلغان)ھەققىدە نۇرغۇن ئشلارنى ئاڭلىساقمۇ،مىنىڭچە ‹‹مايىن سترىت كوچىسى››(ئاۋام پۇقراغا قارىتىلغان-ت)دىكى سىلەر خىلى ئۇزۇندىن بىرى قاتتىق تىرىشپ كەلدىڭلار.سىلەر بۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ ھەممە تارماقلىرىغا قەدەر تەسىر كۆرستىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىڭلار. سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتىسلەر:بۇ كىرزسنىڭ ماڭا قانداق تەسىرى بولار؟منىڭ خىزمىتىمگە قانداق تەسىرى بولار؟مىنڭ ئۆيۇمگە قانداق تەسىرى بولار؟مىنڭ ياشانغاندا بىقىنىشمغا ياكى بالىلارنى ئوقۇتۇشۇمغا قانداق تەسىرى بولار دەپ ئەندىشە قىلىۋاتسىلەر. شۇڭا بىز تىزراق ھەرىكەتكە كىلىشىمىز كىرەك،بىز ئاقىلانە تەدبىرلەرنى قوللىنىشمىز كىرەك.مەن بۇنىڭ ئۇچۇن بىر يۇرۇش چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.بۇ چارىلەر بىز مەزكۇر مۇھىم قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويغاندا باج تۆلىگۇچى پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى جەزمەن قوغدىيالايدۇ.

بىرىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرىشىمىز كىرەككى،بىز مەزكۇر پۇتۇن جەرياننى ھەددىدىن ئارتۇق مۆلچەرلەپ قويدۇق.700مىليارت ئامرىكا دوللىرى،بۇ ئىھتمالەم،ناھايتى كۆپ پۇل.

ئىككىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرۇشىمىز كىرەككى،باج تۆلىگۇچى پۇقرالار پۇللىرنى خەتەر ئىچىگە قويغان بولسا،ئۇلار نىڭ يەنە ئەگەر بازار ئەسلىگە كەلسە،بازار ئەسلىگە كەلگەندە پۇللىرىنى ئۆسۇمى بىلەن قايتۇرۋىلىش ئھتىماللىقى بار.

ئۇچىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرۇشىمىز كىرەككى،بۇ پۇللاردىن بىر پۇڭمۇ شىركەت باش لىدىرلىرنىڭ بانكا ھىساباتىغا قوشۇلۇپ كەتمەسلىكى،ياكى ئالتۇن پاراشۇت ياساشقا ئشلىتىلمەسلىكى كىرەك.

تۆتىنچى:بىز شۇنى جەزىملەشتۇرىشمىز كىرەككى،بىز ئۆي ئىگىلىرىگە ياردەم قىلىۋاتىمىز،چۇنكى بۇ يەردىكى يىلتىزلىق مەسلە،پۇتۇن مەملىكەت بويلاپ قانات يىيۋاتقان ئۆي ئىگىلىرىدىن قەرزگە ھىسابلاپ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۋىلىش مەسلىسىدۇر.

بىز ھازىر يەنە شۇنى تونۇپ يىتىشمىز كىرەككى،بۇ –سەككىز يىلدىن بىرى جورجى بۇش ئوتتۇرىغا قويغان،جون ماككايىن قوللىغان مەغلۇبىيەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەر ھەققىدە چىقارغان ئاخىرقى قاراردۇر. بۇلار(بۇ مەغلۇبىيەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەر )ئاساسى جەھەتتىن بىز قانۇن-تۇزۇملەرنى ،ئسىتىمالچىلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش بەلگىلىمىرىنى كىسپ-چاپلاپ ئۆتۇپ كىتەلەيمىز،بايلارغا تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرىمىز،شۇنىڭ بىلەن پاراۋان جەمئىيەت رىئاللىققا ئايلىنىدۇ دىگەننى سۆزلەپ كەلدى. مانا كارغا كەلمىدى. مىنىڭچە، ئىقتىساتنىڭ ئاساسى ئوتتۇرا تەبىقە مۇۋاپىق كاپالەتكە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىشى كىرەك.مەن دەل مۇشۇ مەقسەت ئۇچۇن پىرىزدىنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشۋاتىمەن.شۇنداقلا بۇگۇنكى بىزنىڭ دەل مۇشۇ تىمىدا سۆزلشىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۇمىت قىلىمەن.

لەھرىر:پارلامىنت ئەزاسى ماككايىن،ئىككى مىنۇت.

ماككايىن:خوش،رەھمەت سىزگە جىم،ھەممىڭلارغا رەھمەت. مىنىڭ سىلەرگە يەتكۇزىدىغان بىر قايغۇلۇق ئەسكەرتىشم بار. پارلامىنت ئەزاسى كننەدى ھازىر دوختۇرخانىدا.ئۇ ھەممىمىز ئۇچۇن قەدىرلىك ،سۆيۇملۇك كىشدۇر.بىزنىڭ ئويلىرىمىز ۋە ئىلتىجالىرىمىز پارلامىنتڭ بۇ شىرمىتىگە يىتىپ بارغاي! مەن يەنە ۋاشىڭتون ئۇنىۋرستىنىڭ بۇگۇن كەچ بىزگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن تەشەككۇر ئىيتىمەن.

ھە،جىم، يىقىندا يۇز بەرگەن ئشلاردىن ھەقىقەتەن كۆڭلۇم يىرىم.شۇنچە كۆپ ئامرىكا پۇقراسى كىرزىستقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.بىراق بۇگۇن كەچ كەيپىم سەل ياخشراق،سەۋەبىنى سۆزلەپ بىرەي. چۇنكى ، بۇگۇن كەچ بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ مۇنازىرىلىشپ ئولتۇرۇپتىمىز، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دىموكراتلار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تۇنجى قىتىم دۆلەت مالىيسى دۇچ كەلگەن كىرزسنى ھەل قىلىشقا چارە ئىزلەش ئۇچۇن باش قوشۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇ كىرزىسنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەققىدە ھىچقانداق شەك يوق.شۇنداقلا بىز ۋول سىترىت كوچىسىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەغلۇبىيتى ھەققىدىمۇ سۆزلەشمەيۋاتىمىز.بىز مايىن سىترىت كوچىسدىكى مەغلۇبىيەت ھەققىدە سۆزلىشۋاتىمىز.خىزمىتىنى ، ئامانەت قەرزلىرىنى،ئۆيلىرىنى يوقتىش ئالدىدا تۇرغان كىشلەر ھەققىدە سۆزلىشۋاتىمىز. مۇشۇ دەۋىردە ،ئىنىقكى مۇشۇ دەۋىردە ھەل قىلمىساق بولمايدىغان ،مەنمۇ بىر مەزگىل ئەتراپىدا چۆگىلەپ قالغان ئەڭ چوڭ دۆلەت مالىيسى ئىقتىسادى كىرزىسنى ھەل قىلىش ھەققىدە سۆزلىشۋاتىمىز.بىراق دىمەكچى بولغىنىم؛بىز ئاخىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دىموكراتلارنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى،شۇنداقلا بىر پايدىلىق يەكۇنگە كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ يەكۇن ئنتايىن روشەن بولۇپ،ئۇ ھەم ئشەنچىلىك ھەم ئارتۇق مۆلچەرلەنگەن بولۇشى كىرەك.ئۇنىڭ ھۆكۇمەت بىر تەرەپ قىلىشتىن كۆرە مەغلۇب بولغان سودىگەرلەرگە قەرز بىرىشنى تاللاش ھوقۇقى بولۇشى كىرەك.
شۇنداقلا بۇ يەكۇن باشقا بىر تۇركۇم ماھىيەتلىك ئىلمىنىتلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كىرەك.

شۇنداق،مەن ۋاشنگىتونغا قايتىپ ،ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلىرىم بىلەن كۆرۇشتۇم.ئۇلار سۆھبەتنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئەمەس،مەن بۇنى بىلىمەن.پالاتا جۇمھۇرىيە تچىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىر قاتناشقۇچى بولۇش سالاھىيتنى بەلگىلەيتتى. بىراق مىنڭ بارلىق ئامرىكىقلارغا بىر مەسىلىنى تەكىتلىگۇم بار،بۇ –مەزكۇر كىرزىسنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئەمەس.بۇ-كىرزسنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ئاياقلىششدۇر،ئەگەر بىز مۇشۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىساق. بىز نۇرغۇن ئشلارنى قىلىشىمىز كىرەك،بىز خىزمەت ئورنى يارتىشىمىز كىرەك.بۇنىڭ ئۇچۇن مۇھىم بىر ساھە،ئەلۋەتتە چەتئەلنىڭ نىفىتىغا بولغان تايىنشنى تۇگىتىشتۇر.

لەھرىر:ناھايتى ياخشى،بىز منڭ سۇئالىمغا قايتىپ كىلەيلى،سىلەر ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش پىلانىغا قانداق قارايسلەر؟
بۇ ھەقتە ئۆز-ئارا سۆزلەشسەڭلار بولىدۇ،بىزنىڭ بەش مىنۇت ۋاقتىمىز بار،بىز دەل مۇشۇ يەردە بىر سۆھبەت قۇرايلى.بىراق دىمەكچى بولغىنىم،سىز پارلامىنىت ئەزاسى ئوباما ،بۇ پىلاننى قوللامسىز؟ پارلامىنىت ئەزاسى ماككايىن سىز بۇ پىلاننى قوللامسىز ياقمۇ؟

ئوباما:بىز تىخى بۇ پىلاننىڭ تولۇق ئىيتىلمىسنى كۆرمىدۇق.مىنىڭچە ئۇ چوقۇم قۇرۇلۇش خاراكتىرلىك خىزمەت بولۇشنى مۇمكىن.شۇڭا مەن بارلىق كۆرۈرمەنلەر ئۇچۇن ،بىزنىڭ بىرلىكتە بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغانلىقىمىزدىن ئۇمۇتۋارمەن. مىنڭچە بىز ئۆزىمىزدىن سورشىمىز لازىم بولغان سۇئال ھەممىدىن ئاۋۋال :‹‹بىز قانداق قىلىپ بۇ كۇنگە قالدۇق››دىگەن سۇئالدۇر.ئىككى يىل ئىلگىرى مەن بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان . يۇقىرى-تۆۋەن قالايمىقان قەرز بىرىش ، بوش قائىدە-تۇزۇملەر سەۋەبىدىن بىز يوشۇرۇن يۇزلىنىۋاتقان مەسللەردىن ئاگاھلاندۇرغان .شۇ چاغدا مانا ھازىر يەر ئىلىۋاتقان رەنىلەرنى تۇتۇپ قىلىشنى قالايمىقان ئشلىتىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. ئۆتكەن يىلى مەن مالىيە مىنىستىرىغا خەت يىزىپ ،مەزكۇر ئىقتىسادى مەسلىنىڭ ناھايتى ئىغىرلىقىنى قەتئى تونۇپ يىتىشكە ۋە بارلىق پايچەك ئىگىلىرىنى بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدىم. بۇ مەسلىگە كەلسەك،مىنىڭچە بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ بىقىشىمىز كىرەك،شۇنداق،بىز بۇ مەسلىنى ناھايتى قىسقا مۇددەتتە ھەل قىلىشمىز كىرەك.بىز بۇنىڭغا ئارلىششمىز كىرەك.بۇنىڭدا شەك يوق. بىراق بىز يەنە ،بىز شۇنچە نۇرغۇن تۇزۇملەرنى قايرىپ ئۆتۇپ كەتسەك،ئشلارنىڭ نىمە بولۇپ كىتدىغانلىقىغا قاراپ بىقىشىمىز كىرەك. بىز بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۇچۇن 21-ئەسىردىكى تۇزۇم رامكىسى تۇزۇپ چىقمىدۇق.ئۇ دەل‹‹تۇزۇم ھەمىشە كىرەككە كەلمەيدۇ››دەيدىغان ئىقتىساد پەلسەپىسنى ‹‹ئوڭشايدىغان ››تۇزۇلمە بولۇشى كىرەك.

لەھرىر:سىز بۇ پىلانغا ئاۋاز قوشامسىز،پارلامنىت ئەزاسى ماككايىن؟
ماككايىن:مەن،مەن شۇنداق بولۇشنى ئۇمىت قىلىمەن.مەن يەنە..
لەھرىر:ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى پارلامنىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن…
ماككايىن:ئەلۋەتتە.
لەھرىر:سىز بۇ پىلانغا ئاۋاز قوشىسز ؟

ماككايىن:شۇنداق،بىراق،مەن،مەن نۇقتىلىق كۆرستىپ ئۆتەي،مەنمۇ فاننى مائى ۋە فىرىېدى ماك شىركەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.شىركەتلەرنىڭ ئاچكۆزلۇكى ۋە ئاشۇرۋەتكەنلىكى،باش لىدىرلارنىڭ مۇئاشى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.ھەممىز كۆردۇق،مانا بۇ ئەبجەق پويىز سۆرىلىپ كەلدى.بىراق بۇ يەردە يەنە مەسئۇلىيەت مەسلىسى بار،سىز باياتىن پىرىزدىنت دۋىت داۋىت ئىزىنخائوئىر نى تىلغا ئىلىپ ئۆتتىڭىز،پىرىزدىنت ئىزىخائوئىر نورماندىيەنى ئشغال قىلىشتن بىر كىچە بۇرۇن ئۆيىگە كىرىپ ئىككى پارچە خەت يازغان.بۇ خەتنىڭ بىر پارچىسى –ئتتىپاقداش ئارمىيە قوشۇنى بۇيۇك ئەزالىرىنىڭ تارىختىن بىرىقى ھەتتا ھازىرغىچە ئەڭ كاتتا ھىسابلانغان ئشغالىيەتنى روياپقا چىقارغانلىقنى تەبرىكلەش خىتى ئىدى.ئۇ يەنە بىر پارچە خەت يازغان ،بۇ نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتنڭ مەغلۇبىيتى ئۇچۇن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى گىنراللىق ۋەزىپىسىدىن ئستىپا سوراش خىتى ئىدى. بىز نىمىشقىدۇ، ئشەنچىتن مەھرۇم قالدۇق.مەن ناھايتى كەسكىن تەنقىت قىلىنىپ كەلدىم.چۇنكى مەن ئاكسىيە بازىرى ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتىتنىڭ رەئىسنىڭ ئسىتىپا بىرىشنى تەلەپ قىلدىم.بىز كىشلەرنى ئشەنچلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىشىمىز ،ئۇتۇق قازانغانلارنى تەقدىرلىشمىز كىرەك. بىراق ،نىمىشقىدۇ بۇگۇن ۋاشنگىتوندا –مىنىڭچە ۋول سىترىتتا- ئاچكۆزلۇك تەقدىرلىنىدۇ.ئاشۇرۋىتىش تەقدىرلىنىدۇ.چىرىكلىك-ياكى ئىنىقراقى بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىزنىڭ ئادا قىلالماسلىقىمىز تەقدىرلىنىدۇ.ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى بولسام،كىشلەرنى مىنڭ ھۆكۇمتىمگە ئشنش بىلەن ئتتىپاقلىششقا چاقىرىمەن.مەن سىلەرگە بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە بىرىمەن.

لەھرىر:پا ئە ئوباما سىزنىڭ پا ئە ماككايىن نىڭ باياتىن ئىتقانلىرى ھەققىدە پا ئە ماككايىنغا بىۋاستە دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟

ئوباما:مىنڭچە،پا ئە ماككايىننىڭ بىزنىڭ تىخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئىلىشىمىز كىرەكلىكى ھەققىدە ئىيتقانلىرى مۇتلەق توغرا.بىراق بىز مەسئۇلىيەتنى پەقەت كىرزىس بولغاندىلا ئۇستىگە ئىلىشىمىز كىرەك ئەمەس.دىمەكچىمەنكى،بىز يىللاردىن بىرى دەۋىر سۇرۇپ كەلگەن ئىقتىسادى ئىدىئولوگىيەنىڭ مايىن سىترىت ئۇچۇن ئەمەس،پەقەت ۋول سىترىت كوچىسىغا پايدىلىق بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۇپ كەلدۇق. بۇ كىرزىسلەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنمۇ ئىقتىسادى كىرزىسقا پاتقان ئامما بار ئىدى.شۇڭا بىز بۇ قىسقا مۇددەتلىك مەسلىنى ھەل قىلغاندا ،ئادەتتىكى ئامرىكىلىقلارنىڭ مۇئاشى ۋە كىرىمىنڭ چىكىنىشگە سەۋەب بولغان كۆز ئالدىمىزدىكى مەسللەرگە قارشىمىز ناھايتى مۇھىم.مەسىلەن:پالەچ ھالغا چۇشۇپ قالغان سالامەتلىك پاراۋانلىقى،كارغا كەلمەيۋاتقان ئىنىرگىيە سىياستى قاتارلىقلار.چۇنكى سىزگە مەلۇم،ئون كۇن ئىلگىرىلا جون بىزگە ئىقتىسادنىڭ ئاساسى ناھايتى پۇختا دىدى.

لەھرىر:بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە دەڭ !
ئوباما: مەن ئاساسنى پۇختا دەپ ئويلىمايمەن.
لەھرىر:ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ دەڭ !
ئوباما:خوش،جون ئون كۇن ئىلگىرى سىز ئىقتىسادىمىزنىڭ ئاساسى ناھايتى پۇختا دىگەنىدىڭىز.
ماككايىن:مىنى ئوبامانىڭ سۆزنى ئاڭلىيالمايدۇ دەپ ئەنسرەپسىز دە؟
لەھرىر:مەن پەقەت ئىككىڭلارنى ئۆز-ئارا بىۋاستە سۆزلششكە دەۋەت قىلىمەن.قىنى ئۇرۇنۇپ باقاي!

ئوباما:مەن بۇلارغا تۇپ جەھەتتىن قوشۇلالمايمەن.تاكى بىز ئۆزىمىزنى كىچەمۇ-كۇندۇز پەقەت قولىدا ھوقۇق تەسىرى كۇچى بار،ئاۋاز بەرگۇچىلەرنى ياللىيالايدىغان كىشلەر ئۇچۇن ئشەنچىلىك قىلغۇچە ئەمەس،بەلكى سىستىرا،ئوقۇتقۇچى،ساقچى،ۋە باشقا –ئوچۇقىنى ئىيتقاندا، ئاي ئاخىرىدا قولىدا بار پۇلى يەتمەي قالىدىغانلارغا ئشەنچىلىك بولمىغۇچە قوشۇلالمايمەن.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرزىنى تۆلەش ئۇچۇن يەنە ئارتۇق قەرز ئىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.بىز بۇلارغا دىققەت قىلماي كەلدۇق.ئەگەر سىز بىزنىڭ باج سىياسىتىمىزغا قارىسىڭىز،بۇ بىر كىلاسسك مىسال بولۇپقالىدۇ.

لەھرىر:ئۇنداقتا،پا ئە ماككايىن،سىز پا ئە ئوبامانىڭ باياتىن ئىيتقانلىرىغا قوشۇلامسىز؟ئەگەر قوشۇلمىسڭىز ،نىمىگە قوشۇلمىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىيتىپ بىرىڭ!

ماككايىن:ياق،مەن-،قاراڭ،بىز بۇ پۇتۇن سىستىمىنى تەڭششىمىز كىرەك.بىزنىڭ سىستىمىز دا تۇپ جەھەتتىن مەسللەر ساقلانغان.شۇڭا مايىن سىترىت كوچىسى ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونى ۋە ۋول سىترىت كوچىسىدىكى ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىش ۋە ئاچكۆزلۇككە جازا يۇرگۇزىۋاتىدۇ.
شۇڭا بىزنىڭ يەنە ماڭىدىغان يولىمىزنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.روشەنكى،ئۆز خىزمىتىنى قىلالمىغان تۇرلۇك قائىدە-تۇزۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ جاھىللىقى ۋە كەسكىن شەرھىيلىشى بۇ كىرزىسقا سەۋەب بولغان.بىراق مەن ئامرىكا ئشچىلار سىنىپنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كۇچ-قۇدرىتىگە تۇپ جەھەتتىن ئشنىمەن.ئامرىكا ئشچىلار سىنىپى ئەڭ مول ھوسۇللۇك،ئەڭ ئىجاتچاندۇر .ئامرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئشلەپچىقارغۇچى ،ئىكىسپورت ۋە ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتتۇر.بىراق بىز بۇ مەزگىلدىن ئۆتۇپ كىتىشىمىز كىرەك،ئەمما مەن ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىغا تۇپ جەھەتتىن ئشنىمەن.مەن يەنىلا ئشنىمەنكى،بىزنىڭ توغرا رەھبەرلىكىمىز ئاستىدا بىزنىڭ ياخشى كۇنلىرىمىز تىخى ئالدىمىزدا كەلگۇسى.

لەھرىر:ئۇنداقتا بىز كىلەركى سۇئالىمىزغا ئۆتەيلى،بۇ سۇئال ئاساسى جەھەتتن يۇقىرىدىكى تىما بىلەن ياندىشپ كىلىدۇ.پا ئە ماككايىن،سىزنىڭ ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىز بار،سىزنىڭ ‹‹تۇپ جەھەتتىن ››دىگەن سۆزىڭىزنى ئشلىتىپ تۇرايلى،ئەگەر سىز پىرىزدىنىت بولۇپ قالسىڭىز ،دۆلەتنى مالىيە كىرزسدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتا پا ئە ئوباما نىڭ ئۇسۇلى بىلەن سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز ئوتتۇرسىدا ‹‹تۇپ جەھەتتىن›› قانداق پەرقلەر بار؟


ماككايىن:خوش ،ھەممىدىن بۇرۇن بىز ۋاشىنگىتوندىكى بارلىق چىقىمنى كونتىرول قىلىشىمىز كىرەك.ئۇ ھازىر پۇتۇنلەي كونتىروللۇقىنى يوقاتقان.زادى شۇنداق.بىز ھازىرقى پىرىزدىنتىمىزنىڭ ‹‹بۇيۇك جەمىئەت››دىن بىرىقى كۆلىمى ناھايتى چوڭ بولغان ھۆكۇمەت تەشكىلى بولۇپ كەلدى. بىز جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۇمەتنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن ھوقۇق تۇتقانمىز.ئەمما ھازىر ھۆكۇمەت بىزنى ئۆزگەرتتى. بۇ كىسەللىكتىكى ئەڭ ناچار ئالامەت –دوستۇم توم كوبۇرىن ئىيتقان ‹‹ئشىك ئالدىغا قويۇلغان زەھەر››زەنجىرى بولۇپ،دىمىسمۇ ئۇ ئشىك ئالدىغا قويۇلغانىدى.كونتىروللۇقنى يوقاتقان ئىقتىسادى چىقىم ۋە چىرىكلىكتىن ئىبارەت ئشىك ئالدىغا قويۇلغان زەھەر ئىدى.
دۆلەت مەجلىسنىڭ سابىق ئەزالىرى ھازىر فىدراتسىيە تۇرمىسىدىن ئورۇن ئالدى.پەقەت ئاشۇ زەھەر ۋە چوشقا كاساڭلىرىدەك خەجلەشلىرى ئۇچۇن .

سىلەرگە مەلۇم،بىز مونتانا دا ئىيىق نىڭ DNA سنى تەتقىق قىلىش ئۇچۇن ئۇچ مىلىيون دوللار خەجلىدۇق.مەن بۇنىڭ بىر جىنايەتچىنى ئىنىقلاش ئۇچۇنمۇ ياكى بىرەر تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇنلىكىنىمۇ بىلمىدىم .بىراق پاكىت شۇنداقكى،بۇ ئۇچ مىلىيون بىزگە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى.شۇڭا ئۇنى چوقۇم كونتىرول ئاستىغا ئىلىش كىرەك.ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پىرىزدىنتى بولۇپقالسام،سىلەرگە شۇ ھەقتە كاپالەت بىرىمەنكى،مىنىڭ بىر قەلىمىم بار،بۇ قەلىمىم ھازىر سەل كونىراپ قالدى.مىنىڭ بۇ قەلىمىم بىلەن ئۇستىلىمگە كەلگەن ھەر بىر چىقىم لايىھسىگە قارشى ھوقۇقۇمنى يۇرگۇزىمەن.ئۇلارنى سىلەرگە بىلدۇرۋىتىمەن.سىلەر ئۇلارنىڭ ئسمىنى بىلىپ كىتىسلەر!

ھازىر ،پا ئە ئوباماغا كىلەيلى،سىلەر پەرقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەكچى، ئۇ 932مىلىيون‹‹ چوشكا كاسڭى›› زەنجىرى چىقىمىنى سورىدى. بۇ خۇددى ئۇ ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پارلامىنىت ئەزاسى بولۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان ھەر بىر كۇنىگە دىگۇدەك بىر مىلىيون دوللاردىن سورىغان بىلەن باراۋەر. مىنىڭچە كىشلەر پۇقرالارنىڭ ھۆكۇمەتنىڭ ئسراپخورلۇقىغا قارشى ئىچىلغان تور بەتلەرنى ئىچىپ ئاشۇ پىروگىراممىلارنى كۆرۇپ باقسا بولىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدىكى زىيادە ئۇزاپ كەتكەن چىقىمنڭ يولىنى توسۇشقا كار قىلمايدۇ.مانا بۇ پا ئە ئوباما ۋە مىنىڭ ئۇسۇللىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى تۇپ جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقتىن ئىبارەت.

لەھرىر:پا ئە ئوباما،ئىككى مىنۇت.
ئوباما:خوش،پا ئە ماككايىننىڭ ‹‹زەنجىر››نىڭ قالايمىقان ئشلىتىشى ھەققىدە ئىيتقانلىرى تامامەن توغرا.شۇڭا مەن ئۆز شىتاتىمدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشنى توختاتقان.مەيلى ئۇ بۇرۇنقى مەركەزلەر ئۇچۇن ياكى سىلەر ھازىر ئشلىتىۋاتقىنى بولسۇن،بىز ئۇنى ھىلىھەم تازىلاپ كىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ يەنە بۇ گىپىمۇ توغرا:پارلامىنىتتىكى سۆز يورغىلاتقۇچىلار ۋە ئالاھىدە مەنپەئەت تەرەپدارلىرى مۇشۇنداق راسخوت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.گەرچە بۇ مىنڭ ئشىم بولمسىمۇ. بىراق شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كىرەككى، ئۆتكەن يىللىق خامچوت 18مىلياردت دوللار بولغان.پا ئە ماككايىن بولسا-بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى تۇپكى پەرق-ئەڭ باي شىركەت ۋە شەخسلەرگە 300مىلىيارت باج قىسقارتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.300مىلىيارت. 
ھازىر 18 مىلىيارت مۇھىم پۇل،300 مىلىيارت دوللار بولسا ھەقىقەتەن مۇھىم پۇل.ئۇنىڭ باج پىلانىدا ئەڭ باي بەش يۇز شىركەتنىڭ باش لىدىرلىرى كىمەيتىلگەن باجدىن كەلگەن پۇلدىن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 700مىڭ دوللارغا ئىرىشىدۇ.باشقا يۇز مىلىيون ئامرىكا خەلقى چەتتە قالىدۇ. شۇڭا مىنىڭ پوزىتسىيەم شۇكى،بىز ئىقتىسادىمىزنى تىگىدىن پۇختىلاپ چىقىشىمىز كىرەك.مىنىڭ چاقىرماقچى بولغىنىم -95پىرسەنت ئشچىلار ئائىلىسگە باجنى كىمەيتىشتۇر. 95 %، بۇ شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى،ھەركۇنى مۇئاش چىكى يۇغلاۋاتقان بارلىق ئادەتتىكى ئامرىكىلىقلار بالىلىرىغا كومپيۇتىر ئىلىپ بىرەلەيدۇ.ئۇلارنىڭ جىنىنى ئىلىۋاتقان گاز تۇڭلرىنى تولۇقلاپ ئشلىتەلەيدۇ.
شۇڭا مەن ،بۇنى جون ماككايىن لازىم دەپ قارىغان پىرىزدىنت بۇشنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىغاندا ئىقتىسادى ئشش ئۇچۇن ياخشراق بىر رىتىسپ دەپ ئويلايمەن.
لەھرىر:پا ئە ماككايىن ؟
ماككايىن:منىڭ يەنە گەپنى تەكرارلاپ ياندۇرۇپ يۇرگۇم يوق.
لەھرىر :ياق،ھىچنىمە بولمايدۇ.
(مالىيە ھەققىدىكى باشقا ئوخشاش تەپسىلاتلار بىرىلگەن ئابزاس قىسقارتىلدى)


لەھرىر :ئۇنداقتا بىز يەنە بىر تىمىغا ئۆتەيلى،پا ئە ماككايىن ،ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىز بار،ۋىتنام ئۇرۇشدىن ئالغان نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلار ھەققىدە گەپ بولۇندى.سىز ئىراق ئۇرۇشدىن قانداق تەجرىبە-ساۋاق ئىلىش كىرەك دەپ قارايسىز؟

ماككايىن :مىنىڭچە ئىراق ئۇرۇشنىڭ بىزگە بەرگەن مۇنداق ساۋىقى ناھايتى ئىنىق:سىز توقۇنۇشتا دىگۇدەك يىڭىلىشقا سەۋەب بولىدىغان خاتا سىتراتىگىيە قوللانسىڭىز بولمايدۇ.بىز دەسلەپكى ھەربى مۇۋەپپەقىيتىمىز بىلەن باغداتقا كىرگەن،بۇنى ھەممەيلەن تەبرىكلىگەن ئىدى.شۇنىڭدىن كىين ئۇرۇش (جەريانىدىكى ئشلار)-ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىدى.مەن 2003-يىلى ئىراققا بارغان ،قايتىپ كىلىپ ئىراقتىكى سىتراتىگىيمىزنى ئۆزگەرتەيلى دىگەن ئىدىم.بۇ سىتراتىگىيە بىزدىن تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشنى ،سىتراتىگىيە جەھەتتە تۇپ جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى.مەن بۇلار ئۇچۇن كۆرەش قىلدىم.ئاخىرىدا بىز (ئىراق ئۇرۇشغا يىتەكچىلىك قىلىشغا) بىر بۇيۇك قوماندانغا ئىگە بولدۇق.ئۇتۇق قازانغان سىتراتىگىيەگە ئىگە بولدۇق. بۇ سىتراتىگىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.مانا ھازىر بىز ئىراق ئۇرۇشىدا غەلبىگە قاراپ يۇزلىنىۋاتىمىز. بىز يەنە ۋەتەنگە غەلبە ۋە ئىززەت-ئىكرام بىلەن قايتىپ كىلىمىز.
بۇ چاغدىكى ئەسكەر چىكىندۇرۇشىمىز-ئۇتۇق قازىنىۋاتقان ھەربىر ھەربى باستۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقىدىندۇر.

ماككايىن:مەن سىلەرگە يەنە شۇنى ئىيتايكى،بىز غەلبە قىلىۋاتىمىز،بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ۋەتەنگە قايتىپ كىلىدۇ،مەغلۇبيەت بىلەن ئەمەس (غەلبە بىلەن قايتىدۇ)، بىز بۇ رايوندىكى ئتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ مۇقىملىققا ئىرىشكەنلىكىنى،دىموكراتىيە بايرىقىنىڭ لەپىلدىگەنلىكىنى كۆرىمىز. 
مەغلۇبىيەتتىن كىينكى نەتىجە ئىراننىڭ تەسىر كۇچنى زورايتىۋىتىدۇ. مەزھەپلەر ئارا زوراۋانلىقنىڭ كۆپىيشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇشنڭ دائىرسى تىخىمۇ كىڭىيپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامرىكا يەنە قايتىپ كىلىشى كىرەك بولىدۇ.شۇڭا بۇ يەردە نۇرغۇن ئشلار يەنىلا خەتەر ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇيۇك گىنرال داۋىت پىترائۇسقا رەھمەت،ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە رەھمەت،ئۇلار ئۇتۇق قازاندى. بىز ئىراق ئۇرۇشدا غەلبە قازىنىۋاتىمىز.بىز تىخى يەنە ۋەتەنگە قايتىپ كىلىمىز.بىز خۇددى باشقا ئۇرۇشلاردا يىڭىپ قايتىپ كەلگەنگە ئوخشاش بىز يەنە ۋەتەنگە غەلبە بىلەن قايتىپ كىلىمىز.

لەھرىر:ئىككى مىنۇت،ئىراق ئۇرۇشتىن قانداق ساۋاق بار دەپ قارايسىز؟ پا ئە ئوباما ؟

ئوباما:خوش ،بۇ دەل پا ئە ماككايىن بىلەن مىنڭ ئوتتۇرامدا تۇپتىن پەرق بولغان بىر تىما .چۇنكى مىنىڭچە بىز ھەممىدىن ئاۋۋال ‹‹بىز بۇ ئۇرۇشنى قوزغىشىمىز كىرەكمۇ-يوقمۇ؟››دىگەنگە جاۋاب بىرىشىمىز كىرەك. مانا،ئالتە يىل ئىلگىرى، بۇ ئۇرۇشنى قوزغاش سىياسى جەھەتتىن خەتەرلىك بولغان ئەھۋالدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ،بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىققان ئىدىم. چۇنكى بۇ پەقەت بىزنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ بىزگە قانداق چىقىملارنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقنى، بىز قانداق سىتراتىگىيە بىلەن چىكنىپ چىقىدىغانلىقىمىزنى، ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ دۇنيادىكى مۇناسىۋەت مەزمۇنىمىزغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرستىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىمىزنىڭ يىتەرلىك ئىلغار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىگەن بولغانلىقىمىز ئۇچۇنلا ئەمەس،بەلكى يەنە بىز ئافغانستاندىكى ئششىمىزنى تۇگەتمىگەن ئىدۇق.
بىز بىن لادىننى تىخى تۇتمىغان ئىدۇق، بازا تەشكىلاتىنى تىخى جىمىتمىغان ئىدۇق. شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇشنى پۇتۇنلەي دىققىتىمىزنى بۆلىدىغان بىر جەريان دەپ قارىغان ئىدىم.مانا ھازىر پا ئە ماككايىن بىلەن پىرىزدىنت بۇشنىڭ ھۆكۇمى قەتئى ئوخشىماي قالدى.
مەن دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتى ئۇچۇن ئۆزۇ منىڭ خاتالاشقان، ئۇلارنىڭ توغرا بولۇپ چىقىشنى ئۇمىت قىلدىم. بىراق ئش ئۇنداق بولمىدى.بىز ھازىرغىچە 600 مىلىيارت ئامرىكا دوللىرى،ئاز كەم بىر تىرىلىيون پۇل خەجلىدۇق.تۆت مىڭ كىشىمىزدىن ئايرىلدۇق.30 مىڭ ئادىمىمىز يارىلاندى.تىخىمۇ مۇھىمى،دۆلەت بىخەتەرلىكى سىتراتىگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بازا تەشكىلاتى يەنە باش كۆتۇرۇپ چىقتى،2001-يىلدىن بۇيانقى ھەرقانداق چاغدىكىدىن تىخىمۇ كۇچلىنىپ كەتتى.
………………………………………………..
بىز تىخى ئاساسى ھۆكۇمەت ئاپپاراتلىرىنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش ئۇچۇن چەتئەلدىن قەرز ئىلىۋاتىمىز.شۇڭا مىنىڭچە بۇ ئۇرۇشتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاق شۇكى،بىز ئامرىكا خەلقىنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىشىمىز ئۇچۇن ھەربى كۇچنى ئشلىتىشتىن ئىككىلەنمەسلىكىمىز كىرەك،ئەلۋەتتە،پىرىزىدىنت بولۇپ قالسام،مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن.بىراق بىز ھەربى كۇچىمىزنى ئاقىلانە يوسۇندا ئشقا سىلىشمىز كىرەك.ئىراقتا بىز كۇچىمىزنى ئاقىلانە ئشقا سالمىدۇق.
……………………………………………………
لەھرىر:ئۇنداقتا ،بىز باشقا تىمىغا ئۆتەيلى…
ماككايىن:پا ئە ئوباما ئافغانستاندىكى ناتونىڭ كۇچىنى ئارتۇق مۆلچەرلىۋەتكەن كومىتتىكى باشلامچى شەخس.ئۇ تىخى ھازىرغىچە بىر قىتىممۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاپ باقمىدى.
لەھرىر:سىز دىمەكچى بولغان نۇقتا..؟
ماككايىن:مىنىڭچە ،نۇقتا ناھايتى روشەن.
لەھرىر:ياخشى.ئۇنداقتا بۇ نۇقتىغا قانداق قارايسىز،ئوباما؟
ئوباما: قايسى نۇقتىغا؟ئۇ بىر دۆۋە گەپنى تۆكىۋەتسە ؟
لەھرىر:ھە بىلدىم،ئۇنداقتا بىز ئاخىرقى نۇقتىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ يەنە قايتىپ كىلەيلى،بۇ نۇقتا بولسا سىزنىڭ تىخى ھازىرغىچە ……

ئوباما:قاراڭ،مەن مۇئاۋىن پىرىزدىنتلىق نامزاتى جوۋ بايدىندىن ناھايتى پەخىرلىنىمەن.ئۇ پارلامنىت تاشقى مۇناسىۋەت كومىتىتىنىڭ رەئىسى ،ئۇ چۇشەندۇرگەندەك،-بۇنى جونمۇ ئوبدان بىلىدۇ-ئافغانستان مەسىلىسى،ئىراق مەسلىسىگە ئوخشاش مۇھىم مەسللەردە مىنىڭ تارماق كومىتىتىمنىڭ گىپى ھىساب ئەمەس،چۇنكى كومىتىت بىر پۇتۇن كومىتىت سۇپىتىدە قارا قىلىدۇ. بىراق ئۇ پارلامىنتنىڭ ئىچىدە ئوينايدىغان كالتەك توپتۇر. بىز يادرولۇق مەسللەرگە قايتىپ كىلەيلى،پا ئە ماككايىن نىڭ بۇ گىپى ئۇزۇل-كىسل توغرا،ئىراقتىكى زوراۋانلىق –ھەقىقەتەنمۇ پەسكويغا چۇشتى.بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ۋە ھەربىيلەر ئائىللىرىنىڭ ئاجايىپ زور قوربانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە پەسكويغا چۇشتى. ئۇلار ناھايتى قالتىس خىزمەت قىلدى.گىنرال پىترائۇس ناھايتى ئسل خىزمەتلەرنى قىلدى.بىراق چۇشىنىش كىرەككى،بۇ –تۆت يىل خاتا يىتەكلەنگەن مەزكۇرئۇرۇشنىڭ جاراھەتلىرىنى يىپىش ئۇچۇن قوللانغان تاكتىكىدىن ئىبارەت. جون شۇنى ياخشى كۆرىدۇ،جون سىز دائىم بۇ ئۇرۇش خۇددى 2007-يىلى باشلانغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىسىز،شۇنىڭ بىلەن يىقىنقى بۇرۇلۇشنى تىلغا ئالىسىز،ئۇرۇش 2003-يىلى باشلانغان.ئۇرۇش باشلانغان چاغدا سىز ئۇرۇش ناھايتى ئاسان ۋە تىزلا ئاخىرلىشىدۇ. دىگەن ئىدىڭىز.سىز بىز قىرغىنچىلىقى زور قوراللارنىڭ نەگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىمىز دىگەن ئىدىڭىز.سىز خاتالاشتىڭىز. سىز بىز ئىراقلىقلارنى ئازات قىلغۇچى سۇپىتىدە قارشى ئىلىنىمىز دىگەنىدىڭىز،يەنە خاتالاشتىڭىز،سىز شىئەلەر بىلەن سۇننىيلەر ئوتتۇرسىدا زوراۋانلىق تارىخى يوق دىگەن ئىدىڭىز،يەنە خاتالاشتىڭىز.شۇڭا مىنىڭ سۇئالىم ………….

لەھرىر:پا ئە ئوباما ..
ئوباما: مەن شۇنى سورىماقچى ،كىلەركى نۆۋەتلىك پىرىزدىنىت بولۇشقا كىمنىڭ بەك سالاھىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى كىمنڭ ھەربى كۇچىمىزنى توغرا ئشلىتىش قارارى چىقىرالايدىغانلىقى ،يەنە بىر قىتىملىق توقۇنۇشقا تەييارلىقى بار-يوقلۇقى بىلەن ئۆلچەش لازىم بولسا ،بىز ئىككىمىزنىڭ چىقارغان ھۆكۇملىرىمىزگە قاراپ باقايلى.

لەھرىر:شۇتاپتا نۇرغۇن سۇئاللىرىم تۇرۇپتۇ…

ماككايىن:مىنڭچە پائە ئوباما تاكتىكا بىلەن سىتراتىگىيەنىڭ پەرقىنى تىخى چۇشەنمەپتۇ.بىراق سىلەرگە دىمەكچى بولغان بىر مۇھىم ئش،ئىككى قىتىملىق 4-ئىيۇلدىن بۇرۇن (ئىككى قىتىملىق دۆلەت بايرىمى كۇنى دىمەكچى-.ت ) مەن باغداتتا ئىدىم،گىنرال پىترائوس پارلامىنىت ئەزاىسى گىراخام لىندسى بىلەن مىنى 688نەپەر ئامرىكىلىق باتۇر ياشنىڭ تەبرىكلەش پائالىيتىگە تەكلىپ قىلدى.ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان بولۇپ،ئۇلار ئىراقتا ئىراقلىقلارنىڭ ۋە ئامرىكا خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۇچۇن داۋاملىق تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىشقا قايتا تىزىملاتقان ئەسكەرلەر ئىدى. مەن ئۇ يەردە بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.مەن ئۇ ئەسكەرلەرگە سۆز قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.سىلەرگە مەلۇم،كىين بىز ئۇلار بىلەن نۇرغۇن ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۇزدۇق.سىلەر ئۇلارنىڭ بىزگە نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسلەر؟ئۇلار :بىز ئۇرۇشتا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىمىز.ئۇلار ماڭا: بىز ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقايلى ،.بىز بالىلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە قايتا كىلىشنى خالىمايمىز..دىدى. ئەنە شۇ سىتراتىگىيە ،ئەنە شۇ گىنرال ئۇلار غەلبە قىلىۋاتىدۇ.پا ئە ئوباما بىزنىڭ ئىراقتا غەلبە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىتىراپ قىلىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ.

ئوباما:ئۇنداق ئش يوق.
ماككايىن:ئۇلار ھىلىلا بىر سايلام لايھىسنى …
ئوباما: ئۇنداق ئش يوق.
ماككايىن:سايلام قانۇن لايىھىسى ئۆتكەن بىر نەچچە كۇن ئىچىدە تەستىقلىنىپ چىقتى.ئەمەلىيەتتە،ئىجتىمائى،ئىقتىسادى ئىلگىرىلەشلەر ۋە سىتراتىگىيە بارلىققا كەلدى.بىر رايونغا ئىلگىرىلەپ كىرىدىغان سىتراتىگىيە بارلىققا كەلدى.شۇ چاغدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى سىز بىلەن ئتتىپاقداش بولىدۇ.ناچار ئەبلەخلەرمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولىدۇ.تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مەزكۇر دۆلەتكە يار بولىدۇ.ئىراقتا مانا مۇشۇنداق ئشلار بولۇۋاتىدۇ.بۇ تاكتىكا ئەمەس.

لەھرىر:ماڭا قاراڭ….
ئوباما:جىم،جىم بۇ بىر چوڭ…
ماككايىن:ئۇ پەقەت بىر سىتراتىگىيە ،ئاشۇ گىنرال يەنە ئوخشاش سىتراتىگىيەنى ئافغانستاندىمۇ قوللىنىدۇ.پا ئە ئوباما ئەسكەرلەرنىڭ چىقىمىنى قسقارتماسلىققا بىلەت تاشلىماسلىق ۋەدسنى بىرىپ بولغاندىن كىينمۇ ،كىشنىڭ ئشەنگۇسى كەلمەيدىغان بىر ئشنى قىلدى.ئۇ ئىراق ۋە ئافغانستاندىكى ئەسكەرلەرگە خىراجەت تەستىقلاشقا بىلەت تاشلىمىدى.

ئوباما:جىم، بۇ يەردە جاۋاب بىرىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن ئشلار بار،ھەممىدىن ئاۋۋال،بىز ئەسكەرلەرگە خىراجەت توپلاش مەسلىسدە توختىلايلى،چۇنكى جون بۇ گەپنى دائىم ئاغزىدىن چۇشۇرمەيدۇ.پا ئە ماككايىن ۋاقىت جەدىۋىلى بولغان خىراجەت توپلاش قانۇن لايىھسىگە قارشى چىقتى.چۇنكى ئۇ ۋاقىت جەدىۋىلىگە ئشەنمىدى. مەن ۋاقىت جەدىۋىلى بولمىغان خىراجەت توپلاش پىلانىغان قارشى چىقتىم.ئاخىرىدا جورجى بۇشقا ئاق چەك تاپشۇردۇم. ۋاقىت جەدىۋىلى مەسىلىسىدە بىزنىڭ ئىختىلاپىمىز بار.ئەسكەرلەرگە خىراجەت توپلاشتا ھىچقانداق ئىختىلاپىمىز يوق. بىزنىڭ قانۇنچىلىق ساھەسىدە ئىختىلاپىمىز بار،مەن تاكتىكا بىلەن سىتراتىگىيەنىڭ پەرقىنى ناھايتى ياخشى بىلىمەن.پىرىزدىنىت بولغان كىشى سوراشقا تىگىشلىك سىتراتىگىيلىك مەسىلە بىزنىڭ ئاللىقاچان بۇ دۆلەتتە يولغا قويغان ئالاھىدە ئۇسۇللارنى يەنە ‹‹يولغا قويدۇقمۇ-ياقمۇ››دەپ سوراش ئەمەس. سورايدىغان سۇئال:بۇ ئاقىلانىلىكمۇ دەپ سوراشتۇر.بىز ئافغانستاندىكى شارائىتنىڭ كۇندىن-كۇنگە ناچارلىشپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.بىز ئافغانستانغا تىخىمۇ كۆپ ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرشىمىز كىرەك.تىخىمۇ كۆپ تەمىناتلارنى يەتكۇزۇپ بىرىشمىز كىرەك.پا ئە ماككايىن،ئىراققا يۇگرەپ بىرىپ ،بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتڭىز.سىز نىمىنى بىلىسىز؟ بىز ئافغانستاندا ئۇتۇق قازانغان ئىدۇق.ئۇ يەردە بىزگە تەھدىت پەيدا قىلالىغۇدەك ھىچكىم قالمىغان ئىدى. مانا ھازىر قارىساق،بىن لادىن يەنە قىچىپ يۇرىۋاتىدۇ.تىخى يەنە قۇرۇلۇش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.مۇداپىئە مىنىستىرى روبىرىت گەيتىس ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلدى:تىرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش –نەدە باشلانغان بولسا ،شۇ يەردە ،يەنى ئافغانستاندا ئاياقلىشىدۇ.

ئەگەر بىز ئىراقنى ئۆز دۆلەت جامائىتىگە تاپشۇرۇپ بىرىشنى خالىمىساق ،بۇ ئششمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز.مىنىڭ دىگىنىم،بىز بۇ ئۇرۇشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاياقلاشتۇرۇشىمىز كىرەك.باسقۇچقا بۆلۇپ ئاياقلاشتۇرىشىمىز كىرەك.بىراق كەلگۇسى 16 ئاي ئىچىدە بىز ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىنى قسقارتىشىمىز كىرەك.ھەربىلەرنىڭ ئائىلە –تاۋابىئاتلىرىغا بىر ئاز تەسەللى بىرىشمىز ،ئافغانستاندىكى كۇچىمىزنى قايتا ئۇرغۇتۇپ ،بىن لادننى تۇتۇپ ۋە ئۆلتۇرۇپ ،بازا تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلىشمىز كىرەك.
مانا ھازىر ئافغانستاندىكى كوماندىر جەڭچىلەر ،شۇنداقلا ئادمىرال مۇللىنمۇ بىزنىڭ ئافغانستاندا يىتەرلىك ئەسكىرى كۇچىمىزنىڭ يوقلۇقىنى ئىتىراپ قىلدى.چۇنكى بىزنىڭ ئىراقتكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانى ئۇ يەردە ئەھۋال ياخشلىنىشتىن بۇرۇنقى سانىدىن خىلىلا كۆپ.

ماككايىن:ئادمىرال مۇللىن پا ئە ئوبامانىڭ پىلانى ئامرىكىغا خىيم-خەتەر ئىلىپ كىلىدۇ دىگەن.
ئوباما:ئۇنداق ئش يوق
ماككايىن:ئۇ بولسىمۇ…
ئوباما:ئۇنىڭ دىگىنى پەقەت ھىسيات ئارىلاشقان بىر خىل..
ماككايىن:ئادمىرال مۇللىن شۇنداق دىگەن.
ئوباما:‹‹ئەسكەر چىكىندۇرۇش خەتەرلىك بولىدۇ ››دىگەن گەپنى ئۇ دىمىگەن.بۇنداق ئش يوق.
ماككايىن:گىنرال پىترائۇسمۇ ئوخشاش گەپنى قىلغان.ئوساما بىن لادىن بىلەن گىنرال پىترائوسنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار،مىنڭ بىلىشىمچە بۇ ئورتاقلىق بولسىمۇ ئۇلار ئىككىلىسى ئىراقنى مەركىزى ئۇرۇش رايونى دىگەنلىكتىن ئىبارەت. ھازىر گىنرال پىترائوس بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى ماختىدى.ئۇ يەنە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسانلا قولدىن كىتىشى مۇمكىن دىدى.ئەگەر بىز چىكنىدىغان ۋاقتنى بەلگىلەپ قويساق،-خۇددى پا ئە ئوباما نىڭ ئەسلى پىلانى بويىچە-قولىمىزدىكى بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھىچ ئش ئاياققا چىقماي تۇرۇپ ،پاسسىپ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالىمىز. مەن ھازىر پا ئە ئوبامانىڭ نىمە ئۇچۇن ھەيران بولىدىغانلىقىنى چۇشەندىم.ئۇنىڭ نىمەئۇچۇن بۇ داۋالغۇشنى ئۆزىنڭ چەكتىن ئاشقان ئارزۇلىرى بولمىغاندا يەنە داۋاملشدۇ دەپ تۇرىۋىلىشنى چۇشەندىم.

ماككايىن:بۇ ئش مەندىن ئاشمايدۇ.چۇنكى مەن ئۇنىڭ كارغا كىلىدىغان ۋە داۋاملىشالايدىغان سىتراتىگىيە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ئەگەر بىز غالىبيەتنىڭ جاۋغايلىرىدىن مەغلۇبىيەتنى قاماللاپ ،پا ئە ئوبامانىڭ پىلانىنى قوللانساق ئۇچاغدا ئۇرۇشنىڭ دائىرسى تىخىمۇ كىڭىيپ كىتىدۇ.ئافغانستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋەزىيتى تىخىمۇ قالايمىقانلىشپ كىتىدۇ.

لەھرىر:ئافغانستان،بىر يىڭى تىما .خوش ،سىلەر ئىراق مەسلىسنى ‹‹ھەل قىلىپ بولدۇڭلار ››،ئەمدى ئافغانستانغا ئۆتەيلى.
ئەمدى سىزگە كەلدى،پا ئە ئوباما، بۇ تىما مۇزاكىرە قىلىنپ بولغان نۇقتىلاردىن تاللانغان.سىزئافغانستانغا تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىش كىرەك دەپ قارامسىز؟ قانچىلىك ئەسكەر ؟ قاچان ئەۋەتىلىشى كىرەك؟

ئوباما:شۇنداق،بىز تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشىمىز كىرەك.مەن بىر يىلدىن بىرى شۇنداق دەپ كىلىۋاتىمەن. مىنىڭچە بىز قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز ھەرىكەت قوللىنىشمىز كىرەك. چۇنكى جەڭ مەيدانىدىكى قوماندانلارنىڭ بىلدۇرۇشىچە بۇ يەردىكى ۋەزىيەت بارغانسىرى ياخشلانماستىن بارغانسىز ناچارلاشماقتا. بىز ئۆتكەن بىر يىلدا 2002-يىلدىن بىرىقى ئەڭ ئىغىر تالاپەتلەرگە يولۇقتۇق.بىز بىر زور قارشىلىق كۇچنىڭ –بازا ۋە تالىباننىڭ- چىگرادىن ئۆتۇپ ئەسكەرلىرىمىزگە بار كۇچى بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.ئۇلار ھازىر خىلىلا پىتلاپ قالدى. بىز يەنە ئافغانستاننى ئىراقتىن ئايرىۋىتەلمەيمىز،چۇنكى بىزنىڭ قوماندانلىرىمىزنىڭ دىيىشچە ،بىزنىڭ ئافغانستاندا ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا يىتەرلىك ئەسكىرى كۇچىمىز يوق. شۇڭا مەن ئۇ يەرگە ئىككىدىن-ئۇچكىچە بىرىگادە ئەسكەرنى يۆتكەيمەن. كاللىمىزدا چىڭ تۇرۇشى كىرەككى،بىزنىڭ ئىراقتكى ئەسكەرلىرىمىز ئافغانستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ تۆت ھەسسگە توغرا كىلىدۇ.ئاشۇ ئىراقنىڭ بىز دۇچ كەلگەن 11-سىنتەبىر ۋەقەسى بىلەن ھىچقانداق ئشى يوق ئىدى.راسىت گەپنى قىلساق،بىز بىرشتىن بۇرۇن ئىراقتا بازا تەشكىلاتىمۇ يوق ئىدى.شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىراقتكى ئەسكەرلىرىمىز ئافغانستاندىكى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ سانىدىن تۆت ھەسسە كۆپ. مانا بۇ سىتراتىگىيەلىك خاتالىق،چۇنكى ھەرقانداق ئاخبارات ئاگىنىتلىقى ئىتىراپ قىلىدۇكى ،بازا تەشكىلاتى ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىتتىن ئىبارەت.مۇداپىئە مىنىستىرى گەيتىس ئىتىراپ قىلغانكى،بىز ئاشۇ خەق بىلەن تۇتۇشدىغان مەركىزى فىرونىت ئافغانستان بىلەن پاكىستاندا بولۇشى كىرەك. شۇڭا بۇ يەردە بىز چۇشىنىپ قىلىدىغان ئشلار بار،بۇ پەقەت ئەسكەر مەسلىلسلا ئەمەس،بىز ئافغان ھۆكۇمىتىگە ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقى ئۇچۇن ھەقىقى خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇشكە بىسم ئشلىتىشمىز كىرەك.مەن بۇنى پىرىزدنىت كارزائىيغا ئىيتتىم.
ئىككىنچى-بىز ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى كۇنسىرى يۇقىرى ئشىۋاتقان ئەپيۇن سودىسى مەسلىسنى بىر تەرەپ قىلىشمىز كىرەك.
ئۇچىنچى-بىز‹‹ پاكىستان ››مەسلىسنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كىرەك.چۇنكى پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى چىگرا رايوندا بازا تەشكىلاتى ۋە تالىباننىڭ بىخەتەر جەننىتى بار،شۇنداق تۇرۇقلۇق،سىلەرگە مەلۇملۇق،بىز پا ئە ماككايىننىڭ قوللىشى ،جورجى بۇشنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن يەتتە يىلدىن بىرى ئۇلارغا 10 مىلىيارت دوللارتىن ئارتۇق پۇل بەردۇق.شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلار ئاشۇ بىخەتەر جەننەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا تىگىشلىك ئشنى قىلمىدى.
مانا ھازىر ،ئامرىكىلىقلار ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپمۇ يەنىلا بىخەتەرلىك ھىس قىلالمايۋاتىدۇ.

لەھرىر:ئافغانستان،پا ئە ماككايىن؟


ماككايىن:ھەممىدىن ئاۋۋال،منڭ ئىلگىرى قاتتىق پۇشايمان قىلغان خاتالىقنى تەكرارلىغۇم يوق،ئۇ خاتالىق بولسىمۇ ،بىز ئافغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە ياردەم بىرىشكە ،روسلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا قادىر تۇرغلۇق بۇ رايوندىن ئاساسى جەھەتتىن قولىمىزنى يۇيۇپ چىقىپ كەتكىنمىز ئىدى. نەتىجىدە ئۇ يەردە بىز بۇگۇن دۇچ كىلىۋاتقان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا تالىغان ،بازا تەشكىلاتلىرىغا دۇچ كىلىپ تۇرۇپتىمىز.شۇڭا بىز تارىخنىڭ بۇ دەرسلىرىگە سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك. ھازىر،پاكىستانغا ياردەم بىرىش مەسلىسدە،ئەگەر سىز تاپانچىدا بىراۋنى نىشانلىسىڭىز،-بىر چاغدا بىزنىڭ بۇيۇك دۆلەت ئشلىرى كاتىۋىمىز جورجى شۇلتىز ماڭا شۇنداق دىگەنىدى-سىز تەپكىنى بىسشقا تەييار تۇرۇشىڭىز كىرەك. منىڭ ھازىر مۇشۇ چاغدا پاكىستانغا بىرىلىدىغان ياردەمنى قىسقارتىش تەييارلىقىم يوق.شۇنداقلا پاكىستانغا تەھدىت سىلىش تەييارلىققىممۇ يوق.پا ئە ئوباما شۇنداق قىلغۇسى باردەك قىلىدۇ،ئۇ ھەتتا پاكىستانغا ھەربى ھۇجۇم قوزغايمەن دەيدۇ. بىز پاكىستان خەلقىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىمىز كىرەك.ئۇ پاكىستانغا ھەربى يۇرۇش ئىلان قىلىمەن دەۋاتىدۇ .ھازىر سىز ئۇنداقمۇ قىلماڭ.بۇ گەپنى تىشڭىزغا چىقارماڭ.ئەگەر بىر ئش قىلماقچى بولسىڭىز ،سىز بىر ئش قىلىشڭىز كىرەك،سىز پاكىستان خەلقى بىلەن بىرگە قىلىشڭىز كىرەك. ھازىر پاكىستاننىڭ يىڭى پىرىزدىنىتىنىڭ قولى قۇرۇق ئەمەس،چىگرا رايون بولسا ئىمپىراتورئسكەندەر دەۋرىدىن بۇيان باشقۇرۇلۇپ باقمىغان جايلاردۇر. مەن ۋەزىرىستان ئۆلكىسىگە بارغان.ئۇيەرنىڭ شارائىتنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىنى كۆردۇم.ئۇ يەر ھازىر بىر نەچچە قەبىلە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. شۇنداق،پا ئە ئوباما تىخىمۇ كۆپ ئەسكەر تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.بىراق ئۇ چۇشەنمەيۋاتىدۇ،بۇ ئاقىۋەتتە ئۇ دەل قارشى تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىراقتىكى يىڭى سىتراتىگىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ.بۇ سىتىراتىگىيە ھازىر ئافغانستاندا يولغا قويۇلماقچى.
بىز پاكىستاننىڭ بۇ رايونلارغا بىرىشغا يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئتتىپاقلىشغا ياردەم قىلىشىمىز كىرەك.بۇ ھەقىقەتەن مۇشكۇل ئش.چۇنكى ئۇلار تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتى ئەزالىرى قۇدا-باجا بولۇشۇپ كەلگەن قەبىللەردۇر.بىراق بىز بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ ھەمكارلىقىغا ئىرىششمىز كىرەك. پاكىتانلىقلارمۇ شۇنى چۇشىنىپ قىلىشى كىرەككى،ئسلامئابادتىكى ماررىئوت مىھمانخانىسنىڭ پارتىلىتىلىشى –دەل تىرورچىلارنىڭ ھۆكۇمەتنى بىز بىلەن بازا ۋە تالىبانغا قارشى ھەمكارلاشماسلىققا مە جبۇرلاۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. شۇڭا بىزنىڭ ئافغانستاندا قىلىدىغان ئشلىرىمىز كۆپ.بىراق مىنڭ ئشەنچىم كامىل،ھازىر گىنرال پىترائوس يىڭى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى.بىز ئەمدى بىر سىتراتىگىيەنى ئشلىتىمىز.ئۇ پەقەت ئەسكەر كۆپەيتىشنىلا تەكىتلەيدىغان سىتراتىگىيە ئەمەس .قوشۇمچە قىلسام،ھازىر 200مىڭ زاپاس ئەسكەر بار،32مىڭدىن 53مىڭغا ياكى تىخىمۇ كۆپ ئەۋەتىشكە بولىدۇ. شۇڭا پەقەت ئەسكەر ئەۋەتىشلا كارغا كەلمەيدۇ.ئەكسىچە سىتىراتىگىيە غەلبە ئىلىپ كىلىدۇ.پاكىستان بۇ سىتراتىگىيەدىكى ناھايتى مۇھىم ئامىلدۇر.مەن گىنرال پىترائۇس بىلەن قانداق ئشلەشنى بىلىمەن.سىلەرگە كىپىل بولالايمەنكى،مەن ھەرگىز پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىمەن دەپ ئاشكارا جار سالمايمەن.

بۇ تىما ئىككى قىسىم بولۇپ بۇ يەردىن داۋامىنى ئوقۇڭ.

2 ئىنكاس بار »

  • ئالماس :

    بۇ نوتۇقلارنى كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم. لېكىن نوتۇقلارنى تېگى دىن چۈشىنىپ يېتەلمىدىم بەلكىم مېنىڭ ئامېرىكا توغرىسىدا چۈشەنچەم ئانچە چوڭقۇر بولمىسا كېرەك…..لېكىن سىزنىڭ بۇ نوتۇقلارنى جاپا كۆرمەي تەرجىمە قىلغىنىڭىزغا رەخمەت!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تورماھىرى :

    بۇلارنى يوللاپ ناھايتى ياخشى قىپسىز
    توختاپ قالماي يوللاپ تۇرۇڭ مەن كۈندە سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىمەن

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..