
مەن بەش يىلدىن بۇيان بلوگ، مۇنبەرلەر ۋە ئۇندىن باشقا يەنە ئىلخەت، Facebook. RenRen تورى ئارقىلىق سورالغان ھەرخىل سۇئاللارغا ۋاختىمنىڭ يىتىشىچە جاۋاپ بىرىپ، مەسلەھەت بىرىپ كىلىۋاتىمەن. بۇ ئىشلارنىڭ مىنىڭمۇ جىق ۋاختىمنى ئالمايدىغان، شۇنداقلا ھەر ئىككىلى تەرەپ ئەڭ ياخشى ھالەتتە پايدىلىنالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن ھەر خىل ياردەم ۋە سۇئاللارنى سورايدىغانلارنىڭ تۈۋەندىكى تەلەپلەرنى ئوقۇپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا ھەر خىل ئوقۇشماسلىقلاردىن ساقلىنالايمىز.
1. سۇئاللار مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ. ھازىرغىچە ماڭا كىلىۋاتقان خەتلەرگە قارىغاندا تۈۋەندىكى مەزمۇندىكى خەتلەر كۆپ كىلىدۇ:
1) ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ئىدىيۋى مەسىلىلەر. قىينچىلىقلار.
2) چەتكە چىقىش ئارزۇيى بار، لېكىن قەيەرگە چىقىش توغرىسىدا ئىنىق قارارغا كىلەلمەسلىك.
3) ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس،لېكىن چەتكە چىقىشنى بەك ئارزۇ قىلىش
4) ئوقۇشى ياخشى ئەمەس، لېكىن چوقۇم ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ چەتكە چىقىشنى ئارزۇ قىلىش
5) چەتكە چىقىش ئىمتاھانلىرىغا تەييارلىق قىلىىش توغرىسىدا مەسلەھەت سوراش، قايسى ئىمتاھاننى بىرىشنى بىلەلمەسلىك.
6) چەتكە چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار، باشقا بىر دۆلەتكە چىققاندىن كىيىن ئامرىكىغا كىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر سوراش
7) ئاز ساندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەلگۈسى غايىلىرى،نىمە كەسىپ قايسى مەكتەپتە ياكى قايسي دۆلەتتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىش توغرىسىدا
8) ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تاللاش باسقۇچىدا قايسى مەكتەپنى ئارزۇغا يېزىش توغرىسدا ئۇچرىغان قىيىنچىلقلار
9) ئانچە مۇنچە بلوگنى قاندا ياساش توغرىلىق سۇئاللار
10) ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش جەريانىدا ئۈگىنىش، ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەسلىك ئىشلىرى، مۇھەببەت مەسىلىلىرى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئىچكىردە قېلىش ياكى يورتىغا قايتىش تاللاشلىرى ۋە باشقىلار.
11) بەزىلەرنىڭ ئانچە مۇنچە تۇرمۇشتا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى، مۇھەببەت كىرىزىسلىرى،
12) ئامرىكىدى بەزى ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى سوراش، ئەۋەتىپ بىرەلەيدىغانلىغىمنى بىلىش
13) توردىن بەزى ماتىرىياللارنى تېپىپ بىرىشنى سوراش.
14) ئاز ساندىكى باشقا سۇئاللار
2. يۇقارقىدەق سۇئاللارنى يەنە سورىڭىز بۇلىدۇ،بەزەنلىرىگە مەن چوقۇم جاۋاپ بىرەلىشىم ناتايىن. ئۇندىن باشقا ئوقۇش، ئۈگىنىش، چەتكە چىقىش. ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردىن باشقا سۇئاللارنىڭ مۇھىملىق تەرتىۋى مەن ئۈچۈن تۈۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قانداق قارايسىز»، «جەميەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى، قانداق تەدبىرلىرىڭىز بار؟: دىگەندەك سۇئاللارغا مەن ئىلخەت ئارقىلىق دەماللىققا جاۋاپ يېزىپ بۇلالمايمەن. بۇلار بىردەملىك ۋاقىت چىقىرىپلا جاۋاپ بەرگىلى بۇلىدىغان سۇئاللار ئەمەس.
3. ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ۋاختىنى ئاسراڭ.مەن بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا قىلىمەن. مەن ئاۋال ئوقۇشۇم كىرەك، تۇرمۇش كەچۈرۈشۇم كىرەك، ئاندىن بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ يازغۇدەك ۋاختى چىقىدۇ. يازغان خەتتە سالام-سائەت، تەكەللۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرۇش سۆزلىرى ئىشلەتمەڭ. باشتىن باشلاپلا مەقسەتكە ئۆتۈڭ. ئىلاجى بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى تەپسىلى بولسۇن، ئۇچۇرنى قانچە كۆپ بەرسىڭىز مەن شۇنچە ياخشى مەسلەھەت بىرەلەيمەن. خەتنى قايسى تىلدا يازسىڭىز مەيلى، لېكىن ئۈزىڭىزنى چوقۇم ياخشى ئىپادىلىيەيدىغان تىل بولسۇن.
4. بىر خەتكە جاۋاپ بىرىشكە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكۈدەك بولسا ئۇ خەتلەرنى مەن كىيىنگە ئېلىپ قويىمەن. ئەگەر مەسلەھەت ئالىدىغان ئىشلىرىڭىز بىر نەچچە تۈرلۈك بولسا بىر نەچچىگە بۆلۈپ ئاۋال بىرنى يېزىپ ئۇنىڭ مەسلەھەتىنى ئالغاندىن كىيين ئاندىن ئىككىنچىسىنى يېزىڭ. ئەگەر بۇ ئىشلار بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۇنداقتا ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىراقلا يازسىڭىز مەيلى، لېكىن مەن ئۇزۇندىراق قايتۇرىمەن.
5. بەزى ۋاقىتلاردا كەلگەن خەتكە مەن بىر نەرسە سوراپ، خەت يازغۇچى ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىپ ياكى باشقا نەرسىلەرنى سوراپ خەت بىر نەچچە قېتىم بېرىپ كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا بارلىق ئالاقىگە ئىلخەتنىڭ «قايتۇرۇش» كونوپكىسىنى ئىشلىتىپلا قايتۇرۇڭ. يىڭى ئىلخەت يازماڭ، قايتۇرۇشنى باسقاندا بۇرۇن قىلىشقان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئاستىدا كوپىيە قىلىنىپ ساقلىنىپ تۇرسۇن.شۇنداق بولغاندا بۇرۇن دىيىشكەن گەپلەرنى ئاختۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. ئەگەر سىز بۇرۇن مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ يەنە ئەگەر يەنە خەت يازسىڭىز بۇرۇنقى ئىشلەتكەن ئىلخەت ئادېرسىنى ئىشلىتىڭ.
6. مەن ئوقۇش، خىزمەت، ۋە ئائىلە ئىشلىرىدىن باشقا كەلگەن ئىلخەتلەرگە جىددى بولمىسا شۇ كۆنى قايتۇرماسلىقىم مۇمكىن، ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىغا ئېلىپ قويىمەن. چوقۇم جىددى ئىلخەت بولسا خەتنىڭ ماۋزۇسىغا [جىددى] دەپ يېزىپ قويۇڭ، مەن جىددى مۇئامىلە قىلىمەن، بۇنداقلارغا تېلپۇن نۇمۇرىنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ. راستىنلا جىددى بولسا بەلكىم بىۋاستە تېلپۇن ئۇرۇشۇم مۇمكىن. ئەگەر جىددى ئەمەس خەتلەر جىددى دەپ يېزىلغان بولسا بۇنداق خەتلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇلمايدۇ. ماڭا خەت يېزىپ ھەپتىگىچە ( ئۆتۈپ كەتسە ئىككى ھەپتە) جاۋاپ خەت كەلمىسە يازغان خەتنى قايتا ئەۋەتىڭ، تاكى مەن جاۋاپ قايتۇرغۇچە ئەۋەتىۋەرسىڭىز بۇلىدۇ. بۇنىڭغا خاپا بولۇپ قالمايمەن.
7. شۇنى چوقۇم بىلىشىڭىز كىرەككى سىزنىڭ جىق ئىشلىرىڭىزغاياردەمدە بولۇش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، مىنىڭ قولۇمدىن مەسلەھەت بىرىشتىن باشقا ئىشلار كىلىشى ناتايىن. شۇڭا يېزىلغان خەتلەردىن بەك چوڭ ئۈمىت كۈتۈپ كەتمەڭ. ياردەم لازىم بۇلىدىغان ئىشلارغا چوقۇم ئەتراپىڭىزدىن ئادەم ئىزدەڭ.
8.ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا مەن QQ, MSN دىگەندەك پاراڭلىشىش قۇراللىرىدا نەق مەيدان مەسلەھەتلەرنى بەرمەيمەن ( قىسقا گەپلەر بولسا مەيلى). ئەڭ ياخشىسى ئىلخەت ئەۋەتىڭ.
9. مەن بۇلار ئارقىلىق پەقەتلا سىزگە مەسلەھەت بىرىمەن ياكى مەلۇم يول كۆرسىتىمەن، لېكىن قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىشىڭىز كىرەك. مەن گۇگۇللاپ سىزنىڭ يازىدىغان دىسرتاتسىيەرىڭىز ئۈچۈن ماتىرىيال ئىزدىشىپ بىرەلمەيمەن، چەتكە چىقىش ماتىرىياللىرىڭىزنى تەرجىمە قىلىشىپ ياكى كوررېكتورلۇق قىلىشىپ بىرەلمەيمەن. مەكتەپلەرگە سىز ئۈچۈن ھەرخىل ماتىرىياللارنى يېزىپ مەكتەپ ئىلتىماس قىلىشىپ بىرەلمەيمەن. بۇلارغا ھازىرچە مىنىڭ ۋاختىم ۋە زىھنىم يار بەرمەيدۇ. لېكىن سىز شۇنداق ئىشلارغا ھەقىقەتەن ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ۋە مىنى قىلىپ بەرسە بۇلاتتى دەپ ئىشەنسىڭىز ھەقلىق قىلىپ بەرسەم بۇلىدۇ. بۇلار ئۈچۈن ھەقلىق مۇلازىمەت دىگەن يەرنى كۆرۈڭ.
10. مىنىڭ بارلىق بەرگەن مەسلەھەتلىرىم پەقەت مىنىڭلا كۆز قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. سىزگە ماس كلىدىغان مەسلەھەت بۇلۇشى ناتايىن. شۇڭا مۇھىم ئىشلاردا جىقراق ئادەمگە مەسلەھەت سېلىپ ھەر خىل ئادەملەرنىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىپ بېقىڭ، ئىلاجى بار سىزنى ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ئەھۋالىڭىزنى بىلىدىغان ئادەملەردىن مەسلەھەت سوراڭ.