Articles tagged with: Student
Headline, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئىلىم-پەن, ئۇختۇرۇش »

ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى فاكولتىتىنىڭ پروفىىسسورى رەيھان بەكتۇر يىقىندا يەنە يىڭىدىن تەتقىقات مەبلىغى ئالغان بولۇپ شەرتلىرىگە چۈشىدىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن بولسا يەنە بىرنى قۇبۇل قىلماقچى. رەيھان بەكتۇر ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىنى ئالغان بولۇپ ئۇلاردىن بىرسى كىلەر يىلى دوكتۇرلۇق پۈتتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بىرسىنى 2011 -يىل كۈزگە ئوقۇش باشلايدىغانغا ئالغان بولۇپ ئۇ يىڭىدىن ئوقۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى بۇرۇن مەن ياكى باشقىلار مىكروبلوگ ۋە باشقا تورلاردا ئۇختۇرۇش بەرگەن.لېكىن شەرتلەر تازا ئىنىق يېزىلمىغان بولغاچقا باشقىلار كىم بولسا قۇبۇل قىلىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق مۇھىت ئىنژىنىرلىقىدىن تارتىپ خېمىيە ئىنژىنىرقىغىچە ياكى كەسپى، ياكى بۇرۇن ئوقۇغان دەرىسلىرى ھىچقانداق ماس كەلمەيدىغان، ئۆلچەملىك ئىمتاھانلارنى بەرمىگەن، ياكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس دىگەندەك ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خەت يازغان. رەيھان بەكتۇر گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇركەن دەپلا كىم بۇلسا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا ئوخشاش مەلۇم شەرت ۋە تەييارلىقلارنى ھازىرلىغان بۇلۇشى كىرەك، كىلىپلا ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈر تەتقىقاتدىغا كىرىشىپ كىتەلىشى كىرەك. شۇڭا ئوقۇشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋال دوكتۇر رەيھان بەكتۇرنىڭ تور بېتىگە چىقىپ ياكى گوگىلدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشىنى
ئۈگىنىش »

تىمىنى كانادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر تەۋسىيە قىلغان بولۇپ ئوقۇپ باقسام ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ھەقىقەتەن بۇ تىمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسا بۇلىدىكەن. باكلاۋوردا ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئوقۇپ قويسا زىينى يوق، چۇنكى نۇرغۇن يەرلىرى يەنىلا ماس كىلىدۇ. تىمىنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى كىمۇ ھازىرغىچە ماڭىمۇ ئىنىق ئەمەس. شۇڭا يازغۇچىسى ئەسكەرتىلمىدى. ئابدۈشۈكۈر بۇرۇنمۇ كانادادا ئوقۇش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىلىق ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.
ئامرىكدىكى ئىشلار »

ئۈتكەن يىلى ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كۈزدە كاناداغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۈشۈكۈر كانادادا ئوقۇش ئىشلىرى توغرىلىق بىر ماتىرىيال تەييارلاۋاتقان بۇلۇپ تۈۋەندىكىلەر شۇلارنىڭ بىر قىسمى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ ۋاختىنى تىجەپ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش يولدىكى بالىلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكى يەنە باشقا بورۇن چەتئەلگە يىڭى چىققان باشقا دوستلارغىمۇ ئۆرنەك بۇلغۇسى. ھەممەيلەن كەينىدىكى ئىز باسارلار ئۈچۈن مەلۇم تەجرىبە يېزىپ تۇرساق باشقىلار ئەگرى يولنى ئاز باسىدۇ. ماتىرىيال ئىنگىلىس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ مەن شۇ پېتى چاپلاپ قويدۇم.