Home » Archive

Articles tagged with: Italy

ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »

[8 دېكابىر 2008 | 18 Comments | 1,059 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(2)   Detailed steps to Apply Italian Universities

ۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قسىمى ئاساسى مەكتەپ رايۇنى (مىلەن شەھرىدە) بولغان leonardo ,bovisa لاردا بولسا يەنە بىر قىسمى LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئچىدە 3-4-5-6-7-9-لار LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان بۇلۇپ 100 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەر يىلى 5000 ياۋرو بىرىدۇ. نىمە سەۋەپتىنكىن، بۇ پۇل بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 10000ئىكەندۇق،مەن كەلگەندە 8000 بولغان، ھازىر 5000غا چۇشۇپ قاپتۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن 5000 بولسمۇ ، تىجەپرەك خەجلىسە يەنىلا يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ. (ياتاققا يىلىغا 3500 ئەتراپىدا، تاماققا 1500 ئەتراپىدا). شۇڭا 5000 بولسىمۇ ئرىشپلا قالسىڭىز ،قىلچە ئىككىلەنمەي كەلسڭىز بۇلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەر مىلەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان (40 كىلومىتىر ئەتراپىدا ) مىلەندىكى پۇلدارلارنىڭ ئارام ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان شەھىرى، مۇھىتى گۈزەل، تىنىچ ۋە راھەت.

ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »

[8 دېكابىر 2008 | 11 Comments | 1,170 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1)   Detailed Steps to Apply Italian Universities

Jeck ئىلاۋىسى: بۇ يازمىنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستۇم مۇزەپپەر تەييارلىغان. مەن ئۈتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقان ۋاختىمدا مۇزەپپەر قاتارلىق تۆت ئاغىنەم  بىرلىكتە مىنى مىھمان قىلىپ بىر ئاخشام تاماق يەپ مۇڭداشقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ تۇتەيلەننىڭ ئىككىسى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بىرسى ياپۇندا. مۇزەپپەر بولسا ئىتالىيەدە. ئۇ ھازىر ئىتالىيە مىلان تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى (Politecnico di Milano) دا ئوقۇۋاتىدۇ.  ئۈز ۋاختىدا مۇزەپپەر ئەگەر ئىتالىيەگە بېرىپ قالسام چوقۇم تەپسىلى قىلىپ بىر ماتىرىيال تەييارلاپ مەندىن كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىشنىغا سۇنىمەن دىگەن ئىدى. كىيىن ئىتالىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆنۈپ، ئەلمى-تەلىمىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يىقىندا مۇنۇ يازمىنى تەييارلاپ تورداشلارغا سۇندى. تورداشلارغا ۋەكالىتەن مۇزەپپەرگە …

ئىنگلىس تىلى »

[8 ماي 2008 | One Comment | 1,172 قېتىم كۆرۈلدى]

بۈگۈن كىشى ئىسنملىرى توغرىلىق مۇنۇ سىتاتسكىنى كۈرۈپ قېلىپ قىززىقىپ قېلىپ كۈچۈرۈپ قويدۇم. ئىنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتقانلارغا پايدىسى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
1. ئامرىكىدىكى ئەڭ كۈپ ئىشلىتىلگەن ئالدىنقى 100 كىشى ئىسىملىرى
Smith Johnson Williams Brown Jones Miller Davis Garcia Rodriguez Wilson Martinez Anderson Taylor Thomas Hernandez Moore Martin Jackson Thompson White Lopez  Lee Gonzalez Harris Clark Lewis Robinson Walker Perez Hall Young Allen Sanchez Wright King Scott Green Baker Adams Nelson Hill Ramirez Campbell Mitchell Roberts Carter Phillips Evans Turner Torres Parker Collins Edwards Stewart Flores Morris Nguyen Murphy Rivera Cook Rogers Morgan Peterson …