باشبەت » ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش

ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(2) Detailed steps to Apply Italian Universities

8 دېكابىر 2008 688 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس

بۇ تىمىنىڭ بېشىنى ۋە  چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئالدىدىكى تىمىدىن كۆرۈڭ.

مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى 1863 -يىلى قۇرۇلغان. ئىتالىيەدىكى ئنژىنىرلىق، قۇرۇلۇش لايھىلەش كەسىپلىرنى ئاساس قىلغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتىلارنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىۋېرستىت جەمئى 7 مەكتەپ راينىغا بۇلۈنگەن . بۇلارنىڭ ئچىدە  LEONARDO, MILAN BOVISA,COMO,LECCO قاتارلىق مەكتەپ رايۇنىدا مەخسۇس ئېنگىلىزچە كەسپى دەرىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، بۇ رايۇنلارنغا چەتئەللك ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر نوختىلىق  يىغىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ تور ئادرىسى :  http://www.english.polimi.it

مەكتەپنىڭ ئېنگىلىز تىلى غا بولغان ئۆلچەملىرى  تۈۋەندىكىچە :

TOEFL computer: 220
TOEFL iBT: 82
TOEFL Paper: 560
TOEIC: 700
IELTS Equivalent: 6

بۇ مەكتەپ تۇۋەندىكى كەسىپلەر بۇينىچە ئېنگىلىز تىلدىن ماگىستىر ئاسپىرانت (ئككى يىل) قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ.

Master of Science in Architecture
1. قۇرۇلۇش لايھىلەش ئىلمى
Master of Science in Architectural Engineering
2.  قۇرۇلۇش لايھىلەش ئنژىنىرلىغى  
Master of Science in Civil Engineering for Environmental Risks Mitigation 
3.  شەھەر قۇرۇلۇش  ۋە مۇھىت خەتىرىنى تۈۋەنلىتىش ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Computer Engineering
4.  كومپىيوتېر ئىلمى ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Engineering of Computing Systems
5. ھىساپلاش سېستىم ئىلمى ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Environmental and Geomatic Engineering
6. مۇھىت ۋە ئولچەپ سىزىش ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Management, Economics and Industrial Engineering
7. باشقۇرۇش،ئختىساد ۋە سانائەت ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Materials Engineering
8. ماتىريال ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Mechanical Engineering
9.مىخانىكا ئنژىنىرلىغى
Master of Science in Product-Service-System Design
10.مەھسۇلات -مۇلازىمەت سېستىم لايھىلەش ئىلمى
Master of Science in Urban Planning and Policy Design
11. شەھەر پىلانى ۋە سياسىتى لايھىلەش ئىلمى

بۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قسىمى ئاساسى مەكتەپ رايۇنى (مىلەن شەھرىدە) بولغان leonardo ,bovisa لاردا بولسا يەنە بىر قىسمى  LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئچىدە 3-4-5-6-7-9-لار  LECCO ,COMO لارغا جايلاشقان بۇلۇپ 100 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھەر يىلى 5000 ياۋرو بىرىدۇ. نىمە سەۋەپتىنكىن، بۇ پۇل بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 10000ئىكەندۇق،مەن كەلگەندە 8000  بولغان،  ھازىر 5000غا چۇشۇپ قاپتۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن  5000 بولسمۇ ، تىجەپرەك خەجلىسە يەنىلا يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ. (ياتاققا يىلىغا 3500 ئەتراپىدا، تاماققا 1500 ئەتراپىدا). شۇڭا 5000 بولسىمۇ ئرىشپلا قالسىڭىز ،قىلچە ئىككىلەنمەي كەلسڭىز بۇلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەر مىلەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان (40 كىلومىتىر ئەتراپىدا ) مىلەندىكى پۇلدارلارنىڭ ئارام ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان شەھىرى، مۇھىتى گۈزەل، تىنىچ ۋە راھەت. 
ئۇنىڭدىن سىرىت، 1-2-8-10-11-قاتارلق كەسپىلەرگە ملەندىكى ئىككى مەكتەپ راينىغا 20 نەپەر ئوقۇش مۇكاپات پولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ، پۇلىمۇ ئوخشاشلا 5000 ياۋرو . بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالسىڭىز، دۇنيا مودا مەركىزى بولغان مىلەندە ياشايسىز، پۇلىڭىز تەستىرەك يىتىشى مۇمكىن( ئاساسلىغى ياتاق قىممەت)، لېكىن، تەلىيىڭىز بولسا ئوقۇشدىن سىرت ئىش تېپتپ قالسىڭىز(بۇنداق پۇرسەت مىلەندە جىق، پەقەت ئنىگىلىز تىلىدىن باشقا ئازراق ئىتالىيە تىلى بىلسىڭىزلا) يىلدا ئىككى ئاي ئشلەپ قويسىڭىز قالغان پۇل يىتىدۇ.

يۇقارقىلاردىن سىرىت يەنە بىردىن ئىككىدىن بۇلۇپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يەنە بار، تەپسىلاتىنى تۇۋەندىكى تور ئادرىسدىن كۆرسىڭىز بۇلىدۇ:

http://www.polimi.it/english/academics/scholarships.php?id_nav=-247&apri=-247

، يەنە بىلىشىمچە ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياكى ئائىلىدە قىيىنچىلىىغى بار يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىن كۈندە بىر ۋاخ ھەخسسز تاماق بىرىدىغان مۇلازىمىتى باركەن.

بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى تەكىتلەپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. خۇددى بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بالىلارنىڭ ئائىلە ئختىسادى ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىغى مۇمكىېن. ناۋادا  ئائىلە ئختىسادى ياخشى بۇلۇپ (ئىككى يىللىق ئوقۇش ئۇچۇن كامىدا 100000يۇەن خەلق پۇلى چىقىرالىغۇدەك) ھەم تۇلۇق كۇرستىكى ئوقۇش نەتجىڭىز ياخشى بولسا ( ئوتتۇرچە نۇمىرىڭىز ئەڭ كام دىگەندە 80 بۇلۇشى شەرىت )، مىنىڭچە، 1-2-4-7-9-10-كەسىپلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمىسىمۇ، قۇبۇل قىلىنىپلا قالسىڭىز كەلسىڭىز بۇلىدۇ. چۇنكى بۇ كەسىپلەردىن ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەرنىڭ ياۋرۇپادا خىزمەت تېپىش ھەم پىراكىتكا قىلىش پۇرسىتى كۆپرەك ، داۋاملىق ئوقۇيمەن دىسىڭىزمۇ يول چىقىدۇ. لېكىن يۇقارقى ئككى شەرىت ھازىرلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئالدىراپ تەۋەككۇلچىلىك قىلمىغان تۈزۈك. بۇ يىل بىر ئۇيغۇر ئىنىمىز 7-كەسپكە قۇبۇل قىلىنىپتىكەنتۇق، ماڭا ئلخەت يېزىپ مەسلىھەت سوراپتۇ، مەن ئائىلە ئەھۋالى ۋە ئوقۇش ئەھۋالىنى سوراپ بىلسەم ، ئوقۇشى بەك ياخشىكەن(ئچىكىرىدە بىر ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدىكەن ھەم شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتىتدىن ماگىستىر ئاسپىرانىلىققا قۇبۇل قىلىنىپ بوپتۇ) لېكىن ، ئاتا-ئانىسى بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئوقۇتىمىز دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى چۇشەندۇرۇپ، قەرز ئېلىپ بۇ يەردە ئوقۇشنىڭ تازا مۇۋاپىق ئەمەسلىگىنى ، كىلەر يىلى يەنە ئىلتىماس قىلىشقا بۇلىدىغانلىغىنى، باشقا دۆلەتلەردىنمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئزدنىپ بېقىشىىنى تەۋسىيە قىلدىم. بۇ بالا ھازىر شىئەندىكى ماگىسترلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

مەكتەپنڭ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى تۈۋەندىكىچە:
1.باسقۇچ : توردىن ئىلتىماس قىلش  ماتىريال ئەۋەرتىش ياكى ھاۋالە قىلىش جەريانى (2008-يىلى 27-ئۆكتەبىردىن   2009-يىلى 16-يانۋارغىچە) 
بۇ جەريان توردىنى ئىلتىماس قىلشى جەدىۋىلىنى توشقۇزۇش،كېرەكلىك ماتىرياللارنى تەييارلاش جەريانى بۇلۇپ ، جەدىۋەللەرنى ئەستايىدىل توشقۇزۇش،ماتىرياللارنى تۇلۇق ئنىچكە ئويلۇنۇپ تەييارلاش كېرەك. 
توردىن توشقۇزىدىغان جەدىۋەل نۇسخىسى

توشقۇزۇپ ئەۋەتىۋەتكەندىن كىيىن كۈرنگەن ID ۋە PASSWORD نى ھەرگىز يوقۇتۇپ قويماڭ ، قۇبۇل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىغىڭىزنى پەقەت شۇنىڭدىنلا تەكشۈرەلەيسىز.
ئەۋەتىدىغان ماتىرياللار تىزىملىگى (توردىكى ئادرىسى :http://www.polimi.it/english/academics/how_to_apply/prospective/non-EU/graduate.php?id_nav=-340&apri=-318)
(1).توردا ئىلتىماس قىلغان جەدىۋەلنىڭ پرىنت نۇسخىسى (ئىمزالىق)
(2).ئۇنىۋېرسىتىت دىپلۇمى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋانامىسنىڭ كوپىيە نۇسخىسى ( ھازىرچە ئېنگىلىزچىسى بولسىمۇ بۇلدۇ،مەكتەپنىڭ تامغىسى بۇلۇشى كېرەك،بۇنى مەكتەپتىن ئالالايسىز )
(3).ئوقۇش نەتنىجىڭىز  ( جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ توۋەن بولغاندىمۇ ئوتتۇرچە نۇمۇر 80 بۇلۇشى شەرت، ھازىرچە ئېنگىلىزچىسى بولسىمۇ بۇلدۇ،مەكتەپنىڭ تامغىسى بۇلۇشى كېرەك)
(4)مەكتەپتە ئوقۇغان دەرىسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (ھازىرچە ئېنگىلىزچىسى بولسىمۇ بۇلدۇ،بۇنى سىز ئوقۇغان كەسىپنىڭ ھەر قايسى دەرسلەرنىڭ قىسقىچە چۇشەندۇرىشىدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقسىڭىز بۇلىدۇ، بەك كۆپ يېزىۋەتمەڭ، بىر قىسىم ماركىسىزىم، تارىخ دىگەندەك قۇرۇق دەرسىلەرنى چىقىرىۋىتپ، مۇھىمراقلىرىدىن ، ئىلتىماس قىلغان كەسىپكە يېىقىن كىلىدىغانلىرىدىن تاللاپ A4 قەغەزدە 3ۋاراقتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا يېزىپ چڭقسىڭىز بۇلىدۇ. ھەرگىز كۆپ يېزىۋەتمەڭ،كىين ئىتالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغاندا ، جامائەت گۇۋالىغى ھەم ئەلچىخانىدا تامغا باسقۇزغاندا ۋاراققا ئاساسەن جىق پۇل تولەپ كىتىسىز.
(5) ئوقۇش مەخسىدى ھەققىدىكى خەت (بۇنى چۇقۇم ئويلۇنۇپ ياخشى يېزىڭ ، مەكتەپ بۇنىڭغا بەكرەك قارايدىكەن، مەزمۇنى ئۇزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇش، ئوقۇش ئارقا كۈرۇنىشىڭىز، ئىتالىيەنى ، شۇ مەكتەپنى، شۇ كەسىپنى  تاللاشتىكى مەخسىدىڭىز، كىينىكى پىلانىڭىز قاتارلق مەزمۇنلارنى ئوز ئىچىگە ئالسا بۇلدۇ. توردىن STUDY PLANE,MOTIVATION LETTER دەپ ئزدىسىڭىز،بۇنىڭغا ئائىت نۇسخىلارنى تاپالايسىز
(6). قىسقىچە تارىخڭىز (Curriculum Vitae (Resume)简历)
(7).TOEFl ياكى IELTS ئىمتىھان نەتىنجىسى ( كوپىيە نۇسخىسنى ئەۋەتسىڭىز بۇلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى تەكشۈرىۋالىدۇ)
(8). بىر پارچە تۇنۇشتۇرش خېتى (بۇنى مەكتەپتىكى دەرىس بەرگەن پىروفېسسورلارندىن بىرەرىگە ياكى خىزمەتكە چىققان بولسىڭىز ئۇيغۇر باشلىغىڭىزدىن بىرەرىگە يازغۇسىڭىز بۇلىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇزىڭىز يېزىپ ئىمزا قويغۇزىۋالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، ئېنگىلزچە بۇلىشى كېرەك، توردا  جەدىۋەل با شۇنى چۇشۇرۇپ توشقىزسىڭىزلا كۇپايە) 
بىناكارلىق لايھىلەش كەسپىگە ئىلتىماس قلىدىغانلار يەنە بىر شەرىت بار، بۇ يەردە تەپسىلى يازمىدىم.
دىققەت: ھەر بىر ئوقۇغۇچى يۇقارقى كەسىپلەردىن بىرلا ۋاقىىتتا ئىككىگە ئىلتىماس قىلىشقا بۇلىدۇ، بۇ ئىككى كەسىپنىڭ سىزنى تاللاش جەريانى ئايرىم بۇلۇپ، ھەر بىر كەسىپكە يۇقارقى ماتىرياللارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئايرىم قىلىپ (بەزىلىرىنى كوپىيە قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ) ئەۋەتىسىز ( بىر پوچتا خالتىسىغا ، لېكىن ئايرىم تۇپلەپ).
پوچتىدىن ئەۋەتش ئادرىسى :
Politecnico di Milano
International Projects Service
International Admissions Office
Delivery address: P.zza Leonardo da Vinci 32 
20133 Milano (MI)
Italy 
contact person: Fabrizio Buttò  tel:             +39 02 2399.9720

ئەۋەتكەندە بىخەتەرلىك يۇزسىدىن تىز پوچتا يوللانمىسنى تاللىغىنىڭىز تۇزۈك. جۇڭگونىڭ EMS ياكى ئامېرىكىنىڭ DHL نى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى DHL نى تاللاڭ بۇ ھەم تىز ھەم يوللانمىڭىزنىڭ نەگە بېرىپ نەگە توختىغانلىغىنى كۈرۇپ تۇرالايسىز.باھاسى جىق پەرق قىلمايدۇ.EMS ئادەتتە 200 يۇەن ئەتراپىدا،DHLبولسا 240 يۇەن ئەتراپىدا.كىينىكىسى تىزراق تىگىدىكەن.DHL نىڭ ئۈرۇمچىدىكى ئادرىسىنى بەيدۇ دىن ئىزدەپ تېپىپ، ئاندىن ئۇلارغا تېلىفون قىلسىڭىز ئۇلار كىلپ ئۆزلىرى ئېلىپ كىتىدۇ، مىنڭ ماتىريالىم ئۈرۈمچىدىن 3 كۇندە مىلەنگە كىلىپ بولغان. 
2. باسقۇچ :  
ماتىرياللارنى ئەۋەتىپ بولغاندىن كىيىن ، 3ئاي ئەتراپىدا ئۇنىڭ نەتنجىسى توردا مەلۇم بۇلىدۇ.لېكىن ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ نەتىنجىسى كىينىرەك چىقىشى مۇمكىن ،ئوقۇش مۇكاپاتىسىز ئوقۇمايمەن دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى مۇكاپاتنىڭ خەۋىرى تۇلۇق مەلۇم بولغانىدىن كىيىن ئاندىن كىينىكى قەدەمنى باسسىڭىز بۇلىدۇ.ناۋادا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىرىلمىگەنلىك توغۇرلۇق خەۋەر كەلسە، بەكمۇ ئۈمۈتسىزلىنىپ كەتمەڭ، ئويلۇنۇپ تۇرۇپ بىر پارچە خەت تەييارلاپ ئۆزىڭىزنىڭ بو ئوقۇش مۇكاپاتىغا ناھايتى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىڭىزنى، بۇنىڭسىز ئوقۇيالمايدىغانلىغىڭىزنى ، شنجاڭدەك نامرات رايۇندا ياشاۋاتقانلىغىڭىزنى، بۇنداق ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئاسانغا كەلمەيدىغانلىغىنى( بۇلۇپمۇ بىزدەك ئۇيغۇرلارغا) ، ناۋادا ئمكانىيەت بولسا،ئېككىنچى قېتىملىق تەڭشەشتە ( مۇكاپاتنى رەت قىلىپ كەلمەيدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ ) ئويلۇشۇپ كۈرىشىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. مەنمۇ ئەينى يىلى ئىلتىماس قىلغاندا ، دەسلەپتە كەلمگەن، بۇنىڭدىن بېشىم قېتىپ ئاخرىدا بارماسلىقنى قارار قىلىپ تۇرغاندا مۇكاپاتقا ئىرشكەنلىك توغۇرلۇق خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. منىڭچە بۇ شۇ كىينكى ئىلتىماس خېتىمىنىڭ رولىدىن بولغانمىكىن دەپ قارايمەن. مۇكاپاتىنى ئەگەر ئىككى كەسىپكە ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، ھەم ئېككىلا كەسىپتىن قۇبۇل قىلىنسىڭىز ئۈزىڭىز ياختۇرىدىغان بىرسىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ. ئاندىن20 كۈن ئەتراپىدا مەكتەپنىڭ قۇبۇل قىلىنىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالالايسىز.ئۇختۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ، پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش، ماتىرياللارنى ئىتالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇش، جامائەت گۇۋالىغىدىن ئوتكۈزۈش قاتارلق ئشلارغا تۇتۇش قىلسىڭىز بۇلىدۇ. پاسپورتقا تىزراق ئىلتىماس قىلىڭ ، ئۇلار بەك كەينىگە سۇزىۋېتىدۇ. ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 15 كۈندە چىقىشى مۇمكىن.
ئىتالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ۋە جامائەت گۇۋالىغىدىن ئوتكۈزۈدىغان ماتىرياللار:
(1).ئۇنىۋېرسىتىت دىپلۇمى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسى 
(2).ئوقۇش نەتنىجىڭىز 
(3)مەكتەپتە ئوقۇغان دەرىسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى 
يۇقارقى ماتىرياللارنى ئۈرۈمىچىدىكى چوڭراق بىرەر جامائەت گۇۋالىغى ئورنىغا ئاپىرىپ تەرجىمە ۋە گۇۋالىق قىلدۇرىسىز (گۇۋالىق ئورنىنىڭ تەرجىمە شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بار). مەن ئۈرۈمچىدىكى نەنمىنغا يېقىن  酒花大厦  (قولماق ساراي) دىگەن بىنانىڭ بىرىنجى قەۋىتىگە جايلاشقان جامائەت گۇۋالىغى ئورنىدا قىلدۇرغان، ئون نەچچنىچى قەۋەتتە بىر تەرجىمە شىركىتى بار، ئۇلار ئېىتالىيەچىنى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلالمايدۇ، بېيجىڭغا ئەۋەتىپ قىلغۇزىدىكەن، ئادەتتە بىر ۋارىقنى يۇز نەچچە يۇەن ئەتراپىدا قىلاتتى ، بەك قىممەت دەپ تۇرۇۋالسا باھا تالاشسىڭىز بۇلىدۇ. ئادەتتە تىز بولغاندىمۇ بىر ھەپتىدە تەييار بۇلىدۇ. يۇقارقى توت ماتىريالنى چۇقۇم تۇلۇق قىلغۇزۇڭ، ھەر بىرسىنى ئىككى نۇسخىدىن چىقىرىپ بەرسىۇن. بۇلارغا ئادەتتە مىڭ نەچچە يۇەن ئەتراپىدا كىتەر.
يۇقارقى خزمەتلەر تۈگىگەندىن كىين، بېيجىڭ ئەلچىخانىغا ماتىريال تاپشۇرغىلى  ماڭسىڭىز بۇلىدۇ. 
(1)  بېيجىڭغا چۇشۇپ ئالدى بىلەن 教育部学位与研究生教育发展中心 غا بېرىپ ئۇنىۋېرسىتىت دىپلۇمى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسىنىڭ راسىتلىغىغا ئائىت ئسپات چىقارغۇزىسىز. 180يۇەن ئەتراپىدا پۇل ئالىدۇ.(كۈلكىلىكتە ، ئۈزى بەرگەن دىپلومغا ئۈزى ئىسپات چىقىرىپ)  ئۇ ئۇرۇننىڭ ئورنى :
北京市海淀区王庄路1号同方科技广场B座18层
بۇيەر چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتغا يېقىن، بېيجىڭ ئورمانچىىلق ئۇنىۋېرستىتىنڭ يان ئۇدۇلىدا.
(2)  ئاندىن تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىگىدىكى گۇۋالىق ئورنى  中国外交部领事司认证处 غا بېرىپ جامائەت گۇۋالىغىدىن ئۆتكۇزگەن ماتىرياللارنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ تامغىسىنى ئۇرغۇزىسىز (بەلكىم 3 كۇن كېتىشى مۇمكىن ھەر بىرسىگە ئاتمىش يۇەن ئالىدىغۇ دەيمەن. تەپسىلى ئورنى :
外交部领事司认证处
地址:北京市朝外大街22号泛利大厦708室
邮政编码:100020
对外办公时间:上午9:00至11:30 星期一至星期五  
国家法定公休日除外
咨询电话:
电脑查询:65889761 65889762
人工咨询:65889906 65889763 
مەن توردا ئۇلارنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرنى قۇرغانلىغىنى كۈرۇپ قالدىم . ئۈرۇمچىدىمۇ بار ئوخشايدۇ. تۇۋەندىكى ئادرىسقا قاراڭ .
新疆外办
0991-2804131
0991-2815777
新疆乌鲁木齐市中山路2号
http://www.chinaruslaw.com/CN/LawsuitArbitrate/002/2007425121635_889003.htm
ئەگەر ئۈرۈمچىدە قىلغۇزالىسىڭىز تېخى ياخشى ، بېيجىڭدا تۇرىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتتپ، پۇل تىجەپ قالىسىز .
(3) تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىگىدىكى گۇۋالىق (ئسپات) ئاخىرلاشقاندىن كىين ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى مەدىنيەت مەركىزىگە((意大利大使馆文化处 كىرىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋالىقىنى ئالىسىز.بۇ يۇقارقىسى بىلەن قۇشۇلۇپ قوش گۇۋالىق دەپ ئاتىلىدۇ ((双认证 ئۇ يەردە ئىتالىيەلىكلەر بلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىسىز. لېكىن ئەنسىرىمەڭ ، ئۇلارغا ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە گەپ قىلسىېڭىز بۇلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بىر يېرى باركى، ئۇ مەركەزدە بىر قېرى خەنزۇ ئايال بار، ئالدىراپ ئاچچىغىنى كەلتۇرۇپ قويماڭ، كالتا قالغان يەرلىرى بولساچىرايلىق گەپ قىلىڭ، ئۇ خەنزۇ بولغان بىلەن ئىتالىيەلىك،ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويسىڭىز، مەن قىلالمايدىكەنمەن دەپ قۇلىڭىزغا تاشلاپ بىرىپ ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ. شۇڭا قەتئي تاكاللاشماڭ.  ئۇ يەردىمۇ پۇل ئالىدۇ ، بىر ۋاراققا 100نەچچە يۇەن (جەمئى 1000يۇەن ئەتراپىدا)، ناۋادا ئاچچىغىنى كەلتۇرۇپ قويسىڭىز جىق ئېلىۋېىلشى مۇمكىېن (ئامال يوق ، چىدىمىسىڭىز بولمايدۇ)، بۇ ماتىريال بىر ھەپتىدە چىقىشى مۇمكىن. 
ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى مەدىنيەت مەركىزىى  (意大利大使馆文化处) (نىڭ ئادرىسى :(باش ئەلچىخانىىنڭ يېنىدىلا)

意大利使馆文化处
三里屯东二街2号
100600 北京
电话:             0086 10 65322187      
传真:             0086 10 65325070      
电子邮箱: iicpechino@esteri.it
开放时间:
秘书处:
周一至周五每天上午09.30-12.30,下午14.30-16.30
دىمەك، يۇقارقىلارنى ھىساپلىسىڭىز ، بېجىڭغا بېرىپ ئاز يول ماڭمايسىز، تەلىيىڭىز بولسا 8 كۈن ئەتراپىدا، بولمىسا بىر ئايدا ئاران تەييار بۇلشى مۈمكىن. ھەم بېجىڭدا ياتاق ، تاماق ئۈچۈن پۇل خەجلەيسىز ، تەلىيڭىز بولسا ساۋاغداش ياكى تۇنۇشلار بولسا شۇلارنىڭكىدە تۇرسىڭىز بۇلىدۇ. بولمىسا، بېيجىڭ گىولوگىيە داشۆسىنىڭ ئەتراپىدا ئەرزان باھالىق ياتاقلار بار ، شۇلارنى كۈنىگە 30-40 يۇەندىن ئېىلپ ياتسىڭىز بۇلىدۇ. 
يۇقارقى چىقىملارنى بېيجىڭغا بېرىپ كىلىش سەپىرى (ئېككى قېىتىم ) بىلەن قۇشۇپ ھىساپلىساق ھەم كىينكى قەدەمدىكى ۋىزا ئشلىرى بىلەن قۇشۇپ ھىساپلىساق  ئون مىڭ يۇەن ئەتراپىدا كىتىدۇ.  
3.باسقۇچ: ۋىزا ئېلىش باسقۇچى ، 
يۇقارقى قەدەملەر ئوڭۇشلۇق بولسا ، 8-ئاينڭ ئاخرلىرىدىن باشلاپ، ۋىزا ئېلىشقا ئلتىماس قىلشقا كىرىشسىڭىز بۇلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بېيجىڭغا بېرىشىڭزغا توغرا كىلىدۇ. ناۋادا ئالدنقى قەدەم بىلەن بۇ قەدەمنى تەڭ باسىمەن دىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، لېكىن ، بېيجىڭدا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەم ۋىزا ئۈچۇن ئايرىم ماتىريال تەييارلايسىز.بارىدىغان ئۇرننىڭ نامى: ئىتالىيە بېيجىڭ ۋىزا ئىلتىماس قىلىش مەركىزى  (北京意大利签证申请中心) ۋىزىگە مۇشۇ يەردە ئېلتىما قىلىسىز ھەم مۇشۇ يەردىن تاپشۇرۇپ ئالسىز،ئەلچىخانەدىكلەر بىلەن كۈرۇشۈشنىڭ ھاجىتى يوق. سىزنى كۈتۈۋالىدىغانلار ھەممىسى جۇڭگولۇقلار. 
تەييارلايدىغان ماتىرياللار:
1. ئالدىنقى قەدەمدىكى ماتىرياللار
2.پاسپورت چوڭلىقتىكى رەسىمدىن 4 پارچە.
3.ئىتاليەگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ زاكاس ئسپاتى ياكى بىلەت ( ئەڭ ياخشىسى ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا ئېلىۋېلىڭ، ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيەسىىنڭ ئۈرۈمچىدە بىر ئىش بىجىرش ئورنى بار، ئورنى يىپەك يۇلى مېھمانخانىسى (丝绸之路宾馆) نىڭ 4-قەۋتىدە، ئۇلارغا دەپ زاكاس قەغىزىنى ئالسىڭىز بۇلىدۇ، ماڭىدىغان ۋاقىتنى مەكتەپنىڭ مەلۇم قىلىش ۋاختىغا ئاساسەن كەڭرەك مۆلچەرلىسىڭىز بۇلىدۇ.ھەم ۋىزا ئېلىپ بولغاندىن كيىن مۇشۇلارنىڭ ئايرۇپىلانىدا ئۈرۈمچىدىن ئۇچقىنىڭىز ياخشى ، بېيجېڭدىن ئۇچقاندىن جىق ئەرزان ھەم قۇلاي ( تاق يول تۆتمىڭ نەچچە يۈز يۇەن ، كىيىن بېرىش كىلىش بۇلۇپ قالسا قوش يول 5500 يۇەن ئەتراپىدا) 
4. 5000 ياۋرولۇق (50000مىڭ يۇەن) ئختىسادى كاپالەت ئسپاتى ( ساياھەت چىكى ياكى كارتا ) . ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا بۇنچە كۆپ كەتمەيدۇ  1000 ياۋرو ئەتراپدا (10000يۇەن) بولسا بۇلىدۇ (مەن ئەينى يىلى 500 ياۋرو ساياھەت چىكىنىڭ كوپىيىسىنى كۆرسەتكەن)
5. ئىتالىيەدىكى تۇرىدىغان ئۇرۇننىڭ ئسپاتى. ئەگەر ئوقۇش مۇكاپاتىڭىز بولسا، بۇنى مەكتەپتىن سىزگە ئەۋەتىپ بىرىدۇ ، بولمىسا، مەكتەپدىن ئوي ئجارە ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۆينى تاللاپ ( رەنە پۇل ئەۋەتىپ ) بىكىتسىڭىز بۇلىدۇ. 
بۇ مەركەز ئەمىليەتتە بىر ئوتتىردىكى جۇڭگولقلار ئاچقان شىركەت، قۇبۇل قىلىدىغانلارمۇ ھەممىسى جۇڭگولۇقلار ، خىجىل بولماي ماتىرياللارنى بىر بىرلەپ كۆرسەتسىڭىز بۇلىدۇ. بۇ يەرگە بىجىرىش  ھەققى ئۈچۇن 180 يۇەن ئەتراپىدا تۆلەيسىز. تىز بولسا 3 كۈندە بولمىسا بىرەر ھەپتىلەردە چىىقىشى مۈمكىن.
بۇ ئۇرۇننىڭ ئادرىسى :
北京市东城区东直门外大街48号东方银座写字楼10层A-B室,
100027 北京
办公时间:周一至周五 8点-15点
网址: www.italyvac.cn
电子邮件: infopek@italyvac.cn

يۇقارقى قەدەم باسقۇچلار بېسىلپ بولۇپ ،ئىتالىيەنىڭ ۋىزىسىنى ( سېنگېن ۋىزا ، ياۋرۇپانىڭ ھەممە دۆلەتلىرىگە ئېشلەيدۇ ) قۇلىڭىزغا ئالغاندىلا ئاندىن ئۇھ دەيسىز. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ،جاپالىق جەريان . سەۋرىچان بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇ ھەم بىر كۆڭۈللۇك جەريان. ناۋادا داشۆدە  ئوقۇۋاتقاندا بېيجىڭغا بېرىپ باقمىغان بولسىڭىز تازا بىر چۆگلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ. بۇ جەرياندا ( ئىتالىيەنىڭ چاقىرىقى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى خەۋىرى كەلگەن كۈندىن تارتىپ) ئىتاليە تلىنى ئانچە مۇنچە ئۈگۈنشىكە كىرىشسىڭىز بۇلىدۇ . گەرچە دەرسىلىرىڭىز ئېنگىلىز تىلدا بولسىمۇ، سىرتقا چىققاندا پۈتۈنلەي ئىتالىيە تىلى ئشلىتىدىغان گەپ، ھەم بۇ ئىتالىيە پۇخرالىرىنڭ ئېنگىلىزچە سەۋيىسى بەكلا تۈۋەن، كۆپىنچىسى يول سورىسىڭزمۇ جاۋاپ بىرەلمەيدۇ ( مەكتەپتە چاتاق يوق، پىروفېسسورلار ھەم كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى ئېنگىلىزچە بىلىدۇ ). شۇڭا ، بالدۇرراق ئۈگۈنۈشىنى باشلىسىڭىز ياخشى.( مەكتەپكە كەلگەندە ھەر ماۋسۇمدا 3ئاي ئەتراپىدا ھەقسىز ئىتاليىچە دەرىس بار ،ئختيارى). بۇ كەلگەندىن كىينىكى تۇرمىشڭىزغا پايدا. ئامال بار مەكتەپ ئوقۇش باشلاشدىن بىرەر ھەپتە بۇرۇن كەلگنىڭىز ياخشى ، بىر جەھەتتىن يېڭى چەتئەل تۇرمىشىغا كۆنشكە ۋاقىت كىتىدۇ. ھەم كام نەرسىلىرىڭىزنى (تاماق ئتىش ئەسۋاپلىرى، ئۇششاق -چۈششەك دىگەندەك)ئېلىۋالالايسىز، ياكى ۋاختىڭىز بولسا قوشنا دۆلەتتىن بىرەرنى چۆرگىلەپ كەلسىڭزمۇ بۇلىدۇ. 
يۇقاردا مەن بۇ جەريانلارنى بىرەر قۇر بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بىر يىلدىن بىر يىلغا بەلكىم ئانچە مۇنچە ئۆزگىرىش بۇلۇشى مۈمكىن، لېكىن قەدەم باسقۇچلار ھەم ئاساسى تەلەپلەردە جىق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئىلتىماس جەريانىدا يەنە ئايدىڭ بولمىغان يەرلەر بولسا ئالدىنىقى بەتلەردە قالدۇرغان خەنزۇچە تور بەتلىرىدىن ئگەللىسىڭىزمۇ ياكى ماڭا ئىلخەت يېزىپ ياردەم سورىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. مەكتەپتىن قۇبۇل قىلىنىش خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانىدىن كيىنلا دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، مەن كينىكى قەدەم توغۇرلۇق مەسلىھەت بىرىشكە تەييار. 
مىنىڭ ئادرىسىم :

مۇزەپپەر.مۇسا
Muzappar .musa
Politecnico Di Milano
Via Coloniola 16 
Como  22100, Italy
Tell:            +39 3278187989      
e-mail: muzappar.musa@gmail.com

-2008 يىللق ئىلتىماس  ۋاقىتى تۇشۇشقا قالدى،ئېلتىماس قىلماقچى بولغانلار بۇ تىمىنى ساقلاپ قۇيۇپ، قۇبۇل قىلىنپ قالساڭلار ئارىلىقتىكى ئشلارنى بىجىرىشتە پايدىلانغايسىلەر.  ئاخرىدا  ئىلتىماس سەپىرىڭىزلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
2008 -يىلى .نۇيابىر . شەھىرى مىلەن، ئىتالىيە

18 ئىنكاس بار »

  • myjahan :

    جەدىۋەلنى ئىنگىلىزچە تولدۇرساڭلارمۇ بۇلىدۇ . بولسا ئائىلە كىرىم ئىسپاتىنى "جامائەت گۇۋالىغى"دىن ئوتكۈزۇپ (ئىتالىيەچە ) شۇنىڭ كۇپيە نۇسخىسىنى قۇشۇپ ئەۋەتسەڭلار تېخى ياخشى. ياخشى يېزىپ ئەۋەتسەڭلار بۇنىڭ ئىرىشىش ئىمكانىيىتى خېلىلا يۇقىرى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • myjahan :

    بۇ يىل قۇبۇل قىلىنىپ كەلمەكچى بولغانلارغا خوش خەۋەر :
    يېقىندا مەكتەپتىن تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇنڭىدا مەكتەپنىڭ ئۈزنىڭ تەسسس قىلغان بىر قىسىم ئوقۇش ياردەم ئۇچۇرلىرى بۇلۇپ، يۇقىرىسى نەچچە مىڭ ياۋرۇدىن توۋىنى تاماق پۇلىنى كۈتۈرشىكىچە ئىكەن . بۇ يىل قۇبۇل قىلىنىپ ، لېكىن ئۇقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەنلەر ئىلتىماس قىلىپ كۈرەرسىلەر،چاتاق يىرى ئىلتىماس چۇشەندۇرۇلۇشى ھەم جەدىۋەل ئىتاليە تىلىدا ئىكەن.مىنىڭ تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا پەقەت ۋاختىم چىقمىدى. ئۇزەڭلار ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئىلتىماس قىلىڭلار. بۇنىڭ ئىھتىماللىغى ناھايتى يۇقۇرى. ياتاقنى كۈتۈرۈپ بەرسىمۇ خېىلى چوڭ ئىش. تەپسىلاتى تۈۋەندىكى تور ئۇلىنىشىدا . خەيىر ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
    Dear Students
    This is to inform you that the 2009/2010 Call for Grant concerning the DSU benefits is published on Politecnico’s web site.
    Please be aware that:
    * The online application form will be available from July, 1st 2009 on the following web sites: http://www.polimi.it/borse http://www.polimi.it/residenze;
    * in order to get the ISEEU/ISPEU students can go to CAAF Offices that have an agreement with Politecnico. Starting from July, 1st 2009 these CAAFs will assure (a) free assistance and (b) telematic communication of the ISEEU/ISPEU values to the Student Aid Office;
    * From July 1st 2009, an up-to-date list of CAAF Offices will be available on the official website of Politecnico;
    * In case students address to a CAAF that has no agreement with Politecnico, they will be charged any expenses and will have to deliver themselves the ISEEU/ISPEU to the Student Aid Office

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • yvonne :

    ئىتالىيەدە ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بەك خوش بولدۇم، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىتالىيەگە ئانچە مۇنچە بېرىپ تۇرىمەن ھەم ئىتالىيە تىلىنىمۇ ئۈگىنىۋاتىمەن، يائاللا بەك تەس كېلىۋاتىدۇ لېكىن مۇشۇ ئۆزگىرىشچان پېئىللار بىلەن كېلىشىپ بولالماي، يېقىنچىدا ناخشا ئاڭلاپ ئۈگىنىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىمەن.

    مۇشۇ تىل توغرىسىدا ئازراق تەلىم بەرسىڭىز.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرانە :

    ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ،ھارمىغايسىلەر!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇلانمىلار :

    دوستانە ئەسكەرتىش

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! جېك تور خاتىرىسى بلوگى باشقۇرغۇچىسى :
    كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە

    بلوگ توپلىمى سىزنىڭ مۇبارەك بلوگىڭىزنى ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمىنىڭ ئون چوڭ بلوگ تۈرىگە كىرگۈزدى .

    ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز .بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى . ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

    ulanmilar.blogspot.com
    ulanmilar@163.com
    QQ توپى : 34296971

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۇيغۇر :

    رەخمەت جاپا چىكىپسىز . ناھايتى ياخشى ئۇچۇركەن مەن تۇنۇشلارغا يەتكۇزۇپ قۇياي

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
    http://uyghurqa.blogspot.com/ سىلەرگە ئالى سالام يوللايدۇ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تارىم :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا سىزگە سالامەتلىك، بەخت-ئامەت، خوشاللىق يار بولغاي!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەكرەم :

    كەچۈرۈڭ، بەلكىم مىنىڭ سۇئالىم مۈجىمەل بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ھازىرقى كەسپىم سودا سانائەت باشقۇرۇش، مىنىڭ ئۆز كەسپىمگە پەقەتلام قىزىقىشىم يوق، شۇڭا مىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئوقۇش ئويۇم بار. كىچىكىمدىنلام تەبىي پەنلەرنى ياقتۇراتتىم. بىراق سىزنىڭ جاۋابىڭىزدىن ئاساسەن ئۆزەم سورىماقچى بولغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. رەھمەت.
    سىزنىڭ مەكتىپىڭىزنى مەن بۇرۇنلا ئاڭلىغان. مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ماشىناسازلىق ۋە بىناكارلىق دىگەن كەسىپلىرىدە سىلەرنىڭ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ تەسسىس قىلغان ھەمكارلىق سىنىپى بار. بۇنى قىسقارتىپ 中意班دەپ ئاتايدۇ. دەسلەپكى ئىككى يىلنى بىزنىڭ مەكتەپتە، كىيىنكى ئىككى يىلنى سىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان سىنىپ.
    سىزنىڭ چۈشۈندۈرىشلىرىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مەندە سىلەرنىڭ مەكتەپكىمۇ ئىنتىلىش پەيدا بۇلۇپ قالدى، مەن كېلەر يىلى سىناپ كۆرەي، ئىش قىلىپ پۈتۈنلەي بولمايدىمۇ .ئەمەسكەنغۇ..@_@
    سىزنىڭ ئېلخەت ئادىرسىڭىزنى خاتىرلىۋالدىم، ئاللا خالىسا ئىمتىھان نەتىجىللىرىم كۈڭۈلدىكىدەك چىقسا كېلەر يىلى 10. ئايلاردا سىز بىلەن يەنە ئالاقە قىلار. يېقىندىن ياردەمدە بولىشىڭىزنى سورايمەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇزەپپەر :

    جېك ئاغىنە ئالدىراش ئوخشايدۇ. سورالغان سۇئاللارغا يەنىلا مەن جاۋاپ بىرىۋىتەي.
    ئەكرەم ئىنىمىزغا جاۋاپ: سىزنىڭ سۇئالىڭىزدا ئازراق مەسلە بارمۇ قانداق؟ ئىختىسادتا ئۇقۇيمەن دەپسىز، ئاخىرىدا مىخانىكىلىق ئىنژىنىرلىغىنىڭ مۇكاپاتىنى سوراپسىز ؟ مەيلى قانداق بولمىسۇن تىمىدا تىلغا ئېىلنغان كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇش مۇكاپاتى بار. لېكىن ھەر بىر كەسىپكە قانچىىلىك تەقسىم قىلىنىدىغانلىغىنى تازا ئېنىق ئۇقۇپ بۇلالمىدىم، بەلكىم ، ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالى، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە چېچىلىش سانى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئوخشىمىسا كېرەك. مەسلەن مەن كەلگەندە منىڭ كەسپىمگە كەلگەن 11 چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار (يەرلىك ئىتالىيەلىكلەردىن ئون نەچچىسى بار، ئۇلارغا مۇكاپات يوق ، بەزىدە قاخشاپمۇ قۇيىدۇ تېخى ئۇلار )نىڭ ئىچىدە 10نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بار. كومپيوتۇر كەسپىدىكلەرنىڭ بولسا يېرىمدىن جىقراقىنىڭ بار (بۇ كەسىپكە چەتئەللىك قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى جىق، ئوتتۇز-قىرىققا بارىدۇ). ئىختىساد كەسپىدە بولسا چەتئەللىك ئوقۇغۇچى سانى تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ 40-50 كە بارىدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتىمۇ 50%-60% ئەتراپىدا . دىمەك، بىر قىسىم "قىززىق" كەسىپلەرلەرنىڭ مۇكاپات رىقابىتى بىر قەدەر كۈچلۈك، ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىش پۇرسىتىمۇ كۆپرەك بۇلىدۇ. يەنە بىر قىسىم "سوغوق" كەسىپلەرگە بولسا قۇبۇل قىلنىپلا قالسىڭىز ئادەتتە ئوقۇش مۇكاپات ئېلىش نسبىتى يۇقۇرى بۇلىدۇ. لېكىن كەلگۈسىدە مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش بىزە تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئىلتىماس قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۈزىڭىزنىڭ تۇلۇق كۇرۇستا ئۇقۇغان كەسىپ دائىرە ئىچىدىراق ئىلتىماس قىلغىنىڭىز تۈزۈك. شۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىشش ئىمكانىيىتى يۇقىرراق بۇلىدۇ.
    ھەمەر ئېلى ئىنىمىزغا جاۋاپ: سىز 农学نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگەللىيەلمىدىم دەپسىز. ئەمىليەتتە، بۇ كەسىپلنىڭمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى خېىلى بار. پەقەت بۇنىڭغا ئائىت كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولمىغاچقا ۋاختىدا يەتكۈزۈپ بېرىلمىگەن بۇلۇشى مۈمكىن. ئەمىليەتتئە، بىلىشىمچە ئامېرىكىدا، ياۋرۇپادا 物理,地理,农业,化学 غا ئائىت ئوقۇش مۇكاپاتى 经济、计算机,医学 دىگەن كەسىپلەرگە قارىغاندا خېىلىلا كۆپ ھەم ئىرىشمەكمۇ ئاسان. كەسپىڭىزگە ئائىت ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئۈزىڭىز قىزىققان شۇ مەكتەپنىڭ تور بىكىتىگە كىرىپ ئىزدىنىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ ياكى خەنزۇچە ئالاقىدار تور بىكەتلىرىدىن ئۇچۇر ئىگەللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . مەنمۇ 9 يىلنىڭ ئالدىدا سىز ھازىر ئوقۇۋاتقان 中国农业大学 نى پۈتتۈرگەن، ئاڭلىسام يېقىنىقى نەچچە يىلدا شۇ مەكتەپتىن چەتئەلگە چىقىۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار خېىلىلا كۆپمىش. شۇلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرشكەنىلىرى بولسا ، ئەھۋال ئىگەللەپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
    ئاخىرقى گەپ: خۇددى جېك بۇرادەر ئېيتقاندەك، مەنمۇ ھازىرغىچە "چەتكە ئوقۇشقا چىقىمەن "دەپ نەچچە يىل "كۈرەش" قىلىپ، چىقالماي قالغان بىرەر ئۇيغۇرنى ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم. ئاشۇ خىل روھ ۋە چىدام بولسىلا چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • دىلمۇرات :

    رەخمەت قېرىندىشىم . بىز بىر قەدەر تولۇق ئۈچۇرغا ئىگە بولدۇق . مۇكاپات پولى تەسىس قىلماق تەسمۇ نىمە ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ھەمەرئېلى :

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت!!!

    مەن 中国农业大学نڭ农学كەسپىدە،مەن ھازغىچە مەن چەتئەلدىكى بىرەر قېرىندىشىمىزدىن بۇ كەسىپكە ئائىت گەپ ئاڭلاپ باقمىدىم……农学مۇ يۇرتىمىزغا نىسبەتەن خېلى مۇھىم دەپ ئويلايمەن. مىنىڭمىغۇ كىيىنچە بىئولوگىيەگە ئائىت كەسىپتىمۇ ئوقۇغۇم بار،بىراق كەسىپ ئالمىشىپ چىقىشنىڭ تېخىمۇ تەسلىكى…..

    مەن بۇ يەردە مەرىپەت تورىنى ئزچىل ئاچالماي ،شۇنداق بىئارام بولدۇم!!……ماڭا ياردەم قىلىپ ،ماغا ماس كېلىدىغان ئۇچۇر بولسا يوللاپ قويسىڭىز، سىزگە كۆپ رەخمەت!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەكرەم :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت. سىزنىڭ مەكتىپىڭىزگە مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم ھى ھى!
    ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇيمەن. سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ ئېنجىنىرلىق Master of Science in Mechanical Engineeringكەسپىگە ئىلتىماس قىلسام ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش پۇرسىتى بارمۇ؟ 6.ئايدا توفىل ئىمتاھانىغا تىزىملىتىپ قويدۇم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇزەپپەر :

    خې خې ، جېك ئەپەندىم ، مەھەللەڭلىدە بىسوراقسىز ئىنكاس -مۇنازىرە قىلىشىپ كەتتۇق. بالىلارغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بەرگىنىڭلىگە كۆپ رەخمەت !!!
    ئاندىن، بىر يەرلەردە سىلىنىڭ مەخسۇس " تىل ئۈگۈنۈش، چەتكە چىقىش ، ساياھەت ، ئۇچۇر …" ئالماشتۇرىدىغان بىر تور بەت قۇرۇش پىلانىڭلىنى كۆرگەن ئىدىم. ئىشلار قانداق بۇلۇپ كەتتى ؟ كوپپىيوتور كەسپىدىكى بالىلاردىن بىرەرى تېخنىكىلىق مەسھۇل بۇلۇپ، ئاندىن بىزلەر ئۇچۇر-پۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ ماڭدۇرمامدۇق ؟ ياكى مۇشۇ مەھەللەم يىتىپ ئاشتى ، ۋاختىم يوق دەپ بىر چەتكە چىقىۋالدىڭلىمۇ -يا ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇزەپپەر :

    " ئالى مەكتەپتىكى ئوتتۇرچە نەتىنجە 80دىن يۇقىرى بۇلۇش" بۇئوقۇش مۇكاپاتىغا قۇيۇلغان تەلەپ ( شنجاڭدا ئۇقۇغانلارغا بەلكىم چاتاق يوق، لېكىن ئچىكىردە ئوقۇغانلارغا خېلىلا تەس ) . ئوقۇش مۇكاپاتىدىن سىرىتلارغا بۇنداق يۇقىرى ئەمەس. لېكىن بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس ئوخشايدۇ . ئاڭلىسام بىر قىسىم بىزە تۈۋەنلىرىگىمۇ بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇڭا ناۋادا توڧېىل نەتنىجىڭىز تۇشۇپ قالسا ، ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.
    كەسىپ مەسىلىسىگە كەلسەك،
    Master of Science in Architecture دىگىنى 建筑学 مەنىسىدە . لېكىن ، ناۋادا داشۆدىكى ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە مۇشۇنىڭغا ئائىت دەرىستىن ئوقۇغان بولسىڭىز ، بۇنڭغا ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بۇلىۋېرىدۇ. بۇ كەسىپتە بىزنىڭ مەكتەپ پۈتۈن ئىتالىيە بۇيىنچە بىرىنچى ئۇرۇندا ، ياۋرۇپادىمۇ خېىلى نامى بار . لېكىن بۇ كەسىپكە ئالدراپ ئوقۇش مۇكاپاتى بەرمەيدۇ .
    Master of Science in Civil Engineering for Environmental Risks Mitigation كەسىپ سىزنىڭكىگە يېقىنكەن ،ھەر ئىككىسىگە بىرلا ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىىڭىز بۇلىدۇ.شۇڭا سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. بۇلار ئۇنداق"ئىلتىماس پۇلى" دىگەن نەرسىنى ئالمايدۇ .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سالام :

    ئېنگىلىز تىلى نەتىجىلىرى ياخشى بولۇپ ، ئالىي مەكتەپتىكى ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 75 ئەتراپىدا بولسىمۇ بولامدۇ ؟ ئاھ خۇدا ، مەن تېخى ئۇنچە يۇقىرى تەلەپ كەتمەس دەپ ئويلاپتىمەن … Civil Engineering دا ئوقۇغان ئوقۇغۇچى Master of Science in Architecture ياكى Master of Science in Civil Engineering for Environmental Risks Mitigation دە ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى 土木工程مۇ ياكى 建筑学 مۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • سالام :

    ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىسىگە بولغان تەلەپ بەك يۇقىرىمۇ قانداق ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابدۇراخمان :

    رەخمەت. ھارمىغايسىز~!
    ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن~~~~~~~~~~!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..