خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت Kudret, The Uyghur Boy in Harvard
ئۈتكەندە خارۋارد توغرىلىق ئازراق مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. دەپ ئۈتكىنىمدەك خارۋاردا ھازىر ئۇقۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر بار بۇلۇپ، بۇنىڭ بىرى «ۋاشىنگتوندا توي» دىگەن تىمىدا توي خاتىرىسىنى بەرگەن ئىلنىگار(بۇ تىمىنى تىما تىزىملىگىدىن كۈرۈڭ) ، بىرى قەيسەر مىجىت ( قەيسەر مىجىتنىڭ بىلىۋال تورىدا مەخسۇس سەھىپىسى بار) . يەنە بىرى قۇدرەت ياقۇپ. قۇدرەتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىمامى ھەسەن ياقۇپ بۇلۇپ كىيىن قۇدرەتكە ئۈزگەرتكەن.
قۇدرەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يىرى شۇكى، ئۇ خارۋاردقا ئاسپىرانىت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تولۇق كۇرس ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنداقلائۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە خارۋاردتا تولۇق كۇرس ئوقۇشى ئوقۇغان تۇنجى ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئەھمىيتى ناھايتى چوڭ. قۇدرەت بىلەن ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزۈن ئۈتمەيلا تۇنۇشۇپ يىقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. تەتىلدە خارۋاردقا بېرىپ ياتىقىدا يېتىپ، خاۋارد باغچىسىدا سەيلە قىلىپ كىچە كۈندۈز پارىڭىمىز تۈگىمەي تاڭ ئېتىپ كەتتى. كەلگۇسىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىشتۇق.نىيۇركنىڭ ئەرزان باھالىق مىھمانخانىلىرىدا يېتىپ كۈچلۇك قۇدرەت-تۇرسۇن ھەمكارلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدۇق. يىڭى غەلىبە، يىڭى نەتىجە، پارلاق كەلگۈسى، مۈجىزىلەر بۇ بەلباغدىن ئاپىرىدە بۇلغۇسى( ھى ھى، ئازراق پو ئېتىۋالاي)
قۇدرەت بىلەن بىللە بولۇش جەريانىدا ھىس قىلدىمكى قۇدرەتنىڭ گۈزەل كەلگۇسى تېخى ئالدىدا ئىكەن. غەلىبە مەڭگۇ ئىرادە، جاسارەتلىك ئادەملەرگە ھەمرا ئىكەن.ئۇ 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چىڭخۇا ياكى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىش ئارزۇسى ئوتتەك كۈچلۈك بۇلۇپ، لېكىن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي ئۇ مەكتەپكە ئۈتەلمەي قالغان. قاتتىق ئازاپلانغان. باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە بېرىشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان. ئۇ ئۈزى ئۈتكەن مەكتەپكە بارمىغاندا، ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان غەيۋەتچىلەر ئۇنى ئالى مەكتەپكە ئۈتەلمىدى دەپ مەسخىرە قىلىپ يۈرگەن. كىچىگىدىنلا تەڭ تۇشلار، مەكتەپ، جەميەتتە
ھەممىنىڭ ئالدى بۇلۇپ باشقىلارنى ئۈزىگە ھەۋەس قىدۇرۇپ كەلگەن ئادەم بىردىنلا ھەممە ئادەمنىڭ مەسخىرە قىلىش ئۇبىكتىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بۇلغان. قىز دوستى تاشلاپ كىتىپ قالغان. دوستلار يىغلاپ، دۈشمەنلەر قاقاخلاپ كۈلگەن. ئۈرۈمچىدە يەتتە بال بۇران چىقىپ سەككىزبال يامغۇر ياققان. ئەنە شۇنداق شارائىتتا قۇدرەت ئۈز
ھاياتىدىكى ئەڭ قاپ يۈرەك تەۋەككۈل قارارنى چىقارغان: «مەن خارۋاردتا ئوقۇيمەن!!!، چوقۇم قۇدرەتلىك ئادەم بۇلىمەن!!!».
ئۇ مۇشۇ قارارنى چىقىرىش بىلەن تەڭلا يەنە ئۈز ئىسمىنى كىيىنچە قۇدرەتكە ئۈزگەرتىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئاتا-ئانىسى قارشى چىققانلىغى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن كىلىشىپ ئۇ خارۋاردقا ئۈتكەندىن تارتىپ ئىسمىنى قۇدرەتكە ئۈزگەرتسە بۇلىدىغانغا دىيىشكەن.
قۇدرەت توغرىلىق كىيىنچە مەخسۇس توختىلىپ ماتىريىال يېزىش پىلانىم بۇلغاچقا بۇ يەردە تەپسىلى يېزىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر مەزگىللىك مۇشەققەتلىق سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ 2004-يىلى بىراقلا ئامرىكىنىڭ 13 ئۇنۋېرسىتىتىدىن ئوقۇشقا كىرىش ئۇختۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە شۇنىڭ ئىچىدىن ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ئەڭ
ئەرزان بىر مەكتەپنى تاللاپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇشقا كىرىپلا زور تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇپ ناھايتى تىزلا پىروفىسسورلارغا تۇنۇلغان. ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بۇلغان. SAT ئىمتاھانى (ئامرىكىنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى ) بىرىپ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى نۇمۇر ئالغان. پروفىسسورنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسغا قاتنىشىپ يېڭى كۈز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئىككىنچى مەۋسۇمىدە داڭلىق پىرافىسسورنىڭ ئۈزىنىڭ شەخسەن كۈرسىتىشى بىلەن 8 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ Harvard, MIT قاتارلىق 6 مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان.بۇنىڭ ئىچىدىن ئۇ ئۈزىنىڭ ئارزۇسى بۇلغان ئامرىكىنىڭ 7 نەپەر زۇڭتۇڭى ئوقۇپ چىققان خارۋاردنى تاللاپ ئوقۇشقاكىرگەن. خارۋارد ئۇنىڭغا 4 يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى بىراقلا بەرگەن. (يىلىغا 47 مىڭ دوللار) . شۇنداق قىلىپ 2005-يىلى 8-ئايدا ا ئۇ خارۋارد ھاياتىنى باشلىغان.
ئۇ ھازىر خارۋاردنىڭ ئەركە ئوقۇغۇچىسى.مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلىرىدە ئۇنىڭ سىماسىنى، جاراڭلىق كۈلكىسىنى ئاڭلاپ تۇرغىلى بۇلىدۇ. ئۇمۇ ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ تۇرىدۇ. قۇدرەتنىڭ ھاياتىنى، تىرىشىش مۇساپىسىنى، رىۋايەت خاراكتىرلىق (传奇色彩) كەچۈرمىشلىرىنى، خارۋاردقا ئوقۇغۇچى تەربىلەيدىغان ئاتا ئانىنىڭ بالىنى قانداق تەربىيلەيدىغانلىغىنى بىلەي دىسىڭىز بۇ تور خاتىرىسىگە پات پات نەزەر سېلىپ تۇرۇڭ. ئىلان بىرىلسە چىكىپ تۇرۇڭ.
ئۇيغۇرلاردىكى بۇ چوڭ تەۋەككۈلچىنىڭ ئىش ئىزلىرى سىزنى قايىل قىلىشىغا پېقىر كىپىل. 3-4 يىل بۇرۇن جۇڭگۇدا «خارۋارد قىزى» دەپ بىر خەنزۇ قىز توغرىلىق يېزىلغان كىتاپ زور داغدۇغا قوزغاپ نەچچە مىليۇن پارچە سېتىلدى. لېكىن خارۋاردتا قۇدرەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە نامى ئۇ قىزدىن چوڭ. قۇدرەت ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيسى توغرىلىق مەخسۇس ماتىرىيال يېزىپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.
قۇدرەت-تۇرسۇن ئەقلىيە سۈزى:
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ.
قۇدرەتمۇ بۇ تور خاتىرىسىگە كىرىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا بۇندىن كىيىن قەرەللىك تۈردە ئۈزىنىڭ خارۋاردتىكى ھايات كارتىنىلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ. مىھمانلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرى بۇلسا مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويساڭلار ئۇ كۈرىدۇ. بۇ تور خاتىرىسى بۇندىن كىيىن ئاستا ئاستا يالغۇز جېكنىڭ بۇلماي جېكنىڭ دوستلىرىنىڭ ئورتاق بايلىقى بۇلىدۇ. يىڭى ئىدىيە ،
يىڭى كۈز قاراش تارقايدۇ.
بۈگۈن مەندىكى قۇدرەت توغرىلىق رەسىملەردىن ھۇزۇرلىنايلى. بۇ رەسىملەر پەقەت مۇشۇ تور خاتىرىسىگىلا خاس. باشقا ھىچقانداق يەرگە كۈچۈرۈپ چاپلاشقا بۇلمايدۇ. خەتلەرنى چاپلاپ قالغىنىغا ئۇلىنىش بەرسەڭلار بۇلىدۇ. رەسىمنى باشقا يەرگە چاپلىماڭلار.
1. قۇدرەت
2. قۇدرەت خارۋارد كۈتۈپخانىسىدا. بۇ كۈتۈپخانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە كىتاپلارمۇ بار ئىكەن. شۇندا دىسە ئىشەنمىسەم، ئۇ ماڭا كاتالوگ تىزىملىگىدىن كۈرسىتىپ قويدى. قارىسام ئانا يورت دىگەن كىتاپمۇ تۇرىدۇ. دۇنياغا داڭلىق ئۇنۋېرسىتىت مۇنداق بۇلىدىكەن.
3. قۇدرەت قارى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ باي، «پاي چېكى ئىلاھى» Warren Buffett بىلەب بىللە.
4. خارۋاردتىكى بايرامدا ئۇ ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇماقتا. ئۇ گىتارنىمۇ بەك ياخشى چالىدۇ.
5. دالا مەشىقى. بىر پائالىيەتتە ئۇلارنى ئىنسى جىن يوق بىر تاققا تاشلاپ قويغان. تەلەپ شۇ يەردە تاماق تېپىپ يەپ، تاغدا يېتىپ قوپۇپ 7 كۈن ياشاش كىرەك.
6. خارۋارد مەكتەپ ھويلىسى
7. قۇدرەتنىڭ ياتاق بىناسى
8. چېنىقىش زالىدا
9. خارۋاردتىكى بىر زال. جېك بىلەن قۇدرەت. مەن ئاياق بىلەن 176-177سانتىمىتىر ئەتراپىدا كىلىمەن. پەرەز قىلىپ بېقىڭلار، قۇدرەتنىڭ بويى قانچىلىك كىلىدىكەن
10. جېك بىلەن قۇدرەت
تۈگىدى.
يەنە قىززىقسڭىز قۇدرەتتىن تورداشلارغا ئوچۇق خەت ئوقۇڭ.
مەنمۇ بۇرۇن توردا ئاڭلاپ تۇرغان.
بۇ قېتىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 2-قانىلىدىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز»پىروگراممىسىدا «خاردۋاردنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇچىىسى»دەپ بېرىلدى. مەن ئىككى قېتىم تولۇق كۈرۈپ چىقىپ، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.
نۇرغۇنلىغان ئۇكا-سىڭىللىرىمىز شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ، ئىقتىسادتىن غەم قىلىپ، ئاخىرىغىچە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىدۇ.
مېنىڭچە ئۇلار بۇ تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرسە، چوقۇم قۇدرەتكە ئوخشاش ئىنىلىرىمىزدىن يەنە خاردۋاردقا بارىدىغانلار كۆپىيىدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئبراھىم Reply:
دېكابىر 29th, 2011 at 14:01
مەن قۇدرەتىنىڭ ھىكايىسنى ئاڭلىغاندىن بەك تەسىرلەندىم ،باشقىلار بىز ئۇيغۇرلارنى پەقەت ناخشائۇسسۇل مىللتى دەپ قارايدۇ. مەن مۇشۇلاردەك كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپرەك چىقىپ مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇپ،باشقىلارنى بىزگەقايىل بولغۇدەك مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشلق بىلدۈرىمەن.ئەلۋەتتە بۇ ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇرسۇنجان Reply:
ئىيۇن 4th, 2012 at 04:45
@ئۇيغۇر,
شۇ پىروگىراممىنىڭ (شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 2-قانىلىدىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز»پىروگراممىسىدا «خاردۋاردنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇچىىسى»دەپ بېرىلدى)كۆرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز مىنىڭمۇ كۆرگۈم بار ئىدى ، رەخمەت ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يارايسىلەر ئوغلانلار!!!ئۇيەردە چۈقۈم تىرشىپ بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى خەلىقئارادا يەنەبىر كۆتىرۋېتىڭلا!!ئاللاھ سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى ئېچىۋەتسۇن،مەدىنيىتىزنى چەتئەللەردە كىشلەگە سۆزلەپ بېتىڭلار!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئوغلانلار،ھۇررا!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
proud of u~~alla bless u
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،سىلەردىن پەخىرلىنىمىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇدرەت بىلەن كۆرۈشەي دەيمەن…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇدرەت ۋە جىك سىلەرگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ما 408980098 دىگەننىڭ گىپى قاملاشماپتۇ، تازا بىر پىت-ئۈچەي كۆرەلمەس نىمە ئوخشايدۇ… ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ… بىزدە سىز=بىزدەك(ھىي-ھىي-ھىي…) بىلىم ئىگىلىرىدىن كۆرە ئاشۇنداق پوقۋاشلار جىقراق، بۇنى مەندىن بەكرەك چۈشىنىسىز… كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ~~ ئوكــــەي؟؟؟؟يەنە بىر گەپ راس قۇدرەتكامنىڭ يىقىنقى ئىش ئىزلىرىدىن ئازراق خەۋەردار قىلسىڭىز بولاتتى ~~~ رەھمەت ~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بىر گەپنى دەپ قوياي، بۇ جىك دىگەن سويما ئۆزىنى ئۆزى داملايدىغان بىر نىمكەن، ئەجىبا سەندىن ئېلگرە ئۇيغۇرچە بىلوگ ياسىغانلار يوقمىدى؟ ئەتراپىڭغا بىقىپ سۆزلە جۇما!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Turghun Matniyaz Reply:
مارت 7th, 2011 at 05:30
@408980098, ئۇنداق دەپ كەتمەيلى،ئۇيغۇر باللىرى!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇر Reply:
ماي 12th, 2011 at 21:06
@408980098,
ساراڭمۇ بۇ….
بىر ئوبدان تېمىلارغا ئېگىز پەس گەپلەرنى قىلىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇر Reply:
ماي 12th, 2011 at 21:06
@408980098,
بۇنداق ئىنكاسلارنى چەكلىگىلى بولمامدا؟
ياكى جىك ئۇيغۇرنىڭ پىداركارلىقىمۇ بۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئېسىل مىللەتنىڭ بالىسى ئېسىل بولىدۇ، ياخشى ئوقۇپ مۇراد تاپقاي!!!!!!!!!!!!!!
جىك دىگەن نىمىش قىلدىغان بالا؟ نىمدەپ چەتچە ئىسىم قويىدۇ؟ راس گەپنى قىلغاندا………………………….. بولدىلا…………… بۇ يەردە گوروھۋازلىق سەل ئېغىردەك قىلىدۇ، نىم كارىم
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن،قۇدرەت قۇدرەتلىك بولسۇن!بىل گەيتىس ياكى باڧىيت ۋە ياكى مارك زاكىربەگكە ئوخشاش بىلىم ۋە بايلىق ئىگىسى بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hello jeck
can I know ur e-mail address
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
نويابىر 9th, 2010 at 20:52
@كۈكدالا, ../abou/contact/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەپەندىم خاتىرىنىڭ داۋامىغا قالاپ قالدۇق، ئىككىلڭلاردىن پەخىرلىنىمىز.
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ :yes:
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] بۇلۇپ يىقىندا قۇدرەتنى قىسقىىچە تۇنۇشتۇرۇپ يېزىلغان خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت دىگەن تىما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تور [...]
مەخسۇس تېمىنى قاچان يازىسىز ،ساقلاپ كۆزىمىز تۆتبولدى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رەسىملەر چىقمايۋاتىدۇ…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hello~~~ Mr Jack ”KUDRET gonna graduate this year(2009) all right?…..could u plz give us some information like he will stay in US for further study / go home or have other plans?/i wish i can work with him ……thx u soooooooooooo much~~ alla bless u all ~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇدرەت،سىزدىن پەخىرلىنىمىز!
تېخىمۇ كۆپ شان_شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇدرەت،سىزدىن پەخىرلىنىمىز!
تېخىمۇ كۆپ شان_شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇدرەت،سىزدىن پەخىرلىنىمىز!
تېخىمۇ كۆپ شان_شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
proud of u~~alla bless u
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
你好 库迪热提哥哥 过的好吗 ,我们很为你自豪 ,有一些事情想要问你请教 有一些话说不方便 看我的电子邮件以后给我发过去你的电子邮件好吗
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇر Reply:
ماي 12th, 2011 at 21:07
@ەۇلڭستھن,
ئۇيغۇرچە يېزىڭا ئاپپاق ئۇكام
جىك ئۇيغۇرمۇ ئېنگلىزچە يازماي، ئۇيغۇرچە يازغاندىكىن بۇ بىلوگنى….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەقىقەتەن قالتىس!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇرسۇنكا مەخسۇس تىما قاچان يىزىلىدۇ؟بەكمۇ تەقەززا بولۇپ كەتتىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇرسۇنكا مەخسۇس تىما قاچان يىزىلىدۇ؟بەكمۇ تەقەززا بولۇپ كەتتىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ەەەەەەەەىىىىىىققققققكككككللللوپپپمن.ەقى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel