Home » Archive

Articles Archive for دېكابىر 2011

Headline, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئىلىم-پەن, ئۇختۇرۇش »

[26 دېكابىر 2011 | 6 Comments | 5,638 قېتىم كۆرۈلدى]
دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، شەرتلىرى بار.

ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى فاكولتىتىنىڭ پروفىىسسورى رەيھان بەكتۇر يىقىندا يەنە يىڭىدىن تەتقىقات مەبلىغى ئالغان بولۇپ شەرتلىرىگە چۈشىدىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن بولسا يەنە بىرنى قۇبۇل قىلماقچى. رەيھان بەكتۇر ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىنى ئالغان بولۇپ ئۇلاردىن بىرسى كىلەر يىلى دوكتۇرلۇق پۈتتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بىرسىنى 2011 -يىل كۈزگە ئوقۇش باشلايدىغانغا ئالغان بولۇپ ئۇ يىڭىدىن ئوقۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى بۇرۇن مەن ياكى باشقىلار مىكروبلوگ ۋە باشقا تورلاردا ئۇختۇرۇش بەرگەن.لېكىن شەرتلەر تازا ئىنىق يېزىلمىغان بولغاچقا باشقىلار كىم بولسا قۇبۇل قىلىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق مۇھىت ئىنژىنىرلىقىدىن تارتىپ خېمىيە ئىنژىنىرقىغىچە ياكى كەسپى، ياكى بۇرۇن ئوقۇغان دەرىسلىرى ھىچقانداق ماس كەلمەيدىغان، ئۆلچەملىك ئىمتاھانلارنى بەرمىگەن، ياكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس دىگەندەك ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خەت يازغان. رەيھان بەكتۇر گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇركەن دەپلا كىم بۇلسا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا ئوخشاش مەلۇم شەرت ۋە تەييارلىقلارنى ھازىرلىغان بۇلۇشى كىرەك، كىلىپلا ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈر تەتقىقاتدىغا كىرىشىپ كىتەلىشى كىرەك. شۇڭا ئوقۇشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋال دوكتۇر رەيھان بەكتۇرنىڭ تور بېتىگە چىقىپ ياكى گوگىلدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشىنى

Headline, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 دېكابىر 2011 | One Comment | 2,754 قېتىم كۆرۈلدى]
مىنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز

ئوقۇغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇمىغان كىشىدىن چوڭ؛ پۇلى بارنىڭ پۇلى يوقتىن؛ ئورنى يۇقۇرنىڭ ئورنى تۆۋەندىن؛ ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك. ئېنېرگىيىڭىز قانچە يۇقۇرى بولسا مەسئۇلىيتىڭىز شۇنچە يۇقۇرى بۇلىدۇ. ئەگەر سىز بىر ياخشى ئادەم بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ناچار ئىشلىرىنى كۆرگەندە تەربىيە قىلىڭ، تەربىيە قىلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۆزىڭىزدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ يوقلىغىدىن پەخىرلىنىپ كىتىپ قالماڭ، تىرىشىپ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى كۆپەيتىپ تارازىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئىغىر قىلىشقا ھەسسە قۇشۇڭ. بۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز، مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئوقۇمۇشلۇق، زىيالىي كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى، قىلغان گەپلىرى كىشىلىرىمىزنى تۇلۇق رازى قىلالمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ زىيالىلارغا، ئوقۇمۇشلۇقلارغا پىكرىڭىز بولسا، ئاچچىغىڭىز بولسا ئىچىڭىزدە ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەڭ، كىشىلەر يوق يەرگە بېرىپ پۈتۈن ئاۋازىڭىز بىلەن تىللاڭ! (ئادەم بار يەردە سەت گەپ ئىشلەتمەڭ!) ئاندىنچۈ؟ ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالامسىز؟ بۇ ياخشى ئەمەس. سىز مەسىلىلەرنى بايقىغاندىكىن، رازى بولمىغانكىن تىرىشىڭىز كېرەك. تىرىشىپ باشقىلار رازى بۇلىدىغان كىشىلەردىن بۇلۇڭ. بۇنىڭغا قۇربىڭىز يەتمىسە باشقىلارغا تەربىيە قىلىڭ، پەرزەتلىرىڭىزنى ياخشى تەربىلەڭ! باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇڭ! باشقىلارنى قوللاڭ! مۆجۈزە كۈتمەيلى! قانداق ئادەملەرنىڭ چىقىشىنى شۇ مىللەتنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ. ساپا يۇقۇرى بولسا نوبۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقىدۇ؛ ساپا تۆۋەن بولسا ئاپپاق غۇجىدەك پاسىقلار چىقىدۇ.

Headline, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 دېكابىر 2011 | 3 Comments | 2,635 قېتىم كۆرۈلدى]
باشقىلاردىن ئۆزىمىزگە نەزەر

بۇ توردا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سەۋەپ. ياپۇنلاردا ئىللەت يوق دەمسىز؟ ياۋرۇپالىقلاردا يوق دەمسىز؟ ئادەم بولغانكىن كەمچىلىك بۇلىدۇ. <ئىللەت تۈزۈلمىگىچە مىللەت تۈزۈلمەس> بۇنى كىم يازغان؟ يۇقارقى سەۋەپلەر ئىچىدە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ، پۈتۈن مىللەتنى خاتا يولغا باشلىدى. ئامىرىكا، ياۋرۇپا، ياپۇنىيە ئالدى بىلەن ئىللەتنى تۈگۈتۈپ ئاندىن تەرەققىي قىلغان ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات جەريانىدا ئىللەتنى تۈزەتكەن، ياكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆپەيتىپ، ئىللەتنىڭ تەسىرىنى سۇزلاشتۇرغان. مۇجۈزە يۈز بېرىپ بىر كىچىدە بارلىق ئىللەتلەر يوقالسۇن، ھەممە كىشىلىرىمىز ناماز ئوقۇسۇن، ھەممىسى ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولسۇن، بىزدە يەنىلا ھىچ قانچە يۈكسىلىش بولمايدۇ. يۇقارقى ھەم باشقا، مىللەتنى سۈكۈشكە ئىشلىتىلگەن، تارىخقا، باشقىلارغا دوڭگەش ھەممىسى AQ نىڭ خارەكتىرى، ئۆزىنى ئالداش. بۇ سەۋەپلەر ھەممىسى نەتىجە، ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس.بۇنى بىرقانچە تورداش بۇرۇن ياخشى ماقالىلەر بىلەن چۈشەندۇرگەن. پەن-مائارىپ تەرەققىيەتنىڭ ئاساسىي. بۇ پۈتۈن دۇنيا ئىسپاتلىغان ھەقىقەت. بىزگە دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە ئالىملار لازىم، دۇنياۋى تەسىرى بار يازغۇچى، ئەدىپ، سەنئەت چىلەر لازىم. ھەتتا دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە ئاشپەز، موزدوز، سەيپۇڭلارمۇ لازىم. بۇ يەردە يەنە تورداشلار تىلغا ئالمىغان مۇھىم بىر ئامىلنى قۇشۇپ قۇياي. <ياخشى قانۇن> تەرەققىيەتنىڭ كاپالىتى. مائارىپ بىلەن كىشىلەرگە تەربىيە قىلىمىز. تەربىيە ئاڭلىمىغانلارنى قانۇن بىلەن تەربىيە قىلىمىز. <ياخشى قانۇن> دىگىنىم بارلىق دۆلەت ئۈچۈن لازىم بولغان، تۈزۇم، قانۇن….. ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, جەميەتكە نەزەر »

[20 دېكابىر 2011 | 2 Comments | 2,452 قېتىم كۆرۈلدى]
بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟

دىمەك ھەركىم قۇرئان، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەر ئۈستىدە دادىل، ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇر قىلسا بۇلىدۇ، ھەم چۇقۇم قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈمگە كۆپ پىكىرلىرىمىز بار، باللارنىڭ يۈكىنى ئېغىر قىلىۋەتتى، ئىنىق جاۋاپنى بېرىپ ئىجاتجانلىقنى، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى يوقاتتى دەيمىز. بىلسىڭىز كىشىلارنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمەسلىكى ياكى بۇرمىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتجانلىقى، ئەركىن ئەقلىي پىكىر قىلىشى سۇزلاشتى. ئاز كىشىلەر دىننى چۈشەندۈرۈشنى مونوپول قىلىۋالدى. باشقا پىكىر قىلغانلارنى كۇپۇر دىدى. بىلىملىك كىشىلىرىمىزمۇ ئالدىغا كەلگەنلەرگە ئالدى بىلەن دىننى قانداق چۈشۈنۈش، ئاللاھ نى قانداق چۈشۈنۈش، قانداق ھىس قىلىش، قانداق پىكىر قىلىشلەرنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بۇ ئەسلى ئىسلامدىكى مۇھىم ئىش ئىدى. ئايەت، ھەدىسلەرنى چۈشەندۇرگەندىمۇ <سەن قانداق ئويلايسەن؟ قانداق چۈشەندىڭ؟ پىكىرىڭ نىمە؟> بۇ ئاساستا بولمايدۇ. بىۋاستە جاۋاپنى بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىپ بېقىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇن سۇئالغا <قۇرئان كەرىم>، ئىشەنچىلىق ھەدىس كىتاپلاردىن جاۋاپ تېپىشقا بۇلىدۇ. لىكىن كىشىلەر تەييار جاۋاپقا ئۈگۈنۈپ كەتتى. ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى تاشلىدى. كىتاپ ئوقۇمايدۇ. ئەقلىي تەپەككۇرنى تاشلاش، بۇگۈنكى ھالىتىمىزنىڭ بىر ئىپادىسى. توردا كۆرۈلگەن نۇرغۇن مەسىلىلارنى ئانالىز قىلساق، ئەقلىي تەپەككۇر نىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.