بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟
بۇ يازما phonon نامىدىكى فىزىكا دوكتور كاندىداتى تەرىپىدىن يېزىلغان.
بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟
ڧونون
بۇ توغرىسىدا ئەتراپىمدىكى دوسلار، تۇنۇشلار بىلەن كوپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان. باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇش پۈتكەندىن كىيىن تورغا يازاي دەپ ئويلىغان، لىكىن ساقلاپ ئولتۇرسام باشقىلار يىزىپ بولغۇدەك. بۇيەردە يازغانلىرىم سىز بۇرۇن كۆرگەن يازمىلار، ئاڭلىغان پىكىرلەر، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرى بىلەن ئوخشاش بولسا، بۇ <ئاقىللارنىڭ پىكىرلىرى ئوخشاش كىلىدۇ> دىگەن گەپ.
ئىنسان ئۇلۇغ يارالغان. ئەقلىي تەپەككۈر قىلالايدۇ. ئەركىن تاللاش قىلالايدۇ. باشقا مەھجۇداتلاردا بۇ قابىلىيەت بارمىدۇ؟ ئىنسان توغرا ياخشى ئشلارنى قىلالايدۇ. يامان ئىشلارنىمۇ قىلىپ ئۆزى ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناغا پاتىدۇ
ئالامدىكى مەھجۇداتلارغا، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ھەيران قالمايمىز. بەلكىم بۇلارنى كۈندە كۆرىۋاتقانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇلۇشى مۇمكىن. مەن دەيمەن بۇ بىزنىڭ بۇلار ئۈستىدە ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپ باقمىغىنىمىزدا. بىركىملەردىن پالانى يەردە تاشتا ياكى دەرختە ﷲ دىگەن خەت باركەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ياقىلىرىمىزنى چىشلەيمىز. ھەيران قالىمىز. مەن دەيمەن ئالامدىكى مەھجۇداتلار، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئالدىدا بۇ قانچىلىك ئش ئىدى؟ كىچىكلىكىدىن تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. بىز ھىسىي تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەندۇق. پەقەت بىۋاستە ھىس قىلغۇلى بۇلىدىغان ئشلارل بىزگە تەسىر قىلىدۇ. ئەقلىي تەپەككۇر لازىم بۇلىدىغان ئش-ھادىسلەر بىزنى جەلىپ قىلىش كۈچى يوق. بىز باشقىلار بايقاپ ئىسپاتلاپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئەسلى قۇرئاندا بار دەپ سۆزلەشكە ئامراق، لىكىن نىمە ئۇچۈن قۇرئاندا بار بولغان نەرسىنى بىز بۇرۇن بايقاپ ئىسپاتلىيالمىدۇق دىگەننى ئويلىمايمىز. <قۇرئان كەرىم> دىن ئالەمدىكى ھەممە سىرغا جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق بولسا ئەقلىي تەپەككۇر قىلالايدىغان مىڭىنىڭ يەنە نىمە كېرىگى؟
ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ بىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىرسى يوق نەرسىنى كىتاپتا دىيىلگەن، رۇسۇللاھ دىگەن، ساھابىلار دىگەن دىسىلا، بىز ئەقلىي تەپەككۈرنى تاشلايمىز. قايسى كىتاپ، قايسى ھەدىس، ئىشەنچىلىكمۇ؟ قۇرئان بىلەن ئوخشاشمۇ دىگەنلەرنى ئويلىمايمىز. مەن بىرنەچچە مىسال قىلاي.
<سەن بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلىگىن. ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.> بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئالبانىي رەھىمەھۇللە: بۇ ھەدىس سەھىھ دەپ تۇنۇلمايدۇ.يەنى رەسۇلۇللەتىن كەلگەنلىكى سەھىھ ئەمەس. كۆپلىگەن ئىماملار بۇ ھەدسنى بەكلا سۆزلەيدۇ. ھەتتا بەزى ‹ئالىملار› ‹ھىدايەت گۈلزارى› دىگەن كىتابتا(جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ جەۋھەر تىمىلىرى جۇغلانغان ئىككى توملۇق كىتاب) بەك ئۇچرايدۇ مۇشۇنداق زەئىپ يالغان ھەدىسلەر. بۇنىڭدىن ئىھتىيات قىلماق لازىم.
.«قانداق بىر كىشى ھەج قىلسا ۋە مەن ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن قەبرەمنى زىيارەت قىلسا،مىنى ھايات چېغىمدا زىيارەت قىلغان بىلەن ئوخشاش» ئىبنى تەيمىييە‹ئاجىز › دىگەن. ئالبانىي ‹تۇقۇلما› دىگەن.
«مەن ئەرەب،قۇرئان ئەرەپچە،جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەپچە» بۇ ھەدىس تۇقۇلما.
«ھەقىقەتەن ھەممە نەرسنىڭ يۇرىكى بار. قۇرئاننىڭ يۇرىكى سۈرە ياسىندۇر. سۈرە ياسننى بىر قېتىم ئوقۇغان كىشى قۇرئاننى ئون قېتىم تامام قىلغان بىلەن ئوخشاش»بۇ ھەدىس تۇقۇلما.
«قانداق بىر كىشى ھەر كىچىسى سۈرە ۋاقىئەنى ئوقۇسا مەڭگۈ نامراتلىق يەتمەيدۇ» بۇ ھەدىس زەئىپ.بۇ ھەدىسمۇ خەلقىمىز ئىچىدە ئىنتايىن مەشھۇر.
«ئىلىمنى جۇڭگۇدا بولسىمۇ تەلەپ قىلىڭلار»بۇ ھەدىس تۇقۇلما.بۇ ھەدىسمۇ ئارىمىزدا ئىنتايىن مەشھۇردۇر.
ئىسلام بىلەن پەن زىت ئەمەس. ئەگەر زىت بولغاندەك ھىس قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمىگىنىڭىز، ياكى پەننى خاتا چۈشەنگىنىڭىز. پەن بىلىمىڭىز اللا ياراتقان مەھجۇداتلارنى توغرا چۈشۈنىشتىن كەلگەن بولسا، بۇ دىن بىلەن زىت بولمايدۇ. ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن اللاھ ياراتقان نەرسىلار بىر-بىرىگە ھەرگىز زىت بولمايدۇ. ئىسلام كىشىلەرنى ھادىسىلەرگە يۇشۇرۇنغان قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە ئەركىن ئەققلىي تەپەككۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەسىلەن:
سۈرە ئال ئىمران، 191 ـ ئايەت
ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
سۈرە يۇنۇس، 100 ـ ئايەت
ھەرقانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ
سۈرە نەھىل، 11 ـ ئايەت
اﷲ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار.
سۈرە ساففات، 155 ـ ئايەت
پىكىر قىلمامسىلەر؟
(ھەممىنى يازمىدىم، يەنە باشقا ئايەتلەرمۇ بار)
دىمەك ھەركىم قۇرئان، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەر ئۈستىدە دادىل، ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇر قىلسا بۇلىدۇ، ھەم چۇقۇم قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈمگە كۆپ پىكىرلىرىمىز بار، باللارنىڭ يۈكىنى ئېغىر قىلىۋەتتى، ئىنىق جاۋاپنى بېرىپ ئىجاتجانلىقنى، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى يوقاتتى دەيمىز. بىلسىڭىز كىشىلارنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمەسلىكى ياكى بۇرمىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتجانلىقى، ئەركىن ئەقلىي پىكىر قىلىشى سۇزلاشتى. ئاز كىشىلەر دىننى چۈشەندۈرۈشنى مونوپول قىلىۋالدى. باشقا پىكىر قىلغانلارنى كۇپۇر دىدى. بىلىملىك كىشىلىرىمىزمۇ ئالدىغا كەلگەنلەرگە ئالدى بىلەن دىننى قانداق چۈشۈنۈش، ئاللاھ نى قانداق چۈشۈنۈش، قانداق ھىس قىلىش، قانداق پىكىر قىلىشلەرنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بۇ ئەسلى ئىسلامدىكى مۇھىم ئىش ئىدى. ئايەت، ھەدىسلەرنى چۈشەندۇرگەندىمۇ <سەن قانداق ئويلايسەن؟ قانداق چۈشەندىڭ؟ پىكىرىڭ نىمە؟> بۇ ئاساستا بولمايدۇ. بىۋاستە جاۋاپنى بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىپ بېقىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇن سۇئالغا <قۇرئان كەرىم>، ئىشەنچىلىق ھەدىس كىتاپلاردىن جاۋاپ تېپىشقا بۇلىدۇ. لىكىن كىشىلەر تەييار جاۋاپقا ئۈگۈنۈپ كەتتى. ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى تاشلىدى. كىتاپ ئوقۇمايدۇ.
ئەقلىي تەپەككۇرنى تاشلاش، بۇگۈنكى ھالىتىمىزنىڭ بىر ئىپادىسى. توردا كۆرۈلگەن نۇرغۇن مەسىلىلارنى ئانالىز قىلساق، ئەقلىي تەپەككۇر نىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەركىن سىدىق ئەپەندى دىگەن ‹ھىسياتچان›، ‹ئالدىراڭغۇلۇق› ھىسسىي تەپەككۇرنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئەقلىي تەپەككۇر نى ‹ئېغىر بېسىق بۇلۇش› دەپ ئاددىي چۈشەنسەك بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مىسال قىلساق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ سەۋەبىنى دىن سۇزلۇشۇش، ئىللەت كۆپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، خارەكتىر قاتارلىق جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش ھەممىسى تۇلۇق ئەقلىي تەپەككۇر قىلماي، ھىسسىي تەپەككۇر قىلىشنىڭ نەتىجىسى. (بۇ توغرىسىدا كىيىنكى يازمىلاردا توختىلىمەن)
ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇڭ،ماقالە، كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇڭ، ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى ماقالە، كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇڭ.
خۇلاسە!
بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟ ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپ باقامدۇق؟
تۈگىدى.
ئاللا خالىسا كېيىنچە بىرەرتەپەككۇر ياكى ئىجادىيەت ئۆيى بولسا ئىيتىدىغان بىرجاي بولسا ،بەزىدە شۇنداق پۇل ۋە شىرىكلەربىلەن بولدىغان ئىشلارنى ئويلايمىز توختايمىز ،، خاتا بولسا تۈزىتەتتۇق مەسلەن مەن تولامۇنداق ئويلايتىم ،،تىك ئۇچار، ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ماگىنىت بىلەن تۇتۋېلىش ، توىتىماي قالايمىقان ئۇچۇريوللاش ،قالايمىقان لاشتۇرۇش …ھازىر ئويلىسام سەلپۇتاق چىقىدۇ بۇرۇن چاتىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن ،مۇشۇجايدىلا ئېيىتتىم باشقاجايدا ئېيتىپ باقمىدىم ،ئۇقۇش پۇرسىتىمۇ يوق ھەي ئىشقىلىپ بۇرۇن ئويلايدىكەنمەن قۇساقتويدۇرمەن دەپ ھازىر تازائويلىيالماس بوپ قاپتىمەن ،ئادەم ئولاشتىن قاچساكاللىسى دىن چاتاق چىقىپ نېرۋاكىسەل بولدىكە ئاللا ساقلىمىسا مەنمۇ.. . ئېنىشتىيىن بەك ئويلانغاچچقا مېڭەتۇقۇلمىلىرىدەمدۇ بىرمىسى بىزنىنىڭ كىدىن كوپكەنمىش
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رەخمەت ،مەن ئىلگىرى بەك تەپكۇر قىلاتتىم كىيىن پۇل چىقمىدى دەپ ئۈزۈمگە زۇلۇم قىلىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم تۈۋەنلەپ كەتتى سۇبۇھان ئاللا تەۋبە مەن ھايات يۇلۇم نىتاپالماي سەبىرقىلىپ كۈزەتمەي ئۈزۈمنى سەل خۇدىكلاشتۇرۋالدىم ،،،بەزىدە ئادەم ھەدىس ئۇ ئىنكارقىلساق بوممايدۇ دەيدۇ (مەن نىڭچە) تازا ئىسىمدەقامماپتۇ قۇرئاندا مۇنداق مەزمۇندا گەپ بار باشقا مەبۇدلار بولسا ئاللاغا جەڭئئېلان قىمممامدۇ دەيدىغان
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر