باشبەت » ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت Interview with Uygur Scientist Shoukhrat Mitalipov

3 دېكابىر 2007 2,418 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس


2007-يىلى 6- ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا غول ھۈجەيرە تەتقىقات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۇھرةت مۇتەللىپنىڭ پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. 2007 – يىلى 14- نويابىر كۈنى CNN ،BBC ، ”بىرلەشمە خەۋەرلەر“ ”نېۋ يورك ۋاقتى“، ”ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى ”قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قايتىدىن ئۇ تەتقىقات نەتىجىسى توغرىلىق ئوبزور ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنياغا كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتى. 2007 – يىلى 22- نويابىر كۈنى دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق ژورنال ”تەبىئەت“ ژورنىلىدا ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىرىنچى قېتىم ئىلمى ماقالە سۈپىتىدە تولۇق ئىلان قىلىندى.(دىمەك تېخى بۇ كۈندىن بۇرۇن بۇلغان بارلىق مۇنازىرىلەر شۇ ئىلمى ماقالە ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ ئۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاڭلاپ ئېلىپ بارغان ”بەدەن قىززىتىش“ لىرىدىن ئىبارەت.) شۇ ژورنالنىڭ تاش مۇقاۋىسىغا  شۈھرەت مۇتەللىپ ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ رەسىمى بىرىلدى… ئامرىكىدىكى تېلىۋىزىيەدە مۇخبىرلارنىڭ شۇھرەت مۇتەللىپنى ئۇرىۋالغان كۈرۈنۇشلىرى بىزنى ھاياجانلاندۇردى. بۇ بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيادا بۇنداق ئەڭ ئالى نەتىجە يارىتىشى  ۋە شۈھرەتكە ئىرىشىش ھىساپلىنىدۇ.

ئۇنداقتا شۈھرەت مۇتەللىپ كىم، ئۇ زادى قەيەرلىك، قەيەردە تۇغۇلۇپ قەيەردە چوڭ بۇلغان، ئۇيغۇر دەپ ئاڭلىدۇق، لېكىن تەپسىلى ئەھۋالىنى ئۇخمايمىز، تۇنۇشايلى دەپ بارساق ۋاختى چىقارمۇ، بىزگە قىزىقارمۇ، بارساق ئىنگىلىسچە پاراڭلىشارمىزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە پاراڭلىشارمىزمۇ؟ مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر بەرگەنىكەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىمۇ ھۈرمەتلىك ئالىمىمىزنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە تۇنۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش بۇرچىمىز بار دەپ قاراپ بىلىۋال تور بىكىتى ئالىم تۇرۋاتقان شەھەرنىڭ ئۈزىگە بېرىپ ئالىمنى سۈرەتلىك، ئاۋازلىق  زىيارەت قىلىپ كلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە پېقىر Jeck مۇ بۇنىڭغا دادىللىق بىلەن ئاۋاز قوشتى.

بۇ ئالىمىمىز توغرىلىق پېقىرمۇ ئەڭ دەسلەپ ئامرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىلگەن، كىيىن ئۇيغۇر دەپ ئاڭلاپ خوش بۇلغانتىم، يەنە قارىسام بۇ ئالىم مەن تۇرۋاتقان يەردىن يىراق ئەمەس بۇلغان ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلەند شەھىرىدە تورىدىكەن. بۇ يەر مەندىن پەقەت نەچچە سائەتلىكلا يول. شۇڭا شۇ ۋاقىتتىلا بىر پۈرسەت تېپىپ ئىزدەپ تۇنۇشۇپ قالسام بۇلغۇدەك دەپ خىيال قىلغان. لېكىن بۇنداق تىز بۇلۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بىىلىۋال تورىنىڭ قورغۇچىسى قۇربانجاننىڭ بېرىپ ئالىمنى زىيارەت قىلىش توغرىلىق بەرگەن پىكرى ماڭىمۇ شۇنداق خوش ياقتى. ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۈگەنگەن ۋە ئۈزەمگە تەدبىقلىغان بىر ئىش ”توخۇ بىلەن دوست بۇلساڭ يىيىشىڭ پوق“ . يەنى ئادەمنىڭ دوستىنىڭ قانداق ئىكەنلىگى شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغىمۇ چوڭ تەسىر كۈرسىتىدىكەن. ئادەم چوقۇم قابىلىيەتلىك، ياراملىق، نەتىجە قازانغان ئادەملەرنى پۇل خەجلەپ بۇلسىمۇ  ئىزدەپ بېرىپ دوست تۇتۇپ. قۇرۇق گەپ جىق دوستلاردىن يىراق تۇرۇشى كىرەك ئىكەن. شۇندىلا ئادەم ئالغا باسىدىكەن. شۇ خىياللار بىلەن قۇربانجاننىڭ پىكرىنى ئويلانمايلا قۇبۇل قىلدىم، چۇنكى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ دۇنياغا داڭلىق، ھازىر غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دۇنيادا پىشۋا ھىساپلىنىدىغان ئالىم بىلەن تۇنۇشۇۋالسام مەنمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر نىمە ئۈگىنىۋالارمەن.

شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن بۇلغان چىگرادىكى غالجات  دىگەن يەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ كىيىن ئالمۇتادا چوڭ بۇلغانلىغىنى بىلدۇق. ئاساسەن  ئۇيغۇر مەدىينىيتى، مۇھىتىدا چوڭ بۇلۇپتۇ.

ئالىمنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت قىسقىچە بىرىدىغان ئۇچۇرىمىز تۈۋەندىكىچە: 
1. ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن چىگرا يېنىدىكى غالجات دىگەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئالمۇتاغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شۇ ۋاقىتتىكى سوۋىت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى تۈزۈمى بويىچە ھەربىلىككە بارغان. ھەربىلىكتىن قايتقاندىن كىيىن مۇسكۋادا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ ئاندىن كىيىن ئاۋال گېرمانغا بېرىپ تەتقىقاتچى بۇلغان. ئۇ يەرگە تازا كۈنەلمەي 6 ئايدىن كىيىن ئامرىكىنىڭ ئۇتاھ شىتاتىغا كىلىپ ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بۇلۇپ 3 يىل ئىشلىگەن.  ( بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا ھازىر پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى رەيھانگۇل بەكتۇر پروفىسسور بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) . 97-يىلدىن تارتىپ ھازىر ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتغا تەتقىقاتچى بۇلۇپ كىرگەن. ئالىم ئايالى گۇلنۇر ناسىروۋانى ئۇتاھ شىتاتىدا تۇرۇۋاتقاندا يىقىنلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىلگەن ۋە نەچچە ھەپتە ئۈتمەي گۇلنۇر ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇلار تۇنۇشۇپ 3 ھەپتە ئۈتكەندىن كىيىن 8-9 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن لاس ۋىگاس شەھىرىگە بېرىپ  كىچىكلا توي قىلىپ ئائىلىلىك بۇلغان، ۋە شۇ يىلى يەنە قازاقىستانغا قايتىپ ئالموتادا چوڭ چاي بەرگەن. ئايالى گۈلنورنىڭ جەمەتى قازاقىستاندىكى چوڭ جەمەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇلار 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى قەھرىمان قىزىمىز رىزۋانگۇلنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىكەن ۋە رىزۋانگۇلنى قەھرىمان ئەجدادىمىز دەپ تۇنۇيدىكەن.ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ ۋە ئايالى گۈلنور ناسىروۋا ھازىر ئامرىكىنىڭ ئورىگون شىتاتى پورتلاند شەھىرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئادىل ئىسىملىك بىر ئوغلى، نەرگىز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ ھەر ئىككىسى مەكتەپ يېشىدا. ئالىمنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بۇلغانلىغى ئۈچۈن ئايالى گۈلنور خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ھازىرۋاختىنى  بالىلىرىنىڭ تەربىيلەش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىۋېتىپتۇ.گۈلنور  ھەركۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى تەربىيلەش ئورۇنلىرى، كۈتۈپخانا، چېنىقىش ئورۇنلىرى، مۇزىيخانا ، باغچا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى دىگەندەك يەرلەرگە ئاپىرىش بىلەن ئالدىراش ئۈتۈدىكەن. قاچان ئۈزى خىزمەتكە قايتىش توغرىلىق تېخى ۋاختىنچە ئويلاشماپتۇ. ئۇ يەنە مەكتەپلەردە ئىختىيارى بولۇپ ھەقىسىز ھالدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپمۇ ئىشلەۋەتىپتۇ. ئالىمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇزەپپەر، ئاپىسىنىڭ ئىسمى جەننەت، بوۋىسىنىڭ ئىسمى سالاھىدىن، مومىسىنىڭ ئىسمى رازىيەم.

2. ئالىمنىڭ تەتقىقاتى جەھەتتە:  ئالىم موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن بولۇپ روسىيەدە تۇنجى بۇلۇپ چاشقاندىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈشنى مۇشۇ ئالىمىمىز ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىكەن. ئامرىكىغا كىلىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بۇ يىل تۇنجى بۇلۇپ پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرەيىتىشتۈرۈپ مۇشۇ ساھەدىكى ”غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش  چاشقانغا ئىشلىگەن بىلەن پىرىماتلارغا ئىشلىمەيدۇ“ دىگەن كۈز قاراشنى ئىنكار قىلىپتۇ. بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئەسلىدە 2004-يىلى كۈرىيەلىك ئالىم 黄禹锡 تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بۇلۇپ ئۇ ئىنسانلاردىن  غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگەنلىگى بىلەن دۇنيادا زور زىلزىلە قوزغىغان. كورىيەدە ئۇنىڭ ھۆرمىتى زوڭتوڭدىن ئېشىپ كەتكەن. لېكىن كىيىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ ئىشلىگەن تەجرىبىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىگىنى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىغىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ دۇنيادا يەنە بىر چوڭ سەتچىلىك بۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانلار ياكى پىرىماتلار تىپىدىن زادى غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگىلى بۇلامدۇ يوق دىگەن تىما چوڭ مۇنازىرە تىمىسى بۇلغان. ئالىمىمىز ئەنە شۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ ئۈزى پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۇرۈپ چىقىپتۇ. ئەسلى بۇ نەتىجە بۇ يىل يەنى 2007-يىلى ئۈچىنچى ئايدا تاماملىنىپ تەبىئەت ژورنىلىغا يوللانغان. لېكىن ژورنال ھەيئىتى ئالدىنقى قېتىم يۈز بەرگەن سەتچىلىكنى كۈزدە تۇتۇپ بۇ قېتىم ناھايتى ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە  قىلىپ ماقالىنى ئىلان قىلماي توختىتىپ قويۇپ ئۈچىنچى بىر مۇستەقىل  تەرەپكە يەنى ئاۋىستىرالىيە دىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ھاۋالە قىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىسپاتلاپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان.( بۇ مۇستەقىل تەرەپنىڭ ئامرىكىدا بۇلۇپ قالسا تەسىرگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ ئۇلارنى ئاۋستىرالىيەدىن تاللىغان ). ئامرىكىنىڭ قان، گېن، ھۈجەيرە ۋە باشقا مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىنى سىرتقا چىقرىشتا، يوللاشتا بەك چىڭ چەكلىمىسى بۇلغانلىقتىن ئاۋستىرالىيە تەرەپنىڭ دەلىللەش جەريانى كۈپ تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ 11-ئاي ئەتراپىدا تاماملانغان ۋە شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ راست ئىكەنلىگىنى دەللىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن گۇماندا  تۇرۇپ تۇرغان ئاخبارات ۋاستىلىرى قايتىدىن بۇ تىمىنى قولغا ئېلىپ خەۋەر بىرىشكە باشلىغان. ھازىر ئالىمنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرگە ئىگە بۇلغان گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، پىرىماتلارغا قارىتىلغان تەتقىقات يۈنۈلشىدە ئالىمنىڭ تەجرىبىخانىسىنى ئەڭ چوڭ دىيىشكە بۇلىدىكەن. ئالىم تەجرىبە ئۈچۈن بېقىۋاتقان مايمۇنلارنىڭ سانى 150 كە يىقىن بۇلۇپ دۇنيادا ئەڭ كۈپ ئىكەن. تەجرىبىخانىسدا 8-9 دەك ئادەم بار بۇلۇپ  يىللىق چىقىمى بىر مىليون دۇللاردىن ئاشىدىكەن. بۇ تەجرىبخانا ئەسلىدىنلا ئامرىكىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بۇلغان تەجرىبىخانا بۇلۇپ ، تەجرىبىخانىنىڭ ئەسلى مۇدىرى ئىككى يىل بۇرۇن پىنسىيگە چىققاندىن كىيىن شۈھرەت مۇتەللىپ بۇ تەجرىبىخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. ئۈتكەن يىلى پۈتتۈرگەن بىر پوستدوك (دوكتۇر ئاشتى )ئوقۇغۇچىسى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋىتىپتۇ. (دىمەك  شۆھرەت مۇتەللىپ ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسور بۇلالايدىغان سەۋىيەدىكى  ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدىكەن). 
يەنە قىستۇرۇپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدىغىنى ئالىمنىڭ سىڭلىسى مايسە مۇتەللىپمۇ ئاكىسى شۈھرەتنىڭ ئىزىدىن دەسسەپ مېڭىپ مۇسكىۋادىمۇ ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ ئوخشاش تەجرىبىخانىدا ئىشلىگەن ئىكەن. نۇرغۇن تەتقىقاتنى  ھەمكارلىىشپ بىللە قىلغان ئىكەن. ھازىر مايسە MIT(  ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى,  خەنزۇچە  美国麻省理工学院 ) دە ئىشلەۋېتىپتۇ. مەكتەپ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئۈچۈن تەجرىبىخانا قۇرۇپ بىرىپتۇ. ئۇ ھازىر شۇ تەجرىبىخانىنىڭ مەسئۇلى يەنە بىر فاكولتىتنىڭ  مۇدىرى ئىكەن. ( مايسە توغرىلىق كىيىن ئايرىم زىيارەت خاتىرىسى ئىلان قىلىنىدۇ)

قالغان تەپسىلى ئوچۇرلارنى زىيارەت خاتىرىسىنى كۈرگەيسىلەر. ھوزۇرۇڭلارغا شۇ قېتىملىق سۈھبەتتىن بىلىۋال تور بېتى ئىخچاملاپ ياسىغان سۈھبەت خاتىرىسىنىڭ 1 يېرىم مىنۇتلۇق ئۈزۈندىلىرىنى ئالدىن سۇندۇق. تولۇق نۇسخىسى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بىز ئەزەلدىن بۇنداق تېلىۋىزىيە خاراكتىردىكى فىلىملىرىنى ئىشلەپ باقمىغان، تەجرىبىسىز  بۇلغاچقا يۇقىرى سۈپەتتە ئىشلەپ چىقالمىدۇق. پەقەت بىز ”تىرىشىۋاتىمىز“ دەپلا ئېيتالايمىز. بۇ زىيارەت خاتىرىسى تېلىۋىزىيە فىلىمى شەكلىدە. 
فىلىمنى كۈرۈش:

1. بىلىۋالدىن چۈشۈرۈپ كۈرۈش: 
http://www.biliwal.net/shohrat/shohrat-mitalip10.wmv
2. Youtube دىن كۈرۈش: 
http://www.youtube.com/watch?v=d72uP9vqy5I
3. بىلىۋال تور بېتىدىكى بۇ توغرىسىدىكى مەزمۇن: 
http://biliwal.com/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&p=5648#5648

4. ئالىم شوھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشكە چاپلانغان ماقالە:  
http://www.izdinix.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=30422

5. ئالىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگىلىسچە يېزىلىشى  Shoukhrat Mitalipov ، قىزىقىدىغانلار مۇشۇ ئىسىم بىلەن google ياكى baidu تورىدىن ئىزدەپ باقسا بۇلىدۇ. 
خەنزۇچە ئىسمى 米塔利波夫 دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ.

6. جۇڭگۇ دۈلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەر ۋە ئوبزورلار: 
http://news.cctv.com/world/20071116/100008.shtml :CCTV
http://www.cctv.com/video/worldwidewatch/2007/06/worldwidewatch_128_20070621_11.shtml: CCTV
http://news.sina.com.cn/w/2007-11-13/080012893124s.shtml :新浪网
http://news.sina.com.cn/o/2007-11-14/140212902614s.shtml: 新浪网
http://tech.sina.com.cn/d/2007-11-13/19121850177.shtml :新浪网
http://www.chinanews.com.cn/jk/xpxz/news/2007/11-15/1078296.shtml :中国新闻网
http://news.qq.com/a/20071115/001415.htm : 腾讯网
http://www.cass.net.cn/file/20071126105211.html:中国社会科学院
http://paper.people.com.cn/dd/html/2007-11/15/content_33630552.htm :人民网

قالغانلىرىنى ئۈزەڭلار ئىزدەپ كۈرۈڭلار. بەك جىقكەن.

يەنە تورداشلار بۇنى كۈرگەندە ئېچىلىش ياكى چۈشۈرۈش ئاستا بۇلسا قىلالايدىغان تورداشلىرىمىز بىىلىۋالدىن ھۈججەتنى چۈشۈرۈپ جۇڭگۇدىكى 土豆 دىگەندەك تور بەتكە چىقىرىپ قويۇپ ئۇلىنىشنى ماڭا بەرسەڭلار. مەن ئۈستىگە قېتىپ قوياي. يەنە مۇشۇنداق فىلىم ئىشلەش تەجرىبىس بار تورداشلىرىمىز ياردەم قىلىپ مەنمۇ ئىشلىشىپ بىرەي دىسە بىلىۋال تورىدىكى قوربانجان بىلەن ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ.

Jeck تەييارلىدى.

( ھې ھې، كىنو ئىشلىدۇق دەپ يۈرۈپ ئاغزىمدىن سائەت چىقىپ كەتتىمۇ نىمە. شۇنىڭغا ئوخشايدىغانراق نەرسىلەر ئىشلىنىپ قالدى مانا. قارىغاندا مۇشۇندا ماڭساق كىنومۇ بىر كۈنى ئىشلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. 
دەنشىنى ئوبدان كۈرۈڭلار جۇما، مەن چىقىمەن…:)

رەسىملەر

1.تەبىئەت ژورنىلى مۇقاۋىسى، رەسىم ۋە ئاستىدىكى چوڭ خەت ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىنغان

2. ئالىمنىڭ خىزمەت ئورنى

3. Jeck بىلەن ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ

4. قۇربانجان روزى بىلەن ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ

5. Jeck , شۈھرەت مۇتەللىپ, قۇربانجان

6. چاي ئۈستىدە سۆھبەت

7. ياخشى چىققاندەكمۇ؟

8. شۈھرەت مۇتەللىپ ۋە ئائىلىسى

9.ئايالى گۈلنور ۋە قىزى نەرگىزە

10. ئايالى گۈلنور

11. قىزى نەرگىزە ۋە ئوغلى ئادىل

12. شاكىچىك ئادىل مەشىق ئۈستىدە

13. كوميوتېر ئۇيناۋاتىدۇ

14. قازاقىستاندىكى بىر يىغىلىشتا، مىللىچە ئۇسۇل

15. ئالىمننڭ ئاتا ئانىسى مۇزەپپەرئاخۇن ۋە جەننەتخان

16. مۇزەپپەر ئاخۇن ئامرىكىدا

17. بالا ۋاقتىدىكى شوھرەت مۇتەللىپ بوۋىسى سالاھىدىن ۋە مومىسى رازىيە بىلەن بىللە

تۈگىدى.

ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىسىدا بۇ بلوگدىكى بارلىق تىمىلار تۈۋەندىكىچە:
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت
ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەتنىڭ تولۇق خاتىرىسى (جەمئى 9-قىسىملىق فىلىم)
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئانا ۋەتەندە

4 ئىنكاس بار »

  • نۇرزات :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Серік :

    قىتايدىڭ ۇيعىرعا قۇرعان ۇش قاقپانى – 1

    سوڭعى كەزدە قازاقستاندا «ۇيعىرستان»، «ۇيعىر ماسەلەسى» دەگەن سوزدەر كوپ ايتىلعانمەن وعان تەرەڭدەي ۇڭىلىپ، سارابدال وي ايتىپ جۇرگەن ۇيعىر دا، قازاق تا كورىنبەيدى.

    قازاقتار «ۇيعىرلار بىزدىڭ جەرىمىزدە ۇيعىرستان قۇرماقشى» دەپ شۋىلداتسا، ۇيعىرلار ولارعا دالەلدى جاۋاپ ايتىپ، وز ۇلتىنا پايدالى دۇرىس جول ىزدەگەننىڭ ورنىنا جالعان اتاق، قۇر قيالعا بەرىلىپ، «ۇيعىرستان» دەگەن اتاۋعا جابىسىپ الدى.

    بىراق دال قازىر «ۇيعىرستان» اتاۋى ۇيعىرلاردىڭ تاۋەلسىزدىك ۇشىن كۇرەسىنە قانشالىقتى كەسىرىن تيگىزىپ جاتقانىن ۇيعىر جەتەكشىلەرى ويلارىنا دا الار ەمەس. قايتا ولار ەشقانداي تاريحي نەگىزى جوق اتاۋعا جارماسۋ ارقىلى وزدەرىنە وزدەرى قاقپان قۇرىپ وتىر.

    بىرىنشى قاقپان: حۋندار مەن تۇرىك قاعاناتى

    قىتاي تاريحشىلارى ۇيعىردىڭ نە قازاقتىڭ تاريحىن جازعاندا، زەرتتەگەندە باۋىرلاس ەكى ۇلتتى دا بىر كەزدە قىتاي يمپەرياسىن ۇرەي مەن قورقىنىشتا ۇستاعان حۋندارمەن، ودان كەيىنگى تۇرىك قاعاناتىمەن بايلانىستىرماۋعا تىرىسادى. ۇيعىرلاردى تۇرىكتەردەن دەربەستەندىرىپ، ۇيعىر حاندىعىنا تەليدى. ال قازاقتاردى سول كەزدە قىتايمەن قىز الىسىپ-قىز بەرىسكەن ۇيسىن ەلى جانە ۇلى يۇزىلەردىڭ مۇراگەرى رەتىندە عانا قاراستىرادى. سەبەبى – بەلگىلى. ارعى تاريحىمىزداعى قىتايمەن جاقسى قارىم-قاتىناستا بولعان تايپالاردى دارىپتەۋ ارقىلى بىزدى ەرتەدەن بيلەپ-توستەپ كەلە جاتقانىن دالەلدەگىسى كەلەدى.

    قىتاي تاريحشىلارى حۋنداردى دا، تۇرىكتەردى دە جابايى، سوعىسقۇمار جاۋىز رەتىندە سۋرەتتەيدى. قىتايدىڭ بارلىق جازبالارى (حاندار شەجىرەسىنەن تارتىپ) – بۇرمالاۋعا تولى، تەك قىتاي يمپەرياسىنىڭ از ۇلتتاردى بيلەۋ ساياساتىنا قۇرىلعان جازبالار. قىتاي يمپەرياسى اتام زاماننان بەرى بىزدى تۇركىلىك تۇبىمىزدەن كوز جازدىرۋ ۇشىن جۇمىس ىستەدى. ولار تۇبى بىر تۇركى حالىقتارىنىڭ قايتا بىرىگىپ، باس كوتەرۋىنەن ولەردەي قورقىپ، سونىڭ الدىن الدى – ارى سول ماقساتىنا جەتتى.

    قىتايلار، تىپتى، كەشەگى قىتايمەن ەش قاتىسى جوق شىڭعىس حاندى دا وزدەرىنىڭ تاريحي تۇلعاسى رەتىندە تانىپ، وعان ۇستاز بولعان قىتاي وقىمىستىلارى دەگەن ساسىق ويدى تىقپالاۋ ارقىلى شىڭعىس اۋلەتىنىڭ قۇرامىندا بولعان ورتا ازيا مەن قازاقستاندى دا وز جەرى رەتىندە قاراعىسى كەلەتىنىن ەمەۋرىنمەن بىلدىرىپ وتىر. قىتاي تاريحى پاسىقتىق پەن اشكوزدىككە قۇرىلعان. وزگە ەلدىڭ جەرىنە نەگىزسىز كوز سۇزۋ – ولاردىڭ مىڭ جىلدىق ارمانى.

    قىتايدىڭ ۇيعىرعا قۇرعان ۇش قاقپانى – 2
    rss
    17 نويابريا 2010
    serik murathan

    ۇيعىر تاريحشىلارى ۇيعىر قاعاناتى تۋرالى تاريح جازىپ، وزدەرىن وسىدان 13 عاسىر بۇرىنعى ۇيعىر قاعاناتىنىڭ تىكەلەي مۇراگەرىمىز دەپ سەزىنەدى. شىعىس تۇركىستانداعى ۇيعىر تاريحشىلارى قىتاي جازبالارىنداعى «حۇيگۋ» («حۇيحى») دەپ اتالعان تايپالار بىرلەستىگىنە قاتىستى دەرەكتەردى تەك وزدەرىنىڭ تاريحىنا بالاپ، سولاردىڭ تاريحىن تەك وزدەرىنە مەنشىكتەپ العان. ونى وقىعان، شىنايى تاريحىن بىلمەيتىن كەي ۇيعىر جەتەكشىلەرى «ۇيعىر قاعاناتى ارقىلى بۇرىن قازاقتاردى دا قول استىمىزدا ۇستاعانبىز، بىز يمپەريا قۇرۋشى ۇلت بولعانبىز» دەپ ويلاپ، وزدەرىن جوعارى ۇستايدى. تىپتى، قىزدى-قىزدىمەن «بالقاشتىڭ شىعىسى، الاتاۋدان التايعا دەيىنگى ارالىق – ۇيعىر جەرى» دەپ سوعادى. كەيبىر ۇشقارى توپتاردىڭ «ۇيعىرستان» كارتاسىنا جەتىسۋ ولكەسىن كىرگىزىپ جۇرگەنى سودان.

    ال ىس جۇزىندە، قىتاي دەرەكتەرىندەگى حۇيگۋ (حۇيقى) – قازىر تۇركىلىك قاسيەتتەن ايرىلىپ، الدەقاشان قىتايلاسىپ كەتكەن سارى ۇيعىرلار. ولاردىڭ قازىرگى ۇرپاقتارى قىتايداعى سارىوزەننىڭ ورتا اعارىندا ومىر سۇرىپ جاتىر. ەندى بىر بولىگى – گانسۋ ولكەسىندەگى يۇيگۋ ۇلتى. سوزدىڭ توقەتەرى – بىر كەزدەگى ۇيعىر قاعاناتىن قۇرىپ، بىر مەزەت داۋرەن سۇرگەن حۇيگۋ (حۇيحى) – بۇگىنگى ۇيعىرلاردىڭ تىكەلەي اتا-باباسى ەمەس. بۇعان قىتاي دەرەكتەرى دالەل.

    الايدا سوڭعى وتىز جىلدا قىتاي تاريحي دەرەكتەرىن ەركىن پايدالانىپ وتىرعان قىتايداعى ۇيعىر تاريحشىلارى سول بىر حۇيگۋ (حۇيحى) تاريحي اتاۋىن وزدەرىنە مەنشىكتەپ الدى. بۇعان بۇكىل تاريحي ەڭبەكتەردى باقىلايتىن قىتاي ۇكىمەتى، قىتاي عىلىم اكادەمياسى ادەيى جول بەرىپ وتىر. سەبەبى ول ۇيعىر قاعاناتىنىڭ اتى الاتاۋداي بولعانىمەن، قىتايدىڭ تاڭ پاتشالىعىنا تاۋەلدى بولىپ، دوستىق قارىم-قاتىناستى ساقتاعان. بىر سوزبەن ايتقاندا، قىتاي «سول كەزدەگى ۇيعىر قاعاناتى بىزدىڭ قول استىمىزدا بولدى» دەپ ەسەپتەيدى. سول ارقىلى ۇيعىر قاعاناتى مەڭگەرگەن تەرريتوريانى دا وزدەرىنىكى دەپ ەسەپتەيدى. قىتاي ۇكىمەتى «سەندەر ۇيعىر قاعاناتىنىڭ تىكەلەي مۇراگەرسىڭدەر!» دەگەن جالعان اتاقتى بەرىپ، ولارعا سۇيەك لاقتىرعانداي بولعانىمەن، ىس جۇزىندە وسى تاريحتى ۇيعىرلارعا تەلۋ ارقىلى «سەندەر اتا-بابالارىڭنان بەرى بىزگە تاۋەلدى بولىپ كەلدىڭدەر جانە تاۋەلدى بولا بەرەسىڭدەر!» دەگەن ساياساتتى العا تارتىپ وتىر.

    بىراق وسىنداي قاسكۇنەم ويدى تۇسىنگەن ۇيعىر جوق. قازاقستانداعى بىر ۇيعىر تاريحشىسى ۇيعىر قاعاناتى تۋرالى كىتاپ جازىپ، وزدەرىن ۇزدىكسىز «ۇيعىر قاعاناتىنىڭ مۇراگەرى» رەتىندە كورسەتۋگە جانىن سالۋدا. وسى ارقىلى ۇيعىرلار قىتايعا سان مىڭ جىلدىق تاريحتان بەرى بودان بولعاندارىن وز اۋىزدارمەن مويىنداپ، وزدەرىنىڭ تاۋەلسىزدىك ۇشىن كۇرەسىن جوققا شىعارىپ قانا قويماي، قىتايدىڭ «بالقاشتىڭ شىعىسى، الاتاۋ ساعاسىنان شىعىسقا قاراي – قىتاي جەرى» دەگەن ساياساتىنا – قازاق جەرىنە كوز الارتقان ساياساتىنا بىلمەستىكپەن قولداۋ كورسەتىپ وتىر. «ۇيعىر حاندىعىنىڭ جەرى» دەگەن سوز – ۇيعىر جەرى ەمەس، قىتاي جەرى دەگەن سوز.

    قىتايدىڭ ۇيعىرعا قۇرعان ۇش قاقپانى – 3

    ۇشىنشى قاقپان: «ۇيعىرستان»

    قىتايدىڭ قول استىنداعى تۇبى بىر تۇركى جۇرتى سان عاسىردان بەرى قىتاي شاپقىنشىلارىنا قارسى ورتاق تىزە قوسىپ، بىلەك بىرىكتىرىپ قارسى تۇرىپ كەلدى. بىراق قىتاي بيلىگى وعان جۇيەلى تۇردە تويتارىس بەرىپ، توسقاۋىل جاساپ، قول استىندا قالعان تۇركى جۇرتىنىڭ بىرىگىپ تاۋەلسىزدىككە جەتۋىنە جول بەرمەي كەلدى.

    قىتايداعى تۇركى جۇرتىنىڭ تاۋەلسىزدىككە تالپىنىسىنىڭ كۇشەيۋى جانە جەڭىستى كۇرەستەر جۇرگىزۋى «تۇرىك» اتاۋىمەن تىكەلەي بايلانىستى. 1921 جىلى مۇستافا كەمال باستاعان جاس تۇرىكتەر پارتياسىنىڭ وسمان اتاۋىن وزگەرتىپ، تۇركيا مەملەكەتىن قۇرۋى قىتاي قول استىنداعى تۇركى جۇرتىنا بۇرىن بولىپ كورمەگەن بىرلىك پەن رۋح بەردى. ولار «تۇرىك تىلىندە سويلەيتىن، ورتاق تاريح، ورتاق مادەنيەتى بار قازاق، ۇيعىر، قىرعىز، تاتار، وزبەك جۇرتى ۇيىسىپ، بىر مەملەكەت قۇرۋى كەرەك» دەگەن بايلامعا كەلدى. ارى سول ماقساتقا ساي شىعىس تۇركىستان مەملەكەتىن قۇرۋ ۇشىن كۇرەس باستادى.

    شىعىس تۇركىستان ۇشىن قىتايداعى تۇركى جۇرتى جان اياماي كۇرەس جۇرگىزدى، ارى جەكە-جەكە، ىلگەرىندى-كەيىندى ۇيعىر، قازاق وڭىرىندە شىعىس تۇركىستان مەملەكەتى قۇرىلدى. بىراق شىعىس تۇركىستانداعى كوپ حالىق – قازاق پەن ۇيعىردىڭ بىرلەسە كۇرەس جۇرگىزبەۋىنەن، وعان قوسا سول كەزدەگى الەمدى شارپىعان قىزىلداردىڭ سوققىسىنان جاس مەملەكەت بەسىگىندە تۇنشىقتىرىلدى. تۇركى جۇرتىنىڭ ارمانى مەن تىلەگى تەلەگەي-تەڭىز قىتاي يمپەرياسىنا باتىپ كەتتى…

    بىراق شىعىس تۇركىستان قىتاي قول استىنداعى تۇبى بىر تۇركىلەردىڭ ورتاق ماقساتىنا قۇرىلعان، وزارا بىرىگۋگە، بىر-بىرىنە جاقىنداۋعا، ەل بولىپ ۇيىسۋعا دەگەن ارمانىن بەينەلەدى. ارى الىپ قىتايمەن تۇركى بولىپ تىرەسۋدىڭ جەكە ۇلت رەتىندە كۇرەسۋدەن الدەقايدا ارتىق ەكەنىن ايگىلەپ بەردى.

    ورتا ازياداعى تۇركىلەردىڭ ورىستان تاۋەلسىزدىك الىپ، ۇلت اتىنداعى مەملەكەت قۇرا باستاۋى، جاڭا قازاقستاننىڭ دۇنيەگە كەلۋى شىعىس تۇركىستان جولىنداعى كۇرەستىڭ ارناسىن باسقا باعىتقا بۇردى. ۇيعىردىڭ شىعىس تۇركىستان ۇشىن قاناتتاسا كۇرەسكەن سەنىمدى سەرىگى – قازاققا «قازاقستان دەگەن وتانىم بار» دەگەن وي تۇسىپ، شىعىس تۇركىستان تۋرالى ارمانىنان تۇبەسەلى باس تارتىپ، ەندى قازاقستانعا كوشە باستادى.

    وسى تاريحي كەزەڭدە شىعىس تۇركىستاندا جان سانى جاعىنان وزدەرىنەن كەيىنگى ورىندى ۇستايتىن قازاقتاردان ايرىلعان ۇيعىرلار ەندى قىتايمەن جەكە-دارا كۇرەس جۇرگىزۋگە تۋرا كەلدى. ەندى ولارعا «شىعىس تۇركىستان» ەمەس، «ۇيعىرستان» دەگەن ات قاجەت بولدى. بىراق وسى «ۇيعىرستان» اتاۋى جىمسىما قىتاي ساياساتكەرلەرىنە دە قاجەت بولىپ تۇرعان ەدى. شىعىس تۇركىستاندا ەجەلدەن بەرى قىتايعا قارسى باتىل قارۋلى كۇرەس جۇرگىزىپ كەلگەن قازاقتىڭ مەملەكەت قۇرۋ ارمانىنان باس تارتۋى ۇيعىردى قىتايعا جەكە قالدىردى. قىتاي ۇيعىرلاردىڭ تاۋەلسىزدىك ۇشىن كۇرەسىن تۇنشىقتىرۋدىڭ قاقپانىن قۇرا باستادى. ول قاقپان «ۇيعىرستان» بولاتىن. «ۇيعىرستان» – تاۋەلسىزدىك ۇشىن كۇرەسكەن ۇيعىر ۇشىن قولايسىز بولاتىن. سەبەبى قىتايلار ولارعا «ۇيعىرستان» دەگەن جەكە قازان اسقىزۋ ارقىلى شىعىس تۇركىستانداعى قانداس تۇركى باۋىرلارىنان بولەكتەپ الدى.

    قىتايعا تاۋەلسىزدىك ۇشىن ار تۇرلى جولمەن كۇرەسكەن جالپى تۇركى جۇرتىن تەرروريست ەتىپ كورسەتكەننەن گورى جالعىز ۇيعىردى لاڭكەس ەتىپ كورسەتۋ ىڭعايلى، ارى ويعا قونىمدى. ولار اقىرى وسى ماقساتقا دا جەتتى. قازىر قىتاي ۇكىمەتى ىستىڭ مانىنە ۇڭىلمەيتىن، ساياسي تەحنولوگيانى مەڭگەرمەگەن ۇيعىر جەتەكشىلەرىن پايدالانىپ، قولدان جاسالعان جارىلىس، باسقا دا ارەكەتتەر ارقىلى شىعىس تۇركىستانداعى ۇيعىردى يەكسترەميستەر قاتارىنا قوسىپ جىبەردى. دۇنيەگە ۇيعىردى تاۋەلسىزدىك ۇشىن كۇرەسكەن حالىق رەتىندە ەمەس، تەرروريست رەتىندە تانىتىپ جاتىر. سول ارقىلى ۇيعىر تاۋەلسىزدىگىن تۇنشىقتىرىپ وتىر.

    ۇش قاقپاننان تۇيگەن وي: ۇيعىر – مىقتى جەتەكشىگە زارۋ

    ارعى تاريحتى ايتپاعاندا، 1930 جىلى قاشقاردا شىعىس تۇركىستان يسلام رەسپۋبليكاسىن قۇرعان سابيت داموللا، باسىندا ۇيعىر تاۋەلسىزدىگى ۇشىن كۇرەسىپ جۇرىپ، سوڭىندا سول كەزدەگى شىڭجاڭ ولكەسىن بيلەۋشىسى شىڭ-شى-سايعا الدانىپ، وز ارمانىنان باس تارتقان قوجانياز باتىر، 1940 جىلداردان باستاپ ۇيعىرلارعا جەتەكشىلىك ەتكەن ماسعۇت، يسا يۇسىپ، مۇحاممەد يبيندەر «شىعىس تۇركىستان ۇشىن كۇرەستىك» دەپ كىتاپ جازىپ، گازەت شىعارعانىمەن، ولار سول تاريحي ورايدا ۇيعىر حالقىن قوزعايتىنداي بەدەلگە دە، قول جيناپ قارۋلى كۇش توپتاي الاتىن قابىلەت-قارىمعا دا يە بولمادى.

    سول كەزدە ۇلكەن تاريحي مۇمكىندىك بولسا دا، ۇيعىردىڭ حالىقتى سوڭىنان ەرتەتىن بەدەلدى دە باتىل كوسەمى بولماعاندىقتان ون ميلليون ۇيعىر بىر وق اتپاي-اق، قىتايدىڭ قىزىل ارمياسىنا تىزە بۇكتى. ونىڭ قاسىندا ۇيعىرعا قاراعاندا سانى از قازاق قىتاي ۇكىمەتىنە قارسى قارۋلى كۇرەستى ورىستەتىپ، جەڭىسكە جەتىپ، التاي، تارباعاتاي، ىلە ايماقتارىندا دۇنيەجۇزىلىك ۇيعىر كونگرەسىنىڭ پرەزيدەنتى رابيا قادىر. توكيو، 29 شىلدە 2009 جىل.
    شىعىس تۇركىستان رەسپۋبليكاسىن قۇردى. دۇنيەجۇزىلىك ۇيعىر كونگرەسىنىڭ پرەزيدەنتى رابيا قادىر. توكيو، 29 شىلدە 2009 جىل.

    ارادا وتكەن 50 جىلدىق ولى تىنىشتىقتان كەيىن ۇيعىر حالقى كۇرەس جولىنا قايتا تۇسكەنىمەن، ۇيعىرلاردىڭ بىردەن-بىر جەتەكشى ۇيىمى – دۇنيەجۇزىلىك ۇيعىر قۇرىلتايىنىڭ باسشىلارى ارزان اتاق پەن يەموتسيەياعا بەرىلىپ كەتتى. ولار ۇيعىر كۇرەسىنە دۇرىس جەتەكشىلىك ەتە المادى، كۇرەستىڭ تۇرلى تەحنولوگيالارىن ىزدەمەدى.

    شەتەلدەگى ۇيعىر جەتەكشىلەرى وز حالقىنان ۇزاق ۋاقىت قول ۇزىپ قالعاندىقتان ولاردى كوبىندە ۇيعىردىڭ تاعدىرى ەمەس، جەكە اتاق-ابىروي قىزىقتىردى. كۇرەس ورنىنا قالام مەن مىنبەردى تاڭداپ الدى. تەك سوڭعى كەزدە شىعىس تۇركىستاننان شىققان رابيام قادىر عانا ۇيعىرلاردىڭ ۇيىمىنا جان بىترگەندەي بولعانىمەن، ول دا جۇيەلى وزگەرىس جاساعان جوق. تاريحي نەگىزسىز «ۇيعىرستان» يدەياسىنان باس تارتپادى، ۇلتىنىڭ شىنايى تاۋەلسىزدىگى ۇشىن تىڭ كۇرەس جۇرگىزبەدى.

    توقسان اۋىز سوزدىڭ توبىقتاي تۇيىنى – تاۋەلسىزدىكتى ارمان قىلعان ۇيعىر حالقى قايتا-قايتا قىتايدىڭ قاقپانىنا تۇسىپ، اراندالىپ جاتىر. تاۋەلسىز ەل بولساق دەگەن ارمانى تۇسكە اينالىپ بارا جاتىر. ۇيعىر جەتەكشىلەرى تۋماعان بالاعا ات قويعانداي بولىپ، «ۇيعىرستان» اتاۋىن الاۋلاتۋ ارقىلى مايدان دالاسىندا جالعىز قالىپ، باۋىرلاس ۇلتتارعا دا جەك كورىنىشتى بولىپ وتىر. ۇيعىر تاۋەلسىزدىك جولىنداعى مايداندا جالعىز قالمايىن دەسە، «ۇيعىرستان» دەگەن اتاۋدان باس تارتۋى كەرەك. شىعىس تۇركىستان تۋىن قايتا كوتەرسە، ۇيعىردى قولدايتىن ەل دە، ەرەتىن ەر دە تابىلار ەدى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Jeck Blog » Blog Archive » ئامرىكا CNN ئشىلىگەن ئالىم شوھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتى توغرىلىق فىلىم :

    [...] ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىڭىز بولسا ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت نى كۆرۈڭ. بۇ يەردىن ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنگە [...]

  • سالام :

    سالام جىك ئەپەندىم، تور تۇرايىڭىزدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك يازمىللىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم، ئېسىل بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك نەچچە سائەتلەپ كومپيۇتېر ئالدىدىن كەتكىم كەلمىدى.
    رەيھان بەكتۈر ھەققىدە تاش پولات روزى ئەپەندىم بىلەن بىر زىيارەت خاتىرىسى يازماقچى بولغان ئىدىڭلەر، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى، بىلمىدىم، بىلىۋالغا كىرگىلى بولمىسىمۇ بۇ تۇرايىڭىزدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئوخشايدۇ، – دەپ ئويلۇدۇم، مۇمكىن بولسا قىزلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلايدىغان بۇ زىيارەتنى ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىمنىڭ سىڭلىسى ھەققىدىكى زىيارەتنى تىزراق بەرگەن بولساڭلار، تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان قىزىمغا بىر ئوقۇشلۇق تەييارلاپ بەرسەم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..