Articles Archive for ئاۋغۇست 2008
جەميەتكە نەزەر »

نيۇيورك ۋاقىت گىزىتىنىڭ 1981 -يىلدىكى بىر سانىدىكى خەۋەردە دىيىلىشچە شۇ ۋاقتلاردا خەلقارا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇپ رۇسلار ئاففانىستاننى بسىۋالغان، ئىراندا ئىنقىلاپ بولۇپ ئامرىكىغا مايىل پەھلىۋى خاندانلىغى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىپ يىڭى ھۈكۈمەت روسلارغا مايىل بولۇپ ئامرىكىغا تىغمۇ تىغ قارشى سىياسەت يۆرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ جۇڭگۇمۇ روسىيەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ماۋزىدوڭ ۋاپات بولۇپ، خۇاگوفىڭ ۋە دىڭشياۋپىڭلار سىياسەتنى تەڭشاۋاتقان دەۋىر ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇدا يىڭى دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل بۇ ھۈكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ
ئىلھام, خەۋەر »

بۈگۈن قارىسام شەبنەم تورى سۈھبەت ئويۇشتۇرۇپتىكەن، چۈشۈرۈپ كۇرۇپ باقتىم. نىغمەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى سۈزلەۋاتقان خەنزۇچىسىغا قاراپ ئۇنى مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلەيدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن. چۇنكى ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە سۈزلىگەن، جۇڭگۇ، خەنزۇ ئاساسى ئېقىم مەدىنىيـتىگە بۇنداق چوڭقۇر كىرەلىگەن ئادەم كىچىگىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مۇھىت بولمىغان شارائىتتا چوڭ بۇلغان، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۈگەن كۆرگەن بۇ قىسقا سۈھبەت بۇ كۆز قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۈزگەرتىۋەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۈزلەيدىكەن، ئۇيغۇرچە بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى خەلىق نەشىرىياتنىڭ مۇھەرىرى ئىكەن
جەميەتكە نەزەر, كولتىگىن »

نېمىلا دېگەن بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ كۆز يېشىنى ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئېرىشكۈچىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ، ئۈمىد بىلەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز.بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بىر خىل قەيسەر روھ!شان-شەرەپ ۋە مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئىنسان قەلبىدە قالدۇرىدىغان چوڭقۇر تەسىرى….
بىر مۇۋەپىقىيەتلىك ئېچىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننى تاماملاش ئۈچۈن،7يىل ۋاقىت،نەچچە يۈزمىڭ ئادەم،نەچچە مىليارد پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.خەلق-ئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ،ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىلىشى ئۆتكۈزمەكچى بولغان شەھەرگە قۇيۇلىدىغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغلىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باسقۇچلىرىنى
ئۇختۇرۇش »

پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.
ئويلانمىلار, كولتىگىن »

مۇشەرەپ ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن كىيىن،گەرچە پاكىستاننىڭ ئىقتسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بىلەن،سىياسى سەھنىسى بىر كۈن تىنىچ بۇلۇپ باقمىدى.پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ”خەلق پارتىيىسى“ بىلەن“ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شىرىپ مەزھىپى“دىكى پارتىيە، تەشكىلاتلار ھاكىمىيەت سىرتىدا قالدۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ داھىيلىرى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان بولغاچقا،مۇشەررەپ رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە، كۆپ قىسىم پاكىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرەلمىگەن ۋە پاكىستانغا تۇلۇق ۋەكىللىك قىلالمىغان . مۇشەررەپ ئىككى قېتىملىق پېرىزدىنىت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ پېرىزدىنىت بولغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولغاچقا شۇنداقلا ھەر قېتىم
كولتىگىن »

جەنۇبى ئوسىدى بولسا گروزىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بۇلۇپ،نوپۇسى 200مىڭغا بارمايدۇ،ئاساسلىقى ئوسىدى،گروزىن ۋە روس قاتارلىق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان.ئۇ سىۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن،جەنۇبى ئوسىدى رايۇنى ھۆكىمىتى گېروزىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر توقۇنۇش پەيدا بولغان ئىدى.بۇ توقۇنۇشقا روسىيە قول تىققاشقا گروزىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇش ئاخىرىدا روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قالغان .-1992يىلى روسىيە،گرۇزىيە ۋە جەنۇبى ئوسىدى ئۈچ تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،جەنۇبى ئوسىدى رايونىدا بىرلەشمە تىنچلىق ساقلاش قىسىمى تۇرغۇزۇپ شۇ ۋاقىتتىكى توقۇنۇشنى
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم كەچلىك تاماق يەپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تور «ماتىلاپ» ئولتۇرۇپ ئىخلاس شىركىتى توغرىلىق ئىككى خەۋەرگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى ( خەۋەرنىڭ ئادىرىسى تۈۋەن تەرەپتە بىرىلدى) . خەۋەردە دىيلىشىچە ئىخلاس شىركىتى خوتەندە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدا لىنتا كىسش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىرى بېرىپ تەبرىكلەپتۇ. ئىتايىن خوش بولدۇم. يەنە قارىسام قەشقەردىمۇ بىرمەكتەپ قۇرۇپتۇ، ئۇ مەكتەپمۇ ئىش باشلاپتۇ. دىمەك بىرلا ۋاقىتتا ئككى مەكتەپ قۇرۇپتۇ ( يەنە باشقا يەردىمۇ قۇرغاندۇ بەلكىم، ئۇخماي قالغاندىمەن). ناھايتى خوش بولدۇم. مائارىپقا ياردەم قىلغانلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچىلىك. خوتەندەك نامرات رايوندا بىر مەكتەپ ئارتۇق قۇرۇلسا
ئىنگلىس تىلى, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئولىمپىكنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بېيجىڭغا ئاغدۇرۇلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگۇغا بارىدىكەن ( بەلكىم بېرىپ بولدى).چەتئەلنىڭ مۇخبىرلىرى ئەزەلدىن ھەممە نەرسىدىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇخبىرلار بېجىڭدىكى ۋىسىكا، تاختا، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلگەن ئىنگلىسچە سۈزلەرنىڭ خاتا، جايىغا بارمىغان يىرىگىمۇ دىققەت قىپتۇ. سەل خاتا، بەك جايىغا بارمىسىمۇ مەيلى. بولۇپمۇ خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا شۇ پېتى تەرجىمە قىلسا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرىلگەن رەسىمگە قاراڭ. ئۇ رەسىم بېيجىڭدىكى بىرەر رىستۇراننىڭ ئولىمپىكنى قوللاش ئۈچۈن چىقارغان لوزۇنكىسى ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنگىلىسىچىسى تەرجىمىسى بەكلا خاتا
ئۇختۇرۇش »

1. تور خاتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىلمىسە باشقا تورلارغا كۈچۈرۈپ چاپلىسا بۇلىدۇ. لېكىن چوقۇم مەنبەسى ۋە يازغۇچىسى ئەسكەرتىلىشى كىرەك. ئەگەر ئالاھىدە چەكلىمىلەر بولۇپ قالسا ( مەسىلەن مەلۇم ۋاقىتقىچە كۈچۈرۈپ چاپلىماسلىق ياكى رەسىملەرنى تارقاتماسلىق دىگەندەك) شۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان بۇلىدۇ. تورداشلارنىڭ چوقۇم تور ئەخلاقى بويىچە رىئايە قىلىشنى سورايمەن. 2. تور خاتىرە كۈندە يىڭىلانمايدۇ، شۇڭا ۋاختىڭلارنى تىجەش ئۈچۈن كۈندە كىرىپ يۈرمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ، نورمال ھالەتتە ھەپتىدە بىر يىڭى تىما قوشۇلىدۇ.3. يىڭى بلوگنىڭ ئايرىم بلوگقا سۈز قالدۇرىدىغان يىرى يوقكەن. سۈزلەر ھەممىسى ئىنكاس سۈپىتىدە تىما ئاخىرىدا يېزىلىدىكەن. ئادەتتە بۇ بلوگدا ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپ بۇلغاچ
ئۇختۇرۇش »

. ئۇندىن باشقا يەنە سىلەر بايقىغان قانداق يىتەرسىزلىكلىرى بار ھىس قىلغاندا خەۋەر قىلىپ قويساڭلار.
4. بۇرۇنقى بىلوگ تاقىلىپ قالغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ئەڭ مۇھىمى يىڭى بلوگ ئادىرسىنى جىق دوستلار بىلمەيدۇ، چ چ، ئىلخەت، ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يىڭى ئادىرىسنى بۇرۇنقى جېك تور خاتىرىسىنىڭ دوستلىرى بولسا ئەۋەتىپ بىرىپ ئۇختۇرۇپ قويساڭلار. يەنە باشقا چوڭ مۇنبەرلەرگە تىزىملاتقان دوستلار قىسقىلا بىر « Jeck تور خاتىرىسى» قايتا ئېچىلىپتۇ دىگەن ماۋزۇ بىلەن تىما يېزىپ مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ قويساڭلار، ئۇخماي قالغانلار بىلسە. بولۇپمۇ دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن لەردە ئىلان قىلىپ قويساڭلار.
ئۇختۇرۇش »

ەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدىڭ شىنجاڭ لىنىيسى تورى (Uighur.cn) بلوگ مۇلازىمىتىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇلازىمىتىنى نەچچە ئايلار بۇرۇن ئالدىن ئۇختۇرۇش بەرمەي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغانلىقتىن تور خاتىرىمۇ توختاپ قالغان ئىدى. قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق تور خاتىرىسىنى بۇ يەرگە يۈتكىدۇق. ئەسلى تور خاتىرىسدە 120 دىن ئارتۇق تىما يېزىلىپ ، ئىنكاسلار 1500 دىن ئارتۇق بولۇپ زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا ئىدى. تور خاتىرىسىنى يىڭى يەرگە ئىچىش ئاسان بولسىمۇ، تىمىلارنى يۈتكەپ كىلىش ئاسان بولسىمۇ لېكىن ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى يۈتكەپ كىلىشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. ئەسلى بۇ ئىنكاسلار بلوگنىڭ بەكمۇ مۇھىم بىر قىسىمى ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بولغاچقىلا