شەپقەتچىمىز ئىخلاس شىركىتىگە تەكلىپ
ئادەتتە ئىش قىلىدىغانلار جىق گەپ قىلمايدۇ، گەپنى تولا قىلىدىغانلار جىق ئىش قىلمايدۇ. توردا تولا يۈرۈيدىغانلار پۇتاقچى كىلىمىز. بۇ يالغۇز بىز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا شۇنداق. لېكنن يەنە بۇ دۇنيادا شۇنداق پۇتاقچىلار بولمىسىۇ بولمايدۇ، شۇلار ئاقسۇن ئاقمىسۇن پۇتاق چىقىرىپ تۇرسا ئىش قىلىدىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق. شۇنداقلا پۇتاق چىقىرىشتىكى مەخسەت ئىش قىلغانلارنىڭ پۇتىدىن تارتىپ ئۈگزىدىن چۈشۈرۋىتىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىگىز ئۆگزىگە چىقىش ئۈچۈن ئۈزى بىلگەنچە مەسلەھەت كۈرسىتىپ قويۇش. پۇتاق چىقاردى دەپ خاپا بولماي توغرىكەن، پايدىلىقكەن دەپ قارىسا قۇبۇل قىلسا، ئۇنداق قارىمىسا ئىككى ئېغىز تىللاپ قويۇپ ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسە ئىش پۇتاقچىمۇ خوش، ئىش قىلغۇچىمۇ خوش.
ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم كەچلىك تاماق يەپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تور «ماتىلاپ» ئولتۇرۇپ ئىخلاس شىركىتى توغرىلىق ئىككى خەۋەرگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى ( خەۋەرنىڭ ئادىرىسى تۈۋەن تەرەپتە بىرىلدى) . خەۋەردە دىيلىشىچە ئىخلاس شىركىتى خوتەندە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدا لىنتا كىسش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىرى بېرىپ تەبرىكلەپتۇ. ئىتايىن خوش بولدۇم. يەنە قارىسام قەشقەردىمۇ بىرمەكتەپ قۇرۇپتۇ، ئۇ مەكتەپمۇ ئىش باشلاپتۇ. دىمەك بىرلا ۋاقىتتا ئككى مەكتەپ قۇرۇپتۇ ( يەنە باشقا يەردىمۇ قۇرغاندۇ بەلكىم، ئۇخماي قالغاندىمەن). ناھايتى خوش بولدۇم. مائارىپقا ياردەم قىلغانلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچىلىك. خوتەندەك نامرات رايوندا بىر مەكتەپ ئارتۇق قۇرۇلسا بەلكىم 30-40 ئادەم خىزمەتكە ئورۇنلىشدۇ، 30-40 ئائىلىنى باقىدىغان ئادەم چىقىدۇ، ئەڭ مۇھىمى بەلكىم بىر مەكتەپنىڭ كۆپىيشى بىر تورمىنىڭ ئازىيشىدىن، نۇرغۇنلىغان جىنايەتچىنىڭ ئازىيشىدىن دىرەك بىرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بۇنىڭ پايدىسىنى يېزىپ بۇلالمايمىز. ئىخلاس شىركىتى ھەقىقەتەن ساۋاپلىق، جەميەتكە پايدىلىق ئىشنى قىپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى ۋاختىمدا تېلىۋىزوردا ئىلانلىرى بەك كۆپ چىققاچقا بۇ ئىسىمدىن بىزار ئىدىم. لېكىن يىقىندىن بۇيان ئىخلاس توغرىلىق ئاڭلىغان ياخشى خەۋەرلەرنى توردىن تولا كۈرۈپ بىزارلىقنىڭ ئورنىغا خوش يېقىش ئالماشتى. مەكتەپ قۇرۇشتىن باشقا يەنە «ئىلاس لوڭقىسى» لوڭقىسى نامىدا پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۇپتۇ، ئۈسمۇر بالىلار كوماندىسىنى ئىچكىرگە ئەۋەتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇپتۇ، پۇتبۇل پاراۋانلىق ئىلانى ئىشلەپتۇ ( مەن ھۇررا كۇلۇبى بېتىدە كۆردۈم، تېلىۋىزوردا تارقاتتىمۇ يوق ئۇخمىدىم). بۇلارنى بىرئاينىڭ ئىچىدىلا كۈرۈپ تېخى ئىچىمدە «ساخاۋەتچىلىككە ۋاقىت ۋە پۇلنى جىق ئاجرىىتىۋىتپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتمىگىيدى » دەپ ئويلاپمۇ قالدىم.
ئەلۋەتتە، بۇ تىمىنى يېزىشتىكى مەقسەت ئىخلاس شىركىتىگە ئەشقاللا ئېيتىشلا ئەمەس. ساخاۋەتچىلىك قىلىش ناھايتى ئىسىل ئىش، لېكىن ياخشى ئىشنى توغرا يول بىلەن ئىپادىلەش، نورمال يول بىلەن تەشەككۈرگە ئىرىشىش ۋە ئۇنى ياخشى تەشۋىق قىلىشمۇ بەك مۇھىم. ئۇيغۇرلاردا ياخشى ئىش قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئادەملەرمۇ خېلى بار. لېكىن قابىلىيەت، مۇناسىۋەت، ئىقتىساە دىگەندەك ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ياخشى ئىشنى روياپقا چىقىرىپ بۇلالمايدۇ يا زىرىكىپ تاشلىۋىتىدۇ. مىنىڭچە مەكتەپنمۇ پۇلى بار بىرسى قۇرىمەن دەپلا يۈگرەپ قوپۇپ قۇرالمايدۇ، ئۇنى قىلىش ئۈچۈنمۇ مىڭ تۈشۈكتىن ئۇتۇپ، تېخى بەزىدە باشقىلارنى مىھمان قىلىپ ئاندىن بۇ روخسەتكە ئىرىشكىلى بۇلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ جاپاسىنى بەلكىم روزى ھاجىم ئۈزى بىلەر. مەنغۇ بۇرۇن ئۈرۈمچىدە دوست بۇرادەر، خىزمەتداش ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن بۇلۇپ پۇل توپلاپ خوتەننىڭ نامرات رايونلىرىدىن يىلىغا كەم دىگەندە 200-300 باشلانغۇچ مەكتەپ بالىسغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرگىلى بۇلىدىكەن دەپ ئويلاپ پۇل بىرىدىغان ئادەمنىمۇ تاپتىم . لېكىن بۇنى مەن يا شەخسى نامىم بىلەن قىلالماي، يا ئىگە بولۇپ بىرىدىغان بىرەر ئورۇن، باشلىقنى تېپىپ بۇلالماي، يا قانۇنلۇق بىر فوند قىلىپ قۇرۇپ ماڭدۇرۇپ بولۇشقا زىھىن ۋە ۋاقىت چىقىرالماي زىرىكىپ تاشلىۋەتكەنتىم.
ھەر كىم قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلمايدۇ، ھەم بۇ پۈتۈن دۇنيادا تەرىپلىنىدىغان گۈزەل ئەخلاق. ياخشىلىقنى قۇبۇل قىلغانلار نورمال ئەھۋالدا تەلەپ قىلمىسىمۇ ئۈز رەھمىتىنى ۋە كۈڭلىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ. لېكىن بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتسە يەنە باشقىلارغا ( بەلكىم ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئۈزىگىمۇ ) بىزارلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ. خوش، مەسىلىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئىخلاس شىركىتىنىڭ قەشقەردە ئاچقان مەكتىپىنىڭ مۇراسىمىدا ۋىۋىسكىغا « شەپقەتچىمىز ئىخلاس شىركىتىگە ھەشقاللا » دەپ يېزىلغان. بۇ يەردىكى «شەپقەتچىمىز» دىگەن گەپنى مەن پەقەت ياقتۇرمىدىم. بۇ گەپنى كىنولاردا تولاراق كۈرىمىز، ئادەتتە ئلاھى نەرسىلەرگە، فىئۇداللىق جەميەتتە پادىشا، ۋەزىر ۋۇزرالارغا ئىشلەتكەننى كۆرگەن. ئادەتتە پادىشالاردىن ياردەم تەلەپ قىلسىمۇ « شەپقەت قىلغايلا » دەپ دەيدۇ. بۇنى ئەكىلىپ نورمال جەميەتكە ئىشلەتسە بەك ماس كەلمىگەندەك، ئاشۇرۋىتىلگەندەك، ياكى تەتۈرىگە ماڭىدىغاندەك ھىس قىلدىم. مەسىلەن مۇشۇ تىمىنىڭ ماۋزۇسىدىكى «شەپقەتچىمىز ئخلاس شىركىتى» دىگەننى كۈرۈپلا سىز نىمىنى ئويلىدىڭىز، چوقۇم ئىخلاس شىركىتىنى بىرسى تىللاپتۇ دەپلا ئويلىدىڭىز. ئەمىلىيەتتە مەن بۇ تىمنى ئىخلاس شىركىتىنى تىللاش ئۈچۈن يازمىدىم.
ئەلۋەتتە، مەن ئىشىنىمەن، بۇنى ئىخلاس شىركىتى تەلەپ قىلىپ يازدۇرمىغان، ئۇلارمۇ بۇنى مۇراسىمغا بارغاندا كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ھىس قىلدىمۇ يوق بۇنى ئۇخمىدىم. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئىخلاس شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىن باسىدىغان يولى ئۇزاق، بىز تېخىمۇ چوڭ ئۆمىتلەرنى كۈتىمىز، ياخشى ئىشلارنىمۇ بۇندىن كىيىن يەنە جىق قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا يازىدىغان ۋىىۋىسكىلارغا، تەشۋىقات ئىلانلىرىغا دىققەت قىلسا، باشقىلار رەھمەت ئېيتىمەن چەكتىن ئاشۇرۋەتسە جىكىلەپ ئۈزگەرتىپ قويسا ئۈزىگە ياخشى.
تۈۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە مەزمۇنلار.
1. قەشقەر ئىخلاس باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بايرام شادلىقىدا
مەنبە: http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=21924
قەشقەردە ئاددى ساددا تەبرىكلەپتۇ. لېكىن شۇ «قاشقا»لىقنىڭ «سېسىق» گىپى زە، بىر ئايدىن كىيىن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
2. خوتەن ئىخلاس باشلانغۇچ مەكتىپىدە لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبە: http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=21927
ماۋۇ بالىلارنىڭ تىزىلىپ تۇرۇپ كەتكىنىنى كۈرۈپ ئىچىم ئاغرىدى. ھازىرغىچە خوتەندە مەكتەپلەردە باشلىق كەلسە يولنىڭ ئىككى سەيناسىغا بالىلارنى تىزىدىغان ئىشلار باركەن. مەن تېخى تۈگىدى دەپ ئويلايتتىم. ئىچكىردە چوڭ شەھەرلەردە قالمىدى، يىراق سەھرالاردا يەنە بارمىش. كىچىگىمىزدە مەكتەپكە باشلىق كىلىدىكەن دىسەم ئەڭ بېشىم ئاغرىيتتى. چۈشتىن كىيىن ئىككىدە كىلىدىكەن دىگەن بولسا ئەتىگەن سائەت 10 دىلا پۈتۈن مەكتەپ بويىچە چوڭ تازىلىق قىلغىلى تۇراتتۇق. تازىلىق قىلىشقۇ تەس ئەمەس، لېكىن ئۇنى تەكشۈرۈپ نۇمۇر قويىدىغانلار كەلمەي بەك ساقلاپ كىتەتتۇق. نۇمۇر قويىدىغانلار بىر نەرسىلەرنى باھانە قىلىپ نۇمۇر تارتاتتى، شۇنىڭ بىلەن مالىمدىن ئەتىسى تىل ئاڭلايتتۇق. ئاندىن چۈشتىن كىيىن ئىككىگە بىر سائەت قالغاندا ھەممىمىز مەكتەپ ئالدىغا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ باشلىق كەلسە قۇلىمىزنى قانداق پۇلاڭشىتىشنى، قانداق توۋلاشنى ئۈگىنەتتۇق. يۈز قېتىم قايتا قايتا مەشىق قىلىپ جۇلۇقىمىز چىقىپ كىتەتتى. ئۇندىن باشقا باشلىق ھەر دائىم مەكتەپ بىزگە دىگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈ پ كەلمەيتتى. ھېلى كەپ قالار، مانا كەپ قالار دەپ ئورنىمىزدا تۇرۇۋىرەتتۇق، باشلىقلار بىرەر ئىككى سائەتتىن كىيىن كىلەتتى، تېخى بەزىدە كەلمەيتتى. باشلىق كىلىپ قولىنى ئىككى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ كىرىپ كەتسە ئۇھ دەيتتۇق. ئاندىن باشلىقلار سىنىپلارنى ئارىلاپ ئۇنى بۇنى سۇراپ قوياتتى، ئىچىمىزدە ئايەت ئوقۇپ بىزنىڭ سىنىپقا كىرمىسىكەن، مەندىن بىر نىمە سوراپ قالمىسىكەن دەپ تىلەپ ئولتۇراتتۇق. باشلىق كىرىپ قالدىمۇ سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ يۈرىكى سېلىپ كىتەتتى. چۇنكى بىرەر سۇئالغا ئۇندا مۇندا جاۋاپ بىرىپ قويساق ئەتىسى كۈرىدىغىنىمىز بار ئىدى. سىرتتىن كەلگەن باشلىق ھىچنىمە دىمەي چىقىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ چوڭ كىچىك باشلىقلىرى سىنىپنىڭ تازىلىقى، بالىلارنىڭ ئولتۇرۇشى،كىيىم- كىچەكلىرى دىگەنلەردىن چاتاق تېپىپ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپ ئەتىسى بىزنىڭ مۇئەللىمنى تەنقىدلەيتتى، ئاندىن مۇئەللىم كىرىپ بىزنى. بۇ رەسىمدىكى بالىلارنىڭمۇ باشلىقلارنى كۈتۈۋالىمىز دەپ نەچچەكۈن ئارام ئالمىدى دەپ ئويلايمەن. مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئەڭ ئۆچ ئىشلىرىم سىرتتىن باشلىق كىلىپ مەكتەپ تەكشۈرۈش، تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىش ( پاراكتىن ئۈتكەندىكى دەسسەپ مېڭىشنى دەپ بىر ئاي مەشىق قىلىمىز) .
مەكتەپنى روزاخۇن سالسا، ئۇنى بىر بۈرجەككە ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنى غەلىتە ئىشتە بۇ. ھەي خوتەنلىك ھەي خوتەنلىك .
ئىخلاسنىڭ باشلىغى روزى ھاجىم دىسە كۈز ئالدىمغا بىر ساقىلى بار، ئۇزۇن چاپان كىيگەن، يېشى 60 لەردە بار ئادەم كىلەتتى. ياشلا ئادەمكەنغۇ ئەسلى، ئاغىنە بولۇپ بىللە ئوينىغۇدەك ( نىسىپ بولسا جۇما !)
تۈگىدى.
ئىقتىساد قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇش پۇرستىدن مەھرۇم بولغانلارغا ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز بۇنى كۆرۈپ بقىڭwww.udidyultuzi.org
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
http://www.umidyultuzi.org
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ihlas shirkitige apirin oqumay turalmaymen
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ihlas shirkitige apirin oqumay turalmaymen
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
شۇ خەنزۇچىدىن ئاشۇنداق تەرجىمە قىلىپ ئالغان ئوخشايدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ دەپ بالىلارنى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ھۆكۈمەت ئوقۇتۇۋاتسا يەنە نېمە دەپ باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ يۈرىدىغاندۇ بۇ ئادەملەر؟ ھازىر ئېھتىياجلىقى ئالىي مائارىپ، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلمىسىمۇ ئالىي مەكتەپتىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلسا ياكى بولمىسا چەتئەلگە چىقارسا بولمامدۇ بىكار پۇلنى ئىسراپ قىلىپ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەكتەپنى روزاخۇن سالسا، ئۇنى بىر بۈرجەككە ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنى غەلىتە ئىشتە بۇ. ھەي خوتەنلىك ھەي خوتەنلىك
ما گەپ قالتىس گەپ بوپتۇ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاۋۇ ،شەپقەتچى دىگەن گەپ بەك ئېشىپ كىتىپتۇ.
ساخاۋەتچى دىسە بولمامدىكىنە.شۇنداق قاملىشىدىكەن بولمىسا.
گۇمانىم
بىرىنجى خىل،ئاۋۇ لوزۇنكىنى ياساشقا مەسئۇل بولغىنى بىر مىنكاۋخەن ،ساخاۋەتچى ،شەپقەتچى دىگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلار شۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.تولۇقسىزغىچە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ،ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى ئىككى-ئۈچ يىلدا چالا ئۈگىنىپ چىققان ئوقۇتقۇچىلار جەنۇبتا نۇرغۇن.
ئىككىنجى خىل،سۆز ئىشلىتىشتە كۆپتۈرىۋىتىش قەشقەر تەرەپلەردە بەك ئوموملىشىپ كەتكەن.شۇنىڭ مەھسۇلى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel