Articles Archive for سېنتەبىر 2010
Headline, جەميەتكە نەزەر »
جۇڭگۇنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىشىگە ئەگىشىپ غەرىپنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولدى، لېكىن شىنجاڭ بولۇپمۇ خوتەندەك رايونلارغا غەرىپتىكى چوڭ گىزىتلەرنىڭ مۇخبىرى بىرەر ھاجىتى بولمىسا بېرىپ يۈرمەيتتى. ئەمما 3-4 يىلدىن بويان ئامرىكىدىكى ۋال كوچىسى گىزىتى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات پات شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇدىغان ماقالىلار كۆرۈلۇشكە باشلىدى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتدە ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىگە قارىغاندا بۇ گىزىتىنىڭ مۇخبىرى خوتەندە تۇيۇقسىزلا گۈللىنىپ كەتكەن قاشتېشى ئىقتىسادىغا قىززىقىپ قالغان ۋە كۆزىتىپ باققان. بۇ ماقالىنى مەن تەرجىمە قىلىپمۇ يۈرمىدىم، شۇڭا قىززىقىدىغانلار ئۆز ئادېرسىدىن ئوقۇغايسىلەر
Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »
ئەگەر سىزنىڭ GRE ۋەTOEFL نەتىجىڭىز يۇقۇرى بولسا، ئۇ چۇقۇم سىزنىڭ بىرەر مەكتەپتىن چاقىرىق كىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر سىزنىڭ ئۇنۋېرسىتىتىكى دەرىس نۇمۇرلىڭىز تۇۋەن بولسا، پروفىسورلار مۇنداق سۇئاللارنى سورايدۇ. «بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ يىتەرلىك ئاساسى بارمىدۇ؟». ئەگەر سىزنىڭ دەرىس نەتىجىلىرىڭىز يۇقۇرى بولۇپ، لېكىن ئىنگلىزچە نۇمۇرلىرىڭىز تۇۋەن بولسا، يەنىلا سىزگە پۇرسەت بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنداق ۋاقىتتا، سىز پروفىسورلارغا مۇنداق چۇشەندۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ: «مەن بىر ياخشى ئۇقۇغۇچى، مىنىڭ ئاساسىم ياخشى ۋە سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا قىززىقىمەن. گەرچە ئىنگلىزچە نۇمۇرۇم بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، مىنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەم يۇقىرى، سوزلىشىش ۋە يېزىشىمدا ھىچقانداق چاتاق يوق. »

Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.