خوتەن قاشتېشى نيۇرك ۋاقىت گىزىتىدە: جۇڭگۇنىڭ غەربىدە قاشتېشىنىڭ قىممىتى ئالتۇندىن يۇقىرى New York Times: Jade From China’s West Surpasses Gold in Value

جۇڭگۇنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىشىگە ئەگىشىپ غەرىپنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولدى، لېكىن شىنجاڭ بولۇپمۇ خوتەندەك رايونلارغا غەرىپتىكى چوڭ گىزىتلەرنىڭ مۇخبىرى بىرەر ھاجىتى بولمىسا بېرىپ يۈرمەيتتى. ئەمما 3-4 يىلدىن بويان ئامرىكىدىكى ۋال كوچىسى گىزىتى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات پات شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇدىغان ماقالىلار كۆرۈلۇشكە باشلىدى، نىيۇرك ۋاقىت گىزىتدە ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىگە قارىغاندا بۇ گىزىتىنىڭ مۇخبىرى خوتەندە تۇيۇقسىزلا گۈللىنىپ كەتكەن قاشتېشى ئىقتىسادىغا قىززىقىپ قالغان ۋە كۆزىتىپ باققان. بۇ ماقالىنى مەن تەرجىمە قىلىپمۇ يۈرمىدىم، شۇڭا قىززىقىدىغانلار ئۆز ئادېرسىدىن ئوقۇغايسىلەر. بۇ يەردە بۇ ماقالىدىكى بىر نەچچە نوقتا مىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى.
KHOTAN, China — As long as anyone here can remember, the muddy river that flows through this oasis city in southern Xinjiang has yielded creamy white stones, their rough edges polished smooth by the waters that tumble down the mountains from Tibet.
مەن ئامرىكىغا كەلگەندىن بۇيان غەرىپتە نەشىر قىلىنغان نۇرغۇن خەرىتىلەردە بولۇپمۇ بۇرۇن نەشىر قىلىنغانلىرىدە خوتەننىڭ ئىسمى Khotan دەپ ئېلىنغان. يىڭىدىن نەشىر قىلىنغانلىرىدا بولسا قارىسام He tian دەپ ئېلىنىۋاتقان چىراي. ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بولسا ئاساسەن Khotan دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، نىمىشقا بىر ئۇبدان Hotan دەپ تۇرسا ئۇنىڭ ئالدىغا K نى قېتىپ قويىدىغاندۇ دەپ دىققەت قىلىپ باقسام ئىنگىلىس تىلىدا H ھەرپى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ھ غا يىقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن. ياكى خ بىلەن ھ نىڭ ئوتتۇرىسىدا تەلەپپۇز قىلنىدىكەن. شۇڭا باشقا تىلدا ئۇچۇق خ بىلەن باشلنىدىغان سۆزلەربولسا بولسا ئۇنى Kh بىلەن باشلاپ ئالىدىغان، مەسىلەن، ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدىكى شارۇلخان، ئۇ خان، بۇ خاننىڭ ئىسمىدىكى خان نىمۇ Khan دەپ ئالىدىكەن، قارىغاندا بۇ بىر قەدەر قۇبۇل قىلىنغان شەكىل ئوخشايدۇ. مەكتەپتىكى مەن تۇنۇشىدىغان ئىرانلىق بالىلاردىن سوراپ باقسام ئۇلاردا تىل يېزىق كومىتىتى دىگەندەك ئورۇنلار يوقكەن، شۇنداقلا بىرلىككە كەلگەن بىزدىكى ULY غا ئوخشاش تىلنى لاتىنچىدە ئىپادىلەش ئۆلچىمىمۇ يوقكەن، شۇڭا ئۇلاردىمۇ لاتىنچىدە يازغاندا ھەر خىل ئادەملەر ھەر خىل ھەرىپلەرنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىگى باركەن. گەرچە تۇزۈلگەن ئۆلچەم بولمىسىمۇ لېكىن ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئادەملەر ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بولغاچقا قالايمىقانچىلىقمۇ ئۇنچە جىق ئەمەس. بۇلارنىڭ ئادىتىدە ھ نىڭ ئورنىغا H نى، خ نىڭ ئورنىغا KH نى ئىشلىتىدىكەن. kh ھەرپىنى بىزلەر بۇرۇن توردا ق ھەرپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ھەم ھازىرمۇ بەزىلەر ئىشلىتىپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا بىز خ نى ھازىر X بىلەن ئىپادە قىلىۋاتىمىز.These days, Khotan is mad about jade, or at least the riches it has brought to a city whose previous bout of prosperity occurred a few thousand years ago, when traders from ancient Rome and Constantinople were making their way toward Xi’an, then the capital of the Chinese empire and the eastern terminus of the Silk Road.



Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
قارىغاندا بۇنىڭدىن كىيىن خوتەن قاشتېشىنىڭ قېىممىتى بارغانچە ئاشىدىكەندە. لېكىن بۇ ئاشقان قىممەتنىڭ ئاشۇ نامرات دېھقانلارغا ئازراق پايدىسى تەككەن بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟؟؟؟؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
assalamu alaykum tursun apan dim …
mawu timidiki awu rasimni qikiriwatsingiz …..
bax batkimu qikirip kuyup siz tehi…
kiqik ballar mu kirip kalar dap oylap kuyung manda~~~~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر