باشبەت » جېك بلوگى ھەققىدە

جېك بلوگى ھەققىدە

جېك بلوگى 2006 -يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قەدەر بۇرۇن قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرلۇپ يېزىلىپ كەلگەن بلوگنىڭ بىرى ھىساپلىندۇ. بلوگنىڭ دەسلەپكى سوپىسىنى ئۈز ۋاختىكى بىر قەدەر نۇپۇزلۇق ۋە چوڭ تور بىكىتى ھىساپلانغان شىنجاڭ لىنىيسى (uighur.cn) تەمىنلىگەن بولۇپ دەسلەپتە پەقەت Jeck نىڭ ئىزدىنىشنى ئاساس قىلىپ يازغان ھەر خىل ئىنكاس ۋە تىمىلىرىنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە كىيىنچە مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. نۇرغۇنلىغان Jeck نىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئۇزۇن ئىنكاس ۋە تىمىلىرى شۇ ۋاقىتلاردا يېزىلغان. بۇ ۋاقىتتا جېك بلوگىنىڭ ئۈزىگە خاس بولغان تور ئادىرسىمۇ يوق بولۇپ n- دەرىجىلىك تور ئادېرسى قوللىنىلغان ( يەنى سانلار، ھەرخىل ھەرىپلەر، ۋە سوراق بەلگىلىرىدىن تۈزۈلگەن ئادىرىس، ئادەتتە ئەستە تۇتقىلى بولمايدۇ). بلوگ زىيارەتچىلىرى ئاساسەن باشقا تور بەتلەر تەمىنلىگەن ئۇلىنىش ئادىرسى بىلەب كەلگەنلەردۇر.

2008-يىلى 5-ئايدا شنجاڭ لىنىيسى تور بېتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن ئۇ سۇپىدا يېزىلىۋاتقان جېك بلوگىمۇ تاقىلىپ قېلىپ 8-ئاينىڭ 6-كۈنى جېك بلوگى بلوگباس سوپىسى تەمىنلىگەن بلوگ سوپىسغا كۆچكەن. ئىشلەتكەن بلوگ ئۇسلۇبىنى بىلىك كۇلۇبىدىكى تەكلىماكان ئەپەندىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان، كونا بىلوگتىكى ھەممە مەزمۇنلارنى بىلىك تورىدىكى ERA-ERA ئىنىمىز خالىسانە ھالدا بىر كۈندۈز ۋە كىچە ئۇخلىماي بىر تىما بىر تىمىدىن كۈچۈرۈپ ئەكەلگەن. ئارامگاھ ئەپەندىم ئۇسلۇپتىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلغان. كۈچۈشتىن بۇرۇنقى بلوگدا 120 دىن ئارتۇق تىما يېزىلغان بولۇپ، ئىنكاسلار 1500 دىن ئارتۇق، زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان، كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا بولغان. تور خاتىرىسىنى كۆچكەندە تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەقەت ئۈز ۋاختىدىكى تىمىلارلا يۈتكەپ كىلىنگەن بولۇپ ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى يۈتكەپ كىلىشكە ئىمكانىيەت بولمىغان. ئەسلى بۇ ئىنكاسلار بلوگنىڭ بەكمۇ مۇھىم بىر قىسىمى ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بولغاچقىلار بۇ بلوگ ئالاھىدە ئىدى.. ئۇندىن باشقا ئەسلى تىىمىلارغا ئىشلىتىلگەن رەسىملەر ھەممىسى شىنجاڭ لىنىيسىگە يوللانغان بۇلۇپ گەرچە تىمىنى يۈتكەپ ئەكەلگىلى بولسىمۇ Uighur.cn تورى ئېچىلمىغانلىقتىن ئۇلارنىمۇ يۈتكەپ ئەكەلگىلى بۇلماي بلوگقا چوڭ بىر يوقىتىش بولغان. شۇڭا ھازىر بلوگباستىكى شۇ تىمىلارنى زىيارەت قىلسىڭىز رەسىملىرى ئېچىلمايدۇ ۋە ئىنكاسلىرى يوق.

بلوگباسقا 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈچۈلگەن. كۆچكەندىن كىيىن بلوگ يىڭى قىياپەتتە تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشكەن بولسىمۇ لېكىن جېك ئەپەندىمنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى بارغانسىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىگى سەۋەپلىك بۇرۇنقىدەك جەلىپكار تىمىلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز، ئۇندىن باشقا 2009-يىلى 7-ئايدە ۋەتەندە يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەپلىك تور تاقىلىپ قالغاچقا بلوگمۇ يېزىلىشتىن توختاپ بىر يىل ئارام ئېلىنغان. بۇ جەرياندا يېزىلغان تىمىلارغا يانداشتۇرۇلغان رەسىملەر ھەممىسى بلوگباس سوپىسىغا چېتىلغان بابابىيەن رەسىم ئالبۇمىدا ساقلىنىپ كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ بو ئالبۇم تەمىنلگەن شىركەتمۇ 2009-يىلى تۇيۇقسىز ئالدىن ئۇختۇرۇش قىلماي مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىپ ساقلانغان رەسىملەردىكى سىرتقى ئۇلىنىشنى چەكلىۋەتكەن. شۇڭا ھازىر بلوگباستىكى يىڭى يېزىلغان تىمىلاردىكى رەسملەر كۆپىنسىچى كۈرۈنمەي بابابىيەننىڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ. بلوگباس سوپىسىدا جېك بلوگى ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئىشلەتكەن( يەنى http://jeck.blogbus.com/ ) بولۇپ تور نامىنى ئەستە تۇتۇش يەنىلا بىر قەدەر قۇلايسىز. بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ پەقەت 40% تىلا بىۋاستە تور ئادىرسىنى كىرگۈزۈپ كىرگەن، قالغانلىرى ھەممىسى باشقا ئۇلىنىش بەرگەن تور بىكەتلىرىدىكى ئۇلىنىشتىن كىرگەن.

بلوگباس سوپىسىنىڭ ئىقتىدارلىرى چەكلىك، چەكلىمىسى كۆپ، بولۇپمۇ تور ئادېرسىنى ئەستە تۇتۇش تەس بولغاچ 2010-يىلى 8-ئايدا Jeck ئەپەندى بلوگنى مۇستەقىل بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئىشلىتىپ WordPress سوپىسىغا كۆچۈشنى قارار قىلغان. تەدبىركار ئەپەندى، بىلىك كۇلۇبىدىن FinalFantasy ، ئەپەندى، ئۇيغۇربەگ بلوگى قاتارلىقلار تېخنىكا جەھەتتىن ياردەمدە بولغان. بلوگ 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى رەسمى سىرتقا ئېچىۋىتىلدى. بۇقېتىم كۈچكەندە بارلىق تىما ۋە ئىنكاسلار پروگرامما ئارقىلىق ئاپتۇماتىك يۇتكەپ ئېلىپ كىلىنگەن بولسىمۇ لېكىن رەتلەش جەريانىدا بىر قىسىم تىمىلارنىڭ مەزمۇنى كۆچۈرۈلمىگەنلىگى، يەنە بىر قىسىم ئىنكاسلارنىڭ كۈچۈرۈلمىگەنلىگى مەلۇم بولدى، بلوگنى كۆچۈشتىن بۇرۇن بلوگباستىكى بلوگنىڭ زىيارەت مىقدارى 330مىڭ، ئىنكاسلار 1200، كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى نەچچە يۈز( ئۇيغۇر دىيارىدا بىر يىلدەك تور تاقىلىپ قالغانلىقى سەۋەپلىك زىيارەت مىقدارى ئەسلىگە كەلمىگەن). ئۇندىن باشقا بۇ بلوگقا گوگۇل ئىلانلىرى قويۇلغان بولۇپ ئوتتۇرىچە ھىساپ بىلەن ئايلىق كىرىمى 30 دوللار.

بلوگ ئېچىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە (2010-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى) ھەر خىل سەۋەپلەر ( ئىككى قېتىم تەتىل قىلىپ يۇرتقا قايتىش، بۇرۇنقى بلوگ تاقىلىپ قېىلىش، ۋەتەندە تور ئۈزۈلۈپ قېلىش دىگەندەك) بىلەن بولۇپ يېزىلمىغان ۋاختى ئىككىن يىل بىر ئاي. يېزىلىپ كەلگەن ۋاختىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەپتىسىگە بىر تىما يېزىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

بلوگ ئۈچىنچى نەشىرگە كۈچكەن بولسىمۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن بلوگباستىكى ئىككىنچى نەشىردىكى بلوگ ۋە يازمىلار شۇ پېتى ساقلىنىپ قېلىندى كۈچۈشتىن بۇرۇنقى تىمىلارنى تورداشلارنىڭ يەنىلا بۇرۇنقى بىلوگتىن كۈرۈشىنى سورايمەن. يىڭى نەشىردىكى بلوگقا يېزىلغان تىمىلارمۇ مەلۇم ۋاقىت ئۈتكەندىن كىيىن كونا نەشىرىگە كۈچۈرلۈۇپ قويىلىدۇ.

ئەگەر جېك ئەپەندىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قىززىقسىڭىز جېك دىگەن كىم نى ئوقۇڭ.

جېك بلوگىنىڭ چوڭ ئىشلار يىلنامىسى
1. 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى: جېك بلوگى شىنجاڭ لىنىيسى تور بىكىتىدە ئېچىلغان. بۇ بىرىنچى نەشىرى Jeck blog 1.0
2. 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى: جېك بلوگىنىڭ زىيارەت مىقدارى 10مىڭدىن ئاشقان.
3. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى: بلوگباس سوپىسىغا كۆچكەن. بۇ بلوگنىڭ ئىككىنچى نەشىرى( Jeck blog 2.0) ھىساپلىنىدۇ. كۈچۈشتىن بۇرۇنقى بىرىنچى نەشىرىدە 120 دىن ئارتۇق تىما، 1500 دىن ئارتۇق، ئىنكاس بار بولۇپ زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان، كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا بولغان
4. 2009-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە بلوگدا تىما يېزىلمىغان.
5. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بلوگباس سوپىسىدىن WordPress سوپىسىغا كۆچكەن. بۇ بلوگنىڭ ئۈچىنچى نەشىرى (Jeck blog 3.0 ) ھىساپلنىدۇ. ئىككىنچى نەشىرىدە يىڭى يېزىلغان تىما 80 ( بۇرۇنقىسى بىلەن قوشقاندا 200) ، ئىنكاس 1200، زىيارەت مىقدارى 330مىىڭ، كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000 ئەتراپىدا.
6. 2010-يىلى 9-ئايدا بوشلۇق تەمىنلىگۇچى شىركەت يولسىزلىق بىلەن بوشلۇقنى تاقاپ قويۇپ بلوگ 10 نەچچە كۈن ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى. بوشلۇق  ئاخرىدا ئامازۇن بولۇت كومپيۇتىرىغا  يۆتكەنلدى، لېكىن يىڭى بوشلۇقنىڭ ۋەتەندىكى سۈرئىتى  بۇرۇنقىدەك تىز ئەمەس.

Share to Facebook 分享到人人(校内)网