ئولىمپىك لوزۇنكىلىرى توغرا يېزىلسۇن
ئولىمپىكنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بېيجىڭغا ئاغدۇرۇلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگۇغا بارىدىكەن ( بەلكىم بېرىپ بولدى).چەتئەلنىڭ مۇخبىرلىرى ئەزەلدىن ھەممە نەرسىدىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇخبىرلار بېجىڭدىكى ۋىسىكا، تاختا، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلگەن ئىنگلىسچە سۈزلەرنىڭ خاتا، جايىغا بارمىغان يىرىگىمۇ دىققەت قىپتۇ. سەل خاتا، بەك جايىغا بارمىسىمۇ مەيلى. بولۇپمۇ خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا شۇ پېتى تەرجىمە قىلسا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرىلگەن رەسىمگە قاراڭ. ئۇ رەسىم بېيجىڭدىكى بىرەر رىستۇراننىڭ ئولىمپىكنى قوللاش ئۈچۈن چىقارغان لوزۇنكىسى ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنگىلىسىچىسى تەرجىمىسى بەكلا خاتا بولۇپ ئادەمنىڭ يۈرىگىنى پۇلۇڭشىتىدۇ. مەن قارىسامغۇ خەنزۇچىسىمۇ جايىغا بارغاندەك ئەمەس.
世界最大的体育盛宴即将爆发了
بۇ يەردىكى 爆发 دىگەن گەپنى ئولىمپىككە ئىشلىتىش تازا توغرىمۇ ئەمەس مەنمۇ ئىنىق ئۇقالمىدىم، ئىشقىلىپ 爆 دىگەن گەپنى كۈرۈشنى بۇ جاي بۇ ۋاقىتلاردا كۈرۈشنى ھىچكىم خالىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ خەنزۇچىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسلۇبى بويىچە توغرا چۈشىنىپ تۇرساقمۇ ئىنگلىسچىدا شۇ پېتىلا تەرجىمە قىلنىپ يېزىلغان بۇ جۈملىنى ئوقۇغان مۇخبىرلارنىڭمۇ يۈرىكى سېلىپ كەتكەن. ئىنگىلىسچىسى مۇنداق:
The biggest world sports meeting will be blown up .
بۇ يەردىكى blown up دىگەن سۈز ئىنگلىسچە ئۇدۇللا پارتلاش دىگەن سۈز بۇلىدۇ، باشلاش دىگەن مەنىگە يىقىنمۇ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇملىدە پاسسىپ شەكىل قۇللىنىلغان. شۇڭا ئۇنى ئىنگلىسچە چۈشەنسەكمۇ، ئۇيغۇرچە چۈشەنسەكمۇ مۇنداق مەنا چىقىدۇ:
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەنھەرىكەت يىغىنى پارتلىتىۋېتىلىدۇ.
يۈرىكىڭلار سالدىمۇ. !!! نىمە دىگەن دىۋەڭلىك. خۇدايىم ساقلىسۇن، ئولىمپىك يىغىنى ئوڭۇشلۇق ساق سالامەت ئۆتكۈزۈلسۇن. ئولىمپىك باشلانسۇن، پارتلىمىسۇن.بۇلار ئەسلى The world’s biggest sports meeting is about to begin! دەپلا يازسىلا بۇلاتتى. بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ شىنجاڭدا لوزۇنكا يازغاندا بەكمۇ دىققەت قىلارسىلەر ماقما.
سىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ باقسام ،بلوگنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلاشتۇردىڭىز؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ئۇيغۇرچىدىكى «پەچچەت» دىگەندەك ئاقسا سۆزلەر دۆۋىسى ئوخشايدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھا…ھا…ھا….ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سۈرەت كۆرۈنمەپتۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىزنىڭ ئېلان ،لوزۇنكىلىرىمىزدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس جۇمۇ !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel