Blog يازغۇچىسى تەكلىپ قىلنىدۇ. Invitation to write Jeck Blog.
پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:
1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك. تىما مەزمۇنى جىق بولمىسىمۇ لېكىن سىجىل بولۇشى كىرەك. بىر دەم قىززىپ كىيىن يوقاپ كىتىدىغان بولسىڭىز ئىزدىمەڭ.
2) مۇستەقىل ئىش بىجىرىش ئىقتدارى بولۇشى كىرەك. دەسلەپتە مەن مۇھىم خەۋەرلەر ياكى مەزمۇنلارنى ۋە تور بەتلەرنى كۈرسىتىپ بىرىمەن، كىيىن ئۈزىڭىز مۇستەقىل قىلىسىز.
3) ئىنگلىسچە ۋە خەنزۇچە پەن تېخنىكا ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتدارى بۇلۇشى كىرەك.
2. ئۇندىن باشقا يەنە ئۈزەم قىززىقىدىغان كىنو سەھىپىسىگە شۇ جەھەتتە ئامرىكدىكى كىنو ۋە ئارتىسلار توغرىلىق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە، شۇلار توغرىلىق ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارنى توردىن كۈرۈپ، تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۈزلەشتۈرۈپ سىجىل ھالدا تىما ئىلان قىلالايدىغانلار بولسا تەكلىپ قىلىمەن. تەلەپ: ئىنگلىسچە بىلىشى، ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىيەلىشى كىرەك.
تەكلىپ قىلىنغانلار چوقۇم كومپۇتېر ۋە تور مەشغۇلاتلىرىغا پىششىق بولۇشى كىرەك. تەكلىپ قىلىنغاندىن كىيىن بلوگنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بىرىلىدۇ. ئۆزىڭىز يېزىپ، ئۈز نامىڭىز بىلەن ئىلان قىلىسىز. بلوگتا ئىلان قىلىپ 2 كۈن ئۈتكەندىن كىيىن بلوگ ئادىرسىنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە كۈچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بۇلىدۇ.
يۇقارقىلارنى قىلالايمەن دەپ قارىغانلار مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ ئۈزىڭىز توغرىلىق مەلۇم چۈشەنچە بىرىڭ. ئاشكارا قىلىشنى خالىمىغانلار ئىلخەت يازسڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئىلاجى بولسا يېزىپ باققان بىر تىمىسى بولسا ياكى بىر تىما يېزىپ نۇسخا قىلىپ كۆرسەتسە ئاۋال ئويلىشىمەن.
كولتىگىن ئەپەندىنىڭ قوشۇلىشى بلوگنى يىڭى بىر مەزمۇن بىلەن تەمىنلىدى، يەنە 3-4 كىچە ياراملىق بالىلار قېتىلسا بلوگنى تەڭ راۋاجلاندۇرساق ئوقۇرمەنلەر ھەر قېتىم كىرگەندە كەم دىگەندە بىر يىڭى تىما كۈرسە ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلايمەن.
بۇمۇ بولىدىغان گەپ ئىكەن ،ئېنگىلىز تىلى سەۋيىسى ياخشىراق ،ۋاقتى بار ياشلار ئۈچۈن ئۈگۈنۈش پۈرسىتى دىسەكمۇ بولغۇدەك .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن سىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرونقى بىلوگ بولسون ھەمىسىنى ياخشى كۆرىمەن. بەلكىم قىزىقىشىمىز ئوخشايدىدىغاندۇ.
مەنمۇ ئەزابولايدىگەنتىم مەن تېما يوللىغان
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Men daim kirip sizni yoklap turimen .yingi makalilar bolmisimu .qunki bu tor bitini bek kiqikip biliptimen emesmu, xunga bu yerdiki eserlerni tihi korup bolalmidim.birak yenila sizni korgili kirimen ha ha ….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jek ependimge bisim kilip koysak yahxi bolmas .qunki baxkilar yene ugunux kilishi kirek xundakmu ?
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
<< يۈكسەل بلوگى >> دا ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز سىزنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن
يۈكسەل بلوگى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
<< يۈكسەل بلوگى >> دا ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز سىزنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن
يۈكسەل بلوگى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن ئالدىنقى قىتىم ئالاقە قىلغان ئادىرىس بويىچە سىزگە خەت يىزىۋەتكەن.كەلمىسە ياكى gmailئادىرىسىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغان بولسا ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مېنىڭ باشقا تىلدىن خەۋىرىم يوق، بولمىسا مەنمۇ ھەمكارلىشىپ بىرەركەنمەن، بىز تەرەپلەرگىمۇ دەسسەپ قۇيارسىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ جېك ئەپەندىنىڭ بلوگىمۇ -ئەمەسمۇ ؟ مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە جېك ئەپەندىنىڭ ئەسلىدىكى بلوگىدا ئىلىم- پەنگە ئائىت يازمىلار، ياشلارنى ئۈگىنىشكە يېتەكلەيدىغان ناھايىتى قىزغىن ھىسسىياتلىق، ياخشى ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى، كۈندە كۆرۈشكە تەشنا ئىدىم، كونا بلوگ توختاپ قالغاندا كۆڭلۈم ئىنتايىن" 2 نىڭ مىنوس بىرىنچى دەرىجىسى" بولغان ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن جېك ئەپەندى يېڭى بىلوگىنى ئۇزۇنغا قالماي يەنە ئېچىۋالدى، مەنمۇ كونا دوستۇمنى تاپقاندەك ناھايىتى خوشال بولدۇم، مانا بىر ئايدەك ۋاقىت ئوتۈپتۇ. كۇندە كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم بلوگقا كىرىش، لېكىن نىمىشقىكىن مەن بۇ بلوگنى بۇرۇنقى "جېك تور خاتىرىسى" گە پەقەتلا ئوخشىتالمىدىم ، ھازىرقى بلوگدا پەقەتلا كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى چولپانلارغا ئائىت، سىياسىغا ئائىت يازمىلار ۋە جەمىيەتتىكى بەزى ئىجتىمائى ھادىسىلەرگە ئائىت ماقالىلار چىقىۋاتىدۇ. جېك ئەپەندىنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكنى تەھلىل قىلىپ يۈرۈشكە ھەققىمىز يوق، لېكىن بىر نەرسە ئېنىقكى شەخسەن مېنىڭ جېك ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتىم ئۇنىڭ ئىلىم پەنگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىلىم پەنگە يېتەكلەيدىغان قىزغىنلىقىدىن كەلگەن، مېنىڭچە بۇ جېك ئەپەندىنىڭ بلوگىنىڭ مەۋجۈت بولۇش ۋە تەرەققى قىلىشتىكى خاسلىقى، ئاخىرىدا جېك ئەپەندىنىڭ بلوگىنىڭ بۇرۇنقى يولىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
فىزىكىغا ئائىت ئىنگىلىزچە ياخشى ماقالىلاردىن بىر قانچىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ، تەرجىمە قىلىپ باقاي، ياراتسىڭىز blog دا ئېلان قىلارمىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى تەكلىپكەن ئەمەسمۇ. بىراق سەل كېچىكىپ قالغان ئوخشايمەن.
قانداقلا بولمىسۇن تىمىلار ئۇزلۇپ قالمىسا بىز ياقتۇرىمىز ~!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بەزىلەرنى چوڭ بىلسەك مۇشۇنداق ئۆزىنى چۈشۈرۈپ قۇرۇق رەھمەت بار دەپ ئولتۇرۇپ ،تەكلىپ قىلىنغۇچى ئۇنداق بولۇشى كىرەك ، بۇنداق شەرت ھازىرلىشى كىرەك دەپ ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ قانداق.
ئۇنداق قىلغۇچە كاتىپ قىزدىن بىرنىلا ئىشلەتسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن Google كىرىمى كۆتۈرۈپ كىتەتتى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ تەكلىپىڭىزنى مەن سىناپ باقسام قانداق . تەرجىمە جەھەتتە يەنىلا سىزدىن تەلىم ئالىدىغان گەپ چۈنكى ئىنگىلىزچە ئوقۇش باشقا گەپ ئۇنى جايىدا تەرجىمە قىلىش باشقا گەپ .ئەگەر ئادەم بىكىتىلىپ بولغان بولسا ،خەت ساندۇقۇمغا ئۇچۇر قىلىۋەتكەيسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بلوگ بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ …
مەنمۇ ئوخشاشراق مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ماقالا يازغانلارغا دوللار بىرەمسىلەر يا؟(^0^);P
ئىلىم ـ پەنگە ئائىت ماقالىلار كۆپرەك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel