باشبەت » ئىلھام, خەۋەر

CCTV رىياسەتچىسى نىغمەت بىلەن سۆھبەتنى چۈشۈرۋېلىڭ. CCTV Program Host: Negmet

28 ئاۋغۇست 2008 677 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس

ئاۋال ئەسكەرتىپ قوياي. بۇ سۈھبەتنى مەن ئۆتكۈزمىدىم. مىنىڭغۇ ئوزۇندىن بۇيان نىغمەت بىلەن بىر تۇنۇشۇپ سۈھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى. لېكىن بۇنداق پۈرسەت تېخى نسىىپ بولمىدى. بۈگۈن قارىسام شەبنەم تورى سۈھبەت ئويۇشتۇرۇپتىكەن، چۈشۈرۈپ كۇرۇپ باقتىم. نىغمەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى سۈزلەۋاتقان خەنزۇچىسىغا قاراپ ئۇنى مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلەيدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن. چۇنكى ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە سۈزلىگەن، جۇڭگۇ، خەنزۇ ئاساسى ئېقىم مەدىنىيـتىگە بۇنداق چوڭقۇر كىرەلىگەن ئادەم كىچىگىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مۇھىت بولمىغان شارائىتتا چوڭ بۇلغان، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۈگەن كۆرگەن بۇ قىسقا سۈھبەت بۇ كۆز قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۈزگەرتىۋەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۈزلەيدىكەن، ئۇيغۇرچە بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى خەلىق نەشىرىياتنىڭ مۇھەرىرى ئىكەن، ئانىسى بولسا داڭلىق ئاۋاز ئەرتىسى رىزۋان ئابدۇقادىر ئىكەن، بۇ ئىسىمنى بۇرۇن تېلىۋىزوردا تولا كۈرەتتۇق، ئىسىمدا قالغىنى ئۇ كىچىك ۋاختىمىزدا كۈندە كۈرىدىغان «دىدەك ئىزورا» دىكى يانو ئاريا غا ئاۋاز بەرگەنغۇ دەيمەن. ئەسلى ئۇ ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ئائىلىدىن ئىكەن. بۇ كىچىككىنە سۈھبەت ئارقىلىپ نىغمەتكە تالانتىغا بولغان قايىللىقم ۋە ھۈرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. نىغمەت، بۇندىن كىيىنكى يولۇڭ تېخىمۇ ئوچۇق بولسۇن. تېخىمۇ روناق تاپقايسەن. بىز سىنى قوللايمىز. سەن
ھىچ ئىش قىلماي شۇ مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلام بولغان ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىپ بەرسەڭلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىردىكى ئوبرازىغا چوڭ پايدىسى بۇلىدۇ.

شەبنەم تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ئادىرسى: http://vod.xabnam.com/negmat.WMV

شەبنەمدىكى تىما ئادىرسى: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-70699.html

تۈگىدى.

5 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..