«خەيىر خوش» مۇشەررەپكا! Good bye to Musharraf
20 ئاۋغۇست 2008
579 قېتىم كۆرۈلدى
4 ئىنكاس
(كولتېگىن كۈزىتىشى)
پاكىستاندىكى بۇ بىرىنچى نومۇرلۇق شەخىس مۇشەرەپ -1999يىلى-10ئاينىڭ-12كۈنى ھەربى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ،ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان مۇشەرەپ -2008يىلى-8ئاينىڭ-18كۈنى پېرىزدىنىتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ سىياسى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
مۇشەرەپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەتكە ۋە ئۆزىنىڭ پېرىزدىنىتلىق ئورنىغا قانۇنى ئاساس تېپىش ئىدى.چۈنكى ئۇ پاكىستان خەلقى سايلاپ چىققان قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ،باش مىنىستىر شىرىپنى قولغا ئېلىپ،پاكىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ تۇنجى قەدەمنى باسقان ئىدى.
پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ تەكرار داۋاملاشقان ھەربىيلەرنىڭ سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىش ۋە ھاكىمىيەت تارتىۋالغۇچىنىڭ تەقدىرنىڭ ئېچىنىشلىق بۇلىشى بىر قائىدىگە ئوخشاپ قالغاندەك تۇراتتى.
مۇشەرەپ ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن كىيىن،گەرچە پاكىستاننىڭ ئىقتسادىي تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بىلەن،سىياسى سەھنىسى بىر كۈن تىنىچ بۇلۇپ باقمىدى.پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە ”خەلق پارتىيىسى“ بىلەن“ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شىرىپ مەزھىپى“دىكى پارتىيە، تەشكىلاتلار ھاكىمىيەت سىرتىدا قالدۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ داھىيلىرى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان بولغاچقا،مۇشەررەپ رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە، كۆپ قىسىم پاكىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرەلمىگەن ۋە پاكىستانغا تۇلۇق ۋەكىللىك قىلالمىغان .
مۇشەررەپ ئىككى قېتىملىق پېرىزدىنىت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ پېرىزدىنىت بولغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن بولغاچقا شۇنداقلا ھەر قېتىم سايلامنىڭ ئالدىدا،ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ جىددى ھالەت يۈرگۈزگەن بولغاچقا سايلام نەتىجىسىدىن گۇمان قىلماي بولمايتتى.شۇڭا مۇشەررەپ باش سودىيە ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن قارشىلىشىپ قالغان.سايلام نەتىجىسىنى قانۇنسىز دەپ ھۆكۈم قىلغان باش سودىيەنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان….
مۇشەررەپ پاكىستان سىياسى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىپ ”خەلق پارتىيىسى“نىڭ رەھبىرى بەنەزەر.بوتتو ۋە“مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى شىرىپ مەزھىپى“نىڭ رەھبىرى شېرىپنى مۇساپىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پاكىستانغا قايتىپ كېلىپ،پاكىستاننىڭ سىياسى، ئىقتسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۆتۈنگەن.بىراق ئۆكتىچىلەر مۇشەررەپ بىلەن قىلغان مۇرەسسەنىڭ ئالدىنقى شەرتى،مۇشەررەپ چوقۇم ھەربى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى شەرت قىلغان.بۇلار ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كىيىن،مۇشەررەپ ھەربى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ئەتىسىلا قەسەم بېرىپ پېرىزدىنىتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.بەنەزەر.بوتتو ۋە شېرىپلار ئارقا-ئارقىدىن پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن.بىراق شۇ يىلى -12ئاينىڭ-27كۈنى بەنەزەر.بوتتو قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان….
گەرچە مۇشەررەپ پېرىزدىنىتلىق سايلىمىدا غەلبىگە ئېرىشكىنى بىلەن ھەربى ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قالدى،بۇ يىل -2ئاينىڭ-18كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا،ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،خەلق پارتىيىسى بىلەن شىرىپ مەزھىپى سايلامدا غەلبە قىلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى.ھەرقايسى مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىرلار بۇ ئىككى پارتىيىدىن تەشكىل تاپقان بولغاچقا مۇشەرەپنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەسلەشتى.مۇشەررەپ ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالدى. پاكىستان ئاساسى قانۇنىدا پېرىزدىنىتنىڭ دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش،باش سودىيە ۋە باش تەپتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دۆلەتتە جىددى ھالەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار دەپ بېكىتىلگەن.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىنىۋاتقان مۇشەررەپ،تۇيۇقسىزلا دۆلەت مەجلىسىنىڭ -8ئاينىڭ -18كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزلىگىدىن ئىستىپا بېرىش كېرەكلىكىنى،بولمىسا ئەيىپلىنىدىغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،پاكىستان سىياسى ۋەزىيىتى ئىنتايىن بىر جىددى مەسىلىگە دۇچ كەلدى.چۈنكى مۇشەرەپنى قولىدا دۆلەت مەجلىسنى تارقىتىۋېتىپ قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بار ئىدى،ناۋادا ئۇ ھوقۇقىنى يۈرگۈزسىلا پاكىستاندا چوڭ سىياسى داۋالغۇش پەيدا بولاتتى.ئۇ بۇ ھوقۇقىدىن يۈرگۈزمەي ئەيىبلەشكە قاراپ تۇرسا تۈرمىگە كىرىشىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.پاكىستان ئاساسى قانۇنىدا،دۆلەت مەجلىسىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاۋاز قوشۇلسىلا پېرىزدىنىتنى ئەيىبلەشكە بولاتتى.دۆلەت مەجلىسنى كونترول قىلغان خەلق پارتىيىسى ۋە شىرىپ مەزھىپى بۇنچىلىك ئاۋازغا چوقۇم ئېرىشەلەيتتى.مۇشەررەپ ئەيىبلەش ئاساسى بولسا:ئاساسى قانۇنى كۆزگە ئىلماي سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن دۆلەتتە جىددى ھالەت يۈرگۈزدى.باش سودىيەنى ھېچقانداق ئىسپاتسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر ئىدى….
مۇشەرەپتە ئەمدى ھەربى ھوقۇق يوق،دۆلەت مەجلىسىدە يېتەرلىك ئاۋازغا ئىگە ئەمەس،ئەيىپلەنسە تۈرمىگە كىرىدۇ.ھوقۇقىنى ئىشلەتسە زور قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا يول قالغان ئىدى،ئۇ بولسىمۇ ئىستىپا بېرىپ،ئەيىبلەشتىن قۇتۇلۇپ،ئالدىن پېرىزدىنىت دېگەن نامنى ئېلىشلا ئىدى.
يۇقاردىكىسى پاكىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلار،ئەمدى تاشقى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇشەررەپ ھوقۇق تارتىۋالغاندىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئۇنىڭ ئورنىنى قانۇنسىز دەپ قاراپ كەلگەن بۇلۇپ،پاكىستاندىكى يادرو قورالىدىن ئەنسىرەپلا كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرمەي كەلگەن.گەرچە مۇشەررەپ ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە ئاكتىپ ماسلاشقان بولسىمۇ،ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسى ۋە چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن ئاكتىپ ماسلاشمىدى.شۇنداقلا ئۇلار پاكىستاندا دېموكراتىيە چېكىنىپ كەتتى دەپ قاراپ كەلگەن بولغاچقا،بۇ قېتىم مۇشەررەپ ئېغىر كۈنگە قالغاندا ئۇلار مۇشەرەپكە ياردەم قۇلىنى سۇنمىدى.شۇنداقلا بۇ پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشى دەپ ياقىغا چىقتى،چوڭ دۆلەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇشەررەپ قايغۇلۇق ھالدا ئىستىپا بەردى.شۇنىڭ بىلەن 9يىلغا يېقىن دەۋر سۈرگەن مۇشەررەپ پاكىستاندىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئورۇندىن ئايرىلدى.ئۇ تۈرمىگە كىرەمدۇ ياكى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقامدۇ،بۇنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.چۈنكى ھازىرقى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى جىيانى مۇشەررەپ بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن ئادەم………………………………………!

مۇشەرەپ پىرىزىت بولغان 9يىل پاكىستان ئىقتىسادى زۇر ياخشىلانغان مەزگىل ئىدى،لىكىن پاكىستانلىقلار مۇستەبىت تۇزۇمگە قارىغاندا يەنىلا دىمۇكىراتىك تۇزۇمنى تاللىدى،بۇنى ئانالىزچىلار《 坏民主战胜好独裁 》
يەنى ئەسكى دىمۇكىراتىيەنىڭ ياخشى مۇستەبىت تۇزۇمنىڭ ئۇستىدىن قىلغان غەلبىسى دەپ قارىدى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسېز ؟ سېزنىڭ تور خاتىرىڭىز ئېچىلمىغاندىكىن كېيىن مەن ئەمدى قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى قەيەردىن كۆرەرمەن دەپ ئىغىر خۇرسىنغاندىم ئەمدى ، مانا بۇ تور خاتىرنى ئېچىپ ياخشى قىپسىز ، مەن داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نىمىدىگەن ئوبرازلىق سىزىلغان ھەجىۋى رەسىمدۇ بۇ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
He wanted to be President For Life in Pakistan ! Bye
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel