Jeck تور خاتىرىسى رەسمى ئېچىۋىتىلدى.
6 ئاۋغۇست 2008
1,305 قېتىم كۆرۈلدى
13 ئىنكاس

ئەسسالام جېك تور خاتىرىسىنىڭ سادىق دوستلىرى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدىڭ شىنجاڭ لىنىيسى تورى (Uighur.cn) بلوگ مۇلازىمىتىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇلازىمىتىنى نەچچە ئايلار بۇرۇن ئالدىن ئۇختۇرۇش بەرمەي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغانلىقتىن تور خاتىرىمۇ توختاپ قالغان ئىدى. قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق تور خاتىرىسىنى بۇ يەرگە يۈتكىدۇق. ئەسلى تور خاتىرىسدە 120 دىن ئارتۇق تىما يېزىلىپ ، ئىنكاسلار 1500 دىن ئارتۇق بولۇپ زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا ئىدى. تور خاتىرىسىنى يىڭى يەرگە ئىچىش ئاسان بولسىمۇ، تىمىلارنى يۈتكەپ كىلىش ئاسان بولسىمۇ لېكىن ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى يۈتكەپ كىلىشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. ئەسلى بۇ ئىنكاسلار بلوگنىڭ بەكمۇ مۇھىم بىر قىسىمى ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بولغاچقىلار بۇ بلوگ ئالاھىدە ئىدى. لېكىن تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى يۆتكەپ كىلەلمەي قالدۇق. شۇڭا تورداشلاردىن ناھايتى سەمىمىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئۇندىن باشقا ئەسلى تىىمىلارغا ئىشلىتىلگەن رەسىملەر ھەممىسى شىنجاڭ لىنىيسىگە يوللانغان بۇلۇپ گەرچە تىمىنى يۈتكەپ ئەكەلگىلى بولسىمۇ Uighur.cn تورى ئېچىلمىغانلىقتىن ئۇلارنىمۇ يۈتكەپ ئەكەلگىلى بۇلمىدى. بۇ ئەسلى تىمىنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەكتەپتىكى ئىشىم سەل بوشىغاندا مەن ئۈزەمدە بار سۈرەتلەرنى يەنە قايتا قىستۇرۇپ قويىمەن. ئۇ چاققىچە توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.
يىڭى بلوگنى ئېچىش ئىشىدا تەكلىماكان ئەپەندىم قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى ۋە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى ئۈزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتى. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى تەكلىماكان ئەپەندىگە مەنسۇپ. ئۇندىن باشقا كونا بىلوگتىكى ھەممە مەزمۇنلارنى بىلىك تورىدىكى ERA-ERA ئىنىمىز خالىسانە ھالدا بىر كۈندۈز ۋە كىچە ئۇخلىماي بىر تىما بىر تىمىدىن كۈچۈرۈپ ئەكەلدى. ئىنىمىزنىڭ بۇ ياردىمىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇندىن باشقا ئارامگاھ ئەپەندىم يىڭى ئۇسلۇپتىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. بۇ دوستلىرىمىزنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا يىڭى بلوگنى ئېچىش ئىشى نەچچە ئاي سۈرۈلۈپ كەتكەن بۇلاتتى. بۇ تىما ئارقىلىق يۇقۇردىكى دوستلىرىىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
يىڭى بلوگنى ئېچىش ئىشىدا تەكلىماكان ئەپەندىم قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى ۋە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى ئۈزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتى. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى تەكلىماكان ئەپەندىگە مەنسۇپ. ئۇندىن باشقا كونا بىلوگتىكى ھەممە مەزمۇنلارنى بىلىك تورىدىكى ERA-ERA ئىنىمىز خالىسانە ھالدا بىر كۈندۈز ۋە كىچە ئۇخلىماي بىر تىما بىر تىمىدىن كۈچۈرۈپ ئەكەلدى. ئىنىمىزنىڭ بۇ ياردىمىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇندىن باشقا ئارامگاھ ئەپەندىم يىڭى ئۇسلۇپتىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. بۇ دوستلىرىمىزنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا يىڭى بلوگنى ئېچىش ئىشى نەچچە ئاي سۈرۈلۈپ كەتكەن بۇلاتتى. بۇ تىما ئارقىلىق يۇقۇردىكى دوستلىرىىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇندىن كىيىن يەنە نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ ياردىمىدە يىڭى بلوگ تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر بلوگلىرى ئارىسىدىكى بايراقدار ئورنىنى ساقلايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىزنى ئۇيغۇرچە بىلوگلار جەمگاھىنىڭ داڭلىق بىلوگلار سەھىپىسىگە قوشۇپ قويدۇم. بۇندىن كىيىن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ئۆتەيلى،بىلوگلار جەمگاھى يىڭى قۇرۇلغان بولغاچقا ھەم مەن بۇ جەھەتتە كۆپ تەجىربىسىز بولغاچقا نۇرغۇنلىغان كەمچىللىكلەر ۋە تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەرلەر بولشى مۇمكىن. بىلوگىمغا تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرشىڭىزنى قارشى ئالمەن.ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ياشىسۇن! بىرلەكتە ئىلگىرلەيلى.ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىلانلارنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى adwordsتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ ،بۇ توغرىلىق يازما ئىلگىرى يوللانغانمۇ يوق ئۇنى ئۇقمايمەن .
ئەرزان باھالىق ئىلانلارنى سىز دىگەندەك بىر مەزگىلدىن كىيىن سۈزىۋەتسىڭزمۇ بولغىدەك ،مەن دىققەت قىلىپ باقساممۇ شۇنداق ئىنگىلىزچە ماقالىلەردىمۇ تۈزۈك ئىلان چىقماپتۇ ،يا مەندىلا شۇنداق كۆرۈندىمۇ ئۇنى ئۇقمىدىم .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
گوگلى ئىلانىنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مىنىڭ ھىس قىلغان بىر قانچە نوقتا تۆۋەندىكىدەك ،مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .
1.ئەرزان باھالىق ئەخلەت ئىلانلارنى سۈزىۋىتىش . بۇنى قىلغاندا ھەرگىزمۇ توردىن ئىزدەپ تاپماڭ ،ھەممىمىزگە مەلۇملۇق گوگلىنىڭ ئىلانلىرى بەتتىكى مەزمۇنغا ئاساسەن چىقىدۇ ،شۇنداق بولغان ئىكەن سىزنىڭ بىتىڭىزدە چىققان ئىلان بىلەن مىنىڭكىدە چىققان ئىلان ئوخشاش بولمايدۇ ،شۇڭلاشقا مەن سۈزۈپ قويغان ئەخلەت ئىلان ئادىرىسلىرىنى سىز ئىشلەتسڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىشى ناتايىن ،بۇنى چوقۇم مۇشۇ بىلوگدىكى ئىلانلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قوللۇق سۈزۈپ چىقىش كىرەك .
2.ھالقىلىق سۆزلەرگە ئىتىبار بىرىش ، بۇ توغرىلىق نوكىيا بىلوگدا كۆپ گەپلەر بولۇندى ،لىكىن سىز يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدا دىگەندەك ھەممە ماقالىغا ھالىقلىق سۆز ئىشلىتىمەن دىسىڭىز بىلوگنىڭ خاسلىقىنى بۇزۇپ قويىسىز ،ھەم بىلوگدىكى ماقالىلەر كىشىگە بىر خىل ياقماسلىق تۇيغۇسى بىرىپ قويىدۇ ، ھالقىلىق سۆزنى مەخسۇس ئىشلىتىدىغانلار بىزگە ئوخشاش بىكار تەلەپلەر بىلوگدىن بىرنى ياساپ قويۇپ ،شۇ ھالقىلىق ئىلاننى ئۆزئارا چىكىشىش ،لىكىن سىزنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتىڭىز يوق ،ھەم ئۇنداق قىلمايسىز ،شۇڭلاشقا مىنىڭچە ھالقىلىق سۆز ئىشلىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ،لىكىن ماقالىلىرىڭىز ئارىسىغا ئانچە مۇنچە خەنزۇچە ئىنگىلىزچە سۆزلەر نى ئارلاشتۇرۇپ قويۇڭ ، بۇ دىگىنىم مەسلەن ،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىلىق يازما يازسىڭىز شۇ يازمىدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ يىنىغا شۇنىڭغا ماس ئىنگىلىزچىسىنى يىزىپ قويۇڭ، بۇ بىر تەرەپتىن بەتتىكى ئىلانغا تەسىر كۆرسەتسە يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغىچىمۇ ھىچقانداق تۇيغۇ بەرمەيدۇ ،
3. ئىلانلارنىڭ ئورنى ،ئەگەر مۇشۇ گوگلىدىن كىرىم قىلىپ باقاي دىگەن بولسىڭىز ئازتولا ئىتىشىپ قويسىڭىز بولىدۇ ،ئىلانلارنىڭ ئورنىنى ،چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بىقىڭ ،بۇنى گوگلى ھىساباتىنىڭ باشقۇرۇش ئورنىدىن يول "تەكلىماكان شۇنداق ئاپتىكەن ،مەنمۇ شۇنداق ئىلىشنى مۇۋاپىق تاپتىم "ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ ،قايسى خىل ئىلاننىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسا شۇخىل ئىلاننى قويۇڭ .
يەنە بىر تەكلىپ ،بىلوگىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىلاننى يازما ئارىسىغا ،يەنى يازمىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بىقىڭ ،بۇنداق دىگىنىم مەن نەچچە كۈندىن بىرى 7-8قىتىم كىردىم ،قاچانلا قارىسام باش بەتكە پاراۋانلىق ئىلانلىرى چىقىپ قاپتۇ ،لىكىن مەلۇم يازمىنى ئاچقاندىن كىيىن ھەقلىق ئىلان چىقىدىكەن . شۇڭا ئۈنۈمى بولمىغان ئىلاننى ئىلىۋىتىپ يازما ئارىسىغا قىستۇرۇڭ ،ھىس قىلىشىمچە يازما ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئىلاننىڭ ئۈنۈمىىمۇ ياخشى بولىدۇ ، مەن سىز قويغان چوڭ ئىلاننى قويۇپ باقمىغان بىلوگقا ،ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن .
ئىشقىلىپ گوگلىدىن ئازتولا كىرىم قىلىپ قوياي دىسىڭىز ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ ، مەن ئىشۇ ئەبگا بىلوگدىن ئالدىنقى ئايدا 120دوللار ئالدىم ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن خەنزۇچە بىلوگدىن بىرنىمۇ ياسىغان ، شۇنىڭدىن كىيىن بارغانسىرى قىززىقتىم بۇ نەرسىگە ،ئىشقىلىپ ئازراق ۋقىت چىقىرىپ ئاز-تولا ئىزدىنىپ قويسا بولىدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانى ياىشى . بىزنىڭكىگە ئايدا كىرىدىغان ئادەم سىزنىڭكىگە بىر كۈندە كىرىدۇ ،ئۇنى ئىلىۋىتىشنى ئويلىماڭ .
يەنە بىر تەكلىپ ،ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بىر سوم پىلانى بىكىتىنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويسىڭىز .
ئادىرسى :http:1tilla.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىلوگنى ئاچقىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.ئەمما بىلوگ ئۇسلوبىڭىز ماڭا ئۇنچە بەك ياقمىدى،سېرىق رەڭنى باشقا رەڭگە ئالماشتۇرۇپ باقسىڭىز بوپتىكەن،بۇ مېنىڭ دوستانە تەكلىپىم خالاس.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزگە دوستانە ئۇلىنىش ئىلتىماسى قىلىمەن.
تور بىكىتىم: خاسلىققا ئىگە.
نوكيا يانفۇنلىرى ھەققىدە.
ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ يېڭىچە بىلوگىرلاردىن، پايدىلىق يازمىلارنى يوللىغۇچىلاردىن بۇلايلى!
ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويدۇم.
ھە راس گوگىل ئېلانىڭىز ئىچكى بەتلەردە ئاممىۋىي خاراكتىرلىك بۇلۇپ قاپتۇ….
ئنگىلىزچە تىل كودىنى قۇشۇپ قويسىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن!!
Jilwe.blogbus.com قا ئۇلىنىش قىلىندى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ماۋۇ ئۇسلۇب دېگەندەك چىرايلىق ئەمەسكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[avatar:30]مەنمۇ ياردەملىشىشنى خالايمەن، ئۇ ئۆلچەمسىز فونتتا ئېئوت ياسىماي كودىنى ئالماشتۇرۇپلا ۋېتەيلى، بۇنى مەن قىلىشىپ بېرەي.
bizning يەنى ماڭا تېما تەھرىرلەش ھوقۇقىنى بېرىڭ ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە چاپاق يازمىلارنى ئۆزگەرتىپ بېرەي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[avatar:30]بۇرۇنقى نەرسىلەر نورمال بولسا نورمال كۈرۈنىۋاتىدۇ. لېكىن Uighur.cn نىڭ ئۈزىدە بىۋاستە كىرگۈزگەن تىمىلار چاپاق كۈرۈنىدۇ، ئوقۇغىلى بولمايدۇ.
ئارامگاھ ئەپەندىم، ياردىمىزگە كۈپ رەھمەت، چ چ رىڭىز نى قالدۇرۇپ قويۇڭا،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[avatar:34]ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنىۋاتامدۇ؟ font يوق كومپيۇتېردا؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[avatar:30]سىناپ ئىنكاس يېزىپ باقتىم. بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بۇلىدىكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[avatar:30]ياخشى بوپتۇ ،نەچچە كۈن ئىلگىرى بىلىكتە كۆرگەنتىم.
مىنىڭچە ھاىر قىلىدىغان بىر قانچە ئىش ،بىلوگىنى vipقىلىۋەتسە،ئاندىن بىلوگدىكى بىلوگبۇسنىڭ ئىلانلىرىمۇ يوقايتى ،ئاندىن بىرىنجى دەرىجىلىك ئىسىم باغلىۋەتسە ،زىيارەت قىلغۇچىلارغىمۇ ئاسانغا توختايدۇ .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا پۇل تۆلەپ يۈرگۈچە ھازىردىن باشلاپ بىلوگقا كىرگەن ھەر بىرىمىز مۇشۇ بىلوگىنىڭ تەۋسىيە ئارىسىدىن بىردىن بىلوگ ئىلتىماس قىلساق 20گە يەتسىلا بولىدۇ ،پۇل تۆلەپ يۈرۈش بىھاجەت .
مەن چۈشتىن كىيىن بىرقانچىنى ئىلتىماس قىلاي .ئۆزۈمنىڭ بىلوگىنىمۇ ئۆزۈملا ئىلخەتتىن 20نى ئىلتىماس قىلىپ ئارقىدىن بىلوگدىن 20نى تىزىملىتىپلا vipقىلىۋالغانتىم . ھە-ھۇ دەپلا تىزىملاتساق نەچچە كۈنگە قالماي تەۋسىيە تىزىملىتىش سانىنى 20گە يەتكۈزگىلى بولىدۇ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
rehmet
sinaq qilip inkas yezip baqtim
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
@مەھمۇد, ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم سىز KAUST i want to know your email .please electrical engineeringۇقامسىز ھازىر ئوقۇشىڭىز پۈتكەندۇ ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel