باشبەت » جەميەتكە نەزەر
جوۋ بايدىن، شىنجاڭ ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى VP candidate Joe Baiden, Xinjiang and CIA
31 ئاۋغۇست 2008
627 قېتىم كۆرۈلدى
16 ئىنكاس

ئامرىكا پارتىيە ئىچىدىكى پرىزدىنتلىققا نامزات تاللاش سايلىمى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرلىشىپ دىموكراتلار ۋە جۇمھۈرىيەتچىلەر ئۆز نامزاتلىرىنى بىكىتتى. ئامرىكىدا باش نامزاتنى خەلىق بكىتىدۇ، ئاندىن نامزات ئۈزى خالىغان ئىقتىدارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ھۈكۈمەت تەشكىللەيدۇ. ئادەتتە باش نامزات بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىگە مۇئاۋىن بۇلىدىغان بىر ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ پرېزىدىنت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ئىككەيلەن بىر بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ تېخىمۇ جىق بىلەت تارتىدۇ. بىرىنچى ئايدىن باشلانغان رەھىمسىز سايلام ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلىق نامزاتلار شاللىنىپ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان دىموكراتلار پارتىيسىدىن باراك ئوباما ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىن مەككېين نامزات بولۇپ تاللاندى. ھەر ئىككىسى ئۈزىنىڭ مۇئاۋىنىنمۇ تاللاپ بولدى.ئوباما ئۈزى ياش، سىياسى بىلەن ھەپىلەشكەن تارىخى ئوزۇن بولمىغاچ 70 نەچچە ياشلىق، ئامرىكا كىڭەش پالاتاسىدا 30 يىل ئىشلىگەن، نۇپۇزى يۇقىرى جوۋ بايدىننى ئۈزىگە مۇئاۋىن قىلىپ بىكىتىپ ئۈزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكىنى تولۇقلىماقچى. مەككيىن بولسا ئالاسكا شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى ئايال Sarah Palin نى مۇئاۋىن قىلىپ تاللىدى، چۇنكى دىموكراتلار ئىچىدىكى سايلامدا ئايال نامزات ھىلارى كلىنتون ئىنتايىن كۈچلۇك رەقىپ بولۇپ باشتىن ئاخىرى ئوباماغا بېسىم قىلىپ ئاخىرىدا 1-2 % كەينىدە قىلىپ ئوتتۇرۇپ قويدى، ھىلارىنى قوللىغانلار ئىچىدە ئاياللار خېلى سالماقنى ئىگەللەيتتى. مەككېيىن باشتىن ئاخىرى شۇنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا Palin نى تاللاپ ئۆزىگە مۇئاۋىن قىلىپ ھىلارىغا تاشلىغان بىلەتنى سارا ئارقىلىق يىغماقچى. بۇنداق گۇرۇپپلىشىشتىن قارىغاندا بۇ قېتىم مەيلى قايسى ئوتۇپ چقىسۇن بىر تارىخ يارىتىلىدۇ، يەنى، ئەگەر دىموكراتلار ئوتۇپ چىقسا تارىختا تۇنجى بولۇپ بىر قارا تەنلىك ئامرىكا پىرىزدېنتى بولغان بۇلىدۇ، ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوتۇپ چىقسا تارىختا تۇنجى قېتىم بىر ئايال زاتى مۇئاۋىن پرېزىدىنت بولغان بۇلىدۇ.
بۈگۈن ئۇيقۇم كەلمەي «بىكارچىلىقتا» Google دا Barack Obama , Joe Biden, John McCain ۋە Sarah Palin تۆت ئىسىمنى Xinjiang بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم – ئايرىم گۇرۇپپلاپ ئىزدەپ باقتىم، باشقىلىرىدىن ھىچنىمە چىقمىغان بۇلسىمۇ Joe Biden دىن بىلەن Xinjiang نىڭ بىرىكمىسىدىن قىسقىغىنە بىر ئوچۇر چىقىپ قالدى. گەرچە بۇ ئوچۇر ھازىرقى شىنجاڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسمۇ قىززىق تويۇلۇپ يېزىپ قويغان كەلدى. تېخىمۇ قىززىق تۇيۇلغىنى مەندىن بورۇن باشقا بىر ئامرىكىلىق ئاللاقاچان گۇرۇپپىلاپ ئوخشاش ئوچۇرنى تېپىپ چىقىپ بلوگىغا يېزىپ بولغانىكەن.
نيۇيورك ۋاقىت گىزىتىنىڭ 1981 -يىلدىكى بىر سانىدىكى خەۋەردە دىيىلىشچە شۇ ۋاقتلاردا خەلقارا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇپ رۇسلار ئاففانىستاننى بسىۋالغان، ئىراندا ئىنقىلاپ بولۇپ ئامرىكىغا مايىل پەھلىۋى خاندانلىغى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىپ يىڭى ھۈكۈمەت روسلارغا مايىل بولۇپ ئامرىكىغا تىغمۇ تىغ قارشى سىياسەت يۆرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ جۇڭگۇمۇ روسىيەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ماۋزىدوڭ ۋاپات بولۇپ، خۇاگوفىڭ ۋە دىڭشياۋپىڭلار سىياسەتنى تەڭشاۋاتقان دەۋىر ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇدا يىڭى دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل بۇ ھۈكۈمەتكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئامرىكا جۇڭگۇ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى باشلىغان. بۇ ئىككى دۈلەت بىرلىشىپ جۇڭگۇنىڭ روسىيەگە يىقىن بۇلغان شىنجاڭدا روسىيەنىڭ ھەر بى ئاخباراتلىرىنى يىغىدىغان، بولۇپمۇ باشقۇرلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۈزىتىدىغان ھەربى پونكىت قۇرۇپ ئامرىكىنىڭ ئېلىكىترونلۇق ئەسۋاپلىرىنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئىگە بولغان ئاخباراتلاردىن ئىككى دۈلەت ئورتاق پايدىلانغان. پونكىتنىڭ تېخنىكلىرى، مەشغۇلات قىلغۇچىلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگۇلۇق بولغان، لېكىن ئامرىكنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى بۇ پۇنكىتنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرغان.
خەۋەرگە قارىغاندا شىنجاڭدا بۇنداق بىر پۇنكىت قۇرۇش خىيالى ئەڭ دەسلەپ 1978 -يىلى بېيجىڭغا تەلەپ قىلىنغان، لېكىن بېيجىڭ تەرەپ رەت قىلغان. ئىراندا پەھلىۋى خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ئامرىكا ھۈكۈمىتى بۇ تەلەپنى بېيجىڭغا قايتا تەۋسىيە قىلغان. ئامرىكىدا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغۇچى دەل جوۋ بايدىن ئىكەن. ئۇ 1979-يىلى ئەمدى سىياسىغا قەدەم قويغان ياش ۋاقىتلىرىدا ئامرىكا كىڭەش پالاتاسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى باشلاپ بېيجىڭغا كىلىپ جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى بىلەن شىنجاڭدا ئاخبارار پونكىتى قۇرۇش توغرىلىق بىۋاستە يۈزمۇ يۈز سۈھبەت ئۆتكۇزۇپ ئاخىرى بېيجىڭ تەرەپنى ماقۇل كەلتۈرگەن، لېكىن پونكىت مەشغۇلاتچىلىرى پۈتۈنلەي جوڭگۇلۇقلاردىن بولىدىغان بولغان. بۇ پونكىت كورلىنىڭ بۈگۈر ئەتراپىدا قۇرۇلغانمىش.
بۇ پۇنكىتنىڭ 1979 -يىلىدىن تارتىپ ئىشقا كىرىشكەنلىگى مەلۇم. لېكىن قانچىلىك ئىشلىتىلدى، قاچانغىچە ئىشلىتىلدى دىگەنگە ئالاقىدار ئوچۇرلار مەخپى ئىكەن. بەلكىم سۆۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغىچە ئىشلىتلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇرۇن ئوقۇغان تارىخ كىتاپلاردىن ئىسىمدە قېلىشىچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋاقىتلىرىدا ئامرىكا ھەربى خادىملىرى غولجىدا ھەركەت قىلغان. گومىنداڭنىڭ ئامرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن يىقىن بولۇپ شۇ ۋاقىتلاردا ئامرىكا غولجىنىڭ روسىيەگە يىقىن چىگراسىدا ھەربى بازا قۇرماقچى بولغان. لېكىن گۇمىنداڭ ئىچكى ئورۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ پىلانمۇ ئۆزلىكىدىن يۇقالغان. كومپارتىيە بىر قسىىم قېچىپ كەتكەن خادىملىرىنى چىگرادا تۇتۇۋالغان.
جوۋ بايدىن ئامرىكا كىڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كومىتىتنىڭ رەئىسى، پالاتادا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن، ھازىرقى ئامرىكا يۇقىرى قاتلامدىكى ئەڭ پىشقان تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسى. ئەگەر ئوباما ئوتۇپ چىقسا ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى جوۋبايدىننىڭ بەلگىلەيدىغانلىغىدا گەپ يوق. ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى، بولۇپمۇ جۇڭگۇغا قاراتقان سىياسىتى قانداق بۇلار، بۇنى كۆزەتكۈچىلەر كۆزەتكەي.
يەنە بىر قىززىق ئىش، ئامرىكىدا بىكار قېلىپ ئىچى پۇشقانلار ئوباما دىگەن ئىسىمنى ئوساما غا يىقىن كىلىدىكەن دەپ يۈرەتتى، مەن قاراپ باقسام بايدىن دىگەن ئسىممۇ بېن لادىن دىگەنگە يىقىن كىلىپ قالىدىكەن ، ئەگەر راس شۇندا بولسا ئىلان چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىزلەر :loveliness: :victory: :lol
تۈگىدى.
خەپ،كىلەر يىلى مەنمۇ قاتنىشىمەن بۇ سايلامغا!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يەنە بىر قىززىق ئىش، ئامرىكىدا بىكار قېلىپ ئىچى پۇشقانلار ئوباما دىگەن ئىسىمنى ئوساما غا يىقىن كىلىدىكەن دەپ يۈرەتتى، مەن قاراپ باقسام بايدىن دىگەن ئسىممۇ بېن لادىن دىگەنگە يىقىن كىلىپ قالىدىكەن ، ئەگەر راس شۇندا بولسا ئىلان چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىزلەر :loveliness: :victory: :lol
جېك ئەپەندى ئاۋۇ قۇرلار مىنى كۈلدۈرۈپ ئۈچيىم تارتىشىو قالدى ..
نادىر تىمىلىرڭىز ئۈزۈلمىگەي
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىياسىي بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەنكەنگە قارىغاندا ئامرىكىنىڭ مائارىپ ۋە ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ھەققىدە كۆپرەك ئىزدەنسەك بولارمىكى، ئاغىنىلەر.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز؟تېمىلېرىڭىزنى ئۇقۇپ چىقىپ خېلى زور چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم .رەخمەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئوباما ___ ئوساما دەپ قويۇڭ !!!ھاھاھا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خاخاخااااااا…………… ، يارايسەن ، دوستۇم جېك، بىزگە مۇشۇنداق زيالىلار لازىم. سېنى قوللايمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يامان قىزىق خەۋەرلەر بار كەن جىك ئەپەندىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرى بۇ تور خاتىرلىرنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن،دذنيانئث ظشلر مذرةكةپكةن ،رهمةت
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ يازمىزىڭىزنى ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن. سىزدىن سوراپ باقسام، بىلۇگ نى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ، ئامىرىكا تارىخىدىكى ئالاھىدە سايلام بولىۋاتىدۇ. قۇللۇقتىن گىنراللىققىچە دىگەندەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئامىركىغا كىمنى پىرزدىنىت بۇلىشى ئۇيغۇرلا غمىۇ ۋاستلىىك تەسىر كۆرستدۇ. مېكين ۋە ئوباما نىڭ جۇڭگۇ سىياسىتى روشەن پەرقلىنىدۇ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خىلارى كىلىنتون ئەڭ ياخشى نامزات ئىدى .ئەمدى مېكيېن سېرا پەيلىن نى تاللاپ بۇ سايلام تېخىمۇ قىزىپ !كەتكۈدەك
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يېڭى زۇڭتۇڭ 4-نويابىر تەختكە چىقىدىكەنغۇ؟! شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ بولمىغاندىمۇ يەنە بىر يېرىم ئايلار داۋاملىشارمىكىن؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرى بۇ تور خاتىرلىرنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن. بەك ئىسىل ئىكەن. بۇندىن كىيىن دائىم كەپتۇرمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قوشۇۋېلىڭ…
ئۇلارنىڭ سايلام رىقابىتى زادى قاچان ئاخىرلىشدۇ…ھەجەپ بەك سوزۇلۇپ كەتتىيا…
ئاۋۇ ئوباما(ئوساما)سايلانسابەك ياخشى بولاتتى…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بۇ بەتنى بەزى تورخانىدا ئاچسام ،خەت شەكلى نورمال ،بەزى تورخانىدا ئاچسام ،خەت شەكلى نورمال ئەمەس سىلەرنىڭكىدىمۇ شۇنداقمۇ .بۇ قانداق ئىشتۇ . ماڭا ياردەم قىلساڭلار..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel