ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك Do Americans fight sometimes?

بۇ يەردە ھازىرغىچە كوچىدا يا مەكتەپتە سوقۇشۇپ كەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئادەتتىكى گەپ تالىشىپ ئورۇشۇپ قالىدىغانلار يوق دىيەرلىك. سوقۇشىدىغانلار ياكى ئېىتىشپ كىتىدىغانلار ئاساسەن قار جەميەت كۈرۈنۇشى بارلار، بىر بىرى بىلەن مەنپەئەت ئىشلىرى بىلەن ئېتىشارمىش. ئۇندىن باشقا جەميەتكە نارازىلىق ئىشلىرى بىلەن قورالنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باشقىلارنى ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ بەزىدە خەۋەردە كۆرۈپ قالىمىز. مەسىلەن ۋىرگىنيەدىكى قاتىللىق. مەن تۇرۋاتقان يەردە ئۆتكەن يىلى بىرسى چىركاۋغا كىرىپ بىر مۇنچە ئادەمنى ئېتىۋىتىپتىكەن. ئۈزىمۇ شۇ چىركاۋغا بارىدىغاندىن ئىكەندۇق. بۇ يەردە كىچىك جىدەللەر، سوقۇشلار ئاز چىقىدىكەن. ئادەم بەك جىق كىرىدىغان كۇلۇبلاردا بەزىدە سوقۇشلار بۇلىدىكەن، خەۋەرلەردە كۆرۈپ قالىمەن. مەنمۇ بىر قېتىم كۆردۇم. ئۇلار سوقۇشۇپ بىر بىرىنى ئىتتىرىپ دەسسىشىپ بولغىچە كۇلۇبنىڭ ئادەملىرى يۇپۇرلۇپ كىلىپ ئۇلارنى تىزگىنلەپ ، تالاغا ياكى باشقا يەرگە ئاچىقىپ ساقچى كەلگىچە تۇتۇپ تۇرىدىكەن. قالغاننى ساقچى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. بەلكىم سوقۇش باشلىنىپ، كۇلۇب ئادەملىرى كىلىپ بولغىچە 10-30 سىكونت ئەتراپىدا كىتىشى مۇمكىن، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر نەچچەيلەن دەسسىلىپ، ئۇرۇندۇقلارسۇنۇپ پارچە بۇلۇشۇپ، بىر كىملەر يەردە يېتىپ بۇلىدىكەن. يەنى مەن ۋە ياتاقداشلىرىمنىڭ كۇلۇبتا كۆرگەنلىرىگە قارىغاندا، بۇلار سوقۇشۇشتىن بۇرۇن بەك گەپ بىلەن تىللىشىپ، بىر بىرىگە ھۈركىرەشمەيدىكەن. يەنى تالاش تارتىش باشلانغان ھامانلا پالاق پۇلۇقلا تۇتۇشۇپ كىتىدىكەن. ئاغىنىسىنىڭ سوقۇشقىنىنى كۈرسە ئاداشلىرىمۇ ئۇقتەك يۈگرەپ كىلىپ سوقۇشقا كىرىپ كىتىدىكەن، شۇ جەريان لېكىن ئېشىپ كەتسە بىرەر-ئىككى مىنۇت داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. كوچىلاردا سوقۇش بولۇپ قالسىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى باشقىلار ساقچىغا مەلۇم قلىپ بۇلىدۇ. ساقچىلار 2-3 مىنۇتقىچە ئۈنۈپ بۇلىدۇ. ساقچىلارغا بەك كەڭرى ھوقۇق بىرىلگەنكەن، 7-8 ساقچى قۇراللىق كىلىپ سىزگە بۇيرۇق بىرىدۇ، ئاڭلىمىسىڭىلا ئاتىدۇ. باشقا ئىشلار بولسىمۇ ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ساقچىغا داۋلى سۈزلەشكە، قارشىلىشىقا، ساقچىغا يىقىنلىشىشقا بولمايدۇ ( بۇ گەپلەر يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش قوللانمىسىغا ئىنىق يېزىلغان). ئەگەر پىكرىڭىز بولسا ئىشتىن كىيىن سوتقا دەپ شۇ يەردە دىسڭىز بۇلىدۇ.
ئادەتتە ئادەم كۈپ يىغىلىدىغان يەرلەرگە مۇھىم ۋاقىتتا ئىش بولسۇن بولمىسۇن ساقچى ۋە ئوت ئۈچۈرۈش، دوختۇر ماشىنىسى كىلىپ قاراپ تۇرىدۇ. مەن تۇرۋاتقان بۇ شەھەردە ئىككى كۇلۇب (دىبا) بار. ھەر جۈمە، شەنبە كۈنىلا ئېچىلىدۇ. مەن بىر يىقىن تۇنۇشۇم criminal justice (بۇنى ئۇيغۇرچە نىمە دەيمىز؟) ئوقۇيدىغان بولۇپ ئۇ ئوقۇشنىڭ تەلىۋى بويىچە ساقچىدا ھەر ھەپتىدە 15 سائەت ئىشلەيدۇ. ئۇلار ھەر جۈمە، شەنبە كۈنى كەچتە ئىككى گۇرۇپپىغا بۈلۈنۈپ ئىككى كۇلۇبنىڭ ئالدىدا جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ھىچ ئىش بولمىسىمۇ ئادەم تارقىغىچە تۇرىدۇ. زىرىكىپ قالسا كىرىپ خەقلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ 21 ياشتىن تۈۋەنلەرنى كىرىپ قالدىمۇ يوق تەكشۈرۈپ باقىدۇ. بولمىسا تالادا ماشنىسىدا ئولتۈرىدۇ. كۇلۇبنىڭ ئىشىك ئالدىدا مەخسۇس ئىككى ئادەم ھەر بىر ئادەمنىڭ كىملىكىنى ۋە يېشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا مەسلەر كەلسە كىرگۈزمەيدۇ. ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىنمۇ بىرەرسىنىڭ جىق ئىچىۋىلىپ نورمال ئەمەسلىگىنى بايقىسا چىقىرۋىتىدۇ. پوكەيدىكىلەرمۇ بىرەرسىنىڭ تەڭشىلىپ قالغانلىغىنى بايقىسا ئۇنىڭغا ساتمايدۇ. كۇلۇبنىڭ ئىچىدە تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ. مىنىڭ تولۇق كورستىكى تونۇشلىرىم ئاساسەن ھەر ھەپتە ئاخىرى كۇلۇبقا بارىدۇ. بىر تۇنۇشۇم ئا ز دىگەندە 5 قېتىم كۇلۇبتىن قوغلىۋىتىلگەن. 5 قېتىم ئىشىكتىن كىرگۈزۈلمىگەن. بىرقېتىم قوغلىۋىتىلسە شۇ كۈنى يەنە كىرگۈزۈلمەيدىكەن. مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىم شۇنچىلىك. باشقا ھەر يەرنىڭ يەنە ھەر تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئاساسى تۈزۈملەر مەسىلەن كىملىكتىكى يېشىنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزۈش، كىملىك بولمىسا كىرگۈزمەسلىك، تەڭشىلىپ قالغانلارغا ھاراق ساتماسلىق دىگەندەكلەر ئاساسەن ئوخشاش. كۇلۇبلار قانۇن بويىچە ھەممىسى 2 دە تاقىلىدۇ. 2 دىن كىيىن سىرتتىكى كىچىدە ئاچىدىغان دوكانلارمۇ پىۋا سېتىشنى توختىدۇ. ( باشقا ھاراق سېتىشنى كۈندۈز سائەت 7 دە توختىتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن قاۋاقخانلار ياكى كۇلۇبلاردىن باشقا يەردە سېتىلمايدۇ) شۇڭا ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۈيىگە بارسىڭىز توڭلاتقۇسىدا پىۋىلار يەشىكلەپ بار، جەۋىنىدە ئىچىملىكلەر بار. ئۇلارغا جىددى لازىم بولغاندا ئالالمايدىغان بولغاچقا شۇنداق يەشىكلەپ ئەكىلىپ ساقلاپ قويۇپ ئىچىدۇ.
تولۇق كورستىكى بالىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ ياتاق بىنالىرىدىمۇ، بالىلار ئارىسىدىمۇ بەزى ‘لاۋدا’ لار بۇلۇپ ئانچە مۇنچە بۇزەك ئىتىدىكەن، ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلەرنى ئاغىنىلىرى بىلەن بېرىپ ئورۇپ قويىدىكەن. بولۇپمۇ تەنتەربىيەنىڭ، مەكتەپ كوماندىسىنىڭ بالىلىرى شۇنداقمىش. بىرسى بىر دوستلار يىغىلىشىدا ماڭا شۇندا دەپ ”مەن مەكتەپتىكى تەنتەربىينىڭ بالىلىرى ياخشى ئارلىشىمەن، پالانچى پالانچى مىنىڭ ئاغىنەم، سەن بىلەن ياخشى ئاغىنە بولاپ قالدۇق، ئەگەر بىرسى سىنى بۇزەك قىلسا ماڭا دە، بىز بېرىپ ياساپ قويىمىز“ دىگەنتى بۇ يەردىمۇ مۇشۇندا ئىشلار باركەندە دەپ ئويلاپ قالغانتىم. خۇداغا شۈكرى، بىرسى بۇزەك قىلىپ باقمىدى، ئۇنىمۇ ئىككىنچى قېتىم كۈرۈپ باقمىدىم.
لېكىن بۇ يەردە مەكتەپ ۋاسكىتبول، ۋە ئامرىكىچە پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ بالىلىرى بەك چوڭ چولپان. گىزىتكە قارىسا مەخسۇس سىتوندا كۈندە شۇلارنىڭ خەۋىرى. پۇلنىمۇ بەك تاپىدۇ. بىزنىڭ بۇ كىچىك شەھەردە يىلدا پەقەت مەكتەپ ئامرىكىچە پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ساھىپخان مۇسابىقىسى بولغاندىلا شەھەردە قاتناش كونتىرول قىلىنىپ قىستاڭچىلىق بۇلىدۇ. شۇڭا مۇسابىقە بۇلىدۇ دىگەن كۈنى يەرلىكلەر ماشىنا ھەيدەپ سىرتقا چىقمايدۇ، ئەتراپتىكى دىخانلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر، مەكتەپتداشلار، ئاتا ئانىلار قوشنا شەھەر، شىتاتلاردىكىلەر 10-20 مىڭدەك ئادەم كىلەرمىش سىتاتسكىدا. مەكتەپمۇ بىر بايرامدەك قاينام تاشقىنلىق بولۇپ قالىدۇ.


مەن سىزنى توردا كورگەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
siz azaldin korup bakmiganma xinjiangdiki gar kaysi uniwersititlardda bundak ixlar adatikudakla , uyardimu mahsus qikix uqun yataklar bar qikidigan balilarning hamisi ukidu , daim xu yarga toplixip qikip koyidu .
siz kulup dapsiz
xinjiangdiki waktingizda anglimiganma yaki korup bakmiganma xinjiangdimu zhongguo diki 01 nomurluk millat aqkan kuluplarga kirip beking 20 kawattin igiz ninani salhan baywatqa axu pullarni kandak kayturup kilidu
ktv larha kirip beking pakat nahxa eytip kaytip qikamdu
togra manmu kirip bakkan qunki man yazguqi amas amma turmuxning ak serik hamma sorunini korgum kelidu man yazhuqikardak qatalga qikip ularning guzal manzirilirini tasirlaydihanlardin amasman amiricida saat ikida kulup takalgan bolsa buyarda urumqi wakti on ikkidin kiyin eqilip atgan baxta takildu xungga siz igiz binaning iqidiki harkatlarni koqalmaysiz kirip qikkan kixlarnimu koralmaysiz kanqilik kixi kiridu tehimu korolmaysiz paraz kilip beking kanqilk kixi kirar kanqisi uyghrdu alwatta hae kilalmaysiz yalingaq usulqi uyghur kizlar
alwatta siz undak yarga kirgan adam hisiyatingizni besiwelhxingiz kerak bazi kixlardak alahida kilip sozlaxning hajiti yok qunki biz bir adam amas bir putun millat 21 asrdiki har kaysi asirning rayon we milltlarga kaldurgan yaman illatliri bolidu buni kobul kilix kerak aldinki asirlarda amirika yawropalarda moda bolgan yaman adatlar buasirda bida bolidu bu hayran kalhiqiliki yok qunki amirika yawropa aldinki asirda ularning tarakiyati xunqilik idi biz hazir xularning tarakkiyat baskuqida
najip mahbus apandim arp dunyasini tohra korsatkan siz kormigan anglimihan bilan irak iran saudi misir katarlik arap dunyasida bolmihur harkatlar yok diyalmaysiz
alwatta sadam olgandin kiyin namaz okuxtin baxka heq nir ix kilixni bilmaydihan irajkiklar kuramiha yatmigan kiqik balilirini bekix uqun axlikka ehtiyajlik boldi amma kaysi bir musulman ularha bardi
tehi bizning uyghurlar kaxkarda yar tawrisa karap turup hanzu lar olsa tumanlap iiana kilhan tursa
hazir irak ayalliri nima ix kiliwatkandu bilamsiz namazdin baxkini bilmigan adamni kimu ixlitidu amal yok parzantlirini tamha karitip oz tenini balisining aldida setiwatidu yaki parzantilirini yawropalik ozi bala tapmay bekiwalidihanlarha towini on tuman yawrodin setiwatidu esingizda bolsun oz ata anisi kiliwatidu
man azaldin yurtum din qikip baknihan likin intayin arzu kiliman
qunki man yazhuqilardak yawropaning guzal koqisini amas ang razil taripi kormakqi we ularni dunyaha hoja kilhan ang ilhar pan tehnikisini kormakqi
zadi tanka ayropilanlarning kudirit yaki iktisadning kudiriti dolattiki baylarning kop bolixi ilim panning tiz suratta almixixi baxkilar
man qokum bariman kurax kilix uqun bariman
kaqurung okuxingizha awariqilik tuhdurup koydu m
tarim722@yahoo.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەمدى ئامىرىكىنىڭ قىزچاقلىرى ھەققىدە بىر توختالمامسىز jeck ئەپەندى ، تېلىۋىزورلاردا كۆرۈپ تۇرىمىز ، راستىنلا شۇنداق بەك open مۇ؟ قېنى پۇرسەت بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر توختىلىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
كۆك ئەپەندى كەسپىڭىز قانۇن ئوخشىمامدۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
criminal justice بىلەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ئوخشىمايدۇ. ئۇنى جىنايى ئىشلار ئەدلىيىسى دېسەك بولغۇدەك، Google تىلماچ 刑事司法 دەپ ئۆرىدى، قارىغاندا ( مەخسۇس) ساقچىلارنىڭ قىلىدىغان ئەمەلىدەك ئوخشايدۇ. لېكىن جىنايى ئىشلار دەۋاسىنى ( قانۇنى) Criminal Procedure دەيمىز. بۇ نوقۇل ساقچىلارنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن يەنە سوت، ئادۋۇكات، تەپتىش( جۇڭگۇدا) قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگۇ ۋە ئامېىرىكىنىڭ قانۇنى كۆپ پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئىككىسى ئىككى خىل قانۇن سىېستمىسى 法系 غا تەۋە.
———————–
جېك ئاغا! ماۋۇ ئۇسلۇب كودىدا ئازراق مەسىلە بار ئىكەن، بىر margin-right نى margin-left كە ئۆزگەرتسەك بولغۇدەك، بولمىسا ئاۋۇ خەتلەر قېلىپتىن چىقىپ تۇرىۋالىدىكەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋەتەننى سىغىنىپسىزدە !!!مەنمۇ پاكىستاندا تۇرغىلى بىر يىل بولدى،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھې ھې ھې ! ئامېرىكىدىمۇ شۇنداقكەندە !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
criminal justiceنى جىنايى ئىشلار ئەدىلىيەسى دىسەك قانداق بۇلار، سۆز مەنىسىگە قارىغاندا بۇ كەسىپ بىزنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى كەسپىگە ئوخشايدىكەن،
ئامىركىدىكى نۇرغۇن شىتاتلارنىڭ قانۇنىدا جىنايەتچى قارشىلاسسا ساقچىلاتنىڭ ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بۇلىدۇ،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ساقچىلار بىلەن زاكۇنلىشىدىغان، گەپ تالىشىپ مۇنازىرىلىشىدىغانلارنى پات-پات ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداقلار ئامېرىكىدا بولۇپ قالسا ئاللىقاچان جېنىدىن جۇدا بولاركەنتۇق. يەنىلا بىزنىڭ ساقچىلار ئېغىر بېسىقكەن.
ئۈستىدىن 5-رەسىمنى سەل كىچىكلىتىپ قويسىڭىز بولغىدەك، ئوڭ تەرەپتىكى Sidebar بۆلىكى پەسكە چۈشۈۋاپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن جېك ئاغا!!
ھېيتنى كۆڭۈللۈك خۇشال ئۆتكۈزگەيسىز گەرچە شىنجاڭدا بولمىسڭىزمۇ ….
رەسىم يوللىغىلى بولمايدىكەن بولمىسا سىز ياقتۇرىدىغان يۇرتنىڭ سېغىنغان ئادەملىرىنىڭ رەسىملىرى باتتى ،ئەۋەتىپ قۇياركەنمە …
شۇندا بولسىمۇ خۇشۋاق بولاڭ ھە ئاغا !!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel