ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر. My Daily Expenses in America
ئۆتكەن ھەپتە بىلىكتە ”ئامرىكىلىقلار بىلەن سۆھبەت“ دەپ بىر تىما باشلىنىپ ئامرىكىدىكى نورمال ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى قانداق بۇلىدۇ دىگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سۇئاللار سورالدى. مەن ئالدىراش بولغاچقا جىق سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ بۇلالمىدىم. مەن شۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن ئىنكاسلىرىمنى رەتلەپ چىقىرىپ قويدۇم. جاۋاپلار بۇ تىمىغا قويۇلغان ماۋزۇنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. ئەسلى ئامرىكىدا مال باھاسى ۋە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ مۇئاشى، تۇرمۇش سەۋىيەسى توغرىلىق تەپسىلىراق بىر تىما يازغۇم بار ئىدى. ھازىرچە مۇشۇ تىمىنى چۈشەنچە سۈپىتىدە كۆرۈپ تۇرۇڭلار. كىلەر ئايدا قولۇم سەل بوشايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ تىمىنى تۇلۇقلاپ باشقا يەنە يازىمەن.
باشلاندى.
مەيلى تور بولسۇن، مەيلى تېلفۇن بولسۇن، مەيلى سىملىق تىلىۋىزىيە بولسۇن سىز تاللىغان شىركەت، مۇلازىمەت ۋە سىز جايلاشقان ئورۇنغا قاراپ سىز تۈلەيدىغان پۇل ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئى ئەھۋال. بۈركۈت ئەپەندىمنىڭ 15 دوللار تۈلىشى، مىنىڭ 50 دوللار تۆلىشىم نورمال ئەھۋال. چۇنكى ئىنىقلا بىز ئىشلەتكەن مۇلازىمەت ئوخشاش ئەمەس.
مەن ھازىر ئۈيۈمدىكى تورغا باج بىلەن قۇشۇپ ھەر ئايدا 29.99 دوللار تۆلەيمەن. ئىشلەتكىنىم Time-Warner شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتى. قول تېلفۇنۇم T-mobileنىڭ،ئايلىق ھەققى 39.99 دوللار، باج قوشۇلسا ھەر ئايدا 52 ئەتراپىدادوللار بۇلىدۇ. تېلۋىزورغا يەنە 50 دوللاردەك تۆلەيمىز، 300 دەك قانال چىقىدۇ ( لېكىن بەك ئاز كۆرىمىز). ئىنتېرنىت بىلەن تېلۋىزورنى بىللە تۇرۇۋاتقان ياتاقدىشىم يېرىمدىن بىللە تۈلەيمىز.
ئادەتتە بىز تۆلەۋاتقىنى سەل قىممەتراقى. ئەگەر قول تېلفۇن ئىشلەيمەي مۇقىم تېلفۇن ئىشلەتسڭىز ھەم ئۇنى ئىنتېرنىت بىلەن بىر يۈرۈش قىلىپ ئەكىرسىڭز كۆپ ئەرزان توختايدۇ. مەن مەكتەپنىڭ ئۇيىدە ياتمايمەن. ئۇ يەردە ياتقانلار تور ۋە تېلىۋىزور ( 16 قانال چىقىدۇ) ئۈچۈن ئايدا 15 دوللار تۈلەيدۇ.
ھازىر تۇرۇۋاتقان ئۆيۇمنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 600 دوللار. ( بىرسىمىزگە 300 دوللار)، بىر ئېغىز ئىشىكتىن كىرىشتىكى چوڭ مىھمانخانا، ئاندىن ئىككى چوڭ ياتاق ئۆي بار، جەمئى 100 كۇۋادىرات مىتىردەك كىلىدۇ. ئايلىق توك پۇلى يازدا 20-30 دوللار، قىشتا 120 دوللار ئەتراپىدا چىقىدۇ. تاماقنى پۈتۈنلەي توكتا ئىتىمىز، ئاندىن قىشتا توكتا ئىسسىيدۇ. مەن تۇرۋاتقان ئۇنۋېرسىتىت شەھەرچىسىدە ئۈي ئەرزان، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئۆينى يېنىمىزدىكى سىئاتىلدا بولسا 1300 دوللار ئەتراپىدا، كالىفورنىيەنىڭ پالو ئالتو [Palo Alto ] دىگەندەك يەرلىرى بولسا 2500 دوللار ئەتراپىدا ئىجارە بىرىدىكەن.
سىرتتا مەن نورمال تاماق يىسەم 8 دوللار ئەتراپىغا بىر ۋاخ تاماق كىلىدۇ. ئەرزان نەرسە يىسەم 5 دوللار، نورمال بولسا 8 دوللار. دەسلەپ كەلگەندە تاماقنى جىق قىلاتتىم، ھازىر بەك قىلىپ كەتمەيمەن.بىر يەرگە باشقىلار بىلەن تاماققا چىقساق ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭكىنى ئۈزى تۈلەيدۇ. ھەرقاندا ئىشنى بىللە قىلساق ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭكىنى ئۈزى تۆلەيدۇ. قىزلار بىلەن چىقسىڭىزمۇ شۇنداق. مۇھەببەتلەشسىڭىزمۇ ئۈزىنىڭكىنى ئۈزى تۈلەپ ماڭىدۇ. ( شۇڭا بۇ يەردە مۇھەببەتلىشىش ئەرزانكەن ) ئانچە مۇنچە مىھمان قىلغۇسى كەپ قالسا بۈگۈن مەن مىھمان قىلاي ( ئىنگىلىسچە ئۇدۇللا مەن ساڭا ئېلىپ بىرەي دەيدۇ، مىھمان قىلاي دىمەيدۇ) دەپ قويۇپ ئاندىن چىقىدۇ.
ماشىنامنىڭ ھەر ئايلىق سوغۇرتىسى [Auto Insurance] بولسا 30 نەچچەدوللار، ( كونا ماشىنا بولغاچقا شۇنداق، يىڭىراق ماشىنا بولسا قىممەت بۇلىدۇ)، بىر گالون گازنىڭ باھاسى ھازىر ئاساسەن 4 دوللار، ماشىنام 13 گالون گازدا لىق تۇلىدۇ. كىلىپ 9 ئايدىن كىيىن ماشىنا ھەيدەش كىنىشكىسى [driving liscence] ئالدىم. كىنىشكا ئالغاندا ئىشخانىغا بارسىلا بىر ھەيدەشنى ئۈگىنىش كىنىشكىسى بىرىدۇ، شۇ كىنىشكىنى ئېلىپ يېنڭىزدا 5 يىلدىن يۇقىرى ماشىنا ھەيدەش تارىخى بولغان بىرسى ئولتۇرسا ھەيدەشنى ئۈگەنسىڭىز بۇلىدۇ. چوقۇم ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىتىش مەكتىۋىگە بېرىش ھاجەت ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ تۇنۇشلىرىمىز ئاساسەن ئوقۇغۇچى بولغاچقا ئۇنداق 5 يىللىق كىنىشكىسى بارلار بىز ئاساسەن تۇنۇمايمىز، چۇنكى مەكتەپ پۈتتۈرسە ھەممىسى كىتىدۇ. شۇڭا بىرەر- ئىككى يىللىق كىنشكىسى بارلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ ئۈگىنىۋەردۇق، ساقچىلارمۇ كۈنۈككەن، دىققەت قىلىڭلار دەپ قويۇپ كىتىدىكەن. ئۈگىنىشى ۋاختىدا ئاساسەن جەرىمانە قويمايدىكەن. مەخسۇس ئۈگىنىدىغان يەر يوق، بىۋاستە دەسلەپتە كىچىدە ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدا كيىن بىۋاستە كۈندۈزدە يولدا ئۈگەندۇق. كەم دىگەندە بىر ئايدىن كىيىن بېرىپ يېزىقچە ۋە يول ئىمتاھانى بىرىپ ئۈتسىڭىز كىنىشكە بىرىدىكەن. يېزىقچە ئىمتاھان ئۈچۈن 20 دوللار، يول ئىمتاھانى ئۈچۈن 20 دوللار، كىنىشكە ئۈچۈن 30 دوللار جەمئى 70 دوللار تۆلىگەن بولدۇم. ئارلىقتا قايسى بىرىدىن ئۈتەلمىسىڭىز يەنە پۇل تۈلەپ قايتا بىرىسىز.
دەرىسلىك كىتاپ[Text books] باھاسى 70 دوللاردىن 200 دوللارغىچە. نورمال ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ھەر ماۇسۇمدا 300-400 دوللارلىق كىتاپ كىتىدۇ. مەكتەپنىڭ كىتاپخانىسى ھەر مەۋسۇم ئاخرىدا كىتاپلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋىلىپ قايتۇرۋالىدۇ، ئاندىن كىيىنكى يىلدىكى بالىلارغا يەنە ساتىدۇ. مەن 130 دوللارغا بىر يىڭى كىتاپ سېتىۋىلىپ بىر مەۋسۇم ئىشلىتىپ 70 دوللارغا قايتۇرۋەتكەن. ئۇنى بىر ساۋاقدىشىم يەنە 90 دوللارغا ئاپتىكەن. مەكتەپ ئۈزى دەرىسلىك كىتاپنى سېتىۋىلىش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا ئارلاشمايدۇ، كىتاپخانا ماڭدۇرمايدۇ، كىتاپخانىنى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى ماڭدۇرىدۇ، كىتاپخانىنىڭ چوڭلۇقى ئۈرۈمچىدىكى نەنمېن كىتاپخانىسىدەك بار، لېكىن ئۇنىڭدىن ياخشى بىزەلگەن.
سەي كۆكتات، يىمەكلىك ئىشقىلىپ تاماققا ئىشلىتىدىغان خام نەرسىلەر نەرسىلەر ئەرزان. يىقىندىن بۇيان سەل قىممەتشىپ قالدى، بۇرۇن بەك ئەرزانتى. مەن تۇرۋاتقان شىتاتتا تاماققا كىتىدىغان خام نەرسىلەردىن باج ئالمايدۇ، شۇڭا ئەرزانراق. كالا گوشىنىڭ بىر قاداق ( 450 گيرام) نىڭ باھاسى 2 دوللار ئەتراپىدا، توخۇ گۇشنىڭ ئۇنىڭدىن ئەرزانراق، بىر يا ئىككىلا يەردە قوي گوشى ساتىدۇ،بىر قاداق 4 دوللار ئەتراپىدا، شۇخلا سۈپىتىگە قاراپ 50 سىنىتتىن بىر يېرىم دوللارغىچە. قالغان سەيلەرنىڭ باھاسى ئىسىمدە قالماپتۇ.
قاتناش ئۈچۈن ئادەملەر ئۈزلىرى بىۋاستە ماشىنا ھەيدەپلا بارىدۇ، ياكى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرىدۇ. ئايرۇپىلان باھاس [ air ticket] پەسىلگە، ھىيت بايرامغا، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە قاراپ ئۈزگىرىدۇ. مەن ئەڭ ئەرزان ئالغاندا مەن تۇرۋاتقان يەردىن ۋاشىنگتونغا، يەنى ئامرىكىنىڭ ئەڭ غەربىدىن ئەڭ شەرقىگە 215 دوللارغا بېرىپ كىلىش بىلىتىنى ئالغان. لېكىن ئۇنىڭدىن كىيىن ماي باھاسى ئۈسۈپ كەتتى، ئۇنداق ئەرزان بىلەت ھازى يوق. ھازىر 350 دوللار ئەتراپىدا بۇلۇۋاتىدۇ. مەن يەنە مەكتەپنىڭ ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىىسىدا ۋەزىپە ئېلىپ ئىشلەيمەن ( سايلامغا قاتنىشىپ سايلانغان، مەكتەپتىكى 3500 دەك ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلار بىلەت تاشلاپ سايلايدۇ، مەن بىر ئامرىكىلىق بىلەن قارشىلىشىپ قاتنىشىپ 80% ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇتقان) ، بىر يىلدا 250 دوللار ياردەم پۇلى بىرىدۇ ( بىز ئاسپرانىت بولغاچقا ئىشىمىز جىق يوق، شۇڭا ئاز ئالىمىز، تولۇق كۇرسنىڭ باللىرىنىڭ ئىشى جىق، ئۇلار 2000 دوللار ئالىدۇ) . مەۋسۇمدا ئىككى- ئۈچ قېتىم ئويۇشمىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن سىرتقا چىقىمەن، ئۇلار ئايرۇپىلان كىراسى، 3 ۋاخ تاماق، ياتاق، بارغان يەردىكى ئىجارە ماشىنا قاتارلىقلارنى ھەممىنى تۆلەيدۇ. ئادەتتە بىرەر ئاي بۇرۇن ئىشخانىغا دەپ قويىمەن، ئۇلار تاماقتىن باشقىنى ھەممىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىملار بولسا، مەسىلەن تاماق، ماشىنىغا قاچىلىغان گاز دىگەندەك كەلگەندە ھىساۋاتىنى يېزىپ بەرسەم ئاتچۇت قلىپ بىرىدۇ. ئامرىكىدا جۇڭگۇدىكىدەك تالۇن ( فاپىياۋ ) بولمايدىكەن. ئادەتتە ھەممە يەردە ئاساسەن نەرسە سېتىۋالسىڭىز سىز سېتىۋالغان نەرسىنىڭ تىزىملىكى ۋە باھاسىنى بېسىپ چىقىرىپ بىرىدۇ، چوڭ – كىچىك دوكانلارنىڭ ھەممىسىدە بار. ئاتچۇت قىلىش ئۈچۈن شۇنى ئىشلىتىدىكەن. مەن ھەر قېتىم يېنىپ كەلسەم ئاتچۇت قىلىپ بەرگەن پۇلى مەن ئەمەلى خەجلىگەن پۇلدىن جىقراق بۇلىدۇ.
ئامرىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى ۋە ئۇلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى رولى جۇڭگۇدىكىگە تۈپتىن بىر ئوخشىمىغان دۇنيا. بىز شىتاتنىڭ پارلامىنىتى تۇرۇشلۇق مەركەزگە بىر ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ يىل بويى تۇرغۇزۇپ شىتاتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىغا ئارلىشىمىز، دەل قانۇن چىقىرىدىغان ۋاقىت كەلگەندە يەنە مەخسۇس 3- 4 ئادەم بېرىپ پارلامىنىت ئەزالىرىغا يەنە خىزمەت ئىشلەيمىز. ئاندىن ئامرىكىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى بىرلىكتە دۈلەتلىك بىر بىرلەشمە قۇرۇپ بۇلار پايتەخىت ۋاشىنگتوندە ئىشخانا تەسىىس قىلىپ يىل بويى ئادەم تۇرغۇزۇپ دۈلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىغا ئارلىشىدۇ. بىزنىڭ ئويۇشمىمىزنىڭ يىللىق چىقىمى 400 مىڭ دوللار. مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ياقى مەيلى شىنجاڭ، مەيلي ئىچكىرى، مەيلى ئامرىكا بولسۇن شۇنداق يەرلەردە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. ۋاقىت چىقىرالىسام بۇ جەھەتتە تەپسىلى توختالغۇم بار.
تور سۈرئىتى جەھەتتە مەن ئەڭ ياخشىى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن، ئۆتكەن يىلى يۇرتقا قايتقاندا بېيجىڭدا، ئۈرۈمچىدە، خوتەندە خېلى تور ئىشلەتتىم. سۈرئىتى جەھەتتە پەرىق ھىس قىلمىدىم. مەكتەپتە ھەممە فاكولتىتتا ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىشى ئۈچۈن كومپيۇتېر بار، ئاندىن ھەممە بىنادا سىمسىز تور بار، ئوقۇغۇچىلىق نۇمۇرىڭىز بىلەن ھەقسىز ئىشلىتىسىز. Office, Windows, Matlab, Mathematica, Adobe products, Norton دىگەندەك كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى مەكتەپ بىلەن شۇ شىركەتلەر بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ياكى 20-30 % لىك باھادا تارقىتىدۇ. ئاندىن كۆپ ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دىتاللار ( مەسىلەن مۇزىكا، فىلىم ئىشلەش، بوغالتىرلىق، پۇل مۇئامىلە، كىيىم، مىخانىكا لاھىيلەش… دىگەندەك) ئۈچۈن بىز ئاسپىرانىتلار ئويۇشمىمىز ھەر يىلى 70 مىڭ دوللار خەجلەپ بىر كۈتۈپخانا ماڭدۇرۇغلۇق، ئۇ يەردە 20 دەك كۇمپيۇتېر بار، 7-8 ئادەم مائاش ئېلىپ ئىشلەيدۇ، كىم قاندا دىتالغا ئىھتىياجلىق بولسا تىزىملاتسا سېتىۋىلىپ قاچىلاپ بىرىمىز، ئىشىككە مەكتەپ كارتىسىنى سىرىپ كىرىپ 24 سائەت ھەقسىز ئىشلەتسە بۇلىدۇ ( لېكىن مەن بىر قېتىممۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم)، يۇمشاق دىتال ئۈچۈن ھەر يىلى 15 مىڭ دوللار ئاجرىتىمىز، لېكىن بۇ پۇل ئېشىپ قالىدۇ. ئاندىن يەنە ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيال بېسىپ چىقرىشى ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى پىرىنىتىر ، نۇسقالغۇ دىگەندەك نەرسىلەر قويۇغلۇق، بىر ئوقۇغۇچى بىر ماۋسۇمدا 300 بەت ماتىرىيال باسسا، نۇسقالغۇنى 500 بەتكىچە ئىشلەتسە بۇلىدۇ. ئادەتتە ھەممە ئاسپىرانىتلارنىڭ ئۆز فاكولتىتىدا ئوخشاش تىپتىكى مۇلازىمەتلار بولغاچقا بىزنىڭ بۇ مۇلازىمىتىمىزمۇ كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇ يىللىق خام چوتىمىزدا مەن بۇ مۇلازىمىتىزنى ۋە كۈتۈپخانىمىزنى تاقاپ مۇشۇ ئىشلارغا يىلدا ئىشلىتىدىغان 70 مىڭ دوللارنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتەيلى، ئاز بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر سىرتتىكى بىزنىڭ ھەمكارلىق ئورناتقان مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغان بېرىپ قىلسۇن،بىز ئاتچۇت قىلىپ بىرىلى، بولمىسا بىكار پۇل خەجلەيدىكەنمىز دەپ لاھىيە سۇنسام پارلامىنتىمىزدىن ئۆتمەي قالدى ( ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭمۇ پارلامىنىتى بار)، ھا ھا.
مەكتەپتىكى ئامما ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىكى كومپۇتېرلارنىڭ ھەممىسىگە ۋىندوۋس قاچىلاقلىق. لىنىكىس سىسىتىمىنى ئاساسەن كومپۇتېر ۋە ئىنجىنىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ ئىشلىتىدۇ. مىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ئۈچۈن فاكولتىتىتىكى ئىشخانامدا فاكولتىتى بەرگەن بىر كومپۇتېر، ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىدا بىر كومپيۇتېر، ئاندىن ئۆيدە بىرسى بار. ھەممىسى ھەر ۋاقىت 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدۇ. شۇڭا بەزىدە قايسى بىرىدە بولسۇن بىرەر نەرسىنى ئىشلىتىپ ئۈچۈرمەي كىتىپ قالسام ئىككىنچى قېتىم كەلگۈچە ئوچۇق تۇرىدۇ، بەزىدە چ چ ، MSN لارمۇ ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ئوچۇق قالىدۇ. ئامرىكىدا ( ھىچ بولمىسا مەن كۈرگەن يەرلەردە ) ئەزەلدىن كومپۇتېرنى ئۈچۈرمەيدىكەن. مەن دەسلەپ كەلگەندە كۈندە بىرەر سائەتلىك ئىشلەتمىسەممۇ ئۈچۈرۋىتىپ چىقىپ كىتەتتىم، فاكولتىتتىكى ئوقۇچىلار مەشغۇلاتخانىسىدىكى ماشىنىلارنىمۇ ئۈچۈرۋىتىپ چىقىپ كىتەتتىم، كىيىن باشقىلار كىرسە ئىتىگلىك تۇرغان، بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئادەم چاقىرىپ كەلسە ئەسلى ئىتىگلىك. ئىككى ئۈچ قېتىم شۇنداق بولغاندىن كىيىن تېخنىك ئادەم مىنى چاقىرتىپ كومپۇتېرلارنى ئۈچۈرمىسەڭمۇ بۇلىدۇ، لازىم بولغاندا بىز ئۈچۈرىمىز دىدى، شۇندىن كىيىن مەن ئۈچۈرۈپ باقمىدىم،ھەم بىرىنچى يىلى ئۈزەمنىڭ مەخسۇس كومپۇتېرى يوق ۋاختىدا كۈندە 3-4 قېتىم كىرىمەن، بىر قېتىممۇ ئۈچۈرۈلگەننى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇندىن كىيىن ماڭىمۇ خوش يېقىپ كومپۇتېر ئۈچۈرمەيدىغان بولدۇم، ھازىر ئۈيۈمدىكى كومپۇتېرنى ئۈچۈرمىگىلىمۇ ئويلاپ باقسام 6 ئايدىن ئېشىپتۇ. بىر قېتىممۇ ئۈچۈرۈپ باقمىدىم. مەكتەپتە ئاممىۋى ئورۇنلاردا قۇيۇلغان كومپۇتېرلارنىڭ ھەممىسى Dell ماركىلىق كومپۇتېرلار.
مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى ئەتىگەن سائەت 6 دىن كىچە سائەت ئىككىگىچە ئاچىدۇ. ( قاچان ئېچىشىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ بەلگىلەيدۇ) . نۇرغۇنلىغان ئورۇنلاردا ئامما ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپۇتېر قۇيۇلغان، مەن يىڭى كىلىپ ئۈزەمنىڭ كۇمپۇتىرى يوق ۋاقىتلاردا ئاساسەن شۇلارنى ئىشلەتتىم، بىر قېتىممۇ بىكار ماشىنا تاپالماي قالغان ۋاختىم يوق.
مەن تۇرۋاتقان بۇ يەر كىچىكلا مەخسۇس مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىت ئۈچۈن قۇرۇلغان شەھەر، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 28 مىڭ ئەتراپىدا، جەمئى نۇپۇس 35 مىڭ ئەتراپىدا. بىر قەدەر بىخەتەر. بۇ يەردە ئىككەيلەن كۆپ ئىچىۋىلىپ مۇشتلاشسىمۇ ئەتىسى گىزىتكە چىقىىپ قالىدۇ. ئىككى يىل بولدى ئۆيگە قۇلۇپ سېلىپ باقمىدۇق، بۇرۇنقى ياتقان ئۆينىڭ بىرلا ئاچقۇچى باركەن، ئاچقۇ ياسايدىغان يەرگە بېرىپ ( بىز تۇرۋاتقان يەردە ياسايدىغان يەر يوققەن، قوشنا شەھەردە بار، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدەيمىز) ياسىتىپ كىلىش خوشياقماي قۇلۇپ سالمايتتۇق، ھازىر ياتقان ئۈينىڭ ئاچقۇچىنى ياتاقدىشىم بىلەن ئىككىلىمىز ئۈيگە كىرىپ بىر ھەپتىگىچە يۈتۈرۋەتتۇق. شۇڭا شۇنىڭدىن كيىن ئۈينى تاقىمىدۇق ( كۆچۈپ كىرگىلى بىر يېرىم يىل بولدى) . مىنىڭ يەنە بىر ۋېلىسىپتىم بار، ئۇمۇ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، قۇلپىسىمۇ يوق. كۈنۈپ كىتىپتۇق. لېكىن بۇنداق ھالەت چوڭ شەھەرلەردە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەرلىكلەر چوڭ شەھەرلەرگە بارسا دائىم ئالدىنىپ قېلىپ ياكى بىرنەرسىنى ئوغرىغا بېرىپ كىلىدۇ.
يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كەلسە ئەدەپلەپ قارشى ئالىدىغان ئىش يوق ھەم ئاڭلاپ باقمىدىم. ھەم ئامرىكىنىڭ قانۇن تۈزۈمىدە بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيتىمۇ يوق. ساقچىلار بىردەمدە بۇنداق نوچىلارنى جايلاپ قويىدۇ. يىڭى كەلگەنلەرنى بەك ياخشى قارشى ئالىدۇ. ئادەتتە يىڭى ئوقۇغۇچىلار كىلىشتىن 3 ئاي بۇرۇن مەكتەپنىڭ ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك بۈلۈم ۋە كونا ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كومىتىت قۇرۇلۇپ يىڭى كەلگەنلەرنى قانداق كۈتۈۋىلىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مەن ئۇدا ئىككى يىل بۇ كومىتىتنىڭ ئەزاسى بولۇپ خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋىلىش خىزمىتىگە قاتناشتىم. يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن مەكتەپكە كىلىدۇ. بۇ بىر ھەپتىدە مەكتەپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۈپ، مەكتەپنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. مەن بىر ئاي بۇرۇن بۇ يىللىق مەكتەپنىڭ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋىلىش مۇراسىمىدا كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش، ئۇلارغا مەكتەپ ھاياتىغا قانداق ماسلىشىش، مەكتەپنىڭ ھەر خىل مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش، ئالى مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۈتكۇزۇش توغرىلىق يېرىم سائەت سۈزلىدىم. شۇڭا بۇ يىللىق مەكتەپتىكى يىڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مىنى تۇنۇيدۇ. مەن قىلغان بىر چاخچاق بەك ئىسىدە قاپتىكەن، ھازىر ئۇنى تۇنۇش بىلىشلەر Toosoon’s Joke دەيدۇ. (مىنىڭ ئىسمىم تۇرسۇن، بىرىنچى يىلىلا ئاغىنىلىرىم قىززىقچىلىق قىلىپ Toosoon دەپ ئاتايدىغان بۇلىۋالغان).
سۇئاللارغا بىر بىرلەپ جاۋاپ يېزىپ بۇلالماي مۇشۇنداق ئىسىمگە كەلگەنلىرىنىلا يېزىپ قويدۇم.
[...] سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېرئامرىكىدا سورۇندارچىلىقﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ [...]
ئامىركىدىكى ئوقۇش پۇلىنى بۇ يەردىكى بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ، پەرىق قانداقكەن ؟
ماڭا يەنە بىر تەسىر قىلغان يىرى ئۇلار يىڭى ئوقوغۇچىلارغا ياخشى تەربىيلەرنى قىلىدىكەن ، مەكتەپ كۆڭۇل بولىدىكەن ، بۇ يەردىكىسى ساپا مەسىلىسىمۇ قانداق ، بەزى .الى مەكتەپلەردە باللارنى ئىچىۋىلىپ ئەدەپلەيدىغان ، بىر يۇەن تۇتقۇزۇپ نۇرغۇن بىر نەرسە ئەكىردىغان ، يىڭى كىيىم كىچەكلىرنى تارتىۋالىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىىدى دىسە ……………….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزنىڭ يازمللىرىڭىزنى مەن ياقتۇرۇپ كۈرىمەن. ھەتتا تورخانىدا كۈرۈپ بولالماي، ئېلكىتاپقا قاچىلاپ كۈرىمەن. سەلكىن بلوگىدىنمۇ بىرنى ئىلتىماس قىلىپ قويسڭىز. يازمىللىرىڭىزنى كۈرىدىغانلار كۈپەيسە ….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇ سىز!
مەن سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى ياقتۇرپ كۈرىمەن. بەك ياخشى نەرسىلەرنى يازىسىز. سەلكىندىىنمۇ بىر بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىپ قويسىڭىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزنىڭ شىنجاڭ لىنىيىسىدكى بىلوگىڭزنى داۋاملىىق كۇرەتتىم (مىنىڭمۇ بىرسى باتتى شۇنڭدا ھازىر ئو لاتىلار ىمە بولدى بىلمىدىم يوقاپ كەتتى ياخشى ماقالىلانى شۇنۇڭدا ساقلايتىم )
بۇگۇن بۇيەردىن سىزنى تېپىپ بەك خوش بولدۇم ،داۋاملىق ياخشى ماقالىلانى يىزىپ تۇرخۇنىڭزغا كوپ رەخمەت ،
سىز شىجاڭ لىنىيىسنىڭ نىمە بولغانلىغىنى بىلەمسىز ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ياخشىمۇ سىز؟ توردىكى سىزنىڭ يوللانمىڭزنى ئانام ئېككىمىز كۆرۇپ،تۇلۇمۇ ئەستايىدىل ۋە شەخسىيەتسىز خالىس رۇيىڭزدىن تەسىرلەندۇق.مەن مۇ سىزگە ئوخشاش چەتئەلگە چېقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقىم يوقىرى.بۇ يىل ئالى مەكتەپنى( 大专) ئېنگىلىز تېلىدا پۇتتۇرۇپ خىزمەت كۇتۇپ تۇرۋاتىمەن. كەيپىياتىم تۇۋەن،سىزنىڭ يوللانمىڭىز نى ئانام ئېككىمىز كورۇپ ياخشى بىر دوس تېپىۋالدۇق دەپ ئويلىدۇق.ئېختىزادى جەھەتتىن قىيىن مەسلىگە دۇچ كەلدۇق . شۇڭا قىمىەتلىك مەسلەھەتلىرىڭزنى بىرىشىڭزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
رۇزا ھېيتىزغا مۇبارەك بولسۇن.! ئالاقىلىشىپ تورايلى.سىزنى كۇتۇپ ئەلى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيۇشمىنىڭ يىللىق خىراجىتى 400مىڭ دولللار قەيەردىن كىلىدۇ ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىلىكتىكى مۇنازىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يەرگە يىغىنچاقلاپ قويغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەسلىھەت سورايمەن
سىڭلىم مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،بۇ ئۈچۈنجى يىلى ، ئېنگىلىز تىلى 4-دەرىجىگە ئېمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.(ئېنگىلىزچە ئۈگەنگىلى ئۇزاق يىللار بولۇپ كەتتى .ئاساسلىقى ئۇلارغا تولۇقسىز،تولۇق ئورتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئۆتەتتى) (مەن ئۇنىڭغا بۇ قېتىم چوقۇم 4-دەرىجىگە ئېمتىھان بېرىپ ئۆتۈشۈڭ كېرەك ،ئۆتەلمىسەڭ ساڭا سالغان مەبلىغىمنى 10ھەسسە قىلىپ قايتۇرۇۋالىمەن دەپ قورقۇتۇپ قويدۇم ) . 10-ئايدا كورۇسقا قاتنىشىدىكەن . كورۇس تۈرلىرىمۇ كۆپ ئوخشايدۇ. مەخسۇس سۆزلۈك ئۈگىتىدىغان ، مەخسۇس 4-دەرىجىگە تەييارلىق قىلغۇزىدىغان ….دىگەندەك . ئۇ دەيدۇ سۆزلۈك ئۈگىتىغان كورۇسقا قاتنىشىمەن دەيدۇ. مەن دەيمەن 4-دەرىجىگە قاتنىشىدىغان بولغاندىن كېيىن شۇنىڭ مەخسۇس كورىسىغا قاتناشمامسەن دىدىم. بۇ ئىككىمىز ئوتۇرسىدىكى تالاش تارتىش.مەسلىھەت سورايمەن زادى قايسىسىغا قاتناشسا ياخشىراقتۇ؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىز ئۇلارغا قانداق چاقچاق قىلغان بولغىيتتىڭىز ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن قىلغان بىر چاخچاق بەك ئىسىدە قاپتىكەن، ھازىر ئۇنى تۇنۇش بىلىشلەر Toosoon’s Joke دەيدۇ. (مىنىڭ ئىسمىم تۇرسۇن، بىرىنچى يىلىلا ئاغىنىلىرىم قىززىقچىلىق قىلىپ Toosoon دەپ ئاتايدىغان بۇلىۋالغان).
————————————
بۇگەپچە ئامرىكىدىكىلەر سىزنى تۇرسۇن ، ئۇيغۇرلار بولسا jeck دەپ ئاتايدىكەندە ، قىززززززىق .ھى ھى ھى …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
“ Office, Windows, Matlab, Mathematica, Adobe products, Norton دىگەندەك كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى مەكتەپ بىلەن شۇ شىركەتلەر بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ياكى 20-30 % لىك باھادا تارقىتىدۇ. “ .
دەپتىكانسىز. ئەمىسە مەن سىز ئارقىلىق Windows دىن بىرنى ئالاي؟ پۇلىنى بېرەي، بولامدۇ؟ ئۇ دېەگەن رەسمىي نەشىرى دە – ئە، شۇنداق مۇ؟ شۇنداق قىلسام Windows نىڭ ناق نەشىرىنى جۇڭگودىن ئالغانغا قارىغاندا جىق ئەرزان بولىدۇ، شۇنداق مۇ؟ يەپسىلىيرەك جاۋاب قايتۇرۇشىڭىزنى سورايمەن. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن بلوگمنى ئەمدى ئلتىماس قلغان ئدىم،بلوگىم تەھرىرلەش بىتىدە،ئەمدى بەت ئادىرسىمنى باشقىلارغا ئىۋەتسەم تەھرىرلەش بىتى ئچىلىۋالدى ،ياردەم قىلسىڭىز ئەمدى قانداق قىلسام ئەسلى بەت ئچىلىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك بىلوگى ئۆي كۆچۈپتۇ- دە، قانداق جېك، كۆچكىچە نەرسە يۈتتەرمىگەنسىز؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىز بىرئايدىلام 600دوللاردەك چىقىم قىلدىقەنسىز ،بۇيەردە 6~7ئاي خەجلەيمىز،خاخا،
دەرىستىن سىرىتقىي ۋاقىتلاردا بىرەرەيەردە ئىشلەمسىز يا؟ئويدىكىلەرگەمۇراجەت قىلامسىز،ۋايۋۇي ئاتا-ئانىمىز بىرئايلىقماشىنى قاتسا بىرئايلىق خىراجىتىمىزگە يەتمىگىدەكقۇ چەتئەلدە ئۇقىساق؟؟؟مەكتەپتىن ياردەمقىلامدىيا؟خىزمەت تەپبىردىغان ئىشلارباردۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مىنىڭ بلوگۇمدا ئۇلنىش ئۇرنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel