فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار
فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ھازىر ۋەتەندە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ۋە چىقىۋاتقانلارنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاللىشى بولۇپ قالدى. چۇنكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگەر سېلىشتۇرغاندا فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنىڭ چىقىملىرى نىسبەتەن ئاز، ئوقۇش پۇلى تۈۋەن، لېكىن مائارىپ سەۋىسىيە خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردا، رەسمىيەتلىرى ۋە تەلەپلىرى نىسبەتەن ئاددى بولۇپ ئۇيغۇر جەميىتىدىكى بىر ئۈيدە ئىككى ئادەم ئىشلەپ نورمال ياكى نورمالدىن سەل يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىييسىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا قاتلام ئائىلىلەر بىرەر-يۈزمىڭ يۈەن بىلەن بالىسىنى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتەلەيدۇ. فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى ئالدىنقى 4-5 يىلدا تۇيۇقسىزلا كۆپىيىپ كەتتى ۋە فرانسىيەنى ھازىر ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت دىسەكمۇ بۇلىدۇ. ماڭىمۇ يىقىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيەدە ئوقۇشقا ئۇچۇر ئىزدەپ كىلىۋاتقان خەتلەرنىڭ سانى بىردىنلا كۆپىيىپ قالدى. شۇنى نەزەردە تۇتۇپ فىرانسىيەدە ئوقۇش توغرىلىق تورداشلارغا تەپسىلى ئۇچۇر بىرىشنى ئويلىشىپ ھازىر فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان دىلنۇر رەيھان (پۇلات) نى بۇ تۈغرىلىق مەلۇمات بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم.
تەكلىپلىك يازما (guest post) ئاپتۇرى دىلنۇر رەيھان (پۇلات) 2004 -يىلنىڭ ئاخىرى فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. بىر يىللىق فرانسۇز تىلى ئوقۇشىدىن كىيىن، ۋېرسال ئۇنىۋېرسىتىدا بىر يىل سىياسەت ئىلمى ۋە ئالاقە كەسپىدە كەسپى ماگىستىرلىق ئوقۇغان. كىيىنكى يىلى پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە دائىر يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلەرنى باشقۇرۇشتا ئىككى يىللىق كەسپى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، 2008-يىلى پارىژدا بىر يىل پۈبلىسىس ئالاقە گۇرۇھىدا تۈر باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم فرانسىيەدە چىقىدىغان قوش تىللىق ھەپتىلىك گېزىت زامان نىڭ فرانسۇزچە سەھپىسى ئۈچۈن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 2008- يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىتې جەمىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ كۆچمەنشۇناسلىق ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى كەسپى بويىچە تەتقىقات ماگىستىرلىقىنى باشلىغان. بۇ يىل فرانسىيە ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتىدە كۆچمەنشۇناسلىق بويىچە دۇنيادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ھەققىدە دوكتۇرلۇقنى باشلىدى. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ يازما دىلنۇر ئۆتكەن يىلى يېزىپ نەشىرگە سۇنغان ”مانا بۇ فرانسىيە“ ناملىق كىتابنىڭ بىر بابى بولۇپ كىتاب ھازىرغىچە تېخى نەشىرىياتنىڭ ئامبىرىدا ساقلاقلىق. دىلنۇر ئۇندىن باشقا يەنە ئۈتكەن يىل باشقا ئۇيغۇر ۋە فىرانسوز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە 7-ئۇنۋېرسىتىدا ئۇيغۇر مەدىنىيەت كۈنى ئۆتكۈزگەن. ھازىر يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە باشقا شەھەرلەردىمۇ ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى تۇنۇتۇرۇشنى مەقسەد قىلغان پائاليەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا فرانسىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا ياردەم بىرىش، ئۈز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش شۇنداقلا مەكتەپداشلىرىغا ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئوغۇز نامىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى قۇرۇلغان. يەنە بلوگباستا ئاچقان فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ئوچۇرلىرىنى بىرىشنى مەقسەد قىلغان بلوگمۇ بار.
2005-يىلىدىن بېرى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا فىرانسۇز تىلى ئۈگىنىش ۋە فىرانسىيەگە چىقىش دولقۇنى قوزىلىپ كەتتى. بۇندىن ئىلگىرى بولسا، مالايسىيا ۋە ياپونىيە ئاساسلىق نىشانلار ئىدى. مالايسىياغا چىقماقچى بولغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى بۇ دۆلەتتىن ياۋروپاغا ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىشاتتى. 2004-يىلىدىن كىيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئىككى-ئۈچ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا ياردەملىشىش مەركەزلىرى فىرانسىيەگە ۋىزىنىڭ ئاسانلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ، باشقا دۆلەتلەر قاتارىدا بۇ دۆلەتنى بەكرەك ئېلان قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، رايونىمىزدا چەتئەلگە چىقىشقا ئالدىرايدىغان ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇر، لېكىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار باشقۇرۇشىدىكى بېدىك شىركىتى يوق. چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۈرۈمچىدىكى غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان بىر ئىچكىرلىك سودىگەرنىڭ قولىدىكى بېدىك شىركىتى ئارقىلىق ئىش بېجىرىشىدۇ. بۇ شىركەت ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادى تالان-تاراج قىلدى. مەن ئۆزۈممۇ بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ كىتاپتىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەجرىبەمنى يەكۈنلىگەن ئاساستا، بۇنىڭدىن كىيىن چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ دىققىتىگە مۇھىم دەپ قارالغان بىر قانچە ئىش ۋە باسقۇچنى سۇنماقچىمەن.
رەسمىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىش بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاسانلىشىپ كەتتى. بۇرۇن يەنى 2004-2005 –يىللىرىدا، فىرانسۇز تىلىنى مەخسۇس تەستىقتىن ئۆتكەن يەردە ئۈگىنىش ئىسپاتى كۆرسىتىش كېرەك ئىدى. كىيىنكى يىلىدىن ئېتىبارەن، بۇنداق ئىسپاتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پەقەتلا تىل باسقۇچىدىن ئۆتۈشلا سورىلىدىغان بولدى. دېمەككى، تىلنى ئۆزىڭىز ئۈگىنىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بېدىك شىركەتلىرى بۇرۇن بۇ شەرت بىلەن بارلىق ياشلارنى مەجبۇرى ئۆزلىرىگە يىغىۋالاتتى ۋە ئوقۇش ھەققىنى خالىغانچە ئۆستۈرىۋالاتتى. 500 سائەتلىك فىرانسۇز تىلى دەرسى ئۈچۈن 5000 سوم خەلق پۇلى، سىزگە پاسپورت بېجىرىشكە لازىمى بولىدىغان مەكتەپ قوبۇلنامىسى (يالغان) ئۈچۈن 1000 سوم، مەكتەپنىڭ رەسمى قوبۇلنامىسى ئۈچۈن 3000 سوم، بارلىق بېجىرىش ھەققى ئۈچۈن 15000 سوم…قاتارلىقلار. بۇلار تېخى رايون ئىچىدە تۆلىنىدىغان ھەقلەر. بېيجىڭغا بېرىپ يېزىق ئىمتىھانى ئۈچۈن 1000 سوم، ئېغىز ئىمتىھانى ئۈچۈن 1500 سوم، ۋىزا ئۈچۈن 600 سوم ۋە دۆلەت سىرتى ھەققى ئۈچۈن 10000 سوم تۆلەيسىز. تېخى بېيجىڭدا بۇ مەزگىل ئۈچۈن كېتىدىغان ئىككى ئاي ئىچىدىكى ياتاق-تاماق ۋە كىرا ھەققىڭىز بۇنىڭ سىرتىدا.
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىزگە بەش قولدەك ئايان. بۇ قەدەر پۇلنى نورمال ئوتتۇرا سىنىپ ئائىلىلىرى يېنىدىن شارتتىدە چىقىرالمايدۇ. تەڭدىن تولىسى پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، كەلگۈسى ئۈچۈن، تىلىنى چىشلەپ بولسىمۇ، شۇ پۇلنى بىر يەرلەردىن ھەل قىلىپ بېرىدۇ. كىرىمى تۆۋەن ئائىلىلەر بولسا ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ بۇنچىلىك پۇلنى تاپالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەچمەيدۇ.
ئوتتۇرا سىنىپ ئائىلىلىرىنىڭ چەتئەلگە بولۇپ فىرانسىيەگە چىقىشىدا گەرچە نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقىدىن تانالمىساقمۇ، لېكىن، يۇقىرىدا مەن بېرىپ ئۆتكەن سانلاردىن كۆپ ئاز خەجلەپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر بېدىك شىركەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارغاندا شۇ پۇلنىڭ 70% تېجىلىپ قېلىنىدۇ. بىرىنچىدىن تىلنى ئۆزى ئۈگەنسە بولىدۇ. خەنزۇچە نۇرغۇن چەتئەل تىللىرىنى ئۈگىنىش كىتاپلىرى بار. مەن ئۆتكەن يىلى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە-فىرانسۇزچە تىل قوللانمىسى تۈزۈپ چىققان ئىدىم. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا نەشىرگە تاپشۇرغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى، تا ھازىرغىچە نەشىردىن چىقىپ بولالمىدى. ئەلۋەتتە، ئەگەر بالدۇرراق چىققان بولسا، بىردىنبىر ئۇيغۇرتىلىدىكى فىرانسۇزچە ئۈگىنىش كىتابى بولغان بولاتتى ۋە بىزنىڭ بارغانسېرى چاڭقاۋاتقان ئۇسسۇزلىقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ قاندۇرغان بولاتتى.
دەرھال قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش تىل ئۈگىنىش بىلەن بىرگە، فىرانسىيەدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالدىن قوبۇلنامىنى تاپشۇرىۋىلىش. بۇ جەرياندا ئەلۋەتتە پاسپورت بېجىرىش لازىم. مەكتەپكە يازىدىغان خەت ۋە پاسپورت بېجىرىشقا كېتىدىغان قوبۇلنامىنى ئېلىش ئۈچۈن، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلەشسە ۋە مەسلىھەت ئالسا بولىدۇ. بۇ ئىشلارغا ھەقسىز ياردەملىشىش ئۈچۈن، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ قۇرۇلدى. توردىن بۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلەشكىلى ۋە كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا بىۋاستە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تىل ئۈگىنىشنى باشلىغاندىن كىيىن، دەرھال فىرانسۇز تىلى ئىمتىھانىغا توردىن تىزىملىتىش كېرەك. فىرانسىيە مائارىپ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خەنزۇچە تور بېتىگە كىرىپ، ”پاستەل“ تىزىملىتىش بۇرجىكىگە تىزىملىتىسىز. يەنى خۇددى توردىن بىر ئىلخەت ئادىرىسى ئاچقاندەك ئۆزىڭىزنىڭ پاستەل ئادرىسىڭىزنى ئاچىسىز. ھەرقېتىم پاستەل ئادىرىسىڭىز ۋە مەخپى نومۇرىڭىز بىلەن پاستەل بۇرجىكىڭىزگە كىرىپ، فىرانسىيە مائارىپ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سىزگە ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز. يەنە بۇ بۇرجەكتىن فىرانسۇز تىلى ئىمتىھان مەزگىلىنى تاللايسىز ۋە كۆرسەتكەن ئادىرىسقا ئىمتىھان تىزىملىتىش ھەققىنى ئەۋەتىپ بېرىسىز. بارلىق كېرەكلىك ئادېرىسلار بۇ كىتاپنىڭ ئاخىرىغا تىزىلدى.
ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن، ئەگەر پاسپورت بېجىرىلىپ، مەكتەپنىڭ قوبۇلنامىسى كەلگەن بولسا، بېيجىڭغا ئىمتىھاندىن ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىپ تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. ئىمتىھان ۋاقتى، ئورنى پاستەل بۇرجىكىڭىزدە ئېنىق كۆرستىلگەن بولىدۇ ۋە ئىمتىھاندىن كىيىن نەتىجىسىنىمۇ بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. يەنە مۇشۇ بۇرجەكتىن ئېغىز تىلى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىسىز ۋە ئىمتىھان ھەققىنى ئەۋەتىسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ جەريانلار قىيىن ئەمەس، ئۆزىڭىز قىلىپ كېتەلەيسىز. ئەگەر مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىز، ئوتتۇرىدا 25000 سوم پۇل تېجىلىپ قالىدۇ ۋە بۇ پۇلنى بېكاردىن بېدىكلارغا ئەمەس بەلكى فىرانسىيەدىكى خىراجىتىڭىز ئۈچۈن ئىشلىتىسىز. ئېغىز تىلى ئىمتىھانى ئۈچۈن سورايدىغان سوئاللار ئاساسەن ئوخشاش. بۇ سوئاللارنى فىرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تور بېتىدىن تاپالايسىز ۋە شۇ پېتى يادقا ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ۋىزا قولغا كەلگەندىن كىيىن، يەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، فىرانسىيەگە كەلگىنىڭىزدە ئالدىڭىزغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ سىزگە بىر نەچچە كۈنگىچە ياردەمدە بولىدىغان بىرىنى تاپالايسىز. پەقەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا بېدىك شىركەتلىرىگە 10000 سوم تۆلەيتىڭىز، لېكىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېكاردىن-بېكارغا مۇشۇنداق يوق يەرلەرگە پۇل تۆلىمەسلىكى ئۈچۈن، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ، يېڭى كېلىدىغانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەملىشىشنى قارار قىلىشقان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ياردىمىنى سوراش كېرەك.
ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچارراق، لېكىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇپ كېتىشكە ۋە جاپانى كۆتۈرۈشكە كۆزى يەتكەن ئىرادىلىك ۋە ھەقىقى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قولىدىن كېلىشىچە فىرانسىيەگە كېلىشىگە ياردەم قىلىدۇ. كېلىشى بىلەن ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىغاندىن كىيىن، بىرەر خىزمەت تېپىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا كېلىشتىن بۇرۇن ئامال بار تىلنى ياخشى ئېگەللەش كېرەك. چۈنكى تىل بىلمىسىڭىز، كېلىپلا ئىش تېپىشىڭىز مۈمكىن ئەمەس، تاپسىڭىز بەلكى بىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئاشخانىلىرىدا قاچا يۇيىدىغان ئىش تېپىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن شارائىتى ناچار ۋە قاقتى-سوقتى قىلىنىش پۇرسىتىڭىز كۆپ بولىدۇ. ئىش تېپىلغاندىن كىيىن، چوقۇم ئىرادىڭىز بويىچە بىر تەرەپتىن شۇ جاپالىق ئىشنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىزىملاتقان ئەرزان تىل مەكتىۋىڭىزگە قارىماي ئۆزىڭىز كۈتۈپخانىلەرگە بېرىپ دەرس تولۇقلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئالدىنقى باپلاردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، فىرانسىيەدە پەقەت ئىككى يىللا تىل ئۈگىنىش پۇرسىتىڭىز بار. ئەگەر ئىككى سائەتلىك ئەرزان تىل مەكتىۋىگە تىزىملىتىپ قويۇپ، ۋاقتىڭىزنى رېستورانلاردىكى تاماق توشۇش ياكى قاچا يۇيۇش ئىشىغا بېرىۋەتسىڭىز ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە تىلنى ياخشى ئۈگىنەلمىسىڭىز، كەسىپكە كىرگەندىن كىيىن قاتتىق قىينىلىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپقان پۇلىڭىز تۇرمۇش خىراجىتىڭىزگە ئاران-ئاران يېتىدۇ. يەنى نورمال فىرانسۇز ھاياتىدا ياشاشقا ھەرگىز يەتمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر ئىقتىساددىن ئامالىڭىز بولمىسا، ئەڭ بولمىدى دېگەندە، ئىشلەپ چىقىپ دەرسنى چىڭ تۇتقىدەك ئىرادىڭىز ۋە ۋىجدانىڭىز بولۇشى كېرەك. ئەگەر جاپادىن قورقسىڭىز، يانچۇقىڭىزنى توملاپ كېلىپ، ئىشلىمەي پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ئوقۇشقا بەرسىڭىز بولىدۇ. كەسىپكە كىرىپ ئۇدا ئىككى يىل سىنىپ قالسىڭىز، ھۆكۈمەت كەشىڭىزنى دەرھال توغرىلاپ، دۆلىتىڭىزگە يولغا سېلىپ قويىدۇ. شۇڭا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ھەرگىز سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ ئوتتۇرا سەۋىيىلىك ئائىلىلەر ئۈچۈن، قاتتىق ئويلىشىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلى ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ قارار چىقىرىش كېرەك. ئىرادىلىكلا بولىدىكەن، قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ.
مەكتەپلەرنى تاللاشتا، باشتا پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن، ھەرقانداق مەكتەپنىڭ قوبۇلنامىسى بولىۋېرىدۇ، بۇنىڭدا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ياكى ئەنسىرەيدىغان ئىش يوق. لېكىن ۋىزا ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان رەسمى قوبۇلنامە فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مەكتەپلىرىدىن ئېلىنغىنى ياخشى. بولۇپمۇ كىچىك شەھەرلەرنىڭ قوبۇلنامىسىنى ۋە بۇ ئارقىلىق بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىدىن ئوقۇش ۋىزىسىنى ئېلىش ئاسانراق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بېيجىڭدىكى فىرانسىيە ئەلچىخانىسى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا پارىژ مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشتىن ساقلانغان ياخشىراق.
پارىژ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قىممەت شەھەرلەردىن بىرى. ھەممىدىن قىممەت بولغىنى ئۆي كىراسى ۋە قاتناش ھەققى. ئۆي تېپىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش. گەرچە ھۆكۈمەت ئۆي كىراسىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك كۆتۈرسىمۇ لېكىن يەنىلا قىممەت توختايدۇ. پارىژ شەھەر ئىچىدە 20 رايون بولۇپ، 18، 19 ۋە 20-رايونلار ئاممىۋى ئەرزان رايونلار ھېساپلىنىدۇ. 16-رايون پارىژنىڭ بۇرژۇئازلار رايونى بولۇپ، ئەڭ قىممەتچىلىك قىسمىدۇر. شۇنداقتىمۇ ئوتتۇرىچە ھېساپ بىلەن 15 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر بىنا ئۆينىڭ ئايلىق كىراسى ئاز دېگەندە 500 ياۋرو بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئۆي ياردەم پۇلى ئادەتتە 200 ياۋرو ئەتراپىدا بولىدۇ. تېخى بۇ ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن، ئۆي بېدىك شىركىتىگە ئاز بولغاندا بىر ئايلىق، بولمىسا ئىككى ئايلىق كىرا ھەققىگە توغرا كەلگۈدەك بېدىك ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. ئۇندىن باشقا، يېڭى ئۆيگە كىرگەندە توختام ئۈچۈن، ئالدىن ئىككى ئايلىق ئۆي كىراسى تۆلەش كېرەك.
پارىژ رايونى سەككىز قاتناش رايونىغا بۆلۈنىدۇ. پارىژ شەھەر ئىچى بىرىنچى قاتناش، باشقىلار پارىژغا يىراق-يېقىنلىقىغا ئاساسەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى…سەككىزىنچى قاتناش رايونلىرىغا بۆلىنىدۇ. پۈتۈن فىرانسىيەدە 100 ۋىلايەت، 27 ئۆلكە بار. پارىژ رايونى پارىژ ئۆلكىسىدۇر، لېكىن ۋىلايەتلەر ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ قىسقىلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئۆلكە بەكرەك دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەر رايونىغا ئوخشايدۇ. ھەربىر ۋىلايەتنىڭ نومۇرى بولىدۇ. پارىژ ئۆلكىسى پارىژ شەھەر ئىچى (75-ۋىلايەت)، سەينا ۋە ماغنى (77-ۋىلايەت)، ۋېرسال شەھرىنى مەركەز قىلغان ئىۋلىن (78-ۋىلايەت)، ئېسسون (91-ۋىلايەت)، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ باي ۋىلايىتى يۇقىرى سەينا (92-ۋىلايەت)، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ يامان ئاتىقىنى ئالغان سەينا سەڭ دۆنى (93-ۋىلايەت)، ۋال دۆ ماغنى (94- ۋىلايەت) ۋە ۋال دوئاز (95-ۋىلايەت) قاتارلىق بىر نەچچە ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارىژ ئۆلكىسىدىكى بۇ ۋىلايەتلەر ئارىسىدا مېترو، ئاپتوبۇس، كېچىلىك ئىسمىنالىق ئاپتوبۇس، شەھەر ئىچى پويىزى ۋە تىرامۋاي قاتنايدۇ. پارىژ دۇنيادىكى قاتناش سېستىمىسى ئەڭ تەرەققى قىلغان بىر شەھەردۇر. پارىژ ئۆلكىسىدىكى 75تىن باشقا ۋىلايەتلەر فىرانسۇزچە ”باڭلىيۆ“ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇيغۇرچە شەھەر ئەتراپىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆينى پارىژ شەھەر ئىچىدىن ئالماي، شەھەرگە يېقىن باشقا ۋىلايەتلەردىن تاپسا ئەرزانراق بولىدۇ. قاتناش ھەققى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى رايونلۇق بېلەت ئېلىش كېرەك. 26 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار يىللىق قاتناش كارتىسى بېجىرەلەيدۇ ۋە 93 -ياكى 94-ۋىلايەتلەردە ئولتۇرغان بۇ ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەت يىللىق قاتناش كارتا ھەققىنىڭ يېرىمىنى كۆتۈرىۋىتىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالى مەكتەپلەر پارىژ ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولىدۇ. پارىژ 8-ۋە 13-ئۇنىۋېرسىتلىرى سەينا سەڭ دۆنى ۋىلايىتىدە، پارىژ 10-ئۇنىۋېرسىتى يۇقىرى سەينادا، پارىژ 11- ئۇنىۋېرسىتى ئېسسوندا، پارىژ 12- ئۇنىۋېرسىتى ۋال دۆ ماغنىغا جايلاشقان. پارىژ ۋىلايىتىدىن قانچە ئۇزاقلاشقانسېرى ئۆي كىراسى شۇنچە ئەرزان بولىدۇ ۋە رايون سانى ئېشىپ قاتناش ھەققىمۇ ئۆسۈپ بارىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەكتەپكە يېقىن يەردىن ئۆي تاپقان تۈزۈك.
فىرانسىيەدە 26 ياشتىن تۆۋەنلەر بەھرىمان بولىدىغان نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر بار. قاتناش، كىنو-تىياتىرلارنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چۈشۈرۈلىدۇ. فىرانسىيە ئىچى ۋە سىرتىدا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق پويىزلار ئۈچۈن، ياشلار پويىز كارتىسىنى ھەر يىلى 50 ياۋروغا سېتىۋالغىلى ۋە پۈتۈن يىل بويىچە خالىغان شەھەرگە يېرىم باھا بېلەت ئالغىلى بولىدۇ. پارىژغا ھەپتە ئاخىرىدا ساياھەتكە كەلگەن 26 ياشتىن تۆۋەن ياشلارغا بىر كۈنلۈك قاتناش بېلىتى ئۈچ ياۋرو بولسا، نورمال ئەھۋالدا ئالتە ياۋروغا توختايدۇ. كىنو بېلىتى نورمالدا ئوقۇغۇچىلارغا 8 ياۋرو بولسا، 26 ياشتىن تۆۋەنلەرگە تۆت ياۋرو بولىدۇ.
فىرانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى پىراۋا ئېلىۋىلىش كېرەك. چۈنكى ياۋروپادا پىراۋا ئېلىش ئىنتايىن قىيىن ۋە قىممەت. ئوقۇغۇچىلار كېلىپلا پىراۋىسىنى ساقچى ئىدارىسىدە تەڭشىتىپ، فىرانسىيە پىراۋىسىغا تېگىشتۈرۈش كېرەك. كېلىپ بىر يىلغىچە ئالماشتۇرمىسا، كىيىن نەزەرگە ئېلىنمايدۇ.
خەنزۇچە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرچىنى ئوبدان ئۈگىنىپ كەلگىنى ياخشى. چۈنكى فىرانسىيەدە كۆپ تىل بىلگەنلەر ناھايىتى ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەنلەر شەخسى مۇناسىۋەتتە بەك قارشى ئېلىنىپ كەتمەيدۇ.
فىرانسىيەدە بىر دىپلوم ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، كاناداغا كۆچمەن بولۇش ئىنتايىن ئاسانلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ كانادانىڭ فىرانسۇز تىلى ئۆلكىسى بولغان كېبەك فىرانسۇز تىلى بىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ناھايىتې تېز ئالىدۇ.
Jeck ئىلاۋىسى: پېقىر دىلنۇر يېزىپ بەرگەن يۇقىرقى ئۇچۇرلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ لازىم ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ دىلنۇردىن تۈۋەندىكى مەسىلىلەر توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مەلۇمات بىرىشنى سورىدىم.
1. ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى قانچىلىك؟ يەنى خەلق پۇلىدا قانچىلىك بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇللىرى پەرىقلىنىدۇ،ئوتتۇراھال بولغان ئوقۇش پۇلىنى ئۈلچەم قىلسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا بولسا تۈرلەرگە بۆلۈپ تەپسىلى يېزىپ بەرسىڭىز، مەسىلەن باكلاۋۇر، ماگىستىر، دوكتورئوقۇشلارنىڭ پۇللىرى قانداق. ماگىستىر، دوكتور ئوقۇشلىرىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بارمۇ يوق، ئىرىشىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك.
2. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپراق ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەر قايسى؟ ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇللىرى قانداق؟ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى قانداق. بىللە تۇرىدىغان ئۆيلەردە بىر ئادەم ئادەتتە نەچچە پۇل كۆتىرىدۇ.
3. باكلاۋورلۇق ياكى ماگىستىرلىقنى مىسال ئېلىپ بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭدىن ئايرىلىپ ( تىل مەكتەپتە ئوقۇسا ئۇنىمۇ ئويلىشىپ) ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپقۇچە قانچىلىك پۇل كىتىدۇ؟ زۈرۈر خىراجەتلەرنىلا ئويلاشسىڭىز بۇلىدۇ.
4. ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلىگىلى بولامدۇ؟ ئىش تېپىش پۈرسىتى قانداقراق؟ ئوقۇشقا تەسىر يەتكۈزمەي ئىشلسىە ئايدا قانچىلىك پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ، مۇشۇلارنى 3-سۇئالدا ھىساپلانغان چىقىملاردىن چىقىرۋەتسەم بىر ئوقۇغۇچى ئاز دىگەندەك قانچىلىك پۇل بولغاندا فىرانسىيەدە ئوقۇشنى ئويلاشسا بۇلىدۇ.
بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كىيىنكى يازما فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى دىن كۆرگەيسىز.
[...] بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى, ئىتالىيەدىكى [...]
[...] بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى, ئىتالىيەدىكى [...]
[...] بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار [...]
[...] بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى ,ئىتالىيەدىكى [...]
[...] ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ئىتالىيەدىكى ئىلمى مۇنازىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار [...]
[...] بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار [...]
[...] بۇ بلوگدا تەكلىپ بىلەن يازغان يازمىلىرىدىن يەنە فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار، فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى قاتارلىقلار [...]
MAN PIRAZZUZQA OGUNIWATIMAN !PASPORT BIJIRIXIM KIRAK IDI得办理护照
YARDAM KILSAG LAR!!!!RAHMAT!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
MURAD Reply:
يانۋار 22nd, 2011 at 17:47
@MURAD,刚忘提醒了 我的电子邮箱 muratjian@163.com 希望得到你们的帮助!!!谢谢
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ يىل ئڭچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. مېنىڭمۇ كېلەر يىلى فىرانسىيەگە چىقىش ئويۇم بار ئىدى، لېكىن يولنى قانداق بېسىش ۋە قانداق تەييارلىق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭەىراپ قالدىم. بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كەتتىم. مۇمكىن بولسا فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستلاردىن بىرەرسىڭلار ئېلخەت ئادرېسىڭلارنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار ياكى sahraboy@gmail.com غا بىر ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولساڭلار تۇلىمۇ خوشال بولار ئىدىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نۇر ۋە سادا ……سالامەتكەن بۇ قىز….ئاخىرى غەلبە قىلىپتۇ تەبركلەيمەن…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] يازما ئالدىدا برىلگەن فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار دىگەن تىمىنىڭ داۋامى بولۇپ ، شۇ يازمىنىڭ كەينىدە [...]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتىك تورداشلار.
مەنمۇ فىرانسىيەگە كەلگلى 1 ئاي بولدى. ھىس قىلغىنىم شۇ بولدىكى تىل يېڭىش ئەڭ تەس بولغان بىر مەسىلە ئىكەن. ئەگەر تىل شارائىتىڭىز ياخشى بولسا پۇل تېپىپ ئىشلەش ئۇقۇشنى تەڭ ئېلىپ مېگىش شارائىتى تامامەن باركەن.
مەن شاڭخەيدىكى بىر شىركەت ئارقىلىق ماڭغان، چىقىش جەريانىدىكى شىركەت ھەققى 13000،يۇقىرىدا ھەدىمىز تىلغا ئالغاندەك ئۇششاق رەسمىيەت پۇللىرى 10000،بېلەت پۇلى 5000 تېيارلىك قىلىپ خەجلىگەن پۇللار 5000، يېنىمدا ئېلىپ چىققىنىم 30000مىڭ جەمىي 60000خەلق پۇلى بولدى. ئىنشا ئاللاھ، مۇشۇ 30000مىڭدىن 20000مىڭنى تىلغا تۆلىدىم، قالدى 10000مىڭنى تېجەپ ئىشلىتىپ 4،5ئاي ئىچىدە خىزمەت تاپقىدەك تىل شارائىتى ھازىرلاش خىيالىم بار.
RENNES دەپ بىر شەھەر بار، تىل ئۆگۈنۈش پۇلى 6000خەلق پۇلىكەن. تۇرمۇش پۇلىمۇ قىممەت ئەمەسكەن، كىيىن كىلىشنى ئويلىغان باللار ماتىرىيال كۆرۈپ باقسا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەكبەر Reply:
ئۆكتەبىر 31st, 2010 at 16:54
Siz Digen 6000 Ming Yuen Kanchilik Vakit Vahtini Eskertip Koygan Bolsigz ?:-)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر. فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىش ئىنگىلىزتىلىدىن ئاسانراقمۇ ياكى قىيىنمۇ ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Blog » Blog Archive » فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار…
فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ھازىر ۋەتەندە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ۋە چىقىۋاتقانلارنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاللىشى بولۇپ قالدى. چۇنكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگەر سېلىشتۇرغاندا فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنىڭ چىقىملىرى نى…
timining ahirini izqilturda saklap koriman!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلغان ئەجرىڭىز ئۇنتۇلمىغۇسى... سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر... ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇ يول گەرچە جاپالىق بولسىمۇ بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىزنى ...
بۈگۈن تۇيۇقسىزلا بۇ بىلوگنى زىيارەت قىلىپ قالدىم.مەڭگىنۇرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇغىنىمدا ،ئىسىمگە ئۇنۋېرسىتىمنىڭ 3-يىلى كەلدى.ئىسىمدە قېلىشىچە،مەن بۇ يازمىنى ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ...
@قۇربانجان, ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قۇربانجان!ئوقۇشقا چىقماي تۇرۇپلا كۆپ ئىشلاردىن ئەنسىرەشكە باشلاپسىز،مەنچە،ئوقۇشنى نىيەت قىلغان شۇ قەلبىڭىز تەۋرەنمىسىلا قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش يوق.ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىزلا بولسا ...
مەن قۇدرەت ئاكام (گەرچە ئۆز ئاكام بولمىسىمۇ) بىلەن رادىئودا ئۆتكۈزۈلگەن سوھبەتنى ئاڭلىغان.ھەتتا تەكرا-تەكرار ئاڭلىدىم.ھازىرمۇ بەزى چاغلاردا ئاڭلاپ قويىمەن.ماڭا شۇنداق تەسىر ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەڭگۈنۇر ھەدە ۋە تورداشلار! بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى(türkiye bursları)يۇزتۇرانە ئىمتاھانغا باردىم(ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن)، خىلى ياخشى بولدى. ئوقۇش ...
@مۇرات ئابدۇغەنى, بىز پىكىرلەشسەك بوپتىكەن. چچ: 353599906
كامېرىنوغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بولسا كوت-كوت نۇرمۇرىمنى قېتىڭلار. 353599906
رەخمەت قېرىندىشىم ئۇيغۇر رىمىزنى دۇنياغا تۇنۇلدىرايلى ھەممىمزى بىرلىكتە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel