باشبەت » Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, چەتئەلگە چىقىش

ياپونىيەگە نەزەر

17 ماي 2011 1,960 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس

بۇ مىھمان يازمىسى (Guest Post)  شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. تۇردى لېتىپ ئەپەندى ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ ئۆز ۋاختىدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتوتىنىڭ ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، كىيىن شېنجېندا ۋە ياپۇندا ئىشلىگەن.  2006-يىلى شىنجاڭدا ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. تۇردى لېتىپ ئەپەندى توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مەن ۋە مەن ئىشلىگەن سىستىما , مىنىڭ كەسپىم دىگەن تىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز تۇردى لېتىپ يازمىلىرى توپلانمىسىنى ئوقۇڭ.

ياپونىيەگە نەزەر

شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى
تۇردى لېتىپ

مۇقەددىمە ئورنىدا

ياپونىيە ئەزەلدىنلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئەل، ياپونىيە زىمىنى ياكى ياپون مىللىتى تىلغا ئېلىنسا، تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، تېخنىكىسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شۇنداق بىر «تەمتۇزى كۈچلۈك» مىللەت ئوبرازى نامايان بولىدۇ.
مەيلى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە قارشى ئېلىنىشىدىن بولسۇن ياكى ماشىنىسازلىق جەھەتتە ياپونىيە ئاپتوموبىللىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە يېتىپ بارالىشىدا بولسۇن، ياپونىيە خەلقىنىڭ تىرىشچان، ئىجتىھات بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ۋە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەس مۆجىزىلەرنى يارىتالىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپلا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى قەۋمنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولغان.
ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشچانلىقى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ يۇز ئابرويىنى قوغداشىتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداشىتىكى تۇغما خاراكتېرى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتپەرۋەر كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ.
يېقىنقى ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە، ياپونىيە يەنە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن خىزمەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، پەقەت تىرىشىش ئىرادىسى بولسىلا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ بولىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان ياش ئىزدەنگۈچىلەردە ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيەگە بېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ، دۆلتىمىز ياشلىرى ئۈچۈن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ ئەللىرىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە بېرىشنىڭ ئالدىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە تۇنجى ئاساسىنى تىكلەشتە ياپونىيە كۆۋرۈكلۈك ئورۇن بولۇپ قالدى.
ياپونىيەلىكلەرنىڭ تولىمۇ قائىدىلىك، پرىنسىپلىق، ئىلمىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىجتىمائىي مۇھىتى كۆپلىگەن ياش ھەۋەسكارلارنىڭ قىبلىگاھىغا ئايلىنىپ قالدى. ياپونىيەلىكلەرنىڭ باشقا ئەللەرگە كۆپلەپ ساياھەتكە چىقىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كەڭ قوللىقى نۇرغۇنلىغان ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ روناق تېپىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ، ياپونىيەلىكلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە سەيلى ساياھەتتە بولۇشى تولىمۇ قۇلاي، قارشى ئېلىنىشلىق ئىشقا ئايلاندى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ياپونىيەلىكلەرنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشى، چەتئەلدە زاۋۇت، كان-كارخانا قۇرۇشى زور قوللاپ-قۇۋەتلەشلەرگە ئېرىشىلدى. ياپونىيە خەلقىنىڭ يەر شارىلىشىش قەدىمىي ناھايىتى يېپىق ھالدا، بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى.
ياپونىيە، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن 11-مارت دەرىجىدىن تاشقىرى تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلى، يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل دۇنيانىڭ  دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ تەغدىرى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر دېگەن سوئال دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئويغا سالدى ۋە ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك قىياسلار مەيدانغا كېلىپ، ياپونىيەنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىپ بېقىشىمىزغا سەۋەپ بولدى.

ياپونىيە قانداق زېمىن
ياپونىيە، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىدە، تىنچ ئوكيانغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن ئارال دۆلەت. چوڭ-كىچىك ئاراللار بولۇپ، شىمالدىن جەنۇپقا 3000 كىلومېتىرچە سوزۇلغان بۇ زېمىن، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكى ئوتتۇرىسىغا سېلىغان تەبىئىي توساق-پاسىلدەك شەرقى دېڭىزدا توغىرسىغا سۇنايلىنىپ ياتىدۇ. تۆت چوڭ ئارالغا بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا تۇتۇشۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى خەرىتىدىن كۆرسەك تىنچ ئوكيانغا ئالدىنى قىلىپ، تىنىمسىز ئۈزۈپ كېتىۋاتقان سەقەنقۇر (海马) غا ئوخشىتىش مۇمكىن.
ياپونىيەنىڭ ھاۋا كېلىماتىدا تۆت خىل ئىقلىمنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت، سىبىرىيە بىلەن ئوخشاش مېردىئانغا توغىرلىشىشىدىغان شىمالىي ئۇچىدىكى خوككايدو (北海道) دا ياز پەسىلدىمۇ قار ئېرىمەيدىغان سوغۇق ئىقلىم دەۋىر سۈرسە، جەنۇپ تەرىپىدىكى ئوكىناۋا (冲绳) دا بولسا، خۇددى جەنۇبىي ئاسىيادىكى تروپىك بەلباغ ھاۋا كېلىماتىغا ئوخشاش يىل بويى ئىسسىق بولىدۇ، ئەزەلدىنلا قار ياغمايدۇ.
تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن ئورالغان بۇ ئۇزۇنچاق زېمىندا ھېچقانداق تەبىئىي بايلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. نە يەر ئاستى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىي بايلىقىدىن، نە دېڭىز قاتنىشى ياكى تەبىي ئىكىلوگىيىلىك بايلىقتىن ئەسەر يوق، پەقەت ۋە پەقەت شۇ پايانى كۆرۈنمەس چەكسىز كەتكەن دېڭىزلا ياپونىيەنىڭ بىردىن بىر بايلىقى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ بۇرۇنقى ئەۋلادىنى دېڭىزغا تايىنىپ بېلىقچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ھەر كۇۋادىرات كىلومېتىرىغا 335 كىشى توغرا كېلىدىغان بۇ زېمىندا نوپۇسنىڭ زىچلىغىدىن دېھقانچىلىق- تېرىقچىلىق ياكى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. يەنە ئۇ يەردە يىل-ئاي ئاتلاپ، پارتىلاپ قالىدىغان يانار تاغ، ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولىدىغان يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ئاپەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ.
تۆت ئەتراپىنىڭ دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرۇشى سەۋەپلىك ھاۋا كېلىماتىنىڭ دېڭىز سۇيىنىڭ پارلىنىشىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرۇشى بىلەن تەبىئىي پارنىك مۇھىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ زىمىندا ئىنسان ياشىشىنىڭ ھېچ بىر ئارزۇلىغىدەك يېرى يوق. تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھاۋاسى تولىمۇ ساپ، دېڭىز سىيپاپ كەلگەن نەمخۇش ھاۋا ئېقىمى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا تېگىشلىك پايدىسىنى كۆرسەتكەن، كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تېخىمۇ تىرىشىشىغا تۈرتكە بولغۇدەك ئاسايىشلىق زېمىن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ياپونىيە يارىلىشىدىنلا راھەت پاراغەت سۈرىدىغان يۇرت ئەمەس، بۇ زېمىنغا ئاياق باسقان كىشىنىڭ كېچە- كۈندۈز تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلىشىدىن باشقىغا ئامالى يوق. شۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈن بەلكىم تېخىمۇ شۇنداق، شۇڭىمۇ ياپونىيەلىكلەر كىچىكىدىن تارتىپلا تولىمۇ تىرىشچان، تولىمۇ تېجەشلىك، تولىمۇ پىلانلىق، تولىمۇ ئەستايىدىل ياشاشقا ئادەتلەنگەن.

ياپونىيەنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى توغرىسىدا
ياپونىيە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش دەۋرىدىن باشلاپ كىچىك بەگلىكلەرنىڭ بىرلىشىپ بىر پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئىچكى قىسىمدىكى تەبىئىي بايلىق قىسلىقىنى سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر مەھەل تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ تاكى 1945-يىلى ئامېرىكىنىڭ يادرو بومبىسى ئارقىلىق جازالىشى نەتىجىسىدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى مەجبۇرىي ئاخىرلاشتۇرغان.
ئەينى چاغدا، كېڭەيمىچىلىكتە تولىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بىلەن ئەجەللىك زىيان تارتىپ ئامالسىز ياۋاشلاپ قالغان. مەيلى خالىسۇن خالىمىسۇن ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىشقا مەجبۇر بولغان.
ياپونىيەدە ئورنىتىلغىنى ئامېرىكىچە دېمكراتىيە- دۆلەت مەجلىسى (国会) دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، ئەمەلىي يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك سىياسەتلەرنى ئاۋام پالاتا (参议院) ئاساسىدا قۇرۇلۇپ چىقىلغان ئىچكى كابىنېت (内阁)  ئورۇندايدىغان، ئالىي سودىيە مەھكىمىسى (最高裁判所) نىڭ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق يۈرگۈشىدىكى خىلاپلىق قىلمىشلارنى سوتلاش ھوقۇقى بولىدىغان ئۈچ قۇتۇپلۇق نازارەت ئاستىدىكى تەڭلەشمە سىياسىي تۈزۈلمە ئىدى. پادىشاھ خۇددى ئەنگىلىيە خان جەمەتىگە ئوخشاش خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوبراز، «خان ئالىيلىرى» ئاتىقىلا قالدۇرۇلغان.
خەلقنىڭ دەردىگە بىۋاسىتە دەرمان بولۇپ، خەلقنىڭ پىكرىنى بىۋاسىتە ئاڭلايدىغانغا كېڭەش پالاتا تەشكىللىنىپ، خەلقنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ئارقىلىق ئەزالىرى سايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازغا قويۇپ قارار چىقىرىش ھوقۇقى كېڭەش پالاتانىڭ قولىدا بولىدۇ. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم يېرىمى دېگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئاۋام پالاتا (众议院) ئاساسەن ھەرقايسى پارتىيىلەرنى تەشكىل قىلغان سىياسىيونلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى بولۇپ، ئاۋام پالاتادا ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلغۇچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى دۆلەتنىڭ زۇڭلىسى- باش ۋەزىرى بولىدۇ. باش ۋەزىرنىڭ ئىچكى كابىنېت يەنى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقى بولىدۇ. مالىيە، دۆلەت تۇپرىقى ۋە قاتناش، مائارىپ، تاشقى ئىشلار، ياشانغانلار ئىشلىرى قاتارلىق چوڭ تارماقلارغا قوشۇمچە ۋەزىر تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق سىياسەت كېڭەش پالاتانىڭ ئاۋازغا قويۇپ قاراپ چىقىلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۆلەت پارلامىنتىغا سۇنۇلىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت پارلامىنتى، ئىچكى كابىنېتلىق ھۆكۈمەت ۋە ئالىي سودىيە مەھكىمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قۇتۇپلۇق سىياسەت تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلۇپ، بىر ئىشنى ئۈچ كىشى قارار چىقىرىدىغان ھالەتتە ھوقۇق تەقسىملىنىدۇ.
ياپۇنىيەدىكى پادىشاھلىق تەختى پۇتۇنلەي سىموۋۇللۇق خاراكتىرىگە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، پادىشاھ جەمەتىدىن ئەڭ چوڭ ئوغۇل پەرزەنت شاھزادە بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. پەقەت ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ چوڭ قىز پەرزەنتنى خانىش قىلىش ھازىرغىچە تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرماقتا. ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان پادىشاھ ياپۇنىيە يەرلىك مەدەنىيىتى، ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئادىمىي ئەخلاق پەزىلەت، بايلىققا ئىگە بولۇش جەھەتلەردە ياپونىيەلىكلەرگە ئۈلگىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ياپونىيەلىكلەرنىڭ روھى ئوزۇقى، ئەجداتلار ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلاھىي ئابىدە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. باش ۋەزىر ھوقۇق تاپشۇرىۋېلىش مۇراسسىملىرىدا رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئۈزۈن پەش (قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق) تون كىيىپ جامائەتچىلىككە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. پۇخرالار ھازىرمۇ پادىشاھنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ھازىرقى پادىشاھ ئاكىخىتو (明仁) 1933-يىلى 23-دېكابر تۇغۇلغان بولۇپ، بەزى دۆلەت مۇراسسىملىرىدا ۋە ھەل قىلغۇچ پەيتلەردىلا ئاخبارات ساھەلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ.
ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئارمىيە جەھەتتىن كۆپ ئاجىزلاشتۇرۇلغان، بۇرۇنقى سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئارمىيە كۈچى ئاساسىي جەھەتتىن تارمار قىلىنىپ، پەقەت ئىچكى ۋەزىيەتكە قارىتا قوغدىنىش تىپىدىكى مۇداپىيە ئارمىيەسىلا قالدۇرۇلغان. ئەينى چاغدىكى ھەربىي قورال ياراق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ھاسىل قىلغان.

ياپونىيە تارىخىدا ئۆتكەن باش ۋەزىرلەر
سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى تەڭشىلىپ زادىلا ۋايىغا يېتىپ باقمىدى، ياپونىيە سىياسى سەھنىسى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ھالەتنى ساقلاپ، پاراكەندىچىلىكنىڭ ھېچ بىر ئاخىرى چىقىدىغاندەك قىلمايتتى.
1993-يىلى ياپونىيە سىياسى ۋەزىيىتىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ داۋالغۇش بولۇپ ئۆتتى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىر پارتىيە باش بولۇپ 55 يىللىق سىياسى ھوقۇقدارلىق ئورنىنى ئېلىشى ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن بۇيان، ياپونىيە سىساسىي ۋەزىيىتى زادىلا تىنجىمىدى، 18 يىل ئىچىدە بىرى كەتسە بىرى كېلىپ دېگەندەك ئۈزۈلمەي باش ۋەزىر ئالمىشىپ تۇردى. كوئىزىمى جۈنيىچىرو (小泉纯一郎) نىڭ بەش يىل ئۇدا ۋەزىپىدە ئولتۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر يىلدا بىر قېتىم دېگۈدەك باش ۋەزىر ئالمىشىپ تۇردى. يىراقتىكى دېمەي قويايلى، مۇشۇ 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان 7 نۆۋەت باش ۋەزىر ئالماشتى.
2000- يىلى ياپونىيە ئىچكى كابېنتىدا تۇنجى قېتىم ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەندە، ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنى ئوبۇچى كېيزو (小渊惠三) ئىدى. ئۇنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىگە ساقايماس كېسەل سەۋەپ بولدى.
1997-يىلى 7-ئايدا 61 ياشلىق ئوبۇچى كېيزو (小渊惠三) خاشىموتو ليۇتارو(桥本龙太郎) نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى ۋە شۇ ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. ئوبۇچى كېيزو مۇلايىم، ئۇچرىغانلىكى ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان، بىر قەدەر كۈچلۈك كېلىشتۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە، تولىمۇ پەزىلەتلىك كىشى ئىدى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ باش ۋەزىرلىك ئۆمرى ئىككى يىلغا بارمىدى. 2000-يىلى 2-ئاپرېل توساتتىن مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى.
ئوبۇچى كېيزونىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى پەقەت ئۇنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن بولدى، ئەينى چاغدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. چۈنكى، شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتتە ياپونىيەدە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىپلۇماتىيە ئىشلىرىدا باش ئاغرىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن ئىدى. ئۈچ پارتىيە بىرلىشىپ قۇرۇپ چىقىلغان بىرلەشمە ھاكىمىيەتتە ئەركىن دېموكراتلاردىن بولغان 20گە يېقىن پارتىيە ئەزالىرى شۇ ۋاقىتتىكى پارتىيە سەركىسى ھېسابلىنىدىغان ئوزاۋا يىچىرونىڭ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىش بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىش قۇيۇنى ھاسىل قىلىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئاممىۋىي پارتىيىنى بىرىكتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا يېڭىچە پارتىيە تەشكىللەپ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە ياپونىيە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي كرزىسكە يولۇققان، قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. سىرتقى دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىدە، رۇسسىيە بىلەن دۆلەت باشقىلىرى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن، ئامېرىكا بىلەن ئوكىناۋا ھەربىي بازىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىستاپ كەلگەن، يەنە شۇ يىلى 7 دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ياپونىيەدە ئېچىلىدىغان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. شۇنچە كۆپ ئىشلارغا قانداق قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت ئېغىر يۈك ئەزەلدىنلا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغان ئوبۇچى كېيزونى ھايالسىز يىقىتقان ئىدى.  
ئوبۇچى كېيزونى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن ئىچكى كابىنت 4-ئاپرىل كۈنى ئۇنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. 5-ئاپرىل ياپونىيە پارلامېنتىدا ئاۋام ۋە كېڭەش ئىككى پالاتا يىغىنى ئېچىلىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەھبىرى بولغان مورى يوشىرو (森喜郎) ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى، ئاۋاملار پارتىيىسى ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن تۈزۈلگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلغان، تۇنجى باش ۋەزىر بولۇپ سايلاندى.  
مورى يوشىرونىڭ باش ۋەزىرلىك تەختكە ئولتۇرۇشى ياپونىيە ئۈچۈن بىر مەھەللىك ئىسلاھات دولقۇنى پەيدا قىلىدى. ئۇنىڭ تەختكە چىقىپلا بىرىنچى قىلغان ئىشى ئىچكى كابىنتنى رەتلەش بولدى. چۈنكى مورى يوشىرونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ھەر بىر كابىنېتا ئەزاسىنىڭ كاللىسىدا نېمە ئوي بارلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. بىر قىسىم ئادەملەرنى يېنىغا تارتتى ۋە بىرقىسىملىرى بۇرۇنقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ناھەقلىققە ئۇچرىدى.
2000-يىلى 2-ئىيۇندا مورى يوشىرو ھوقۇق تۇتۇپ ئىككى ئايغا بارمايلا كېڭەش پالاتانى تارقىتىۋېتىپ قايتىدىن چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىدى. شۇ يىلى 4- ئايدا مورىيوشىرو ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى پالاتا چوڭ سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن باش ۋەزىرلىككە سايلاندى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر تۈركۈم مورىزىم ياقلىغۇچىلار پايدا بولۇشقا باشلىدى ۋە باش ۋەزىرنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەن كارامەت كۆرسىتىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى.
ھوقۇق تۇتۇپ يېرىم يىلغا بارماي تۇرۇپلا ئىچكى كابىنتېنىڭ سەتچىلىك خەۋەرلىرى يامراپ كەتتى. مورى ياشىرونىڭ «ياپونىيە، پادىشاھنى مەركەز قىلغان ئىلاھىي دۆلەت» دېگەن قارىشى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىق بىلەن دۆلەت ئىچىدە غۇل-غۇلا ئەدەپ كەتتى. ئۆكتىچى پارتىيىلەر مورى ياشىرونى «ھەتتا ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ سېلىش خەۋىپىمۇ بار» دەپ جار سېلىشقا باشلىدى. مورىنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى مەسچىلىكتە قىلغان ئەخلاقسىزلىقى تۈپەيلى ساقچىخانىغا قامالغانلىقى، قىزىل چىراق رايونىدا ئەيشى-ئىشرات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى قاتارلىق بىر تالاي سەتچىلىكلىرىنى سۆرەپ چىقىپ، مورى ياشىرونى تەختتىن چۈشۈرۈش دەۋاسى قىلىشقا باشلىدى. ئاخبارات ساھەلىرى مورى ياشىرونىڭ كورىيە زۇڭتوڭى بىلەن بولغان سۆھبەتتە مۈگىدەپ قالغانلىقى، شۇ چاغدىكى تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ھەددى ھېسابسىز خىيانەت قىلغانلىقى قاتارلىق ئىشلىرىنى خەۋەر قىلىشى بىلەن مورىنى قوللىغۇچىلار شىددەت بىلەن ئازىيىشقا باشلىدى. ئاۋامنىڭ قوللاش نىسبىتى %6 كە چۈشۈپ قېلىشىدەك بېسىم ئاستىدا، 2001-يىلى 18-ئاپرىل مورى ياشىرو باش ۋەزىرلىكتىن ئىستىپا بەردى.
نېمىلا دېمىگەن بىلەن كوئىزىمى جۈنيىچىرو (小泉纯一郎) نىڭ ھوقۇق سۈرگەن ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا بۇ ئىسىم خېلىلا تۇنۇشتەك بىلىنسە كېرەك، ئۇ دەل بەش يىل دەۋر سۈرۈپ، مۆھلەت توشۇپ قالغانلىق تۈپەيلى تەختتىن چۈشتى.
كوئىزىمى جۈنيىچىرو (小泉纯一郎) نىڭ ھەقىقىي باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىشى 2003-يىلى 9-ئايدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داھىسى بولۇپ سايلانغان كۈنىدىن باشلاندى. ئۇنىڭ باش ۋەزىرلىك تەختىدە ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرالىشىنى 3 تۈرلۈك ئىشقا يىغىنچاغلاشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن ئۇ، كونا يېڭى كونسېرۋاتىپلىق كۈچنىڭ سىياسى سەھنىدىكى كۈچىنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىدى. ئىككىنچىدىن تاشقى ئىشلار جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئەڭ زور دەرىجىدىكى سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. ئۈچىنچىدىن كوئىزىمى جۈنيىچىرو ياپونىيە كونا سىياسى مۇھىتتىن يېتىشىپ چىققان ئەڭ يېڭىچە قاراشتىكى سىياسىيون بولۇپ چىقتى. ئۇ كونا جەمئىيەتتە قالغان ئۇرۇش يارىلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ يېڭىلىققا دادىل يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىغا قويۇپ مۇئامىلە قىلدى.
2006-يىلى 9- ئايدا كوئىزىمى تەختتىن چۈشتى. ئۇرۇش دەۋرىدىن كېيىن تۇغۇلغان يېڭى ئەۋلاد سىياسىيون ئابې سۇسۇمۇ تارو (安倍晋太郎) باش ۋەزىرلىككە سايلاندى.
ئابې سۇسۇمۇ تارو 1954-يىلى تۇغۇلغان، ئۇرۇش دەۋرىدىن كېيىن تۇغۇلغان تۈنجى ئەۋلاد ياپونىيە باش ۋەزىرى. ئۇ ھاللىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرى ئىچىدە ئەينى چاغدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش جىنايەتكارلىرىمۇ بار ئىدى. ئابې ياپونىيەدىكى سىياسىي سەھنىدە ئوڭ قاناتقا تەۋە بولۇپ، ئوتتۇرا قاتلام سىياسىيونى دەپ تەرىپلىنەتتى. قۇيۇق بېكىنمىچى تۈسىنى ئالغان، كۆپ قېتىم ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، كوئىزىمىنىڭ ئەينى چاغلىرىدىكى تىنچلىق بۇزرۇكغارىنى تاۋاپ قىلىشىنى قوللايدىغان ۋە ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە تاۋاپ قىلىدىغانلاردىن ئىدى. ئۇ ئىچكى كابىنېت كاتتىبېشى بولغاندىن كېيىن ئېھتىياتچانلىشىپ كەتكەن ئىدى.
2006-يىلى 8-ئۆكتەبىردىن 9- ئۆكتەبىرگىچە بارلىق ئىشلارغا پەرۋا قىلمىغان ئاساستا جۇڭگوغا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا يېڭىچە بىر باشلىنىش نۇقتىسىنى ئېچىپ بەردى. لېكىن ئۇ ھوقۇق تۇتۇپ بىر يىلغا بارمايلا 2007-يىلى 12-سىنتەبىر كۈنى باش ۋەزىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. كۆرۈنۈشتە تەساددىبىي ئەھۋالدەك كۆرۈنگىنى بىلەن شۇنداق بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى. ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئاۋامنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئابې رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى كېڭەش پالاتا سايلىمىدا مەغلۇب بولدى. ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە ئاۋامنىڭ ئابېنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە بولغان تەلەپ كۈنسېرى ئەدەپ كەتتى. پارتىيە ئىچىدىمۇ ئابېنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان غۇلغۇلا باش كۆتۈردى. ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ئاۋام پالاتادا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يۇقىرى بولدى. ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە بىلەن قارشىلىشالايدىغان كۈچى ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. ھۆكۈمەت ۋە ھاكىمىيەت يۈزگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەكلىپ لاھىيەلىرى پەقەت ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئاۋام پالاتانىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى. 2007-يىلى 27-ئاۋغۇست ئابې ئىچكى كابىنېتقا چوڭ كۆلەملىك قايتا قۇرۇش ئېلىپ باردى ۋە شۇ ئارقىلىق قايتىدىن ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئىچكى كابىنېت يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر تالاي مالىيە سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ چىقتى. بۇنىڭلىق بىلەن ئابېنىڭ ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى يەنە بىر قېتىم زەربىگە ئۇچرىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن پارلامېنت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئۇيۇشۇش كۈچى قالمىدى.
ئابې ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلىمىدا فۇكۇدا ياسۇئو (福田康夫) يېڭى رەھبەرلىككە سايلاندى.
فۇكۇدا ياسۇئومۇ ئابې سۇسۇمۇ تاروغا ئوخشاشلا ئاق سۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا ھوقۇق تۇتقان سابىق باش ۋەزىرلەردىن بولۇپ، ئەينى چاغدىلا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيسى ئىچىدە «فۇكۇدا مەزھىپى»نى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
فۇكۇدا ياسۇئونىڭ  ئابې سۇسۇمۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، شۇ ۋاقىتتىكى خەۋىپلىك ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى، ھوقۇق تۇتۇپلا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئىككىلەمچى قەرز كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى چۈشتى، نىفىت، ئاشلىق-ماينىڭ باھاسى ئۆستى. ياپونىيەنىڭ ئاشلىق-مايدا ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى %40، ئېنېرگىيەدە ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى %4 بولغاچقا، خەلقئارا بازاردا نىفىت ۋە ئاشلىق-ماينىڭ باھاسى ئۆرلىسە، ياپونىيەدە شۆبھىسىز ئىستىمال تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەپلىك  پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. شۇنىڭدەك ياپونىيە ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ياشانغاندا كۈتىنىش ئىشى ھەممە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. قېرىشقاندەك ياپونىيەنىڭ ياشانغانلار ئىشلىرى نازارىتىنىڭ كەچۈرگۈسىز سەۋەنلىكى تۈپەيلى، نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ كۈتىنىش سومما ئارخىپى يوقاپ كېتىپ، ئاۋامنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش سوممىسى تۈزۈلمىسىگە بولغان ئىشەنچىسى يەرگە ئۇرۇلدى. كوئىزىمى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان دېموكراتىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمە گەرچە ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇشتا مەلۇم رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مانا بۇلار فۇكۇدا ئىچكى كابىنېتىنىڭ بۇرۇنقى نورمال ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭىپ بولماس قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسى فۇكۇدانىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيەت قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك قارشىلىشىپ، كۆپلىگەن مۇھىم تەكلىپ لاھىيىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى.
فۇكۇدا ھۆكۈمىتى گەرچە تەڭشەشنى ئاساس قىلغان دىپلۇماتىيە سىياسىتى قوللانغان بولسىمۇ، ئىقتىسادقا قاراتقان سىياسىتى ئۈزلۈكسىز تەنقىتكە ئۇچراپ كەلگەچكە ئاۋامنىڭ قوللاش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.
2008-يىلى 17-ئاۋغۇست ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەزھەپباز سەركىسى، سابىق باش ۋەزىر مورى يوشىرو «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى چوقۇم ئاسوتارو (麻生太郎) چە كەيپىياتنى جارىي قىلدۇرۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. 23-ئاۋغۇست ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سابىق سىياسى كېلىشتۈرۈش ھەيئەت باشلىقى ناگاكاۋا شويىچى (中川照一) «ياپونىيە چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇپمۇ تېخى چۆكۈپ كەتمىگەن مۇشۇنداق پەيتتە، ھېچقانداق سىگنال بەرمەيدىغان سىياسەت ۋە ھېچقانداق ئىش تەۋرەتمەيدىغان باش ۋەزىرنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ نېمە كېرىكى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇنداق بېسىملار ئاستىدا فۇكۇدا ئىچكى كابىنېتى ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلدى.
2008-يىلى 1- سىنتەبىر فۇكۇدا ياسۇئو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر يىل بولماي تۇرۇپ توساتتىن باش ۋەزىرلىكتىن ئىستىپا بەردى. شۇ ۋاقىتلاردا ھەممە قارشى ئالىدىغان خۇش كەيپىياتلىق ئەرباب ھېسانلىنىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان مالىيە ۋەزىرى ئاسوتارو (麻生太郎) باش ۋەزىرلىككە ئولتۇرۇشى تەبىئىيلا ئەقىلغە ئۇيغۇن ئىش ھېسابلىناتتى.
ئاسوتارو (麻生太郎) باش ۋەزىرلىك تەختىگە ئولتۇرسا، بايلىق ئىلاھى ھېسابلىنىدىغان، قولى ئوچۇق، مەرت باش ۋەزىرنىڭ تۈرتكىسىدە ياپونىيە خەلقىدە ئىقتىسادىي بېسىم ئېڭى سەل يېنىكلىگەندەكمۇ بولدى. 2008-يىلى ئاسو تارو (麻生太郎) نىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبىرى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى بىلەن باش ۋەزىرلىكتىن ئىستىپا بەرگەن فۇكۇدا ياسۇكو (福田康夫) نىڭ ئورنىنى ئالدى. چۈنكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ياپونىيە پارلامېنتىنى تەشكىل قىلغۇچى غوللۇق پارتىيە ھېسابلىنىشى بىلەن مەزكۇر پارتىيە رەھبىرىنىڭ ياپونىيەگە باش ۋەزىر بولۇشى ئېنىق ئىدى. بۇنىڭلىق بىلەن يەنە بىر نۆۋەت ۋەزىر ئالمىشىش كېلىپ چىقتى.
2009-يىلى 30-ئاۋغۇست ياپونىيە پارلامېنتىدا ئىككى پالاتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلدى. ياپونىيە تارىخىدا 60 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى سايلامدا يېڭىلىپ، دېموكراتلار پارتىيىسى دەۋرى باشلاندى. خاتوياما يۇكىئو (鸠山由纪夫) باش ۋەزىرلىككە سايلاندى.
2009-يىلى 16-سىنتەبىر ياپونىيە پارلامېنتى يىغىن ئېچىپ خاتوياما يۇكىئو (鸠山由纪夫) نىڭ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. خاتوياما يۇكىئو (鸠山由纪夫) ياپونىيە تارىخىدىكى 93-ئەۋلاد، 60- قارارلىق باش ۋەزىرى بولۇپ قالدى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا 62 ياش، 8 قېتىم كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان، 1969-يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئىنىستىتۇتى قوللىنىشچان فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 1976-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئىدى. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇدا ئانا مەكتىۋىدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، باش ۋەزىر بولۇشتىن ئىلگىرىكى 40 يىللىق ھاياتىدا ئاساسەن مۇنەۋەر ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى ۋە ئىجتىھات بىلەن كۈرەش قىلغۇچى بولۇپ ھېسابلىناتتى.
خاتوياما يۇكىئو تەختكە چىقىشنىڭ ئالدىدا، ياپونىيە خەلقى خاتوياما يۇكىئو ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈشكەن ئىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھوقۇق سورىشى داۋامىدا يىغىلىپ قالغان، ئىقتىسادنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى، سىرتقى مۇناسىۋەتنىڭ قاتماللىشىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ياپونىيەنىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرىدا ئىسلاھات دولقۇنى ياڭرىغان ئىدى. خاتوياما يۇكىئو رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى يېڭىچە كەيپىيات بىلەن ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى ئوكىناۋادىن كۆچۈرىۋېتىدىغانلىقى، كىچىك بالىسى بار ئائىلىلەرگە ئايرىم قوشۇمچە تەمىنات بېرىلىدىغانلىقى قاتارلىق ۋەدىلىرى سايلام ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىۋەتكەن ئىدى. مەمۇرىي تۈزۈلمىدە ئىسلاھات بولىدىغانلىقىدىن ياپونىيەدە يېڭىچە ئۈمىد پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن 9 ئايدىن كېيىن خاتوياما يۇكىئونىڭ ئەينى چاغدىكى ۋەدىلىرى كۆپۈككە ئايلاندى. ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى كۆچۈرۈش ئىشىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولماي ئاساسىي جەھەتتىن ئەركىن دېموكراتلار دەۋرىدىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۇزارتىش ھالىتىدە بولدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر بىردەكلىكى بولمىغانلىقتىن كۆچۈرۈش لايىھەسى ئۇدا كەينىگە سۈرۈلدى. ئوكىناۋالىق ئاممىنىڭ ئۈمۈدى ئاساسى جەھەتتىن كۆپۈككە ئايلاندى.
ئىقتىسادىي جەھەتتە، خاتوياما ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاشلا تىلغا ئالغۇدەك نەتىجە يارىتالمىدى.
2010-يىلى 2-ئىيۇن ئوكىناۋادىكى ئامېرىكا ھەربىي ئايرودرومى مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن خاتوياما يۇكىئو باش ۋەزىرلىكتىن ئىستىپا بەردى. ئۇرۇش زامانىسىدىن كېيىنكى 5 قېتىملىق ئۆمرى قىسقا باش ۋەزىر بولۇپ قالدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ كەلگەن ھوقۇققا 9 ئايغا بارماي ئاخىرلىشىش قوڭغىرىقى چېلىندى.
كان نائوتو (菅直人) ئەينى چاغدا مالىيە ۋەزىرى ئىدى. 1970-يىلى توكيو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1980-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان، 1996-يىلى خاتوياما يۇكىئو بىلەن بىر سەپتە دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقىپ ئوخشاشلا پارتىيە رەھبەرلىرىدىن بولۇپ سانالغان، 2010-يىلى 7-يانۋار مالىيە ۋەزىرلىك خىزمىتىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
كان نائوتونىڭ تەختكە چىقىپ چوڭ قىلغان ئىشى ئىچكى كابىنتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش بولدى، ئۇنىڭ ئىچىدە مائېخارا سېيجى (前原诚司) نى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىشى بىر مەھەل قىزىق نۇقتا پارىڭىغا ئايلاندى. مائېخارا ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى ياپونىيە شىمالىي تۆت ئارال دەپ ئاتايدىغان تۆت ئارال مەسىلىسىنى رۇسسىيە بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىشقا تۇتۇندى. بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن رەسمىي دۆلەت زىياپىتىدە بولدى. لېكىن ھېچقانداق بىرەر نەتىجە ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، پارا ئېلىش سەتچىلىكى بىلەن ئامالسىز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
باش ۋەزىر كان نائوتو ئاۋامنىڭ قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ھەقىقىي بىرەر ئىشنى تەۋرەتمەكچى بولۇپ، بۇ يىللىق مالىيە خامچوت پىلانىنى كېڭەش پالاتا يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان پەيتتە يەنى 2011-يىلى 11- مارت چۈشتە، ياپونىيەدە 9 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشتىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنى ياپونىيە شەرقى دېڭىز قىرغىغىدىكى ياپونىيە زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا ئېغىر بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلدى. فۇكۇشىما ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەت رايونى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ماشىنىسازلىق قاتارلىق ئېغىر سانائەت بىراقلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. يادرو رادىئاتسىيەلىك بۇلغۇنۇش ۋەھىمىسى ياپونىيەنىلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيانى ۋەھىمىگە سالدى.
نائوتونىڭ، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماسلىقى پۈتكۈل دۇنيا ئەھلىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. نائوتونىڭ ۋەزىپىدىن چۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقەررەرلىشىپ قالدى. بەزىلەر قىياس قىلىشىپ ئىچكى كابىنېت كاتتىبېشى ئېدانو يۇكىئو (枝野幸男) نىڭ ئورۇنباسار باش ۋەزىرلىك ئېھتىماللىقى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ بولدى.
گەرچە ياپونىيەدە يەنە باش ۋەزىر ئالماشسىمۇ، نۆۋەتتە ياپونىيە يولۇققان مەسىلىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا قۇرۇلما مەسىلىسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا يىغىلىپ قالغان زىدىيەتلىك مەسىلىلەر بولغاچقا باش ۋەزىر ئالماشتۇرۇش ياكى قىسقا مۇددەتلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆگەرتىپ كەتكىلى بولمايتتى. ئەگەر نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلەيدىغان دانا تەدبىر تېپىلمايدىكەن، ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئارا ياخشى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن، قايتا تەيىنلەنگەن يېڭى باش ۋەزىرنىڭ ئۇزاق مۇددەت پۇت دەسسەپ تۇرالىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس.
ياپونىيەگە مەيلى كىم باش ۋەزىر بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياپونىيەدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ئادەمگە نىسىپ بولىدىغان باش ۋەزىرلىك ئورنىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئايلىق مائاشى دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، 21تۈمەن دەپ مۆلچەرلىنىپ، ئامېرىكىدىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئاخبارات ساھەلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ بولغان.
ياپونىيەدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئۇلارنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، تىل-يىزىق ۋە نەق مەيدان بەس مۇنازىرە نۇتۇقلىرىدىكى قايىل قىلىش كۈچى، ھەرقانداق ئىشقا تەدبىر بەلگىلەشتىكى تەمكىنلىكى، دانالىقى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت جەھەتتە ئەڭ بۇيۇك ئۈستۈنلۈكنى تەلەپ قىلىدىغان ياپونىيە ۋەزىيىتىدە ھەممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگۈدەك پىشقان رەھبەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. يۇقىرىقىدەك ھوقۇقدارلار كۆپ ئالمىشىش، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە ۋاقتىدا ئورۇن بوشۇتۇش بولۇپ تۇرىدىغانلا بولسا، ھامان بىر كۈنى يەنە بىر ھەممىگە قادىر باش ۋەزىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئۈمۈد زور.

خاتىمە
پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ياپونىيە، مۈلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قېتىمىلىق قاتتىق ۋاسىتە – تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ مەغلۇب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن يېرىم ئەسىرىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، تېخنىكا جەھەتتە دۇنياغا تەسىرىنى كۆرسىتىپ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. ياپونىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلارنى ھەرقانچە تەتقىق قىلغان تەغدىردىمۇ ياپونىيە خەلقىنىڭ زادى نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى تولۇق ئىزاھلاپ بولۇش مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ياپونىيە، ھازىرقىدەك دۇنياۋىي ئىقتىساد، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ئېنېرگىيە، تېخنىكا، سودا ھەتتا مۇھىت ئاسراش قاتارلىق بارلىق ئامىللار زەنجىرسىمان باغلىنىش ھاسىل قىلىپ، يەرشارىلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەل قىلغۇچ پەيتتە يەنە بىر قېتىم دۇنياغا تەسىر قىلغۇدەك چوڭ ئاپەتكە دۇچار بولدى. ياپونىيەنىڭ مۇشۇ ئاپەتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلەش-كېتەلمەسلىكى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ياپونىيە خەلقى مۇشۇ 65 يىل مابەينىدە، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تولىمۇ يېپىق ھالدىكى بىر قېتىملىق يۇمشاق ۋاسىتىلىك تاجاۋۇز ئېلىپ بارغان ئىدى دەپ ئېيتىشقا تامامەن ھەقلىقمىز.

تۈگىدى.
بۇ تىمىنى ئاپتورنىڭ تەلىۋى بويىچە باشقا ھېچيەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.

بۇ تىمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز يەنە تۈۋەندىكى تىمىلارنى ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن:
ياپۇندىكى يەر تەۋرەشنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى
ياپونىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم

تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز تۈۋەندىكى ئۇنىڭ تىمىلىرىنىمۇ ئوقۇڭ:
مېنىڭ كەسپىم
قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك
كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ!
سەۋەبىنى سورىماڭ
كەم-كۈتسىز ئادەم
ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا
بىر نەرسە يازسام…
توردىكى يېپىق ئىسىم
كەلگۈسى قولىمىزدا
قاراقۇرۇمغا سەپەر

بۇلارنى يەنە ياقتۇرغان بولسىڭىز ئىلاننى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە.

بىر ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..