قاراقۇرۇمغا سەپەر
قاراقۇرۇمغا سەپەر
(ساياھەت خاتىرىسى)
تۇردى لېتىپ
يېزىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
گەرچە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغدىكى كائىنات ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمىلىدىغان سالقىن سەھەر مەزگىلى بولسىمۇ، بىز كۆرىۋاتقان كۆز ئالدىمىزدىكى تەبىئەت شۇ تاپتا تەلەتىنى بۇزىۋالغان ئىدى. بىپايان بوشلۇقنى چاڭ-توزان باسقان، ھەتتا ئاسمانمۇ بىر قەۋەت سېرىق تۇمان بىلەن قاپلىنىپ، قۇياش ئۆز جامالىنى كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنىڭ يوپۇرماقلىرى بۇ چاڭ توزانلارنى سۈمۈرۈپ تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچىنىپ ھالىدىن كېتىپ قالدىمۇ قانداق، تېخى كۈز ئايلىرى كىرمەي تۇرۇپلا سولىشىپ سارغىيىشقا باشلىغان، بىر خىل خۇنۇك تەبىئەت كۆز ئالدىمىزدا يېيىلىپ تۇراتتى. سىرىتتىكى كائىناتنىڭ مەنزىرىسى ياخشى بولمىغىنىدىن بولىۋاتامدۇ قانداق، ماشىنا كابىنكىسىغا تولۇپ ئولتۇرغان بەشىلا كىشىنىڭ كەيپى ئانچە چاغ ئەمەس ئىدى. ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئۈچ ئامرىكىلىقنىڭمۇ ماشىنا قوزغالغاندىن بۇيان ھىچ بىر پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى. ھەممىمىز قاتۇرۇپ قويغان بۇتتەك يولدىن كۆزىمىزنى ئۈزمەي جىمجىت ئولتۇراتتۇق.
ماشىنا يېزا-كەنتلەرنى ئارىلاپ بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، بىر سۇ ئامبىرىدىن بۇرۇلۇپ ئۆتۈپلا پايانى كۆرۈنمەس چۆللۈككە كىرىپ كەتتى. سۇرئەتتە روشەن ئۆزگىرىش بولدى. شۇ تاپتا ماشىنا قامغاق-يانتاق دېگەندەك قۇملۇق ئۆسۈملۇكلىرى چۆمكىۋالغان پاكار-پاكار دۆڭلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى غۇۋا يول ئىزىنى بويلاپ، دېڭىزدا ئۈزىۋاتقان ماتورلۇق قولۋاق كەبى ئىككى ياققا تەڭ ئىغاڭلاپ، يىلان مېڭىشىدا كۈچىنىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. ئېنىقكى بۇ يولدا ئەزەلدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مېڭىپ باقمىغان ۋە ياكى كەمدىن كەم ماڭغان دەپ ئېيتىشقا بولاتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ يول مەنزىل بىلەن مەنزىلنى-يېزا بىلەن شەھەرنى باغلاشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى يوقاتمىغان ئىدى. چۈنكى بۇ يولدا كىرىيە ئاچچاڭ يېزىسى پۇلۇ كەنتىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلىرى ئىشەكلىك ئىككى كۈن مېڭىپ، ناھىيە بازىرىغا باراتتى ۋە ئارىلاپ شەھەردىن چىققان تۆگىلىك سودا كارۋانلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۆتۈپ يېزا-كەنتلەرنى تاۋار-مال، مېۋە-چىۋىلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى.
ناۋادا بىز ئۆلتۇرغان مۇشۇ ماشىنىمۇ ياپونىيەنىڭ ئالدى ئارقىسى تەڭ كۈچەيدىغان داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسى بولمايدىغان بولسا، بۇ قۇملۇق يولدا ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىيەلىشى مۇمكىن بولماس ئىدى.
مۇشۇ تەرىقىدە ئالاھەزەل بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، تۆگە لوكىسىدەك ئېگىز-پەس قۇم دۆڭلىرى تەكشىلىشىپ، يېنىمىزدىلا چوڭقۇر بىر ھاڭ چىقىپ كەلدى. ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ھاڭنىڭ ئاستىنى كۆرگىلى بولمايتتى. شوپۇرنىڭ چۈشەندۇرىشىدىن بىلدىمكى، بۇ ھاڭسىمان چوڭقۇر ئىدىرلىق ئەسلى بىر دەريا ئىكەن. ئاستىدا سۇ ئاقىدىكەن. ئېقىندىنكى سۇنىڭ تېزلىكىدىنمۇ دەريا ئورنى تۆۋەنلەپ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەر يېرىلغاندەكلا زىمىنغا چۆكۈپ كەتكەن ئىكەن. بىز ئېقىن بويلاپ يەنە يېرىم سائەتچە ئىلگىرلىدۇق. ماشىنا خەتەرلىك ئەگمىلەردىن ئوڭۇشلۇق ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى تاشلىق يولغا چىقىپ كەلدى. مانا مەھەللىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈندى.
ماشىنا يولغا چۈشۈپ، كۆپ ماڭمايلا قۇملۇق ئىچىدىن باشلاپ بىزگە سەپەرداش بولۇپ يانداپ ئېقىپ كەلگەن ئېقىن سۇ بويىغا چىقىپ كەلدى-دە، ئاستىلاپ بېرىپ توختاپ قالدى.
مەن شوپۇرغا قارىدىم، شوپۇر ئېقىن سۇنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ ماشىنىنى ئېقىنغا سالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ھەممىمىز ماشىنىدىن چۈشتۇق. سۇ ھەقىقەتەن دەھشەتلىك ئېقىن ھاسىل قىلىپ شاقىراپ ئاقماقتا ئىدى. سۇنىڭ ئىككى يېقى ۋە ئاستىدىكى قورام تاشلار مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. شوپۇر مۇشۇ يەردىنلا قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئامالسىزلىقتىن يۈكلەرنى چۈشۇردۇق. بىز ماشىنىلىق بېرىشقا تىگىشلىك بولغان پۇلۇ كەنتىگە قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىچىلىك يول قالغان مۇشۇ تاشلىقتا چۈشكۈن قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدۇق.
شۇ ئارىلىقتا بىز كەلگەن تەرەپتىن بىر ئىشەكلىك يولۇچى كېلىپ قالدى. باش كۈز كۈنلىرىدە بېشىغا ئۇزۇن تۇماق، ئۇچىسىغا قارا چەپەرقۇت يەكتەك كىيىۋالغان ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسەك بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ يۇرتلۇق ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن قىسقىچە ھال-ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، مەقسەت-مۇددىئايىمىزدىن چۈشەنچە بېرىپ، ئۇ كىشىگە كەنتتىكىلەرگە ئېنىقراقى كەنت ئاقساقىلىغا بىزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى خەۋەر قىلىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدىم.
مەن ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتىم. ئۇلارمۇ مېنىڭ تېزراق بىر قارارغا كېلىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتىكەن. مېنىڭچە بولغاندا ھېلىلا كېتىپ قالغان يەرلىك كىشى بۇ چاققا يېزىغا يېتىپ بارغان، بەلكىم ئۇزاققا قالماي بىز ئەتە ئىشلىتىدىغان ئىشەكلەرنى بولسىمۇ (ساياھەت شىركىتى بۇ كەنت بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، بىزگە كېرەكلىك ئۇلاغ-چارۋا ۋە ئادەم كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى.) ھەيدەپ كىلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا يەنە بىر ئاز ساقلاپ ئۇلار كەلگەندە مەھەلىگە يېتىپ بېرىپ بىراقلا دەم ئالايلى دىمەكچى ئىدىم. ئەپسۇس، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ دالا تۇرمۇشىنىڭ تەمىنى بۇگۈندىن باشلاپلا تېتىغۇسى كەلدىمۇ قانداق، بۈگۈن مۇشۇ يەردىلا قونۇپ قېلىش ئويىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدى. ئاخىرى مەن ئەترەت ئەزالىرىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، كېچىچە مۇشۇ ئېقىن بويىدا تۈنەش قارارىغا كەلدىم ۋە يۈك چۈشۈرۈلگەن جاينىڭ يىنىدىنلا چىدىر تىككۈدەك جاي تاللىدىم. ئەپسۇس، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بۇ جايغا چىدىر تىككۈسى يوق ئىكەن. ئۇلار ”بۇ يەر ياخشى ئەمەسكەن، ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى چىملىققا تىكسەك“ دەپ تۇرىۋالدى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ تاغدا لازىم قىلىدىغان نەرسىلەرنى رەتلىگۈدەك. شۇڭا بۇ توپىداڭلىق قولايسىز ئىكەن. مەن يەنە قارارىمنى ئۆزگەرتتىم.
”ئەسلىدە مۇشۇ يەرلا بولىۋىرەتتى“ دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە-ئارتۇقچە جەۋرىسى يوق ئىدى. تەلىيىمىزگە ئالدىمىزغا بىزنى ئالغىلى ئادەم كېلىپ قالىدىغان بولسا، يىغىشتۇرۇپلا كېتىپ قالاتتۇق. ھەي، بىكار ئاۋارىچىلىق بولار مىكىن.
مەن كۆڭلۈم تارتمىغان ھالدا يېشىكلەرگە قاراپ قويۇپ، بۇلارنى قانداق قىلىپ ئېقىننىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە باش قاتۇردۇم. يېرىم چاقىرىم يىرىقلىقتىكى دوڭ باغرىدا بىر ئىشەك باغلاقلىق تۇراتتى. ئىگىسى بولسا كېرەك، ئانا-بالىدەك كۆرىنىدىغان چوڭ-كىچىك ئىككى ئىنسان ئېشەككە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا چىغ ئورۇۋېتىپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەدەب بىلەن سالام-سائەت قىلغاندىن كېيىن ئىشەكنى بىردەم بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندۈم. پۇتى يالاڭ ئاياغ، يەڭلىرىنى تۈرىۋالغان، ئالقىنىغا تۈكۈرۈپ-تۈكۈرۈپ تۇرۇپ بېرىلىپ ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئانا بولغۇچى ئايال مېنىڭ ئىككى-ئۈچ قېتىم تەكرار چۈشەندۈرۈشىمدىن كېيىن، بېشىنى ئېلىپ ماڭا قارىدى-دە، ئىشىنى توختۇتۇپ، بىز قاتارلىقلارنى ئەمدى كۆرىۋاتقاندەك، يۈكىنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ، كالتە ئىشتانچاق بولىۋېلىپ ئېقىندىن ئۆتۈشكە تەمشىلىۋاتقان ئەترەت ئەزالىرىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپراق بالىسىنى قوشۇپ ئىشەكنى ماڭا بېرىپ تۇردى.
بىز مۇشۇ بىر ئېشەكتىن پايدىلىنىپ، قولدا كۆتۈرۈش قولايسىز بولغان نەرسىلەرنى ئېقىننىڭ ئىككى يېقىدا ئىككى ئادەم تۇرۇش ئارقىلىق قارشى قىرغاققا ئۆتكۈزۈپ، يۈكلەرنى بىر-بىرلەپ يۆتكىگىلى تۇردۇق. ئەترەت ئەزالىرى مېنىڭ بۇ ئامالىمنى كۆرۈپ ھەم خوشال بولۇشتى ھەم ھەيران قېلىشتى. جۇغى كىچىك تۆت پۇتلۇق ھايۋان-ئېشەكنىڭ شۇنچە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ، بەللىرى ئىگىلگەن، پۇتلىرى تاشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ تايتۇڭلىغان ھالدا قورساققا چىققۇدەك شىددەتلىك ئېقىندىن ئۆتۈپ كېتەلىشى ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا بۇ مەھەللىدە ئەڭ قۇلايلىق، ئەڭ ئومۇملاشقان قاتناش قورالىنىڭ ئېشەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇلار ھايالسىزلار فۇتۇ ئاپاراتلىرىنى چىقىرىشىپ، بۇ مېھنەتكەش جانۋارنى پاراس-پۇرۇس سۈرەتكە ئالغىلى تۇردى.
شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزغا قاياقلاردىندۇر ئىشەكلىك ئىككى-ئۈچ قىز-چوكان يېتىپ كېلىشتى. ئۇلارغا چەتئەللىكلەرنىڭ ئېشەكنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقى كۈلكىلىك تۇيۇلماقتا ئىدى. دېمىسىمۇ كۈلكىلىكتە بۇ. ئېشەكنىڭ نە گۈزەل جامالى، نە قامەتلىك بەستى بولسۇن. شۇ بىر، قۇلاقلىرى توشقاننىڭكىدەك ئۇزۇن، جۇغى چاشقاننىڭكىدەك كىچىك، قۇيرۇقلىرى كاردىن چىققان سۈپۈرگىدەك كۆتمەك بولۇشلىرى بىلەن بىر-بىرىگە پەقەتلا ماسلاشمىغان كۆرۈمسىز مەخلۇققۇ. تېخى ئۇنىڭ كاجلىغىنى دېمەمسىز. ئادەمنى تېپىشلىرى، كىچك بالا ياكى ئايال كىشىدەك خۇدانىڭ ئاجىزراق بەندىلىرىدىن بىرەرسى چىشىغا تىگىپ قويغۇدەك بولسا قۇلاقتىن كاپلا قىلىپ چىشلەپ ئېلىشلىرىنى دىمەمسىز. يا گۆشى ھالال بولسىدى كاساپەتنىڭ.
ئارقىمىزدىكى ئېشەكلىق قىز-چوكانلارنىڭ گېپىنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا، چەتئەللىكلەر ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ قويسا، يۈكلەرنى قارشى قىرغاققا ئۆتكۈزۈشۈپ قويارمىش. مەن بۇ پىكىرنى سىلىقلاشتۇرۇپ چەتئەللىكلەرگە ئېيتتىم ۋە قىز-چوكانلارغا ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى ياردەمگە دەۋەت قىلدىم. بىز بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق.
كاللامدا يېڭى بىر خىيال-يەرلىك كىشىلەرنىڭ سۈرەتكە چۈشۈش قىزغىنلىقى ئەگىمەكتە ئىدى. ”تارتىلغان سۇرەتلەر ئىگىلىرىنىڭ قوللىرىغا تېگەرمۇ، ئېۋەرتىپ بېرەرمۇ….“ دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە. شۇ ھامان يۇرتىمىزغا ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ھەرقاندىغىدا بولىدىغان ”شىنجاڭغا ساياھەت يول باشلامچىسى“ دىگەن كىتابلاردىكى يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن ئېلىنغان كۆرۈنىشلەرنىڭ مەيدانغا كىلىش ئۇسۇلى ۋە مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندەك بولدۇم. بىزمۇ قاچان ياپونىيىلىكلەردەك فۇتو ئاپاراتى ۋە تىلكامىرانىڭ ئالدىدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچقۇدەك، ھېچ بولمىغاندا چىرايىمىزنى ئالقانلىرىمىز بىلەن توسۇپ قالالىغۇدەك بولارمىز. بىزدىمۇ بۇخىل مەدەنىيەت يوقمىدى. ياق، بىزدىمۇ بار. ھازىرمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ بەزى كوچا-كويلىرىدا يۈزىگە چۈمبەل سالغان ئاياللارنى كۆرگىلى بولىدىغۇ. ئۇلار شۇنداق قىلغانسىرى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆرگىسى كىلىدىغۇ. خۇددى ئوراقلىق نەرسە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك. نېمە دېگەن تەڭشەلمىگەن ئىش بۇ. ئۇلار ئۆزئارا ئۆگەنسە، كۆز-قاراش ئالماشتۇرسا بولماسمىدى. ھەي! ئۇلاردا ئۆگەنگىدەك، ئالماشتۇرغۇدەك قانداق كۆز قاراش باردۇ؟! كۆز قاراش دەپ تىلغا ئالغۇدەك كۆڭلىدە بىرەر ئوي-پىكىر بارمىدۇ؟ ياكى ئەتراپتىكى موھىتقا قاراپلا شۇنداق قىلىشىۋالغانمىدۇ. بۇنى بىرنىمە دەپ بولمايدۇ.
بىز تازا قىزىشىپ ئىشلەۋاتقاننىڭ ئۈستىگە مەھەللە تەرەپتىن بىر يۈك ئاپتۇموبىلى چىقىپ كەلدى. كوزۇپىدا يەرلىك كىشىلەردىن بەش-ئالتىسى تۇراتتى. ئۇلار بىزنى كۆرۈپلا قول پۇلاڭلاتتى. مەن ئاۋۋال ئۇلارنى تاش توشىغىلى كەلگەنلەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. چۈنكى ئېقىن بويىدا چىرايلىق دۆۋلەپ قويۇلغان تاش دۆۋىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ تاشلار روشەنكى ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىلەتتى. ئېقىن سۇنىڭ ئۇ يېقىدا قاچان، قايسى چاغلاردا كەلكۈندە قېلىپ جىنازىغىلا ئوخشاپ قالغان يۈك ئاپتۇموبىلىنىڭ قالدۇق بىر قىسىمى تۇراتتى. مەن بۇ ئاپتۇموبىلنىڭ بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن سۇ ئۇلغىيىپ كەتكەن چاغلاردا، ئېقىندىن ئۆتمەكچى بولۇپ، سۇغا كىرگۈزىلىشى بىلەنلا شىددەتلىك ئېقىن سۆرەپ كېتىپ قورام تاشقا كەپلەپ قويغانلىقى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئاپتوموبىلنىڭ سۇدىن چىقالمىغان ئاپتۇموبىلنى سۆرەپ چىقىرىمەن دەپ ئۇنىڭمۇ سۇغا غەرق بولغانلىقى توغرىسىدا ھېلىلا سوراپ بىلگەن ئىدىم. مانا ئەمدى شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلا ئاپتۇموبىلدىن بىرى بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ئاپتۇموبىل يېنىمىزغا كېلىپ توختاپراق، ئاۋۋال تېخى ئېقىن ساھىلىگە يۆتكەپ كېلىنمىگەن يۈكلەرنى بېسىپ كىلىش ئۈچۈن كېتىپ قالدى. مەن ئىچىمدە چوڭقۇر ئۇھسىندىم. مانا دىمىسىمۇ بىكاردىن ئەمگەك بولدى-دە. بىزنىڭ جەۋرى تارتقىنىمىزغۇ بىر نۆرى، ئەشۇ يەرلىك قىز-چوكانلارنىمۇ ئاۋارە قىلغىنىمىز-ھەي….
ئاپتۇموبىل كوزۇپىدىكىلەر ئاشۇ توشۇلۇپ بولغان، توشۇلىۋاتقان ۋە تېخى توشۇشقا ئۈلگۈرمىگەن يۈكلەرنى ئۇدۇل كەلگەنلا يەردە قولىمىزدىن ئېلىۋىلىشتى، ئاخىرى لاقا-لۇقىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېسىلىپ تۈگىدى. مەن ئارقامغا يېنىپ، بىر قۇر تەكشۇرىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا قانداقتۇر بىر نەرسە چۈشۈپ قالغاندەك كۆڭلۈم تەشۋەشلەنگەن ھالدا ئاپتۇموبىل كوزۇپىغا ياماشتىم. كوزۇپتىكى بەش كىشى تەڭلا قول ئۇزۇتۇشتى. مەن ئۆزۈمنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن ھەممىسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم. ھەقىقەتەن پىشقان قوللاردە-بۇ. بىلەك موسكۇللىرىنىڭ كۆپۈشۈپ تۇرۇشى، ئالقانلارنىڭ يىرىكلىكى بۇ قوللارنىڭ ئەمگەكچان دېھقان ياشلىرىنىڭ قوللىرى ئىكەنلىگىنى مانا مەن دەپ كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ چىرايىدىكى ھېيىقىش ئارىلاش خوشاللىق ئالامەتلىرىنى كىچىك بالىنىڭ ئۆيگە يېڭى كەلگەن مېھمان تەرىپىدىن كەمپۈت ھەدىيە قىلىنغان چاغدىكى كەيپىياتىغا ئوخشاتسام مۇبالىغا بولماس دەيمەن. ئارىدىكى 25 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياشنىڭ چىرايى ئالاھىدە ئېچىلىپ كەتكەن. بىر خىل خوشاللىق كەيپىيات ئۇنىڭ جىسمىنى لەرزىگە سالدىمۇ قانداق كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، تىلىنى گەپكە كەلمىگۈدەك ھالغا كەلتۈتۈپ قويغان ئىدى. سەل تۇرۇپ بىلدىمكى، ئۇ ياش بۇ قېتىم مەن باشلاپ كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ بىرىنى ئىككى يىل بۇرۇن بۇ يۇرتقا كېلىپ قايتقان، ھەتتا مۇشۇ دېھقان ياش بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان باشقا بىر چەتئەللىكنىڭ ئۆزى دەپ قارىغان. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ھىچ بىر تونۇشلۇق بەرمەيۋاتقىنىدىن دىلى كۆيۈپ، تىلى قورۇلغان ئىكەن.
مەن بۇنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرمەكچى بولدۇم. دېمىسىمۇ بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىدى. ئەترەت ئەزايىمىز بىلەن پاراڭلاشتىم. بىرەرسىمۇ بۇ ئىلگىرى بۇ ياققا كېلىپ باقمىغان. ئۇ دېھقان ياشنىمۇ كۆرمىگەن. بۇنىسى ئېنىققۇ، ساياھەت شىركىتىدە ئۇلارنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرگىنىمدىمۇ شۇنداق يېزىلغان. ئەپسۇس، دېھقان ياشنىڭ مېنىڭ چۈشەندۈرىشىمگە پەقەتلا ئىشەنگۈسى يوقتەك قېتىپ تۇرغىنى تۇرغان. مېنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ سەل شەك چۈشتى. بۇ ئامرىكىلىق ئەپەندى خۇپسەنلىك قىلىپ يۈرمەيدىغاندۇ، بۇنىمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. بۇنداقلاردىن قانچىلىغانلىرى ئىلگىرى يۇرتىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلمىغان دەيسىز. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ. يۇرتىمىزغا كەلگەن ئىكەن قارشى ئېلىشتىن باشلاپ بۇرنىدىن يېتلىۋىلىپ، بارىدىغان يېرىگە باشلاپ بېرىپ، چەكلەنگەن جايلاردىن ئايلىنىپ ئۆتكۈزۈپ، ساياھىتى تۈگىگەندە يەنە يولغا سېلىپ قويىمىز ئەمەسمۇ. بۇنىڭدا بىزنىڭ-بىز قاتارلىق يول باشلىغۇچىلارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىمىز بار.
مەن ئۆز كەسپىي ئۇسۇلۇم بويىچە بۇ ئۇقۇشماسلىققا خاتىمە بەرمەكچى بولدۇم. ئامرىكىلىق، ياق، ئامرىكىلىقلارلا ئەمەس بارلىق چەتئەللىك بولۇپمۇ ياۋرۇپا-ئامرىكا ئەل پۇقرالىرىنىڭ چىراي-شەكلى بۇ يەرلىكلەرنىڭ كۆزى بىلەن قارىغاندا ئوخشاشلا كۆرىنىدۇ. بۇ خۇددى بىز شەھەردىن كەلگەنلەرگە بۇ يەرلىكلەرنىڭ چىراي-شەكلى ئوخشاشلا كۆرۈنگىنى بىلەن ئوخشاش. لىكىن مۇشۇ يېزىلىق ياشنىڭ ئادىمگەرچىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان دوستلۇق قەلبىنى چۈشۈنۈپ قويمايمۇ بولمايدۇ. كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىل بولغان، ياقا يۇرتلۇق باشقا قان، باشقا تىل، باشقا ئېرىقتىكى بىر يات ئىنساننى شۇنچە سېغىنىشى، ئۇنتالماسلىقى كىچىك ئىش ئەمەس-دە.
بىز ئۆرە تۇرغان ”ئازادلىق“ ماركىلىق يۈك ئاپتۇموبىلى ئېتىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى يېقى نوتا كۆچەتلەر بىلەن پاسىللانغان تار يولغا بىرلا كېلىپ ئىشەك ھارۋىسى مېڭىشىدا كېتىپ بارماقتا. پەلەمپەي شەكلىدە تاختىلانغان ئېڭىزلىقلار ئىككى يېقىمىزدىكى ئىگىز توپا تاغنىڭ يان باغرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يېتىپتۇ. تېرىلغان زىرائەتلەر ئاساسەن بۇغداي ۋە قوناق. بۇغدايلار پاكار ئۆسىدىغان چىلگە بۇغداي، قوناقلارمۇ ھەم پاكار بولىشىغا قارىماي ئۇزۇن پۆپۈكچە چىقىرىۋالغان يەنە تېخى دېنى قاتماي تۇرۇپلا ئۈششۈك چۈشۈپ ئورىلىپ تۈگەيدىغانلىقىنى دىمەمسىز. خۇلاسە كاللام: بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتى تەكشىسىز، ھاۋاسى مۆتىدىل، زىرائەتلەرنىڭ تولۇق دان تۇتمىقى تەس، مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە تۇتمايدۇ. ۋە ياكى مېۋىسى پىشماي تۇرۇپ تۆكىلىپ تۈگەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەرلىك كىشىلەر نېمىگە تايىنىپ ياشايدۇ؟ ئۇلارنىڭ چوڭراق ئىگىلىكى چارۋىچىلىق. مۇشۇ جايدىن باشلاپ جەنۇبقا ماڭغانسىرى تاغلار غوللىشىپ بارىدۇ. تاغلار گەرچە ئورمان بىلەن پۇر كەنكەن يېشىل تاغلاردىن بولسىمۇ ھەرھالدا بىر قەۋەت يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن خالى ئەمەس. يەنە تاغدا كولايدىغانغا قاش تېشى كانلىرى، ئوۋلايدىغانغا ياۋايى ھايۋانلار ئاز ئەمەس. سوغۇق چۈشۈپ تاغقا چىقىش مۇمكىن بولمىغان قىش كۈنلىرىدە بىز ھېلىلاتىن، ئۆتەلمەي كۆپ جەۋرە تارتقان ئېقىن بويىدىن كېپەك ئالتۇن چايقىۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە مۇشۇ ئەتراپتا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇدا قېزىلىۋاتقان كۆمۈر كانلىرىمۇ بار. بۇ يەرنىڭ ھەممىلا نىمىسى پۇل. بىلكىم بۇرۇن تىخىمۇ شۇنداق بولسا كېرەك. شۇڭىمۇ بۇ كەنتنىڭ ئىسمى ”پۇل“ دەپ ئاتىلىپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ”پۇلۇ“ دەپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بارا-بارا ”پۇلۇ“ دەپ ئومۇملىشىپ كەلگەن دەپ ئېيتىشتىن بۆلەك، بۇ كەنت نامىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىلىق يىپ ئۇچى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.
يولنىڭ ئىككى قاسنىقى تار بولۇشىغا قارىماي، بىر مېتىرچە ئىگىزلىكتە سوقما تام قوپۇرۇلۇپ، يول بىلەن ئېتىز ئېنىق پاسىللاغلىق تۇراتتى. بۇ تام ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە مېتىر ياكى بىر قانچە يۈز مېتىر يەرگىچە داۋام قىلغان بولماستىن بىز ئېقىن بويىدىن بۇرۇلۇپ يولغا چۈشكەندىن بۇيان ئۇدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇنچىلىك تامنى قوپۇرۇش ئۈچۈن ئاز كۈچ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق. مەن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىدۇم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يولدا ھەر كۈنى كەچلىكى قوي ۋە كالا پادىلىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق چاغدا مال-چارۋىلارنىڭ زىرائەتلەرگە زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە مۇشۇنداق سوقما تام قوپۇرۇلۇپ قويىدىكەن. پەقەت بۇلا ئەمەس، يېزا يوللىرىنىڭ ئاساسى كۆپ قىسىمى مۇشۇنداق سوقما تاملىق بولارمىش. مۇشۇ گەپلەر بولىنىۋاتقاندا ماشىنا توختاپ قالدى دېگۈدەك ئاستا سۈرئەت بىلەن يولدىن چەتنەپ چىقىپ، يول ياقىسىدىكى توملىقى ئادەم بىلىكىدەك كېلىدىغان يۇمران كۆچەتلەرنى بېسىپ، قايرىپ-سۇندۇرۇپ ئۆتۈپ يەنە يولغا چۈشتى. كوزۇپنىڭ ئارقىسىغىراق سۈرۈلۈپ، پەسكە قاراپ كۆردۈمكى: يولنىڭ بايا ئاپتۇموبىل ئايلىنىپ كۆتكەن يەرنىڭ ئۇدۇلى سۇ ئېلىپ كەتكەنلىكتىن ئويۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. شوپۇرنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەيلا رولنى بۇراپ ياش كۆچەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەنلىگى ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى. بۇ ئەتراپ ئۇنچە يېشىلزارلىقمۇ ئەمەسكەنغۇ. خوتەندىن باشلانغان تۇمان مۇشۇ يەردىمۇ تاراپ بولالماپتۇغۇ. شۇ تۇماندىن زېرىكىپمۇ خوتەندىن تېزراق كېتىشنى ئارزۇلىغان ۋە يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسىغا ئىنتىلگەن ئەمەسمىدىم. نەدىكىنى، بۇ يەردىمۇ يەنىلا شۇ تۇمانغۇ. ئېھاتە ئورمان بەرپا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بۇ جايدا يەنە نېمە دەپ ئورمانلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغاندۇ. مەسىلە شۇ يولنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىمۇ دەيلى. شۇنداقتىمۇ چوڭ ئىش ئەمەسقۇ. بەش ئەركەك يېرىم سائەتلا ھەپىلەشسە ئوڭشىلىپ كېتىدىكەنغۇ. شۇنچە ئۇزۇن-ئۇزۇن تاملارنى سوقۇشقا چولىسى تەككەن جاپاكەش دېھقانلارنىڭ مۇشۇنچىلىك ئىشنى قىلىۋەتىشكە چولىسى تەگمىگەنمىدۇ؟! ھەي…
شۇ چاغدا كاللامغا چاقماق تېزلىكىدە بۇرۇنقى بىر ئىش كەلدى. مەن نىمە دەپ مۇنداق ئويلاپ قالىمەن. مەن كۆرگەننى باشقىلارنىڭ كۆزى كۆرمەسمۇ. مەن ئويلىغاننى ئويلىماسمۇ؟! دىمەك، بۇ بىزدىكى تۇغما پىسخىكا، ئۆزگەرمەس ھالەت. ئۇ ئىشنىڭ ئۈرۈمچىدە بولغان مۇنداق بىر ئىش بىلەن نېمە پەرقى بولسۇن.
بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر قىرىق ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىشقان ياپونىيىلىك ئايال بىلەن بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ مەركىزى كوچىلىرىدىن بىرى بولغان ”دا شىزى“ غا كېلىپ قالدۇق. مېنىڭ دىققىتىمنى تارتمىغان بىر ئىش ئۇ ئايالنى تولىمۇ بىئارام قىلىۋىتىپتۇ. ئىش ئەسلى مۇنداق ئىدى؛ بىز ئىككىمىز تۆت كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتمەكچى بولۇپ ئاق بالداقلىق سىزىققا پۇت ئېلىپ تۇرىشىمىزغا ماشىنلار توسىلىپ قېلىپ بىزگە زادىلا يول بەرمىدى. قارىغۇدەك بولساق، كوچىنىڭ تۆتلا ئاچىلىغا ماشىنىلار سانجاق-سانجاق تىقىلىپ كېتىپتۇ. يول ئېغىزى ھىچ ئېچىلىدىغاندەك ئەمەس. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب؟ بۇ چاغدا توك توختاپ قالغان بولۇپ، قىزىل-يېشىل چىراق رولىنى يوقاتقان ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ياپونىيەلىك ئايالغا تولىمۇ پاجىئەلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ مەندىن ”نىمە دەپ قاتناش ساقچىلىرى كېلىپ يول كۆرسىتىش سۇپىسىدا تۇرۇپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرمايدۇ؟“ دەپ سورىدى. مەن ھازىر ۋاقتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغ بولغانلىقى، بەلكىم قاتناش ساقچىلىرىنىڭمۇ ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىپ، ئۇ ئايالنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇ جاھىللىق بىلەن مۇنداق چاقچاق قىلدى:
-ئۇنداقتا مەن بېرىپ تۇرۇپ بېرەي، ئۇنچىلىك ئىشنى مەنمۇ قىلالايمەن!
بەلكىم ئۇ راست دەۋاتقاندۇ. دېمىسىمۇ ئۇنچىلىك ئىشنى كىم قىلالمىسۇن. كېيىن مەن خىلى بىر چاغلارغىچە كۆڭلۈم غەش بولۇپ يۈردۈم. مەنمۇ تازا بىر جۈرئەتسىز ئىكەنمەن. بىر ئايال جېنىدا سوپىغا چىقىپ ماشىنىلارغا يول كۆرسىتىشكە پېتىنغان يەردە مەن نېمە دەپ يۈرەكسىزلىك قىلىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغاندىمەن- دەپ كۆپ ئۆكۈنگەن ئەمەسمىدىم، شۇ چاغدا.
مانا ھازىرقى ئورماننى باستۇرۋېتىش ئىشىدىمۇ مەن كەتكۈزۈپ قويىۋاتىمەنغۇ. مەنمۇ دەرھال ”ئاپتۇموبىلنى توختۇتۇپ يولنى ئوڭشىۋالايلى“ دەيمۇ يا. بۇ ھەقاچان ئۆزۈمنى كۆرسەتكەنلىك بولار. ھەي….
ئاپتۇموبىل مەھەللە دائىرىسىگە كىرىپ، ھايال ئۆتمەيلا تۆت ئەتراپىغا جىپىسلاشتۇرۇپ سېلىنغان تۆت دوم ئۆي بىلەن تەبىئىلا قورشىلىپ ياسالغان چوڭ قورا جايغا كىرىپ كەلدى. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېقى ۋە يول بىيىدا بىزگە قارىشىپ تۇرغان چوڭ-كىچىك ئەھلى-مەھەللىلەر گۈررىدە غۇجمەكلىشىپ، بىزنى ئارىغا ئالدى. بىز ئاپتۇموبىلدىن چۈشكىلىۋاتاتتۇق. پەستە پۇت قويغىدەك جاي يوق دىيەرلىك دەرىجىدە قىستاڭچىلىق شەكىللەنگەن ئىدى. كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. ئۆمرۈمدە بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ قارىشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ باقماپتىكەنمەن. شۇ تاپتا نىمە دىيىشىمنى، كىملەر بىلەن قانداق سالاملىشىشىمنى بىلمەيتتىم. مەن ئادەملەر قورشاۋىدا قالغان ئىدىم. ئاخىرى ”پوش-پوش“ لاپ مېڭىشقا توغرا كەلدى. مەن ئۆي تەرەپكە ماڭسام ئۇلارمۇ گۈررىدە ئۆي تەرەپكە ماڭاتتى. ئارقامغا يانسام تەڭ ياناتتى. مەن بەئەينى بىر باغچىدىكى مايمۇن، ئۇلار مېنى تاماشا قىلىۋاتقان تاماشىبىنلار ئىدى. بىز شۇ خىل رېتىمدا يۈك-تاقىلارنى چوڭ بىر ئۆيگە توشىدۇق. ئاندىن قولىمىزنى، يۈزىمىزنى يۇيۇپ، ئوتۇرۇپ چاي ئىچتۇق. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۈزلىگەن كۆزلەرنىڭ ھەتتا ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولغاچقا مېڭىش-تۇرۇشۇم، ھەركىتىم، ھەتتا تىلىممۇ زادىلا قولاشمايۋاتاتتى. كەيپىياتىممۇ ناھايىتى ناچار ئىدى. كاللام پىرقىراپ ئۆزۈم خۇددى بىر چوڭقۇر قاينامغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇنجىقىش ھېس قىلاتتىم. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ياشتا چوڭراق بىر كىشى بالىلارنى قوغلىغاندەك قىلدى. ۋە مېنى بالىلارنى قوغلاپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. ئەپسۇس مەندە ئۇنداق جۈرئەت يوق ئىدى. شۇنداقلا ”پىرىنسىپ“ قىمۇ توغرا كەلمەيتتى. ئۇلارنى قوغلىدىم دىگەن تەقدىردىمۇ، قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا قوللانغان كونا قائىدەم بويىچە چىرايىمغا ئىللىق تۈس بېرىپ تۇرۇپ، ئىككى ئېغىز ئاچچىق گەپ قىلشتىن باشقىغا ئامالىم يوق ئىدى. شۇندىلا كاۋاپمۇ كۆيمەيتتى. زىقمۇ كۆيمەيتتى. لېكىن بۇ يەرلىكلەر مېنىڭ تىلىمنى بىلمەيۋاتامدۇ قانداق، مېنىڭ خىلى ئاچچىق دەپ قىلغان سۆزلىرىمنىمۇ چىرايىمدىكى ئىللىق تەبەسسۇمنى زاكوسكا قىلىپ تۇرۇپ، تۈزۈتسىزلا ھەزىم قىلىۋىتىۋاتاتتى.
بۈگۈنكى ئىشلارنى يەنىمۇ تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ بىر كۈن، يېشىنمەيلا ئۇخلاش خالتىسىغا كىرىپ، ماي باكىغا باش قويۇشنى خاتىمە قىلغان ھالدا كۆڭۈل خاتىرەمدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئېلىپ قالدى.
بىز رەسمى سەپەرگە ئاتلاندۇق
ئورنۇمدىن تۇرسام قورو ئىچى خىلىلا تىنجىپ قاپتۇ. ئاخشامقى پاتپاراقچىلىقتىن مىڭەم قوچىلىپ، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ تەرتىپىنى ئۇنتۇپلا قالغانىدىم. كاللامنى سىلكىۋېتىپ ئىسىمنى يىغدىم. ئەڭ موھىمى يۈكلەرنى ئىخچاملاپ، لازىم قىلىدىغان ئىشەكلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش كېرەك ئىدى. مەن دەرھال يۈكلەرنى يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندۇم. شۇ ئارىدا قورا ئىچىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كۆتىرىلدى. ئىشەكلەر يېتىلەپ كېلىنگەن ئىدى. بىر نەچچە كىشى تېڭىلغان يۈكلەرنى سوراپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى ۋە مەن ئەمدىلا تەقلەپ قويغان يېشىكلەرنى بىر باشتىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى تۇردى. مەن ئەمدى ئۈلگۈرمەيلا قالدىم. نەرسىلەرنى ئالدىراش يېشىكلەرگە بۆلۈپ قاچىلاپ، ئۈستىگە نىمە ۋە قاچان ئىشلىتىدىغانلىقى توغۇرلۇق بەلگە سالاتتىم. شۇ تەرىقىدە ھايت-ھۇيت دىگۈچە ئىككى-ئۈچ سائەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەترەت ئەزاسى ئۈچ كىشىمۇ ئۆز ھەلەكچىلىگىدە ئاۋارە ئىدى. ئاخىرى ئۆيدىكى نەرسىلەرمۇ تۈگەپ قالدى. شۇندىلا مەن قوراغا چىقىپ شۇنداق قارىماسمەنمۇ، جەمئىي 19 ئىشەك يۈككەر ئارتىلغان ھالدا قورا جايغا بىر كەپتۇ. ئەسلى 10 ئىشەك ئىشلىتىش ئالدىن بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە 19 ئىشەك تەييارلىنىپتۇ. يەنە بىزگە ھەمراھ بولغاچ ئىشەككلەردىن خەۋەر ئالىدىغانغا 5 ئادەم تەييارلىنىپ بىزنىڭ يولغا چىقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇشۇپتۇ. بۇ ئىشنىڭ ئەپلەشمىگەن يېرى ئىدى.
مەن ئاخىرى كەنت سىكىلتارى بىلەن سۆزلىشىپ، ئىشەلەرنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئازايتىشنى، تېڭىلغان يۈكلەرنى چۈشۈرۈپ يىغىنچاقلاشنى ئۆتۈندۈم. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەسلى پىلاندىكى قىلىشقا تىگىشلىك چىقىم زور دەرىجىدە ئارتىپ كېتىپ، مەنمۇ تەس كۈنگە قالاتتىم. كەنت سىكىلتارى ئويلىشىپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن شۇندىلا ئۆيدە قالغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندۇم. ئۇ نەرسىلەرنى ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ شەخسى نەرسىلىرى-كىتاب، كىيىم-كېچەكلىرىم ئىدى. مەن ئەھۋالغا قاراپ، كۆپىنچىسىنى قالدۇرۇپ قويۇش قارارىغا كەلدىم. ”بۇ قېتىمقى سەپەر مۇنچە مۈشكۈل بولىدىغان بولسا، ماڭا كىتاب كۆرۈش، خاتىرە قالدۇرۇشقا نەدىمۇ ۋاقت بولسۇن“- دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە.
-بۇ شەخسىي نەرسىلىرىمنى ئىشەككە يۈك قىلسام، ئومۇمنىڭ مۈلىكىگە خىيانەت قىلغان بولۇپ قالماي يەنە..
مەن شۇ ئويلار بىلەن زۆرۈر بولغان ئاز بىر قىسىم نەرسىلىرىمنى سومكامغا قاچىلاپ دولامغا ئارتتىم. قالغانلىرىنى بولسا بىز ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك پايپىتەك بولغان كىشىگە ساقلاشقا بەردىم. شۇندىلا قوراغا چىقىپ ئىشەكلەرنى ساناپ كۆردۈم. جەمئىي 19 ئىشەك بىزنىڭ يولغا چىقىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مەن يەنە كەنت سىكىرتارى بىلەن كېڭەشتىم. نەتىجىدە قارارگاھقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن توققۇز ئىشەك ۋە ئىككى ئىشەك باقارنى ئالدىن قايتۇرىۋىتىدىغان، قالغان 10 ئىشەك ۋە ئۈچ نەپەر ئىشەك باقار بىز تاغدىن يانغۇچە بىزنى ساقلاپ، بىرگە قايتىدىغانغا پۈتۈشتۇق.
بىز رەسمى تاققا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىشەكلەر ئۇزاپ كېتىپ قالغان ئىكەن، مەن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئارقسىدىن قوغلاپ، بىر چاغلاردا ئاران يىتىشتىم. ئۈستى-بېشىم چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ، پۇتلىرىمدا جان قالمايۋاتاتتى. مۇشۇ تەرىقىدە 90 كىلومېتىر يولنى بېسىپ بولغۇچە نىمە بولۇپ كېتەرمىز، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىشەكلەر كارۋىنىغا يىتىشىپلا ئىشەكلەرنى ساناپ كۆردۈم. 19 ئىشەك تاپ بېسىپ كىتىپ بىرىپتۇ. ئاندىن بەش نەپەر ئىشەك باقار ھەمرايىمىزغا سەپ سالدىم. يېشى ئەللىكىلەردىن ھالقىغان بىر كىشى ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تىزىغىچە تۈرىۋالغان ھالدا ئارقىدىراق كېلىۋەتىپتۇ. ئۇ ئاكىمىز ئېشەك ھەيدىگىلى ئېلىۋالغانمۇ ياكى تايىنىش ئۈچۈن ھاسا قىلىۋالغانمۇ قانداق، ئىشقىلىپ قولتىقىغا بىر غۇلاچ ئۇزۇنلۇقتىكى كالتەكنى قىسىۋېلىپ، ئالدىغا سەل مۈكچىيىۋالغىنىچە موخۇركا ئوراۋىتىپتۇ. ئالا قويماي قورۇق باسقان چىرايى ۋە تىلىپ-تىلىپ قاتلانغان پىشانىسى بۇ كىشىنىڭ كۆپ جەۋرى-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرگەن تەجرىبىلىك ئاقساقال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بويىمۇ ئانچە ئىگىز ئەمەس، ھەركىتىدىمۇ چىۋەرلىكى چىقىپ تۇراتتى. بېشىغا چۇپپۇرلىرى سىرىتقا ئۆرۈلگەن تۇماق، ئۇچىسىغا پېشى تىزىغىچە كىلىدىغان چىپەرقۇت تون كىيىپ، بىلىنى بىغلاق بىلەن باغلىۋالغان، پۇتىغا مامۇش خەي كىيىپ، ئوشۇقىدىن تارتىپ تىزىغىچە ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىچە لىنتا ئورىۋالغان ئىدى. ئىككىنچى بىر كىشى ئىشەكلەرگە تاپانداپ دىگۈدەك ھايت-ھۇيتلىغىنىچە قوللىرىنىمۇ تەڭ پۇلاڭلىتىپ كېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ يەرگە ئېغىر-ئېغىر دەسسەپ، پۇت ئارىلىقىنى سەل كېرىپ ئېغاڭلاپ مېڭىشلىرى مىنى ئۇ كىشى يېزىنىڭ بىرەر مۆھتىرەم ئەمەلدارى يا بولمىسا ھوقوقدارلارنىڭ بېقىنىغا كىرىۋېلىپ، ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ خۇپىيانە ئوۋ ئوۋلايدىغان جان بېقىشقا ئۇستا ئادەممىكىن دىگەن ئويغا كەلتۈردى. بۇ كىشىنىڭ قوپال ۋارقىراشلىرىدىن ئۇركىگەن ئىشەكلەر، تار چۆنەك بولغا پاتماي قالدى-دە، چەتتەرەك ماڭغان بىر-ئىككىسى بۇغدايلىققا بۆقسۈپ كىرىپ كەتتى. ھەممەيلەن تەڭلا ھەرىكەتكە كېلىپ، قورۇقداشقا تۇتۇندى. پەقەت ئارقىدىراق كېلىۋاتقان ئاقساقال كىشىلا ”كىرسە كىرە، قويۇۋىتىڭلار، كونىلارنىڭ <يول يېقىنى تېرىما، تېرىساڭ گەر سورىما> دىگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمۇ بۇ يەرنىڭ ئىگىسى“ دىگەن گەپنى قىلىپ قويۇپ، تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چەككىنىچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدى. ئالدىمىزدىراق كېتىۋاتقان يەنە ئۈچ كىشىمىز بار ئىدى. مەن قەدىمىمنى تىزلىتىپ ئۇلارغا يېتىشىۋالدىم. بىرى 30 ياشلاردىكى سەل ئاقساپراق ماڭىدىغان ئىگىز بوي كىشى ئىدى. قارا موتۇق چىرايىدا كۈلكە ئوينىتىپ گەپ قىلىدىغان بۇ ئاكىمىز ماڭا بۇ يەردىكى بىر قىسىم ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى ۋە بورادەرلىرىنى ماڭا تونۇشتۇردى. يولنىڭ ئۇزۇن ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى بالايى قازالارنىڭ كېلىش ئىھتىمالى بارلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ ماڭا يېقىنچىلىق بىلدۇردى. ۋە دۈمبەمگە يۈدىۋالغان سومكامنى ئىشەككە غانچۇغىلاپ قويماقچى بولدى. مەن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ ئۇنىمىدىم. چۈنكى كۆڭلۈمدە ”ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس“ دىگەن تەمسىل بويىچە، ئالدىمىزدا چېپىپ كېتىۋاتقان ئەترەت ئەزالىرىمىزدىن قالغۇم يوق ئىدى. ئۇلار يوغان سومكىلىرىنى قوش مۈرىدەپ دۈمبىلىرىگە يۈدىۋالغىنىچە، بىمالال ئىلگىرلەپ بارماقتا ئىدى. گېپىگە قۇلاق سالسام بۇ ئىشەك باقار ھەمراھلىرىمىزنىڭ يېخى ۋاقتى كەلسە ماڭا بىر ئىشەكنى ئاجرىتىپ بېرىدىغان تەرى بار ئىدى. مەن دەماللىققا ئىپادە بىلدۈرمىدىم. مېنىڭچە بولغاندا مۇشۇ 90 كىلېمېتىرچە يولنى پىيادە ماڭغۇم بار ئىدى. بۇ بىر چېنىقىش-دە. ياپونىيىلىكلەر قايسى بىر يىلى چوڭى 70 ياش، كىچىكى 19 ياش بولۇپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياشلاردىن بىر گورۇپپا تەشكىللىنىپ، ئەزىز دىيارىمىزنىڭ قۇملدىن باشلاپ ئۈرۈمچىگىچە بولغان 600 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىسىنى پىيادە بىر ئاي مېڭىپ چىققان ئەمەسمىدى. مەن ياش ھەم ساغلام تۇرۇپ مۇشۇنچىلىك يولنى باسالماي، ئاشۇ بىرنى تەپسە ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ئەۋارە تۆت پۇتلۇق ھايۋانغا تاپىمنى ئارتىۋالسام قاملىشارمۇ؟!….
بىز شۇ تەرىقىدە بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ مېڭىۋەردۇق. باشنى كۆتۈرۈپ ھوزۇر سۈرگىدەك گۈزەل مەنزىرىمۇ ئۇچراپ كەتمىدى. كائىناتنىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدىن بۆلەك تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئىش يوق. قارغىش تەككۈر سىرلىق سېرىق تۇمان بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا كۆككە چاڭگال سالغان. غۇۋا كۆرۈنگەن تاغسمان تۆپىلىكلەر يىراقتىن قارىسا ياپ-يېشىل كۆرۈنگىنى بىلەن، يېقىن بارسا تۈكچە چەككەندەك ئاندا-ساندا ئۈنۈپ قالغان، قۇرغاققا بەرداشلق بېرەلەيدىغان سامان غوللۇق، يەرگە چاپلىشىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەردىن بكلىكى يوق. ھەممىلا يەر تازنىڭ قوماچ بېشىدەكلا ئالا، شىمالنىڭ تاغلىرىدەك ياپ-يېشىللىققا پۇركەنگەن پايانسىز يايلاقلارنى كۆرگىلى بولمايتتى.
بېرىش سەپىرىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
قانچە قېتىم دۆڭلەردىن ئاتلاپ، جىلغىلاردىن ئاشقانلقىمىزنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار، چۈشلىگىمىزنى تۇنجى ئۆتەڭ ئالاجويدا قىلدۇق. كەچلىگىمىزگىمۇ ئۇزاق بارمايلا جاي تاللاپ، چېدىر تىكىپ، تاماق ئېتىپ يىدۇق. ئەمدى ئىشلار خېلى يۈرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئاشپەزلىك ھۈنىرىمنى قولۇمغا ئالدىم. ئەتكەن تاماقلىرىم ئەترەت ئەزالىرىغا خېلى تېتىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار ھەدىسىلا باش مالتىغىنى چىقىرىپ ”سيۇپە…سيۇپە“ (بەك ياخشى) دەپ ماختىشاتتى. لېكىن ”سەنكيۇ“ (رەھمەت) سۆزىنى ئانچە ئىشلەتمەيتتى. خۇددى مەن ئۇلارغا تاماق ئېتىپ بېرىشكە بەخشەندە قىلىنغاندەك ، قېنى كۆرىمىز-دەپ ئويلاتتىم ئىچىمدە، تېخى سىلەرنىڭمۇ ھارىدىغان ۋاقتىڭلار كېلىدۇ….
ئېشەك باقارلىرىمىزنىڭ قورسىقىنىمۇ ئاچ قويمىدىم. گەرچە توختامدا ئۇلارنىڭ ئوزۇق-تۈلىكى ”ئۆزىدىن بولۇش“ دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئىنسانچىلىقتا بىرسى قازان بېشىدا قىزىقىنىپ قاراپ تۇرسا، ماڭا قازانغا سۇنى جىقراق قۇيماسلىققا، خۇرۇچنى كۆپرەك سالماسلىققا نىمە ئىلاج دەيسىز… مەن ئەترەت ئەزالىرىغا تاماق تارتىپ بولۇپلا ئۇلارغىمۇ ئايرىم داستىخان سالاتتىم.
بىز شۇ تەرىقىدە ”خان يالىق“ تا بىر كېچە، ”سۇ بېشى“ دا بىر كېچە، ”توغرا سۇ“ دا بىر كېچە قونۇپ، چۈشلىگىمىزنى ئىككى مەنزىلگاھنىڭ قاق-ئوتتۇرىسىدا توختاپلا يەپ ئالغا ئىلگىرلەۋەردۇق. ئەترەت ئەزالىرىغا ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم داستىخان سالاتتىم. چۈشلىكىنى ھەر بىرىگە بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ قولىغا بېرەتتىم. شۇنداق قىلغاندا ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۇلاردىن بىرەرى ئېزىپ-ئادىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاچ قېلىپ يۈرمەيتتى. بىز سۈيى ئۇلۇغ، ئەمما ئانچە چوڭقۇر بولمىغان بىر ئېقىننى بويلاپ توپ-توغرا 13 قات تاغدىن ئۆتتۇق. ئادەم تازا ھارغاندا مۇشۇ تاغدىن ئۆتسەكقۇ تاغ تۈگەر دەپ ئويلىسا، يەنە بىر تاغ باش كۆتىرىپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولنىڭ ناچارلىغىنى دىمەمسىز. نەدىمۇ يول دەپ ئېيتقۇدەك يول بولسۇن. بىز كۆپ ھاللاردا ئېقىن سۇ بويلاپ تاشتىن-تاشقا ئاتلاپ ئىلگىرلەيتتۇق. پۇتىمىز سۇغا كىرىپ كىتىدىغا ۋە ياكى ئېشەكلەردىن بىرەرسى يۈكى بىلەنلا سۇغا غولاپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ ئارىلاپ يۈز بېرىپ تۇراتتى. بۇنداق چاغلاردا ھەممىمىز بىراقلا سۇغا گۈلدۈرلەپ كىرىپ ئىشەكنى يۈكى بىلەنلا سۇدىن سۈزۈپ ئالاتتۇق. چاتاق يېرى ئىشەككە يۈك قىلىپ ئارتىلغان يىمەكلىكلىرىمىزدىن چىقىم بولاتتى. يېشىكلەر سۇدا ماخچىيىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەر ھۆللىنىپ ياكى چېچىلىپ تۈگەيتتى. تازا ھارغاندا بېشىمىزنى كۆتىرىپ قارىغۇدەك بولساق تاغلار تولىمۇ ئېگىز، يول تولىمۇ ئۇزاق بولۇپ كۆرىنەتتى. بىز بىپايان كائىناتتىكى تىنىمسىز قۇرتتەك تاتىلاپ-تىرمىلاپ ئىلگىرلەيتتۇق. چەتئەللىك ئەەترەت ئەزالىرىلا گاھ ئارقىمىزدا كېلىپ، گاھ ئالدىمىزدا ئۇزاپ كېتىپ قالاتتى. بىز سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى ۋە ئەتىسى تاغ جىرالىرىدا، ئىگىز قاپتاللىرىدا ئوتلاپ يۈرگەن قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىنى كۆرۈپ تۇردۇق. ۋە ئىنسان ئايىغى يەتكەن ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلگاھتا پادىچىدىن بىر قوي سېتىۋېلىپ، بىر ئاخشام بولىشىغا گۆش يىدۇق. ئېشىنچە گۆشنى غانجۇغىلاپ ئېلىپ ماڭدۇق. ئوزۇق-تۈلۈككە كەلگەندە بىز خېلى ئىقتىساتچانلىق قىلاتتۇق. ھەر قېتىملىق تاماق مېنىڭ تۈزىۋالغان پىلانىم بويىچە نورمىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. چۈنكى مەھەللىدىن قانچە يىراقلاشقانسىرى قورساق غېمى ھەر كىشىنىڭ بېشىغا شۇنچە يۈكلەنمەكتە ئىدى.
يەنە بىر قىززىق ئىش. بىز ماڭغان جىلغىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە بۇرۇن ياسالغان كونا يول ئىزىنى ئاندا-ساندا ئۇچرىتىپ تۇردۇق. تاغقا كىرگەن بىرىنچى كۈنىلا ھەتتا جىلغىدىكى چوڭقۇر ئېقىنغا سېلىنغان چوڭ بىر ياغاچ كۆۋرۈكتىنمۇ ئۆتكەن ئىدۇق. ئىشەك باقارلىرىمىز بۇ يول ۋە كۆۋرۈكلەردىن پەخىرلەنگەن ھالدا ”ماۋ جۇشى ياسىغان يول بۇ“ دەپ تونۇشتۇردى. مەن قىزىقىپ سوراپ بىلدىمكى، بۇ يوللار ئەسلىدە مەدەنىيەت زور ئېنقىلاۋىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى يەنى 60- يىللارنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئەينى چاغدىكى ئۇلۇغ داھى ماۋزېدوڭ شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تۇتاستۇرماق بولۇپ، كېرىيە ناھىيىسىدىن باشلاپ تاغ ئىچىگە يول ئالغۇزغان ئىكەن. يول ياساشقا گومىنداڭ ئارمىيىسىدىن ئەسىرگە ئىلىنغالار ئىشلىتىلىپتىكەن. ئەپسۇس بۇ يول ئىنژىنىرنىڭ خاتا لاھىيلىشى تۈپەيلى باشقا ئېلىپ چىقىلمىغان ئىكەن. يول دەپ ئېلىنغان لىنىيىنىڭ كەڭلىگى 10 مېتىرچە كېلەتتى. بەزى يەرلىرى ھەتتا تىك تاغنىڭ يان باغرىنى يونۇش ئارقىلىق ياسالغانىدى. ئەپسۇس ھازىر بولسا ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپ يەرلىرىنى سۇ ئېلىپ كەتكەن ۋەياكى تاش-توپىلارنىڭ غولاپ چۈشىشىدىن، كىشىگە بۇ يەردە يول باركەن دىگەن تۇيغۇنى بېرەلمىگۈدەك ھالەتتە ئىدى.
تۆتىنچى كۈنىگە بارغاندا بىز مېڭىپ كېلىۋاتقان جىلغا بىراقلا تارىيىشقا باشلىدى. ھايال ئۆتمەي بىز تىك تاققا يىلان باغرى يامىشىشقا باشلىدۇق. ئىشەكلەر ھەدىسىلا توختىۋېلىپ باراتتى. دىمىسىمۇ تۆت كۈندىن بۇيان بۇ جانۋار تازىمۇ ھارغان ئىدى. شۇ تۇرقىدا بەللىرى ئىگىلىپ، قۇلاقلىرىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئارانلا پۇت دەسسەپ تۇراتتى. بەزى قونالغۇلاردا بىز يىگىلى ئورۇق-تۈلۈك بولغىنى بىلەن ئىشەكلەر ئۈچۈن نە ئوت-چۆپ بولسۇن. مانا ئەمدى شۇ جانۋارلار تاغ يولىدا توكىسلاپ ئارانلا تىرەجەپ تۇراتتى. بىز ھەممىمىز بىرلىككە كەلدۇق. بىر ئادەم ئىككىدىن ئىشەككە مەسئۇل بولۇپ، بۇ خەتەرلىك ھاڭدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇق. يول راستىنلا خەتەرلىك ئىدى.
مەن دېمىم كېسىلگۈچە يۇقىرى ئۆرلەپ، پەسكە قارىسام ئاستىمدا يۈز مېتىرچە ھاڭ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۈستى تەرىپىمدىمۇ قىيا تاشلار ھازىرلا دومىلاپ چۈشىدىغاندەك ساڭگىلاپ تۇرۇپتۇ. كۆڭلۈم سەل ئېلىشپ، بۇرۇنۇمغا ئۆلۈم پۇرىغاندەك بولدى. ھەر ھالدا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالىدىم. چەتئەللىك ئەترەت ئەزالىرى بىخارامان ھالدا تاپانداپ كېلىپ ، ماڭا ئىلھام بېرىۋاتاتتى. ئۇلار ماڭالىغان يولدا مەن نىمە دەپ ماڭالمىغۇدەكمەن. مەن ئىشەكنى تۇرتۇپ ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىغا قەدەم باسقۇزدۇم. بىردىنلا ئالدىدا كېتىۋاتقان ئىشەك تىرەجەپ تۇرۇپ قالدى. ئارقا پۇتلىرى مۇقىملىقىنى يوقىتىپ، يولغا توغرىسىغا كەپلىشىپ قالغانىدى. كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى. ئۆزۈمنى يان باغرىغا ئېتىپ ئالدىدىكى ئىشەكنى ئايلىنىپ ئۆتتۈم-دە، خەتەردە قالغان ئىشەكنى قۇشقۇنىدىن تۇتىۋالدىم. ئۇ ئىشەك ئارقىسىغا بىرلا زوڭ ئولتۇردىمۇ ئىش تۈگەيتتى. ئەسلىدە ئالدىدا ماڭغان بۇ ئېشەكنىڭ يۈكى بىر ياققا ئېغىپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە بىز مىڭىۋاتقان بۇ يولنىڭ شۇ ئىشەك قاپسىلىپ قالغان يېرىدە بىر دونىغاي تاش بار ئىكەن. يۈك بىرلا ئۇرۇلۇپتىكەن، ئىشەكنىڭ بېشى يۇقۇرىغا، ئارقىسى خەتەرلىك ھاڭغا توغىرلىنىپ قاپتۇ. مەن پۇتۇمنى تەسلىكتە مۇقىملاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئىشەكنى سەل ئىتتىرىۋىدىم ئىشەك بىرلا سىلكىنىپ خەتەردىن ئۆتۈپ كەتتى.
شۇ چاغدىلا كەنت باشلىقىنىڭ بىز يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا جىكىلەپ ئېيتقان ”كۆپ دىققەت قىلىڭلار، يەنە تاغدا بىر ئىشەك ئۆلسە مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشىڭلار كېرەك“ دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى. مەن دەرھال ئارقامدىكى باشقا ئىشەكلەرگە قاراپ چىقتىم. 19 ئىشەك سەككىز ئادەمنىڭ ھىمايىسىدە مۆلدۈرلەپ كېلىۋېتىپتۇ. مەن نەزىرىمنى ئاستى تەرىپىمدىكى ھاڭغا يۆتكىدىم. 60 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇق ياساپ پەسىلىگەن يان باغىر 10 مېتىرچە سوزۇلۇپ بېرىپ، پىچاق بىلەن تىلىۋەتكەندەك بىراقلا تۈگەپ كېتىپتۇ. ئاستىدىن ئېقىن سۇنىڭ شاقىرىغان ئاۋازى ئەكس سادالار ياڭرىتىپ يىراقلاردىن ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. يار لىۋىنىڭ سۇ يۈزىگىچە بولغان ئىگىزلىكى گەرچە كۆرۈنمىسىمۇ بىرەر يۈز مېتىرچە بارلىغىدا گەپ يوق. مەن قولۇمغا مۇشتۇمدەك تاش ئېلىپ پەسكە دومىلىتىپ قويۇپ بەردىم. تاش دومىلاپ-دومىلاپ بېرىپ يار لېۋىگە بىر مېتىرچە قالغان جايدا توختاپ قالدى. مەن ”خەتەر چوڭ ئەمەس، مەن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، پاقىدەك چاپلىشىپلا تۇرىۋالسام، شىغىل تاشلار بىلەن قوشۇلۇپ سىرىلىپ بېرىپ يار لىۋىگە بارماي تۇرۇپلا توختاپ قالغۇدەكمەن.“ دەپ ئويلاپ، كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشكەندەكمۇ بولدى.
مەن شۇ دونىغاي تاشنىڭ ئۇدۇلىدىكى ياپسا جايغا پۇت قويۇپ قالغان ئىشەكلەر ئۆتۈپ بولغۇچە غولىچىمنى كەرىپ، مىڭ يۈەن تۆلىمەسلىك ئۈچۈن بىخەتەرلىككە كاپالەت بەردىم. تەر چىكەمدىنلا ئەمەس پۈتۈن ئەزايىمدىن شۇرقىراپ ئاقماقتا ئىدى. سەپىرىمىزنىڭ تۆتىنچى كۈنى يۇقارقىدەك يوللارنىڭ بىر قانچە يەردە ئۇچراپ تۇرىشى بىلەن، كۆڭۈللەر دەككە-دۈككە، تەنلەر ماغدۇرسىز ھالدا مىڭ تەسلىكتە تامام بولدى.
مۇشۇ كۈنى بولغان يەنە بىر ئىشنى ئېيتىپ ئۆتمەي بولماس دەيمەن. كارۋان باشلىقى (مەن ئىككىنچى قېتىم تونۇشتۇرغان قىرىق ياشلاردىكى تەمبەل كىشى ئەسلى بۇ قېتىمقى سەپەردە ئىشەك باقارلارغا باش بولغان ئىكەن.) نىڭ سۆزى بويىچە بولمىغىنىدا، تۈنۈگۈن يەنە خېلى مۇساپىنى بېسىپ ئاندىن قونساقمۇ ئۈلگۈرەتتۇق. لېكىن ئۇ كىشى ھەدىسىلا ”ئالدىمىزدا چۈشكۈن قىلغۇدەك جاي يوق، ئىشەككىمۇ ئوت يوق“ دىگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى بالدۇرلا ياتقۇزىۋەتكەن ئىدى. ئەمدى بۈگۈن تىك يارنىڭ لىۋىگە كېلە-كەلمەيلا قونماقنىڭ قازىنىنى ئاستى. بۇ پىكىرگە مەن قاتارلىق تۆتلا كىشى قارشى تۇردۇق. ئۇ ئاكىمىزنىڭ دىيىشىچە، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئالدىمىزدىكى يولنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، بۇزۇلغان قىسىملىرى بولسا، ئوڭشاپ ئاندىن ئەتە يولغا چىقساق بولارمىش. مەن ۋە بىز ياقلىق بىر كىشى يولنى بۈگۈنلا كۆرۈپ بېقىشقا تەرەددۇتلىنىپ، قالغانلار چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قولىمىزغا تاققا چىقىشتا ئىشلىتىدىغان كىچىك گۈرجەك ۋە تاش چوقۇلارنى ئېلىپ، يولغا ئاتلاندۇق. بېرىپ كۆردۇقكى ھەقىقەتەن ئىككى ئارغامچا ئۇزۇنلۇقتىكى تاغ يولى شىغىل تاشلار بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىلگەن بولۇپ، يول ياسىماي تۇرۇپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بىز ئىككىمىز يېرىم سائەت ئىشلەپ، پۇت پاتقۇدەك يول ياسىدۇق ۋە شۇ ئارىلىقتا بىرىمىز ئىشەك كارۋىنىمىزنى باشلاپ كېلىپ يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. ئەپسۇس، كارۋان بېشىنىڭ جان پېنى چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھەدىسىلا ماڭا زەھرىنى چاچاتتى. مەن ئېغىر بولۇپ كۆپ چۈشەندۈردۈم. مېنىڭ قارىشىمچە بىز ئاشۇ ئۈچ نەپەر ئامرىكىلىق تاققا چىقىش ھەۋەسكارلىرىغا مۇلازىمەت قىلغىلى كەلگەن ئىكەنمىز، ئۇلارنى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكۈزىشىمىز كېرەك. ھېچ بولمىغاندا ئۇلارغا يۈك بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارمۇ ئىلگىرى كۆپ تاققا چىققان بولسا كېرەك، ئالدىمىزدا ئاتتەك چېپىپ چىقىپ كىتىۋاتاتتى. مەنمۇ چىشىمنى چىشلەپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئۇلاردىن قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە ئىدىم. شۇڭىمۇ ئۇلار ئارتىۋالغاندەك سومكىدىن بىرنى ئۈزۈلدۈرمەي يۈدۈپ كېلىۋاتاتتىم. دىمىسىمۇ بۇ مەن ئۈچۈن بىر چېنىقىش پۇرسىتى ئىدى. ئەمدى نىمە دەپ يەرلىك كىشىلەردىن بولغان بۇ ئىشەك باقار تاغىلىرىمىز ۋايساپ قالغۇدەك. ئۇلارنىڭ يا دۈمبىسىدە يۈكى بولمىسا، يەنە تېخى مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندىكىن بۇنداق تاغ يولىغا بىزدىنمۇ پىششىق ۋە چەبدەس بولىشى كېرەك ئىدىغۇ.
مەن ئۇ كىشىگە ھەرگىز يول قويمىدىم. ھەر ئاماللارنى قىلىپ يولىمىزنى داۋام قىلىۋەردۇق. ئۇ كىشى ھەدىسىلا ماڭا ئاچچىق قىلاتتى. ماڭا تەربىيە بەرگەندەك ھەتتا نەسىھەت قىلغاندەكمۇ قىلاتتى. شۇ چاغدا مېنىڭ سەل ئوغام قايناپ ”سىلەرمۇ ئاشۇ چەتئەللىكلەردەك جاپاغا چىداپ تىرىشقان بولساڭلار، ھالاۋەت كۆرەتتىڭلار، بۇنداق قىينىلىپمۇ يۈرمەيتتىڭلار، جاپاغا چىداش روھىڭلارنىڭ كەملىكىدىنمۇ مۇشۇ كۈنگە قېلىۋاتىسىلەر“ دەپ سالماسمەنمۇ. ئۇ كىشى چىچاكشىپلا كەتتى. ”بىزنى كەمسىتىۋاتىدۇ“ دەپ، قالغان تۆت كىشىگە داتلاپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلغىلى تاس قالدى. ھىلىمۇ ياخشى مەن باشتا تونۇشتۇرۇشقا ئۇلگۈرمىگەن ھىلىقى قىران ياش (سىكىرتارنىڭ ئىنىسى ئىكەن) ئانچە-مۇنچە كىتاب كۆرىدىغان، يېڭى شەيئىلەردىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋىرى بار زىيالى مىجەز تەبىئىتى بىلەن مېنىڭ يېنىمنى ئېلىپ، كارۋان بېشىغا ئىككى ئىغىز ياخشى گەپ قىلىشىپ بەردى. بولمىسا ھەتتا سەپىرىمىز كۈچلۈك توسالغۇغا دۇچ كەلگەنمۇ بولار ئىدى. شۇڭىمۇ كارۋان بېشى يولنىڭ تازا خەتەرلىك جايلىرىدىمۇ ماڭا پەقەتلا گەپ قىلمىدى. كۆسەتمىمۇ بەرمىدى. دىيىشىچە ئۇ كىشى بۇ يولنى ماۋزېدوڭ زامانىسىدىلا مېڭىپ كۆرگەن ئىكەن.
گۇناھ مەندىنمۇ ئۆتكەن. نىمىشقىمۇ ئۇلارنىڭ يېغىرىنى تاتلىدىم. يۇرتىمىز كىشىلىرىنىڭ بەگلەرچە كۆڭلى بارلىقىنى، ئۆزى ئۇچراۋاتقان جەۋرى-زۇلۇملارنىڭ سەۋەبىنى ھەقلىق دەپ بىلىپ، ئۆزىگە چاڭ قوندۇرمايدىغان مىجەزىنى بىلمەمدىم مەن. راستىنلا شۇنداق. بىز غلىتە خەلق. ئۆزىمىزدىن ئۆتكەن ھەرقانداق سەۋەنلىكلەرنى تەبىئىيلا بىرەر ئىشقا دۆڭگەپ قويىمىز. ھەچ بولمىغاندا ”تەقدىر پىشانە“ مىزدىن كۆرىمىز. تەپ تاترتمىساق ياراتقان ئىگىمىزگە تۆھمەت قىلىمىز. بىزدە شۇنداق بىر تەمسىل بار، ”ئېتىم ئۈركىمىسە، ئاتام ئۆلمەيتتى، قاغا ئۇچمىسا ئېتىم ئۈركىمەيتتى، دۆڭ بولمىسا قاغا قونمايتتى“ دەيدىغان. بۇ ئوچۇقلا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈشىنى يەر يۈزىدىكى بىر دۆڭنىڭ بولىشىغا ئارتىپ قويغانلىققۇ. يەر يۈزىدە دۆڭنىڭ بولماسلىق مۇمكىنمۇ؟! بىز شۇنداق قىلىمىز. بىرەر ئىشنى قىلالمىساق سەۋەبىنى باشقىلاردىن ئىزدەيمىز، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىمىزگە تەسەللىي بېرىمىز. نەتىجىدە ئۆزىمىزنى ئالدايمىز. بىزدە يەنە ”سەۋەب قىلسا سېۋەتتە سۇ توختايدۇ“ دىگەن تەمسىلمۇ بار. مانا بۇ ئامالىنى قىلساڭ ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسەن دەگەنلىك ئەمەسمۇ. ئۇنداقتا بىز بىرەر ئىشتا مەغلۇب بولساق ۋە ياكى بىرەر ئىشتا بېشىمىز قاتسا شۇ ئىشنىڭ مۇمكىن بولۇشى يەنى ئوڭغا تارتىش ئېھتىمالى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانساق بولغۇدەك. بىز ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقماسلىق سەۋەبىنى شۇنچە ئاسان تاپالايدىكەنمىز يۇ، ئەجىبا شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىمالىنى-ئامالىنى ھەرگىز تاپالماسمىزمۇ؟!
تۆتىنچى كۈندىكى جاپالىق ھەم كۆڭۈلسىز سەپىرىمىز بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ، چىشىمىزنى چىشلەپ، ئىشەككە دارتمىلاپ، بىر-بىرىمىزگە ئاچچىق قىلىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندىلا چىدىر تىككۇدەك بىر تۈز جايغا چىقىپ كەلدۇق. ۋە ماغدۇرسىز تېنىمىزنى ئاران يۆتكەپ چىدىرىمىزنى تىكتۇق-دە، ئۆزىمىزنى داق يەرگە تاشلىدۇق. قېرىشقاندەك بۇ يەرنىڭ شامىلىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى دىمەمسىز. بۇ يەر خۇددى كوھىقاپنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرۇشىمىزغا قار ئارىلاش مۆلدۈر يېغىشقا باشلىدى.
كاللامدا قورساقنى قانداق غەملەشنىڭ ئويى كەچمەكتە ئىدى. مەن يەنە ئىشقا كىرىشتىم. يولدا ئويلاپ قويغىنىپ بويىچە ئاۋۋال خېلى يىراقلاردىن باكقا سۇ قاچىلاپ كەلدىم-دە، بېسىملىق قازانغا تولدۇرۇپ سۇ قۇيدۇم. گاز ئوچاققا شامالدىن دالدىلاپ تۇرۇپ ئوت ياقتىم. سۇ قاينىغۇچە ئازراق ياڭيۇ ۋە سەۋزىلەرنى قەلەمچە قىلىپ تەييارلىدىم. گۆشتىنمۇ ئازراق شىلىۋالدىم. سۆڭىكىنىمۇ سۆڭەك بويىچە پارچىلىدىم. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئارتۇق بۇ جايدا قازاندىكى سۇ ئاسانلا قاينايتتى. لېكىن تۇزىنى تىتىسا ئىغىز كۆيمەيتتى. مەن تەييارلىغان نەرسىلەرنى قازانغا سېلىپ، خۇرۇچلىرىنى ئىدىتلاپ تەمىنى تەڭشەپ تۇۋاقنى ياپتىم. ياپتىملا ئەمەس، بۇراپ چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۈستىگە ئازراق تاش ئارتىپمۇ قويدۇم. مەن سائىتىمگە بىر قارىۋالغاندىن كېيىن، كۈندىزى ئاشخانا كىچىسى ئىشەك باقار ھەمراھلىرىمىزغا ياتاقخانا قىلىۋالغان چوڭ چىدىرنىڭ ئىچىگە داستىخان سېلىپ ئىچىملىكلەرنى تەييارلىدىم. ھايت-ھۇيت دىگۈچە 15 مىنۇت ئۆتۈپ، قازان قايناپ، تۇۋاقتىكى بىخەتەرلىك تۆشىكىدىن ھور پۇۋلەپ، ئۈشتەك چېلىنغىلى تۇردى. مەن ئەترەت ئەزالىرىنى تاماققا چاقىرىپ قويۇپ، ئۈچ قاچىغا تەييار چۆپتىن بىردىن ئۈچنى سالدىم ۋە ئۇلار كىرىشىگىلا ئۈستىگە قازاننى كۆتۈرۈپ كىرىپ شورپىسىدىن قۇيۇپ، زاكوسكىنىمۇ بۆلۇپ بەردىم. ئەترەت ئەزالىرى ”سيۇپە… سيۇپە…“ دىيىشىپ غىزاغا تۇتۇندى. مەن قازانغا يەنە بىر مەرتە سۇ قۇيدۇم-دە، ئىشەك باقارلىرىمىزغا خورجۇندىكى نانلاردىن ئۇۋاپ قويۇشنى ئېيتىپ گاز ئوچاققا ئوت ياقتىم. ئالدىنقىسى مېنىڭ تاغ ئىچىدىكى مەسئۇلەتلىرىمنىڭ بىرسى بولسا، كېيىنكىسى ئاشپەزچىلىك ھۈنۈرىم بەدىلىگە ئېرىشكەن كىچىككىنە ئىمتىيازىم ئىدى. مەن شۇ ئىمتىيازلىرىمدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ سەرخىللىرىدىن بولغان، ئىشەك باقار ھەمراھلىرىمنى مېھمان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەندىن رەنجىگەن كۆڭلىنى ئۇتىۋالاتتىم.
ئەتىگەن كۆزۈمنى ئاچسام، تاڭ ئېتىپ ئەتراپ يورۇپلا كېتپتۇ. چىدىر ئىچىگىمۇ كىتاب كۆرەلىگۈدەك دەرىجىدە يورۇق چۈشۈپتۇ. سائەتكە قارىدىم. يەرلىك ۋاقت 8 يېرىم بولۇپتۇ. دەھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاۋۋال ئۇخلاش خالتىسىنى، ئاندىن چىدىرنى يىغىشتۇردۇم. شۇ ئارىلىقتا ئوچاققا چەينەكتە سۇ قۇيۇپ، ئوت يېقىپ قويدۇم. ھەر ئەتىگىنى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ قەھۋە ئىچىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ئۇلارمۇ كورۇشكىلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىشىپ قالدى. سۇمۇ قاينىدى. لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ بەردىم.
ئاخشام يېتىشتىن بۇرۇن، ئەتە ئەتراپنى قار قاپلىغان ھالدا كۆرىمەنغۇ دەپ ئويلىغانىدىم. نەدىكىنى ئەكسىچە تاغ چوققىسىدىن قۇياش پارلاپ چىقىپ، ھاۋامۇ خىلىلا ئىللىپ بېرىۋاتاتتى.
مانا بۇ بىز قويۇپ ئۆتكەن سۇ بېشى“ دېگەن جاي ئىدى. بۇ يەر ھەقىقەتەن سۇنىڭ بېش ئىدى. بىر قانچە كۈدىن بۇيان بىز ئۇدا ياقلاپ كەلگەن ئېقىن سۇ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئېقىننى قۇرۇق قالدۇرۇپ تاشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتەتتى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، تاشلارنىڭ ئارىسىدىن لەش تارتىپ ئېقىپ چىقاتتى. دېمەك ئەمدى بىز ئىچىدىغان سۇ ئۇنچە ئاسان تېپىلمايتتى. بۈگۈندىن باشلاپ بىز سۇدانلىرىمىزنى سۇغا لىقلاپ، سۇ قاچىلىغىلى بولىدىغانلىكى بەرسىلىرىمىزگە سۇ ئېلىپ يولغا چىقىدىغان بولدۇق.
بىز يەنە يولغا ئاتلاندۇق. ھاۋاسى ھەقىقەتەن ئالاھىدە سوغاق بولغان ”قار ياغدى“. راستىنلا سۇپرىدەك يوغان-يوغان قورام تاشلىرى بولغان، ”سۇپرا تاش“ دىگەندەك جايلار بىزنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى چىشىمىزنى چىشلەپ باسقان قەدەملىرىمىز ئارقىسىدا خاتىرە دەپتىرىمىزنىڭ ئۆتمۈش بېتىگە پۈتۈلۈپ قالماقتا ئىدى. بۈگۈنكى يولىمىز سۇ بېشىدىن باشلاپ ”تەغرا سۇ“ غا يېتىپ بېرىش ئىدى. بۇ ئارىلىقتا يەنە شېغىل تاشلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كېتىدىغان يېرىنى كۆرۈپ تاغنىڭ ئەڭ ئىگىز يېرىدىنمۇ ئاشتۇق. ۋە ئاخىرى شۇ تاغنىڭ ئەڭ ئىگىز يېرىنى باشلىنىش قىلىپ شەرقتىن غەرپكە قارا ئاقىدىغان يەنە بىر ئېقىنغا دۇچ كەلدۇق. بىز بەش كۈندىن بۇيان ئۇدا جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ كەلمەكتە ئىدۇق. دېمەك ئالدىمىزدا ”توغرا سۇ“ كۆرۈنمەكتە ئىدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى خېلىلا شالاڭ ئىدى. ئېنىقكى دېڭىز يۈزىدىن بەش مىڭ مېتىر كىلىدىغان ئىگىزلىككە چىقىپ قالغان ئىدۇق. ئىككى ئىشەك باقارىمىز باش ئاغرىقىغا قالدى. ھەممىمىزنىڭلا نەپىسىسمىزگە ھاۋا يېتىشمەيتتى. دورىلىرىمىز ئۆز رولىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەشەكلەرمۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مۈگىدەپ قىلىشىۋاتاتتى. يەنە مېڭىشقا ماجالىمىز يوق. مۇشۇ ئىگىز تۆپىلىككە چۈشكۈن قىلدۇق. مەن سۇ ئىزدەپ ئېقىنغا توغرا ماڭدىم. خىلى ماڭغاندىن كېيىن شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇرغان كىچىككىنە ئېرىقچىغا چىقىپ كەلدىم. گەرچە ئېقىننىڭ ئورنى كەڭ بولغىنى بىلەن سۇيى كەم ئىدى. بەلكىم بۇمۇ پەسىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. شۇ تاپتا سۇغا قاچا چۆكمەيتتى. مەن ئېرىقچىنىڭ ئىچنى قازان چوڭلۇقىدا ئويدۇم-دە، سۇنىڭ يىغىلىشىنى ئاندن تىنىشىنى ساقلىغاچ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. چىدىرىمىز خىلى يىراقلاردا دۈمچەكلىشىپ تۇراتتى. يېنىمىزدىكى تاغلارمۇ ئانچە ئىگىز كۆرۈنمەيتتى. دېمەك ئىگىز دىگەن تاغلارمۇ مانا ئەمدى بىزنىڭ ئاستىمىزدا قالغان ئىدى. مەن يىراقتا سڭەكلەرنى كۆردۈم. يېقىن بېرىپ بىلدىمكى، بىلكىم ئىلگىرى يول ياسىغىلى كەلگەنلەرنىڭ بولسا كېرەك. ھەممىسىلا تۆگە سۆڭىكى ئەكەن. ئۇ يەر-بۇ يەردە يەنە دۈمچەك-دۈمچەك قەبرىلەرمۇ تۇرغاندەك قىلاتتى. دېمەك بۇ يەردە مۇندىن 20-30 يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق ھايات ماماتلىق جەڭ-ئىنسانلارنىڭ جان ساقلىماق ئۈچۈن تەبىئەت بىلەن قىلغان كۈرىشى بولۇپ ئۆتكەن، ئۇتتۇرغۇچىلار ئىنسانلار، ئۇتقان تەبىئەت ھېلىمۇ مەيدىسىنى كېرىپ پەلەككە تاقىشىپ، گېدىيىپ تۇرماقتا. بىز گىمۇ تەھدىت سالىدىغانلىقى ئېنىق…
شىۋىرغان كۈچەيگىلىۋاتاتتى. مەن دەرھال باكلارغا سۇ قاچىلاپ، يولۇمغا راۋان بولدۇم. مىڭ تەسلىكتە چىدىرغا يېتىپ كېلىپ، تاماق ئېتىشكە كىرىشىپ كەتتىم.
بىزنىڭ بىر ئاخشام-بىر كېچىلىك ۋاقتىمىز مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. قاياقلاردىندۇر بۆرىلەر ھوۋلىغاندەك، بىر تۇرۇپ بوران ھوشقىيتقاندەك قىلاتتى. باشلار زىڭىلداپ ئاغرىيتتى. بۇ يەرنىڭ خەتەرلىكلىگى ھەممىمىزگىلا ئېنىق بىلىنمەكتە ئىدى. بىز بۇ قېتىم بۇ يەردە قونۇپ سالغىنىمىزغا پۇشايمان قىلىپ، سەھەردىلا يولىمىزغا راۋان بولدۇق. پاكار دۈمبەلچەكلەرنى يېرىپ ئۇزاق ماڭمايلا پايانى كۆرۈنمەس تۈزلەڭلىككە چىقىپ قالدۇق.
مەنزىرە ھەقىقەتەن كىشى كۆڭلىنى ھاياجانغا سللالىغۇدەك دەرىجىدە تەبىئىي ۋە گۈزەل ئىدى. قولىڭىزنى چىكىڭىزگە قويۇپ، كۆزىڭىزنى قىسىپ يىراقلارغا نەزەر سالغۇدەك بولسىڭىز تۈزلەڭلىكنىڭ ئۇ چېتى، ياق، تۆتلا ئەتراپىدا قارلىق تاغلارنىڭ بارلىقىنى پەرق قىلالايسىز. لېكىن كۆزلەر بۇنداق چەكسىز موھىتقا تىخى ماسلىشىپ بولالمىغاچقا، يىراقلارغا ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ، نەزىرىڭىزنى يېنىڭىزغا ۋە قول-پۇتىڭىزغا يۆتكىسىڭىز بېشىڭىز قايغاندەك بولىدۇ. بۇمۇ ھەر بىر كىشىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئالدىڭىزدىكى بۇ كائىنات چەكسىز چوڭ بولغاچقىلا سىز كۆرەلىدىڭىز. لېكىن ئارىلىقنىڭ قانچىلىك بارلىقىنى پەرەز قىلالامسىز. يۈزەكى قىياسىم بويىچە ئېيتقاندا، بىز چىقىپ كەلگەن مۇشۇ تاغ بىلەن ئۇدۇلىمىزدىكى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا كام بولغاندا يۈز كىلومېتىرچە يول بارلىقىدا گەپ يوق. تۆتلا تەرىپى تاغ بىلەن قورشالغان بۇ تۈزلەڭلىك كىشىگەقانداقتۇر بىر سىرلىق دۇنيادەك تۇيۇلاتتى. بەش مىڭ مېتىرلىق ئىگىزلىكتە مۇنداق بىر تۈزلەڭلىكنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. ئەمدى بۇ يەردە سۇمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئىشەكلەر بىخارامان قۇم كېچىپ يورغىلاپ كېتىپ باراتتى. ئىشەك باقارلىرىمىزمۇ مانا ئەمدى ئىشەكلەرنى نۇقتىلاپ، يۈكلەرنى ئىخچاملىۋىتىپ، ھەر بىرى بىردىن ئىشەككە مىنىۋالغانىدى. بەلكىم ئۇلار تېزلىك ئاشۇرۇپ ئىلگىرلەۋاتقان ئىشەكلەرگە يىتىشەلمەي قېلىۋاتقاچقا شۇنداق قىلدى. دىمىسىمۇ بۇنداق جايدا يۈگۈرۈپ بولمايتتى. تۆتلا تاقلاپ قويدىڭىزمۇ ئۆپكىڭىز ئاغزىڭىزغا تىقىلىپ، بېشىڭىز پىرقىراپ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ”ئىس تۇتىۋىلىش“ (高山反应) يۈز بېرەتتى. ئۇلار مېنىمۇ ئىشەك مىنىۋىلىشقا دەۋەت قىلدى. مەن ئارقىمىزدا خېلى ئۇزاپ قېلىۋاتقان ئەترەت ئەزالىرىغا قاراپ قويۇپ، رەت قىلدىم. ئىشەك كارۋىنىمىز تۈزلەڭلىكنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن قازان ياردى قىلىپ، تۆۋەنگە قاراپ سىلجىپ بارماقتا. تۈزلەڭلىك تەدرىجى ھالدا سەل يانتۇ قىلىنغان تەخسىدەك بىر ياققا قىيسىيىپ باراتتى.ئالدىمىزدىكى ئويراق كۆرۈنگەن جاي سەل قارىيىپ تۇراتتى. ئۇ جايدا سۇ باردەك قىلاتتى. مەن پۇت-قوللىرىمنى ئەركىن تاشلاپ پايپاسلاپ كەلمەكتىمەن. ئىشەكلىرىمىز ئالدىمدا كۆزۈم ئارقامدا. ئەترەت ئەزالىرىمىز خېلى يىراقلاردا قارا توچكىدەك كۆرۈنۈپ قېلىۋاتاتتى. بەلكىم ئۇلار توختاپ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى سۈرگتكە تارتىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم، ئىچىمدە. ئۆزۈمنى ئامال بار ”ئۇلار ساقسىز بولۇپ قالدىمۇ-يە“ دىگەن ئەندىشىدىن خالى قىلماق بولۇپ.
مەن ئىشەكلەردىن ئۇزاپ قالماسلىققا تىرىشىپ چىشىمنى چىشلەپ تازا ماڭدىم. بىز نىشانلاپ ماڭغان دالا سېرىق رەڭ، بەلكىم يايلاق بولسا كېرەك. بىز ماڭغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇ ماڭغانچە،گاھ چىلىقلاپ تەرلەپ، گەھ سوۋۇپ مۇزلاپ، پۇتلىرىم سەزگۈلىرىنى يوقاتقانغا قەدەر ئىلگىرلەپ مىڭ تەسلىكتە پاكار سېرىق ئوتلۇق شورداڭغا يېتىپ باردىم. ئىشەك باقارلىرىمىزمۇ ئىشەكلىرىدىن چۈشۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلىغانىدى. مەنمۇ بىز ھازا ئاسماننىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ بىخۇت يېتىپ كەتتىم. ئالاھىزەل يېرىم سائەت ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن، ئەترەت ئەزالىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىپ كېلىشتى. مەن ئىشەكلەرنىڭ بىرىدن يېشىك يېشىۋېلىپ، ئۇلارنى ئىچىملىك بىلەن تەمىنلىدىم.
ئەمدى ماڭىدىغان يولىمىز يايلاقتەك قىلاتتى. يايلاق دىسەم پايانسىز كەتكەن ياپ-يېشىل چۆپلۇكمىكى دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇ يەرنىڭ يايلاقلىرىدا گىياھ دىگەنلەر كامدىن كام ئۆسىدىكەن. بىرەر تۈپ ئىرغاي ۋە ياكى يولغۇن چاغلىق قولغا چوماق بولغۇدەك نەرسە ئەزەلدىن تېپىلمايدىكەن. ئىشەك باقارلىرىمىزمۇ ئىشەك ھەيدەيدىغان تاياقلىرىنى يوقۇتۇپ قويدىمۇ ياكى سۇنۇپ كەتتىمۇ شۇ تاپتا چىدىرنىڭ كالتەك تومۇرلىرىنى قوللىرىغا ئېلىۋىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان ئىدى. بۇ يەرنى ”يايلاق“ دەپ ئاتىشىمدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يەر يۈزىگە تۆت-بەش سانتىلا بىخ سۈرۈپ چىقالىغان تىكەندەك ئۇچلۇق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ھەممىلا يەرگە تەكشى يېيىلىپ ئۆسكەن بولۇپ يىراقتىن قاراشتا سارغىيىپ كۆرۈنەتتى. يەنە بىرى يىراق-يىراقلاردىن ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان چاپقاق ھايۋانلار، مەسىلەن جەرەن، بۇغا ۋە قوتازلارنىڭ بار بولغانلىقىدا ئىدى. بۇ ھايۋانلار شۇنچىلىق يىراقلىقتا خۇددى يىپ تارتىپ قويغاندەك تۈپ-تۈز چېپىشاتتىكى، رەڭگىمۇ تەبىئەتكە شۇنچە ماسلىشىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئادەم ئوچۇقلا كۆرەلىگەن نەرسىنى يەنە بىر ئادەم پەقەتلا ئىلغا قىلالمايتتى. ئاخىرى بارماقنى ئۇچلاپ شۇ تەرەپنى چەنلەپ تۇرۇپ كۆرسەتكەندىلا بىر ۋاقت كۆزىنى قىسىپ قارغا ئېلىپ ئاران دىگەندە كۆرەلەيتتى. باشقا تەرەپكە شۇنداقلا بىر قاراپ، قايتا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرسىڭىز ئۇ ھايۋانلار يەنە نەزەر دائىرىڭىزدىن غايىپ بولاتتى. بىز يەنە ئۇ يەر- بۇ يەردە ئۆلگەن قوتازلارنى ئۇچرىتىپ تۇردۇق. ئۇنىڭ تېنىنىڭ يوغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. قارىماققا يېڭىلا ئۆلگەندەك بىجىرىم كۆرىنىدىغان بۇ قوتازلارنى تېپىپ باقسا ئىچىدىن توك-توك قىلغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى. ئاچ بېقىنىدا تۆشۈك بار بولاتتى. ئېنىقكى ئاچ بۆرىلەر قوتازلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاچ بېقىنىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئاۋۋال قورسىقىدىكى ئېغىنى، ئاندىن ئىچ-قارنىدىن تارتىپ بارلىق گۆشلىرىنى يەپ بولغان ئىدى. پەقەت تىرىسىنىلا بۆرىلەر قاتتىق كۆرۈپ يىمەي قويغان. بۇ تېرىلەر قوۋۇرغىلارغا چاپلىشىپ، ئاپتاپتا قىززىپ، شامالدا قۇرۇپ، داپتەك تارتىشىپ كەتكەن ئىدى. يېتىلگەن قوتازنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى بىر يېرىم مېتىرچە، تېنىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم مېتىرچە كېلەتتى. بۇ يەرنىڭ كېلىماتىنىڭ مۆتىدىللىكىدىنمۇ تاپنىڭ ئۈستى تەرىپى شۇ پېتى ساقلىنىپ قالغان. لېكىن يەرگە چاپلىشىپ تۇرغان ئاستى قىسىمى بولسا، سېسىپ مىغىلداپ قۇرتلاپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن، قوتازنىڭ ئۆلگىنىگە 4-5 ئاي بولغانلىقىنى، بەلكىم يىلنىڭ 3- ئايلىرى ئاچارچىلىقتا قېرىپ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولاتتى.
بىز بۇ كۈننىڭ چۈشتىن كىيىنكى يېرىمىنى، ئۇيەر-بۇيەردە يىراقتىنلا قارىيىپ كۆرىنىدىغان قوتاز ئۆلىكىنى قوغلىشىپ تېزلا ئۆتكۈزىۋەتتۇق. يولىمىزمۇ خېلى ئاينىدى. تەلىيىمىزگە بىر يوغان قاپقان تېپىۋالدۇق. ئەمدى بىز پۇرسەت بولسىلا ئوۋ ئوۋلىيالايتتۇق. توشقانلار كۆز ئالىدىمىزدىنلا چېپىپ ئۆتكىنىدە ئېغىزلىرىمىزغا سېرىق شۇ يىغىلاتتى. تېزراق مەنزىلگاھقا يېتىپ بېرىپ ئاشۇ ياۋايى ھايۋانلاردىن تۇتۇپ يىگىمىز كىلەتتى. ئىشەكلىرنى ھەدىسىلا قوغلاپ سۈرەتتۇق. قىززىق ئىش، ئەترەت ئەزالىرىمىزدىن بىرى ئىگىز بوي، قاڭشارلىق، سېرىق ساقال كەلگىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشەك مىنگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئىشەك مىنىۋالغانىدى. پاكار ئىشەكتە ئۇنىڭ ئۇزۇن پۇتلىرى سۆرىلىپ قىلىۋاتقاچقا، ئىشەك باقارلىرىمىزدىن بىرى، ئىشەكنىڭ باش بېغىنى توقۇمدىن ئارتىلدۇرۇپ، ئۆزەڭگە ياساپ بەرگەنىدى. شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ تۇرقى تولىمۇ كۈلكىلىك، ھەجىۋى كۆرۈنەتتى. مەن چاندۇرماي بىر نەچچە پارچە سۇرئەت تارتىۋالدىم. بەلكىم ئۇ بىزگە قېيداپ ئىشەك مىنىۋالغان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. نورمىدىن ئارتۇق ئىشەك ئىشلىتىپ تاغدا ھەممىسى مىنىپ مېڭىشتى دىسە. مەن شىركەتكە نىمە دەپ جاۋاب قىلاي. شۇنداق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەن ئىسپات تەييارلىۋالغان ئىدىم. –ئۇلارمۇ مىندىغۇ!-دەيتتىم. مەن ۋاقتى كەلگەندە، -بۇنداق چېكى يوق سايلىقتا ئىشەك قېچىپ كەتسە ئىشەك مىنمەي تۇرۇپ قانداقمۇ قوغلاپ يەتكىلى بولسۇن؟!
بىز كەچقۇرۇنلۇقى بىر كۆلگە يېتىپ باردۇق. خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە بۇ كۆل ”ئاچچىق كۆل“ دەپ ئاتىلاتتى. يەرلىك كىشىلەر ”سېغىز كۆل“ دەپ ئاتايدىكەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر ئىككى خىل ئاتاشنىڭ ئاساسى بار ئىكەن. ”ئاچچىق“ بولۇشى كۆل سۈيى تۇزلۇق بولغاچقا ئىچىش مۇمكىن ئەمەسكەن. ”سېغىز“ بولۇشى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ كۆل تۇرۇپلا سېغىز توپىلىققا ئايلىنىپ قالىدىكەن. قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن بۇ سېغىز توپىلار كۆل سۈينىڭ ھىلى ئازىيىپ، ھىلى ئۇلغىيىشى، شۇنداقلا شامالنىڭ تەسىرىدە چايقىلىپ، سويۇلۇپ، ئاخىرى كىچىك-كىچىك دۆمبەلچەكلەرگە بۆلىۋىتىلىپتۇ. لەڭپۇڭدەك سۈزۈك قاتقان سېغىزلار ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. بۇ يەردىمۇ قوتاز ئۆلۈكىدىن ئىككىنى ئۇچراتتۇق. قوتازلارنى مۇشۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ئۆلگەن دەپ قىياس قىلىش مۇمكىن ئىدى. چۈنكى كۆل بويىدا ئوت-چۆپ ئۆسمەيتتى. چاك-چاك يېرىلغان سېغىزلىق كۆلنىڭ ئەتراپىدا بىرەر يۈز مېتر يەرگىچە يېيىلىپ باراتتى.
بىز بۇ يەردە كۆپ ھايال بولمايلا پىشقەدەم كارۋان بېشىنىڭ باشلامچىلىقىدا كۆلنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئانچە ئىگىز بولمىغان تۆپىلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر يايلاققا چىقتۇق. بۇ يايلاقنىڭ دائىرىسى ئالدىنقىسىدەك كەڭرى ئەمەس ئىدى. ئۈچ تەرىپى قارلىق تاغ، بىرلا تەرىپى ئۆچكەن يانار تاغ بىلەن قورشالغان بۇ قاقاسلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا كىگىز چوڭلىقىدا ئىككى-ئۈچ بۇلاقنىڭ بارلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز. بۈگۈنكى قونالغۇمىز مۇشۇ يەرگە راسلاندى. سۈپ-سۈزۈك تىنىپ تۇرغان سۇغا قارىغان كىشىنىڭ ئۇسسۇزلۇقى قايتىدىن تۇتاتتى. مەن ئالدىراش قازان تاراڭلىتىپ تاماق راسلاشقا تۇتۇندۇم. ئىشەك باقارلىرىمىز چېدىرلارنى تىكلەپ بولۇپلا بىر چاقىرىم يىراقلىقتا كۆرۈنگەن بىر قارا نەرسىنىڭ ئەتراپىدا تىمسىقلاپ يۈرگەن بۆرىنى ئوۋلىغىلى قاپقان كۆتىرىپ كېتىپ قالدى.
بۈگۈن تاڭ يورۇماستىنلا كۆزۈمدىن ئۇيقۇ قاچتى. كاللامدا ئاخشامقى ئىشەك باقارلىرىمىز قۇرۇپ قويغان قاپقانغا بىر نەرسە چۈشكەنمىدۇ دىگەن ئوي كېچەتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇ يەردىكى قارا نەرسە بىر قوتازنىڭ ئۆلىكى ئىكەن. ئۇلار يېقىن بارمايلا بۆرە قېچىپ كىتىپتۇ. ئىشەك باقارلىرىمىز بۆرىنىڭ ئىزىغا توغرىلاپ قاپقان قۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەپتۇ. ”بەلكىم بىر نەرسە چۈشۈپ قالار“ دەپ مۆلچەر قىلىشقان ئىدى ئۇلار. ”خۇدا بۇيرىسا ئەتە بۆرىدىن بىرنى تۇلۇمچىلاپ سويىدىغان گەپ، ئۆزىغۇ ھارام ئۇ مەخلۇقنىڭ، لېكىن تېرىسى 5-6 يۈز يۈەنلەرگە ياراپ قالىدۇ-دە“ مەنمۇ شۇ ئارزۇدا ئىدىم. مۇنداق يىرتقۇچ ھايۋانلارنى كىنو-تېلىۋىزورلاردىلا، ياق، يەنە ھايۋانات باغچىسىدىلا كۆرگىنىمدىن باشقا يەنە مۇنداق جايلاردىمۇ كۆرەلىشىمنى يەنە كېلىپ يېقىندىن كۆرەلىشىمنى زادىلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. شۇڭىمۇ تاقەتسىزلەنمەكتە ئىدىم. ئۇنىڭسىزمۇ مەن مەكتەپ يېشىغا توشمىغان چاغلىرىمدىلا تاغام بىلەن يېزىدا ئوۋچىلىق قىلىشنى باشتىن كەچۈرگەنمەن. شۇ چاغلاردىكى بىر ئىش-ئۆڭكۈر ئاغزىغا قويۇپ قويۇلغان سىرتماققا تۈلكىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى مەندە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. يەنە توشقان، قىرغاۋۇل، ياۋا ئۆردەك، غاز تۇتقانلىرىمىزچۇ تېخى. تاغامنىڭ دائىم سۆزلەپ بېرىدىغان ياۋا توڭگۇز ئوۋلاش پائالىيىتىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىدى. بۇ ۋەھشى توڭگۇزلار كۈندۈزلىرى مەھەللە سىرتىدىكى ساسلىقلارغا يوشۇرنىۋېلىپ، كەچ كىرىشى بىلەنلا قوناقلىقلارغا، باغلارغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇتتۇر كەلگەنلىكى يەرنى تۈرتۈپ، زىرائەتلەرنى چەيلەپ، ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتەركەنتۇق. ئۇنىڭلىق بىلەنلا ئەمەس، يەنە قۈدۈزلىرى بىرەر كىشى ئۇقۇشماي توڭگۇز ئۇۋىسىغا يېقىنلىشىپ قالغۇدەك بولسا، بۇ مەخلۇق بىرلا يوپۇرلۇپ چىقىشىدا ئادەم بولامدۇ، ئات-ئىشەك بولامدۇ، تۇمۇشقىدىكى قىيغۇچى بىلەن قارنىنى يېرىپ ئۈچەي قېرىنلىرىنى تۆكۈۋېتىدىكەنتۇق. ”ئۇنىڭ قىيغۇچى ناھايىتى ئۆتكۈر ئىدى“ دەيتتى تاغام. ”ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئۇدۇللاپ، بىرلا بوشقىرىتتىمۇ، بىر تۇتام قىلنى بىراقلا تۆكىۋېتەتتى…“. تاغام بۆرە توغرىلىقمۇ خېلى كۆپ سۆزلەپ بەرگەنىدى.
مەن شۇ ئىشلارنى خىيال قىلىپ ئاخىرى تاڭنى ئاتقۇزدۇم. ئېشەك باقار بالىلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ بوپتۇ. يەنە بىرەيلەن بىلەن ئىككىمىز كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن قاپقان يوقلاشقا بارىدىغان بولدۇق. بىز زور ئۈمۈدلەر بىلەن قاپقان يېنىغا يېتىپ باردۇق. بەك ئەپسۇس، قاپقان چاچرىتىۋېتىلىپتۇ. بىزنىڭ قۇرۇق قول سالپىيىپ بارغۇمىز كەلمەي، ئاشۇ ئىچ-قارنىنى بۆرە ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋەتكەن قوتاز تاپىنىڭ قۇيرۇقى ۋە بىرقىسىم يۇڭىنى ئولجا ئېلىپ قايتتۇق. ھەممەيلەن قولىمىزدىكى نەرسىنى كۆرۈپ ئاۋۋال ھەيران قېلىشتى، ئاندىن ئۇھسىنىشتى. شۇندىن ئېتىبارەن بىز ئۇچرىغانلىكى قوتازنىڭ قۇيرۇقى ۋە يۇڭىنى ئولجا ئېلىۋالىدىغان بولدۇق. قوتازنىڭ قۇيرۇقى ھەقىقەتەن يوغان ئىدى. ھەر بىرى بىر سېۋەتچىلىك كېلەتتى. ئىشەك باقارلار ئۇنى كىملەرگىدۇر سوۋغا قىلماقچى بولاتتى. مەن ئويلا-ئويلا ئاخىرى بىر ئەقىل تاپتىم. بۇ قۇيرۇقنى تۈپىدىن ياغاچ بىلەن ساپلىسا بىر بەلەن يول كۆرسەتكۈچ بولماسمۇ. ھەم يېنىك ھەم چىداقلىق دەڭە…. يۇڭلارنى بولسا ئۇلارغا بېرەتتىم. چۈنكى ئۇلار بوش ۋاقتلىرىدا ئېشىپ، ئارغامچا قىلىۋالاتتى. قوتاز قىلىدىن ياسىغان ئارغامچىنىڭ چىداملىقلىقىغا باشقا ھەرقانداق ئارغامچا تەڭ كېلەلمەيتتى.
بىز ئاخىزقى بىر كۈنلۈك مۇساپىدە يانار تاغ قالدۇقلىرى ھەممىلا ياققا يېيىلغان ”قارا تاشلىق“ تىن ئۆتتۈق. بۇ يەر ”قارا تاشلىق“ دېيىلگىنى بىلەن قارىيىپ كۆرۈنگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يانار تاغ ئېغىزىدىن پارتىلاپ چىقىپ، ئۇزاق ۋاقتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قېتىشىپ قالغان ماگما قېتىشمىلىرى ئىكەن. تاشتەك قارا ئەمما توپتەك يېنىك قېتىشمىلار ھەممىلا جايدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. بەلكىم نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى بۇ ئەتراپ بىر ۋاراقشىپ قايناپ تۇرغان يانار تاغ تىزمىسى بولسا كېرەك. يەر مەيدانى كۆز تەتكۈسىز دائىرىگىچە كېڭىيىپ بارىدىكەن. مانا ھازىرمۇ قاق ئوتتۇرىسىدا دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تەخمىنەن 5 مىڭ مېتىر كېلىدىغانن ئەڭ ئىگىز چوققا ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان يەنە ئۈچ چوققا بۇ قارا دۆڭلۈكتە قەد كۆتىرىپ تۇرۇپتۇ. بۇ چوققىلارنىڭ شەكلى ياپونىيىدىكى فۇجىسەن تېغىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش. بەئەينى دۈم كۆمتۇرۇلگەن غايەت زور تۈنكە قاچىنىڭ ئۆزى. ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆمىچى بار ئىكەن.
ئەترەت ئەزالىرىدىن ئىككى كىشى تەلەپ قىلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ چۈشلۈك تاماققا ئولتۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاشۇ چوققىغا چىقىپ چۈشمەكچى بولدى. ئۇلار چۈشۈپ بولغۇچە ئادەملىرىمىز يەتدىغاننى يەپ، ئىچىدىغاننى ئىچىپ، يولغا چىقىشقا ئالدىرىغىلى تۇردى. دىمسىمۇ ئوت-چۆپ دىدارى ئۈنمەيدىغان بۇ قارا قاقاسلىقتا ئەشەكىرىمىزگە يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋېرىش تەس كېلىپ، ھەدىسىلا ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ باراتتى. مەن ئىككى ئېشەكنى بوشىتىپ ئېلىپ كېلىپ، قالغانلارنى ئالدىن يولغا سېلىۋەتتىم. بىر ھازا ساقلاپ باقتىم. ئۇلار كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئىگىزلىككە قاراپ بولۇشىغا توۋلاپ باقتىم. يەنە سادا يوق. ”بىرەر چاتاق چىقتىمۇ نىمە“ دېگەن ئەندىشىدە ئىشەكلەرنى بىرىنىڭ باشبىغىنى بىرىنىڭ پۇتىغا باغلاش ئارقىلىق (بۇ يەردە ئىشەك باغلىغۇدەك بىر نەرسە تېپىلمايتتى) قېچىپ كەتمەيدىغان قىلىپ قويۇپ، چوققىغا قاراپ ياماشتىم. خېلى بىر يەرگە چىقىپلا ئاندىن ئۇلارنى بىر دالدا جايدا دەم ئېلىۋاتقان يەردىن ئىزدەپ تاپتىم. مۇنداق ئىگىزلىككە چىقىش ئاسان بولغىنى بىلەن چۈشۈش قىيىن ئىدى. نىمىشقا دېسىڭىز كۈچ ماغدۇرنىڭ بارىدا تۆت پۇتلاپ بولسىمۇ تۆپىگە ئۆرلىگىلى بولىدۇ، لېكىن چۈشۈشتە ھەدىسە سىيرىلىپ كېتىش خەۋپى بولغاننىڭ ئۈستىگە ئېگىز تاغ رىئاكسىيىسى ئادەمنى قىيناپ چوڭ-چوڭ دەسسەپ ماڭغۇسىز قىلىۋېتىدۇ. بېشىڭىز شۇنداق سىلكىندىمۇ يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيدۇ.
بىز بىرلىكتە ئىشەكنىڭ يېنىغا كەلگۈچە ئاز كەم بىر سائەت ۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى. مەن ئىشەكنىڭ باشبىغىنى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئۇ ئىككىسىگە تۇتقۇزۇپلا ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭدىم. ئالاھىزەل يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن تۈزلەڭنىڭ يانار تاغ قالدۇقلىرى بىلەن تۇتاشقان قېتىشما قىسىمى تۈگەپ، بىر پوپاڭ توپىلىق شورداڭغا چىقىپ قالدىم. مانا ئەمدى مېڭىشمۇ قىيىنلاشقان ئىدى. ئارقامدا كېلىۋاتقانلارمۇ مىنىۋالغان ئىشەكلىرىنى تۈزۈك ماڭغۇزالماي خېلىلا ئۇزاپ قېلىشىۋاتاتتى. بۇ يەرنىڭ جاپاسىنى بىر دىمەڭ. ئۈستى بىر قەۋىتى يامغۇر سۈيىدە قېتىپ قالغان شورداڭ توپا شۇنداق پۇت قويغاندىن كىيىنلا ئوشۇققىچە چۆكۈرۈپ ئالاتتى. كۈچەپ تارتىپ ئالسىڭىز پۇررىدە شورلۇق چاڭ كۆتۈرىلەتتى. بۇرۇن تۆشۈكلىرىم ئىچىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن دەرھال قول ياغلىقىمنى چىقىرىپ ئۈزۈلدۈرمەي تاقاپ كىلىۋاتقان قوياش كۆز ئەينىكىمنىڭ ئاستىدىن تارتىپ يۈزۈمنى چۈمكەپ تېرەمنىڭ كۆيۈپ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىم. بۇ چاغ دەل چىڭقى چۈش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچ ھاۋامۇ ئىسسىق ئىدى. توغرىراقى بۇ يەردە ھاۋا ئىسسىق دىگەندىن كۆرە قوياش نۇرى كۈچلۈك دىگەن تۈزۈك. چۈنكى ئەتىسى-ئاخشىمى خېلىلا سوغۇق ئىدى. مەن تاغ ئىچىگە كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق قىشلىرىدا كىيىدىغان كىيىملەرنى سالماي كىيىپ كېلىۋاتاتىمەن. چۈشتىكى ئىسسىقمۇ بىر مەزگىللىك. بىر يەر ئىسسىق، بىر يەر سوغۇق، تەرلىگەندەك قىلىسىز. كىيىملەرنى سەللا يىنىكلەتسىڭىز سوغۇق شامال سىزنى ئەندىكتۈرىدۇ. شۇ تاپتا پۈتۈن ئەزايىمدىن شۇرقىراپ تەر قۇيۇلۇپ گاھ ئۈستى بېشىم ھۆللىنەتتى، گاھ سوۋۇپ بەدىنىمگە مۇزدەك ئۇرىلاتتى.
مەن شۇ تەرىقىدە بىر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، ئاران دىگەندە ئالدىمىزدا كېتىپ قالغان ئىشەك كارۋىنىمىزنىڭ قارىسىنى كۆرەلىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئارقامدىن بىر ئىشەك باش بېغىنى سۆرىگىنىچە سوكۇلداپ مېڭىپ يېتىشىپ كەلدى. ئىنىقكى، چەتئەللىكلەر ئىشەكنى قاچۇرۇپ قويغانىدى. مەن ”ھوچچوش…“تلاپ بېرىپ ئىشەكنى تۇتتۇم-دە، بىرلا تاقلاپ مىنىۋالدىم. ئىشەكنىڭ سۈرئىتى بىراقلا ئاستىلىدى. ھەتتا ھەيدىمىسەم توختىۋالىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. غۇژژىدە ئاچچىقىم تۇتتى. قولۇمدا ئەترەت ئەزالىرىدىن بىرسىنىڭ تاغقا چىقىش ھاسىسى بار ئىدى. ئىشەكنىڭ ئارقا تەرىپىگە كىلىشتۈرۈپ ساۋىغىلى تۇردۇم. ئاستىمدىكى ئىشەك يىنىك لەپپەڭشىپ چاپتى. سىلكىنىشتىن ئۈگە-ئۈگىلىرىم بوشىشىپ، تاغقا كىرگەندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغانبىر خىل راھەت سېزىم پۈتكۈل جىسمىمنى لەرزىگە سالدى.
-بىچارە جانىۋار، بولدىكەنسەن جۇمۇ. 70 كىلوگىراملىق تېنىمنى كۆتىرىپ پىرقىرىتىۋەتتىڭغۇ. ئەسلىدە سېنىڭ جاجاڭ مۇشۇ كالتەككەندە-ھەي……
شۇنداق قىلىپ مەن ئىشەك مىنىشنى ئۈگىنىۋالدىم. مىنىشنىلا ئەمەس قانداق قىلىپ ماڭغۇزۇشنى، ھەتتا چاپقۇزۇشنىمۇ ئۈگىنىۋالدىم.
ئەڭ ئاخىرقى دۆڭدىن ئۆتۈپلا ئىشەك كارۋىنىمىزغا يېتىشتىم. كۆز ئالدىمىزدا تاغ ئېتىكىگە كەڭ قۇچاق ئاچقان بىر چوڭ كۆل ئەينەكتەك يالتىراپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇ بىز بارماقچى بولغان ”ئۇلۇغ كۆل“ ئىدى. كۆل يۈزى ”سېغىز كۆل“ نىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كەڭ بولۇپ، تاغ ئىدىرلىقلىرىغا ۋە دۆڭلۈكلەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىپ گىرەلىشىپ كەتكەن. خۇددى بىر كۆك قەھرىدىن چۈشۈپ، ھەر تەرەپكە يامراپ كەتكەن يېپىشقاق سۇيۇقلۇققىلا ئوخشايتتى. كۆلنىڭ ئۇ تەرىپى قارلىق تاغ، بۇ تەرىپى ئۆچكەن يانار تاغ. مۇشۇ كەڭرى زىمىنغا بارماقلىرىنى كەڭ يېيىپ چاڭەال سالغان، دائىرىسىنى ئېنىق مۆلچەرلەش قېيىن ئىدى. كۆلنىڭ شەرق تەرىپى بىز چىقىپ كەلگەن يەرنىڭ سول تەرىپىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر ئۆچكەن يانار تاغ يەر كىندىكسىمان چوخچىيىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تاۋاقتەك كۆرۈنىدىغان ئويمان چوققىسى بېشىنى ئاسمانغا قىلغان بېلىقنىڭ يوغان ئىچىقلىق ئاغزىغىلا ئوخشايتتى. قاچانلاردىدۇر مۇشۇ ئېغىزدىن پۈركىلىپ چىققان ماگما قالدۇقلىرى ھەر تەرەپكە تەڭ يېيىلىپ بېرىپ، بىر قىسىمى كۆلنىڭ شەرق تەرىپىگە خىلى ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. بىر دەل ئاشۇ يانار تاغ بىلەن كۆل ئوتتۇرىسىدىكى ئاپئاق شور ۋە قارا تاشلىق ئورنىدىن ئۆتۈپ، كۆلنىڭ ئۇ يېقىغا يەنى جەنۇب تەرىپىگە بارماقچى بولدۇق. ئەپسۇش بىز كۆپ ماڭمايلا ئىشەكلىرىمىز تۆتلا پۇتىنى لايغا پاتۇرىۋېلىپ يەرگە قورساق چاپلاپ تۇرۇپ قالغىلىۋاتاتتى. ئارقىمىزغا يېنىپ باشقا يول تاماق بولساق ئاشۇ ئۆلگەن يانار تاغدىن ئايلىنىپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. ئۇنداقتا يول يېرىم كۈندەك ئۇزۇرايتتى. بىز چىشىمىزنى چىشلەپ، ماگما قېتىشمىلىرىنى كۆتىرىپ كېلىپ يول ياسىدۇق. قاقاسلىقتىكى بۇ قېتىشمىلارنىڭ چوڭى ساندۇقتەك، كىچىگى ياستۇقتەك كېلەتتى. قارىماققا ئېغىردەك قىلغىنى بىلەن يىنىكلا قولغا چىقاتتى.
بىز پېتىپ قالغان ئىشەكلىرىمىزنى ئالدى ئارقىدىن بىراقلا كۆتىرىپ ئېلىپ، تەييار بولغان يولغا دەسسەتتۇق ۋە ئىشەكنىڭ قەدىمىگە ئۈلگۈرتۈپ ئارقىسىدىكى داڭگالنى ئالدىغا يۆتكەيتتۇق. شۇ تەرىقىدە بىر سائەتچە ئىشلەپ بۇ نەس باسقان شورلۇقتىنمۇ ئۆتۈپ بولدۇق. ئمدى كۆلگە ئىچكىرلەپ كېرىپ كەتكەن ھەرە چىشىسىمان تاغ ئىتەكلىرىنىڭ يان باغرىنى بويلاپ ئىلگىرلەشكە توغرا كەلدى. باياتىن بېرى شورداڭدىن ئۆتكىچە تولا تارتىلىپ-بېسىلىۋېرىپ بوشاپ قالغان غانجۇغىدىن بوشاپ قالغان يۈكلەر ھەدىسىلا يول ياقىسىدىكى دونىغاي تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، ئىشەكنى تۆۋەنگە غولىتىۋەتكىلى تاس-تاس قىلىۋاتاتتى. بۇ يولمۇ يېقىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىزنى بىر سائەتچە ماڭغۇزماي تۇرۇپ مەنزىلگە ئۇلاشتۇرمىدى.
بىز كۆزىمىز تۆت، تاقىتىمىز تاق بولغاندىلا ئاندىن كۆلنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى سۇ كىرىش ئېغىزىغا-ئۈچ بۇرجەك يايلاققا يېتىپ كەلدۇق ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەردىن قازان ياردى قىلىپ ئىلگىرلەپ ماڭدۇق. ئۇيەر-بۇيەردە ئۆلگەن ياۋا قوتاز ئۇچرا تۇردى. بەش تۇياق بۇغا بىزنىڭ قارىمىزنى ئېلىپلا چەپرەكشىگىنىچە ئۈچبۇرجەك يايلاقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاغ ئېغىزىغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. كۆل بويىدىكى ئۇچار قاناتلار بىزنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك ئالا-تاغىل ئاۋاز چىقىرىپ چۇقىرىشاتتى، قاقىلدىشاتتى. قۇشلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. يۇقارقىلاردىن بۇ يايلاقنىڭ مۇشۇ تاغ ئىچىدىكى ياۋايى قانلىقلار ئۈچۈن ئەڭ ئاۋات بىر ئارامگاھ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولاتتى.
بىز ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كېتىپ قالساق، سۇ تېپپ ئىچەلمەيتتۇق. شۇڭىمۇ مۇشۇ جاينى ئاخىرقى قارارگاھ قىلماي ئامالىمىز يوق ئىدى. بىز تۇرغان تىرنىڭ شەرق تەرىپىدە ئاپئاق قاردىن بۆك كىيگەن بىر ئىگىز چوققا قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. بۇ دەل بىز بارماقچى بولغان تۇپراق ئاتا چوققىسى“ ئىدى. چوققىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى تەخمىنەن يەتتە مىڭ مېتىرچە كېلەتتى.
بىز ئاخىرقى نىشانىمىزغا يەتتۇق-دەپ خۇلاسە چىقاردىم. ئىچىمدە، ئادەملىرىمىزمۇ زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمىدى. ئىشەكلەرمۇ ساق ئىدى. ھەممىسىلا گەرچە ئەبگارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ھەرھالدا پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ. ئەمدى مۇشۇ يايلاقنىڭ يۇقۇرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئوتلىرى بىلەن كۈچلىنىۋالالايتتى. ئادەمىلىرىمىزمۇ ماغدۇرى بارلىرى تاققا چىقار ياكى ئوۋ ئوۋلار. ھالىدىن كەتكەنلىرى چىدىردا دەم ئالار. شۇ تاپتا ھەممىمىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئولتۇرۇشۇپ، ساقاللىرىمىز ئۆسكەن، ھېچكىممۇ ئەينەككە قاراشقا پىتىنالمايتتى. چۈنكى ئالتە كۈندىن بۇيان بىزگە چىش چوتكىلاپ، ساقال ئېلىش نەدە تۇرسۇن، يۈز يۇيۇشقىمۇ مۇنكىنچىلىك ئاز بولۇپ كەلگەن ئىدى.
بىز بۇ يەردە ھەرھالدا ئىچكىدەك سۇنىڭ ئامالىنى قىلدۇق. تاغ تۈۋىدىكى زەيداڭ يەردە داشقازان چوڭلۇقىدا كارىز جاي بار ئىكەن قالغانلار چىدىر تىكىپ بولغۇچە مەن ۋە ئاقساقال كىشىمىز قوللىرىمىزغا گۈرجەك ۋە قىرلىق تاش ئېلىپ بۇ كارىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق. كارىز ئاستى ئاۋۋال نەملەشتى. بىرئاز ساقلىغاندىن كېيىن كارىزنىڭ چۆرە ئەتراپىدىن سۇ سىرغىپ چىقىشا باشلىدى. تېتىپ كۆرۈپ باقتۇق. كۆل سۇيىدەك قىرتاق ئەمەس. دېمەك ئىچكىلى بولىدۇ. ئالاھىزەل يېرىم سائەتچە ئۆتكەندە، بىز بۇ بۇلاقتىن قاچىمىز بىلەن سۇ ئۇسسۇغىلى تۇردۇق.
قاقاسلىقتىكى تۇرمۇش
ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، قۇياش شەرق تەرەپتىكى تاغ چوققىسىدا مىس لىگەندەك پارلاپ، يەر-جاھانغا ئىللىق نۇر سەپكىلى تۇرۇپتۇ. ئاسماندا ئالقان چىلىكمۇ بۇلۇت يوق، بىر ياخشى كۈننىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرەتتى. تاغ ئېغىزى تەرەپتىن سالقىن شامال ئۇرۇپ تۇراتتى. كۈن چۈش بولغىچە، قۇياش كاللىمىزدىلا تۇرغاندەك ئۆتكۈر نۇرىنى سانجىشقا باشلىدى. مەن تېخى ئەتىگەندىلا سوپۇنداپ يۇيۇش ئارقىلىق قېلىنلىشىپ كەتكەن تېرىسىنى پارقىرىتىپ قويغان يۈز-كۆز، گەدەن، قۇلاقلىرىمنىڭ ئىچىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم-دە، ئۆمرۈمدە قىلىپ باقمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، ئاپتاپ تەگمىگەن يەرلىرىمنىڭ تېرىسىگە تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتىۋالدىم.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ھەر كۈنى يول يۈرۈپ ئادەتلىنىپ قالدىممۇ قانداق، مېنىڭ تاققا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىپ قالدى. بۇ ئويۇمنى ئېغىزىمدىن چىقىرىشىمغىلا ئىشەك باقارلىرىمىزدىن ئىككى كىشىمۇ بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈسى بارلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئىشەكتىن ئۈچنى تۇتۇپ كېلىپ، ئۈچبۇرجەك يايلاقنىڭ تاغ ئىچىكىرىسىگە تۇتىشىدىغان يېرىدىكى جىلغىغا قاراپ ئاتلاندۇق. قالغان ئىككى بۇرادىرىمىز قاپاننى ئېلىپ كۆل بويىغا يول ئالدى. بىز جىلغا دەپ بىلگەن تاغ ئىغىزىغا يېقىن بېرىپ كۆردۇقكى، يايلاق، تاغ ئىچىگە قاپاقسىمان كېڭىيىپ بېرىپتۇ. ئۈچىمىز ئۈچ تەرەپ بولۇپ بۆلۈنۈپ ماڭدۇق. مەن ئىشەكنى ئانچە ماڭدۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئوتتۇرىدىن قازان ياردى قىلىپ ئۇدۇللاپ مېڭىۋەردىم. بۇ يەردىمۇ يەنە جەرەنلەرنى ئۈركىتىۋەتتۇق. قوتاز تاپىنىدىنمۇ ئۈچ تۆتنى ئۇچراتتۇق. مەن شۇ ماڭغانچە ئۇزۇنچاق يايلاقنىڭ ئۇ بېشىدىكى بوغمىسىغا قاراپ كېتىۋەردىم. ماڭغانسىرى ئالدى تەرىپىم ئىگىزلەپ باردى. ئەشەكمۇ خارتىلدىغىلى تۇردى. خېلى ئىچكىرلەپ بارغاندىن كېيىن بىر سۇسىز ئېقىن ئىزىغا دۇچ كەلدىم. مەن ئىشەكنى يىتىلەپ بىر پەسلەپ ئاندىن يەنە يۇقۇرى ئۆرلەپ يولۇمنى داۋام قىلدىم. شۇ ئارىلىقتا ئېقىن ئىچىدىكى ئېقىن ئىچىدىكى ياپسالاردا دالدىلىنىپ ياتقان بولسا كېرەك، بىرنەچچە توشقان پىتراپ چىقىپ تاغ تەرەپكە قېچىپ كېتىشتى. يەنە ماڭار يولۇمغا ئۇدۇل كېلىدىغان تاغ باغرىدا ئۈچ قوتاز خۇددى كۆچىۋاتقان ئۈچ قارا توچكىدەك كۆرۈنۈپ يان باغىرنى بوليالپ چېپىپ كېتىۋاتاتتى. بىر ئاز ئىلگىرلەپ باقتىم. مانا ئەمدى ئۇ ھايۋانلارمۇ كۆرۈنمىدى. قۇياشمۇ غەربكە قېيسىيىپ تاغ كەينىگە يۇشۇرۇنۇشقا باشلىغان ئىدى. ئوڭ تەرەپتىكى تاغنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇق كەبى يولۇمغا چاڭگال سالغىلىۋاتاتتى. قۇياش پاتقان تەرەپكە قارىغۇدەك بولسام، تاغ قاپتىلىدا يولۋاسقىمۇ، شىرغىمۇ، بىر تۇرۇپ ئېيىققىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنۇشلۇق مەخلۇقلار ئاغزىنى مەن تەرەپكە يوغان ئېچىپ، خرىس قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى-دە، تىنىمگە تىترەك ئولاشتى مېنى ھەقىقەتەن قورقۇنۇش باسقىلىۋاتاتتى. بىر گە كەلگەن ئىككى ھەمرايىممۇ كۆرۈنمەي قېلىۋاتاتتى. مەن ئۆزۈمگە غەيرەت بېرىپ جاھىللىق بىلەن ئىلگىرلەۋەردىم. ھاۋامۇ سوۋۇپ ئەمدى سوغۇقتىن تىترەشكە ئۆتتۈم. بىر چاغلاردا يايلاقنىڭ ئۇ چېتىگە بېرىپ بولدۇم. كۆردۈمكى، مۇشۇ يايلاق ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يېتىپتۇ. مەن شۇندىلا بۇ يايلاقلارنىڭ ئۇ چېتىگە يېتىپ بولمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ۋە كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا ئەشەكنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇرۇدۇم. ھېرىپ ئاران تۇرغان ئېشەك قەدىمىنى تىزلىتىپ يانتۇ كەتكەن سايلىققا قاراپ سوكۇلدىغىلى تۇردى. خۇددى كەينىمدىن بىرەر ۋەھشى مەخلۇق قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك تۇرۇپلا ئەندىكىپ، پات-پاتلا كەينى تەرىپىمگە قاراپ قوياتتىم.چىدىر يېنىغا يېتىپ كەلگۈچە قاراڭغۇ چۈشۈپ بولدى. ئۇلار ئىككىسى ئاللىقاچان قايتىپ كېلىپتۇ. ھەممىسى بىرلىكتە مېنىڭدىن ئەنسىرەپ، يولۇمغا قاراپ تۇرۇشقان ئىكەن. مەن كۆپچىلىكتىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن خاس ھوجۇرامغا كىرىپ خۇدۇمنى بىلمىگەن ھالدا بىر ھازا يېتىپ كەتتىم. پۈتۈن ئەزايىم چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيتتى. ساغرام يېغىر بولغاندەكمۇ قىلاتتى. يوتۇلىرىمنىڭ تېرىسى ۋىژىلداپ ئاغرىيتتى. پۇتۇمنى يىغاي دەپمۇ يىغالمايۋاتاتتىم. ”-ئىشەك مىنىش پىيادە ماڭغاندىنمۇ تەسمۇ نېمە؟“- دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىدە. ”-ئاشۇ ئىشەك باقار بۇرادەرلىرىمىزنىڭ چات ئارىلىغىنى سەل كېرىپراق مېڭىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار ئىكەندە ئەسلى. كېلەشىمىزدە دەريا بويىدا بىزگە ياردەم بەرگەن ئاشۇ قىز-چوكانلارمۇ ئىشەك مىنىشىۋالىدىكەنتۇققۇ. كچىكىدىن تارتىپلا ئىشەك مىنىپ چوڭ بولغان قىزلارنىڭ پىگورىسى قانداق بولۇپ قالىدىغاندۇ…“.
ئەتىسىمۇ ھاۋا يەنىلا ياخشى بولدى. مەن ئەترەت ئەزاسىدىن ئىككى كىشىنى باشلاپ، ئالدىنى كۈنى ئىشەكلىك باسقان يولنى يەنە بىر قېتىم مېڭىپ تاققا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىردىم. مەن كۆرگەندىكىدەك پەلەمپەيسىمان يايلاقتىن يەنە ئىككىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ”قىزىل ساي“ دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېقىن سۇلۇق كەڭ جىلغىغا چىقىپ كەلدۇق. ئېقىن سۇيى ھازىر توققۇزىنچى ئايلار بولغاچقا ئازلاپ قالغان بولۇپ، تۇپراق ئاتا چوققىسى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، ئۇدۇل كېتىدىكەن. ئۇ تەرەپتە ”ئىبراھىم كۆلى“ (يەرلىك تىلدا ”ئۇرايىم كۆلى“ دىيىلىدىكەن.) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. بەلكىم بۇ ئېقىن سۈيى شۇ كۆلگە قۇيۇلىدىغاندۇ. ئۇلۇق كۆلدىن ھۈركىگەن ياۋا ئۇچار قاناتلارمۇ شۇ تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن ئېنىقكى، ئۇ تەرەپتە ”ئىبراھىم كۆلى“ بار. يەنە كېلىپ سۈيى ئۇلۇق كۆلىدىنمۇ ئەلۋەك. مەن تاغنىڭ ئەڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر چوقچىيىپ تۇرغان قاپسالغىچە بېرىپ، بىپايان سىرلىق زىمىنغا سەپ سالدىم. كۆردۈمكى: بۇغا ماراللار توپى بولسا كېرەك، نۇرغۇن يۆتكىلىشچان قارا چېكىتلەر مىغىلداپ تۇرۇپتۇ. بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۇ تەرەپكىچە بېرىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمەيتتى. بەلكىم ئاشۇ ھايۋانلار بىز ئۇلۇق كۆلگە كېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ ئەترەپتىمۇ كۆپ بولغىيتى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. جاڭگالنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغان قوتاز ۋە جەرەن تىزەكىلىرىنى شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ تولا مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان يىپ تارتىپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان چىغىر يوللارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ.
ئىشەك باقارلىرىمىز قىزىل ساي ئەتراپلىرىدا ئىشەك يەۋالسا ئۆلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك ئوتنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكىنىڭ باشقا يەرلەردىكىدىن كۆپ ئىگىز بولغانلىقتىن ئىشەكلەردە ”ئىس تۇتىۋېلىش“ (ئىگىز تاغ رىئاكسىيىسى دىمەكچى) بولۇپ ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىنى ئېيتقانىدى. شۇڭا مەن شۇ كۈنىلا ئەترەت ئەزاسىدىن ئىككى كىشىنى تۇپراق ئاتا چوققىسىغا تۇتىشىدىغان ئاشۇ ئېقىن سۇ بويىدا قالدۇرۇپ، ئىشەكلەرنى ھەيدەپ قارارگاھقا قايتتىم. مەن قايتىپ بارغىچە ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاشلا كەچ كىرىپ كەتتى. چىدىردا ساقلاپ قالغان بۇرادەرلىرىمز ئالدىمغا چىقىپ خوشال كۈتىۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ خوشال بولۇشىنىڭ سەۋەبى: كۆل ياقىسىغا قۇرۇپ قويغان قاپقانغا بىر ياۋا ئۆردەك چۈشكەن ئىكەن. ئۇلار ئۆردەكنى يۇڭداپ گۆشىنى تەقلەپ قويۇپتۇ. ئۆردەك ئوبدانلا سەمرىگەن بولۇپ، ھەممىمىزنىڭلا ئىشتىھاسىنى تارتىۋاتاتتى. بىز ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ ئەتە ئوخشۇتۇپ بىر پولو ئېتىپ يېيىشنى مەسلىھەتلىشىپ تاراپ كەتتۇق.
تەلىيىمىزگە يارىشا بىز پولۇ ئەتكەن كۈنىمۇ ھاۋا ئوچۇق بولدى. ھازىر بىزگە پولو ئېتىدىغانغا سەۋزە نەدە دەيسىز. ھىچقانداق كۆكتات قالمىغانىدى. ئۇن، ماي، گۈرۈچلا يىتەرلىك بار ئىدى. ئۇننى ئىككى كۈندىن بۇيان تېزەك قالاپ چوغ چۈشۈرۈپ كۆمەچ كۆمۈپ يىيىشكە ئىشلىتىۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇزۇق-تۈلۈكىمىزنىڭ قايتىش سەپىرىمىزگە يەتمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەتىسى ئاخشاملىرى كۆمەچ يەيدىغان بولدۇم. ”كۆمەچ“ دىگىنىمىز، بۇغداي ئۇنىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر ۋاقتىدىلا زوۋلا قىلىپ تاۋلىق كۈلگە كۆمەتتۇق. بىر ھازا ئۆتۈپ كۈل قېتىدىن پورقىراپ ھور چىقاتتى. ھور چىقىش توختىغاندا كۆمەچ پىشاتتى. بىز ئۇنى ئىلىپلا چىپتا تاغارغا ئىككىلا كاپلىۋېتىپ، پۇۋلەپ يەۋىرەتتۇق. دەسلەپ يىگىنىمدە مەيدەمنى ئىيچىشتۇرۇپ، قورسۇقۇمنى ئاغرىتىپ خېلىلا بىئارام قىلدى. بىر قانچە قېتىم يىگەندىن كېيىن كۆنۈپمۇ قالدىم. مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تۇرىۋاتقان بىز ئۈچۈن ئۆردەك گۆشىنى قورۇپلا ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، گۈرۈچ دۈملەپ قىلغان تاماقنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى لەززەتلىك پولو بولۇپ ئاتىلاتتى. بىز مەززە قىلىپ بىر قېتىم پولۇ يىدۇق. گۆشى ھەربىرىمىزگە قۇلاقچىلىكلا تەككەن بولسىمۇ، تەمى بىر قانچە كۈنگىچە تىلىمىزدىن كەتمىدى. كۈندە بىر ئۆردەك چۈشسىكەن دەپ تىلەيتتۇق. ئۆردەك چۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسى قاپقانغا بىر بېلىقچى قۇش چۈشتى. مەن بېلىقچى قۇشنىڭ بېلىقخور بولغانلىقى، ھېسابتا گۆشخور ئىكەنلىكى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ گۆشخور جانلىقلارنىڭ گۆشىنى ھارام دەپ بىلىدىغانلىقىمىز توغرلۇق چۈشەندۈرۈپ، ئۇ گۆشتىن ۋاز كەچتۈردۈم.
شۇ ئارىدا، تاغ ئىچىدە قېپقالغان ئىككى كىشى، بىر نۆۋەت يېنىپ چىقىپ، بىر كىچە قونغاندىن كېيىن، ئۈچىلىسى لازىملىق نەرسىلىرىنى تەقلەپ، ھەربىرى بىردىن ئىشەككلىك يۈكنى يۈدىگىنىچە تاققا كېرىپ كەتكەنىدى. بىز ئالتە مۇسۇلمان (بالدۇرلا قايتىپ كىلىشكە تىگىشلىك ئىككى بۇرادىرىمىز ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تېخى قايتمىغان ئىدى.) خۇدادىن ھالال جانۋار تىلەن كۆل ياقلاپ، قاپقان بېقىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق.
ئۇلۇق كۆل بويىدىكى كۈلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنى خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن قۇياش پارلاپ تۇرغان ياخشى كۈن بولدى. تۆتىنچى كۈندىن باشلاپ ئاسماندا بۇلۇتلار پەيدا بولۇپ، كەچلىكى قاتتىق شىۋىرغانلىق مۆلدۈر تورۇكلاپ تۆكىۋەتتى. قاپقانلىرىمىزمۇ ھۆل توپىدا مۇرلاپ قېلىپ چاچرىمايۋاتاتتى. نەچچەرەت توشقان دەسسىگەن بولسىمۇ ئېتىلماي قېلىپ، بىزگە توشقان گۆشىنى نىسىپ قىلمىدى. سېرىق يايلاق مانا ئەمدى قارلىق دالىغا ئايلانغانىدى. ئىشەكلىرىمىزمۇ سوغۇقتا توڭلاپ چىدىردىن نېرى بارماس بولىۋېلىشتى. بىز شۇندىلا ھازىرغىچە بەرمەي كەلگەن قوناقلارنى ئىشەكلەرگە نورمىلىق قىلىپ بۆلۈپ بېرىشكە باشلىدۇق.
كۈن چۈش بولغاندىلا ئۈستىمىزدە قۇياش پارلاپ، ھاۋا سەل ئىللىپ قالاتتى. بىز تېزەك تېرىيدىغان، سۇ ئەكىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى قىلىۋالاتتۇق. بۇلىقىمىزنىڭ سۇيىنىمۇ كىچىسى قوتازلا ئىچىپ تۈگىتىپ بولاتتى. ئەتىگىنى چىدىرلارنىڭ ئالدىدا بۆرىنىڭ ئىزىنى بايقىشاتتۇق. ئېشەكلەرنى كىچىسى بىر ئورۇنغا يىغىپ ئۈستىگە توقۇملىرىنى چىڭ توقۇپ قوياتتۇق. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار ئىدى. بىرى، سوغۇقتىن مۇداپىئە كۆرۈش، يەنە بىرى، ئىشەككە توقۇم توقۇقلۇق بولسا بۆرىلەر ئادەم پۇرىقىنى ئېلىپ چېقىلىشقا پېتىنالمايتتى. ئىشەكلەرمۇ بۆرىنى كۆرگەن ھامان ئالا-تاغىل ئاۋازلىرى بىلەن بولىشىغا ھاڭرىشاتتى. بۆرىلەر ئۈركۈپ قېچىپ كېتەتتى. بىز بۇ ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغىنىمىز بىلەن كېچىلىرى ئىشەكلەرنىڭ قاتتىق ھاڭرىشى ۋە ئەتىگەنلىكى قار ئۈستىدىكى بۆرە ئىزلىرىدىن، كېچىسى بولغان ئىشنى پەرەز قىلىپ بىلەتتۇق. ھەتتا بولدا كەلگۈچە بېقىنىنى ئارغامچا تىلىۋەتكەنلىكتىن تا ھازىرغىچە ساقىيىپ بولالمايۋاتقان بىر ئاقساق ئىشەكنى بۆرە بوزەك قىلىپ، بىر قانچە يېرىگە چىش ئۇرغانلىقىنىمۇ كېيىن ئىشەكنىڭ ئالدى پۇتىغا چاپلىشىپ قالغان قانلارنى كۆرۈپلا ئاندىن بىلدۇق. ھەممىمىز بىرلىشىپ قان ساقلاشقا توغرا كېلىۋاتاتتى. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تاغ ئىچىدە نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ھەم بىلىپ بولمايتتى. بىز پەقەت ئەگەر ئۇلار دىيىشكەن ۋاقىتتا چىقىپ كەلمەي قالسا ئىزدەپ بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيتتۇق.
بەزى كۈنلىرى ئەتىگىنى، بىر-ئىككى قوتازنىڭ كېچىچە ئىشەك بىلەن بىرگە ئوتلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىشەكتىن چۆچۈپ ھەم ئەجەبلىنىپ، بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەتتۇق. ئەپسۇس، بىزدە قوتازنى باش ئەگدۈرگىدەك دەرمان يوق ئىدى. بىز ھىچقايسىمىز قارا مىلتىق چاغلىق قورال ئېلىۋالمىغان. پەقەت ئاشۇ قاپقانلا بىزنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزىمىز-ئوزۇقلۇق مەنبەيىمىز بولۇپ قېلىۋاتاتتى.
قاپقانغا ئىككىنچى قېتىم بىر بېلىقچى قۇش چۈشكەندىن بۇيان بىر نەرسە چۈشمەيۋاتاتتى. بىز ئاىىرى قولىمىزغا كالتەك ئېلىپ، قاردا تۆت تاقلاپ بىر توختاپ قېچىپ يۈرىيدىغان، ئاشۇ كەمدىن-كەم بىر قانچە توشقاننى قوغلاپمۇ باقتۇق. توشقانمۇ ئەقىللىق جانۋاركەن. تۈزلەڭگە قاچماي، تاققا تىك ئۆرلەپ زادىلا تۇتۇق بەرمەيتتى.
ئۇلۇق كۆل ھەقىقەتەن ئۇلۇقلىقى بىلەن شۇنداق ئاتالغان ئىكەن. شۇنچە سوغۇق بولۇپ تۇرۇپلۇقمۇ سۇيى مۇز تۇتمايدىكەن. مەن كىچىكىمدە ياۋا ئۆردەك ۋە ۇرنىلارنىڭ قىشتا جەنۇپتىكى ئىسسىق ياقلارغا كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن. مانا ئەمدى شۇ ئۇچار قاناتلارنىڭ توپلىشىپ قىشلايدىغان ئارامگاھى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە يەنە ئۈجمە پىششىقىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان ھۆپۆپنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
بۇ ئاخىرى چىقمايدىغان تۇزلۇق كۆل تولىمۇ قۇرتلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇششاق قۇرتلار چۈشلىكى ئاپتاپ چىققاندا قىرغاققا، كەچلىكى سوغۇق بولغاندا كۆل مەركىزىگە قاراپ تىنىمسىز مۆلدۇرلەپ تۇرىدىكەن. شۇڭىمۇ بۇ يەردىكى ئۇچار قاناتلار تولىمۇ سېمىز كېلىدىكەن. بىز قاپقاننى يەنىلا ئاشۇ كۆل بويىغا سېلىشنى توغرا تاپتۇق. چۈنكى ئېزىپ-تېزىپ قىرغاققا چىقىپ قالغان ئۆردەكلەرنىڭ ئالچاڭشىپ ماڭغىنىچە بېرىپ قاپقانغا دەسسەپ سېلىشىنىڭ ئىھتىمالى ئەڭ چوڭ ئىدى.
ئۇلۇق كۆل بويىغا يېتىپ كەلگىنىمىزگە ئالتە كۈن بولغان كۈنى ئەتىگىنى مەن سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قاپقان يوقلىغىلى باردىم. (مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان مۇشۇنداق قىلىش مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلانغانىدى) قارىسام قاپقان يوق. تۈنۈگۈن كەچ سىلاپ ئوڭشاپ قويغان شېغىللارمۇ نىمىلەرنىڭدۇر ئاياق سېلىشى نەتىجىسىدە تىلماپ تاشلىنىپتۇ. مەن پۇتۇمنى شىغىلغا پاتۇرۇپ خېلى ئىزدەپ باققان بولساممۇ قاپقان تېپىلمىدى-دە، ئىمانىم قىرىق گەز ئۆرلىدى. بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر گۆش مەنبەيىمىز ئەمەسمىدى-پىلان بويىچە بىز بۇ يەردە يەنە ھەپتە تۇرۇپ قالىمىز. ئۇنىڭغىچە كۈندە كۆمەچ يەمدۇق ئەمدى.
مەن شۇ ئاچچىقىمدا چىدىرغا قايتىپ كېلىپ، ئۇخلاۋاتقانلارنى توۋلاپ ئويغۇتۇپ، قاپقان ئىزدەيدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردۇم. پەقەت بىرلا ئادەم پىكىرىمگە قوشۇلۇپ مەن بىلەن بىرگە ماڭدى. قالغانلار قاپقاندىن ئۈمۈدىنى ئۈزدىمۇ قانداق، ئۇيقۇنى ھارام قىلغۇسى كەلمىدى.
بىز ئىككىمىز قاپقان يۈتكەن جاينى ئىنچىكىلەپ كۈزىتىشكە كىرىشتۇق. قېرشقاندەك كىچە ياققان قار يەردىكى ئىزلارنى كۆمىۋەتكەنىدى. بىز خېلى كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشلاردىن كېيىن، قاپقاننىڭ قايسى ياققا ئېلىپ قېچىلغانلىقىنى پەملىدۇق. قانداقتۇر بىر ھايۋان (بەلكىم بۆرە ياكى جەرەن) قاپقانغا دەسسەپ سېلىپ پۇتىنى قىستۇرىۋالغان ۋە ئاغرىقىغا چىدىماي بىر ھازا يەر تىرەجەپ ئۇيەر-بۇيەرنى كولاپ باققان. ئاخىرى كۆل ياقىسىدىن يىراقلىشىپ، تاغ تەرەپكە قاپقان بىلەنلا قاچقان. بىز كۆل بويىدىكى شېغىلدا قالغان قار ئۈستىدىكى ئىزلاردىن يۆلىنىشنى پەرقلەندۈرىۋالغاندىن كېيىن، ئىككىمىز ئىككى ياققا بۆلۈنۈپ ياي شەكىللىك ئايلىنىپ، ئىزنىڭ يەنە بىر يەردىكى بۆلىكىنى تېپىپ چىقتۇق. ئۇيەردىن باشلاپ يەر يۈزى يۇمشاق توپا بولغاچقا قار ئاستىدىكى ئىزنى ياندى، ئۇدۇلدىن سىنچىلاپ قاراش ئارقىلىق بايقىغىلى بولاتتى. بىز ئىككىمىز بىز قوغلاپ، ماڭا-ماڭا كۆپ يول باستۇق. تۇرۇپلا ئىز ئۈزۈلۈپ قېلىپ، كۆڭلىمىز يېرىم بولاتتى. تۇرۇپلا ئوپئوچۇق بىلىنىپ كۆڭلىمىز يايراپ كېتەتتى. ئاخىرى ئۈچبۇرجەكلىك سايلىقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ تۈۋىگە يېقىن بېرىپ قالدۇق. ئىزمۇ مانا مەن دەپ ئوچۇقلا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. قار توختىغاندىن كېيىن ياكى بىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ قاچقان بولسا كېرەك. قار ئۈستىدە بۆرىنىڭ بارماق ئىزى روشەن بىلىنىپ تۇراتتى. دېمەك بىر چوڭ بۆرە ئالدىمىزدا تاققا قاراپ قېچىپ كېتىۋىتىپتۇ. تاغ تۈۋىگە بېرىپلا، بۇ ئىزنىڭ يۇقۇردىن سۇ ئېقىپ ھاسىل بولغان بىر تار ئېرىقچىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز ئېرىقچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۆلۈنۈپ ئۆزىمىزنى دالدا قىلغاچ يۇقۇرى ئۆرلىدۇق.
قورساقنىڭ ئاچلىقىدا تاغقا چىقىشقا توغرا كەلگىنى دىمەمسىز. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا چىداپ يۇقۇرى ئۆرلىدىم. بىر چاغدا مەن يۈز مېتىرچە ئارىلىقتىكى يانتۇلۇقتا بىر تۆت پۇتلۇق مەخلۇقنىڭ قىسقا قۇيرۇقىنى پۇلاڭلاتقىنىچە قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. قارشى تەرەپتىكى ھەمرايىممۇ ئانچە ئۇزاپ قالماي كېلىۋاتاتتى. بىز بۆرىدىن ئۆزىمىزنى دالدا قىلىپ، يان تەرەپ بىلەن يۇقۇرى ئۆرلىدۇق. ۋە ئۇزاق ئۆتمەي چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن ھالدا بۆرە ئۆزىنى دالدا قىلىپ تۇرغان يوغان قورام تاشنىڭ ئۈستىدىنلا باش كۆتۈرۈپ چىقتۇق. ئەمدى بۆرە پەسكە قاراپ قاچتى. ئالدى بىر پۇتىنى قاپقان قىسىپ تۇرغاچقا ھەدىسىلا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ پەسكە دومىلاپ كېتەتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئارقىسىغا قاراپ بىزگە كۈچلۈك ھۆركىرەپ خىرىس قىلاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ باش قىسىمى مەن ۋە بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكى بۆرىنىڭ بېشىغا زادىلا ئوخشىمايتتى. تۇمشقى قىسقا، قولىقىمۇ قىسقا ئۈچبۇرجەك، شۇ تۇرقىدا ئۇنى يولۋاس ياكى يىلپىز دەپ جەزىملەشتۈرۈشكىمۇ بولاتتى. ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، قانخور ھىڭگاڭ چىشلىرىنى بەتلەپ تۇرۇشى ھەقىقەتەن كىشىگە قورقۇنچ سالاتتى.
بۆرە پەسكە قاراپ دومىلاپ بېرىپ ئىككى تاشنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالدى. ئۇ ئەمدى قېچىشقا ئامالسىز ئىدى. ئاخىرى بېشىنى تاشنىڭ دالدىسىغا بىزدىن پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. بىز قوللىرىمىزغا قوش مۇشتۇمدەك، كاللامدەك تاشلارنى ئېلىپ، ئۆرىنىڭ كاللىسىغا چەنلەپ ئاتتۇق. زەردە بىلەن ئېتىلغان تاشلاردىن بەك بەك تەگسە 4-5 ى تەگكەندۇ. بۆرە لەسسىدە بويۇن تاشلاپ يەر چىشلىدى. مەن ئوڭ قولۇمغا، دائىم يېنىمدىن ئايرىمايدىغان چوڭ ساپلىق ئۇزۇن قەشقەر پىچىقىنى ئېلىۋىلىپ، بۇ مەخلۇق ھىلىگەرلىك قىلىۋاتقان بولمىسۇن يەنە دىگەن ئويدا ئۇنىڭغا توغۇرلاپ ئاستا يېقىنلاشتىم-دە، ئالدى پۇتىنى بېغىشىدىن ئۈزىۋىتىدىغاندەك چىڭ قىسىۋالغان قاپقاننىڭ ئىككى غېرىچچە كىلىدىغان زەنجىرىگە قول ئۇزاتتىم. ئۇ يەنىلا مىدىرلىمايتتى. مەن قول ياغلىقىمنى چىقىرىپ بۆرىنىڭ باش قىسىمىغا كەيدۈرۈپ، تۆت بۇرجىكىنى قۇلاق تۈۋىدىن چىڭ باغلىۋەتتىم. ئۇنىڭ يوغان ئىچىقلىق يىتقۇچ چىشلىرى كۆرۈنمەي قالدى. ئەمدى ئۇ ناۋادا ئۆلمىگەن بولىسمۇ، بىزنى چىشلىيەلمەيتتى. مەن ئۇنى ئۆرۈپ باقتىم. راستىنلا ئۆلگەندەك قىلاتتى. بېشىغا تۆت-بەش پارچە تاش تەككىنىگە ئۆلەرمۇ، مېنىڭچە تاشنىڭ زەربىسىمۇ بىر گەپ، ئۇ بىزدىن ناھايىتى قورققان. بىزگە ئۇ قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلغىنى بىلەن ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە بىز ئۇنىڭغا قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلغان. چۈنكى مۇنداق ئادەم ئايىقى يەتمىگەن جاڭگالدا بۇ بۆرىلەر ئۈچۈن ئىككى پۇتلۇق مەخلۇق-ئادەمدەك قورقۇنۇچلۇق نەرسە بولمىسا كېرەك. شۇڭىمۇ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەن. ناۋادا بۇ بۆرە باغچىدىكى قەپەزگە سولاقلىق بۆرە بولغان بولسا، بىز ئاتقان 4-5 پارچە تاشقا چوقۇم ئۆلمىگەن بولاتتى. ھەي، ئادەم دىگەن نەرسىمۇ ئاجايىپ مەخلۇقتە. بىزغۇ بۆرە بىزنى چىشلەيدۇ دەپ قورقىمىز. لېكىن بۆرىچۇ، بىز بۆرىدەك چىشلەپمۇ ئالالمايمىز. كالتەك بىلەن ئۇرالايمىز. تاش ئېتىپ يەنچىيەلەيمىز. پىچاق بىلەن تىلالايمىز. مۇش-پەشۋا بىلەن چەيلىيەلەيمىز. ھىلىگەرلىك ئىشلىتىپ جېنىنى ئالالايمىز. مىلتىق ياكى ئوقيا بولىدىغان بولسا يېخىمۇ ئاسان، مىنوت-سىكونت قالماي يەر چىشلىتەلەيمىز. بىزدىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر قايسى بىر ھايۋاندا بار. دېمەك، ئەڭ ۋەھشىي بولغىنى يەنىلا ئادەم. ماۋزىدوڭمۇ ”ئادەم ئامىلى بىرىنچى“ دەپ بىكار ئېيتمىغان. بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان بىزنىڭ ئاقساقال ئىشەك باقارىمىز ھېلىمۇ ھەممىدىن بىخارامان يۈرمەمدۇ. ئىشەك بۇغدايلىققا كىرىپ كەتسىمۇ پەرۋا قىلمىدى. بىز ”بۆرە كېچىچە چىدىرىمىزغا ھۇجۇم قىلارمۇ“ دەپ ئەنسىرىسەك، ئۇ كىشى ”ئادەمدىن ھەممە نەرسە قورقىدۇ“ دەيتتى. يەنە بەزىدە ”ئادەم ئامىلى بىرىنچى دىگەن ماۋزىدوڭ“ دەپ بىزگە ماۋزىدوڭنىڭ ئۈزۈندىلىرىدىن تەلىم بەرمەكچىمۇ بولاتتى…
بىر ياۋايى مەخلۇق ئاخىرى قولىمىزغا چۈشتى. مەن ئۈستۈمدىكى پاختىلىق چاپاننىڭ بېلىدىكى يىپنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، بۆرىنىڭ ئارقا پۇتلىرىنى قوشۇپ باغلىدىم-دە، ھەمراھىمغا تۇتقىلى بەردىم. ئۆزمۈ قاپقان زەنجىرىدىن تۇتتۇم. بىز شۇخىل بۇسۇل بىلەن بۆرىنى پۇت-قوللىرىدىن ئىككى ياققا سوزۇپ تارتىپ بىر ئاز سۆرەپ ماڭدۇق. كېيىن قىممەتلىك تېرىسىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىككىمىز يىپ ۋە زەنجىردىن تارتىپ، مۈرىمىزگە ئېلىپ تاپنى ئوتتۇرىدا ساڭگىلاتقىنىمىزچە ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىدىرغا قاراپ يول ئالدۇق. بىز مېڭىپ كېتىۋىتىپ، ئاۋازىمىزنىڭ بېرىچە چىدىردىكىلەرنى چاقىراتتۇق. بىر چاغدا چىدىردىن ئىككى بۇرادىرىمىز چىقىپ ئالدىمىزغا يۈگرۈپ كەلدى. ئۇلار بۆرىنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ يېتىلگەن ئەركەك بۆرە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەچ قولىمىزدىن زەنجىر ۋە يىپنى ئالدى. چىدىر يېنىغا يېتىپ كېلىپلا مەن ئاۋۋال سۈرەت ئاپاراتىمنى ئېلىپ چىقتىم. بىز غەلبە خاتىرىسى ئۈچۈن ھەرخىل سۈرەتلەرگە چۈشىۋالدۇق. ھەممىنىڭ چىرايىدا شاتلىق جىلۋىلىنەتتى. مەن خۇددى چۈشۈمدىكىدەكلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ئىسىمنى يوقاتقان ھالدا دەرمانسىز تېنىمنى چىدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، تۆشەككە تاشلىدىم.
بەش مىنوت ئۆتكەندەكلا قىلدى. ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ، سائەتكە قارىسام توپ-توغرا ئىككى سائەت ئۇخلاپتىمەن. ھاۋا ئېچىلىپ، چىدىر ئىچى خېلىلا ئىللىپ قاپتۇ. قورسۇقۇم دەھشەت ئېچىپ كېتىۋاتقاچقا تەسلىكتە ئۆرە تۇرۇپ، چىدىردىن بېشىمنى چىقاردىم. ئىشەك باقارلار گودۇڭ-گودۇڭ بىر نىمىلەرنى دىيىشكەچ، تاۋكا قۇرغان قىمارۋازدەك شورداڭ يەردە چۆرىدەپ ئولتۇرىۋېلىپ، بىر ئىشلارنى قىلىۋېتىپتۇ. بايىقى تاتلىق ئۇيقۇمنى بۇزغان سەۋەبنىڭ بىرى قورساق ئاچلىقى بولسا، يەنە بىرى دەل مۇشۇلارنىڭ گودۇڭشىغان ئاۋازى ئىدى. نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگۈم كېلىپ، پۇتلۇرۇمنى سۆرەپ، كۆزۈمنى ئۇلىغىنىمچە ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم-دە، بېشىمنى ئارقىغا ئالدىم. كۆڭلۈم ئېلىشكەندەك بولدى. قورسۇقۇمنىڭ ئاچىلىقىمۇ يوقالدى. كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى ئادەم گۆشىدەكلا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل قېپ-قىزىللا گۆش-ياق، بىر توپا، بىر تەن ئىدى. ئۇلار قورساق ئاچلىقىغا پايلىماي بىرەر ھارامغا چاڭگال سالدىمۇ قانداق، دېگەن خىيال چاقماق تېزلىكىدە كاللامدىن كەچتى.
ئولتۇرغانلار تەڭلا مەن تەرەپكە قاراشتى. ۋە چىرايىمدىكى ئالامەتلاردىن يا كۈلىشىنى، يا تېرىكىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قېلىشتى. شۇندىلا ئۇلارنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىردى.
-تېرىسىنى سىزگە ئاتاپ ئېلىپ قويدۇق. تەلەيلىك ئىكەنسىز جۇمۇ. ئېلىپ كىتىپ لازىم قىلارسىز.
مەن بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن ئاستا-ئاستا ئىسىمگە كەلدىم. توغرا بۇ مېنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن تارتقان جاپايىمنىڭ ئەجرى ئەمەسمۇ. دېمەك، مەن چۈش كۆرمۈدۈم. راستىنلا بۆرە تۇتتۇم. مۇمكىن بولۇشقا كۆزۈم يەتمىگەن ئەمما چۈشۈمدە چۈشەپ، ئوڭۇمدا ئېنتىلىپ كەلگەن بىر ياۋايى مەخلۇق بىلەن بولغان جەڭدە راستىنلا مەن ئۇتتۇم. خوشاللىقىمدىن پۈتۈن ئەزايىمغا بىر خىل ئىللىق سېزىم تارىغاندەك بولدى.
مەن يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ، كۈندىلىك مەشغۇلاتىمنى باشلىۋەتتىم.
قار ھەر كۈنى دېگۈدەك يېغىۋاتاتتى. ياۋايى ھايۋانلار جۈملىدىن قوتاز ۋە جەرەنلەر كۈندۈزى بىزگە يېقىن يولىمىغىنى بىلەن، كېچىسى چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېلىپ، بۇلىقىمىزنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، كۆزىنى تىندۇرۇۋېتىپ كېتىپ قالاتتى. كۈندۈزلىرى ئېرىگەن قاردىن ئۇياق-بۇياقلاردىكى پەس جايلارغا ئازتولا سۇ يىغىلىپ قالاتتى. لېكىن بۇ شورداڭ تۇپراقنى چايقاپ يىغىلغان سۇنى ئىچىش مۇمكىن بولمايتتى. بىز يەنىلا شۇ بۇلىقىمىزنىڭ كۆزىنى ئېچىش بىلەن ھەپىلىشەتتۇق.
ئوزۇق تۈلۈكىمىزمۇ تۈگەپ قالغىلىۋاتاتتى. ”يېتىپ يىسە تاغمۇ توشىماس“ دېگەندەك خالتىغا لىقلاپ ئەكەلگەن ئۇنلىرىمىزمۇ بىرەر ئاشلىقلا قېلىۋاتاتتى. بىز كۆمەچ سېلىشنى بۇغداي ئۇنىدىن قوناق ئۇنىغا ئالماشتۇردۇق. قايسى بىر ئاكىمىز قوناق ئۇنى ئېلىۋالغانىكەن. بىز شۇ ئۇنغا سۇ قۇيۇپلا پوملاپ، قوتاز تېزىكىدىن چۈشكەن تاۋلىق كۈلگە كۆمۈپ قوياتتۇق. يېرىم سائەت ئۆتە-ئۆتمەيلا كۈل قېتىدىن پۇرقىراپ چىقىدىغان ھور تۈگەپ، نان پىشاتتى. بۇنى يەرلىك كىشىلەر ”پوكو“ دەپ ئاتىشىدىكەن. بىز ئاندا-مۇندا پۈۋلىۋېتىپلا كاپ ئېتىپ ئاغزىمىزغا سالاتتۇق.
تۇزنىڭمۇ مۇنچە كۆپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. خوتەندىن ئېلىۋالغان بىر بولاق ئۇن تۇزىمىز ئاللىقاچان تۈگىگەن ئىدى. بىز ئامالىنى قىلدۇق. كۆلگە يىراق بولمىغان جايدىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان سېغىز توپىلىق تاز كاللىسىدەك قوتۇرماچلىنىپ تۇراتتى. بىز شۇ يەرنىڭ بوشۇشۇپ كەتكەن پوستىنىڭ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت شورنى يىغىپ كېلىپ ئاۋۋال قايناتتۇق. ئاندىن قول ياغلىق بىلەن سۈزدۇق. بۇ تۇزلۇق سۇ تىنغاندىن كېيىن ئىشلىتىپ كۆرسەك زىيىنىنى كۆرمىدۇق. شۇنداق قىلىپ تۇزسىز قالمىدۇق.
لېكىن كۆكتات ۋە گۆشكە بولغان ئېھتىياجىمىز كۈنسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتاتتى. ھەممىمىز قاپقانغا تەلمۈرەتتۇق. كۆز ئالدىمىزدا ئوتلاپ يۈرگەن قوتازلارغا قاراپ مىلتىق ئېلىپ كەلمىگىنىمىزگە مىڭ پۇشايمان قىلاتتۇق. قوتازدىن بىرنى ئېتىۋېلىپ سويۇپ يەيدىغان بولساق، ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولماسمىدى. ئۆردەكلەر بىزنىڭ قىلتىقىمىزنى تۇيۇپ قالدىمۇ قانداق، قاپقانلارغا زادىلا يېقىن يولىمايۋاتاتتى. بىز ئۆردەكلەرگە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى ئويلاپ چىقىپ قاپقان سالاتتۇق. ھەتتا ”ھارام چۈشكەن قاپقانغا ھالال ئاسانلىقچە چۈشمەيدۇ“ دېگەن گەپ بويىچە قاپقاننى ئىسرىقداپمۇ باقتۇق. شۇنداقتىمۇ بىرەر ئولجا ئېلىنمايۋاتاتتى. بەزىدە بىز ”ھەي…خۇدا، ئالدىنقى كۈنى بىزگە بەرگەن بىر ھارىمىڭنىڭ ئورنىغا، ئۆردەك چاغلىق بىرەر ھالال نەرسە بەرسەڭچۇ“ دەپ نالە قىلىپمۇ قوياتتۇق.
شەھەردىكى قورساق توق، ئىش ئالدىراش كۈنلەر نېمە دىگەن تېز ئۆتەتتى ھە! بۇ يەردە ئەكسىچە بىر كۈن ئۈچ ۋاق ھەتتا تۆت ۋاق تاماق ۋاقتى ئارىلىقى 3-4 سائەتكە، بىر سائەت 60 مىنوتقا، بىر مىنوت 60 سىكونتقا دىگەندەك بۆلەكمۇ-بۆلەك پەيتلەرگە بۆلۈنۈ، بەك ئاستا ئۆتىۋاتاتتى. ئۇخلىغاندەك قىلىپ كۆزىمىزنى يۇمۇپ ياتقىنىمىز بىلەن كاللىمىز جاھان كېزەتتى. يۇرتتىكى ئىسسىق ئۆيىمىزنى، ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلارنى ئويلايتتۇق. ھەركۈنى تەييار قىلىنىپ، تۆردە بەدەشقان قۇرۇپ لولتۇرۇپلا بەرسەك ئالدىمىزغا كېلىدىغان مەززىلىك تاماقلار كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ يىغىلاتتى.
شۇ تەرىقىدە ئىككى كۈن ئۆتتى. مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ئىنتىلىدىغان ئىشىم ھەركۈنى تاڭ يورىماستىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، چىدىرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، قاغا قونۇشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرىۋېلىپ كۆل بويىدىكى قاپقان بار جايغا بەزەر سېلىش ئىدى. گەرچە قورساق ئاچ بولسىمۇ، ھەر قېتىم مۇشۇ دۆڭگە چىقىپ چەكسىز تەبىئەت قوينىغا نەزەر سالغىنىمدا ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەردىن كۆڭلۈم تەسكەي تېپىپ، ئۆزۈمنى ھەرھالدا خوشال سېزەتتىم.
بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە، شۇ تاپتا شىمال تەرەپتىكى ئۇلۇق كۆلمۇ، شەرق-جەنۇب تەرەپتىكى قارلىق تاغ-تۇپراق ئاتىمۇ، بىر تەرىپى كۆل، ئىككى تەرىپى تاغ بىلەن قورشالغان ئۈچ بۇرجەك يايلاقمۇ كۆزۈمگە تولىمۇ يېقىمسىز كۆرۈنمەكتە ئىدى. دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ، كۆل ھەرقانچە چىرايلىق بولغىنى بىلەن سۈيىنى ئىچكىلى بولمىسا، تاغ ھەرقانچە ئىگىز ھەيۋەتلىك بولسىمۇ بىر تۈپ قارىغاي ياكى چىنار دەرىخى بولمىسا، يايلىقى ھەرقانچە بىپايان بولغىنى بىلەن تۇتامغا چىققۇدەك ئوتى بولمىسا نىمە دىگۈلۈك، بۇ يەرنىڭ نىمىسىنى ئەتىۋارلىغۇلۇق، نىمىسىنى ئەزىزلىگۈلۈك. بۇ يەردە كۈن كەچۈرىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۈنىگە ۋاي. ئۆردەكلەر يىرتقۇچلاردىن قورقۇپ، پۇتى لەش باغلاپ كەتكۈچە سۇدىن چىقالمىسا، بۆرىلەر ئوۋ ئوۋلىغۇدەك بۇغا-ماراللارنىڭ يوقلىقىدىن كۆل بويىدا تىمسىقلاپ تۈلكىنىڭ كۈنىگە قېلىۋاتسا، قوتازلارمۇ شورداڭ يەرنىڭ سېرىق ئوتىنى يەيمەن دەپ بەدىنىدىكى تۇز مىقدارىنى ئاشۇرىۋېلىپ، سۇ قىسلىقىدىن تۇزلۇق كۆلگە تۇمشۇق ئۇرۇپ جان تەسلىم قىلىۋاتسا… بۇ يەردە يەنە نىمە بار؟! بىزگە نىمە بار؟! تېزرەك كەتسەك بولاتتىغۇ. يەنە تۆت كۈن قانداق ئۆتەر.
مەن شۇ خىياللار بىلەن ئولتۇراتتىم. خىيالىمنىڭ نەتىجىسىدىن بولدىمۇ ياكى سوغۇق تەسىرىدىنمۇ ئىش قىلىپ تېنىم جىغىلداپ كەتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، چېدىر تەرەپكە قارىدىم. 19 ئىشەك ئۇيەر بۇ يەردە ئوتلاۋېتىپتۇ. چىدىرلىلىمىز چەكسىز دالىغا تولىمۇ كىچىك كېلىپ، بويۇن قىسىپ تۇرۇپتۇ. بىردىنلا ئۈچ بۇرجەك يايلاقنىڭ چەكسىزلىككە تۇتاشقان بوغما قىسىمىدا بىر قارا نەرسە كۆرۈندى. ئاپئاق قارلىق دالىدا بىر قارا توچكىنىڭ ئىلگىرلەۋاتقىنىنى، مەنتەرەپكە كىلىۋاتامدۇ ياكى كېتىپ بارامدۇ پەرق قىلماق تەس. قوتازمىكىن دىسەم مېڭىشى سىلىق. ئېيىقمىكىن دىسەم بويى خېلىلا ئېگىز. ئىككى ئىشەك بىر-بىرىگە مىنگىشىۋالدىمۇ يا… 19 ئىشەكنىڭ بىرسى قارا ئىدى. دائىملا مۇشۇنداق ئىش بولۇپ تۇرىدىغان. شۇغىنىسى ھازىر 19 ئىشەك باشقا 19 توچكا بولۇپ كۆرىنىۋاتمامدۇ. راستىنلا ئىككى ئىشەك بولسا، ئاشۇ توچكىلارنىڭ سانى 18 بولۇپ چىقىشى كېرەكتىغۇ. مەلۇم بىر ئىشەك بىلەن قوتازمۇ يا.. ياق، ياق. ئۇنداق ئەمەستۇ.
نامەلۇم قارا توچكا چىدىرىمىزغا ئۇدۇللاپ كېلىۋاتاتتى. بىرەر يىتقۇچ بولمىسۇن يەنە دىگەن ئوي كاللامغا كېچىشى بىلەن تەڭ، تېنىمگە تىترەك ئولاشتى. قارا توچكا يېقىنلاپ كېلىپمۇ قالدى. شۇ چاغدىلا بايىلا قىلغان خىيالەن قىياسلىرىمغا راستىنلا كۈلگۈم كەلدى.
تاققا چىقىپ كەتكەن ئۈچ نەپەر ئەترەت ئەزايىمىز قايتىپ كەلگەندىن ئىدى. ئۇلار پىلاندىكىدىن تۆت كۈن بۇرۇن-بۈگۈن ئەتىگەن ھاۋانىڭ خېلى ئوچۇقلىقىنى كۆرۈپ، بىر ھەپتىدىن بۇيانقى بوران چاپقۇندا جاننى ئامان ساقلاپ قالغىنىغاا خۇرسەن بولۇپ، ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتىپ كەلگەنىدى. بىز ھاياجانلىق قول سىقىشىپ كۆرۈشۈشلەر بىلەن ئۇلارنى قارشى ئالدۇق. مۇۋاپەقيەتلىرىمىزنى ئۆزئارا تەبرىكلەشتۇق. ئۇلار سومكىلىرىنى قويۇپلا بىز تۇتىۋالغان بۆرىنىڭ تۇلۇمچىلاپ سويۇپ، ئىچىگە يۇڭ چىڭداپ قويۇلغان تېرىسىنى-مودىلىنى كۆرگىلى ماڭدى. بىز بكرىلەرگە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ قويماق بولۇپ تۇتىۋالغان بۆرىنىڭ تېرىسىنى خۇددى تېرىكتەك قىلىپ ياساپ، چىدىرنىڭ ئەڭ كۆزىگە ئېسىپ قويغانىدۇق. بەلكىم ئەترەت ئەزالىرىمۇ بايا چىدىرغا يېقىنلاشقۇچە ھەرخىل ۋەھىمىلىك خىياللارغا كەلمەي قالمىدى. ئىشەك باقارلىرىمىز ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تاغدىن يۈدۈپ كېلىپ تىكلەپ قويغان سومكىلىرىنى قاق بەلدىن ئېلىپ كۆتىرىپ دەڭسەپ بېقىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىنجىقلاپ كۆتىرىشىدىن سومكىلارنىڭ نەقەدەر ئېغىرئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئىشەك باقارلىرىمىز تاققا چىققۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشاتتى. مەن ئويلايتتىم: ئۇلار ئۆزلىرىگىمۇ ئازراق ئېلىپ قويۇشسا بولاتتىغۇ. بۇ يەرگە يېتىپ كەلگىچە ئۇلار ماڭا نىمە تاپا-تەنىلەرنى قىلمىدى. سومكا كۆتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەپ تاپسىلا ئىشەك مىنىپ كەلگەن تۇرۇقلۇق تا ھازىرغىچە ماڭا يەتتە كۈنلۈك يولنى ئالتە كۈندە باستۇردۇڭەي، بىزگە قوشۇمچە تەمىنات بەرمىدىڭەي، سوغا سالام ئېلىپ كەلمەپسەنەي دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزلىرىنى مىھنەتكارلىققا كۆككە ئۇچۇرىۋاتمامدۇ. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئادەمغۇ. چەتئەللىكلەردىن نەرى كەم، راستىنلا كەم دىيىلسە شۇ جاسارەت، جاپاغا چىداش ئېڭى كەم ئەلۋەتتە.
مەن چىدىر يېنىغا باردىم. ئۈچ ئامرىكىلىق بۆرە تېرىسىگە ھەرخىل باھالارنى بېرىۋېتىپتۇ. گېپىنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا ئۇلار بۇنى بۆرىنىڭ ئەمەس يىلپىزنىڭ تېرىسى دىيىشىۋاتقاندەك. مەن بۇ جايدىكى بۆرىلەرنىڭ بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ماس ھالدا باشقا قايدىكى بۆرىلەردىن كۆپ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى، بۆرە دەپ ئېيتىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ قىسقا، يۇڭىنىڭ رەڭگىنىڭ پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇلار يەنىلا ”بۆرە ئەمەس“ دىيىشىپ شەكلىنىۋاتاتتى. مەن ئىشىمنى قىلىۋەردىم.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار ئەتىلا يولغا چىققۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ بىزنى قەۋەتلا خوشال قىلىۋەتتى. بىرلا شەرت، مەھەللىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ماشىنا ئالاقە قىلىشنى بىزگە ھاۋالە قىلىدىكەن. چۈنكى مەھەللىگە ئەسلى پىلاندىكىدىن تۆت كۈن بۇرۇن يېتىپ بېرىۋالساق ماشىنا پىلان بويىچە دىگەن قارايىدا كېلەتتى. بىزگە تۆت كۈن ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. مەن مەھەللىدە تېلىفون بار، يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆردۈم. ئىشەك باقارلىرىمىز تېلىفوننىڭ مەھەللىدە ئەمەس، مەھەللىگە قوشنا بولغان قوي فىرمىسىدا بارلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە مېنى باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا چىقىشنى قارار قىلىشىمى ئۆتۈندى.
ئاخىرى بىز پۈتۈشتۇق. ئەتىلا يولغا چىقىدىغان، ئىشەك باقارلارنىڭ قىسقارغان ۋاقىتتىكى ئىش ھەققىنى كىمەيتىدىغان، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىزنى مەھەللىگە ئىمكان قەدەر تېزراق ئاپىرىش ۋە مەھەللىگە بارغاندىن كېيىن بىزنىڭ ياتاق ۋە تاماق ئىشلىرىمىزنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەرگە ئالاقە قىلىدىغان ئىشلاردا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغان، ئىش قىلىپ بىزنىڭ مەھەللىگە بارغاندىن كىيىنكى بارلىق ئىشلىرىمزغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ گەپنى ئۈزدۇق.
مەن شۇ كۈنى كەچتە ھەممەيلەنگە بايراملىق بەردىم. ھازىرغىچە ئىقتىساد قىلىپ كەلگەن تاتلىق تۈرۈم ۋە ئىچىملىكلەردىن كۆپچىلىككە تەڭ بۆلۈپ بەردىم. چۈنكى ئەمدى قايتىدىغانغا قالغان 10 ئىشەك ئۈچۈن ئېغىر يۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىم، شۇنداقلا سەككىز كۈندىن بۇيان دەرمانسىزلىنىپ كەتكەن تېنىمىزگە ئازراق بولسىمۇ قۇۋۋەت بېرىشىم كېرەك ئىدى. ئاخىرى ئېشىپ قالغان ئازراقلا ئۇندا قۇيماق سېلىپ، ئاشقان مايدا ھالۋا ئەتتىم. ھەممەيلەن ئىشتىھا بىلەن ئوبدان بىرۋاق غىزالاندۇق. تاماقتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاخشام بولغاچ ئاۋۋال بۆرىنىڭ تاپىنى يەمچۈك قىلىپ قاپقان قۇردۇق. ئاندىن ئىشەكلەرنى توقىۋەتىپ چوڭ چىدىردا قارت ئويناشقا چۈشتۇق. خوساللىقىمىزدىن كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. ھەتتا كېچىنى قارت ئويناش بىلەن تاڭغا ئۇلىماقچىمۇ بولدۇق.
قايتىش سەپىرىدە
كۆپچىلىكنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭىدىن چۆچۈپ ئويغانسام، تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلاپتۇ. بىز قول-قولغا چىدىرلارنى يىغىپ، ئىشەكلەرگە يۈكلەرنى تاڭدۇق. ئاندىن بىرەيلەن قاپقان يېنىغا بېرىپ كەلدى. كېچىچە يەنە بىر بۆرە كېلىپ يەمچۈك قىلىنغان بۆرە تاپىنى قاپقاننى ئىتىلدۇرماي تۇرۇپ يەپ كەتكەن بولۇپ چىقتى. ”-بۆرە دىسەم تۈلكىمۇ نىمە؟- دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىچىمدە، ھىلىگەرلىكىنى قاراڭ. قاپقاننىمۇ ئېتىلدۇرماپتۇ. شۇغىنىسى ۋەھشىيلىكىدىن بۆرە خاراكىتىرىنىمۇ ئاپتۇ. ئۆز قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يەپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ.
ئەترەت ئەزاسى ئۈچ كىشى يۈك-تاقىلارنى يىغىشتۇرۇشتا دائىملا بىزدىن چاققان كېلەتتى. ئۇلار نەرسىلەرىنى تېزلا يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلەتتى-دە، بىرى يۈك تېڭىۋاتقان ئىشەكنىڭ بېشىنى تۇتۇپ بەرسە، بىرى يۈك تېڭىلىپ بولغان ئىشەكلەرنى قورۇقداپ تۇراتتى. يەنە بىرى بىز چۈشكۈن قىلغان يەردىكى يېڭىدىن تاشلانغانلىكى نەرسىلەرنى ئەخلەت ھېساۋىدا تېرىپ بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋەتەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشى ئىدى. بىز مۇشۇ يوسۇندا تەبىئەتنىڭ ھۆسنىگە داغ تەككۈزىدىغان ھەرقانداقلىكى نەرسىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ كەلگەن ئىدۇق. ھەتتا مۇشۇ قېتىم سەككىز كۈن تۇرىۋەتكەن قارارگاھىمىزغا يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا بۇ يەردىمۇ تاغ تۈۋىدىن بىر جاي تاللاپ ھاجەتخانا ياسىۋالغان ئىدۇق. مانا ئەمدى قايتماقچى بولغىنىمىزدا بۇ جاينىمۇ تىندۇرۇپ بۇرۇنقىدەك قىلىپ قويدۇق. چۈنكى بۇ جاڭگالدىكى جانۇ-جانۋارلارغا ھاجەتخانا كېرەك ئەمەس-دە.
يولغا چىققاندىن كېيىنكى قىددىيچىلىكنى ئېيتمايلا قوياي. كېلەشىمىزدە سۆرەلمىلىك قىلغان ئىشەك باقارلىرىمىزمۇ مانا ئەمدى تېتىكلىشىپ قالغان ئىدى. بىز بولۇشىغا ئىلگىرلەپ ماڭدۇق. كۆزىمىزگە ھىچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. بارىدىغان چاغدىكى پايانى كۆرۈنمىگەن سايلىقمۇ مانا ئەمدى كىچىك بالىنىڭ ئالقىنىچىلىكلا كۆرىنىپ قېلىۋاتاتتى. كەڭ-كەڭ جىلغىلارمۇ تارلىشىپ، قىيا تاشلار كاللىمىزغىلا چۈشىدىغاندەك يېقىن كۆرىنىۋاتاتتى. بەزىدە بىزنىڭ مۇشۇ يەرلەردىن ئۆتكىنىمىزگە ئىشەنگىمىز كەلمەي قالاتتى. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ چەكسىز دالىغا كۆنۈپ قالغانلىقىمىزدىن بولىۋاتاتتى.
بىز ئۈچ كۈنگە قالماي پۈتۈن مۇساپىنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولدۇق. ئادەملىرىمىز ھارغانلىقىنى بىلدۈرمەي ئىلگىرلەيتتى، لېكىن، ئىشەكلەر بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتى. مەن يۈكلەرنى يەنىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن قالدى-قاتتى نەرسىلەرنى كۆپچىلىككە بۆلىۋەتتىم. ئىككى-ئۈچ ئىشەك يۈك كۆتۈرمەك ئۇياقتا تۇرسۇن، يۈكسىزمۇ ماڭالمايۋاتاتتى. ئۈچىنچى كۈنىگە بارغاندا بىز يولدا ئىشەك يېپىۋالدۇق. ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بۇ ئىشەككە ئوبدان قاراپ باقساق، بىزنىڭ ئىشىكىمىز بولۇپ چىقتى. ئەسلىدە ئالدىمىزدا كېتىپ قالغان 9 ئىشەكتىن بىرى بولۇپ، ئىككى ئىشەك باقارىمىز بۇ ئىشەكنى ئۆلدىگە چىقىرىۋېتىپ تاشلاپ كەتكەن ئىكەن. بۇ ئىشەكمۇ دەل بارغىچە بېقىنىنى ئارغامچا تىلىۋېتىپ يارىلانغان، ئۇنى ئاز دىگەندەك تاغدا بۆرە بوزەك قىلىپ باش كۆزىنى تالىغان ھېلىقى يارىدار ئىشەك ئىكەن. بىز ئۇنىڭ يارىلىرىنى مەن ئېلىۋالغان داكا-پاختىلار بىلەن يوت سۈرتۈپ تېڭىپ، قېتىپ قالغان نانلىرىمىزنى بېرىپ داۋالىدۇق-دە، ھەيدەپ ئېلىپ ماڭدۇق. بۇ ئېشەك ھىلىمۇ بەزىبىر ئىگىزگە چىقىدىغان جايلاردا ماڭماي تۇرىۋالاتتى. بىرىمىز بېشىدىن تارتىپ، بىرىمىز ئارقىسىدىن ئىتتىرىپ، تاس قالاتتۇق مۈرىمىزگە ئېلېپلا ماڭغىلى. تېخى ئۇنىڭ تازا ھالقىلىق پەيتلەردە شاخىنا قويىۋىتىشىچۇ. بىزنىڭ ئىشتانلىرىمىزنى دىگەن ئوخشىتىۋىتەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى تاشلاپ قويمۇدۇق. ئۇمۇ بىر جانۋاردە، ياشاپ قالسۇن. ئۇنىڭسىزمۇ خۇن ھەققى مىڭ سوم پۇل بىزنىڭ گەدىنىمىزگە ئارتىقلىق ئەمەسمۇ.
بىز تاغدا ئاچ قالغان بۆرىدەك ئۆزىمىزنى مەھەللە تەرەپكە ئۇراتتۇق. ئوزۇق-تۈلۈكىمىزمۇ پۈتۈلەي تۈگىگەن ئىدى. بالدۇرراق بىرەر قوي پادىسىنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى تىلەيتتۇق. قېرىشقاندەك پادىچىلارمۇ پادىلىرىنى ھەيدەپ مەھەللە تەرەپكە كېتىشكەن بولۇپ چىقتى. بىز يولدا ئۆتۈشۈپ كەتكەن تاش ئېلىپ چىققۇچىلاردىن ۋە يولدىكى پادىچىلاردىن ئىزى ۋە پادىچلارنىڭ ئىسسىنىش ئۈچۈن قالىغان ئوتىنىڭ كۈلىدىن قوي پادىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالاتتۇق.
بىز تۆتىنچى كۈنى كەچقۇرۇن مىڭ تەسلىكتە قوي پادىسى بار جايغا ئۇلاشتۇق ۋە تېزلا پادىچىنى تېپىپ بىر قوينىڭ تۆت پۇتىنى ئاسمان قىلدۇق. مەن كۆپچىلىكنىڭ تەقەززالىقىنى كۆزە تۇتۇپ ئىككى قازانغا تەڭلا ئوت ياقتىم. بىرى مەن ئېلىۋالغان بىنزىن ئوچاق (گاز ئوچاقنىڭ گېزى ھاۋا شالاڭ جايدا تېزلا ئۇچۇپ تۇگىگەن ئىدى) يەنە بىرى تېزەك قالايدىغان تاش ئوچاق ئىدى. ئىككى قازاننىڭ بىرسىگە سۇ قۇيۇپ ئاغزىنى چىڭ ئورنىتىۋەتتىم. يەنە بىرسىگە ماي قۇيدۇم. ماي تېزلا قاينىدى. مەن گۆشلەرنى مۇشتۇمدەك، ئالقاندەك، ئۈلگۈرگىنىدە قۇلاقتەك قىلىپ پارچىلاپ پاژىلداپ تۇرغان مايغا تاشلاۋاتىمەن. ماي كۆپۈك چىقىرىپ قاينايدۇ. خىلى ۋاقىت ئۆتسىمۇ گۆش يەنىلا قىزغۇچ ھالەتتە تۇرىدۇ. گۆشنىڭ پىشمىقى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈكى بىز تۇرىۋاتقان جاي دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتر ئېگىز. شۇڭا ماينىڭمۇ قايناش نوقتىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى.
مەن ئاندا-ساندا قارىدىغان گۆش پارچىلىرىنى قازاندىن سۈزىۋېلىپ داسقا تاشلاۋاتىمەن. قوللار كۈزەتسىزلا سوزۇلۇپ كېلىپ ئېغىزلارغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ. پاقلان قوينىڭ گۆشىمۇ قېرى قوينىڭ گۆشىدەك گىچ-گىچ. چىشلەپ سوزۇپ، پىچاق بىلەن كېسىپ يىمەي ئامال يوق. قورساقنىڭ ئاچلىقىدا كېيىنكىنى ئويلاشقا كىمنىڭ چولىسى… گۆشلەر ھەر سوزۇلۇپ، كېسىلىپ يېيىلىۋاتىدۇ، چاينىلىۋاتىدۇ…
ئاخىرى قازاندىكى گۆشمۇ پىشتى. بىز بۇ كۈنى ئاغزى بۇرنىمىزدىن چىققۇچە گۆش يىدۇق. ئاخشىمى ئېشىمىز ئارتىپ قالمىسۇن دەپ خېلىغىچە تىك ئولتۇرۇپ قارت ئوينىدۇق.
ئەتىسى ئەتىگىنى مەن پولۇ ئەتتىم. گۈرۈچ سېلىش ئالدىدا تۇزنىڭ يوقلىقى ئېسىمگە كەلدى. ئۇلۇق كۆل بويىدا لازىم قىلارمىز دەپ سۈزۈلدۈرۈپ بولتۇلكىغا قاچىلاپ قويغان تۇزىمىزنى ئەينى چاغدا ئەزالىرىمىز ئەخلەت ھېساۋىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتىكەن. بىز تەقدىرگە تەن بېرىپ تۇزسىز، سەۋزىسىز پولۇنى ئىشتىھا بىلەن يىدۇق. ۋە شۇ كۈنى قانداقلا قىلمىساق مەھەللىگە ئۇلىشىۋېلىش قارارىغا كېلىشىپ، جىددىي يول تەييارلىقغا كىرىشتۇق.
ئىشەك باقارلار ئىشەكلەرنى تۇتۇپ كەلگىلى ھەر تەرەپكە چېپىشتى. قارىسام ئۇلار ئۆزلىرى ياتقان كىچىك چىدىرنى (ئۈچ ئادەم قالغاندىن بۇيان، چوڭ چىدىرنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەرسە كېرەك سالىدىغان كىچىك چىدىرنى ئۇلارغا بېرىپ تۇرغان ئىدىم.) ھېچ قائىدىسىزلا خالتىغا پۇرلاپ تىقىپ قويۇپتۇ. چىۋىقلىرىنىمۇ ئۆز خالتىلىرىغا سالماپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە شۇنچە يەتمىگەنلىكىدىنمۇ ۋە ياكى تۈنۈگۈن قىلغان ئىككى ئېغىز گىپىمگە بۇتناپ بەرگىنىدىنمۇ، تۇرۇپلا ئاچچىقىم كەلدى. تۈنۈگۈنكى ئىككى ئېغىز قاتتىق گەپ ئەسلى مۇنداق ئىدى:
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇخلاش خالتىسىنى قاتلىۋېتىپ، چىدىرنى يىغىشتۇراتتىم. مانا ئەمدى كىچىك چىدىرنىڭ بىرسىدە ئىشەك باقارلار يېتىپ قوپىۋاتقاچقا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ، چىدىرنى بوشاتقۇچە ساقلاشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا چىدىرنى ئۆزلىرى يىغىشتۇرىۋېلىشنى ئىيتتىم. ۋە قانداق يىغىشتۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويدۇم. لېكىن ئۇلار كۈندىلا باشقا ئىشلارغا ئالدىرىغان بولۇپ چىدىرنى يىغىشتۇرمايۋاتاتتى. قولۇم بىكار بولسا مەن يىغىشتۇرۇپ قويدۇم. تۈنۈگۈن مەن ئۇلارغا ئۆزلىرى يىغىشتۇرىۋېلىشنى قايتا تاپىلاپ قويۇپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا قارىسام چەتئەللىك ئەترەت ئەزالىرى ئۇلارنىڭ چىدىرلىرىنى يىغىشتۇرغىلى تۇرۇپتۇ. بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى. ئەمدى بۇ ئىشنى قىلمىغان شۇلار قالدىمۇ؟! مەن ئىشەك باقارلارغا ئىككى ئېغىز تەنبىھ سۆزى قىلدىم.
-بۇندىن كېيىن ئۆزۈڭلار ياتقان چىدىرنى چوقۇم ئۆزۈڭلار يىغىۋىتىڭلار، ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر بۇندىن كېيىن سىلەرگە بېرىدىغان چىدىر يوق.
ئۇلار تەڭلا چۇرقىراشتى.
-بىز بىكار قاپتۇقمۇ. ئىشەكلەرنى تۇتۇپ كېلىپ، يۈكلەرنى تاڭغىنىمىزمۇ يېتىپ ئاشار…
-ئۇ ئىشلار ئوپچى ئىش. ھەممىمىز تەڭ قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ. ھېلىىمۇ ھەممىمىز ھەپە دىيىشىۋاتىمىزغۇ. لېكىن ياتقان يەرنى يىغىشتۇرۇش ھەركىمنىڭ شەخسىي ئىشى. يۈزۈڭلارنى باشقىلار يۇيۇپ قويسا خىجىل بولمامسىلەر. كىچىك بالا چېغىدا مۇنچىلىك ئىشنى بىلىدۇ. مەندىن بۇيرۇق، ئەتىدىن باشلاپ ئۆزۈڭلار يىغىشتۇرىۋېلىڭلار!
گېپىمدىن تىرىككەن كارۋان بېشى سۆزلەپلە كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ گېپىنى چەتئەللىك ئەترەت ئەزالىرى چۈشەنمەيتتى. مەن قولۇقۇمغا مۇش بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىۋاتقان، يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەككۈدەك گەپلەرنى پەرۋايىمغا ئالماسلىققا تېرىشىپ، بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان ئاچچىقنى يۈتىۋېتىپ، ئۆز ئىشىمغا مەشغۇل بولىۋەردىم.
مەن يۇقارقىلارنى ئويلاپ بۈگۈنمۇ ئۇلار بىلەن بىر نىمە دىيىشىپ يۈرۈشنى ئەپ كۆرمىدىم-دە، ئۆز قولۇم بىلەن قايتىدىن يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتىم.
بىز ماڭا-ماڭا شۇ كۈنى كەپكە قالماي مەھەللىگە يېتىپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن تاغ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولدى. ئىشەك باقارلىرىمىز ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرۈشمىگىلى بىرەر يىل بولغاندەك قىزغىن ھال ئەھۋال سورىشىپ كۆرۈشتى. بالىلار ئاتىلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشىپ چىقىپ كەلدى. لېكىن ئاتىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتمىدى. پەقەت ئاتا بالىنى يەردىن ئۈزۈپ كۆتىرىۋالدى. ئەرلەر قول سىقىشىپ كۆرۈشتى. ئاياللار يەر تېگىدىن قاراپ تىنىچ ئامانلىق سوراشتى. ھەممىنىڭ قەلبى شاتلانغان ئىدى. لېكىن ھاياجانلاندى دەپ ئېيتالمايمەن. بەلكىم ھاياجانلانغان بولسىمۇ، شۇنچە كۆپ ئادەم بار يەردە ئۆزئارا ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىغاندۇ. نىمىشقا دىسىڭىز مەن مۇشۇ مەھەللىگە كەلگەندىن بۇيان يەرلىك كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قاقاھلاپ كۈلگىنىنى ياكى ئاچچىتىن يېرىلىپ قايناپ تاشقىنىنى ۋەياكى تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلار ناھايىتى ئۇياتچان، بولۇپمۇ ئادەم كۆپ يەرلەردە شۇنداق. بەلكىم بىزدەك يات يۇتلۇقلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداقتۇ. ھازىرغىچە بىرەر ئەركەك مېنىڭ مۈرەمنى قېقىپ باقمىدى. ئېنىقكى ئۇلارنىڭ قەلبى پىچەتلىۋىتىلگەندەك بوغۇق. توختام سۇدەك تىنىق ئىدى. خۇنۇك چىرايلاردا بىرسى مەجبۇرلاۋاتقاندەك بىرخىل يېقىمسىز، بىچارىلەرچە كۈلكە ھەردائىم ئويناپ تۇراتتى.
شۇندىن بىر كۈن ئۆتۈپ ئاخشىمى مەھەللىنىڭ داپچى ۋە تەمبۇرچىسىنى چىللاپ كېلىپ بىر ئاخشام مەشرەپ قىلىپ بەردىم. مەشرەپ دىسەم كەڭرى مەيداندا ياكى ھويلىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كۆپ كىشىلىك نەغمە –ئۇسۇل دەپ ئويلاپ قالماڭ. مەن پەقەت سازەندىلەرنى ياتاققا باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنى ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇلار سازلىرىنى شۇنداق بىر چالماسمۇ، مۇڭ كۈي ئاۋازى بىر ھويلىدا ئىت قاۋىسا ھەممىلا كىشى كىمنىڭ ئىتى قاۋاۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدىغان بۇ مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ يەتتى. ئوتتۇز كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان تۆت كارۋاتلىق ياتاق ئوي ئىچى ئادەمگە لىق تولۇپ، ئىشىك دەرىزىلەرگە كىچىك بالىلار تىقما-تىقماق بولۇپ كېتىشتى. ئېيتىلىۋاتقان ناخشىنىڭ مەزمۇنىمۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ۋە يۇمۇرلۇق ئىدى. تەلەپلەر بويىچە مۇقامدىن پارچىلارمۇ ئورۇندالدى. مۇقام كۈيى ۋە تىكىستلار مەن ئاڭلىغان 12 مۇقامدىن ئانچە پەرتقلىنىپ كەتمەيتتى. يەنىلا يەرلىك قوشاقلار بىلەن ئېيتىلغان ئاھاڭلار ئۈتۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا داسقانچىلىك چوڭلۇقتا سورۇن ھازىرلاندى. بىر قىز بىر ئوغۇل ئۇسۇلغا چۈشتى. ئۇلار ئۇسۇلنى ھەقىقەتەن شوخ ئويناشتى. چەتئەللىكلەرنى ئۇسۇلغا تارتىشلارمۇ بولدى. ئۇلارمۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماي قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ بېلىنىڭ ئاستىنى لىغىرلىتىپ بېرىپ بولدى قىلدى. ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ھەركىتى ئامرىكىنىڭ كىچىك بەزمىخانىلىرىدا ئوينىلىدىغان دېسكو ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئىدى. مەنمۇ ئۆزۈم بىلىدىغان پەدىدە ئۇسۇلغا قول كۆتۈردۈم. مەن بىلىمەن، سۆڭگەچ تولغاش، بەلنى لۆمۇلدىتىش ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇلى بىلەن سىغىشالمايدىغان ھەتتا ئەيىب ھېسابلىنىدىغان ناچار قىلىق. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇيغۇر ئۇسۇلى كۆكرەكنى كەرىپ، مەزمۇت قەدەم ئېلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەرت ئاق كۆڭۈل، جەسسۇرلىقىنى تامامەن نامايەن قىلالايدۇ. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۇسۇلىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر يوق دىيەرلىك. ئۇسۇلغا چۈشكەنلىكى ئادەم پىرقىراپ، يەردەسسەپ چۆگىلەپ ھارمىغىچە توختىمايدۇ. ئۇلار شۇنداق قىززىق قان، خىجىل بولۇپ ئوينىغىلى ئۇنىمايدۇ. ئوينىدىمۇ بىر پۇخادىن چىقمىغىچە توختىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇخىل يۇقىرى ماھارىتى چەتئەللىكلەرنى كۆپ قايىل قىلدى. چەتئەللىكلەر ئۈزۈلدۈرمەي سۈرەتكە تارتتى. ئايىماي رەھمەت ئېيتتى. ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بارغاندىلا مېنىڭ ئۆزىر خاھلىق ئېيتىشىم بىلەن مەشرەپ ئاياقلاشتى.
ھەركۈنى دىگۈدەك ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشەكلىك قوي فىرمىسىنىڭ سىمسىز تېلىگراف ئاپاراتى قويۇلغان ئۆيگە قاتناپ تۇردۇم. بۇ جەرياندا مەھەللىنى يېڭى باشتىن كۆرىۋاتاتتىم. ئىككى ئىگىز توپا تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلۇپ بىنا قىلىنغان بۇ كەنت بەش مەھەللىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئېقىن بويلىغان يۇقۇرى-تۆۋەن توپىداڭلىقتا ئۇرۇش دەۋرىدىكى گازارما كەبى چالما تاملار بىلەن تولۇپ تۇرۇپتۇ. سو چىققانلىكى جايغا ئۆي سىلىنغان مەھەللىنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىدىكى سو چىقمىغان دۆڭلۈكلەر خۇددى ناھىيە بازارلىرىدىكى ئىككى-ئۈچ قەۋەتلىك بىنالاردەك مەھەللىنى بەش بۆلەككە بۆلۈپ تۇرۇپتۇ. مەن يۇقۇرى تۆۋەن قاتراپ ئۆيلەرگە ئوبدان سەپ سالدىم. ئاساسەن دىگۈدەك چالما تام. يېڭى سېلىنغان ئاز بىر قىسىم ئۆيلەرلا تاش تام. ئۆگزىدىكى كەپتەرخانا ياكى قانداقتۇر بىر ئايۋاندەك كۆرۈنىدىغان تاملارغىلا ئاندا-ساندا پىششىق كېسەك ئىشلىتىلگەن. ئۆگزىلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئوت باسقان. ”ئاشۇ ئۆگزىلەردىكى ئازغىنە پىششىق كېسەكتىن قوپۇرۇلغان تاملار بولمىغان بولسا، بۇ مەھەللىنىڭ كىشىلىرىنى بىر كىچىدىلا ياقلارغا كۆچىرىۋېتىپ، ئەتىسى بۇ مەھەللىنى قەدىمقى مەلۇم بىر قەبىلىنىڭ خارابىسى دىسە ھەقىقەتەن چانمايدىكەنتۇق“ دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە.
دېمىسىمۇ بۇ مەھەللىدە يا توك بولمىسا، سىرتتىن ھېچقانداق بىر ئالاقە لىنىيىسى كېلىپ ئۇلانمىغان بۇ جايغا، كىرا ماشىنلىرىنىڭ ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئېزىپ-تېزىپ چىقىپ قالغىننى ھېسابقا ئالمىغاندا شەھەر بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوقتەك، يا تېلىۋىزور تارتالمىسا، يا رادىئو قوبۇللىيالمىسا. بۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرى باشقا يۇرتنىڭ كىشىلىرى باشقا يۇرت بىلەن قىز ئېلىپ، قىز بېرىشمىسە. ناھىيە بازىرىغىمۇ ئىشەكلىك ئىككى كۈندە بارىمىز دەپ يۈرسە. بۇ يەر تەبىئىيلا بىر باشقا دۇنياغۇ. ئادەملىرىمۇ مەھەللە دوقمۇشلىرىغا چىقىپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرىدىن كىيىنىش، مېڭىش، تۇرۇشلىرىدىن كىشىگە مۇندىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى پادىشاھلىق دەۋر ئۇيغۇرلىرىنى ئەسلىتەتتى. بالىلارمۇ خۇددى چوڭ ئادەملەردەك گەپنى ۋەزنى بىلەن قىلاتتى. دەمەكچىمەنكى، ئاڭلىماققا چوڭلار بىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى. مەكتەپ دەپ ئاتىۋالغان بىر قورا جايلىق ھويلىمۇ مەيدانلىرىنى ئوت باسقان ھالدا ۋەيرانە تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ. بالىلارنىڭ چۇرقىرىشىپ كىرىپ-چىقىشىقىننى زادىلا كۆرگىلى بولمايتتى. ئوقۇتقۇچى دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىر نەچچە كىشى بلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بېشىغا تەلپەك (پاقلان تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن بۆك)، پۇتىغا چورۇق (سىپتا تىكىلگەن كىگىز پايپاق كىيىپ، چەم قىسىمىغا ئۆچكە تېرىسىنى توغرىلاپ چۆرىسىنى يىپ بىلەن پۈرۈپ قويغان ئاياق كىيىم) ئۇچىسىغا قارا چىپەرقۇت يەكتەك كىيگەن بولۇپ يەرلىك ئاھالىلەردىن قىلچە پەرقى يوق. ئاشۇ يىرىك قوللىرى ئۇلارنىڭ كەتمەن تۇتقان ۋاقتىنىڭ بور تۇتقان ۋاقتىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
بىز كەنتتە ماشىنا ساقلاپ تۇرۇپ قالغان تۆت كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم مەن چۆچەكلەردىلا ئاڭلىغان ئەمما كۆرۈپ باقمىغان تۆگە كارۋانلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇلار ھەقىقەتەن يىپەك يولى كارۋانلىرىدىن ئىدى. بەش-ئالتە تۆگىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىن تارتىپ، ئىشتان-پايپاق، گىلەم-گەزلىمىلەرگىچە ئارتىپ چىقاتتى. ھەتتا ئۈزۈم ۋە شاپتۇل قاتارلىق يەل يېمىش ئەپچىقىپ ساتىدىغان كارۋانلارمۇ بولدى. ئۇلار كېلىشى بىلەن مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك بازار ھاسىل بولىدىكەن. تەرەپ-تەرەپتىن ئادەملەر توپلىشىپ مال سودىلىشىدىكەن. ئالىدىكەن، ساتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئالىدىغانلىرى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك سودىگەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر بولسا، ساتىدىغىنى قاش-تېشى. قوي-چارۋا، يۇڭ-تېرىلەر بولىدىكەن. سودىگەرلەر ئۇياقتىن پۇلنى ئېلىپ، بۇياقتىن خەجلەپ تۆگىلىرىگە يېڭى ماللارنى بولۇشىغا تېڭىپ كېتىپ قىلىشىدىكەن. مەن بۇ مەھەللىگە خېلى كۆنۈپ قېلىۋاتاتتىم. كېيىن يەنە كېلىدىغانلىقىمغا ھەم ئىشىنەتتىم.
مەھەللىدە تۇرغىنىمىزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ماشىنا كېلىپ قېلىپ، بىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. شوپۇر بۇ قېتىم ماشىنىنى ئېقىندىن ئۆتكۈزۈپ بىز تۇرغان قورا جايغا ئېلىپ كىرگەن ئىدى. بىز بىر-بىرلەپ خوشلۇشۇپ يولغا چىقتۇق. پۈتكۈل مەھەللە ئەھلى ئىشىنى توختۇتۇپ، بىزنى ئۇزاتتى. مەھەللىدە بارلار يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، ئېتىزدا ۋە خامانلىقتا ئىش قىلىۋاتقانلار تۇرغان جايىدا بېشىنى كۆتىرىپ قارىشىپ قېلىشتى. مەن دەرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىپ قول پۇلاڭلاتقاچ ”مەن يەنە كېلىمەن، ئامان بولۇڭلار، سىلەرگە رەھمەت، مەندىن رەنجىمەڭلار، مېنى كەچۈرۈڭلار، خوش، خۇداغا ئامانەت“ دەپ توختىماي ۋارقىرايتتىم. ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمىدىمۇ قانداق جاۋاب بەرمىدى. پەقەت مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قارىشى بىلەن ئۇزۇتۇپ قالدى. ئارىدىن پەقەتلا بىر كىشى بىز بىلەن تاققا كىرگەن زىيالى مىجەز ياش بىرنىمە دەگەندەك قىلدى. گېپىنى ئۇقالمىدىم. يەنە بىر تەكرارلىدى. ئۇ ”يەنە بىر كېلەشىڭىزدە كۆپرەك كىتاب ئالغاچ كېلىڭ“ دەپتۇ. نىمە دىگەن ئالىي تىلەك. ”مەن چوقۇم كېلىمەن. نۇرغۇن كىتاب ئېلىپ كېلىمەن. ئاۋۋال <ئېلىپبە> دىن باشلاپ سىلەرگە ئوقۇپ بېرىمەن. ئۈگۈتىمەن. سىلەرگە بىر ئۆمۈر ئېيتسام تۈگىمىگىدەك ھېكايە يادلاپ كېلىمەن. سىلەرنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرىمەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېلىپ بارىمەن….“
ئۇ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلاتقاندەك قىلدى-تۇ لېكىن دەرھاللا يىغىۋالدى-دە، بارمىقىنى ئاغزىغا ئېلىپ باردى. يەنە قاملاشمىدى. دەرھال پەسكە چۈشۈردى-دە، ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى. چۈنكى ئەتراپىدا باشقا بۇرادەرلىرى بار ئىدى. ئۇ خىجىل بولغان ئىدى.
-يىگىت، قولۇڭنى ئېگىز كۆتۈرىۋەر، مەن ھامان كېلىمەن.
1997-يىلى 4- ئۆكتەبىر شېنجىن 3-يازمىسى
menbe: http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=19&TopicID=2345
تۈگىدى.
لەتىف ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزاسى، ئۇنىڭ يازمىلىرى توپلانمىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
[...] قاراقۇرۇمغا سەپەر [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!