باشبەت » توردىن تەمەچلەر

مېنىڭ كەسپىم

17 ماي 2011 878 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس

مېنىڭ كەسپىم
تۇردى لېتىپ

كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمىكىم ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. شۇڭىمۇ بىرەر قېتىم سورۇندا ئولتۇرۇپ باقمىغان تونۇشلار بىلەن تازا چۈشىنىشىپ بولالمايدىغان مەن، دائىم ئۆزەمنى نېمە دەپ تونۇشتۇرۇش توغرىلىق ئويلىنىپ قالىمەن. تولا باشقىلار تازا چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەپ قارشى تەرەپنى گاڭگىرىتىپ قويغاندىن كۆرە، ھەممە بىلىدىغان كونا سۆزلەر بىلەن ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. بەزىدە شۇنداق دېگىممۇ كېلىدۇ؛

يېڭى زاماندىكى «ئالالمىغانغا ئېلىشىپ بېرىپ، ساتالمىغانغا سېتىشىپ بېرىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەڭگە…..» بەلكىم ئۇنداق دېسەم مېنى «ئۇلاق بازىرىدىكى بېدىك»مىكى دەپ قېلىشى مۇمكىن. سودا توغرىلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلسام كېرەك، بەزى يېڭى تونۇشلار يانفونىغا مېنى «سودىگەر تۇردى» (商人) دەپ ساقلاپ قويۇپتۇ. ئىلگىرى كونا ساۋاقداشلىرىم «يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتىنىڭ باش درېكتورى» دەپ چاقچاق قىلغان چاغلىرىمۇ بولغان. ئەمدى ئۆزەمنىڭ سودىنى بەكرەك چۈشىنىدىغانلىقىم تۈپەيلى «قويمىچى» ئاتىلىپ قېلىۋاتقىنىمنى كۆرمەمدىغان. شۇڭىمۇ ئىلگىرى بىر قېتىم «مەن زادى نېمىچى» دەپ توختالغان بىر تېما بولغان ئىدى.

دەرۋەقە، مەن سودىنى بەكرەك چۈشىنىمەن. ئەپسۇس بىۋاسىتە ئېلىپ سېتىش قىلمايمەن. مۇنداق دېسەم يەڭ ئىچىدە مۆكتۈرۈپ سودا قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ، ئەكسىچە مەن دەل شۇنداق پارتىزانچە سودىنى قېلىپلاشتۇرغۇچى، ھېساب كىتابى ئېنىق ئەمەس، قويغان تۇتقىنىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان، تاپاۋىتى ئېنىقسىز مۇجمەل سودىنى ئادىل، سەمىمىيلىك تارازىسىغا سېلىپ يولىغا چۈشۈرگۈچىمەن. گەپنىڭ بېشىنى باشلىسام مېنى «باجگىر» مۇسىز؟ دەپ سورىغۇڭىز كەلگەندۇ، ئۇنداقمۇ ئەمەس. مەن مەمۇرىي ئەمەس، مەن ئەركىن ئادەم، ئۆز رىسقىمنى ئۆزەم تېپىپ يەيمەن.

مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىم ئېلېكتىرىك ئاپتوماتلاشتۇرۇش. قوشۇمچە ياپون تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ياپونيەلىكلەرنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەش نېسىپ بولغان. كەسپىم ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىق ئىچكى ھالقىلىرىنى بىلىشكە پايدىلىق بولغان بولسا، تىل ئالاھىدىلىكىم ياپونىيەلىكلەردىن خىزمەت ۋە ئادەم بولۇش ئىستىلىنى ئۆگىنىشىمگە يول ئېچىپ بەرگەن. ئىشلەيدىغان مەھسۇلاتلىرىمىز ئەڭ دەسلەپ ۋاقىت بەلگىلەيدىغان ئۈستەل- تام سائىتى بولغان بولسا، كېيىنچە پۇل سانىنى سوقۇپ ھېسابلايدىغان تالون ئۇرۇدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى، مال سېتىشتا ئىشلىتىلىدىغان توك غەللە ۋە پېچەت ئۇرۇدىغان توك تارارا قاتارلىق سودىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىنچىكە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئىدى. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىچكى يۇمشاق دېتال قىسمى ۋە ئىشلەتكۈچىگە زۆرۈر بولىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىنى ياپونىيەدىكى NEC، TOSHIBA، MITSUBISHI قاتارلىق شىركەتلەر ھاۋالىلىك تۈزۈپ بېرەتتى. ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ، ھەر خىل تىل ۋە ھەر خىل پۇل بىرلىكىگە بېرىپ تاقىلاتتى. ئاساسەن سودا سېتىقتىكى تىجارەت ھالقىلىرى مەسىلەن تاللا بازىرى، رېستوران، مېھمانخانا قاتارلىقلار، شۇنداقلا پوچتىخانا، ھەر تۈرلۈك بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىناتتى. ئۇلارنىڭ يېڭىچە بازار ئېچىش ۋە خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۇسۇللىرى تەھلىل قىلىناتتى ۋە شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياسىلاتتى.

مەن شۇ خىل تەرىقىدە بەش يىلنى ئۆتكۈزدۈم. شۇ ئارىلىقتا ياپونىيە تۇپرىقىغا نەچچە رەت باردىم. زاۋۇت شىنجېىندا ئىدى. مەيلى نەدىلا بولماي ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش خىزمەت ئۈستىلى ۋە خىزمەت مۇھىتىدا بەش يىلنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۆزەم ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەندىم. ئاخىرى شىنجېندا شىركەت قۇردۇم.

2000-يىللاردا يۇرتۇم شىنجاڭغا كەلسەم مەن قىلغۇدەك ھېچ ئىش يوق دەپلا ئويلايدىغان مەن، 2002-يىلى توي قىلىپ ئۆي ئوچاقلىق بولۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالدىم ۋە ئەينى چاغدىكى دوڭكوۋرۈك ئارمان تاللا بازىرىدىمۇ مەن زاۋۇتتا قۇراشتۇرۇش، سىناش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن توك تارازىنى كۆردۈم، ھەم شىنجاڭدىمۇ مەن قىلىدىغان ئىش بارلىقىغا دەسلەپ ئىشەندىم.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تاللا بازارلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشى مېنى بىردەم شەھەرلەردە، بىردەم چەت ياقا كان-كارخانىلاردا تارازا تەڭشەش بىلەن ئالدىراش قىلىۋەتتى. كانلاردىكى ئۆلچەش تارازىلىرىدىن تارتىپ، پاختا زاۋۇتلىرىدىكى مېخانىك يەر گىرىنىڭ ئېلېكترونلۇققا ئۆزگىرىش باسقۇچىنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇردۇم ۋە تېخنىك خادىم تەربىيىلىدىم.

2006-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭداڭدىمۇ مۇستەققىل شىركەت تەسىس قىلىش شارائىتى پىشىپ يېتىلدى. شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردۇم. شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى يەنىلا مەن بۇرۇن قىلىپ كۆرگەن ئىشلاردىن ئايرىلالمايدۇ. گەرچە شىركەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرخىل يېڭى تۈرلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ، پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ، قانداقلىكى ئىش بولسا شۇنىڭغا قول تىقىشتىن ساقلاندىم. 2008-يىلى كۆپ تىللىق ئاشخانا رېستوران ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىسېتمىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالدىم. دەسلەپتە ئېلان تەشۋىقات كۆپرەك بولۇپ كەتتىمۇ قانداق، بۇ كەسىپنى پايلاپ تۇرغانلارنى ئويغۇتۇپ قويغانلىق بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرمۇ بىز بىلەن بازار تالىشىپ، ئاشخانا ئاپتوناتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئۆزى بىلگەنچە تۈزۈپ بازارغا سېلىپ باقتى.

شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك كەسپى ئاۋانگارتلىرى بۇ خىل سىستېمىنىڭ بولۇشىنى خۇددى ئاشخانىدىكى تام گىلىمىدەك، ياكى قانداقتۇر بىر زىننەت بۇيۇمىدەك تۇيغۇدا بولدى. «ئاپتوماتلاشتىڭمۇ، زامانىۋىلاشتىڭمۇ؟» دېگەن سوئالغا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرەلەش ئۈچۈن شەكلەنلا لايىقلىشىپ قويۇش خاھىشىدا بولدى. ئەرزان بولسا قىلىپ قويارمەن دەپ ئويلايدىغان رېستوران خوجايىنلىرى ئەرزىنىنى تاللاپ سېتىۋېلىشتى. مېنىڭكىنى قىممەت كۆرۈشتى.

مەن قانداق قىلدىم، بىرىنچىدىن بوشاشماي قىلغان سىستېمامنىڭ يۇمشاق دېتالىنى يۇرتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغان يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇش، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، جەۋھىرىنى ھەزىم قىلىپ بېيىتىش يولىدا ئىزدەندىم، يەنە بىر تەرەپتىن سىناپ بېقىش ئويىدا بولغانلارغا باھاسى بىلەن تالاشماي بىر قانچە يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقاردىم. تەننەخى ئېشىپ كېتىشى بىلەن ھېسابلاشماي سىستېمىغا سەپلىگەن ئۈسكۈنىلەرنى سەرخىللاشتۇردۇم. ئىچكىرى ئۆلكە، شېنجېن، شاڭخەي، بېيجىڭلارغا تولا چېپىپ زاۋۇتلارنى مېنىڭ تەلىپىم بويىچە مەھسۇلات ئىشلەپ بېرىشكە قايىل قىلدىم. ئەلۋەتتە مەتبۇئات ۋاستىلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇۋاپىق تەشۋىقاتنىمۇ ئۈزۈپ قويمىدىم.

نەتىجىدە قىلغان ئەجىرىمىز ئۈنۈم بەردى. كونا خېرىدارلىرىمىز بەس-بەستە ياخشى گېپىمىزنى قىلىشتى. ئۇلار بۇ سىستېمىنىڭ پەقەت ئويۇنچۇق ھالىتىدىكى ئاشخانىنىڭ ئابرويىنى كۆتىرىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇمى بولماستىن، ئۇلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان تېپىلماس ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتى. ئۇچۇر ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ سىستېمىنىڭ رېستوران باشقۇرۇشقا تەدبىقلىنىشى، رېستورانغا قەدەم باسقان ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر ئېغىز سۆزىنىڭ ئاشخانا ئارقا سېپىگە خاتاسىز يوللىنىپ، دەل ئورنىدا، ۋاقتىدا ھەل بولۇشى، شۇنداقلا پۇل ئېلىش ئورنىنىڭ ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئىستىمال ئومۇمىي سوممىسىنى توغرا ئىگىلەپ تۇرالىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي بىلىپ يەتتى. شۇنداقلا بۇ يەردىكى تىل ئۆتكىلى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يەتتە خىل تىلنىڭ مەيلى قاندىقىنى ئىشلەتمىسۇن ئارقا سەپ ئۇچۇر بېسىش پرىنتېرى ۋە پۇل ئېلىش ئورنىدىكىلەر ئۆزى بىلىدىغان تىلدا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى، كۆپلىگەن چەتئەللىك خېرىدارلارنى جەلىپ قىلدى. ھازىر مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىشى ياخشى. خېرىدارلىرىمىز بىزدىن رازى.

سىستېمنىڭ ياخشى قۇراشتۇرۇلغانلىقى ۋە تىل ئۆتكىلىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارمۇ ھەممىلا ئادەم قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ غەلىبە قازىنىپتۇ دەپ قالماڭ، مۇھىمى ئۇنىڭدىكى ئىچكى تېخنىكا، باشقىلاردا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ۋە بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان زىل ھالقىلارنى دەپ ئۆتمەي بولمايدۇ. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ كەلگىنىمدە، ئۆزەمنىڭ سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇراشتۇرۇش ۋە سىناش باسقۇچىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇنداقلا ياپونىيەدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئۇنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ياساپ بېرىدىغانلىقىنى قىستۇرغان ئىدىم. گەپ شۇ تېخنىكىلارنىڭ مېنىڭ قولۇمدا بولغانلىقىدا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغانلىقىمىزدا. ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە ھەممە ئىشلارنى نۆلدىن باشلاشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداقلا باشقىلارنىڭكىنى ھەق تۆلىمەي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ئىش. مەن شۇ تېخنىكىنىڭ دەسلەپكى ئاچقۇچىلىرى بىلەن ھېلىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدىم. ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بازار ئېچىش، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئىشلىرىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ تۇردۇم. شۇڭلاشقا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا مەن ئۇلاردىن تاپشۇرۇپ ئالغان ھەر بىر نۇسخا يېڭى يۇمشاق دېتالغا مەلۇم ھەق تۆلەپ تۇردۇم. ئۇلار ماڭا كۆيۈنۈش يۈزىسىدىن شىنجاڭدەك ئىقتىسادىي بىر قەدەر ئارقىدا تۇرىدىغان چەت ياقا رايونغا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە ھەق تۇرغۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەقتىسادىي ئامىللارنى كونترول قىللالايدىغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە جانلاندۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان يۇمشاق دېتال سىستېمىلىرىنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرى مەن خىزمەت قىلغان كارخانا زاۋۇتلار ھازىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغىچە ئىشلەپچىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىۋاتىدۇ. گەرچە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىگىچە ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، ئاپتوماتىك مال سېتىش ئۈسكۈنىسى تېخى بىزنىڭ دىيارىمىزغا يېتىپ كەلگىنى يوق. شۇنداقلا، ئاشخانا رېستورانچىلىقتىمۇ بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تېخى كۆپ. ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە دىيارىمىزدا ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە يەنە مۆجىزىلىك تەرەققىيات ئامىللىرى بارلىققا كەلگۈسى.

تۈگىدى.

تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.

2 ئىنكاس بار »

  • Jeck Blog » Blog Archive » تۇردى لېتىپ يازمىلىرى :

    [...] مېنىڭ كەسپىم قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ! سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام… كەلگۈسى قولىمىزدا قاراقۇرۇمغا سەپەر توردىكى يېپىق ئىسىم Share to Facebook 分享到人人(校内)网 [...]

  • Jeck Blog » Blog Archive » ياپونىيەگە نەزەر :

    [...] توغرىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز مىنىڭ كەسپىم دىگەن بۇ تىمىنى، ئۇنىڭ بارلىق يازمىلىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز تۇردى [...]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..