باشبەت » توردىن تەمەچلەر

توردىكى يېپىق ئىسىم

17 ماي 2011 469 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس

توردىكى يېپىق ئىسىم
تۇردى لېتىپ

ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش
كورىيە ئېىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىش دەرىجىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت. ئۆتكەن يىلى فېرالدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كورىيەدە 6 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ تورغا كىرىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 73%پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ئىنتېرنېت تورى كورىيەلىكلەرنى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش، پۇل مۇئامىلە، كۆڭۈل ئېچىش ۋە زامانىۋىي ئالاقە ۋاستىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن نۇرغۇن قولايلىقلارنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، كورىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كورىيە جەمىئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى كۈنسېرى ئېشىپ بارغان. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەر تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاممىنىڭ مەخپىيىتى، نام-ئاتاق ئابرويى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كورىيە ھۆكۈمىتى 2002-يىلىدىن باشلاپلا توردا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىشىنى يولغا قويۇشقا تۇتۇش قىلغان. ھازىرغا قەدەر كورىيەدە ئتىنتېرنېت تورىغا دائىر قانۇن تۈزۈملەر بەلگىلىنىپ، نازارەت، كۈزىتىش، تەرىبىيىلەش ئۇسۇللىرى يولغا قويۇلۇپ، تور خەت ساندۇقى، تور مۇنازىرخانىسى، تور تۇرا، تور كۆرگۈ قاتارلىقلاردا ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىش يولغا قويۇلۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۈلگە يارىتىپ كەلدى. بۇ نۇقتىدىن كورىيە دۇنيا بويىچە تور بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت بولۇپ سانىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى جەمئىيىتى تور دۇنياسىدا قىسمەن ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى تورغا تىزىملاتقۇچى تور تۇرا ياكى مۇنبەر بېكەتلىرىگە تىزىملاتماقچى بولسا، چوقۇم كىملىكى بويىچە ھەقىقىي ئىسمى ۋە نومۇرىنى تولدۇرۇشى، ئېكران يۈزىدە كۆرۈنىدىغان ئاتىلىشىغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىسىمنى قوللانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كۈچلۈك مۇنازىرىسىگە سەۋەپ بولدى.
توردىكى ئەمەلىي ئىسىم ئەڭ دەسلەپ 2003-يىلىدىن باشلاپلا قىزىق نۇقتىلىق پاراڭغا ئايلانغان. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لى شىگۇاڭ نىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغان بىر قېتىملىق سوھبىتىدە، ئۇنىڭ توردا نامسىز تىزىملىتىشنى چەكلەش، ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ لايىھە قىلىپ سۇنۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەينى چاغدا بۇ پىكىر ئاشكارىلىنىشى بىلەنلا كۆپلىگەن تور ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. يېقىندىن بۇيان تور بوشلىقى ۋو تور ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپلەك ئېشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئىنتېرنېت تورىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى تۇتقان ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ بارماقتا. شۇنداقلا بىر قىسىم ئىپلاس ئۇچۇرلارنىڭ تورغا توساقسىز يامراپ كىرىشى كۈنسېرى يامان تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىدى…

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى
ئالدىنقى نەچچە يىللىق ئىنتېرنېت تور قىزغىنلىقى بىر مەزگىللىك يۇقىرى دولقۇندىن كېيىن توختاپ قالدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا توردا نامسىز تىزىملاتقۇچىلارنىڭ توردىكى نېمىلا دىگۈسى كەلسە بولىدىغان ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ تور ئىشتىراكچىلىرىنى يامان سۈپەتلىك خەۋەرلەر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىدىن بولدى.
بۇنىڭلىق بىلەن تور ئىشتىراكچىلىرى كومپيۇتېر ئالدىدا تۇرۇپلا جاھاندىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولالايدىغان شۇنداقلا، ئۆز پىكرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان، ياكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تايىنىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىلىدىغان ھالەت ئومۇملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇقۇل ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنى قوغلاشمايدىغان خالىسانە ئەمگەكلەرگىمۇ يول ئېچىلدى. ھەممەيلەن بىلگىنىنى تورغا تاشلايدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئەمگەكلەرمۇ كۆپ بولدى.
بۇنداق ئەۋزەللىكتىن ياخشى تەرەپتىن پايدىلىنىشنى ئويلايدىغانلارنىڭ سانى يامان نىيەتتە تورغا كىرىدىغانلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تورىدىن  ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىشى تور دۇنياسىنى ئاۋاتلاشتۇردى. بەزىلەر چايخانىغا كىرىپ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن »نىقابلىق تانسا«غا قاتناشقاندەك ھارغىچە پاراڭلاشسا، يەنە بەزىلەر شۇ توپىلاڭ بازىرىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بىرەر ئۇچۇرنىڭ چىقىپ قېلىش تاماسىدا ئۇنى-بۇنى چېكىپ باقاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشىلەر كومپيۇتېر ئېكرانى ئارقىلىق جاھانغا نەزەر سالىدىغان، كومپيۇتېر مائۇسى ئارقىلىق ئۇنى-بۇنى چېكىپ باقىدىغان، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە سۆز ئاتىدىغان بولدى. ئاز بىر قىسىم ئۆزىنى توختاتقان خىزمەتچىلەرلا قانداق قىلغاندا توردىن پايدىلىنىپ ئۆز خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كويىدا بولدى.
ئۇنداقتا تور دۇنياسى قانداق يېڭىچە قىممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى؟ بىرىنچىدىن، كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە بولغان ئاسمىلاتسىيە ئىقتىسادى ئەۋزەللىكىنى ياراتتى. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلەشنىڭ ئۆزىلا بىر زور بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەيلى تاماشا كۆرگۈچى پۇل خەجلىسۇن ياكى خەجلىمىسۇن ئۇلارنىڭ شۇ ئويۇندىن ھوزۇر سۈرەلىشى- ئۇلارنى ئولتۇرسا قوپسا شۇ ئېكراندا كۆرۈنگەن مەلۇم بىر قىزىقچىلىققا باغلاپ تۇرالىشىنىڭ ئۆزىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىش بولۇپ ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان مەھسۇلات ئېلانى ياكى مەلۇم بىرەر مەقسەتلىك خەۋەرنىڭ ھەممە بىلىدىغان ئاممىباب ئۇچۇرغا ئايلىنالىشىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەرپىياتلىق شارائىت ھازىرلانغان بولىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن جاھاننىڭ بۇرجىكىدىكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ ھەممىگە تونۇلغان  داڭلىق ئەرباپ بولالىشى ياكى مەلۇم بىر ئۆتمەس ماتا بولۇپ تۇرىۋاتقان مەھسۇلاتنىڭ بىر كېچىدىلا ھەممە تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ئەتىۋارلىق تاۋارغا ئايلىشىنى ۋە ياكى مەلۇم بىر نامى چىقمىغان تاشلاندۇق ئورۇننىڭ بىر كېچىدىلا ھەممە كىشى بېرىپ كۆرۈپ كېلىشنى ئارزۇلايدىغان تەۋەررۈك زىمىنغا ئايلىنىشى تامامەن مۇمكىن بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بىر يەرگە قارىتىشنىڭ ئۆزىلا مۆجىزىلىك بايلىق يارىتالايدىغان مۇشۇ كۈنلەردە كۇنسايىن كۆپىيىۋاتقان بۇ تور بەتلەر دېڭىزدا ئوۋ ئوۋلىغاندەك بېلىجانلار توپىغا تىنماي يەمچۈك تەييارلاشتى. بىر قىسىم ئەخلاقسىز ئۇچۇرلار، سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەر توردا يامراشقا باشلىدى. تور بەت قۇرغۇچىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى باشقىلارنىڭ دائىرىسىگە تارتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ ھەرخىل نەيرەڭلارنى ئويناشقا باشلىدى. بىكارلىق ئەرزان دېگەندەك ئۇچۇرلار بىر قىسىم ماددىي بۇيۇم ھەلەكچىلىكىدە تورغا كىرگەنلەرنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلسا، ئەيش ئىشرەت تاماسى بارلارنى ئۇلار ھارغۇچە قىلىقسىز كۆرۈنۈشلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. توردا كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ساختا ياساپ چىقىلغان خەۋەرلەرمۇ يامراپ كەتتى. بۇ ئۇچۇرلار كومپيۇتېر ئېكرانىدا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى چىن ئىشلاردەك نامايەن بولغىنى ئۈچۈن ئۇچۇرنىڭ بىرىنچى بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئەقىل ئىدراكىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان ئەۋزەللىكى، راست ئىشلار بىلەن شۇنچىمۇ يېقىن بولغان تەسۋىرلىرى ھەرقانداق بىر ئاخبارات ساھەسىنىڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىدىن ئېشىپ چۈشكەن چاغلارمۇ بولدى. ئۇلارنىڭ يېڭىلىنىشى شۇنچە تېز بولدىكى، كىشىلەر ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلىپ يېتىشكە زادىلا ئۈلگۈرمىدى.
ئىنتېرنېت تور قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز بولدىكى، ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن يېڭى تېخنىكىلار ياخشى ئىشلارغا ئىشتىلگەندىن باشقا، ناچار ئىشلارغىمۇ ئىشلىتىلدى. بۇنىڭغا قارىتا رېئال دۇنيادىكى  ياخشىسىنى تەشۋىق قىلىپ يامىنىنى شاللاش چەكلەش تەدبىرى ئۇنىڭ كەينىدە ئىز قوغلىشىپ ماڭىدىغان ھالەت شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىللىك قىزغىنلىق بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئەسلى ياخشى بولغان باشلىنىشنى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىسكەنجىسىگە ئېلىشقا باشلىدى. دۆلەت ئاپپاراتلىرى بۇ نۇقتىنى كېچىكىپراق ھېس قىلدى ۋە بىر قىسىم تۈزۈم تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تەرتىپكە سالدى. بىر قىسىم تور بېكەتلەرنى تاقىدى. چارە كۆردى.

ئەگەر مەڭگۈ تاقالماي دېسىڭىز
مەيلى قانداقلىكى تور بەت بولمىسۇن مەلۇم دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقى ئېنىق. يەنە تور بەت بولۇپ ئىشتىراكچىلىرى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەم توربەتنىڭ مۇقىم ئىشتىراكچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىغان ئاساستا، ئۇنىڭ داۋاملىق ساغلام، ئۇزاق مۇددەت تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەر بىر تور بەت قۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەممىنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىش بەدىلىگە كېلىدىغان ئاسايىشلىق، قىزغىن كەيپىيات ئاۋج ئالغان ئاۋات تور دۇنياسى بەرپا قىلىش بىلەن بىر قىسىم قىززىق قان كىشىلەرنىڭ ئالدىراقسانلىق بىلەن يوللاپ قويغان پرىنسىپسىز ئۇچۇرلىرى سەۋەپلىك تور بەتنىڭ تاقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ تاقىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىل، زىدىيەتلىك مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك. گەرچە تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەر بىر تور بەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىنىڭ قايسى ئورۇندىن، قانداق كومپيۇتېردا، تور بەتنىڭ قايسى بەتلىرىنى ۋاراقلاۋاتقانلىقى، قانداق ئۇچۇرلارنى يېزىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تامامەن بىلىپ تۇرغىلى بولسىمۇ بۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە كېيىنكى ئىز قوغلاپ تېپىشققا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە سەرمايە كېتىدۇ. ھەقىقەتەن مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ئېغىر بولسا بۇنچىلىك سەرمايە ۋە ۋاقىتنى چىقىرىپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تامامەن مۇمكىنچىلىك بار. لېكىن كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى، پەقەت ئەسكەرتىپ قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا ئۇنچە كۆپ يولنى ئايلىنىپ كېلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. شۇ سەۋەپلىك ئاز-ئازدىن كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەر جۇغلىنىشى بىلەن تور بەتنىڭ خاراكتېرىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان ياكى كىشىلەرنىڭ خاتا تونۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان، تور ئىشتىراكچىلىرى ئىچىدە ئۆزئارا ئازارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەدەپ كېتىشى سەۋەپلىك بىر قىسىم قىزىق قان كىشىلەرنىڭ تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە يۇغۇشتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىدىغان ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئاخىرقى نەتىجىدە تور بەتنى تاقاشتىن باشقا ئامال بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا
ئادەم «ئىچى تېشى بىردەك بولۇش، گەپ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلاق پەزىلەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەم كۆرمىسە ھەرقانداق پەسكەشلىكنى قىلىشتىن يانمايدىغان كىشىلەرنى بىز ئەڭ ئەخلاقسىز كىشىلەر دەپ ئاتىساق بولىدۇ. تور بەتتىمۇ شۇنداق، مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمىگەندىكىن نېمىلا دېسەم ئۆزەمنىڭ ئىشى دەپ ھەقىقىي سالاھىيەت بىلەن ئىگە بولغىلى بولمايدىغان گەپ سۆزلەرنى دەپ قويۇپ بىر مەزگىل تورغا كىرمەس بولىۋالىدىغانلار يوق ئەمەس. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تازا قىزىشىپ قىلىۋاتقان بەس مۇنازىرىلىرىگە پىلىككە ئوتا ياققاندەك تۇتۇرۇق بولىدىغان ئىنكاستىن بىر نەچچىنى يېزىۋېتىدىغان ئوت قۇيرۇقلۇقلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە خوشاللىقى ئۇچۇن باشقىلارنى جىدەل- خاپىچىلىققا سېلىپ قويۇپ بىر ياقتا تاماشا كۆرىدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇلارمۇ ئۆز نام-شەپىرى بىلەن تورغا كىرگەن بولسىدى، شۇنداق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشقا پېتىنالىغان بولارمىدى. مانا بۇلار تور مۇنبەرلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك ناچار خاھىشلاردۇر.

تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=2657

تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.


2 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..