باشبەت » ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

تۇردى لېتىپ: ياپونىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم

9 مارت 2011 1,358 قېتىم كۆرۈلدى ئىنكاس يوق

ياپونىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم

تۇردى لېتىپ

1- باب، ياپونىيەلىكلەر قانداق ئىنسان
مېنىڭ ياپونىيەدە تۇرغان كۈنلىرىم ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، لېكىن 1992-يىلى ياپون تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان چاغدىن باشلاپ، ياپونىيەلىكلەر بىلەن دالا ساياھىتىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردە بىرگە بولغان چاغلىرىمنى سانىسام 10 يىلدىن ئاشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن ئۇلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەنگەن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئۇيغۇر دېگەننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىگى تۇنۇتۇپ، ئۇلاردىن مەن بىلەن ئارىلاشقانلىكى قېرى-ياش، يۇقىرى-تۆۋەن، ئەر-ئايال ھەرقانداقلىكى بىرسىنىڭ كۆڭلىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ كەلگىنىم مەن ئۈچۈن بىر غەلبە. بەلكىم بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئۈنچە ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن خېلى كۆپ ياپونىيە پۇقراسىنىڭ مېنى ياد ئېتىپ، شىنجاڭغا ئىنتىلىپ تۇرىشى مېنى بىر ئۆمۈر پەخىرلىك ياشاشقا ئەرزىگۈدەك روھى ئوزۇق بىلەن تەمىن ئەتكۈسى. چۈنكى مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ياپونىيەلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئۇلار ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يەنە ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ياپونىيەگە بېرىپ، يەنە ئۆز ئىرادەم بويىچە ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەنمەن. دىسەم داستان گەپلەر چىقىدۇ. ئېيتقانلىرىمنىڭ ياپونىيەگە قىزىقىدىغان ۋە ياكى ياپونىيەگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ ياپونىيەلىكلەر  ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقىغا ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى تەگسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن. چۈنكى نەق ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆزى، ئۆزگىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلارنى تولىمۇ تۆۋەن كۆرۈدىغان خەق. مەن ئۇيغۇر ئەۋلادىنىڭ ئۇلارنىڭ ھېسداشلىق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن.
گەپنى يەنىلا مۇندىن ئون بەش يىل ئىلگىرىكى بىر ئىشتىن باشلاي:
ياپۇنچىنى خېلى راۋان سۆزلىيەلىگىدەك بولغان چاغلىرىم بولسا كېرەك بىر كۈنى ياپونىيەلىك ئوقۇتقۇچۇم مېنى ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر خىزمەت بىلەن تۇرۇپ قالغان ياپونىيەلىك پىشقەدەم تۇنۇشىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارغان ئىدى. بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز خېلى بىر يەرگە بارغاندا ساھىپخان ياپونىيەلىك، ئۆزىنىڭ قوساق كۆپۇگىنى ئېيتىشقا باشلىدى.
گەپ ئارىلىقىدا ئۇ كىشى: بۇ يەرلىكلەرگە بىر ئىشنى تاپشۇرسىڭىز ياكى ئەھۋال ئىگەللەپ بىرەر ئىشنى سورىسىڭىز «چاتاق يوق!»لا دەيدىكەن. ئون قېتىم سورىسىڭىز يۈز قېتىم «مەسىلە يوق!» دەپ جاۋاپ بېرىدىكە-نۇ، لېكىن شۇ ئىشقا دۇچ كەلگەندە تالاي مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدىكەن.
شۇ ۋاقىتتا مەن بۇ گەپنىڭ تېگىنى بىلمىگەچكىمۇ بىزنىڭ غەيۋىتىمىزنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، بەلكىم ئىچىم سىقىلغانمۇ بولغىيتى، مانا ئەمدى شۇنىڭدىن ئون يىللار ئۆتۈپ ئۆز يۇرتۇمغا كېلىپ قەدەمدە بىر شۇنداق ئىشلارغا دۇچ كېلىۋېتىپتىمەن. بىرەر ئىشنى باشقا بىرسىگە تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن تولىمۇ ئىككىلىنىمەن، ئامال بار كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلارنى ئەسكەرتىشكە تىرىشىمەن. لېكىن خوشاللىق بىلەن ئاڭلايدىغانلار ئاساسەن يوق دېيەرلەك. ئۆزەم تاپشۇرۇپ يەنە خاتىرجەم بولالمايمەن، خىيالىم شۇ ئىشتا بولۇپ، دىققىتىم چېچىلىدۇ، بەزىدە ئارىلىقتا تېلېفون قىلىپ سوراپ باقىدىغان چاغلىرىممۇ بولىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا قارشى تەرەپنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمەيمەن، بەلكىم قارشى تەرەپ «مېنىڭ قىلالايدىغانلىقىمدىن گۇمانلىنىۋېتىپتۇ» دەپ ئويلىسا كېرەك، سوغاقلا جاۋابقا ئېرىشىمەن، شۇنداقلا گۇمانى بارلىقىنى قارشى تەرەپكە ئاشكارىلاش بۇ بىر، ئەخلاقسىزلىق، لېكىن كۆپ ھاللاردا تاپشۇرۇلغان ئىش باشقا چىقمايدۇ، ياكى نۇرغۇن ئارتۇقچە مۇساپىلەر بېسىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئامال بار ئۆزەم قىلىشقا تىرىشىمەن. شۇڭىمۇ تولىمۇ ئالدىراش بولىمەن.
بۇ يەردە ياپونىيەلىكلەر، خەنزۇلار، ۋە ئۇيغۇرلار غا بىر مىسال كەلتۈرۈپ باقاي:
شۇنداق بىر چىغىر يولنى كېڭەيتىپ ياساشقا توغرا كەلدى دەيلى، نەق يولنى بىر چوڭ قورام تاش توسۇپ تۇرغان بولسا،  ئەگەر ئۇيغۇرلار بولسا تاشنىڭ ئاستىنى بوشىتىپ بىر ياققا دومىلىتىۋېتىش ياكى ئون ئادەم جەم بولۇپ دەس كۆتۈرۈپ بىر ياققا ئېلىۋېتىشنى ئويلىشى مۇمكىن.
خەنزۇلار بولسا تاشنىڭ ئوتتۇرسىدىن بىر توشۈك ئېچىپ، ئىچىگە پارتىلاتقۇچ سېلىپ بىرلا پارتىلىتىپ، يوق قىلىۋېتىشنى ئويلىشى مۈمكىن.
ياپونىيەلىكلەر بولسىچۇ، تاشنى ئۇياق بۇياقتىن مېترلاپ ئۆلچەپ، بۇ تاشنى قانچىگە بۆلگەندە ئاسان يۆتكىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر پارچىسىدىن قانداق پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى مۇمكىن. ئۇلار مەسىلىنى ئاۋۋال كۈزىتىش، ئاندىن پىلانلىق ھالدا كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ھەل قىلىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئويلايدۇ.
خەنزۇلار بولسا مەسىلىنى بىرلا ئادەم ھەممىنى ھەل قىلىۋېتىپ خىزمەت كۆرسۈتۈشنى ئويلايدۇ.
ئۇيغۇرلار بولسىچۇ، بۇ مەسىلە ماڭىلا زىيانلىقمىدى، كۆپچىلىك بىرلىكىتە بىر ياقلىق قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلاپ ئىككى يېقىغا قارايدۇ.
2- باب، ياپونىيەنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا
خەنزۇلاردا «تەرتىپ(مىزان ياكى قائىدە) بولمىسا چاسا بولماس» دەيدىغان بىر گەپ بار. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىزان-تەرتىپسىز ئىشنىڭ بىرەر ھاسىلاتى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. گەپ شۇ مىزان تەرتىپنىڭ قانداق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا.
مەن ياپونىيەدە ئاممىۋىي سورۇنلاردا ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ھېچقانداق بىرەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان «ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ، مۇنداق قىلسىڭىز مانچە پۇل جەرىمانە تۆلەيسىز» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى كۆرمىدىم. لېكىن كىشىلەر ئۇن-تۇنسىز بىر خىل ئورتاق خاھىش، ئورتاق رەۋىشتە ياشايدىكەن. ھەر كۈنى ئەتىگىنى مېترودىن چۈشۈپ ۋاقىت يېتەرلىكلا بولسا، بېكەت يېنىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلدا ئەتىگەنلىك ناشتىلىق قىلاتتىم. تۇنجى قېتىم كىرگەن ۋاقتىمدا خىزمەتدىشىم باشلاپ كىرگەنغۇ دەيمەن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ پەتنۇس ۋە چوكىنى ئېلىپ، ئاندىن تاماق تاللاپ پۇل تۆلىۋېتىپ، ئورۇن تېپىپ غىزالىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن يەنە شۇ پەتنۇس ۋە قاچا قۇچىلارنى رەتلەپ تىزىپ بىر ياقتىكى مەخسۇس يىغىدىغان ئورۇنغا قويۇپ قويغان. خىزمەتدىشىم بىلەن باشقا ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلاشقاچ شۇ ئىشلارنى تەبىئىلا قىلىپ ساپتىكەنمەن، كېيىن ئۆزەم يالغۇز كىرگەن چاغلىرىمدا «بۇنداق قىلىش كېرەكلىگىنى ماڭا كىم ئېيتتى» دەپ ئويلاپ تۇرۇپ قالغان ۋاقتىممۇ بولغان. تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتسەممۇ ھىچكىم بىر نەرسە دەيدىغاندەك ئەمەس، شۇنداقتىمۇ باشقىلار ئارقامدىن «مەدىنىيەتسىز» دەپ قالمىسۇن دەپ يەنىلا بۇرۇنقىدەك رەتلەپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدىم.
شۇ يەردىن ئىشخانىغا بارغۇچە بەلكىم بىر كىلومېترچە كېلەر، ئىككى يېقى ئائىلە ئولتىراق ئۆيلەر بىلەن تورالغان ئىلان باغرى يولنى بويلاپ بىر ھازا پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. دەسلەپتە ماڭغان بىر قانچە كۈنلىرىمدە ھە دېسىلا پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ، خىزمەتدىشىمنىڭ يېىغا ياندىشىپ مېڭىۋالغان بولسام كېرەك، ھېچكىم مېنى ئۇنداق قىلما دېمىگەن، تەدرىجى ھالدا مەنمۇ خىزمەتدىشىمنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە مېڭىشنى، يولدىكى سېرىق سىزىقنىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىك كېرەكلىگىنى بىلگەن ئىدىم. گەرچە ئۇ يولدا ھېچ بىر ماشىنىنىڭ كەلگىنىنى كۆرمىسەممۇ، بەلكىم بىلمىگەن ۋاقىتلىرىمدا خىزمەتدىشىم يا ئارقامدا قىلىشنى ياكى ئالدىمغا ئۆتۈپ كېتىشنى بىلمەي ئىچىدە تىت-تىت بولغان بولغىيتى. كېيىن بۇ يولدا ماڭسام مەنمۇ پاراڭ قىلمايدىغان بولدۇم. بەزىدە ئىچىمدە ئۆزەمنى خۇددى «كۆۋرۈك» فىلىمىدىكى يەتتە پارتىزاننىڭ بىرسىدەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. كېيىن قاراپ باقسام ھېچكىم ياندىشىپ ماڭمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللار مېترو ئاقما پەلەمپەيلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئەمەل قىلىنىدىكەن.
گەرچە مەن رەسىم ئاپپاراتى ئېلىۋالغان بولساممۇ، لېكن خىزمەت ئورنۇمدا ياكى شۇ پىيادە ماڭغان يوللاردا قەدىممنى توختىتىپ ئالدى ئارقامنى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزەمنى بىرەر پارچە رەسىمگە تارتىپ بېقىشقا جۇرئەت قىلالمىدىم. چۈنكى مەن ئۇنداق قىلىمەن دىسەم مۇنداق قارا كاستۇم كىيىپ خىزمەتچىدەك تۇرقۇم بىلەن ئەمەس، ساياھەتچىلەر كىيىمى كېيىپ ئۆزەمنى بۇ مۇھىتقا يات ئادەمدەك كۆرسىتىپ ئاندىن قىلسام بولىدىكەن. لېكىن مېنىڭ بۇ مۇھىتقا يات ئادەمدەك كۆرۈنگۈم يوق، شۇڭىمۇ مېنىڭ ھازىرغىچە ياپونىيەدە پەقەت دوستلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چىققاندا تارتقان بىر نەچچە پارچە رەسىمىمدىن بۆلەك ياپونىيەدە خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە قالدۇرغان تۈزۈك ئىككى پارچە خاتىرە سۈرئىتىم يوق.
ئەمدى ئەمەل قىلالمىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي; بىر كۈنى بىر كونا تۇنۇشۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، ئەتىگىنى مېتروغا چىقىشتىن بۇرۇن تۇنۇشۇم مەن ئۈچۈن مېترو بېلىتى ئېلىپ مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى( تۇنۇشۇمنىڭ كارتى باركەنتۇق). مېترودا بەلكىم بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندۇق، تۇنۇشۇم ئالدىن ماڭا تۇتۇپ بەرگەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئۇيقۇلۇقتا سەل كۆزۈم يۇمۇلۇپ خۇدۇمنى يوقۇتۇپ قويغان بولسام كېرەك، مەنزىلگە بېرىپ قارىسام بىلەت يوق تۇرىدۇ. مەن مېترودا چۇشۈرۈپ قويغانلىقىمنى جەزىم قىلىپ يەنە بىرنى ئېلىشنى ئېيتتىم. لېكىن نەدىن نەگىچە دەپ قايسى يەردىن بېلەت توللۇقلاپ ئېلىشنى بىلمەيتتىم. تونۇشۇممۇ سەل بىئارام بولۇپراق، تېزدىن بېكەتتىن چىقىش توسىقىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۆيگە بېشىنى سوزۇپ تۇرۇپ «مەن بۇ دوستۇمغا راستىنلا بېلەت ئېلىپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ يولدا يىتتۈرۈپ قويۇپتۇ، مەن ھەقىقەتەن بېلەت ئېلىپ بەرگەن ئەپۇ قىلىڭ…» دېدى مېنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، بېكەت باشلىقى باش لىڭشىتىپ ئىشخانىسىنىڭ يەنە بىر ئىشىكىنى بىزگە ئېچىپ بەردى. بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن چوڭ سەۋەنلىكىم دوستۇمنىڭ دادىللىق بىلەن ئۇستىگە ئېلىشى نەتىجىسىدە كەچۈرۈم قىلىندى. ئەگەر يالغۇز بولغان بولسام خەققە يالۋۇرغۇچە پۇل خەجلەپ يەنە بىرنى ئالسام بولمىدىمۇ دەپ ئويلار ئىدىم. لېكن مەيلى مەن يەنە قانچە پۇل تۆلەپ يەنە بىر بېلەت ئالماي، بەرىبىر باشقىلارنىڭ كۆزىدە بىكەتكە كىرىش توسىقىدىن سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، دەپ قارىلىدىغانلىقىمنى ئەسلا ئويلىماپتىكەنمەن.
مانا بۇ بىر خىل تۈزۈم، لېكىن ئۇ تولىمۇ قويۇق مەدىنىيەت تۈسىنى ئالغان. ئۇ ھەرگىزمۇ بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە ئۇنداق قىلما مۇنداق قىلما دىيىلىش ئارقىلىق ئەمەس، چوڭدىن كىچىككە، بىلمەيدىغاندىن بىلىدىغانلارغا يۇقۇش ئارقىلىق تەبىئى ئۆزلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل جەمئيەتتە ياشىغان ئادەم مۇنداق مەدىنىيەت تۇمانىدىن يۇقۇملانماي قالمايدۇ. نەتىجىدە بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغانلار مانا مەن دەپلا كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ غەلىتە قارىشى ياكى يىتىم قالدۇرۇشى بىلەن جازالىنىپ ئۇنداق قىلماسلىققا تەبىئى كۆندۈرىلىدۇ.
3- باب، ياپون تىلى ئۆگىنىش
ﻗﻪﻟﺐ ﺩﯗﻧﻴﺎﺭﯨﻤﻐﺎ «ﻳﺎﭘوﻥ» دېگەن ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭻ ﺋﯘرىقىنى ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻟﺘﺎ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ تەلەتى بولسا، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ نىسبەتەن قىزىقىش ھېسسىياتىنى ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ «ئايال ۋالىبولچىلار»، «ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ» دېگەندەك تېلېۋىزىيە ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
«ﻛﺎﻟﺘﻪ ﺑﯘﺭﯗﺕ» ﺩېگەن ﮔﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑېﺮﯨﯟﯦﺘﻪﻱ. ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺑﯘﺭﯗﺗﻨﻰ خۇددى ﻣﻪﻟﯘﻡ ئۈﻧﯟﺍﻥ يەنى ﺟﻪمئيەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﺮوﻳﯩﻨﯩﯔ بەلگىسى ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻻﯕﺘﯚﺵ ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﺎﻝﺧﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻛﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣۇﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﻤﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ بار يەنە (ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯘﺭ ﻳﺎﺷﺎﭘﻤﯘ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ بار) ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئى ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻻ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ئەمدى بۇ يەردە ئۇلار بۇرۇنقى ﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩېﺴﻪﻙ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ ﺟۈﺭئەﺕﻗﯩﻠالىغان بولىدۇ، ﭼۈﻧﻜﻰ ﺑﯘﺭﯗﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯩﻐﻰ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﮕﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﺘﻪ. ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى كىچىك كۆرسۈتۈشمۇ ئۆزىدىن چوڭلارغا بولغان بىر خىل ھۆرمەت دەپ قارايدىغان ياپونىيەلىكلەر تا ھازىرمۇ باشلىقىغا ياكى سالاھىيىتى ئېنىقسىز بىرىگە  يازغان دوكلات ياكى خېتىدا مۇمكىن قەدەر كىچىك خەت شەكلىنى ئىشلىتىدى. ئەينى ۋاقىتتا بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئۈستىنىڭ بىر قىسمىغىلا ناھايىتى كىچىك يېزىلغان خەتلەرنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇراتتىم.
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯩﺰﺍھاﺕ ﺑﯧﺮﻩﻱ:
«ﺑﺎﮔﺎ ﻳﺎﺭﯗ» ﺑﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦﯞﻩﺯﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ گەپنى دېيىشكەن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ، ﺩېسەﻛﻤﯘﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. بۇ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻪﺭ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ «ﺗﺎﻻﻕ..، ﻣﯩﯔ ﺗﺎﻻﻕ» ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
«ﻣﻮﺷﻰ ﻣﻮﺷﻰ» ﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ «ھەەﻱييي!»  ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ تېلېفوﻥ ﺟﯩﺮﯨﯖﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ «ﻣﻮﺷﻰ، ﻣﻮﺷﻰ» ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ.
«ﻣﯧﺸﻰ، ﻣﯧﺸﻰ» ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﺎﻕ-ﭘﺎﻣﺎﻕ، ﻏﯩﺰﺍ-ﭘﯩﺰﺍ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭖ. «ﻣﯧﺸﻰ ﻛﯘﺗﺘﺎ» ﺩېگەﻧﻨﻰﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﺪﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺯﺍﻏﺮﺍ ﺗﯩﻞ.
«ﻳﻮﺷﻰ» ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ «يوروشىى» نىڭ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻤﯩﺴﻰ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺩېسەﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﺎﭘﯘﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ يۇقىرىقى ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻻ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭنىڭ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.
تۇنجى ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ئۈچۈن ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎھﺎﻧﯩﺪﺍﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻮﯕﮕﯘﻟﯘﻕ ﻳﺎﭘوﻥ ﺗﯩﻠﻰ ئۆگىنىشىمگە ﺗﯜﺭﺗﻜﻪﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ يۇقىرىقىغا ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ.
ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﺍ بولسا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ياپونىيەلىكلەرنىڭ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺟﺎھﯩﻞ، ھﺎﻛﺎﯞﯗﺭ، ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ، چىدامچان، ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﻪﻛﻠﻪﺭ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﻕ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﭘﻮﻥ-ياپپون ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺧﻤﻪقلىقىغا ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﻻﻱ: ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍﻳﻮﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﻨﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻣﻪﻥ سىرتتىن  كىرىپلا ھاپىلا-شاپىلا  «ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍھﻪﺕ مېھمانخانىسىنىڭ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩھﺸﻪﺕﻗﺎﺭ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ» ﺩﻩﻱ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭ، ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﭼﻮﻗﯘﻡ «ﯞﯗﻱ… ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ!!! » ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺩېگەﻥﺋﯩﺪﻯ. شۇ ۋاقىت ﻳﻪﺗﺘﯩﭽﻰ ﺋﺎﻱ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ بولسا كېرەك، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﺎﻍ ﻣﯩﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍھﻪﺕ مېھمانسارىيىنىڭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯜﺯ ﻣﯧﺘﺮﻣﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ «نېمە ﺩﻩﭖﺟﻮﻳﻠۈﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ..كىمىڭنى ئەقمەق قىلىسەن ..» ﺩېگەندەك ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ.
ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ«ﯞﯗﻱ… ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ !!! » ﺑﻮﻟﯘﭖﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻦ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯗ، ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯗ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﺍﺵ ﻣۇﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪبئى ھﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ چۈشىنىش ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪبئى ﺳﯩﺰﮔﻪﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ.
4- باب، ياپونىيەنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسى
ﻣﻪﻥﻏﻪﺭﯨﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ «ﺷﻪﺭﻕ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ» ﻛﻪﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺷﻼﺷﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪﻧﭽﻰ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﻗﺎﻧﯘﻥ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺩېگەﻧﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ.
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻧﻰﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻤﯘﺋﯚﺯﯨﮕﻪ خاس ﺗﯘﺯﯗﻡ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝﻗﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻻﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ. ﻳﺎﭘوﻧﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭىخى ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ. ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ تەجرىبە-ﺳﺎﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻨﯩﯩﭗ 20 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯘقىرىدىن ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﯩﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﯩﻼ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗﺋﻮﺭﻧﯘﺗﯘﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﭼﻮﯓ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ توغرىلىق ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ دېيەلمىسەممۇ ﻛﯩﭽﯩﻚﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﻻﻻﻳﻤﻪﻥ.
ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ: ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﺎ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﺍئىرﯨﺴﻰ، ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺩېگەﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. خىزمەت ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺩﯨﻴﯩﻠﺴﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﯩﻨﺠﯩﺎﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ مۇمكىن. ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﯞﯗتلاﺭﺩﺍ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﯞﻩﻧﮕﯩﭽﻪ ھﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪﯗ. ﺳﯧﺨﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﺎﺭ. ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﻮﻻﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚﻛﺎﺭﺗﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ھﻪﺗﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﻳﻮﺭﯗﭖ تۇرۇش ﺋﺎﻻھﯩﺪﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﮔﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ، ﺗﯘﮔﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ھەﺗﺘﺎ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎئىدﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﺵ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ھﻪ ﺩﯨﺴﯩﻼ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﯜﭼﺮﺍﭖ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺴﯩﺰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺶﻗﯩﻠﯩﭗ ھﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﯩﺶ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺕ-ﻗﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﯩﻨﻰﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺷﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﭽﻪ ھﺎﺟﯩﺘﻰﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻧﯟﯗﻛﻮﯕﺪﻩﻙ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﯞﯨﺮﻭﺱ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﻮﺭﺩﻩﻙ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﻐﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻳﺎﭘﯘﻧىيىلىكنىڭ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ) ﺋﯩﺖ – ﺋﯩﺸﻪﻛﺘﻪﻙ ﺩﯨﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ،  ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰﺑﯩﺨﺎﺭﺍﻣﺎﻥ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ مۇمكىن ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺳﯧﺦ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗۇﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺳﯧﺨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﭘﭽﺎﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩﺭﻩﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﯟﻯ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ شىياڭگاڭلىقلار ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ زاۋۇتلىرىغا ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
ﺑﯩﺮﻣﯩﺴﯩﻞ ﺋﺎﻻﻱ، ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻐﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩىنمۇ ﭘﺎﻛﯩﺰ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﻣﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﯖﯩﺸﯩﭗﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﭼﺎزا ﻗﯘﺭﯗﭖﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻤﻜﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﯩﻤﻜﻰ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ ﺩېگەﻥ ﺋﻮﻱ ﻛﺎﻟﻼﻣﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﺳﯧﺨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍﺋﯘﺳﺘﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚﺯﺍﭘﭽﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﺨﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﯞﯦﺘﯩﭗ ﭘﻮﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﯕﺴﯩﺰ ﻳﻪﻣﻠﯩﻤﻪ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﯩﻘﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯘﺗﻼﺭﭼﻪ ھﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﭘﻮﻟﻨﻰ ﺯﻩﺧﻢﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ پىلاستىكنى ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺶ ھﯧﻠﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻨﻰ ﺑﯩﺰ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔﭘﯘﺕ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ چۈشەپ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﯩﻼﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ كىشەن ، ﻳﺎﻣﺎﻥ سۈﭘﻪﺗﻠﻪﻙ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢﻳﺎﭘﯘﻥ ﺟﻪمئىيتىدىكى ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻣﯘ مەن كۆرگەندەك بولسا ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.
5- باب، ياپونىيەدىكى يۇقىرى قاتلام مۇناسىۋىتى
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥﺑﺎﺷﻠﯩﻖ. ﺩېمەﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﯖﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ. ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪﻙ ھﺎﻟﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﭘﯩﺪﯨﺮﯨﻴﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﯩﺮ بۈلۈﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ بۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﻪﺭﺗﻰﺗﻮشماﻱ ﺋﯚﺳﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﭖ. ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ چوڭ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯ، ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﺭﻟﯩﮕﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﻧﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻤﺰﺍﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻮﻧﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮﯨﻜﺘﻮﺭﻧﯩﯔ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮﯨﻜﺘﻮﺭﻧﯩﯔ(ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ-ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ) ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ، بۈلۈﻡﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﺩﻭﻛﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، ﻳﺎﺯﻣﺎﺩﻭﻛﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﻧﻰ، ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ياكى ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﻙ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭلىقىنى ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ يۇقىرى ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﺷﯘنچىلىك ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻼﭖ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻐﻰ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻐﻰ، ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔﺋﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ مۇمكىن ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ھﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺯ ﺩېگەﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﭗﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘﻻﺗﺘﻰ. ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﻪﺳﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﮔﻪﭖ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻮلمايىتتى. ﺑﯩﺮ ﯞﺍﺭﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺑﯘ ھﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﻪﭼﻠﯩﮕﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ئىسمىنى ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍﺋﺎﺭﺍﻥ تۈﮔﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. لېكىن ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﭖ بۇﻟﯘﺷﯩﻨﻰﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻤﯘ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪلۋىنىڭ ﻛﯜﭼﻠﯜكلىكىگە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﺎﭘﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﯘقىرى. ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﭖ ھﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺴﯩﺰ، ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﻳﯩﻤﻪﯓ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﺴﯩﯖﯩﺰﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ”ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻣﯘ ﺩﻩﭖﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﯩﺪﻩﻙ“  ﺩېگەﻥﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﻪﻥ. ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﺍﺳﺖ. ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ھﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ھﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺗﭽﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. شېنجىندا  ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻡ ﺧﻪﺟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ھﯩﭻ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺑﺎﺵ ﺩېرﯨﻜﺘﻮﺭ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﺪﺍ 50ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ مۇمكىن. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺭﺍﺳﺨﻮﺗﯘﻡ ﺋﯜﭺﻣﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻥ ﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﻯ( ﺧﻪﻟﯩﻖ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 200ﺳﻮﻡ) ئەتىگەنلىك ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯩﺮﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺳﯜﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ( ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻢ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻼﺗﺘﻰ) ﺷﯘﯕﺎﺗﺎﻣﺎﻕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﻡﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﺍ ‘ﺷﻮۇﺳﻰ’ ﻳﻪﭖ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﯚﻟﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙﺗﺎﻣﺎﻕ ﭘﯘﻟﯘﻣﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻳﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﻠﯩﮕﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯞﺍﻕ ”ﻛﻮﻧﺘﺎﻛﻜﻰ“ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ھﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﯞﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﻥ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ھﻪﻡ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻛﻪﻧﺘﯘﻗﻤﻪﻥ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻼﺭﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﻥﺗﻪﻧﺘﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ(ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﭼﻪتئەﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ) ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﺭﻣﻪﻳﺘﯩﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺘﺘﻰ. ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﯕﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﯖﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ھﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﻨﻰﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﻴﺘﻰ، ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺩېرﯨﻜﺘﻮﺭﯨﻐﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺩېرﯨﻜﺘﻮﺭﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ….
6-باب، ياپونىيەلىكلەردىكى روھى-ھالەت
ﻳﺎﭘﯘنىيەلىكلەر ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئى ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ھﯘﺷﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ھﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻧﯩﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪ، ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺯﯨﻢﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ؟ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯜﭺ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﻻﻱ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ.
ﻣﯩﺴﺎﻝ( 1):
ﺋﺎﻟﻰﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯلىق ﺗﻪﺗﯩﻞ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺗﻪسساﺩﺩﯨﺒﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﺎﻳﺎﻕ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺗﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﻮﭼﺎﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﭺ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﻢ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﺩﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺳﻮﻏﯘﻕﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﺘﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﯘ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺑﺎﺭ ﻗﺎﭘﻘﺎﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺪﻯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﯕﻘﯩﭗﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ «ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯕﯩﺰ» ﺩېگەﭺﺷﯘ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ تەمشىلىۋىدى- ﻣﻪﻥ “ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ھﯩﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘﻏﯘ…“ ﺩﻩﭖﺳﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﺕ ﺗﻪﯕﻼﻣﺎﯕﺎ ”ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺩېگەﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ“ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﻳﻪﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
مىسال (2) ﺑﯩﺮ ﺋﯧﯖﮕﯩﻠﯩﺴﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪﺍ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖﻗﺎﭘﺘﯘﺩﻩﻙ: ﻣﺎﯞﯗ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ھﺎﻟﻰﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ھﻪ – ﺋﺎﭘﺮﺍﺕ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺷﯩﻠﻪﭘﻪ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﯓ، ﺑﯘ ﺧﻪﻗﻘﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ ھﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ ……… “ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ”ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎﯕﻼﺭ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺟﻮﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭﺩەﻙ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﯕﻼﺭ..“ ﺩېگەﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﭙﺘﯘﺩﻩﻙ.
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺟﯘﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯ “ ﻣﻪﻥﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ “ ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍﻛﯚﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ، ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﻤﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻨﻼ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ مۇمكىن.
ﻳﺎﭘﯘﻥﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯘﻧﯘﺷﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ھﯩﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ھﻪﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﻮﻧﯩﭽﯩﻜﻪﻥ ( ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﻻﻕ) ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭىدۇ. ﺋﺎﻣﯩﺮىكا ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻤﯘﮔﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯗ. ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻳﯜﺯﯨﮕﯩﻼ ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭖﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺵ ﻳﺎﭘﯘنىيلىكلەرنىڭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ-ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯗﺗﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﻻتتىم.
ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﯚﺯﻯ “ ﺳﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﺘﻪﻙ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ “ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﯕﺘﯘﺵﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ.
ﺧﯘﻻﺳﻪ :
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ «ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯛﮔﻠﯜﻙ. ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ھﯩﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﺗﻪﯓ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ تاڭ(ھﻪﺱ-ھﻪﯞﻩﺱ) قالمايدۇ. ﺑﯩﺰ ﻧﯩﯔ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﭘﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖﻛﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺵﻗﯩﻠﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭖﺧﺎﻻﺱ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪيبىنى ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎ ﯞﻩﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ ﻧﯘﺧﺴﺎﻥﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﻪ ﻗﺎﭼﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ مىللەتچى- ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻏﺎ، ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺧﻪﻟﻖ.
7-باب،  ياپونىيەلىكلەردە دىنىي-ئېتىقاد
دىنىي ئېتىقاد توغىرلىق ئالدىراپ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ دېگىلى ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﺪﻩﻙ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩېمەﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﺩﯨﻦ ﮔﯘﻧﺎﻳﯩﻤﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﯘﺷﯘﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.
ﺩىنىي ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺩىنىي ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰﻛﯚﺭسىتىپ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩىنىي ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺭﻭھﻰ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭسىتىپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺭﻭھﻰﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺩىنىي ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئى ﯞﻩ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ مۇمكىن.
ﺩﯨېمەﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻪﺭﻭھﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩىنىي ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺩىنىي ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ھﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭسىتىشى ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﺸﯩﺸﻰ مۇمكىن.
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺩىنىي ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩىنىي ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ. ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ئېتقاد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ئېتقاد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.
ﺑﻮﯞﺍﻕﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩىنىي ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺗﻮﻱ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩىنىي ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ قۇﺭغاندا ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩىنىي ﺋﻪﻗﯩﺪﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
ﻣﻪﻳﻠﻰﺑﯩﺮﺍﯞ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻐﺎد ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺑﯩﺮﻻﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﯩﻼﺵ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﯜﭖ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺗﯧﯖﯩﭗ پاﺭﺗﯩﻼﭖ ﺷﯩﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ھﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻕ . ﺩﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﺳﻼ مۇمكىن ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻟﯧﻜﯩﻦﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﯜﭼﯜﻥﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺭﻭھﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩنىي- ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺋﻮﭼﯘﻗﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺧﯘﺩﺍﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦﺩىنىي ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻛﻮﭼﯩﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ دىمىگەن . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ئېتقاد ﻗﯩﻠﻤﺎﻣﺪﯗ؟! ﻳﺎﻕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺩىنىي ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻐﺎ ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ.
ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻣﯩﺴﺎﻝ: ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻛﻮﺋﯩﺰﯨﻤﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻘﺎﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻤﺎﻣﺪﯗ.
ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﭖﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﻭﺭﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﻰ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﺮىتقى ﻛﯜﭺ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻧﯜﭖ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ ھېيتگاھ ﺟﺎﻣﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﻪﺵ ﻳﺎپوﻧﻴﯩﻠﯩﻜﻨﻰﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﻝ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗﻕ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﺎئەﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯗﻕ ﺋﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﯩﻬﺮﺍﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯘﻛﯘﻧﺪﯗﻕ، ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﭗﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ دەپ سورىۋىدى، مەندە ﺑﯩﺮ رېكەﺕﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﺶ ﺋﻮيى  ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ، ﻣﻪﻥﺋﯜﻧﯜﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﮔﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻣﯘ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﮕﻪ ﺳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ھﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯘ. ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﺯىنئاﺧﯘﻧﯘﻡ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻼﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺋﻮﺭﺗﻪﻧﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﻪﻧﻼﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻣﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﯨﻠﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﺩېگەﻧﺪﻩك ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ.
8- باب، ياپونىيەلىكلەردىكى مىللەت قارىشى
ﺑﯘ ﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺩېسەﻡ ﺑﻪﻙﺗﻮﻻ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺩﯨﺴﻪﻡ :
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺟﻮﯕﮕﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﺷﯩﺎﯕﮕﺎﯕﻐﺎﻛﯩﺮﯨﺶ، ﺷﯩﺎﯕﮕﺎﯕﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﮔﻪﻛﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻳﺮﯗﺩﯗﺭﯗﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻮﺳﺎﻗﺘﺎ ﺗﺎﻣﯘﮊﻧﺎﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﯜﭼﯩﺴﻰيولوچىنىڭ  ﻗﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖﺋﯧﻐﺰﺍﻛﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻤﻨﻰ، ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﺎﯞﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢﺑﻮﻟﻐﺎﻱ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺴﯧﺮﻯﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ مىنىڭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩېگەﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﭘﯘﺧﺮﺍﻧﯩﯔ، ﮔﯘﺍﯕﺪﻭﯕﺪﺍ ﯞﯦﻴﺰﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯩﺎﯕﮕﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺗﯘﺭﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. مىنى ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ- ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ مېڭىشقا ﺑﺎشىلىدى. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨﺸﯩﻢ- ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷﺎھﯩﺪﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﯩﻠﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻼﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻮﺳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﮕﯩﺪﻩ ﻣﯧﻨﻰﺳﺎﻗﻼﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺗﺎﻣﻮﮊﻧﯧﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ھﺎﺯﺍﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﺳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ «ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻛﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺘﯩﯔ ھﻪ» ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ.
ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻧﻪﮔﯩﻼ( بەلكىم ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪنجىڭدىن ﺑﯚﻟﻪﻙ) ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚﺋﯩﻜﻪنلىگىنى ﭘﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻘﺎﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭ ﻛﯚﭘﯜﻳﯜﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺩﻩﺗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗ، ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﭼﺮﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻗﺎﺭﺷﻰﺗﻪﺭﻩﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﻟﯧﻜﯩﻦﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﯩﭽﻪﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﻟﭙﺎﻕ ﻛﻪﻳﮕﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.
ھﻪﺗﺘﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﯘ ﺩېگەﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﻪﻥﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﺟﺎﯞﺍﭖﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩېگەﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯩﯔ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯻﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﯘﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ھﻪﻡ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.
ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ “ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻣﻪﻥ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ، ﻧﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﺸﻨﻰ، ﭘﻮﻟﻮ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺋﯘﻳﻐﯘﺭ“ ﺩﻩﭖ ﺧﯩﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﻪﺯﯨﺪﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰ “ ﻣﯩﻨﻜﺎﯞﺧﻪﻧﻤﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻤﯘ “ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﺳﻮﯪﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ “ ﻣﻪﻥﻣﯩﻨﻜﺎﯞﺧﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘﺭﺍﯞﺭﯗﺳﺮﺍﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ “ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ھﻪﻡ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
ﺟﻮﯕﮕﯘﺩﺍﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﭖﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ كۆﺯ ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ“ﻣﻪﻥ“ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪﺗﻮﻏﯩﺮﻻﺷﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩدۇ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺟﻪﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎھﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻳﯜﺯﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘﻳﯘﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺧﻮﺵ ﺧﻮﺷﻼﭖ ﺑﯧﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ ﻳﯘﺭﺳﻪﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯘ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻳﯘﺭﺳﻪﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯘ ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﺎﺯﺯﺍﭘﭽﻪ ﺑﯘﺭﯗﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﯩﻜﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻤﯘ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺳﺘﻰ-ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﺳﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚڭلۈمدە ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺩﯨﺘﯩﻤﻐﺎ ﺳﯩﻐﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ؟
ﺩﻩﭖﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ.
9- باب، ياپونىيەلىكلەردىكى ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش
بارلىق جانلىقلاردا ئەۋلات قالدۇرۇش ئىستىگى بولغىنىدەك ئىنساندىمۇ بىر خىل مۇھاببەتلىشىش توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇش ئارزۇسىنىڭ بولىدىغانلىقى مۇتلەق. شۇنداقلا بۇ بىر ئىنساننىڭ ياشاش جەريانىدا ھاياتلىق مۇساپىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇتۇقلۇق تاماملىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم. ئىنسانىيەت تەرەققىيات نەتىجىسىنىڭ دەۋىرلەر ئارا داۋام قىلىشىدىكى جانلىق زورۈر ۋاستە.
ئەجداد ياراتقان تەرەققىيات نەتىجىسىنىڭ ئەۋلادقا مىراس قالىدىغانلىقى مۇقەررەر. ناھال بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە قولايلىشىشى نەتىجىسىدە ئاتىنىڭ بالىغا يەتكۈزگەن ئۆز ياشاش تەجىربىسى ۋە يەكۈنلىرىدىن بالىنىڭ زامانداشلار ياكى تەرەققى قىلغان ئەل كىشىلىرىدىن ئېرىشىلگەن ئەقلى يەكۈن زور دەرىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغان، ئاتىنىڭ نەسىھىتى بالىغا كار قىلمايدىغان،كۆرسەتكەن يولى زامانغا لايىق كەلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ تۇرىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولسا كېرەك.
سوئالنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئۇيغۇر بالىلىرىنى بوۋا-مومىسى بېقىپ چوڭ قىلىدىغان ۋە توي قىلغاندىن كېيىنمۇ پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ھويلىدا تۇرىدىغان ئەھۋال ھازىرمۇ بارمۇ؟ بۇ خېلىلا ئۆتمۇشتىكى ئىشقۇ! ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىدۇ دىسەك بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى شارائىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەل ئاشۇرىۋېتىمىزمۇ قانداق؟! شۇنداق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىمۇ بار دىيىلسە توغرا بولارمىكىن. گەپنىڭ قىسقىسى بۇنداق ئۇرۇقداشلار توپلىشىپ ياشاش قەدىمقى زامانلاردىكى ئىش. تەشۋىق قىلىشقا ياكى ئەۋزەللىكلىرى توغىرلىق گەپ ئېچىشقا ئەرزىمەيدۇ.
كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىنىڭ تولىمۇ تەرەققى قىلىپ كۆپ جەھەتلەردىن قولايلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدىكى بىر ھەقىقەت دەپ ئىتراپ قىلساق ئۇنىڭ كەينىگە كۈچلۈكلەرنىڭ زورىيىپ، ئاجىزلارنىڭ خاراپ بولىدىغانلىقى دىن ئىبارەت بىر تەھدىتنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى ھىس قىلماي تۇرالمايمىز. بۇ ئالاقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە تەھدىتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ كونىلىق، ئەنئەنىۋىلىكنىڭ تونىغا بېشىمىزنى تىقىۋېلىپ ئۆزىمىز بىلگەن خاھىشتا ياشايمىز دەيدىكەنمىز ياشاش يولىمىز تېخىمۇ تارىيىپ بارىدۇ. بارا-بارا باشقىلارنىڭ ئۆتمۈشنى ئەسلىشىگە ياردەم بېرىدىغان بىر جانلىق شاھىتقا ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۈمكىن. زاامان ئاخىرى بولماي تۇرۇپلا چەكلەنگەن رايۇنغا قامىلىپ قەپەز ئىچىدىكى مايمۇننىڭ كۈنىگە قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ.
باشقىلار قانداق ئەۋلات يىتىلدۈرىدۇ؟ ياپونىيەدە مېنىڭ 80ياشقا ئۇلىشىپمۇ خىزمەتتىن قول ئۈزمىگەن پۇلنى سۇدەك خەجلەپ ھوزۇر ئېلىش مۈمكىنلا بولغان راھەت پاراغەتتىن بەھىر ئالالايدىغان بىر تۇنۇشۇم بولغان. يىلدا بىرەر قېتىم ئالاھىدە كېلىپ مېنى يوقلاپ كېتەتتى. مەن بىلەن پاراڭلىشىپ زىرىكمەيتتى. ئادەتتە ئائىلە توغىرلىق ئارتۇقچە پاراڭ بولۇنمايتتى. مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانامغا ھەۋەس قىلاتتى، ئاپرىن ئوقۇيتتى.(يۇرتقا بېرىپ ئاتا ئانامنى يوقلىغان چاغلىرىمۇ بولغان) لېكىن بۇ كىشى پەقەت ئۆزى توغىرلىق توختالمايتتى. مەندىن بۆلەك كىشىلەر بىلەن ئارتۇقچە پاراڭلىشىشنى ياقتۇرمايتتى. بىر مەخپىيەتلىكى ئۇ كىشى بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان ئىكەن. ھېلىغىچە ئىجارە ئالغان ئۆيدە تۇرىۋېتىپتۇ. ساياھەت بىلەن يىلدا نەچچە رەت سىرتلارغا چىقىپ شىركەتتىن ئىش چىقىپ قالدى دېگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە ئاي-ئايلاپ ئەڭ كاتتا مىھمانخانىدا تۇراتتى. مەن بىر چاغدا شۇنچە ياشىنىپ تۇرۇپمۇ يەنە نىمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز دەپ سورىسام، مەن خىزمەت قىلمىسام مەن يەيدىغان مۇشۇ تاماق نەدە تۇرۇپتۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە ئۆزى ياش ۋاقتىدا خىزمەت بىلەن بەك ئالدىراش بولغاچ ئائىلە توغۇرلۇق ئويلىشىشقا ھىچقانداق پۇرسەت بولماپتىكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە ياپونىيەلىكلەرنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئىرسىيەت تىن بولغان دەپمۇ قارايدىكەن. بەلكىم شۇڭىدۇ بۇنداق مىللەت قېنىنى ئېلىپ يۇرگەن ئىنساننىڭ سان جەھەتتىن بولسىمۇ بىرسىنىڭ كامراق بولىشىنى ئارزۇ قىلغان. كىشىنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولىدىغان ئەۋلاتنى بەربا قىلغان ئاتا ئانىنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى تۈزۈك.
شۇنداقلا ئەۋلاتلىرىنىڭ باشقىلار ئالدىدا خارلىنىشى ياكى بىچارە ھالغا قېلىشىمۇ ئوخشاشلا ئەجداد بولغۇچى ئۈچۈن بىر جىنايەت.
10-باب، ياپونىيەلىكلەردىكى پەرزەنت تەربىيىسى
بالىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈش بۇ ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن دەپ بولغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. قىسقارتىپ بىر قانچە تۈرگە يىغىنچاقلاپ دىسەم:
1. بالا ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپ ئانا بولغۇچى ياخشى ئوزۇقلىنىشى، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇشى، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىجتىماى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بېرىشى، يېقىملىق ناخشا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بېرىشى كېرەك. ئايالىم ھامىلدار ۋاقتىدا، ئەينى چاغدىكى ئىستىراھەت مىھمانخانىسىدا پىراكتىكا قىلاتتى، ئۇنىڭدىن سىرت شىركەتنىڭ ئوپچە پائالىيەتلىرىدە داىم ئايالىمنى ئېلىۋالاتتىم، ئارتۇقچە خاپىچىلىق بولۇنمايتتى. تىنىچ ئازادە مۇھىت ۋە مۇڭلۇق كۈي ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە مەلۇم رول ئوينىغان بولسا كېرەك، ھازىر قىزىم ناخشا مۇزىكىغا ناھايىتى سەزگۈر، ئەستس ساقلاش قابىلىيىتى ياخشى، مۇزىكا چىقسىلا پۇت قوللىرى ئۇدارىغا ئەگىشىدۇ. كىشىنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك بولۇپ يىتىلىپ بېرىۋاتىدۇ.( كۆز تەگمىسۇن)
2. بالىنىڭ مۇستەققىللىق قارىشىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئاددىيسى يىڭى ئايىقى چىققاندا يىقىلىپ چۈشسە ئۆزى ئورنىدىن تۇرشقا يىتەكلەش، بېرىپ يۈلىمەسلىك. ئاخشىمى ئۆزى ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈش، پەپىلەپ ئالداپ ئۇخلاتماسلىق، ئوخشىمىغان مۇھىتقا ماسلىشىشقا يىتەكلەش ھە دىسە ئاتا ئانىسى كەينىگە سېلىۋالماسلىق كېرەك. قىزىمنى بىر ياش توققۇز ئايلىق بولغىنىدىن باشلاپ يەسلىگە بەرگەن، مەن كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ۋە ئايالىم كىچىلىك ئىسمىندا ئىشلىگەن چاغلىرىدا ئارىلاپ ئۇرۇق-تۇققان ياكى تۇنۇشلارنىڭ ئۆيىدىمۇ بىر ئىككى كۈن تۇرپ قالىدۇ. بالا ئون سەككىز بولسا ئون ئالتە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قارار قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش بىزنىڭ مۇددىايىمىز.
3. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ئالدىدا ئۆز سالاپىتىنى ساقلىشى، بالىنىڭ كۆڭلىدە ئالىجاناپ ئورۇننى تۇتۇشى كېرەك. مەن بالامنىڭ باشقا كىشىلەرگە مەھلىيا ( قايىللىق، قول قويۇش تۇيغۇسى) نىڭ بولۇشىنى خالىمايمەن. بالىنىڭ ئالدىدا بىز ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەڭ ئۇلۇق ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمىز كېرەك. تۇرمۇش ياكى خىزمەتتىكى كېلىشەسلىكلەرنى بالامغا ھەرگىز بىلدۈرمەيمەن. ئاپىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئويى بىر، بىز چوقۇم شۇنداق قىلالايمىز.
4. خەنزۇتىلى مەكتەپكە بېرىدىغانلىقىم ئېنىق. چۈنكى بىز ئۇيغۇر مائارىپىدىن نارازى، ئۈمۈت كۈتمەيمەن. ئانا تىل مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن شۇنچە كۆپ تىل ئۈگۈنۈپتىمەن ئۆز پۇشتۇمنىمۇ شۇنداق كۆپ تىل بىلەن قوراللاندۇرۇشقا توللۇق كاپالىتىم بار. ئاتا تىل ئەلۋەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئېنىق. قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسە مەيلى، بالىنى مەكتەپتىن سىرتقى ۋاقتىدا ئانا تىل بىلەن توللۇق قوراللاندۇرۇشقا كاپالەت بېرىمەن. بالا ئون ياشلاردىن ئاشقاندىن كېيىن بەلكىم بالىنى ئىچكىرىدە ياكى چەتەلدە بىر مەزگىل تۇرغۇزۇشنى ئويلۇشۇشۇم كۈمكىن. شىنجاڭنىڭ مەكتەپ بالىلىرىنى پاختا تەرگىلى سالىدىغان، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ تۆۋەندە تۇرغۇزىلىدىغان قائىدىسى پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.
ياپونىيەدە ھەر كۈنى سەھەردە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ خالتا كوچىلاردىن ئوتۇپ مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرەتتىم. يول ياقىسىدىكى ئاپتۇماتىك سېتىش ئۇسكۈنىسىدىن كېرەكلىك نەرسە  سېتىۋېلىۋاتقىنىنى كۆپ ئۇچرىتاتتىم. شىنجاڭدىكى بالىلار مەكتەپتىن يانغۇچە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلىپ كەتكەن ئاتا ئانىلارنى كۆرسەم ئىچىم ئېلىشىدۇ.
قىسقىسى شىنجاڭدا ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئالقىنىدا پۇۋلەپ چوڭ قىلىدۇ. بالىلار ھىچقانداق ئەركىنلىك يوق ئىچىدىكى ئەركە مۇھىتتا چوڭ بولىدۇ. يىگىرمە بەش ياشقا كىرگۈچە ”ئانا سۈتى“دىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ بىر ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە.
ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔﺋﻪﻗﻠﻰ ﻗﺎبىلىيىتىنىڭ ﺋﯚﺳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻣﯘھﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ پائالىيەت  ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻻﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﻯ ﻣﯘھﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘھﯩﻢ. ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﻖ-ﺋﻮﺳﺘﻪﯓﺋﺎﺗﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﺘﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﯖﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﺷﻪھﺮﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘھﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯘھﯩﺘﺘﺎ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯘﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮔﯘڭگالىق ﯞﻩ ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪيئى ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ھﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺵ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ، ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚﺭﻭھﻰ ھﺎﻟﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ بۇغۇپ  ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﺩﻯﻣﯩﺴﺎﻝ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎئىدﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻪﻙ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ تۈلۈﻙ ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭﻏﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﻪڭتۈﺷﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﮕﻠﯩﻚ. ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪڭتۈﺷﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﺎ ﭼﻮﻣﯘﻟﯩﺸﻰ، ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻝ ﻳﺎﻛﻰﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﺎﺭﺍﯨﺖ ﺑﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪ دېسە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﺋﯘﺋﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻰ، ﭘﯘﺳﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻝ ﺋﯘ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺭﻭھﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻏﯘﻕ، ﺑﯘﺭﯗختۇﻡ ھﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻳﻜﻰ: ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻗﻤﺎ ﻟﯩﻔﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﺑﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻟﯩﻔﯩﺖ ﭘﻪﺷﺘﯩﻘﯩﺪﺍﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ “ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺩﺍﺵ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ-ھﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ … “ ﺩﯨﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ “ ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﯧﺘﯩﭙﻼ ﯞﺍﻟﯩﺘﯩﻢ ﺩېگىنە ﺳﻮﻣﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ.. “ ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﯘ ﺩﯨﺌﺎﻟﻮﮔﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻤﯘﺭﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﭽﺎﻥ، تەﻳﻴﺎﺭﺗﺎﭖ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺳﻪﯞﻩﭖ، ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ “ ﯞﺍﻱ ﺑﺎﻻﻡ ھﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﯞﯗﺯﻏﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺭ، ﻗﻮﺭﺳﯘﻗﯘﯓ ﺋﯧﭽﯩﭗﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻣﺎ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪ “ ﺩېگەﻧﺪﻩﻙ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ.
11-باب، ئۆزەم توغرىلىق ئىككى كەلىمە
يېڭى تونۇشلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلار نىمە كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىسىز دەپ سوراپ قالسا مەيلى نىمىلا دەپ جاۋاپ بەرمەي زادىلا قارشى تەرەپنىڭ توغرا چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەي بېشىپ قاتاتتى بەلكىم ئاتا-ئانام، ئاچا- ئاكىلىرىممۇ باشقىلارنىڭ شۇنداق سوئاللىرىغا تورغا جاۋاپ بېرىشكە ئامالسىزدۇ. بۇرۇن ئۇلارنىڭ “ ياپۇنلۇقنىڭ شىركىتىدە تەرجىمان“ دەپ جاۋاپ بەرگىنىنى ئاڭلىغان. سىز ئاتاپ بېقىپ بېقىڭ مەن زادى نىمىچى؟
1- ئەمىليەتتە مەن ئۆزەم تەرجىمان ئەمەس. لېكىن كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۇكلۇك رول ئاينايدىغان ئىشنى قىلىۋاتقىلى ئۇزاق بولدى.
2- مەن كومپىيۇتورچى ئەمەس، لېكىن قىلغان ئىشىمنىڭ توققۇزى كومپيۇتوردىن ئايرىلالمايدۇ. كومپيۇتۇرنى قاچىلاشتىن تارتىپ يۇمشاق دىتاللاردى ئىشلىتىش كاشىلىنى ھەل قىلىش تورلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ داۋاملىق ئەمگىكىمگە ئايلىنىقلىق.
3- مەن رىمۇنىتچى ئەمەس، لېكىن داۋاملىق باشقىلارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى بولامدۇ، سانائەتتا ياكى سودا ئالاقىدە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئۇسكۇنە بولامدۇ مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك ھەل قىلىپ بېرىمەن.
4- مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس لېكىن بەزىدە ئۇ يەر بۇ يەردە مەخسۇس كەسىپلەردىن دەرس بېرىپ قالىمەن ئىنتاھاننى ئوچۇق ئالىمەن تاپشۇرۇق بەرمەيمەن . بىر قىسىم كىشىلەر ئىسمىمنىڭ كەينىگە مۇئەللىمنى قوشۇۋالىدۇ.
5- مەن ئىنجىنىر ئەمەس، جوڭگۇ ھۆكىمىتى تارقىتىپ بەرگەن ئىنجىنىرلىق گۇۋانامەممۇ يوق. پەقەت ياپونىيەدىكى ئېپسون، توشىبا، مىتسۇبىشى شۇنداقلا تېرائوكا دېگەندەك شىركەتلەردىن بېرىلگەن مەلۇم كەسىپتە لاياقەتلىك دېىگەن مەزمۇندىكى شاھادەتنامىلاردىن مەندە كۆپ بار، لېكىن جوڭگۇدا بىرەر كىشىگە كۆرسۈتۈپ باقمىدىم . شۇنداقتىمۇ خىزمەتداشلىرىم ۋە كەسىپداشلىرىم ئىسمىمنىڭ كەينىگە ئىنجىنىرنى قوشۇپ چاقىرىشقا ئادەتلىنىپ قېلىغلىق.
6- مەن نازارەت قىلغۇچى ياكى تەكشۇرگۈچى ئەمەس، لېكىن كۆپ ھاللاردا شىركەت ياكى كارخانا ئورۇنلار ھازىرقى ئەھۋالىغا دىئاگنۇز قويۇپ بېرىشىمنى ئىچكى تاشقى ئىشلىرىنى خادىم ۋە ئۇسكۇنىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلىدۇ. رەسمى كىنىشكاڭنى چىقار دەپ قالسا مەندە ISO9002 ISO14000 شۇنداقلا دۆلەت مىقدار ئۆلچام باشقۇرۇش ئورگىنىدىن بىرەلگەن ئىچكى تەكشۈرگۈچىلىك لاياقەت گۇۋانامەم بار . لېكىن ھىچكىمگە كۆرسۈتۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.
7- مەن كارخانىچى ئەمەس، قولۇمدا شىركەت بار، تىجارەت كىنىشكىسىغا ئىسمىم يېزىقلىق. بەلكىم سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ دەپتىرىگىمۇ ئىلىغلىق. ( داۋاملىق كىملىكىمنى كاتىپ قىز ئېلىپ كېتىدۇ.) لېكىن ۋاقتىم يېتىشمىگەنلىكى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى مەن بۇ شىركەت خادىملىرى قاتارىغا تىزىلىمەنمۇ يوق ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.
8- مەن يازغۇچىمۇ ئەمەس، لېكىن نۇرغۇن مۇشۇ كەسىپ ئەھىللىرى مېنى بىلىدۇ، مېنى بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئەمدى مەن زادى نىمىچى ؟
بىر ئېغىز گەپ : مەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى ئېلىم بىرىمنى رېتىمالشتۇرغۇچى قېلىپلاشتۇرغۇچى…
ئەمدى قانداق ئۇسۇل بىلەن دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن.
1. مەن مۇشۇ تۆت يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئارقا ئارقىدىن ئېچىلغان تاللا بازىرىنىڭ ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ۋە ئېچىلغاندىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى قىلىپ كەلدىم. ئىستىمالچى بىلەن تاللا بازىرى، تاللا بازىرى بىلەن مال تەمىنلىگۈچى ئورۇن، تاللا بازىرى خوجايىن بىلەن ئىشچى-خىزمەتچى ئوتتۇرسىدىكى پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مېنىڭ بولغانلىقىم ئۈچۈنلا نورمال ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇغلۇق دىسەم پو ئاتقان بولماسمەن. بۇنىڭدىن بۆلەك يەنە رېستۇران، دورىخانا، كىتاپخانا دېگەندەك تىجارەت خاراكتىرلىق ئورۇنلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
2. زاۋۇتلار; سوپۇن زاۋۇتى، تۇز زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، توقىمىچىلىق كارخانىسى، يىمەك ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى دېگەندەك ئورۇنلاردىن مەن بارمىغان يەر يوق، مەن قىلىۋاتقان ئۇسكۈنىلەردىن پايدىلانمىغىنى يوق. مەن مېخانىكىلىق لاھىيلەشتىن تارتىپ، ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش، كومپيۇتۇرلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش سانسىفىر توپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلش دېگەندەكلەرنى بىر قوللۇق قىلىپ كېلىۋېتىپتىمەن.
3. تەس ئىشنى ئاسان، ئېغىر ئىشنى يىنىك، قالايمىقان ئىشنى رەتلىك، پەرەز قىياس ياكى گۇمانى ئىشنى ئوچۇق قىلىش ئۇستىدە باش قاتۇرۇش مېنىڭ كەسپىم.
نىمە دەپ مەن بۇ ئىشنى قىلىمەن دېگەن سوئالغا:
1. بۇرۇن كىشىلەر كۆز چېنى، ئۆز تەجىربىسى ياكى باشقا سىرتقى ئامىلارنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسا ھازىر مىسقاللاپ سەرلەپ، ئېقى قەغەز قارا سىيا بىلەن ئېنىق ئالماشتۇرۇش قىلىدىغان ھالەتكە قاراپ يۈزلەندى.
2. بۇرۇن كىشىلەر ئىنشائاللا خۇدا ھەققى دېگەندەك قەسەملەرگە ياكى قانداقتۇر دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ئورتاقلىقى ئاساسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچ، ئاق كۆڭۈللۈك بويىچە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسا ھازىر ھىچكىم، ھىچكىمگە ئىشەنمەيدىغان،شۇنداقلا نازارەت بولمىسا ھەرقانداق ھىلىگەرلىكلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
3. بۇرۇن سودا ئالاقىلاردا باھا تالىشىپ ئۆتنىسىگە ئېلىم -بېرىم قىلىدىغان، زىر-زەۋىرى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، بولسا ھازىر ئاز-ئازدىن كۆپ قىلىش ئۇسۇلى سودىدىكى ئۇتۇقلۇق ئۇسۇل بولۇپ قالدى. خۇددى بۇرۇن تاۋۇزنى دانىسى ھەتتا تاغىرى بويىچە ئېلىپ ساتىدىغان ھالەت بولسا مانا ئەمدى كىلولاپ سەرلەپ ھاتتا تىلىپ پارچىلاپ ساتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.
4- تۆمۇر تاۋاق چورۇپ تاشلىنىپ ئىش ئۈنۈمىگە قاراپ ھەق بېرىلىش ئومۇملاشتى.
5- بۇرۇن ھەر كىشى ئىنسابىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان بولسا ھازىر پاكىت دەلىل بولمىسا ھىچ كىم قىلغان ھىچ بىر ئىشنى ئۇستىگە ئالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
6- بۇرۇن ئەقلى ئەمگەكچىلەر ئاز، جىسمانى ئەمگەكچىلەر كۆپ بولۇپ، جىسمانى ئەمگەكنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولغان بولسا ئەمدى جىسمانى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك قىممىتى زور ئاشتى. قارا كۈچ ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئادەم تېپىلمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. قىسقىسى بۇرۇن ئەرلەر ئۆزىنىڭ بىلىكىنىڭ توملىقىدىن پەخىرلەنسە ھازىر كاللىسىنىڭ يوغانلىقىدىن كۆرەڭلەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.
مەن ئىلىم پەنگە ھېرىسمەنلەردىن سانالسامكەن دەيمەن . ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئويلايمەنكى ئۇنىڭغا چوقۇنمايمەن، بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. لېكىن ئۇنداق ئالىم مۇنداق ئالىملارغا ھەۋىسىم يوق. ناۋادا ماڭا شۇنداق شارائىت بولغان بولسا ئۇلار قىلالىغان ئىشنى مەنمۇ قىلالىغان بولاتتىم دەپ ئويلايمەن. ئىلىم پەندىن، تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى ئويلاپ ئۇنىڭغا گۇمانى نەزەردە قارايدىغان ياكى ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان پەن تېخنىكا بىلەن ئۇزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغانلارغا بەك ئۆچمەن. بۇ خۇددى تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغاندەكلا بىر ئىش دەپ قارايمەن. پايدىلىنىلماقچى بولغان ئىكەن ئۇنىڭغا ئوڭ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بەزىلەرنىڭ ئۆزى بىلمەي تۇرۇپ تېخنىكىلىق نەرسىدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆرسەم دەسسەپ يەنچىۋەتكىم كېلىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا سىرلىق قارايدىغان ياكى ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغانلار بىلەنمۇ خۇشام كىلىشمەيدۇ.
ئەمدى دەپ بېقىڭلار مەن زادى نىمىچىكەنمەن؟
قىسقىچە تەرجىمھالىم ( بەك تەپسىلى يېزىشنىڭ ئورنى يوقتەك قىلىدۇ، چۈنكى يۇقۇرىدا ئاساسەن ئېيتىپ بوپتىمەن.)
تۇردى لىتىپ 1972-يىلى 7-ئايدا ئونسۇ ناھىيىسىدىكى دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئونۋېرسىتىغا ئىنتاھان بېرىپ قوبۇللىنپ ئېلىكتىر سېستىمىسنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش كەسپىگە كىرگەن.
1995-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ رەڭلىك مىتال ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان. بەش يىللىق ئوقۇش جىريانىدا بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ياپۇن تىلىنى پۇختا ئىگەللىگەن. ۋە ياپۇن تىلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ كورىيە تىلى، پارىس  تىللىرىنى پۇختا ئۈگەنگەن . ۋە شۇ ئاساسىدىن پايدىلىنىپ بىر مەزگىل ئەرەپ تىلى ئۈگۈنۈشكە  بوسۇش خاراكتىرلىق جەڭ ئېلان قىلغان. ئاخىرى ئېڭگىلىس تىلىنى ئۈگۈنۈشكە باشلاش بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن. بۇ جەرياندا ئىشتىن سىرت كۇرسلاردا ھەرقايسى تىللاردىن دەرس سۆزلىگەن. ۋە بىر قىسىم يازما ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ياپۇنچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرى دۇنيا ئەدىبىياتى ژورنىلىغا دائىملىق بېسىلىپ تۇرغان. ۋە ئۇندىن بۆلەك “ زامانىمىزدىكى رەڭدارلىق ۋە كىشىلەرنىڭ دىتىغا سىغمايۋاتقان سۈپۈت ئۆزگۈرۈش“ قاتارلىق ماقالىلىرى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدا “ ئېچىۋېتىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم “ دىگەندەك ماقالىلىرى شىنجاڭ مەدىنىيىتى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
1996-يىلى كۈزدە تېخمۇ چېنىقىش ۋە پىشىپ يېتىلىش نىيىتىدە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ شىنجىنغا بارغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ياپونىيەلىكلەرنىڭ شىركىتىگە قوبۇل قىلىنغان.
2002 يىلى ياپونىيە ئىگىلىكىدىكى شاڭخەي تىرائوكا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق شىركىتىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. ھازىر مۇشۇ شىركەتنىڭ تىخنىكا مۇلازىمەت بولۇمىگە مەسئۇل بولۇپ تېرائوكا نىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ ئابۇنتلىرىغا يۈزلەنگەن تېخنىكىلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىپتۇ.
رەسىملەرنى ئوقۇتۇپ بولۇپ يوللاپ بېرىمەن. لېكىن كۆپ ئەمەس.

menbe: http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=19&TopicID=2499

تۈگىدى.
لەتىف ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزاسى، ئۇنىڭ يازمىلىرى توپلانمىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..