بىر نەرسە يازسام…
بىر نەرسە يازسام…
تۇردى لېتىپ
جاھاندىكى ھەقىقەتلەر مەن بولغاچقا يارىتىلغان ئەمەس، مەن پەقەت ئەزەلدىنلا بار ھەقىقەتلەرنى بايقاپ كەلگەنمەن.
- تۇردى لېتىپ
يېقىندىن بۇيان بىر نەرسە يازسام «مەن» نى قوشقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەرقانچە ئۇلۇغۋار ئىشلار بولغان تەغدىردىمۇ، ئۇلارنى مېنىڭ يازغانلىقىم تۈپەيلى، ماڭا تەئەللۇق بولۇپ قالسا بولمايدىغاندەك تۇيۇلدى، ئامال بار، مەن ئۇنداق ياكى مەن بۇنداق، دەپ ئۆزەمنىڭ تارىخىنى ياكى كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى قوشۇشنى راۋا كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
تولىمۇ ئۇيۇشقاق كېلىدىغان ياپونىيە كارخانىلىرىدا ئەزەلدىنلا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مەلۇم بىر شەخسنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولدى دەپ قارالمايتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولغاچقىلا شۇنداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى دەپ قارالغاچقا، ئاسانلىقچە مەلۇم بىر خىزمەتچى ئالاھىدە تەغدىرلىنىپ كەتمەيتتى. پەقەت شۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىچىدە باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىشى بەدىلىگە يەنىمۇ تىرىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ، يۇشۇرۇنچە ئىلھاملاندۇرۇلاتتى. كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى، ھاياجانلىق سۆزلىرىنى ئالدىراپ كۆپچىلىككە بىلدۈرمەيدىغان، ئازراق بېكىنمە خاراكتىرى بىلىنىپ تۇرىدىغان ياپون خەلقى نېمىنى ئويلىسا شۇنى دېيەلەيدىغان ئامېرىكىچە دېموكراتىيىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشاتتى. پەقەت نارازىلىقىنى باسالمىغانلىرى يەڭ ئىچىدە ئۆزئارا غۇل- غۇلا قىلىشاتتى ۋە ئانچە-مۇنچە غەيۋەت شىكايەتمۇ قىلىپ قويۇشاتتى. بۇ تەرىپى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىن خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇيۇشۇش يولىغا باشلايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ تۇرغىنىمدا، يەنىلا باش ۋەزىرنىڭ خەلق رايىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىق خەۋىرى كېلىپ قالدى.
ياپونىيەلىكلەر نېمىلا دېگەن بىلەن بىزدىن ئىلگىرى كەتكەن خەلق، گەپنى ئۇلاردىن قۇسۇر ئىزدىگەندىن كۆرە، ئاۋۋال ئۆزىمىزگە قاراتقىنىمىز تۈزۈك. «ساقنى ساراڭ دېسە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېگەن گەپ بار، بىزدە تەغدىرلەش تولىمۇ داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغىنى بىلەن، تەنقىدلەش ئاساسەن دېگۈدەك يەڭ ئىچىدە يىپىق بولىدۇ. سوت ئېچىلىپ جامائەتچىلىككە سازايى قىلىنىدىغان ئىشلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. پەقەت باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئادەتلەنگەنلەرلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان دە-تالاشلارنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئىشىدىن قۇسۇر چىقىرىپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ئۆتىدۇ.
باشقىلارنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپ، ئېچىشقان يېرىگە تۇز سېپىش بىراۋنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، پەقەت «ياخشى قىپسەن» دەپ تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرغاندىلا، بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تەنقىتلىگەندىن كۆرە ماختىغان ياخشى، لېكىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق كۆپتۈرۈپ ماختىۋېتىشمۇ ماختالغۇچىنىڭ زىيادە كۆرەڭلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماي» قېلىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بەلكىم يەنىلا ياپونىيەلىكلەرنىڭ يېپىق ماختىشى توغرىدەكمۇ قىلىدۇ.
كەم-كۈتسىز ئادەم بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ قۇسۇر ئىزدىشى بەلكىم ئىشنىڭ مۇكەممەللىكتە تېخىمۇ ۋايىغا يېتىشىگە پايدىلىق بولسا كېرەك. لېكىن، قۇسۇر ئىزدەش داۋاملىشىۋەرسە، چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك تۈپەيلى ھەممىلا ئىشنىڭ تەتۈرگە قاراپ مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. تەنقىتلەنگۈچى بەلكىم يەنە قۇسۇر ئىزدىلىشتىن زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىپ، ئۆزىنى قويىۋېتىپ، ئەقلىنى ئەمدىكى بولماقچى بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلالماسلىقى، ھەتتا روھى چۈشكۈنلۈككە قېلىپ، ئۆزىنى خاراپ قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. ھەر ئىشنىڭ بىر چېكى بولىدۇ. ماختاش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئوسال ئاقىۋەت كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش، قۇسۇر ئىزدەشمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە خەتەرلىك ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ جەھەتتە ياپونىيەلىكلەرنى ھەر ئىشنىڭ چېكىنى پەملەشتە بىزدىن كۆپ ئۇستا دېسەك بولىدۇ.
«بارمىغان تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ» دېگەندەك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ سەسكەنگەن ئىشلارنى يەنە نەچچە رەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر ئىشنىڭ بىر چېكى بولغىنى ياخشى، ناچارلىقتا بىراۋنى ھەلقۇمىغا يەتكۈزىۋېتىش ياكى ماختاشتا ئاسمانغا چىقىرىۋېتىشلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ھەركىم قانداقلىكى ئالەمشۇمۇل ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان تەغدىردىمۇ، شۇ ئىشنىڭ ياخشى يامانلىقىغا باھا بېرەيلىكى، ھەرگىزمۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنى ماختاپ، كۆككە كۆتىرىۋەتمەيلى ياكى چۆكۈرۈپ، بۇ ئالەمدە ياشىغۇسىز قىلىۋەتمەيلى، قۇسۇر ئىزدەش ئوبيېكتىمىز ئىشقا قارىتىلسۇنكى، ھەرگىزمۇ ئادەمگە قارىتىلمىسۇن. ھەر ئىشقا باھا بېرىشتە تەنقىدلەش تىغ ئۇچىنى ئادەمگە قاراتماي، يۇز بەرگەن ئىشلار ئۇستىدە نۇقسانلىق بار يوقلىغىغا كۆپرەك پىكىر بېرىشكە تىرىشايلى.
تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3200
تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.
[...] سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام… كەلگۈسى قولىمىزدا قاراقۇرۇمغا سەپەر توردىكى يېپىق [...]
[...] سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام… كەلگۈسى [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر