قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك
قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك
تۇردى لېتىپ
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى چاغلىرىمدا، ئادىل مىجىت ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك ئىتوتچىلىرىمىزنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىتوتلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، خەنزۇچە ئىتوتلارنى خېلى ھوزۇر قىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. چاغانلىق كېچىلىكتە «جاۋبېنشەن» قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ھاسا سېتىش» دەيدىغان بىر ئىتوتى كۆز ئالدىمدا غىل پال كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ، كاللامدا بىر خىل تەپەككۈرنىڭ يېڭىچە ئۈندۈرمىسىنى باشلىغان ئىدى.
نېمە دەپ شۇنداق بىر ساپ-ساق ئادەم، باشقا بىرسىنىڭ ئازدۇرىشى، كولدۇرلىتىشى بىلەن ھاسىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ يەردە زادى نېمە دېيىلمەكچى؟ بۇ بىر خىل خۇراپىلىققا قىلىنغان ئېغىر مەسخىرە، نادانلىقتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش- ئازدۇرۇش، قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسى.
ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال يېنىڭىزدا يۈز بەرسە قانداق قىلاتتىڭىز. سىزنى ئالدانمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ.
بۇ ئىتوت 13 مىليارت نوپۇسقا ئىگە بۇ بىر چوڭ دۆلەتتە، ئاز بولمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتمىساممۇ بولار. كېيىنكى ئىككى يىلدا بۇنىڭ يەنە ئىككى قىسىمى يىلدا بىر يېڭىلىنىپ قويۇلدى.
تەپەككۇردىكى جىددى بۇرۇلۇش، كاللىنى يۇيۇش دىگەندەك يېڭىچە ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىمۇ بۇ ئىتوتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
شۇنىڭغا ماس ھالدا نۇرغۇنلىغان كىشى تەپەككۇرىدىكى تېز بۇرۇلۇشنى، زېھن قۇۋىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى سىنايدىغان خۇددى ئون يىللار بۇرۇن شىنجاڭدا ئەۋىج ئالغان بالىلار زېھىن سىناش مۇسابىقە سوئاللىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىزىقارلىق كىچىك سىناقلار تاماقلىنىش سورۇنى ۋە دوستلار ئولتۇرۇشىدىكى ھەتتا بىر قىسىم تورلاردىكى كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان قىزىق تىمىلارغا ئايلىنىپ قالدى.
بەزى ئىشلارغا ئۇنچە كاللا قاتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. ھەمدە بەزى ئىشلارغا ئەستايىدىل كۈزىتىش ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن توغرا تەدبىر بەلگىلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئوتتۇردىكى بۇرۇلۇشنى كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز تېخى ھەل قىلالىغىنى يوق.
ئادەتلىنىپ قېلىش پىسخىكىسى بىزنى خېلى جىق ئىشلاردا ئورۇنسىز ئەۋارىچىلىقلارغا دۇچار قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.
ئادىتىمىز بويىچە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، ئادىتىمىز بويىچە پەرەز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش بىزدە بەكلا ئېغىر.
بىزدە جۇگېلىڭدەك ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىدىغانلار كۆپكى، يىشۇدەك زېرەكلىك بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ چارە ئويلايدىغانلار يوق دېيەرلىككەن دېسەم ئېغىر كەتمەس دەپ ئويلايمەن.
بىز ھېلىمۇ «ئىلاندىن قورققان ئارغارمچىدىنمۇ قوقۇپتۇ»، «ئىشەكمۇ، پۇتى كىرگەن كۆۋرۈككە قەتئى ماڭماس» دېگەندەك پەلسەپە باسقۇچىدا تۇرىۋېتىپتىمىز. بۇنى بىز «زاكىدا تۇرۇپ قېرىپ قېلىش پىسخكىسى» دەمەۇق قانداق؟.
قېتىپ كەتكەن كاللىنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ مۇشكۇل بىر ئىش. ئۆزگەرتىلدىمۇ چەكتىن ئېشىپلا كېتىشى مۇمكىن. پۇتۇنلەي قوبۇللاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ دېگەن گەپ.
ھەممىلا ئىشنى ئۆزىمىزنىڭ كۈزىتىش ئۇسۇلى بىلەن پەرەز قىلىش بىزنى يېڭى نەرسىلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىدىن تېخىمۇ يىراق قىلغۇسى.
پەرەز بىلەن چىقىرىلغان يەكۈن ئادەتتە 90 پىرسەنت خاتا بولۇپ چىقىدۇ.
مۇشۇ تورنىڭ ئىسمى «يازغۇچىلار تورى» بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىملا بولسا يوقلاپ تۇرۋاتىمەن. بەزى ئىنكاس بەزى تېمىلارنى كۆرۈپ ئىچ ئىچىمدىن ئۆرتەنسەممۇ، دەماللىققا بىر نەرسە دېيىشنى ئەپ كۆرمەيمەن. مەن بىر نەرسە ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس ئىزدەنگۈچىلەرگە بىرەر ئۈچۈر بېرىش ئۈچۈن كىرىمەن. لېكىن تىنىچ تۇرغان كۆل سۈيىنى تازىلايمەن دەپ لېيىتىۋەتكەندەك ئىش قىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن.
ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا دىگەن مەنتىقىدە كېتىپ بارغان بۇ ئىجتىمائى سورۇندا «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە» دېگەن بويىچە تاشپاقا ئۆمىلىشىگە ئۆتۈپ كىچىك بالىنى جىلە قىلىپ يىغلىتىپ، ئارقىدىن يەنە كەمپىت بېرىپ ئالدىغاندەك بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئاز-ئازدىن تەسىر كۆرسىتىپ كېتىپ بېرىپتىمەن.
مەن توغىرلىق باشقىلارنىڭ نېمىلەرنى دەۋېتىشىدىن قورقۇش ئەمەس، ئەكسىچە دىققىتىنى بۇرىيالىغانلىغىندىن خوشال بولىمەن. ئەنسىرەيدىغان يېرىم زىيادە چېچىلىپ، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشىدىن، كاللىسىدىن، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ئادىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
گەپنىڭ قىسقىسى، بىزدە بېكىنمىچىلىك بىلەن قوبۇللاشنىڭ خۇددى ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ئىزىلياتۇردەك تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ھالەتتە رولىنى كۆرسىتىپ، بىر-بىرنى تۈپتىن چەتكە قېقىۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت زىدىيەتلىك توقۇنۇش روھىنىڭ ئۇدا ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقى مېنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.
بېكىنمىچىلىكنىڭمۇ ئۆز نۆۋىتىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىگىشلىك رولى بولىدۇ. مەن ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. لېكىن ئۇنى ئۆز مەنپەتىنى قوغداش، ئۆزىگە پۇختا بولۇش دەرىجىسىدە پايدىلانغاندا، ئاندىن ئادەمگە پايدىسى تېگىدۇ. ئەكسىچە، ھەممىگە بىزارلىق تۇيغۇسى، گۇمانى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئىنساننى ئېرىشىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قويىدۇ. شۇڭا بېكىنمىچىلىكنى جاھىل، كاجلىق دەرىجىسىدە ئەمەس، ئۆز مەنپەتىگە پۇختا بولۇش نۇقتىسىدا جارى قىلدۇرۇش ئەقىلگە لايىق.
قوبۇللۇشقا كەلسەك، نېمىلەرنى قوبۇللاش، قانداق قوبۇللاش، قانچىلىك دەرىجىدە قوبۇللاشنى بىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ ئوبيېكتنى چۈشىنىپ بېقىشقا، بىلىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇ توغىرسىدا يېتەرلىك بىلىش ئاساسىڭىز بولمىسا، قىزىقىش نۇقتا نەزىرىدە يېقىنلىشىش، چۈشىنىش ئاخىرى بىلىپ بىلمەي شۇ نەرسىنى ئىستىمال قىلىپ قېلىشقا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئېغىزدا قارشى تۇرغان بىلەنمۇ كۆڭۈلدە شۇنىڭغا مايىللىق تۇيغۇسى ھۆكۈم سۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغاننى يوقۇتۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىر پاجىئە.
قىسقىسى بۇ ئىككى نۇقتىنى بىرلەشتۈرۈشنى، داۋاملىق ئۆگىنىش ئىچىدىكى قوبۇللاش، شاللاش، جەۋھىرىنى ئىستىمال قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزنى داۋاملىق پۇختىلاشنى بىلىشتۇر.
تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3017
تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.
[...] كەسپىم قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ [...]
[...] تۈۋەندىكى ئۇنىڭ تىمىلىرىنىمۇ ئوقۇڭ: مېنىڭ كەسپىم قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر