كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ!
كىتاپ ئوقۇش
پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ!
تۇردى لېتىپ
يېقىندىن بۇيان مەزكۈر توردا، كىتاپ ئوقۇش توغرىسىدا گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ قالدى. بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. كىتاپ ئوقۇش ئادەمنى تىنچلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم تىنچلانغاندىلا كىتاپ ئوقىيالايدۇ. مېنىڭ كۆپرەك ۋاقتىم كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۆتىدۇ. كىتاپ بولامدۇ، گېزىت ژۇرنارللاردىن بىر قۇچاق ھەر دائىم ئۈستىلىمگە دۆۋىلەگلىك. كۈندىلىك گېزىتنى بىر قېتىم ۋاراقلاپ چىقمىسام، خۇددى بىر ۋاق تاماقنى ئاز يېگىندەك بىر نېمېم كەمدەك بىلىنىدۇ. گەرچە، كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ماڭا كىتاپ ۋاراقلاپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىپ نورمال ھالغا كېلىشى ۋە ياكى بىرەر تور بەتنىڭ ئېچىلىپ بولۇنغۇچە بولغان ۋاقىتتا دىققىتىمنى ئۈستىلىمدىكى كىتاپقا بۇراش مېنڭ ئادىتىم. ئەگەر ئالدىراش سىرتقا چىققۇدەك بولۇپ قالساممۇ، ئۈستىلىمدە قولغا چىققانلىكى بىرەر ۋاراق قەغەز بولامدۇ ئېلىپلا چىقسام، لىفىت ساقلاشتىن تارتىپ، ماشىنا يولدا توسۇلۇپ قېلىش جەريانىدىكى بارلىق ۋاقىت ئۆتكۈزۈشلەرنى بىر يولىلا ھەل قىلىپ بېرىدۇ. شۇندىلا تىت-تىت بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق كەيىپسىزلىك ئالامەتلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئالدىنقى تېمىلىرىمنىڭ بىرىدە «پۈتۈن جەمىيەت مىقياسىدا بىر مەھەل كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلىش» نىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدىم. كۆپلىگەن كىشىلەر بەلكىم «ۋاقىت يوق» دەپلا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ياشلار ئازراق بىرنەرسە بىلىپلا ھەممىدىن قانائەت تېپىپ، كىتاپ كۆرۈشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيدۇ. كۈندە نەچچە سائەتلەپ QQ پاراڭلاشسا پاراڭلىشىدىكى ئازدۇر-كۆپتۇر كىتاپ كۆرۈپ قويۇش پەقەت ئېسىگە كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە QQ پاراڭلىشىشتىنمۇ ئالاھىدە بىرەر ھاسىلات چىقىپ كەتمەيدۇ. تېلېۋىزور كۆرۈشكە كەتكەن ۋاقىتمۇ كىتاپ كۆرگەندىكىدىن كۆپ بولىدۇ. قانال يۆتكىگۈچە ياكى ئېلان ئارىلىقلىرىدا بولسىمۇ كىتاپقا قاراپ قويۇشقا ئادەتلىنىش كىتاپ كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتنى ئۇتۇپ بېرىدۇ.
كىتاپ كۆرۈشكە ھەرگىزمۇ ۋاقىت يەتمەي قالمايدۇ. كىتاپ كۆرەلەمەسلىك ھەرگىزمۇ ۋاقىت مەسىلىسى ئەمەس. كەيپىيەت مەسىلىسى- تىنچلىنىش، تىنىچلىنالماسلىق مەسىلىسى. داۋاملىق كىتاپ كۆرۈپ تۇرغاندىلا تىنچلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تىنچلانغاندىلا كىتاپ كۆرگىلى بولىدۇ. بەزىدە كۈندىلىك ئىشلارنىڭ تولىلىقىدىن، بولۇپمۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان، كۆڭۈلدىكىگە زىت ئىشلارنىڭ تولا يۈز بېرىشىدىن خىيالىم بۈلۈنۈپ كەيپسىز بولۇپ قالىدىغان چاغلىرىم بولىدۇ، بىر نەچچە كۈن زادىلا كىتاپقا قاراشقا رايىم بارمايدۇ. جىم-جىت نەچچە سائەت ئولتۇرسام ئولتۇرىمەنكى، كىتاپقا قارىسام ھېچنېمە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ. ئوقۇدۇم دېسەممۇ مەزمۇنى كاللامدا يوق. ئوقىيالمىغانسېرى ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەيپىياتىم ناچارلىشىدۇ. ئاخىرى ئالە شەرىڭنى، بىر ئامال قىلىپ يۇرتنى تاللامدىم ياكى باشقا بىرەر ئىشلارنى باھانە قىلىپ بىر ياقلارغا سەپەر قىلىمەن. ھازىر ئۆزەم ئىزدىمىسەممۇ ئايدا بىرەر قېتىم بۇنداق پۇرسەت قانداقلا بولمىسا ماڭا نېسىپ بولۇپ قالىدۇ. يول ئۈستىدە ئۇنى-بۇنى خىيال قىلىپ بېقىپ ئاخىرى يەنىلا كىتاپنى قولۇمغا ئالىمەن-دە يەنە قايتىدىن كىتاپ كۆرەلەيدىغان ھالىتىمنى تېپىۋالىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن يېڭىچە كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىمەن. كىشىلەر بىلەن قىلدىن–قىيىق بولۇشۇپ قىيدىشىپمۇ يۈرمەيمەن. كۆپ ھاللاردا سىرتلاردىكى ۋاقتىمدا باشقىلار خاپا بولۇپ چېچىلىپ كەتكەن، ھەتتا ئۇرۇشۇپ جىدەل چىقارغان ئىشلارمۇ مېنىڭ ئانچە خىيالىمغا كىرىپ كەتمەيدۇ. بۇ مېنى خاپىچىلىقتىن يىراق قىلىدۇ. شۇڭىمۇ پۇرسەتلا بولغان ھەر قانداق بىرەر كىشى بىلەن پاراڭلاشسام، مەيلى ئۇ شوپۇر بولامدۇ ياكى دېھقانمۇ-كادىرمۇ، قىلىشقىلى گەپ چىقىدۇ ۋە ئوڭايلا گېپىمىز بىر يەردىن چىقىپ ئاسانلا چىقىشىپ قېلىش مېنىڭ ئالاھىدىلىكىمگە ئايلانغان دېسەممۇ بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپمۇ كىتاپ كۆرۈپ تۇرىدىغان ئادەم بولسىغۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ئوڭ كەلگىنى، كۆپ ھاللاردا ئانچە كىتاپ ئوقۇمايدىغان، ھەتتا ئوقۇي دېسىمۇ ئوقىيالمايدىغان(كونا يېزىق خەت تونۇمايدىغان) كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالىمەن. تاغدىن-بارغدىن پاراڭلىشىپ كېلىپ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم يەنىلا قارشى تەرەپنى تېخىمۇ كەيپىياتلىق بولۇش ئۈچۈن، خاپىلىقتىن يىراق بولۇش ئۈچۈن، ھەتتا سالامەت بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن كۆپرەك كىتاپ كۆرۈپ تۇرۇشقا ئۈندەش بولىدۇ. ئۇلار خەت تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتسا، «كىتاپنى ئالسىلا، بالىلىرى ئوقۇپ بەرسۇن، ياكىvcd پىلاستىنكىسى ساتىدىغان دۇكانلارنى ئارىلاپ باقسىلا، نۇرغۇن ياخشى كىتاپلارنىڭ ئاۋازلىق دىسكىسى بار» دەيمەن، ھېچ بولمىغاندا رادىئودىن بىرنى داۋاملىق يېنىدا سېلىۋالسا، كۈندە قەرەللىك رومان ئاڭلاپ تۇرۇشقا مۇمكىن بولىدىغۇ. خۇلاسە، كىتاپ ئوقۇشقا ئامال كۆپ، پەقەت سىز كىتاپ ئوقىماسلىققا ۋەدە قىلىۋەتكەندەك بىھۇدە باھانە ئىزدەپ كىتاپقا قارىماس بولىۋالمىسىڭىزلا.
ئەمدى قانداق قىلغاندا ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىمۇ كۆپ كىتاپ كۆرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟
1- دوستلار بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئامال بار يېقىندىن بۇيان قايسى كىتاپلارنى كۆرىۋاتقانلىقى ياكى ئىزدەۋاتقانلىقى توغرىسىدا گەپ تېشىپ باشقىلارنىڭ گېپىنىمۇ كىتاپقا بۇراش.
2- يېقىندىن بۇيان قايسى كىتاپلارنىڭ مۇدا بولىۋاتقانلىقى ۋە قايسى كىتاپلارنىڭ تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقى توغىرلىق تالاش-تارتىش قىلىش.
3- دوستلىرىڭىزغا ئۆزىڭىز ياخشى دەپ قارىغان كىتاپلارنى ھەدىيە قىلىش ياكى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، ماشىنىسىدا ياكى ئۆيىدە قويۇپ قويۇپ كېتىش.
4- ئوقىغان كىتاپلىرى توغىرلىق ئۆز پىكرىنى دەپ بېقىش.
5- ئوقىغان كىتاپلىرىدىن تەسىراتىنى خاتىرە يېزىپ قويۇش.
6- ئايدا بىر قانچە قېتىم كىتاپخانا ئارىلاپ قويۇش.
7- ئوقۇپ بولغان ۋە تېخى ئوقىمىغان كىتاپلارنى ئايرىم تىزىش.
8- ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىردەم، ھەتتا بىر دەقىقە بولسىمۇ كىتاپ كۆرۈشكە ئادەتلىنىش.
9- توساتتىن بىرەر كىتاپ توغرىلىق كاللىڭىزغا يېڭىچە ئوي كەلگەندە قولغا قەلەم ئېلىشقا تىرىشىش ۋە داۋاملىق شۇنداق بولۇپ قالسا دەپ ئالدىن پۇرسەت يارىتىپ قويۇش.
10- كۈندە گېزىت كۆرۈش ۋە مۇھىم دەپ قارىغان جايلىرىنى كېسىپ ئېلىپ، كۈن، ئاي سانىنى ئۈستىگە يېزىپ قويۇش.
11- ئوخشاش شەيئى ياكى ھادىسە توغرىسىدىكى ئىككى كىتاپنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىش.
12- يانچۇققا ئاسان پاتىدىغان كىچىك كىتاپچىلارنى ئىزدەپ قويۇش.
13- توردا ياخشى نەرسىلەر ئۇچراپ قالسا، كۆچۈرۈپ ئېلىپ ساقلاپ قويۇش ۋە بەزىلىرىنى بېسىپ چىقىرىۋېلىش.
14- بىلگەن ۋە بىلمەكچى بولغانلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ كىتاپ كۆرۈش پىلانىنى تۈزۈۋېلىش.
ياشاشتىكى ئەڭ زۆرۈر نۇقتا، ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا قابىل بولۇش. پەقەت ئەتراپلىق، پىلانلىق كىتاپ كۆرۈش ئادىتىنى تاشلىمىغاندىلا ئادەم ھەقىقىي ياشاشنىڭ لەززىتىدىن بەھر ئالالايدۇ.
تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3019
تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.
[...] كەسپىم قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇ… سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر [...]
[...] ئوقۇڭ: مېنىڭ كەسپىم قوبۇللاش ۋە بېكىنمىچىلىك كىتاپ ئوقۇش – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇ… سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر