باشبەت » توردىن تەمەچلەر

سەۋەبىنى سورىماڭ

17 ماي 2011 481 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس

سەۋەبىنى سورىماڭ
تۇردى لېتىپ

جاھاندا سەۋەپسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ، لېكىن ھەممىلا ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى بىلىشكە ئىنتىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە شۇ ئىش يۈر بەرگەنلىكتىن كېلىپ چىققان نەتىجىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن ياخشى. بۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ «قۇياش نېمە دەپ غەرپتىن چىقماي شەرقتىن چىقىدۇ؟ نېمە دەپ كەچ بولغاندا قارڭغۇ چۈشىدۇ؟» دېگەندەك ساددا سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدىگەندەك ئىش. يېتىلگەن ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارغا ئەقلىنى خورىتىپ يۈرىشى ئەخمىقانىلىك.
ھەر قانداق ئىشتا پەقەت ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولسىلا قول سېلىپ باشلاپ كېرەككى، باشلىنىش قىلىشقا سەۋەپ ئىزدەپ، ساقلاپ تۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى مەلۇم ئىشقا باغلاپ تەھلىل قىلىپ كۆنۈپ قالغان كىشىلەرلا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشقا شۇنداق بولۇشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشىنى قوشۇپ مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ، ھامان كىشىلەرنى ئىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ھە دېسە يوق ئىشتىن پۇتاق چىقىرىدىغان تەرەپبازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە يېڭىلىقتىن خەۋەرسىز قالدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. گەرچە ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ شۇنىڭغا مۇناسىپ سەۋەبى بولسىمۇ، بەزىلىرى ئوچۇق، ھەممە بىلىپ يېتەلەيدىغان ھالەتتە مەۋجۇت بولسا، يەنە بەزىلىرى باشقىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئاسانلىقچە چۈشىنىپ بولمايدىغان، سۆز بىلەن ئىپادىلەش قىيىن، ھەممىگە تونۇش ئەقەللىي قانۇنىيەتتىن ھالقىپ كەتكەن ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ.
شۇڭا ھەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدە ئاقىلانىلىك تەلەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت شۇ ئىشنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە پايدىلىق ياكى پايدىسىزلىقىنى ئويلاش كېرەك. ئەگەر پايدىلىقلا بولسا ئۇنى شۇنداق قىلىشقا سەۋەپ ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىككىلىنىپ تۇرماي دەرھال قول سېلىش كېرەك. ئەگەر پايدىسىز بولسا، ھەرقانچە ئالەمشۇمۇل سەۋەپلەر بولغان تەغدىردىمۇ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگەن تۈزۈك.
يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئەرەپ ئەللىرىدىكى مالىمانچىلىق دەل ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىدىن بولغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كازافىي شۇنچە نۇرغۇن مال مۈلۈككە ئىگە بىر باي دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغاندىكىن، بۇرۇنراق تەدبىر بەلگىلەپ پۇخرالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنىمۇ ياخشىلاپ قويۇشى كېرەك ئىدى. نىفىتقا ئېھتىياجلىق غەرب ئەللىرىدە نىفىت قىسلىقى كۆرۈلۈپ، نىفىت بايلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانى تۈزۈلۈپ بولۇنغان پەيتلەردە، لىۋىيەدە كۆرۈلگەن ئىچكى مالىمانچىلىق غەرب ئەللىرىنىڭ لىۋىيەگە يېڭى رەھبەر تۇرۇغۇزۇپ بېرىش تاجاۋۇزىنى باشلاشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. نەتىجىدە، لىۋىيە تالان-تاراچقا ئۇچراش خەۋىپىگە يولۇقتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى باشقا ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ تېمىدا دېيىلىۋاتقان قائىدىگە چۈشۈپ قالىدۇ.
پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ» دېگەن قانۇنىيەت بويىچە شامالنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. كىم باشلىنىش نۇقتىسىدىن بۇرۇنراق قوزغالسا شۇنىڭ ئاخىرقى پەللىگە ئالدىدا يېتىپ بېرىشى تۇرغانلا گەپ. پەقەت قوزغىلىشقا پايدىلىقلا بولسا- قوزغىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى ھازىرلانغانلا بولسا، كەينىگە تارتىشىپ تۇرىۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقتىدا قوزغىلىش ۋاقتىدا مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ھازىرقى زاماندا ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ ھامان باشقىلار ئويلاپ يېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىش قىلىش پىرىنسىپى بولغان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر بارچە ئىشلارغا قارار بېرىشتە باشقىلار نېمە دەپ قالار دەپ ئولتۇرمايدۇ. ھامان ئىشلار يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىنلا، شۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر تەرىپىدىن ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ھەر خىل قىياسى سەۋەپلەر تۈزۈپ چىقىلغان بولىدۇ. نەتىجىدە، ئېرىشىلگەن ئۇتۇقنىڭ نېمە دەپ قولغا كەلگەنلىك سەۋەبىنى ئىزاھلاشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇ ئىزاھلار ھامان شۇ ئىشقا سىرتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ھەممە كىشىنىڭ ئەقلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىشى بىلەن سەۋەبى يەكۈنلىنىدۇ. بۇنداق ھەر ئىشقا سەۋەپ ئىزدۈگۈچىلەر دەل ھەرقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان جان باقار تىپىغا تەۋە بولغان بولىدۇ. چۈنكى ھەممە ئىشقا سەۋەپ ئىزدەپ كۆنگەنلىكى بىلەن ھەر ئىشنىڭ باشقا ئېلىپ چىققىلى بولماسلىق سەۋەبىنىمۇ ئاسانلا يەكۈنلەپ چىققان بولىدۇ، ھەتتا ئىش تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى «بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمىغۇدەك»، دەپ ئالدىن يەكۈن چىقىرىپ بولىدۇ- دە يېرىم يولدا يالتىيىش كېلىپ چىقىپ، قىلغان ئىش نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.
ۋاقىت ۋە تەدبىرلا ھەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدىكى بىردىن بىر ئامىل. يۈز بەرمىگەن ئىشتىن تولا تەشۋىشلىنىش ۋاقىتنى بېكار ئىسراپ قىلىدۇ، تەدبىرنىڭ توغرا بولماسلىقى ئىشنىڭ نەتىجىسىز بولۇشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇنداقلا، ھەرقانداق تەدبىر ۋاقىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانچە ئاقىلانە تەدبىر بولغان تەغدىردىمۇ دەل ۋاقتىدا ئىجرا قىلىنمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.
پەقەت ھەر ئىشقا سەۋەپ ئىزدەپ كۆنگەن كىشىلەرلا تەدبىر بەلگىلەشتە تولا ئىككىلىنىپ ئىجرا قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، شۇنداقلا بىرەر ئەھۋال يۈز بەرمىگۈچە يەنى سەۋەپ بولمىغۇچە يېڭىدىن بىرەر ئىشنى باشلاشنى ئويلاپ كېتەلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى پەقەت يۈز بەرگەن ئىشقا سەۋەپ ئىزدەپلا ئۆتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقى ئۈچۈنمۇ سەۋەپ ئىزدەيدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا سەۋەپ ئىزدەيدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى زىيان تارتىدۇ.
جاھان سورىغۇچىلار تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر كېلىدۇ. ئۇلار بەزىدە باشقىلارنىڭ سەۋەپ تېپىۋېلىشى ئۈچۈنلا مەلۇم ئىشقا قول سېلىشتا پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن بولىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇرۇن قىلغان ياكى قىلالمىغان ئىشلىرى ئۈستىدە سەۋەبىنى ئىزدەپ ئولتۇرمايدۇ. ئەكسىچە، بۇندىن كېيىن يەنە نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى توغىرلىق پىلان تۈزگەن بولىدۇ. قايسى پىلاننى قاچان ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدىۋېلى ۋە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئوخشىمىغان نەتىجىلەر ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. ھەتتا ئوخشىمىغان پەيتلەردە قوللىنىلىدىغان ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە نەتىجىلەر سېلىشتۈرۈپ كۆرۈلگەن، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى تۈزۈلگەن بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقىلى ئۇلار مەيلى قايسى خىل پىلاننى يولغا قويمىسۇن ئوخشاشلا نەتىجە ھاسىل قىلالايدۇ.
تۇرمۇشتىكى ئىشلاردىمۇ پەقەت بۈگۈنكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، كىشىنى ئەتە يەنە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئەندىشىسىدىن خالىي قىلىدۇ. ئەتە يەنە قانداق خوشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھېچكىم ئالدىن بىشارەت بېرىپ يۈرمەيدۇ. پەقەت تۈنۈگۈنكى ئىشلارنىڭ چالىسى كۆپ بولغاچقىلا بەزى پۇرسەتلەر ۋاقتىنچە ئىگىسىنى تاپالماي ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنداق بىر مىسال ئالايلى، يۇرتىمىزدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئوقىغان بىر ئوقۇغۇچىغا باشقا بىر بىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرى چۈشۈپ، بىر كۈنى چاقىرتىلىپ، «جىددىي تەييارلىق قىل، ئەتە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ماڭىسەن، بارلىق چىقىملىرىڭدىن خاتېرجەم بول»، دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىنسا، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىدا شۇ زامات، «نېمە دەپ ئەتە يولغا چىقىشىم كېرەكتۇ، نېمە ئۈچۈن بارلىق چىقىمىمنى ئۇلار قىلىدىغاندۇ، نېمە دەپ باشقىلارنى تاللىماي مېنى تاللاپ قالغاندۇ؟» دېگەندەك سوئاللار پەيدا بولۇپ، «بىر ھەپتىدىن كېيىن ماڭسام قانداق بولار» دەپ جاۋاپ بېرىشى ۋە شۇ سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپماي تۇرۇپ، بۇ ئىشقا رايى بارمايدىغانلىقى ئېنىق. ئوخشاشلا بىرەر شىركەت خىزمەتچىسى بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك پۇرسەتكە مۇشۇ خىل مەنتىقىدە مۇئامىلە قىلىشى تۇرغانلا گەپ. سەۋەبىنى بىلىپ يېتىش ھەلەكچىلىكىدە ئۆزىگە كەلگەن بىر ئوبدان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
شۇڭا ھەر ئىشنى قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بولۇشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ پۇرسەت. قىلالماسلىققا سەۋەپ ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشقا سەۋەپ ئىزدەشكە سەرىپ قىلغان ئەقىلنى ئەمدىكى يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشقا سەرىپ قىلغاندا، جاھاندا بەلكىم قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بولمىسا كېرەك.

تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3059

تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.

بىر ئىنكاس بار »

  • Jeck Blog » Blog Archive » ياپونىيەگە نەزەر :

    [...] – پارچە ۋاقىتلىرىڭىزنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ! سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا Share to [...]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..