ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا
ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا
تۇردى لېتىپ
بىر نەرسە يېزىش، گەرچە ئەقلىي جەھەتتە ئادەمنى تولىمۇ چارچىتىدىغان ئەمگەك بولسىمۇ، لېكىن، دېھقاننىڭ كەتمەن چاپقىنىدىن كۆپ يېنىك بولسا كېرەك. ئەقىل، ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، تەن، ئىشلەتكەنسېرى خورايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىر نەرسە يازىدىغانلار دېھقاندىن كۆپ بەختلىك. بەلىكم دېھقانمۇ بالام مەندەك جاپالىق كۈنگە قالمىسۇن، دەپ ئويلاپ ئۆمۈر بويى يېمەي-ئىچمەي، يىققان تەرگىنى، ئۆي باقى- چارۋا مېلىنى سېتىپ يۈرۈپ پەرزەنتىنى ئوقۇتقان بولغىيتى. بالام بىزدەك بىلىمسىز، ئوقۇشسىز قالغانلارنىڭ دەردىگە دەۋا بولىدىغان ئادەم بولسۇن، دەپ ئوقۇتقان بولغىيتتى. دېھقاننىڭ كاللىسىدىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك ھايات پەلسەپەلىرى بولغان، شۇلارنى ئىپادىلەشكە تىل، رەتلەشكە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىپ پەرزەنتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولغىيتتى…
ئۆتكەن كۈنلەرنى ۋاراقلاش كىشىگە زوق بېرىدۇ، تارىخىي رومانلارنى يېزىش ئەجدادلار ئىزىنى يادقا سالىدۇ. كىشىگە ئەجدادلار روھىدىن ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. لېكىن ئەدەبىي يازغۇچىنىڭ ھە دېسىلا تارىخچىنىڭ ئىشىنى تارتىۋېلىشىمۇ مېنىڭچە ئارتۇقچە. ئۇنىڭدىن كۆرە ھازىرنى يازغان تۈزۈك. چۈنكى بىزگە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغىنى يەنىلا ھازىر. ئەلۋەتتە كەلگۈسى توغىرلىقمۇ ئىلمى قىياسلارنىڭ بولغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇ كۈنلەر ھامان بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
نېمىنى يېزىش كېرەك نېمىنى يازماسلىق، بۇ توغىرلىق كۆپلىگەن يازغۇچىلار بەلكىم دۇنياۋىي شوھرەت قازىنىش ئېھتىمالى بولغان چوڭ تېمىلارنى يېزىشنى توغرا دەپ قارىشى مۇمكىن. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە نائىل قىلغۇدەك ئەەسرلەرنى يېزىشنى كۆڭلىگە پۈكۈشى مۇمكىن. مېنىڭچە ھازىرقى ۋەزىيەتتە نوبىل مۇكاپاتى بېرىشكە نامزات تاللاشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ تور مۇنبەرلەردىكى كۈن بويى بىر كىشىگە تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئۆتىدىغان نارىسىدە قىزلارنىڭ ئۆچەك ئىچىدە تۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار توغرىلىق يازغان سەمىمىي ئىنكاسلىرى ۋە پاك، ساددا ئارزۇ ئۈمىدلىرى ئىپادىلەنگەن تېمىلىرىنى تاللاش كېرەك. چۈنكى ئۇلارلا ھازىرقى ھېچكىم تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمىغان، ئەقەللىي تەبىر بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغان قاراڭغۇ نۇقتىلارنى يورۇتۇپ بەرگەن.
بازار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، كۆپ يېزىش، كۆپ كىتاپ چىقىرىش شۆھرەت قازىنىشنىڭ شەرتى ھېسابلىنىپ قېلىۋاتامدۇ،- قانداق؟ قاتتىق مۇقاۋىلىق، چوڭ سەرلەۋىلىك كىتاپلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ. ئارزۇلاپ ئوقۇۋاتقانلار يوق ئەمەس. لېكىن مۇشۇنداق تور-مۇنبەرلەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، كىتاپخانا ئارىلىماي تۇرۇپمۇ بىرەر ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن ئىككى ئېغىزلا گەپكە كۆز يۈگۈرتىۋاتقان، پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلارنىڭ سانى ئاشۇ كىتاپلارنىڭ ئومۇمىي تىراژ سانىنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ قويىدۇ. زامانىمىزىدىكى مەلۇم بىر قىزىقچى ئورۇنلىغان ئىتوتىنى كۆرگەنلەر سانى شۇنداق بىر داڭلىق كىتاپنى ئوقىغانلار سانىدىن نەچچە ئون ھەتتا، يۈز ھەسسە ئارتۇق.
مەسىلە، ئامما كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىشلارغا يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە چولىسى يوق، داڭلىق ئاتالغانلارنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرۈشكە كەڭ ئاممىنىڭ ئەسلا قىزىقىشى يوق. كىتاپ، كىتاپ بويىچە، ئىشلار، ئىش بويىچە قېلىۋاتقان ھالەت.
بۇرۇن بۇرۇنلاردا يېڭىلىقتىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيدىغان، يىراقتىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئۆزئارا مەكتۇپ يوللىشىدىغان چاغلاردا، كىشىلەرنىڭ بىلىش دائىرىسى پەقەت كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى دەرىجىسىدىلا بولغاچقىمۇ، كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالىدىغان، قەغەز يۈزىدىكى ئىبارىلەرگە دىققەت قىلىدىغان ھالەتتە بولسا كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندە خالىسىمۇ خالىمىسىمۇ ئېرىشىدىغان ئۇچۇرىنىڭ ھەددى ھېسابى يوق. قايسىسىنى بىلىش- قوبۇللاش، قايسىسىدىن ئۆزىنى تارتىش- شاللاش تەسكە چۈشىدىغان ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئالاھىدە ئېھتىياج بولمىسا، كىتاپ سېتىۋېلىپ دۈم يېتىپ ئوقۇشقا كىمنىڭ چولىسى دېيىشكە ھەقلىق ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئۆزىنى پۇختىلاش مەقسىدىدە كىتاپ كۆرىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئازلاپ، روھى بېسىمدىن خالىي بولۇش ئۈچۈن زوق ئېلىش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ بازىرى چىقىۋاتىدۇ. مەيلى ئۇ بىر كىنو ياكى قىسقىغىنە ئىتوت ۋە ياكى بىر خۇشچاقچاق لەتىپە بولسۇن، كۆرگۈچىلىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئومۇملىشىش دەرىجىسى ھەرقانداق بىر كىتاپ يۈزىدىكى ئەدەبىي ئەسەردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، يېزىشتىن باشقا ئىشى يوق كەسپىي ياشغۇچىلىرىمىز ئەتراپتىكى ئىشلارغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇشى، ھەممە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىشلارغا تەبىر- يول كۆرسىتىپ بېرىشى كرەك. يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر يېزىلىشى كېرەك، شۇنداقلا بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە مەلۇم نىسبەتتە زوقلىنىش تۈسىنى ئېلىشى كېرەك. يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەر ئىتوت، كىنو-فىلىم، كارتون ھەتتا يۇمۇر لەتىپىلەرگە ئايلىنىپ كەڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا يۇرتمىزنىڭ داڭلىقلىرى ئۆز رولىنى ئۆتىگەن، يۇرتىمىز خەلقى ئۈچۈن ھەقىقىي توھپە ياراتقان ھېسابلىنىپ، خەلقمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.
تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3123
تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.
[...] كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ! سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام… توردىكى يېپىق ئىسىم كەلگۈسى [...]
[...] كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ! سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام… كەلگۈسى قولىمىزدا قاراقۇرۇمغا [...]