باشبەت » توردىن تەمەچلەر

كەلگۈسى قولىمىزدا

17 ماي 2011 541 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس

كەلگۈسى قولىمىزدا
تۇردى لېتىپ

مەكتەپتە ھازىرمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بۇرۇنقىدەك ئىنسانىيەت تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فيۇداللىق جەمئىيەت قاتارلىقلار بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ دەپ ئۆگىتىپ يۈرەمدىغاندۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنداق دېيىشنىڭ زامانى ئۆتكەندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئەينى چاغدىكى ئۇنداق ئايرىش ئىجتىمائىي سىنىپلارنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۆزئارا توقۇنۇشىغا قارىتا بېرىلگەن باھادىن كېلىپ چىققان. ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىنى مەيلى دۆلەت تىرىتورىيىسىدىن بولامدۇ ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئىقتىسادىي ئالاقە جەھەتلەردىن بولسۇن، ھازىر يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوشۇپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھازىرچە بولسا، ئىنسانىيەت تارىخىنى يېزا ئىگىلىك- دېھقانچىلىق جەمئىيەت، سانائەتلىشىش جەمئىيىتى ۋە ئۇچۇرلىشىش جەمئىيىتى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى بويىچە ئايرىشنى ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايونغا تەدبىقلاشقا بولىدۇ.
سۈي يوڭيۈەن، جاۋبېنشەن ۋە سوڭ دەندەنلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئىتوت «تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە» نى جۇڭگونىڭ ھازىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرىقى ئۈچ خىل جەمئىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 4-5 مىڭ يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن يۇغۇرۇلغان جۇڭگو جەمئىيىتى، يېقىنقى يىللاردىلا سائەتلىشىشكە قەدەم قويۇپ، يەنە ئۇلاپلا ئۇچۇرلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، دېيىشكە بولىدۇ.
يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى بىلەن سانائەتلىشىش جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئوخشىماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئىنچىكە ئىش تەقسىماتى ھەرقانداق بىر ئاددىي ئىشچىنى مۇتەخەسسىس دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋېتەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. سانائەتلىشىش دەۋرىدە ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى نەتىجىسىدە، مەشغۇلات قائىدىسى تەرتىپلىشىپ، ئىنچىكە ئىش تەقسىماتى ئۈچۈن ماددىي ئاساس تىكلىنىدۇ. ئىنچىكە ئىش تەقسىماتى چوقۇم يۇقىرى زىچلىقتىكى ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر، ئۇنداق بولمايدىكەن «ئۈچ راھىپ ئىچىدىغانغا سۇ يوق» بولۇشتەك پاسسىپ ھالەت كېلىپ چىقىدۇ.
دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىمىز بىر قەدەر پىشقان. شۇڭلاشقىمۇ سانائەتلىشىشكە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە ئىنچىكە ئىش تەقسىماتىنى ئۆزلەشتۈرمەك بىر قەدەر قىيىن، يۇقىرى زىچلىقتىكى ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرمەك تولىمۇ مۈشكۈل، يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان 30 يىلنىڭ مابەينىدە ئېرىشىلگەن ھاسىلات چوڭ ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، چوڭ ھەمكارلىق تىپىدىكى «يېزا ئىگىلىك كاپىراتسىيەسى» تۈزۈمىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىشنى ھۆددىگە بېرىش» كە ئۆزگەرتىلىشى بىر ھېسابتا يەرنىڭ كىشى بېشىغا تەخسىملىنىشى ئارقىلىق قورساق ئاچلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا چوڭ دائىرىدىكى ھەمكارلىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. سوتسىيالىستىك پىلانلىق ئىگىلىكتىن بارا-بارا باراز ئىگىلىك تۈزۈلمىسىگە ئاتلاپ ئۆتۈش، ھەر كىشى ھەر ئىشتا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش خاھىشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەپ بولۇپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بىر ياققا قايرىپ قويۇلۇپ، پۇل تېپىپ ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن ھەر كاللىدا ھەر خىيال بولىدىغان ھايات-ماماتلىق قىستاڭچىلىق دەۋرىنى باشلاپ بەردى.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېڭى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان جۇڭگو پۇخرالىرىغا تېخى سانائەتلىشىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تولۇق بىلىپ كەتمىگەن ئاساستىكى ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلدى.
كۆپ كومپيۇتېرلىشىش ۋە توردىن پايدىلىنىش زىچلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىلا ئۇچۇر دەۋرىگە قويغانلىق دېيىش سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئۇچۇر تېخنىكىسى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر ھاسىلاتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش پائالىيىتى ۋە ياشاش شەكلىگە تېگىشلىك تەسىر كۆرسىتىپ، دۆلەت، رايون ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىغا سەۋەپ بولۇش ئارقىلىق ھەقىقىي «يەر شارىلىشىش» قا ئېلىپ بارىدۇ. مەلۇم بىر كارخانىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئايرىش تەسكە توختاشلا ئەمەس، ھەتتا مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي يۈرتىنى تېپىپ چىقىشمۇ مۇمكىن بولماي قالىدۇ. ھەتتا، بىر شەخسمۇ ئۆزىنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ سادىق چاكىرى ئىكەنلىگىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان ھالەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.
ئىككىچىدىن، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئورۇن- مۇساپە تاللىماسلىقلا ئەمەس، ھەتتا ۋاقىت تاللىمايدۇ. ئۆز ئارا قوش يۆنىلىشلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەتتا كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەمەلگە ئېشىپ، ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۇچۇر ئاخبارات مۇخبىرى، شۇنداقلا ئۇچۇر ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇھەررىرى بولالايدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنىۋى بايلىقى چەكسىزلىككە يېتىپ، ئەزەلدىنلا كۆرۈلۈپ باقمىغان قەدىر-قىممەت نامايەن بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى چەكسىز تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ ئەمگەكچىنىڭ بولۇش زۆرۈرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار سېپىدىن ئايرىلىپ مۇلازىمەت سېپىغا قوشۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى نوقۇل ھالدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن تەدرېجىي زىل، ئىنچىكە مۇلازىمەتنىڭ بولۇشىغا يۆتكىلىدۇ. كەسپىي مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياج سانائەت ۋە يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج يەنىلا كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ئوزۇق ئېھتىياجى جەھەتتە ئۆز ئەكسىنى كۆرسىتىدۇ.
كەلگۈسى دەيمىز، تېخى يېتىپ كەلمىدى دېگەن مەنادا چۈشىنىمىز، ئەمەلىيەتتە كەلگۈسى كۆز ئالدىمىزدىلا يېيىلىپ تۇرۇپتۇ، قول سۇزساقلا يېتىدىغان ھالدا كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ. قانداق قىلىپ شۇلارنى بايقىشىمىزغا قاراشلىق تۇرۇپتۇ. قېنى كۆپچىلىك تىرىشايلى.

تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3244

تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.

2 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..