كەم-كۈتسىز ئادەم
كەم-كۈتسىز ئادەم
تۇردى لېتىپ
دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇپ كېتىشى ناتايىن، لېكىن ئىشلىگەن خىزمىتىنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشى تامامەن مۇمكىن. كەم-كۈتسىز مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەم ئۆزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھېچقانداق قۇسۇرسىز دەپ تەرىپلىنىشىنى ئەمەس، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئىزدىشى كېرەك.
ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشى ناتايىن، پەقەت ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەم-كۈتسىز ئەمگەك نەتىجىلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىلا مۇكەممەللىكتە ۋايىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا باشقىلار بىراۋنى بېشىغا ئېلىپ تەرىپلىگەنسېرى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ كەم-كۈتسىز بولۇشىنى شۇنچە ئىزدىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە كەم-كۈتسىز خىزمەت تامامەن مۇمكىن، پەقەت ھەر ئىشقا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتىكى تەنقىتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنغاندىلا ھەر بىر ئىشنىڭ مۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلىشىشى ھەقىقەتەن مۇمكىن. ئالىبابانىڭ قۇرغۇچىسى «مايۈن» نىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كەم-كۈتسىز (مۇكەممەللىكتە كالامەتكە يەتكەن) ئىش يوق، پەقەت ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولۇش مۇمكىن. بۇ دەل بىر مەھەل مۈكەممەللىك قوغلىشىش ئەۋج ئالغان مۇشۇ دەرۋردىكى يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان دەۋر ئاۋانگارتلىرىنىڭ مۇكەممەللىككە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ھەر بىر ئىشقا تۇتقان مۇئامىلىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. زىيادە مۇكەممەللىك قوغلاشقان كىشى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ياراتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەممىلا ئىشتىن نارازى بولۇپ يۈرۈيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئاتالمىش تەتۈر قويۇن پەيدا قىلغۇچىلاردىن بولۇپ چىقىپ، كىچىك جەھەتتىن ئەتراپتىكى ئۇچرىغانلىكى كىشىنى قامچىلايدىغان تەنقىدىي پىكىرلىك كىشىلەر سانالسا، چوڭ جەھەتتىن دۆلەتنى پارچىلاشقا، ھوقۇقنى ئاغدۇرىۋېتىشكا ئورۇنىدىغان ئەكسىل ئىنقىلاپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەرھەق بۇنداق كىشىلەرنىڭمۇ مەلۇم نىسبەتتە بولۇشى كەم-كۈتسىز دەپ سانالغان كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنىڭ كەم-كۈتلۈك يەرلىرىگە ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇشى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت، ساغلام ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.
بۇرۇنقى زاماندا، «پادىشاھنىڭ كىيىمى» دىكى پادىشاھنىڭ ئالدانغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ھېچ بىر كىشىنىڭ راست گەپ قىلىشقا پېتىنالمىغىنىدەك رىۋايەتلەر بولغان. كەم-كۈتسىز دەپ تەرىپلەنگەن كىشىنىڭ ھەر بىر سۆزىگە شەرتسىز تەستىق سېلىش خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. پەقەت ئادەمدە مەسىلە يوق، ئىشقا بولغان تەدبىرىدە كەملىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ، ھەر ئىشقا تەنقىدى پىكىرلەرنىمۇ بېرىشكە جۇرئەت قىلالاش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەر كەم-كۈتسىز دەپ تەرىپلەنگەن كىشىنىڭ ئەرزىمەس گەپلىرىنىمۇ ئاسانلا قوبۇللاپ، ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن ھېسابلاشمايلا ئەمەل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كەم-كۈتسىز ئىشنى پەقەت كەم-كۈتسىز دەپ قارالغان كىشىنىڭلا قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. بەلكىم ئەخلاقى ناچار، بىلىمىسز دەپ قارالغان كىشىنىڭ بەزى بىر ئىشلىرىمۇ كەم-كۈتسىز بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.
مۇشۇ ژۇرنال مەتبەئەلەردىمۇ شۇنداق بىر خاھىش مەۋجۇتكى، پۇستانى داڭلىق يازغۇچىنىڭ دەپ ئوقۇرمەنلەرگە ھېچقانداق ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان ئەسەر بولسىمۇ، ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدىغان، ئەكسىچە، ھېچكىم بىلمەيدىغان تېخى نامى چىقمىغان بىر كىشىنىڭ خېلى ئىزدىنىپ ئەستايىدىل يېزىپ چىققان، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە باب، ئوقۇرمەنلەرگە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان ئەسەرلىرىنى بىر ياققا بېسىپ قويۇدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.
جاھاندا دانا رەھبەر سانالغانلار ئاساسەن باشقىلار ئويلاپ يېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن يېڭىچە قاراش، يېڭىچە پىكىرلەرنىڭ بولغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇ ئوينى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شۇ ئىلغار قاراشنى بويلاپ، ئۇنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە ھەر ئىشقا تەتبىقلاش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. كۆز قاراش بولۇش بىر گەپ، ئۇنى ئىجرا قىلىش يەنە بىر گەپ. ئەگەر كۆز قاراشلا بولۇپ ئىجرا قىلىش سەنئىتى بولمىسا ھەر قانچە ئىلغار قاراش بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا بىر قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن. نۇرغۇن داڭلىق ئالىم پەيلاسوپلارنىڭ گەرچە ئالەمشۇمۇل كۆز قاراشلىرى بولغان تەغدىردىمۇ، ياخشى ئىجرا قىلغۇچى بولمىغانلىقتىن، نۇرغۇن ياخشى ئىدىيەلەرنىڭ ئەمىلىي ئىشلارغا تەدبىقلانماي، مەڭگۈ قۇرۇق نەزەرىيە ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىشىمۇ شۇنىڭدىن. شۇنداقلا بىر قىسىم نەزىرىيە جەھەتتە مۇكەممەل قاراشقا ئىگە ئەمەس ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىشى بىلەن كىشىلەرگە ئۇۋالچىلىق كەلتۈرۈپ بېرىشىمۇ دەل شۇنىڭدىن. شۇڭلاشقا نەزىرىيىچى بىلەن ئىجرا قىلغۇچى پىكىر زىتلىقىغا قالماسلىقى، بىر-بىرىنى چەتكە قاقماسلىقى، بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى كۆزلىمەسلىكى، ئەكسىچە ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىر-بىرىنى تولۇقلاش يولىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك.
كۆپ ھاللاردا، رەھبەرلىك قىلغۇچى بىلەن ئىجرا قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ نەتىجىسىنى ياراتمايدىغان ھالەت مەۋجۇت. شۇنداقلا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مەلۇم نىسبەتتە قوللىغۇچىلىرى بولغىنى ئۈچۈن زىيادە يۈز-ئابرۇي ۋە مەنپەئەتككە بېرىلىپ كېتىش تۈپەيلى ھەر ئىككىلا تەرەپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپ گەرچە مەلۇم ساھەدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى ئورتاق مەنپەئەتلەندۈرەلىشى ناتايىن. ئۇلار شۇ يولغا كىرىپ قېلىپ قولىدىكى ھوقۇقى ۋە ئابرويىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغانلىقى تۈپەيلى نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانغا ئۇچرشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق داڭلىقلارنى بىز «ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمىگەنلىك» دېسەك بولىدۇ. ئۇچۇشنى بىلىش ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن چۈشۈشنى بىلمەسلىك ھامىنى بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىلەشنى بىلىش بىلەن تەڭ چېكىنىشنىمۇ دادىل قوبۇللاش ئاقىلانىلىك جۈملىسىدىندۇر.
تۈگىدى.
مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=3097
تۇردى لېتىپنىڭ ئويلىرى ۋە يازملىرىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ يازملىرى توپلانمىسى بۇ يەردە.
[...] چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ قويۇڭ! سەۋەبىنى سورىماڭ كەم-كۈتسىز ئادەم ئەدەبىي ئەسەر توغرىسىدا بىر نەرسە يازسام… كەلگۈسى [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!