باشبەت » نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار

خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەممەد

26 ئاپرېل 2011 1,979 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس

خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى — تۇرغۇن مۇھەممەد

مۇتەللىپ ياقۇپ

(تېكەس ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتىن)


ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئىلىم–مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان، ئىلىم ئارقىلىق ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە بىر تۈركۈم ئىزدەنگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئىلىم–پەن ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكۈر پەن، نازۇك ساھەلىرىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىزدەنگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، تەبىئىي پەن تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىلمى ۋە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، خىمىيە پەنلىرى دوكتۇرى، ئىنىىستىتۇت ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇرغۇن مۇھەممەد ئەنە شۇنداق ياشلىرىمىزنىڭ بىرى.


تۇرغۇن مۇھەممەد 1973-يىلى 3-ئايدا، تېكەس ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملاپ، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر پەن-تېخنىكا سىنىپىدا ئوقۇغان.1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.1996–يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىلمى ۋە سانائىتى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۈك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.2001-يىلى 9 –ئايدا، لېكتورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. 2003-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2008-يىلى 3-ئايدا، ئىنىستىتۇتئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى 6-ئايدا، ئىنىستىتۇتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 2008-يىلى 11-ئايدىن 2009-يىلى 11-ئايغىچە، ئەنگلىيە كىلانفىيد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئالىي دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن.


تۇرغۇن مۇھەممەد ئۆزىنىڭ 14 يىللىق ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدە، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋە ئانا يۇرتىغا زور شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 19 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتراپ قىلشىغا ئېرىشتى ھەمدە بۇنىڭ بىلەن ئىنىستىتۇتنىڭ ئەڭ ياش غوللۇق خادىملىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇ، بۇ جەرياندا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سەككىز تۈرلۈك تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتى.ئۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش تۈرگە ئۆزى مەسئۇل بولغان ياكى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، دۆلەت تەبىئەت پەنلىرى ئىلمىي فوندى مەبلىغى ئىككى، ئومۇمىي خىراجىتى 460 مىڭ يۈەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرلار ‹‹211 قۇرۇلۇشى›› فوند مەبلىغى بىر، ئومۇمىي مەبلىغى 30 مىڭ يۈەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر پەن-تەتقىقات پىلانى ياش ئوقۇتقۇچىلار تەتقىقات تۈر مەبلىغى بىر، ئومۇمىي مەبلىغى 20 مىڭ يۈەن، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشكە قاتناشقان تۈر ئۈچ بولۇپ، ئومۇمىي مەبلىغى 650 مىڭ 500 يۈەن.

ياش دوكتۇر تۇرغۇن مۇھەممەد مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوندا ئېچىلغان 11 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، توققۇز پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. ئۇ تەتقىقات جەريانىدىكى دۇچ كەلگەن بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ئۆزى ھەل قىلىپ، ئىككى تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنشچان كەشپىيات يارىتىپ، دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا يارىشا مۇناسىپ شان–شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. 2000–ۋە 2001-يىلى، ‹‹گۇاڭخۇا ئوقۇش مۇكاپاتى››نىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2008-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن، ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى›› شەرىپىگە نائىل بولغان.

بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

menbe: http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2011-04/13/content_137132.htm

بىر ئىنكاس بار »

  • ئۇيتۈرك :

    ھازىر جىنەندە ئەنگىلىيەلىك كال كارىم دوكتور بىلەن بىللە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتىدۇ بۇ ئاكىمىز، تۈنۈگۈن بىزنىڭ مەكتەپكە كەپتىكەن بىر كۈن ھال مۇڭ بولۇش نىسىپ بولدى داڭلىق دوكتورلار بىلەن.. ئەتە ۋاقتى بولسا يەنە كېلىپ لېكسىيە سۆزلەپ بەرمەكچى.. كال ئىككىسى..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..