ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە ۋە كومپيۇتېر كەسپىدە ئىتالىيىدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە ۋە كومپيۇتېر كەسپىدە ئىتالىيىدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى
كامىرىنو ئۇنىۋېرسىتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتالىيىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ(http://web.unicam.it/international/welcome/index.asp) گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبىئي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك پروفىسسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ گئولوگىيە ۋە كومپيۇتىر كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولىدۇ.
ماگىستىر پروگراممىلىرىغا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرلار:
گئولوگىيە كەسپىدىكى ماگستىرلىق پروگرامىسىنىڭ نامى Geo-Environmental Resources and Risks بولۇپ ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ پەن-تېخنىكا مەكتىپى، گئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ پروگرامما گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بىرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنىۋېرسىتىتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋېرسىتىتتىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەت ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇپ كېلىش پۇرسىتى بولىدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كۆرۈڭ:
http://www.unicam.it/geologia/teaching/guidaLM74_2010_ing.pdf
http://www.unicam.it/geologia/unicam-lmu/unicam-lmu.htm)
كومپيۇتىر كەسپىدىكى ماگىستىرلىق پروگراممىسى ئۇچۇر ۋە ماتېماتىكا فاكۇلتىتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پروگرامما نامى كومپيۇتېر تېخنىكىسى (Computer Science). بۇ پروگرامما ئىسلاندىيە ۋە شىۋىتسارىيەدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتىت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن بۇ ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىرىگە بېرىپ بىر يىل تۇرسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋېرسىتىتتىن ماگستىرلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كۆرۈڭ:
http://www.cs.unicam.it/home/
http://www.cs.unicam.it/images/guida%20classe%20lm18_eng.pdf)
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكچە:
1. چوقۇم كەسپى دەرسلەردە نەتىجىسى ياخشى بولغان بولۇشى، تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان، ئوقۇش مۇددىئاسى ئېنىق ھەم گىئولوگىيە ياكى كومپۇتېر كەسپىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بار بولغان بولۇشى كېرەك.
2. گىئولوگىيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم گىئولوگىيە، ئىنجىنىرلىقى دىگەن كەسىپلەردە ئوقۇغان ۋەياكى گىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مىنىرالوگىيە، پەترولىگىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن كەسىپتە ئالي مەكتەپ دىپلومى ئالغان بولۇشى كېرەك. ئۇندىن باشقا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە(ئىنورگانىك) قاتارلىق پەنلەردىن پۇختا ئاساسى بار بولۇشى كېرەك.
3. كومپيۇتېر كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، ئۇچۇر تېخنىكىسى دېگەندەك كومپيۇتېر ھەم پروگرامما تۈزۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئوقۇغان بولۇشى، پروگرامما تىللىرىدىن ئاز دېگەندە بىرىگە پۇختا بولۇشى، يۇمشاق دېتال لايىھەلەش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا قاتناشقان تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك. ئۇندىن باشقا ماتېماتىكا، فىزىكا پەنلەردىن بەلگىلىك ئاساسى بولۇشى كېرەك.
4. ئىنگلىز تىلدىن ياخشى ئاساسى بولۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەڭ تۆۋەن دېگەندە ئالي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى (CET-4,6) دىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولۇشى شەرت. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ TOEFL ياكى IELTS نەتىجىلىرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، بىراق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم TOEFL ياكى IELTS نەتىجىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
ئەگەر سىز بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ كامىرىنو ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇپ قالسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پايدىلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز:
1. ئىقتىسادىي جەھەتتىن كامىرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسى جەھەتتىن بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى بىر يىللىق (ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەقسىز ياتاق، تاماقتىن سىرت يەنە 1600 ياۋرو ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سىز بۇ مۇكاپات بىلەن قىينالماي ئوقۇيالايسىز. بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى(Grant for excellent students) دېگەن يەنە بىر مۇكاپات تۈرى بار بولۇپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامىرىنو كىچىك شەھەر بولۇپ، تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا تەتىل مەزگىلىدىمۇ سىزگە كۆپ ئىقتىسادى بىسىم بولمايدۇ.
2. ئىتالىيە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ، مائارىپى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەم تەتقىقات شارائىتى ياخشى. سىز ئىككى يىللىق ماگىستىرلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى تاپالايسىز.
3. ئىتالىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاسان، ئەلچىخانىدا قويۇلىدىغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس ھەم ئاساسى جەھەتتىن ۋىزا ئالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت، بۇ سىزنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ياكى تۇرمۇش پىلانلىرىڭىزغا پايدىلىق شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىلتىماس قىلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار:
ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى(CV)، ئالىي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئىنگلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى، ھەم نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىر پارچە ئىلتىماس خېتى (motivation letter)نى ئىنگلىزچە يېزىپ تۆۋەندىكى ئادرېسىنىڭ خالىغان بىرىگە ئەۋەتسە بولىدۇ:
imin_kasim@yahoo.com
yiming.wubulikasimu@unicam.it
بۇ ئوقۇش 10-ئايدا باشلىنىدىغان بولۇپ ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم 6-ئايدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ بولۇشى كېرەك. بۇ ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق سوئاللار بولسا خەت يازسىڭىز بولىدۇ.
21/04/2011
menbe: http://bbs.bilik.biz/thread-23963-1-1.html
بۇ تور بەتتىكى ئۇچۇرنىمۇ بلوگىڭزدا ئىلان قىلىپ قويسىڭىز.تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرى.
http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=814
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ياخشىمۇسلەر!
مىللىتىمىز ئۇچۇن سىڭدۈرگەن مېھنەتسىز ئەجرىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!…مەنمۇ بىر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلدىغان بىر ئويغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. مېنىڭ ئىزچىل ھالدا ياۋرۇپادا ماگىستىر (ئاسپىرانتلىق) لىقنى ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ھازىر بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپنىڭ 4 -يىللىقىدا سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىقتساد كەسپىدە تۇلۇق كۇرس ئوقۇۋاتىمەن. مۇشۇ 7-ئايدا ئىنشائاللاھ ئوقۇشۇم پۈتىدۇ.
مېنىڭ دەرس نەتىجەممۇ يامان ئەمەس، دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن، ماتېماتىكا ۋە فىزىكىدىمۇ ئاساسىم خېلى ياخشى. ئۆزۈممۇ كومپىيوتېردا يۇمشاق دېتال لايىھەلەش شۇنىڭدەك پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىنتايىن قىزىقىمەن. ئەمما ئالىي مەكتەپتە تۇلۇق كۇرۇسنى ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك دەرىسلەردە ئوقۇدۇم. توردىن بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ خوش بولدۇم ۋە ئويلاپ قالدىم، مەنمۇ ئىلتىماس قىلسام بولارمۇ؟ ئېغىر كۆرمەي ماڭا يول كۆرسىتىپ ياردەم قىلغان بولساڭلار، باشقا زۆرۈر تەلەپلەر بولسا مەن يەنە تەمنلەپ بەرسەم بولىدۇ. ئاللاھ رازى بولسۇن!!!
sabah369@gmail.com :E-mail
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 6th, 2012 at 08:27
@ئابدۇلغەنىي ئەمەت, ئۇچۇرنى تەمىنلگۈچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ. ئۇ بەلكىم بۇ يەرنى ياكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرمەسلىگى مۇمكىن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر