باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار

ئامرىكىدا سورۇندارچىلىق Parties in America

31 مارت 2008 679 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس

ئامرىكىدا يىغىلىش ۋە سورۇندارچىلىق
Parties in America

بىز ئۈرۈمچىدە دوستلار يىغىلىشىنى ئاشخانا، رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزىمىز، چىقىمنى بىر ئادەم كۆتۈرىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدا ئوخشىمايدىكەن. بۇلار چوڭ بىر مۇراسىم بولۇپ كەتمىسە  ئاساسەن سىرتلاردا يىغىلىش قىلمايدىكەن، ئاسەسەن بىر – بىرىنىڭ ئۆيىدە قىلىدىكەن، ساھىپخان كۆپرەك نەرسە تەييارلايدىكەن ، لېكىن باشقىلارمۇ ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ نەرسە – كېرەكلەرنى تەڭ ئېلىپ كېلىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۆي ئىگىسىگە ھەممىنى تاشلاپ قويمايدىكەن. بەزىدە نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ئادەم ئالىدىكەن، يىغىلىش ئاياغلاشقاندا بارلىق چىقىمنى تەڭ بۆلۈشىدىكەن.  بىريىلنىڭ ياقى بىزنىڭ فاكولتىت كەم دىگەندە 6 قېتىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشى قىلدى. بۇلارنىڭ بىرسى شەھەر مەركىزىدىكى بىر زالدا بۇلدى، بىرسى شەھەر ئىچىدىكى بىر باغچىدا بۇلدى، قالغىنى ھەممىسى فاكولتىت كارىدورىدا بۇلدى. بۇ يەردە يىغىلىش قىلغاندە ئادەملەرنى بىر جوزىغا يىغىپ ئولتۇرغۇزمايدىكەن. يىغىلىشنىڭ ھەممىسىدە بارلىق يىمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەرنى بىر يەرگە قويۇپ يىغىپ قويىدىكەن. يەيدىغانلار شۇ يەرگە بېرىپ خالىغاننى يەيدىكەن. خالىغاننى ئىچىدىكەن. بىرەرسى بىلەن قەدەھ كۈتۈرگۇسى بۇلسا ئۈزى ئىككى رومكىغا قويۇپ ئچىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىغا بارىدىكەن. ئادەملەر يەيدىغان نەرسىسىنى ئېلىپ ئۇ ياققا بۇ ياقلارغا مېڭىپ يۈرۈپ  پاراڭلىشپ چىقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ كەلگەن ھەممە ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىدىكەنمىز. پاراڭلاشقۇمىز كەلگەن ئادەم بىلەن پاراڭلىشىدىكەنمىز. ئارلىقتا ياكى باشتا بىرەرسى گەپ قىلىدىغان ئىش بۇلسا مىكنى ئېلىپلا گەپ قىلىۋىرىدىكەن. مىنىڭچە بۇنداق قىلغاندا  تاماقلار ئىسراپ قىلىنمايدىكەن،  كىچىككىنە يەرگىمۇ جىق ئادەم پاتىدىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئەركىن ئازادە كىم بىلەن پاراڭلاشقۇسى بولسا شۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىلى بۇلىدىكەن.   بىزدە رىستۇراندا جۇزىغا بۈلۈنۈپ ئولتۇرىمىز، شۇ جۇزىدىكىلەرلا پاراڭلاشقىلى بۇلىدۇ، قالغانلار بىلەن پاراڭلىشىش، تۇنۇشىش پۈرسىتى ئاز.
ئادەتتىكى دوستلار، تونۇشلار، ساۋاقداشلارئۈز ئارا  يىغىلىش قىلىشقا ئامراقكەن. بۇنى ”party“  دەيدىكەنمىز.  كۈپىنچە بىرەرسى مەن يىغىلىش قىلىمەن، ماۋۇ كۈنى بىزنىڭكىگە كىلىڭلار دەپ ئوختۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ party دىگىنى يىغىلىش قىلىش دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، ھەرگىزمۇ تاماق يىيىش دىگەننى بىلدۈرمەيدىكەن. مەن دەسلەپتە بۇلارنى بىلمىگەچكە پالانچى ئۈيىگە چاقىردى دىسە شۇ يەردە تاماق يەيدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىش ئەمەسكەن. بىرسىنىڭ ئۈيى كىچىككىنە ئىككى ئېغىز بۇلسىمۇ 20 نەچچە ئادەم چاقىرىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ئۈي ئىگىسى ئانچە مۇنچە پارچە پۇرات نەرسىلەرنى، پىۋا، سۇغۇق ئىچىملىك دىگەندەك نەرسىلەرني تەييارلاپ قويىدىكەن. بارغانلارمۇ ياكى ئۈيىدە ئۇنى بۇنى قىلىپ ۋە ياكى بازاردىن بىرەر يىمەكلىك دىگەندەك بىر نىمە ئېلىپلا بارىدىكەن.  بارغاندىن كىيىن ھەممەيلەن ئۈرە تۇرۇپ، ئۇ ياق بۇياققا مېڭىشىپ.  قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ، پاراڭلىشىپ، ئۇنى بۇنى ئويناپ قىلىشىدىكەنمىز. ساپادا ئولتۇرۇپ ئۈي ئىگىسىنى نەچچە خىل تاماق قىلدۇرۇپ يەپ كىلىدىغان ئىشلار ئەمەسكەن. 
ئادەتتكى رەسمى تاماق تولۇق بىرىلىدۇ دەپ فاكولتىتىن چاقىرغان ياكى مەلۇم بىرسى چاقىرغان سورۇندىمۇ ئاددى تاماق بىرىلىدىكەن.  مۇشۇ يەرنىڭ ئۈلچىمىدە ئۈرۈمچىدە 280 كويغا بىر ئۈستەلدە 10 ئادەمگە چىقارغان تاماقنى بۇ يەردە بولكا ياكى گۈرۈچنى جىقراق چىقىرىپ قويۇپ  40 ئادەمگە تارتىشى مۇمكىن. ئادەمنىڭ قورسىقى سەل ئاچ قالسا قالىدىكەنكى تاماقلار ئېشىپ قالمايدىكەن. ئەرزان توختايدىكەن.  بىر قېتىم قوشنام يىغىلىش قىلدى.  ئاخرىدا چىقىمنى ھىساپلاپ 5 دوللاردىن توغرا كەپتۇ دىدى. ئۇنى بەردىم. يەنە ئىككى  قېتىم بىزنىڭ فاكولتىتتىكى بارلىق ئاسپىرانتلار يىغىلىش قىلدى، بۇلار جەمئي 60 تەك ئادەم. 6 دوللاردىن توغرا كەلدى. كالىفورنىيەدىكى ئويغۇرلارمۇ دائىم يىغىلىش قىلىپ تۇرىدۇ، ھەر قېتىمدا 7 دوللار ئەتراپىدا توغرا كىلىدىكەن.  مۇشۇ يەرنىڭ باھا ئۈلچىمىدە 6 دوللارغا  بىر بولكا بىلەن بىر ئىستاكان كولا كىلىدۇ. ياكى ئۈرۇمچى بىلەن سېلىشتۇرساق ئەگەر مۇشۇ يەر بۇلسا بىر قاچا لەغمەننىڭ باھاسى 6-7 دوللار  ئەتراپىدا، گورو لەغمەننىڭ باھاسى 9 دوللار ئەتراپىدا، پولۇ بىلەن بىر پىيالە قېتىق بۇلسا 11 دوللار ئەتراپىدا بۇلىدۇ. دىمەك بۇ يەردە يىغىلىش قىلسا بىر قاچا لەغمەننىڭ باھاسىدا يىغىلىش قىلىدىكەن. ئۈرۈمچىدە نورمال يىغىلىش قىلساق 50 كوي كىتىدۇ.  8 قاچا لەغمەننىڭ پۇلى دىگەن گەپ. 
لېكىن بۇلارنىڭ سورۇنىنى قىززىمايدىكەن. بىزدە 50-60 ياش بالا بىر يەرگە كىلىپ قالسا ئۇنداق سورۇندىن چاڭ چىقىپ كىتىدۇ. ئوسۇل، ناخشا، چاخچاقلار دىگەن سورۇننى كۈتۇرۋىتىدۇ. بۇلار ئىككى ئۈچتىن بىر يەرگە كىلىۋىلىپ  ئالەمنىڭ گىپىنى قىلىشىپ، ئۈز ئارا پو ئېتىشىپ، ئىچەرمەنلەر ئىچىشىپ ، ئانچە مۇنچە قەرىت، ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناپ سورۇننى تۈگىتىدىكەن.  سىرتلاردا يىغلىش قىلغاندا بارغانلار ھەر خىل توپلارنى ئالغاچ بارىدىكەن شۇنى ئوينايدىكەنمىز. ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىمۇ سىنىپنىڭ، يىللىقنىڭ يىغىلىش بۇلاتتى. يىغىلغاندا شۇنچە 50-60 بالا بىر يەرگە كىلىپ نىمە ئىش قىلىشنى ئۇقالمايىتتى، ھەر بىرىڭلار بىردىن نۇمۇر ئورۇنلاڭلار دەپ ۋەزىپە قىلاتتى ياكى كارا ئوكى ئىيتاتتى. ۋە ياكى بەزىبىر سۈز ئويۇنلىرىنى، ئوينايتتى. بۇ يەردىمۇ ئوخشاشكەن. لېكىن بىزدە 50-60 ياش بالىلار بىر يەرگە كىلىپ سورۇن قىلىدىغان ئىش بۇلسا بۇنداق سورۇن بەك قىززىپ كىتىدۇ. ئويۇن چاخچاقلارنى كۈرۈپ كۈلۈپ ئۈچىيىم .ئۈزۈلۈپ كىتەي دەپ قالىدۇ، قانغۇچە ئويناپ كۈلىمىز.  ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىر، چاخچاقچى مىللەت دىگەنلەرنى مۇشۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەمدىلەتىن ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. بۇ گەپلەر بىكارغا چىقماپتىكەن.

3 ئىنكاس بار »

  • Jeck Blog » Blog Archive » Jeck نىڭ ئامرىكىدا سوتقا چىقىشى Jeck Goes to Court in US :

    [...] چىكىملىك ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېرئامرىكىدا سورۇندارچىلىقﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚقازاننىڭ قۇلىقى تۆتجېك دىگەن [...]

  • قۇندۇزە :

    جېك ئاكا بىزگەمانامۇشۇنداق ئامېرىكىنى يېقىندىن چۈشۈنۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن،نېمە دېسەم بولا بىز ئادەتتە ھېس قىلىپ يەتكەن ئامېرىكا بۇلسا پەقەت كىنو،فىلىملەردىكى،تېلىۋىزوردىكى ئەمىلىي تۇرمۇشتىن سەل ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا بۇلسا مانا ئەمدى سىزنىڭ بايانلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئامېرىكىغا بۇلغان چۈشەنچەم بەكلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى،…رەھمەت

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىدىقۇت :

    تېمىنىڭ ئاخىرسى يوققۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..