جېك دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتەيمۇ
جېك دىگەن بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىپ يۈرگىلىمۇ ئالاھىزەل 9 يىل بۇلۇپ قاپتۇ. 98-يىلنىڭ باشلىرى يىڭىدىن تورغا چىقىپ يۈرگەندە كۈرىدىغىنىمىز چەتئەلنىڭ ۋە بىر قىسىم خەنزۇچە تور بەتلىرى ئىدى. ئۇ چاغدا ئىنگىلىسچە ئۈگىنىمەن دەپ چەتئەلنىڭ تور بەتلىرىگە جىق كىرىۋالاتتىم، تىزىملىتىدىغان يەرلەرگىمۇ شۇ ئىنگىلىسچە بىر سۈزلەرنى تاللاپ تىزىملىتىدىغان. خىيالىمغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىپ تىزىملىتىپ كىرىپ كىتەتتىم. لېكىن ھەرخىل ھەر ياڭزا ئىسىملەرنى تىزىملىتىپ يۈرسە ئۇ يەرگە ئىككىنچى بېر قىتىم كەلسە ئۇنتۇپ قېلىپ يەنە تىزىملىتىدىغان گەپكەن. شۇنىڭ بىلەن توردا شۇنداق يەرلەرگە تىزىملىتىدىغانغا بەك ئۈزگەرمەيدىغان ، ئاددى ، ئەستە تۇتۇشقا ئاسان قىلىپ بىر ئىسىمنى نىسبەتەن مۇقىم ئىشلەتسەم بۇلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ بۇرۇن ئىسمگە كەلگىنى جەك دىگەن ئىسىم بۇلدى، بۇ ئىسىم كىنولاردا تولا چىقىدۇ. ھەم بۇ ئىسىم بىلەن چەتئەلنىڭ تور بەتلىرىگە كىرسە سىزنىڭ باشقا يەردىن كەلگەنلىكىڭىز چانمايدۇ. نورمال پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. يەنە بىرسى شۇ ۋاقىتتا تىتانىك دىگەن كىنو ئەڭ قىززىق قۇيۇلۇۋاتقان بۇلۇپ شۇ كنودىكى باش قەھرىمان جەك بىلەن رۇس ئىككىسى بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ قىززىقچىلىقتا مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلىتەي دەپ ئويلاپ قالدىم. لېكىن نۇرغۇنلىغان تور بەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئىسىم تىزىملىتىپ بۇلغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن Jack دىگەننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ Jeck دەپ يازسام ھەممە يەرگە تىزىملاتقىلى بۇلدى. بۇمۇ ياخشى بۇلدى دەپ ئويلىدىم. چۇنكى Jack دىگەننى ئۇيغۇرچىدە جېك دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. ھەم نۇرغۇنلىغان تىزىملاتقانلار ئەسلى يېزىلىشى بۇيىچە تىزىملاتقاچقا مىنىڭ خاسلىغىممۇ چىقىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ نەرگە بارسام مۇشۇ ئىسم بىلەن يۈردۈم. مەكتەپنىڭ BBS, ياخۇنىڭ چايخانىلىرى دىگەن ھەممە يەرگە مۇشۇ ئىسم بىلەن تىزىملاتتىم. كىيىن چ چ چىقتى، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق تىزىملاتتىم. ئادەمدە قانداق مەقسەت بۇلسا شۇنىڭ ئۈچۈن يول تاللايدۇ. ئۇ چاغدىكى تورغا چىقىشتىكى مەقسىتىم ئۇچۇر ئىگەللەش ۋە چەتئەللىك بىلەن پاراڭلىشىش ئىدى. توردا ھىچقانداق ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر تور بەتلىرى تۇنۇمايتتىم. شۇڭا ئۇيغۇرچە ئىسم قويۇشنىمۇ ئويلاشماپتىكەنمەن. شۇ ماڭغانچە بىكار ۋاقىتلاردا توردا يۈرۈپ بىرمۇنچە چەتئەللىك بىلەن تۇنۇشۇۋالدىم. مەخسۇس توردا ئىشلىتىدىغان ئىنگىلىسچە گەپلەرگە ئۇستا بۇلۇپ كەتتىم، چەتئەلنىڭ چايخانىلىرىغا كىرىپ ئۈزەمنى ئامرىكىدا دەپ قويۇپ پاراڭلىشاتتىم، چاندۇرمايمەن دەپ ئامرىكىغا ئائىت مەخسۇس كىتاپلارنى تېپىپ ئۇقاتتىم، شۇ ۋاقىتتىلا ئامرىكىنىڭ شىتاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى، مۇھىم شەھەرلىرىنى ، ۋاقىت رايونلىرىنى، مەكتەپلىرىنىڭ قايسى يەرگە جايلاشقانلىغى، قەيەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى قانداق ئىكەنلىگى، ھەتتا ئۈزەم مۇنداق يەردە دەپ تولا دەيدىغان ئىككى ئۈچ شەھەرنىڭ مۇھىم كوچا ئىسملىرى،ئۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ پاراڭ قىلىشقاندا نىمە توغرىلىق كۈپ پاراڭ قىلىشىدىغانلىغى، چوڭ كۈڭۈل ئىچىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسملىرى، قانداق ئالاھىدىلىگى بارلىغىچە، قانداق پۇ ئېتىشقىچە بىلەتتىم( ھازىر ماڭا ئامرىكىغا بېرىپ ئوقۇسام بۇلاتتى دەپ تولا خەتلەر كىلىدۇ. لېكىن ئەڭ ئاددىسى سىئاتىلنىڭ قەيەردىلىگىنى بىلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئۈزىنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاددى ساۋاتلارنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇنداق خەتلەرنى كۈرسەم ئامرىكىغا بارىمەن دىگۇچە ئىشەك باقساڭ بۇلمامدۇ دىگۇم كىلىدۇ. ئادەم ئۈزى قىززىقىدىغان تىرىشىۋاتقان ئىش دىگەنگە ئىچكىرلەپ كىرىپ ئىلمى تەلىمىنى ئاۋال چۈشەنگۇلۈك) . شۇ ۋاقىتتا تۇنۇشۇۋالغان بىر ئامرىكىلىق ئۈتكەن يىلى مەن ئامرىكىغا كىلىشتە بىر ئىقتىسادى جەھەتتە كاپالەت بىرىدىغان ئادەم تاپالماي يۈرگەندە «بۇرۇنراق ماڭا دىمەمسەن ۋاي clumsy دەپ قۇيۇپ 5 مەكتەپكە ئىقتىسادى كاپالەت ھۈججىتىگە ئىمزا قويۇپ ، بانكىغا پۇل تۈلەپ ئىسپات ئېلىپ ئۇنى قېتىپ مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ بەردى. يەنە باشقا مۇسۇلمان بىرسى 2005-يىلى مەن شىندادا ئىشلەۋاتقاندا ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۈلۈپ كەتكىنىگە نەزىرە ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلدىن 500 دوللار ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئۈچۈن خەيىر ساخاۋەت قىلىپ قويۇشۇمنى سورىدى، مەن ئۇنىڭ 400 دولللىرىنى بىر نامرات ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۈلىدىم، قالغان پۇلىنى بىر مەسچىتكە ساخاۋەت قىلدىم. ھەر ئىككىلىسى بىلەن تا ھازىرغىچە كۈرۈشۈپ باقمىدىم. ئىش قىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا يۈرۈپلا خېلى ئۇبدان دوستلاردىنمۇ تۇتۇۋاپتىكەنمەن…
شۇنداق قىلىپ بىرەر يىل بۇ ئىسمنى ئىشلىتىپ يۈرۈپ بۇنىڭغا ئانچە مۇنچە ئۈزلىشىپ قالدىم. چۇنكى خەق ئاسانلا ئىسىدە تۇتۇۋالالايدىكەن. كىيىن خەنزۇچە بەتلەرگىمۇ مۇشۇ ئىسىم بىلەن كىردىم. ھەم BBS لاردا ئۇنى بۇنى يېزىپ قويىدىغان بۇلدۇم. كىيىن 99-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى تەكلىماكان تور بېتى قۇرۇلۇپ توردىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە يىغىلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە ئۇ يەرگە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىسىملەر بىلەن كىرىپ يۈردۈم. لېكىن بۇنداق ئىسىمنى ئىشلىتىدىغانلار كۈپ بۇلغاچقا خەق ئاسانلا ئارلاشتۇرۋالغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن جېك دىگەن ئىسىم بىلەن كىرىۋەردىم. يەنە بىر يىرى مۇشۇ ئىسم بىلەن كىرسەم ئىنگىلىس تىلى ئۈگەنگەنلەر سىزگە دەرھال گەپ قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىسىم ئۇ يەرگىمۇ ئۈزلىشىپ قالدى، جىق ئىنگىلىس تىلى ھەۋەسكارلىرى بىلەن تۇنۇشتۇق. دوس بۇلدۇق. ماكانىم قۇرۇلۇپ تاكى تاقىلىپ كەتكىچە شۇ يەردە مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىپتىمەن. بەك جىق ئادەم بىلەن تۇنۇشۇپتىمەن. توردا جاھان كىزىپ يۈرگەنلەر بىلىدۇ. توردا قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى يادىڭىزدا قالمايدۇ ياكى تەستە قالىدۇ. لېكىن تور ئىسمى بەك ئىسڭىزدە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئەسلى ئىسمىم ئاساسەن ھىچكىمنىڭ ئىسىدە قالمىدى ياكى ئىسىدە قالسىمۇ بىرىنچى بۇلۇپ ئىسىگە كىلىدىغىنى جېك دىگەن ئىسىم بۇلۇپ قالدى. شۇ ۋاقىتلاردا تورغا چىقىپ باققان ئادەمنىڭ ھەممىسى ماكانىمغا بىر كىرىپ بىرمەزگىل قىززىپ باقاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ يەردە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ بەك جىق ئادەم بىلەن تۇنۇشۇپتىمەن. تۇنۇشقاندىمۇ ئىنگىلىس تىلىغا قىززىقىدىغانلار ياكى چەتئەلدىكى بىر قىسىملار بىلەن بەك يىقىن تۇنۇشتۇق. تۇنۇشلار ئامرىكىدىن تارتىپ ياۋرۇپاغىچە ھەممە يەردىن بۇلدى. تۇنۇشقانلارمۇ ئاساسەن ياشلار بۇلغاچقا ئۇلارمۇ ئىسمىم توغرىلىق بەك پىكىرلەردە بۇلۇپ باقمىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام ئاز بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمدىن باشقا مىنىڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋىتىمدىكى 80%دىن ئارتۇق يىقىن تۇنۇش، دوس بۇرادەرلىرىم بىلەن مۇشۇ ئىسىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ توردا تۇنۇشقانمەن. مەن 2001-يىلدىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ باقمىغان، ئۇ يەردە ئاساسەن تۇنۇشلىرىم يۇق ئىدى، 2005-يىلدىن بۇرۇن چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان. لېكىن 2000-يىللىرى ئەتراپىدىلا تۇنۇش دوستلىرىم ھەممە يەردە بار ئىدى. ئۈرۈمچىنىڭ جىق يەرلىرىدە ھەرخىل سالاھىيەتتىكى تونۇشلىرىممۇ جىق ئىدى. توردا بىر مەزگىل قىززىغاندىن كىيىن جىق ئادەم چىكىندى، ماكانىممۇ كىيىن تاقالدى، شۇنىڭ بىلەن جىق دۇستلار بىلەن تۇيۇقسىزلا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانمۇ بۇلدى. مەن بۇ ئىسىمنى ئۈزگەرتمەي ئىشلىتىۋەرگەننىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇ بولدىكى كىيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يىقىن تۇنۇشلىرىم مۇشۇ ئىسىمنى بىر يەردە كۈرسىلا ئۈزى مىنى ئىزدىدى، بىر يەرلەردە تۇنۇشلىرى جېك دىگەن ئىسىمنى چىقىرىپ قالسا مىنى سوراپ يۈرۈپ ئىزدەپ كەلدى. شۇ ۋاقىتلاردا تۇنۇشۇپ قالغان چەتئەلدىكى دوستلارمۇ ئۈرۈمچىگە كەلسە مىنى بىر يوقلىماي كەتمەيتتى. ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۇنۇشقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىسمىمنى نەچچە قېتىم دەپ بەرگەندىمەن، لېكىن توردا تونۇشقا بۇلغاچقا ئۈز ئىسمىمنى پەقەت ئىسىدە تۇتالمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ كۈپ تۇنۇشلار جېك دەپلا چاقىرىدىغان بۇلدى، مەنمۇ ھە دەيدىغان بولدۇم. ئاخىرى بارا بارا ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىمدىن باشقا يىقىنلىرىم ھەممىسىلا جېك دەيدىغان بۇلدى. ئۈرۈمچىدىمۇ تېلفۇن كەلسە ئاساسەن «جېكما» دەپلا كىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى.
خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بىر مەزگىل يەنە بۇرۇنقى قىزغىنلىق بۇيىچە تورغا چىقىپ يۈردۇق. بىرەر يىلدىن كىيىن ئاستا ئاستا ئاز قالدى. بولۇپمۇ ماكانىم تاقالغاندىن كىيىن مەن باشقا ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە كىرمىدىم، ئۇ چاغلاردا بۇرۇنقى قىززىقچىلىقلارنى قويۇپ مۇھىم خەنزۇچە مۇنبەرلەرگە كىرىپ چوڭقۇرراق ئىجىتمائى تىمىلاردا يازما يېزىپ ياكى مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ قويۈپ يۈردۇم. پاراڭلىشىشلار ئاساسەن چ چ دا بۇلدى. تاكى ئامرىكىغا كەلگۇچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە كىرىپ يازما يېزىپ باقمىدىم. لېكىن ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ۋەتەننى، دوس بۇرادەرلەرنى سېغىنىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە كىرىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھەم بۇرۇنقى كىسەل يەنە قۇزغىلىپ ئانچە مۇنچە يازما يېزىپ قويىدىغان بۇلدىم. جېك دىگەن ئىسم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە قايتا پەيدا بۇلغاندىن كىيىن 2001-يىللىرى يوقىتىپ قويغان خېلى كۈپ ساندىكى دوستلىرىم يەنە شۇ ئىسىمنى كۈرۈپلا مىنى ئەسلەپ دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇھىم بىرقىسىم تونۇشلىرىم بىلەن قايتا ئالاقە ئورنىتىۋالدىم. دىمەك بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىسىمنىڭ رول چوڭ بۇلدى. ھەم مەنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا توردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ ئىسىمنى ئىشلەتتىم. دەسلەپتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە كىرگەندە ھازىرقىدەك تەسىرى بۇلار دەپ ئويلىمىغان. بۇنداق خىيال بۇلغان بۇلسا شۇ ۋاقىتتىلا ئۈزگەرتىۋالاتتىمكەن.
ئەمدى ھازىرقى مەسىلە، توردىكى يازمىلىرىمنى مىنى تۇنۇيدىغان ئادەملەردىن تۇنۇمايدىغان ئادەملەر جىق كۈردى ھەم كۈرۈۋاتىدۇ. بۇرۇن بىلگەنلەر كۈنۈپ كەتكەن بۇلغاچقا غەلىتىلىك ھىس قىلمىغان بىلەن يىڭى كۈرگەنلەر غەلىتىلىك ھىس قىلىپ جىق ئويلاپ قىلىۋاتىدۇ. « پىكرىغۇ بەك ياخشىكەن، لېكىن قانداق ئىسم بۇ، ئامرىكىلىققا بەك چۇقۇنىغان غەرىپچى بىرسى ئوخشىمامدۇ، كاپىر ئوخشىمامدۇ، ئۈزىنىڭ مىللىتىدىن نۇمۇس قىلىدىغان ئوخشىمامدۇ؛ ئامرىكىغا بېرىۋىلىپ ئۈزىگە ئامرىكىچە ئىسىم قۇيۇۋاپتۇ » دەپ، ئامرىكىدا ھەممە ئادەم ئۇنى جېك دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇيلاپ باشقا يەرلەرگە ئەپكەتكىلى تۇردى.ئەمەلىيەتتە ئامرىكىدىكى تۇرمۇشۇمدا چەتئەللىكلەر ھەممەيلەن ئۈز ئىسمىمنى ئاتايدۇ، جېك دىگەن ئىسمىمنى بىلمەيدۇ. مەنغۇ بۇنداق ئىشلارغا كۈنۈك. « مەن سىياسەتچى ياكى سىياسىيون بۇلاي دەپ ئويلىمغاچقا، ھەممە ئادەم مىنى قوللىشى، مىنىڭ يازما، پىكىرلىرىمنى ياخشى كۈرۈشى كىرەك دەپ ئويلايدىغان غېمىم يوق. خەق تىللىسا ئۈيىدە ئولتۇرۇپ تىللايدۇ، مىنىڭ مائاشىمنى بەرمىگەندىكىن، ئۈزەم توغرا دەپ قارىسام، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىسەم بىرقىسىم ئادەملەر ياخشى كۈرسىلا بۇلۇۋىرىدۇ» دەپ تا ھازىرغىچە بارلىق ئىشلىرىمنى شۇ بويىچە قىلىپ كەلگەنمەن. مىنىڭچە ئىسىمدىن يازمىدىكى پىكىر مۇھىم. شۇڭا بەزى يەرلەردە چۈشەندۈرۈش بىرىپ قويۇپ، جىق يەرلەردە كارىم بۇلماي ئىشىمنى قىلىۋەردىم. لېكىن بىرەر يىللاردىن بۇيان توردىكى ئىسمىمنى ئۈزگەرتىش كىرەكمۇ قانداق دىگەن سۇئال مىنى ئويلاندۇرۇپ تۇرۋاتىدۇ.
ئۈزەمنىڭ ھىسياتىم جەھەتتىن ئالسام، مەيلى بۇ ئىسىم قانداق ئىسىم بۇلسۇن 9 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كىلىپ ماڭا ئۈزلىشىپ قاپتۇ. ئەسلى ھازىرقىدەك بۇلۇشىنى بىلگەن بۇلسام بۇرۇنلا ئېغىزگە بىر كەلگۇدەك ئولۇغ ئىسىملاردىن قۇيۇۋالاتتىمكەن. باشقىلار بۇنداق ئىسمنى ئاساسەن ئىشلەتمىگەچكە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بۇ ئىسم ماڭىلا خاس ئىسم بۇلۇپ قالىدىكەن. بىر يىقىن دوستۇمدىن مەسلەھەت ئالسام « سىنىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىللاردىكى توردىكى پائالىيەتلىرىڭنىڭ نەتىجىسىدە بىلىپ بىلمەي بۇ ئىسىممۇ بىر يامان ئەمەس ماركا بۇلۇپ قالدى. جىق ئادەملەر بۇ ماركا چاپلانغان يازمىلارنى ئوقۇشقا ئامراق. توردا بىر ئىسىمنى مۇشۇنچىلىك قىلىپ چىقىشمۇ تەس ئىش. ئۈزەڭنىڭ ئىسمىنى ئىشلەتسەڭ ھىچكىم تۇنۇمايدۇ. قايتىدىن بىر ئىسىم ئىشلىتىپ باشتىن باشلىساڭ جىق قۇربانلىق بەرگەن بۇلىسەن. ئۈزگەرتكەندىن مۇھىم بۇلغان يەردە چۈشەندۈرۈش بىرىپ قويوپ يۈرۈۋەرسەڭ بۇلدى» دەپ مەسلەھەت بەردى. قاراپ باقسام ئۇنىڭ دىگىنىمۇ توغرا. مەنغۇ توردا ئىسمىمنىڭ نامىنى چىقىرىمەن دىگەن مەخسەت بىلەن بىر ئىش قىلىپ باقمىغان ياكى ۋە بۇندىن كىيىنمۇ قىلمايمەن. ئۇنداق نىيىتىم بۇلسا بۇرۇنلا ئۈز ئىسمىمنى ئىشلىتىپ ئۈز ئىسمىم بىلەن توردا پائالىيەت قىلاتتىم. لېكىن ياخشى بۇلسۇن يامان بۇلسۇن، ياخشى كۈرۈدىغانلار بۇلسۇن ، يامان كۈرۈدىغانلار بۇلسۇن جېك دىگەن بۇ ئىسىم ئاز تولا باشقىلارنىڭ دىققەت ئىتىۋارىنى قوزغايدىغان بۇلۇپ قالدى. شۇنداق ئەھۋالدا بىر ياخشى ئىسىمنى تاشلىۋەتكەننىڭمۇ نىمە پايدىسى دەپ ئويلايمەن. باشقىلار توردا شۇنداق ئىسىم قوللىنىدىغان بىرسىكەن دەپلا ئۈتۈپ كەتسە ياخشى ئىدى.
يەنە ئەقلى جەھەتتىن ئويلىغاندا ئۇيغۇرچە ئىسىم ئىشلەتسەم ئۈزەمگىمۇ ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىسىمنى بۇرۇن ياشلارلا بىلىدۇ، چوڭلار بىلىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن تاپشۇرۇپ ئالغان پىكىرلەرگە قارىغاندا چوڭلارمۇ، ئوقۇمۇشلىق زىيالىلىرىمىزمۇ، جامائەت ئەرباپلىرىمىزمۇ دىققەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ دىققەت ئىتىۋارىغا ئىرىشىش مەن ئۈچۈن خوشاللىنارلىق ئىش. بۇ ئىسىم ئەلۋەتتە چوڭلارغا ياقمايدىغىنى ئىنىق. شۇنداقلا ئۇلارغا ئۈزەمنى جېك دەپ تۇنۇشتۇرۇشقا ا ئۈزەممۇ خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەنمەن. ھازىرغۇ ئۈتۈپ كىتەر، مۇشۇ بويىچە ماڭسام ھەممە ئادەم جېك دەپ كىيىن مەن قېرىپ 50-60 ياشقا كىرگەندىمۇ خەق جېك دەپ يۈرسە قاملاشمىغانلا بىر ئىش. شۇڭا ئىسىمنى ئۈزگەرتىش كىرەكمۇ يوق.
شۇنداق خىياللار بىلەن ئۈزگەرتەي دىسەم كۈڭلۈم ئۇنىمايدۇ، ئۈزگەرتمەي دىسەم تېخى.توردىكى بىر ئىسمغىمۇ ئادەم تارتىشىپ قالىدىكەن دىسە. شۇڭا يىقىن تورداشلىرىم مەسلەھىتىنى بىرىپ باقسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.
ئۇندىن كىيىن مىنىڭ ئۇبرازىمغا ماس كىلىدىغان ئىسىملار بۇلسا تەۋسىيە قىلساڭلار. قەدىمقى ئىسىملەرنى ياخشى كۈرۈپ كەتمەيمەن. ئۇزۇن ئىسىملەرنىمۇ ياخشى كۈرۈپ كەتمەيمەن. توردا ئىشلىتىش ئاساس قىلىنسۇن. فامىلە قىلىشقا ماس كەلسە كىينچە فامىلە قىلىپمۇ ئىشلىتىۋالىمەن، كەلمىسە مەيلى، بۇ ئالدىنقى شەرت ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى توردا ئىشلتىشكە ماس كەلسۇن، ئەستە تۇتۇۋېلىشقا، چاقىرىشقا ئاسان بۇلسۇن. بىر بۇغۇملۇق. ئىككى بۇغۇملۇق سۈزلەر بۇلسا ياخشى. مەنىسى چوڭقۇر، ئولۇغ ئىسىملەر بۇلمىسۇن، ھۈددىسىدىن چىقالمايمەن. جېك دىگەن ئىسىم قانداق تەسىر بەرسە شۇ ئىسىممۇ شۇنداق تەسىر بىرىدىغان بۇلسۇن.
مەن گاداي دەپ ئويلىغانتىم. بۇ گەپنى خوتەندە كۈپ ئىشلىتىدۇ. لېكىن مىنى بەك بىچارە كۈرسىتىپ قويىدىكەن.
بولسا ئۆزگەرتىڭ، ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە بولسۇن.
جۈمە ، جەرۇللا، جاپپار…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام،
Jeck ئاكا، سالامەتمۇسىز؟ بۈگۈن تاساددىبى بۇ تېمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم، ئەسلىدىغۇ تور ئىسمى بولغاندىكىن ئۆزگەرتىشنڭمۇ بەك ھاجىتى يوقتى. شۇنداق بولسىمۇ كاللامغا بىرئسىم( سۆز)كەپقالدى،ئىشلىتىپ قالسىقىز ئەجەپ ئەمەس.ھى…ھى..ھى. يەنى،«جېق»دىگەن سۆز.بۇ سىزنىڭ Jeck دىگەن قەدىناس تور ئسمىڭىزغا بەك يېقىن كېلىدىكەن، ھەم بۇ يېڭى ئىسىممۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرتىلىغا خاس(ئىسىم) سۆزدۇر. بىلىشىمچە تۈركلەر«cok» دەيدۇ.(مەسىلەن:cok tesekkur كۆپ رەھمەت ). « جېق»— كۆپ، تولا،مول…دىگنگە ئوخشاش مەنىلەرنى ئپادىلەيدۇ(ئالايلۇق:پۇلى جېق، ھېسياتقا مول،بىلىمى كۆپ، ئىلمى مول…ۋە ھاكازالار). ئەگەر كېيىنچە سىزنى «جېق» دەۋەرسەك راستلا بۇنەرسىلەرنى ھەممەسىگە مول….(rich, many,a lot)…بولۇپ كېتەمسىز تېخى…ھاھا!
چاخچاق ئەمەس جۇما، راستلا بەك ياراشقىدەك سىزگە، ئويلىنىپ كۆرۈڭ ماقۇما؟؟؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۈنۈگۈن ئاۋۇ ئىنكاسنى يېزىپ قويۇپ، ئۆزۈمچە ئاقساقاللىق قىلىپ قويغىنىمنى ھېس قىلىپ بەكمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم، سىزگە ھۆرمىتىم چوڭقۇر!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت، پىكرىڭىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلسۇن.
قىيان، مىراس، تۇپراق دېگەندەك ئىسىملارنى تەۋسىيە قىلىمەن. (ياقتۇرمىسىڭىز مەسخىرە قىلمىغايسىز)
ئۈستىدە بىر قېرىندىشىمىز دېگەن «نۇر» دېگەن ئىسىممۇ بولىدىكەن.
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىز بىلەن ئەسرالاشقىنىڭىزدىن مەمنۇن بىز!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن سىزگە مۇنۇ ئىسىمنى ھەدىيە قىلاي
بۇ ھەم ئاددى ھەم قولايلىق ھەم مەنىلىك
جېك ئۇيغۇر دەيلى سىزنى
شۇنداق بولغاندا، ئىلگىركى ئىسمىڭىز ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. تورداشلىرىمىز جېك دېگەن ئامېرىكىدىكى تۇققانلىرىمىز ياكى بىزنىڭ گېپىمىزنى قىلىدىغان بىرسى ئوخشايدۇ دەپ قالمايدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] ئامرىكىلىقلار قانداقكەن ئامرىكىدا ھاراق-تاماكائامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلارئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېرئامرىكىدا سورۇندارچىلىقﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚقازاننىڭ قۇلىقى تۆتجېك دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتەيمۇ [...]
سىلە ئەڭ ياخشىسى سان ئىشلەتسەڭلەر بولغۇدەك 888888 دىگەندەك
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جەك بۇرادىرىم،جەكلا بولۇۋېرىڭ بولدى ھە،،،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مېنىڭچە ئالدى كەينىگە مۇۋاپىق سۆز قوشۇپ ئىشلەتسىڭىزمىكىن دەيمەن .
مەسىلەن :"مەھمۇد قەشقەرى"،"يۈسۈپ خاس ھاجىپ "دىگەندەك.
مۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن تورداشلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن ھەيران قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى،يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىزنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.
بۇ بىر مەسلىھەت خالاس .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مېنىڭچە ئالدى كەينىگە مۇۋاپىق سۆز قوشۇپ ئىشلەتسىڭىزمىكىن دەيمەن .
مەسىلەن :"مەھمۇد قەشقەرى"،"يۈسۈپ خاس ھاجىپ "دىگەندەك.
مۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن تورداشلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن ھەيران قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى،يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىزنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولامدىكىن دەپ قارايمەن.
بۇ بىر مەسلىھەت خالاس .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنچە بولغاندا كەينىگە ياكى ئالدىغا ئەسكەرتىش ئىشلەتسىڭىزمىكىن دەيمەن.
يەنى "مەھمۇد قەشقەرى"،"يۈسۈپ خاس ھاجىپ" دېگەندەك .ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ھەم باشقىلار كۆرۈپلا سىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلەيدىغان دەيمەن . بۇئىسىمنى بىراقلا باشقىغا ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز…… بەلكىم ئۆزىڭىزمۇ خالىمايسىز.
بۇ بىر مەسلىھەت خالاس .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز،يازغان نەرسىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن قىزىقارلىق بىلىندى،ئادەمنى خېلى يىنىك قىلىپ قويىدىكەن. :)))
ئىسمىڭىزگە كەلسەك مەنچىمۇ ئۆزگەرتمەڭ ،ئەگەر ئۆزگەرتسىكىڭىز بولسا "نۇر"دىسىڭىز بولامدۇ.ماندا shiningقىلىپ تۇرۇڭ دىمەكچىتىم،p: مەن مەنىسىنى خېلى جىق يەرلەرگە باغلىيالىدىم،ھەم زامانىۋى ھەم قەدىمى مەنچە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جك ئەپەندې چ چ نۇمرڭزنې سورسام بولامدۇ ىالسڭز پاراڭلاشساق
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جك ئەپەندې ېسمڭزنې ئۇزگەرتمەن دەپ ئاۋارە بولمغايسز بر ئادەم خەنزۇچە ئۇگەنسە ئۇ خەنزۇ مللتې بولۇش ئۇچۇن ئەمەس بەلكې مللتې ۇچۇن برر ېش قلش (لكن مەن خەنزۇچنې پەقەت ئۇزلەشتۇرەلمدم ) بر ئادەمنڭ ېش قلشنې شەكلگە ئەمەس نيتگە قاراش لازم دەپ ئويلايمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇ سىز جىك ….سىز گە بۇ ئىسىم بەكلا ماس كەپتۇ….ھەم سىز گە قەدىناس بولۇپ قاپتۇ….مىنىڭ ئۇمۇد قىلدىغىنىم بۇ ئىسىمنى ئوزگەرتمى سىڭىز…..بۇمىنىڭ سىزگە بەرگەن تەكلىپىم ئويلىشىپ بىقىڭشىڭىز نى ئۇمۇد قىلىمەن….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇ سىز جىك ….سىز گە بۇ ئىسىم بەكلا ماس كەپتۇ….ھەم سىز گە قەدىناس بولۇپ قاپتۇ….مىنىڭ ئۇمۇد قىلدىغىنىم بۇ ئىسىمنى ئوزگەرتمى سىڭىز…..بۇمىنىڭ سىزگە بەرگەن تەكلىپىم ئويلىشىپ بىقىڭشىڭىز نى ئۇمۇد قىلىمەن….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مىنىڭچىمۇ مۇشۇ ئىسمىڭىزنى قوللىنىۋەرسىڭىز بولامدىكىن مۇئەللىم، تور دىگەن مەۋھۇم دۇنيا ،بۇ يەردىمۇ ئەركىن بولالمىسا ، ئۆزى ياخشى كۆرگەننى قىلالمىسا قانداق بولغىنى؟!مىللى غۇرۇر ۋە تۇيغۇڭىزنى ،شۇنداقلا بۇرچىڭىزنى ئىسىڭىزدە مەھكەم ساقلاپ، ئۆز نىشانىڭىز ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ ئۇتۇق قازانسىڭىزلا شۇنىڭدىن كاتتا ئىش يوق. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنچە بۇ ئىسىمنى قوللىنىۋىرىڭ ،مەنمۇ مۇشۇ ئىشەنچ دىگەن ئىسمنى ھەممە يەردە قولىنىمەن ،مەنمۇ كۈنۈپ قالغان مىنىمۇ جىق دوسلۇرۇم ئىسمىمنى بىلمىسىمۇ توردىكى ئىسمىمنى يەنى ئىشەنچ دىگەن ئىسىمنى بىلىدۇ ،مەنچە سىزمۇ كۈنۈپ قاپسىز بۇ ئىسىمغا ،قاچان ياخشىراق ئىسىم چىققىچە شۇ ئىسىمنى قوللىنىڭ ……كىيىنچە بىر كۈنلەردە باشقىچە ياخشىراق ئىسىملار ئۇچراپ قالار،مەن كىيىنچى ياخشىراق ئىسىم ئويلىسام چۇقۇم سىزنى خەۋەردار قىلىمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel