باشبەت » پارچە-پۇرات گەپلەر

دوختۇرغا ئۆچ بولدۇم

1 ئۆكتەبىر 2006 628 قېتىم كۆرۈلدى بىر پارچە ئىنكاس
3-ئاي ۋاقىتلار، تازا ئوقۇشنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا كەچتە مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپ تاماق قىلاي دەپ سەي توغراۋىتىپ قولۇمنى شىرتتىدە كىسىۋالدىم. بىردەم قان چىقىپلا توختاپ قالدى، مەنمۇ كارىم بۇلمايلا ئىشىمنى قىلىۋەردىم ۋە بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتتىم. لېكىن 2-3 كۈن ئۈتكەندىن كىيىن بۇ يەر قىزىرىپ چىقىپ يىرىڭداپ قالدى. مەنغۇ ئۈزى ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ يۈرۈۋەرمەكچى ئىدىم. بىللە تۇرۇدىغان ھەمراھىم بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالدى. ھەم سىنىپتا بالىلارنىڭ دەرسىگە يىتەكچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ قشىدا بىر خىل ئەپسىز ھىس قىلىپ قالدىم. ئۈزەم يىڭنىدەك بىر نەرسىدە تىشىپ يىرىڭنى چىقىرۋىتەي دىسەم ھەمراھىم «يەنە بۇلمايدۇ، دوختۇرغا بارايلى، شۇلار قىلسۇن» دەپ بىللە دوختۇرغا باردۇق. دوختۇر دەسلەپتە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق بىر نىمىلەرنى سوراپ بىر مۇنچە جەدۋەل تۇشقۇزغىلى سالدى. ئاخىرى بىر ئۈيگە ئەكىرىپ ئۇنى بۇنى سوراپ بولغاندىن كىينن «سەن ئەڭ ياخشىسى بىرتال ۋاكسىنا سال، بۇنى سالساڭ يەنە 7 يىلغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دەيدۇ. بۇلىدۇ دەپ ئۇنى سالغۇزدۇم. ئۇنى سېلىپ بۇلغاندىن كىيىن بۇلدى «ئىش تۈگىدى» دەيدۇ. «بۇ يەرنى بىر نىمە قىلمىدىغۇ، بۇ شۇنداق تۇرامدۇ» دىسەم ئۇنىڭغا تەگسەك بۇلمايدۇ، ئۈزى ساقىيىپ قالىدۇ دەپ تۇرۋالدى. ياق بىر نىمە قىل دىسەم ئەمىسە تېڭىپ قوياي دەپ بىر تال سويۇقلىقنى سۈركەپ «چۇاڭكېتيې» دىن بىرنى ئەكىلىپ تېڭىپ قۇيۇۋاتىدۇ.(ئەسلى ئۇنداق قىلىشنى مەنمۇ بىلەتتىم). بۇ قانداق بۇلغىنى دىسەم ئەمىسە دورا بىرەي دەپ يەنە يەيدىغان دورا بەردى. يېنىپ كىلىپ دورىسىنى تاپىلىغان پېتىچە ئىچتىم. لېكىن 3 كۈن ئۈتكەندىن كىينن ئۇ كىسىلگەن يەر ياخشىلانماقتا يوق بارغانسىرى ئەدەپ ئاغرىپ قۇلۇمنى مىدىرلىتالمايدىغان بۇلۇپ قالدى. يىرىڭداپ ئاقىرىپ كەتتى. يەنە شۇ دوختۇرغا تېلفۇن قىلىپ سورىسام «ھىچقىسى يوق، ئازراق ئاغىرىيدۇ، چىداپ بەر» دەيدۇ. ھە ماقۇل دەپ بىر كۈن چىدىدىم، ئەتىسى ئەتىگەندە قوپسام ئۇ يەر سېسىغىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىغىمدا مەكتەپكە بېرىپ تەجرىبىخانىغا كىرىپ جىددى قۇتقۇزۇش سايمانلىرى دىگەن يەرگە قارىسام ھەممە نەرسە باركەن. شۇ يەردىن بىر تال نەرسى تېپىپ يىرىڭنى تىشىپ سېقىپ بارلىق يىرىڭنى چىقىرۋىتىپ ئىسپىرتتا پاكىزلاپ داكىدا تاڭدىم. ھەم ئەتىسىمۇ ئەتىگەندە ، كەچتە مەكتەپتىن قايتا ئىسپىرتتا يۇيۇپ داكىنى ئالماشتۇردۇم. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە قارىسام پۈتۈنلەي ساقىيىپتۇ. ئەسلى شۇنچىلىكلا ئىشكەندۇق. ئەتىسى ھىساۋاتىمغا قارىسام 30 دوللار يېزىپ قويۇپتۇ. ئاچچىقىمدا ھە دەپ قۇيۇپ 2 ئايدىن كىيىن تۈلىدىم.
7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇيۇقسىز چىشىم ئاغرىپ كەتتى. ئۈنىڭ ئالدىدا كالىفورنىيەدىكى ۋاختىمدا بىرقېتىم ئاغرىغان. لېكىن ئۇنداق قاتتىق ئاغرىمىغان. چىش .ئاغرىقى جان ئاغرىقى دەپتىكەن كونىلار. راستلا شۇنداقكەن. ئىسىمگە كەلگەن ھەممىنى قىلىپ باقتىم. ئامال بۇلمىدى، كىچە سائەت بىر بۇلغاندا ئاللا تۇۋام چىقىپ كەتتى. ئاخىرى بۇلماي يەنە بىللە تۇرىدىغان ئاداش بىلەن دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇر يەنە بۇرۇنقىدەك يېرىم سائەت بىرمۇنچە نەرسە سۇراپ جەدۋەل توشقۇزدى. ئارىدا ئاۋال چىشنى كۈرگىن، جەدۋەلنى كىيىن توشقۇزغىن دىسەم ئۇنىمىدى. چۇنكى سورىغان سۇئاللىرى ئالدىنقى قېتىم يەنە بىر دوختۇر بىلەن سورىغان سۇئاللىرى بىلەن ئوخشاشكەن، جەدۋەلمۇ بىر جەدۋەلكەن. سوئاللىرى تۈگىگەندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم ئالمىشىپ كىلىپ چىشنى تەكشۇرۈپ كۈرۈپ ئىككى چىش سېسىپتۇ. ئەتىلەتىن ۋاقىت چىقىرىپ چىش دوختۇرىغا بېرىپ باق دىدى، ھازىر قانداق قىلىمىز دىسەم ياكى چىداپ بەر ياكى ئاغرىق تۇختىشى ئۇكۇلى ئۇرۇپ قۇياي دىدى. بۇلىدۇ دىسەم، بىر چىشقا قارىتىپ بىر تال ئۇكۇل ئۇردى. 5 مىنۇتلاردىن كىيىن پۈتۈن ئىڭەكلىرىم ئىششىپ چىقىپ گەپ قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم ۋە كىلىپلا ئۇخلىۋالدىم. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن چىش دوختۇرىغا باردىم. ئۇ دوختۇر بىر نىمىلەردە رەسىمگە تارتىپ تەكشۈرۈپ كۈرگەندىن كىينن چىشىنىڭ سېسىغان يىرى چىشتىكى تۇمۇرلارغا بېرىپتۇ، شۇڭا ئاغرىيدۇ، بۇنىڭ ئىككى يولى بار، بىرسى چىشنى تاتقۇزۇۋىتىش، يەنە بىرى root cannal قىلىش دىدى. نەچچە پۇل كىتىدۇ دەپ ھىساپلاتقۇزسام ئاسمان پەلەك پۇلنى چىقىرىپ بەردى، ئاستا كىيىن كىلەي دەپ كىتىپ قالدىم.
مىنىڭ شىتاتلىق مەخسۇس چىشقا قارىتىلغان سۇغۇرتام بار، شۇ سۇغۇرتا تۈلەپ مەن يەنە بىر چىش ئۈچۈن 800 دوللار تۈلەيدىكەنمەن. سۇغۇرتام بولمىغان بۇلسا 5000 دوللاردەك بۇلىدىكەن. ئىسىمدە قىلىشىچە ئۈرۈمچىدە 300-400 كويلار كەتمەيدىغان. ھىچ بۇلمىسا بۇلارغا بەرگەن پۇلغا ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگۇدەك ئايرۇپىلان بىلىتى سېتىۋالالايدىكەنمەن. قۇسىقىم ئاغرىدى، مەندە ھەم نەدە ئۇنچە بىكار پۇل. شۇنىڭدىن كىيىن چىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم، تاتلىق نەرسە يىمىدىم. توردىن ئاختۇرۇپ چىشقا تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەرنى تېپىپ شۇلارنىڭ دىگەنلرىگە ئەمەل قىلدىم. شۇنىڭدىن كىيىن ھەم چىشمۇ ئاغرىمىدى، بۇلسا مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ كىلەر يىلى يازغا ئولىشىۋالسام يازدا ۋەتەنگە قايتقاچ شۇ يەردە داۋالىتىپ كەلسەم دىگەن خىيالدىمەن.
جىددى قۇتقۇزۇشقا بارساڭ ھەقسىز دەۋاتاتتى. شۇڭا مەنمۇ ئۇ دوختۇر مېنى يېرىم سائەت ئاۋارە قىلىپ جەدۋەل توشقۇزغان ۋە ئۇرۇپ قويغان بىر تال ئاغرىق پەسەيتىش ئوكۇلىنى ئۇنتۇپ كىتىپتىكەنمەن. ئۈتكەن ھەپتە دوختۇرخانىدىن خەت ئەۋەتىپتۇ. ماڭا بىر تال سېلىپ قويغان ئۇكۇلى ئۈچەن 450 دوللار تۈلەيدىكەنمەن، مەن پۇل تۈلىگەن داۋالىنىش سۇغۇرتا شىركىتى بۇ پۇلنى تۈلەشنى «تىزىملىكتە يوق» دەپ رەت قىپتۇدەك. نىمە دىگەن قىممەتچىلىق. پۇل تۈلەش ئېغىر كىلىپ بۇنى يېزىپ ئولتۇرىمەن، ئاچچىغىمدا بىر تىللىۋالسام ئىچىم بۇشاپ قالار. پۇلنى قانچە جىق تۈلىگەنسىرى دوختۇرغا ئۈچ بۇلۇپ كىتىپ بارىمەن. پۇل ئالسىمۇ بىرەر ئەمەلى ئىش قىلىپ ئاندىن ئالمامدۇ.
تۈنۈگۇن ئامرىكىلىق بىر دوستۇمغا قاخشاپ بەرسەم « man, welcome to America. » دەيدۇ.

بۇ تىمىنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز يەنە ماۋۇ تىمىلارنىمۇ ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن:


بىر ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..