ئامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش Beating Your Wife in America
ئامرىكىنىڭ چوڭ كىچىك قانۇنلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئادەم ئاران تۇرىدۇ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قالغىلى، مەسىلەن، ئادەم يا خوتۇننى ئۇرغىلى بولمىغان يا بالىسىنى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۈزەمنى دىمىدىم، مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، ھەم بۇ كەمنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ قۇتۇلغىلى بۇلامدۇ دىسە، بۇلوپمۇ ئامرىكىدا. ئاندىن ئامرىكىنىڭ ئادەملىرىمۇ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقىلى ئامراق، كوچىدا ماڭسىمۇ، ماشىنا ھەيدىسىمۇ، ئۆيىدە ئولتۇرسىمۇ، خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپلا تۇرىدۇ. لېكىن بىزدەك ئارلىشىپ ئارىغا كىرىپ كىلىشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئىشىنى قىلغاچ ساقچى چاقىرىپ قويىدۇ. ئاندىن ساقچىلارمۇ بەزىدە رۇدىپايدەك كىرىشىپلا قالىدۇ، يوقلا بىر ئىشنى سوراپ كەپ قالسىمۇ ئالەمنىڭ نەرسىسىنى سوراپ باقىدۇ. تېخى بەزى ساقچى چاقىرىپ قويغانلار قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ سوتتا گۇۋالىق بىرىدۇ.
ئەتراپىمدا ئوششۇق خوتۇن ئېلىۋالغان بەزىبىر دوستلىرىم ياكى دوستلىرىمنىڭ دوستلىرىنىڭ دوستلىرى بار. شۇنىڭ ئارىسىدىن بىرسى تېخى يىڭى توي قىلىپ ئامرىكىغا خوتۇننى ئالغاچ كەلگەن، دەرىسخانىدىن باشقا يەردە ئىككىسى ئايرىلمايلا يۈرىدۇ، سول بېقىنىدىن چىقسا ئوڭ بېقىنىدا دىگەندەك. ئىرى تاپشۇرۇق ئىشلىسە خوتۇنى چ چ ئوينايدۇ، خوتۇنى تاماق ئەتسە ئىرى سەي توغرايدۇ، ئىرى توپ ئوينىسا خوتۇنى كىيىم ساقلايدۇ، خوتۇنى ھاجەتخانىغا كىرسە ئىرى سومكا سوقلايدۇ، تاللا بازاردا خوتۇنى سەي ئالسا ئىرى ھارۋا ئىتتىرىدۇ، خوتۇنى سەي قاچىلسا ئىرى پۇل تۈلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاللا بازاردا بۇ ئىككىسى سەي ئېلىشىپ بۇلالماي بىر نەرسىلەرنى دەپ سوقۇشۇپ قاپتۇ، بىرنى دەپ ئىككىنى دەپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ توۋلىشىپ كىتىپتۇ ۋە ئىرى ئاچچىقىدا خوتۇنغا بىر تەستەك ساپتۇ. خوتۇن بولسا ئاللا توۋۋا توۋلاپ ھارۋىسىنى تاشلاپ تالاغا يۈگرەپتۇ، ئىرىمۇ كەينىدىن كەچۈرۈپ سوراپ خوتۇننى قوغلاپتۇ، باشقىلار قارىسا بىر مودا قىز بالا يىغلاپ قېچىپ كىتىپ بارغان، يەنە بىرسى «دۈيبۇچى» دەپ كەينىدىن قوغلاپ كىتىپ بارغان، شۇ ھامان ئەتراپتا بىرسى دەرھال ساقچىغا تېلفۇن قىپتۇ، ئىككى مىنۇتقا قالماي ئىككى ماشىنىدا 8 ساقچى يىتىپ كىلىپ مىلتىقىنى تەڭلەپ ئوغۇل بالىغا دەرھال توختىمىساڭ ئاتىمەن دەپتۇ، ئۇ توختاپتۇ، ساقچىلار يۈگۈرۈشۇپ كىلىپ ئىرىنى مۇشت تىپىك بىلەن يەرگە يىقىتىپ قولغا كويزا سېلىپ ماشىنىغا ساپتۇ. خوتۇن قارىسا ئىش چاتاق، دەرھال يىغىسىنى توختىتىپ ساقچىلارغا يالۋۇرۇشغا باشلاپتۇ:
– سىلەر خاتا ئادەم تۇتتۇڭلار ئۇ مىنىڭ ئىرىم.
– ئۇ بايام سىنى ئورۇپتۇ شۇنداقمۇ، يەنە كەينىڭدىن قوغلاپ سىنى تېخىمۇ زەخمىلەندۈرمەكچى بوپتۇ.
– ئۇردى، لېكىن ئۇرسىمۇ باشقا ئادەم ئۇرمىدى،ئىرىم ئۇردى ئىرىم،
– ئىرىڭ بولسا نىمە بوپتۇ؟
شۇنداق قىلىپ ساقچىلار ئادەمنى ئېلىپ ساقچىخانىغا كەپتۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلغىنىمۇ يېتىپ كىلىپ گۇۋالىق بىرىپ ئەنزە تۇرغۇزۇپتۇ ۋە ئىرىنى قاماپتۇ. خوتۇنى ئۆيگە قايتىپ يىغلاپ تۇنۇشلىرىغا تېلفۇن قىلىپ ياردەم سوراپ يەنە قاماقىخانىغا كىلىپ قارىسا ئىرىنى يالغۇز كىشلىك كامىرغا سولىغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ساقىچىلارغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:
– مەن ئۈيدە يالغۇز تۇرغىلى قورقىمەن، ئىرىمدىن ئايرىلالمايمەن، بەك ياخشى كۈرىمەن، بىز دىگەن بىر بىرىمىزگە ئەركىلەپ مۇنداقلا ئوينىشپ قويغان، بۇ دىگەن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئادىتى، ئەگەر ئىرىمنى سولاپ قويساڭلار مىنىمۇ شۇ كامىرغا بىللە سولاپ قويۇڭلار،ئىرىمنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن.
–خانىم، كەچۈرۈڭ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قامىساق قانۇنسىزلىق بۇلىدۇ،
– مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان تۇرسام
– لېكىن بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزدە سىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ھاياتىڭىزغا خەۋىپ كىلىش ئىھتىماللىقى بار، كەچۈرۈڭ خانىم، بۇ ئەنزەنى تەپتىشكە ئۈتكۈزۈپ بەردۇق، ئادۋۇكاتڭىزنى ئېلىپ سوتقا كەلسىڭىز بۇلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ خانىم ئىرىنى يوقلاپ بارسا ئىرى كۈلۈمسىرەپ : «ھىچ ئىش يوق خوتۇن، خاتا قىپتىمەن، مىنى كەچۈر، بۇ يەردىن بىر نەچچە كۇندىلا چىقىپ كىتىمىز، قارا بۇ كامىرنىڭ پەيزىلىقىنى، تېلۋىزور، VCD, تېلفۇن، ساپا، ژورناللار ۋە يۇمشاق كارۋاتلارنى، جۇڭگۇنىڭ مىھمانخانىلىرىمۇ پەيزى بولسا مۇشۇنچىلىك بۇلار، بۇ يەردە جاپا تارتىپ قالمىدىم، بىز بىر دەمدىلا يەنە جەم بۇلىمىز»
خوتۇن بۇ يەردىن قايتۇپ تورلارنى ئاختۇرۇپ كۆرسە ئەھۋال بەك چاتاق، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇغا تېلفۇن قىلىپ ئاتا ئانىسىغا بىرمۇنچە يىغلاپ دوللار ئەۋەتكۈزۈپ ئادۇۋكاتنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئادۇۋكات ئەھۋالنى بىرەر قۇر ئاڭلاپ چىققاندىن كىين قىز بالىدىن سوراشقا باشلاپتۇ:
– خوش ئەھۋالغۇ شۇنداقكەن. شۇنى سوراپ باقسام، ئىرىڭىز سىزگە تەستەك سالغاندا دەرغەزەپ بىلەن سالغانمىتى.
– ئۇخمايمەن، ئىشقىلىپ ئاچچىقى خېلى كەلگەن،
– نىمىگە ئاچچىقى كەلگەن، ئەتراپتا چىۋىن-پىۋىن، پاشا، ھاشارەت دىگەندەك بىر نەرسىلەر سىزنى ئاۋارە قىلغانمۇ يا
– خېلى ئسسىقتى، لېكىن ئۇ ماڭا ئاچچىقلاپ تەستەك سالغان
– ھە توغرا، ئىسسىق بولغاندىكىن ئەمدى تاللا بازار دىگەندە پاشىلارنى كىرىپ قالمىدى دىگىلى بولمايدۇ شۇنداقمۇ
– سىز نىمىلەرنى دەپ كىتىۋاتىسىز
– بىرەر پاشا يۈزىڭىزگە قۇنۇپ قالغانمىتى
قىز بالا ھەر نىمە دىگەن بىلەن ماگىستىرلىققىچە ئۇقۇغان قىز بالىدە، ئادۇۋكاتنىڭ مەقسىتىنى ئۇققان بولدى.
– ھە، ھە توغرا، بىر پاشا يۈزۈمگە قونۇۋېلىپ بەك ئاۋارە قىلدى
–ھە، ئۇندىن كىينچۇ
– شۇنىڭ بىلەن مەن پاشىنى ئۇچۇرۋىتەلمەي ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم.
–ئاندىن كىيىنچۇ
– شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىنى ئۈلتۈرىمەن دەپ يۈزۈمگە بىر تەستەك سالدى، لېكىن بەك قاتتىق تەگدى، ئاغرىپ يىغلاپ كەتتىم
– شۇڭا ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ يۈگرەپ كىتىپ قالدىڭىز؟
– ھە، شۇنداق، ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ « سال دىسە شۇنداقمۇ سالامسە» دەپ يىغلاپ كىتىپ قالدىم،
– ئۇ نىمىشقا سىزنى قوغلىدى؟
– ئۇ مىنى خاپا بوپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ كەينىمدىن مىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن قوغلىغان.
– دۇيبۇچى دىگەن نىمە دىگەن گەپ بۇلىدۇ
– كەچۈرۈڭ، خاپا بولماڭ دىگەن ەەپ بۇلىدۇ.
– ئو كېي، خىنىم ئەمىسە سوتتا دىگەنلىرىڭىزگە ئىگە بۇلالامسىز
– ئەلۋەتتە.
– مەن بېرىپ تاللا بازاردىن سىزنى ئۇرغان ۋاقىتتىكى لىنتىنى ئېلىپ قاراپ باقاي، قايسى يۈلۈنۇشتىن ئېلىنغان كۈرۈپ باقىلى، دىگەنلىىڭىز راستمۇ خاتا شۇ ئىسپاتلايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئادۇۋكات تاللا بازارنىڭ لىنتىسىنى ئېلىپ قارىسا دەل ئۇلار تەرەپكە قويۇلغان كامىرا قىز بالىنىڭ ئارقا تەرەپتە ئىكەن. ئاخىرى ئۇلار سوتقا چىقىپتۇ، ئادۇۋكاتلار ئوتقان بوپتۇ، سوت ئوغۇل بالىنى« جىنايىتى يوق لېكىن خوتۇننى ياخشى ئاسراشنى بىلمىگەن» دىگەن گۇنا بىلەن بىر يىلغىچە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئائىلە تۇتۇش دەرسى ئۈگىنىشكە بۇيرۇپتۇ، ئەلۋەتتە ئۈز خىراجىتى بىلەن.ئاخىرىدا ئادۇۋكاتقا 5مىڭدەك دوللار، كىينكى ئوقۇش پۇلى 3000 دەك دوللار بولۇپ خوتۇنغا ئۇرغان بىر تەستەك 8000 دوللارغا توختاپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېخى ئارلىقتىكى كۈڭۈل ئارامسىزلىقى، تۇتۇلغاندا ساقچىدىن يىگەن مۇش تىپىكلەر يوق. ئارلىقتا جاپا تارتىۋالغىنى ئارلىقتىكى گۇۋاچى بوپتۇ، بىر مۇنچە ۋاختى زايا بولۇپ ئاخىرى نەتىجىىسى باشقىچە چىققان. چاتاق يىرى يا ئۇمۇ پاشا بار يوقلىقىغا دىققەت قىلماپتىكەن، يا «دۇيبۇچى» نىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ ئاخىرى « بۇ جۇڭگۇلۇق دىگەننى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان خەقكەن، ئىككىنچى بۇ خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىدىغان بولسام» دەپ قولىنى سوغاق سودا يۇيۇۋېتىپتىمىش. لېكىن شۇندىن كىيىن بۇ ئەر خوتۇن ئىككىسىنىڭ مابىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى بولغاي. ھازىر ئۇلار دەرىسىخانىغىمۇ بىللە كىرەرمىش.
يەنە بىرسى بار، لېكىن ئۇنىڭ خوتۇنى بۇنىڭدەك ئوڭلۇق خوتۇن ئەمەس، ئوششۇقتىن ئۆتە ئوششۇق خوتۇندە ئۇ. ۋەتەندىكى ۋاقىتتا ئىرى خوتۇنغا ئۈگىتىپتۇ: « خوتۇن، ئامرىكىدا بىرەر ئىشقا ئۇچراپ قالساڭ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىماقچى بولساڭ « Help» دەپ ۋاقىرايسەن، «SOS» دىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ». خوتۇنى: «ئۇقتۇم، ئاسانكەن، لېكىن ئۇندا كۈنلەر كەپ قالمىغاي.»
ئامرىكىدا بىر كۈنى ئۇيدە ديەنشى كۈرۈشۇپ بۇلالماي ئەر خوتۇن تولىشىپ قاپتۇ. ئىرى ئاچچىقىدا توۋلاشقا باشلاپتۇ:
– بوشراق ۋاقىرا، ھېلى بىكار گىلىڭنى سىقىپ ئۆلتۈرۋىتىمەن
– يامان بولساڭ سىقە قېنى، سىنىڭ شۇنچىلىك كۈچۈڭ بولسا ئامرىكىدا بوشى ئوقۇمايتتىڭ
– بوشى ئوقۇساممۇ خېلى كۈچۈم بار، سەندەك ئۆلەرمەننى بىرنى تىپىپ تۇنجۇقتۇرۋىتىمەن
– كىلە يامان بولساڭ كىلە
– چەيدو قېنى، چەيدونى تاپسام چاناپ چاناپ گوشۇڭنى ئىتقا تاشلاپ بەرمەيدىغان بولسام
– ئەنە چەيدۇ ئەمبەندە تۇرىدۇ، قولۇڭغا ئەپ باقە
– ھېلى بىكار….
ئىرى ئاچچىقىدا بىر يۈگرەپ ئالدىغا بېرىپتىكەن، ئوششۇق خوتۇن ۋارقىراشقا باشلاپتۇ:
– ۋايجان، ئادەم بارمۇ، ئادەم ئۆلتەردى.. قۇتقۇزۇڭلا، جيۇمىڭ ئا، Help…Help
خوتۇن قورقۇنچىدا ساقچىغا تېلفۇن ئورىمەن دەپ تېلفۇننىڭ ئالدىغا بېرىپتىكەن، ئىرى تامنىڭ قېىشىدىكى تېلفۇن سىمىنى بىرنى تارتىپتۇ، سىم يۇلىنپ چىقىپ خوتۇننىڭ جەينىكىگە تىگىپ ئۈزۈلۈپ قالغان يىرى جەينىكىنى ئازراق سىرىۋىتىپتۇ. ئاندىن بۇلارنىڭ قوشنىسى جۇڭگۇدا تۇرۇپ كەلگەن، خەنزۇچىنى سەل يامىدايدىغان بىرسىكەن، «ئادەم ئۆلتەردى» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ساقچىغا تېلفۇن ئورۇپ قويۇپتۇ. ساقچىلار بىردەمدە يىتىپ كىلپ ئۈيگە باستۇرۇپ كىرىپ ئەرنى تامغا مىخلاپ كەينىدىن مىلتىقنى چىنەپ تۇرۇپ:
– ئۈزلە كىمنى ئۆلتۈرمەقچى؟
– ھىچكىمنى ھىچكىمنى، بىز گەپ تالىشىپ قالغان خالاس
باشقا ساقچىلار خوتۇننى باشقا ئۈيگە ئەكىرىپ گەپ سوراشقا باشلاپتۇ:
– نىمە بولدى
– نىمە بۇلىتتى، بۇ ئادەم مىنى بەك قورقۇتتى، گېلىمنى سىقىپ ئۈلتۈرمەكچى، تىپىپ تۇنجۇقتۇرۋەتمەكچى، چەيدودا چاناپ گوشۇمنى ئىتقا تاشلاپ بەرمەكچى، ھۇ ھۇ…..، يەنە تېلفۇن سىمى بىلەن ئورۇپ جەينىكىمنى، مانا بۇ يەرنى قانىتىۋەتتى
– ئۇ سىزگە دائىم ئائىلە زوراۋانلىقى ئىشلىتەمدۇ
– بەك ئىشلىتىدۇ، كۈندە مىنى ئىتنى ئۇرغاندەك ئۇرىدۇ، مەن پەقەت چىدىمىدىم، ھۇ ھۇ….
– سىزنىڭ ھازىر دىگەن گەپلىرىڭىز سوتتا گۇۋالىق بىرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، دىگەنلىرىڭىز راستمۇ
– راست، ئازراقمۇ يالغان يوق
ساقچىلار قارىسا ئىش چاتاق، دەرھال ئېغىر جىنايەتچىلەر بۈلۈمىدىن ئادەم كىلىپ ئەرنى ئەكىتىپ قاماپتۇ. خوتۇنى ئەتىسى قارىسا ئىش بەكمۇ چاتاق، ساقچىخانىغا بېرىپ «ئاخشام بىز توۋلىشىپ قالغان خالاس، ئۇ مىنى ئۇرمىدى، ئۆلتۇرىمەن دىمىدى، ئەرزىمنى ياندۇرۋالىمەن» دىسە ئۇنىماپتۇ. ئادوۋكاتمۇ ئەكىلىپتۇ، ئۇمۇ ئىشلىمەپتۇ، ئاخىرى سوتتىن باشقىلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالغان دىگەندەك 3-4 خىل گۇنا ئارتىپ ئەرگە 10،000 دوللار جەرىمانە قويۇپتۇ، نەچچە يىللىق كىسىپتۇ، ئاندىن كىيىن تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئايالى بىلەن 6 ئايغىچە كۆرۈشسە بولمايدىكەن، كەم دىگەندە 300 مىتىرگىچە خوتۇنى بار يەرگە يىقىن كەلسە بولمايدىكەن. ..
ئامرىكىدا خوتۇننى ئۇرغاننىڭ بەدىلى ئېغىر بۇلىدىكەن. ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىنلا بۇ ئەنزە تەپتىشكە ئۈتۈپ كىتىدىكەن، ياندۇرۋالىمەن دىسىمۇ شۇلار ئەھۋالنىڭ ئېغىر يىنىكلىگە قاراپ قارار چىقىرىدىكەن. ئەگەر خوتۇنغا قول تەككۇزمىگەن ياكى يىنىك «سىلاپ» قويغان بولسا 2-3مىڭ دوللار، 15-20 كۇنلۈك قاماق بىلەن يېنىپ چىقىدىكەن. ئەگەر خوتۇننى ئۇرغان، بولۇپمۇ زەربە بىرىش خاراكتىرلىق قوراللار بىلەن ئۇرغان بولسا ئېغىر جىنايەت ھىساپلىنىدىكەن ھەم شىتات بىلەن شىتاتنىڭ بەلگىلىمىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزى شىتاتتا يىنىكرەك، بەزى شىتاتتا ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىمى ھەر قانداق جىنايەت بىلەن تۇرمىدا يېتىپ چىققاندىن كىيىن بۇ شۇ كىشىنىڭ ئارخىۋىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىكەن، بۇنداقلار چەتئەللىك بولسا ئامرىكىغا قايتا كىرمەكچى بولسا ۋىزا ئالالىشى تەس، يېشىل كارتا ئىلتىماس قىلماقچى بولسا تەس، خىزمەت تېپىشى تەس.
ئەڭ ياخشىسى خوتۇن بىلەن سوقۇشماي، چىرايلىق ئۈتۈپ كىتىڭلار جۇمۇ.
ئوزلە كىمنى ئۆلتەمەكچى …..
تۇرپاندىن كەلگەن ساقچىمۇ نىمە ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئوخخو ۋەھشى قانۇنكەنغۇ بۇ … نىمە دىسە خوش دەپ كۇلۇپلا ئۆتەمدۇ نىمە … بىر ئادەمنى قامىتىۋىتىش ئاسان ئوخشايدۇ …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
[...] قانداقكەن ئامرىكىدا ھاراق-تاماكائامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش ئامرىكىدا دوختۇرغا [...]
wonderful place
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەرگىز خوتۇن ئېلىپ چىقمايدىغان يەركەن ئۇ ، دەششەت ھۆكىمەتكەن دەيمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك بۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلمايدىغاندەك قىلىدۇ، كۆرمىدىڭلارمۇ، كېيىنچە سوتتا ئەسقىتىپ قالار دەپ ئەڭ بېشىدىلا «مەنغۇ ئۈزەمنى دەڭسەپ باقسام ھىچ خوتۇننى ئۇرالايدىغاندەك ئەمەس، » دەپ ئەسكەرتىۋاپتۇ، ھى..ھى.. ئادۋۇكاتنىمۇ قايمۇقتۇرۇۋەتكۈدەك بۇ جەك..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك موللام ئامىرىكىنىڭ قانۇنلىرىنىڭ دەستىدىن سايىماخۇن بۇلۇپ كىتىدىكەندە ئەمدى ……….ھا ھا ھا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جىك مەخسۇم، يەڭگەمنى ئۇرۇپ قويمىسىلا جۇمۇ. ئۇقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالىلا. ماۋۇ تېمىنى يەڭگەم كۈرۈپ قالسا… ئىش ئۈگۈنۋالغۇدەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ما ئىنكاس يوللايدىغان جاينى نېمانداق قىلىپ قويغاندۇ؟ بىر ئىنكاسنىمۇ ئۈچكە بۆلۈپ يوللىدىم، دەيمىنا!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئامېرىكىلىقلار قانداق كۈلىدىغاندۇ، جېك ھاجىم؟ ئەتە – ئۆگۈن بالىلار ئامېرىكىچە كۈلگىلى تۇرسا، بىز بىلەلمەي باشقىچە چۈشىنىپ يۈرمەيلى يەنە!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
–
خا..خا… ئوزلە كىمنى ئۆلتەمەكچى …..
–
نېمە ئۇ خا…خا… دېگەن، كۈلكىمۇ خەنلىشىپ كەتكىلى تۇردىمۇ نېمە؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ…بۇ…بولدىلا،ئامېرىكىغا چىقىپ ئاچچىق يۈتۈۋالىدىغان ئوخشايمەن،مۇشۇ يەردە قالايچۇ بولدى!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قارىھاجىم، سىلىگە چاتاق بوپتۇ ئاينا، خانئاچىمىز help دېسە ئىشلىرى چاتاقكەن جۇما سىلىنىڭ ، …….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
, It is defficulte to write a Blog for you ha . hope come back like before and write like before
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خا..خا… ئوزلە كىمنى ئۆلتەمەكچى …..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel